مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىللىنىش ئەھۋالى
O/gBBTB G0sg\] =rj5 q مىللىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۈچ ۋىلايەت مىللي ئىنقىلابىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز ،مىللى ئارمىيەنى تېخىمۇ تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز .ھازىرقى شىنجاڭدا بار بولغان مىللى قىسىملار دەل ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيسىىدىىن قىلىپقالغان قىسىملاردۇر.ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئارمىيەنىڭ كىلىش مەنبەسى كۆپ،تەركبى قىسمى مۇرەككەپ ، شۇڭا تۆۋەندە بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىمراقلىرىنى ۋە مىللى ئارمىيە توغرىسىدىكى بىر قىسىم سان سىپىرلارنى ھەمدە ئارمىينىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى،ئۆتمىشى ۋە يېقىنىقى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز .
7y",%WYSD #]G$o?@Y=^ مىللي ئارمىيە - ئەڭ دەسلەپتە پارتىزانلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ئاساسلىق تەركىبلىرى تۆۋەندىكىچە :
ArBgg[i C\7qAR\ 1. ئېلى ئازادلىق تەشكىلاتى : بۇ تەشكىلاتنى سوۋىت-ئىتتپاقىدا ئوقۇپ قايتىپ كەلگىن ياشلار قۇرغان بولۇپ ، ئاساسەن ئىلغار پىكىرلىك ياشلار ۋە بىر قىسىم مىللەتپەرۋەر كىشلەردىن تەركىب تاپقان .
5S'89 r3m P,Fs7 2. تاشقورغان پارتىزانلىرى : پارتىزانلار ئاساسەن قىرغىز ۋە تاجىكلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ،قوماندانى ئىسساقبىك مونونۋ( سوۋىت ئىتتپاقىدا ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان ،كىيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم رەھبىىرگە ئايلانغان ،1949-يىلى ئايروپىلان ھادىسسىدە ۋاپات بولغان )،بۇ قوشۇن تىنچلىق بىتىمدىن ئىلگىرى جەنۇبى شىنجاڭدا پارتىزانلىق ئۇرشى قىلىپ، قەشقەرگە بىرقانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ،گومىنداڭنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى قوشۇنىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مىللى ئارمىيەگە جەنۇبى سەپتىن ماسلاشقان ،تىنىچلىق بىتىىمىدىن كىيىن سوۋىت-ئىتتپاقى چىگرىسى ئارقىلىق غۇلجىغا كەلگەن .
EEQW$W1@ u\zRWX 3. ئالتاي پارتىزانلىرى : بۇ پارتىزنلار 30-يىللاردىلا شىڭ شىسەيگە قارشى كۆرەش قىلىشنى باشلىغان بولۇپ،ئالتاينىڭ %90 دىن ئارتۇق زىمىنى ئاساسان ئىگىللەپ بولغان ،بۇ پارتىزانلارغا ئوسمان بىلەن دەلىلقان باشچىلىق قىلغان (دەلىلقان سۈگۇربايىف 1949-يىلى ئايروپىلان ھا دىسسىدە ۋاپات بولغان )،1947-يىلى ئوسمان گومىنداڭغا سىتىلىپ ئىنقىلابىدىن يۈز ئۆرىگەن ،1951-يىلى 2-ئايدا چىڭخەيدە ئازادلىق ئارمىيە تەرپىدىىن تىرىك تۇتۇلغان ،ئىككى ئايىدىن كىيىن ئۈرۈمچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان .
t?9F2rh oB8u[! 1944-يىلى 11-ئايدا نىلقا پارتىزانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە ناھىتى تىزلىك بىلەن بىرقاتار غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ نىلقا بازىرىنى ئازاد قىلدى ،گومىنداڭ دائىرلىرى قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىن3000 دىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكەپ كىلىپ قوغىلڭنى باستۇرشقا ئۇرۇندى،ھەمدە نىلقىنى قورشاۋغا ئالدى ، بۇ ۋاقىتتا قوزغىلاڭچىلار ئابدۇكېرىىم ئابباسوفنىڭ خەۋەر يەتكۈزشى بىلەن غۇلجىدا ئەسكەر قالمىغان پۇرسەتتىن پايىدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىلقىدىن چىكىنپ چىقىپ قۇرۇق نىلقا بازارىنى گومىنداڭغا تاشلاپ بېرىپ غۇلجىغا ئاتلاندى.1-ئاينىڭ 7-كۇنى كىچىدە ئابدۇكېرىىم ئابباسوف غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتەردى ،ھەمدە نىلقا پا رتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ، غۇلجا شەھىرىنڭ ھەرەمباغ ۋە لاڭشىياڭ ئايدورۇمىدىن باشقا جايلىرىنى تولۇق ئازاد قىلدى.1945-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ھەرەمباغ ئىشخال قىلىندى ،شۇنىڭ بىلەن پۈتىكۈل ئېلى ئازاد قىلىندى .
Y5fwmH,a- t8 g^W K 1945-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى مىللي ۋاقىتىلىق ھۆكىمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاندى، ئېلىخان تۆرە رەئىس ،ھېكىمبەگ غوجا مۇئاۋىن رەئىس بولدى ،يىشىل رەڭلىك ئوتۇرسىغا ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلىپ بېكىتىپ، پارتىزانلارنى بىرلىككە كەلتۈردى .
y?]GOQI @ae;& 1946-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى مىللي ئارمىيەگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ مىللي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمى جاكارلاندى.مىللي ئارمىينىڭ فورمىللىرىنى سوۋىت ئارمىيسىنڭكىگە تەقلىد قىلپ تىكتۈردى ،ئارمىينىڭ پا گون ،كاكار ،بايراقلىرىنى بىكتىپ چىقتى ،مىدال ۋە ئور دىنلارنى تارقاتتى .
Y!* \=h6h 6j@3C`Yd مىللي ئارمىيە باش شىتاۋى قارمىقىدا ،ھەربى تەمىنات باشقارمىسى ،سىياسى باشقارما،ئىجرائىيە باشقارمىسى ،ھەربى سوت ،ئۇرۇش تەتقىقات باشقارمىسى ،قاتارلىق ئورگانلار تەسس قىلندى .پا لنوف باش قوماندانلىققا ،زۇنۇن تىيپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا ،موتىگوروف باش شىتاب باشلىقلىقىغا ،غېنى ھەربى سوتنىڭ باش سودىيەلىكىگە ،ئابباسوف سىياسى باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيئىللەندى ،ئومومى ئەسكىرى كۈچى 15000دىن ئاشتى ھەمدە پۈتۈن ئارمىيە تۆۋەندىكى قىسىملارغا بۆلۈندى :
`|e?91@vEa ئۇلاستاي ئاتلىق1- پولىكى.
4Mi~eL%D( ئۇلاستاي ئاتلىق 2- پولىكى.
i]!CH2\ سۈيدۆڭ ئاتلىق 3- پولكى.
IT]D; مۇڭغۇك ئاتلىق باتالىيونى.
9{\eE]0 لوبا ئاتلىق روتىسى.
pJ-/"Q|:i ئاتلىق زاپاس پولىك
}6b =2Z} تۇڭگان ئاتلىق باتالىيونى.
C5m6{Oo+- سۈيدۆڭ ئاتقۇچى پىيادە 1-پولىكى.
fl>*>)6pm غۇلجا ئاتقۇچى پىيادە 2- پولكى.
?XO$9J غۇلجا ۋاقىتلىق پىيادە 4- پولكى.
MB;<F afOb-G$d= قوماندانلىق شتابقا بىۋاستە قاراشلق قىسىملار :
) '"@L7U توپچىلار باتالىيونى.
]X/1u" مۇھاپىزەتچىلەر باتالىيونى قاتارلىقلار .
3lYM(DT پىيادە قىسىملار :ھەربىر پولىك 2 باتالىيون ،بىر باتالىيون 3روتا ،بىر روتا 3ئىزىۋوت ،بىر ئىزىۋوت 4ئۇدۇلىنىيە بولۇ پ، تەخمىنە ن 2500جەڭچىدىن تەركىب تاپقان .
e{@TR x ئاتلىق قىسىملار : ھەربىر پولىك 4ئاتلىق روتا ۋە بىر پىىلىموتچىلار روتىسدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، تەخمىنەن 1000نەپەر جەڭچىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى .
l<0BMw S8 ھەربىر پولىك قارمىقىدا :ئارقاسەپ باشقارمىسى ، سىياسى باشقارمسى تەھسس قىلىنغان بولۇپ ،پولك كوماندىرى ،ھەربى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولك كوماندىر ، ئارقاسەپ تەمىناتىغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولىك كوماندىر ۋە دىننى ئىشلار غا مەسئۇل مۇئاۋىن پولىك كوماندىر تەئىنلەنگەن .
e!wBNcG2 مىللي ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كىيىن دەرھال شىمال ،جەنۇپ ،شەرىق قاتارلىق ئۈچ يۆلىنىش جەڭ پىلانى تۇزۈپ چىقتى .
GPnd7}Tn |mvy@hm شىمالىي سەپ : ئالتاي ۋە چۆچەكلەرنى ئازاد قىلىش.
{:M5t1^UC =BO} hk شەرقى سەپ : شەرققە يۈرۈش قىلىپ ،جىڭ ،شىخولارنى ئازاد قىلپ ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىنى ئېلىش.
xgP/BK2" 7KU/ 1l9$9 جەنۇبىي سەپ : مۇزات داۋىندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنى ئازاد قىلش ،ئاندىن تاشقورغان پارتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ پۈتكۈل جەنۇبى شىنجاڭنى ئازاد قىلىش.1945-يىلنىڭ ئاخىردا بايراقنى شىڭ شىڭ شا غا قاداپ بولۇش.
1MV\Jm X&EcQ شىمالى سەپتە : 1945-يىلى 9-ئا ينىڭ 9-كۈنى مىللي ئارمىيەئالتايدا گومىنداڭ ئارمىيسىنىڭ 1130نەپەر ئەسكىرنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ئالتاي پا رتىزانلىرى بىلەن ئۇچۇرىشىپ شىمالىي سەپنىڭ ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك تاماملىدى .
$'!r/jV HVG9 C$ شەرقى سەپتە :مىللي ئارمىيە 4-ئايىدىن باشلاپ داۋاملىق شەرىققەيۈرۈش قىلىپ ،جىڭ ،شىخولارنى ئاراد قىلىپ ،9-ئايدا ئۈرۈمچىگە 150 كىلومىتىر كىلدىغان ماناس دەرياسى بويغا كەلدى .ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدە پەقەت 3000ئەسكەرگە يەتمەيدىغان 6باتالىيون ئەسكىرى قالغان بولۇپ شەرقى سەپنىڭ جەڭ ۋەزىپىسمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئوروندىلىپ بولغاندى .
IKSe X bf]W_I]B جەنۇبىي سەپتە :سوپاخۇن پولكوۋنىك ئاقسۇنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ بولغان بولۇپ، تاشقورغان پارتىزانلىرىمۇ ،كۇچا ،يېڭسار ،قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ ھەتتا قەشقەرنىمۇ بىر مەزگىلك ئىگەللىگەندى .
9qxB/5d_ 4r5trquC 1946-يىلى جىياڭ جىشى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن سۈلھىلىشىپ ،تاشقى مۇڭغۇليىنى ئىېتراپ قىلش، لۈشۈن ،دالىيەن پورتلىرىنى سوۋىت ئىتپاقىغا ئىجارىگە بىرىش ھەمدە ئەسكەر تۇرغۇشىغا رۇخىسەت قىلىش ،شەرقى شىمالدا تۆمۈريول ياساش ھوقوقىنى بىرىش قاتارلىق ئىمتىيازنى بىرىش ئارقىلىق، سىتالىنىڭ مىللي ئىنقىلابقا بولغان پوزىتسىيسىنى ئۆزگەرتتى، سوۋىت ئىتتپاقى بارلىق ھەربى مەسلەھەتچىللىرى ۋە ھەربىي خادىملىرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ھەمدە مىللى ھۆكۈمەتتىن گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى .
$rFLhp} ZnDIJ&S 1946-يىلى 4-ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئىمزالىنىپ، شىنجاڭ قىسقامۇددەتلىك تىنىچلىقنى كۈتىۋالدى ،بۇۋاقىتتا مىللي ئارمىينىڭ سانى 30مىڭغا يەتكەن بولۇپ ،جەمى 17پولىك ،ئككى مۇستەققىل دىۋىزىيە ،بەش بېرگادا تەشكىلەنگەن بولۇپ ،13 ئاتلىق پولىك بارئىدى .
)z# Z>1\|j قىسىملار تۆۋەنىدىكىچە :
D.?Rc'yD باش شىتابقا قاراشلىق قىسملار (غۇلجىدا تۇردۇ )
b,U"N-6 1.ئاتلىق ئەسكەرلەر باتالىيونى ، 700ئەسكەر.
,YzrqVY 2.مۇھاپىزەتچىلەر ئىسكانىدىرونى ، 500ئەسكەر.
.|x\6jf 3.غۇلجا مۇھاپىزەتچىلەر 1-پولكى ،1500ئەسكەر .
K^0cL%dB 4.غۇلجا مۇھا پىزەتچىلەر 2-پولكى،1500ئەسكەر .
+RLHe]9& 5.غۇلجا مۇھا پىزەتچىلەر 4-پولكى، سانى ئىنىق ئەمەس.
?2h)w=dO 6. ئاتلىق 3- پولىك (كومانىدىرى لېسكىن)
Fljqh8c5 -yKx"Q9F ئوتتۇرا يۆلنىش قىسىملار (باش قوماندان پالنوف قوشۇمچە ئوتتۇرا يۆلىنىش ئارمىيسىنىڭ قوماندنلىقىنى ئۈستىگەئالغان)
zq ;YE 1. پىيادە ئەسكەرلەر 1- بېرگادىسى .
pRS+vV3 2. پىيادە ئەسكەرلەر 2- بېرگادىسى.
""-#b^DQ 3.مىنامىيوتچىلار باتالىيونى .
K/)*P4C- 4. تاشقورغان ئاتلىق 6- پولكى.
vFuf{ @P 5. نىلقا ئاتلىق 5- پولكى.
?LE\pkR 6. نىلقا ئاتلىق7- پولكى،1200ئەسكەر.
FdrH, 7.ئاتلىق ئەسكەر لەر مۇستەققىل بېرىگادىسى.
_U/[n\oC 8. تۇڭگان ئاتلىق 10- پولىك ، 600ئەسكەر (شىخەنزە)
X~ca8!Dq 9.مۇڭغۇل ئاتلىق 8- پولكى، 870 ئەسكەر.
G's>0 10.پىيادە ئەسكەرلەر 4- پولكى.
;%u'w;sgq 11. ئالاقىچىلا روتىسى (شىخەنزە )
WJCh{Xn%* 12. لوبا ئاتلىق ئىسكاندىرونى.
JY$B%R4;] 2?=R_&0Q جەنۇبىي يۆلىنىش قىسملار (مۇئاۋىن باش قوماندان ئىسساقبك جەنۇبى يۆلىنىش قىسملار نىڭ باش قومادانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان).
Jxyeh1zqB 1.ئاتلىق ئەسكەر لەر 1- بېر ىگادىسى.
v4X\LsOP 2.ئاتلىق ئەسكەر لەر 2- بېر ىگادىسى .
P!;%DI!<b 3.تىكەس ئاتلىق 1- پولىك .
^U5g7Emf 4.تىكەس ئاتلىق 2- پولىك .
oh@|*RU 5.تىكەس ئاتلىق 3- پولىك .
r;~2NxMF/ >EJ`Z7E6 ئالتاي رايونىدىكى قىسىملار :
vIK+18v7 ئاتلىق ئەسكەر مۇستەقىل پولكى (دەلىلقان سۇگۇربايىف)
!^h{7NmP[ d>f.p"B.gj ئەينى ۋاقىتتىكى مىللي ئارمىيە كادىرلا باشقارمىسنىڭ باشلىقى يۈسۈپخاننڭ خاتىرسىگە ئاساسلانغاندا << پۈتۈن ئارمىيەدە جەمئى 29856نەپەر جەڭچى بار >> بولۇ پ مىللي ئارمىيە ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتقا قەدەم قويغان .
3r[}'ba\ بىتىم ئىمزالانغاندىن كىيىن مىللي ھوكۈمەت مىللي ئارمينى قىسقارتىپ،6پولىك قىلىپ تەشكىللدى. لىكىن گومىنداڭ بىتىمگە ئارقا-ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلغاچقا، مىللي ھۆكۈمەت 1947-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭنىڭ چەكلىمسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىللي ئارمىيەنى كېڭەيتىپ ،5ئاتلىق پولىك ، 3پىيادە پولىك ۋە بىر مۇستەققل ئاتلىق باتالىيون قىلىپ تەشكىللدى ،بۇ ۋاقىتتا مىللي ئارمىيەنىڭ ئومومى ئەسكەر سانى 14200دىن ئاشقان بولۇپ، قورال- ياراق ئەھۋالى تۆۋەنىدىىكىچە :
Y4 < REe<k<>p~ ھەر-خىل مىلتىق 9088 دانە ، تاپانچا 184 دانە ، يىنىك پىلموت 405 دانە ، ئېغىر پىلىموت 68 دانە ، مىنامىيۇت 66 دانە ،زنىت توپ 7 دانە،گىرانامىيوت 55 دانە ، گىرانات 14480 دانە ،زەمبىرەك 12دانە ، جەڭ ئېتى 5522 دانە ، تىرانسپورىتا ئىشلتىلدىغان ئات 521دانە ، ئات ھارۋىسى 311 دانە ،تانكا 2 دانە، بىروۋنىۋىك1دانە،ئايروپىلان 49 دانە ( ئىشىلتىشكە بولدىغنى 14 دانە بولۇ پ ،قىرغۇچى ئايروپىلان 8 دانە ، بومبار دىمانچى ئايروپىلان 6 دانە ) ، ھەربى ئىشلاردا ئىشىلتىلدىغان ماشىنا 30 دانە . مىللى ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئىسساقبك مونونوۋ ئۆز ئۈستىگە ئالغان .
L#|,_j=9 =mq02C~y 1949-يىلى كومۇنستىك پارتىيە ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلبىسنى قولغا كەلتۈردى ،1949- يىلى 3- ئايدا ماۋزىدۇڭ ،جۇئىنلەي قارتارلىقلار ۋاڭجىن بىلەن شىنجاڭغا كىرىش توغۇرلۇق سۆبەتلەشتى .6- ئايدا لىيۇ شىاۋچى سوۋىت ئىتپاقىدا سۆھبەتكە باردى ، سۆھبەت داۋامىدا سوۋىت ئىتپاقى،جوڭگو كومىنستىك پا رتىيسىنىڭ غۇلجا تەرەپ بىلەن ئالاقىلشىپ سۈرەتنى تىزلىتىپ،شىنجاڭغا كىرشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى ، 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى دىڭ لىچۈن ئۈچ نەپەر خادىم ۋە بىردانە راتسىينى ئېلىپ ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجىغا يىتىپ كەلدى . 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ماۋزىدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمغا تىلگىرمما يوللاپ 9- ئايدا ئېچىلىدىغان سىياسى كېڭەش يىغنىغا تەكلىپ قىلدى . 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزىدۇڭ غا تىلگىرامما يوللاپ ،تەكلىبىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،8- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدىكېرىم ئابباسوف ، ئىسسابىك مونونوف ، دەلىلقان سۇگۇربايىف ، لوجى قاتارلىقلارئالتاينى كۆزدىن كەچۈرۈش نامى بىلەن مەخپى ھالدا غۇلجىدىن يولغا چىقىپ،ئالمۇتا غا بىرىپ ئايروپىلان ئارقىلىق بىيجڭغا قاراپ ئۇچتى ،8- ئاينىڭ 27- كۈنى ئايروپىلان،ئىېرتىكۇستى دىگەن جايغا بارغاندا تاققا سوقۇلۇپ كىتىپ ئۇلار بەخىتكە قارشى قۇربان بولدى ( ئەخمەتجان قاسىمى تېخى ئەمىدىلا 34 ياش ئىدى ،ئابدىكېرىم ئابباسوف بولسا تېخى ئەمىدىلا 28 ياشتا ئىدى ) .
= DT7]fU x<S?" 1949-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ تىنىچ ئازاد بولدى.1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20 -كۈنى مىللي ئارمىيە 5- كورپۇس قىلپ ئۆزگەرتىلىپ، جوڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ شىتاتىغا قوشۇۋىتىلدى .
8)1k>= Y@+e)p{ 5- كورپۇسنىڭ تەركىۋى قىسىملىرى : 13-14- دىۋىزىيەلەر
:JEzfI1 كورپۇس كومانىدىرى لېسكىن .
-S ASn سىياسى كومىسارى دۈۋەن شىڭ يۈن.
#:Tb(R "K7{y4 13- دىۋىزىيە قەشقەردە تۇرىدۇ . قارمىقىدا :
JIGoF 37- پولك ئاقسۇدا
4^KeA". 38- پولك قەشقەردە
*gJ:irah 39- پولك خوتەندە
4l7FV<g @-7h}2P Q 14- دىۋىزىيە دىۋىزىيە كوماندىرى ئىبراھىم باي. قارمىقىدا :
h=fzX.dt 40-پولك ئۈرۈمچىدە
VS W:h 41-پولك
H\zV/1~Y 42-پولك غۇلجىدا
GkhaB(btk' كورپۇس شىتاۋىغا قاراشلىق قىسملار:
3rF=u:r7c 43-پولىك پولىك كوماندىر بەدەرخان سۇگۈربايىف
PD-<D~7 44-پولىك. پولىك كومانىدىر سوپاخۇن
~HW}Wik ئومۇمى ئەسكەر سانى 14840 نەپەر.
O?6ph4' 8f\sG:$ 50 - يىللاردا ،5- كورپۇسنىڭ 13- دىۋىزىينىڭ 38–پولكى، 14- دىۋىزىنىڭ 40- پولكى ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا قالغان قىسىملىرى ئۆز ئورنىدا كەسىپ ئۆزگەرتتى ، ساقلاپ قېلىنغان ئىككى پولىكمۇ 1969-يىلى يەنە شىمالىي شىنجاڭ دالا ئارمىيسىگە قوشۇۋىتىلدى،ئازادلىق ئارمىيە كەڭ كۆلەمدە قىسقار تىلغاندىن كىيىن بۇ ئىككى پولىك ھازىر بار-يوقلىقى نامەلۇم .
Kzj9!'0R -3z$~{ شۇنداق قىلپ مىللتىمزنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭىدىكى ئېزىلگۈچى مىلللەتلەرنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان ، مىللىتمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بۇ ئىنقىلاب ، بۇ ئارمىيە ئاخىرقى ھېساپتا پۈتۈن جوڭگۇ ئىنقىلابى بىلەن بىرلىكتە غەلبە قىلغان بولدى .
~ AU!Gm. QCQku\GLV قوشۇمچە : 1955- ئازادلىق ئارمىيە ئۇنۋان بېرىش مۇراسمى ئۆتكۈزدى ،مىللي ئارمىيدىن 5 نەپەر كىشى گېنراللق ئۇنۋانىغا ئىېرشتى . ئۇلار :
r/'9@oM dqO!p6 1.سەيپىدىىن ئەزىزى- مىللي ئىنقىلاپ مەزگىلدە ھەربى سوتنىڭ كاتىۋى ، ئۆلكىلك بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ مائارىپ نازىرى ، ئالغا گېزىتىنىڭ باش مۇھەرىرى ، دىمكۇراتتىيە ۋە خەلق چىللىقنى ھېمايە قىلىش ئىتتپاقىنىڭ رەئىسى، قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1955-يىلى گېنىرال لېتىناتلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن.
S%<RV6{aiM jm0J)Z_"nr 2.مارگوف ئىسساقوف- شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ،1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . جوڭگو ، سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ، 1962- يىلى سوۋىت ئىتتپاقىغا چىقىپ كەتكەن .
WL$Ee= S453oG" 3.مەمىتىمىن ئىمىنوف- مىللي ئارمىيدە ئىزۋوت كوماندىرى ، مىللي ئارمىيە قوماندانلىق شىتا ۋىدا بۆلۈم باشلىقى ، ئاتلىق پولكنىڭ كوماندىر بولغان ، دۆلەت قۇرلغاندى كىيىن دىۋىزىيە كوماندىر قوشۇمچە جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ، 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
H$TYp rTYDa3 4.زۇنۇن تىيپوف- مىللي ئارمىينىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىن باش شىتاب باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرشكەن. جوڭگو- سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكگە ئىگە،.1962-يىلى سوۋىت ئىتپاقىغا چىقىپ كەتكەن .
a)=WDRk l[lUmE 5.ساۋدانوف زايىر- مىللي ئارمىيدە ئاتلىق باتالىيونىڭ شىتاب باشلىقى ، پىيادە 4- پولىكنىڭ شىتاب باشلىقى ، مىللي ئارمىيە سىياسى بۆلمىنىڭ مۇدىر بولغان ،دۆلەت قۇرلغانىدىن كىيىن 5-كورپۇسنىڭ مۇئاۋىن سىياسى كومىسارى،ھەربى رايون سياسى بۆلمىنىڭ ئىككنچى مۇئاۋىن مۇدىر ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىن سىياسى كومىسارى ، ئۈرۈمچى ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىن سىياسى كومسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
s''?:+ `RDlk مەنبە:
7^,C=2 http://www.salamurumqi.com/a/tarih/2011/0506/567.html yL/EIN