مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تولۇق تەرجىمھالىنى بىلىۋېلىڭ
~;]zEq-hG `S-%}eUv *CQZ6&^ مېنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دۇنيا تارىخىدىكى 100 مەشھۇر كىشىنىڭ بىرىنجىسى قىلىپ تىزىملىشىمدىن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ھەيران قىلىشى مۇمكىن.ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قارىشى بار ئەلۋەتتە. لىكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنيا تارىخىدا دىن ۋە ئىجدىمائى تۇرمۇش ساھەسىدە مۇتلەق مۇۋەپىقىيەت قارانغان بىردىنبىر ئۇلۇغ شەخىس.
@^ &p$: تۆۋەن تەبىقىدىن قىلىپ چىققان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دىندارلارنىڭ بىرى--ئىسلام دىنىنى تارقىتىپ،ئەڭ كۈچلۈك سىياسى دايىغا ئايلاندى.ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ 13 ئەسىردىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ،ئۇنىڭ تەسىرى يەنىلا شۇنداق زور بولماقتا.
\I}EWI ئۇ مىلادىيە 570-يىلى ئەرەپ يىرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى مەككىدە كۆز ئاچقان.ئۇ چاغلارغا بۇ جاي سودا،سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن يىراق،ئارقىدا قالغان رايون ئىدى.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالتە ياش چىغىدىلا قارا يىتىم بولۇپ قالغان.ئۇ ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا چوڭ بولغان.ئىيتىشلارغا قارىغاندا ، ئۇ ساۋاتسىز ئىكەن.25 ياشقا كىرگەن يىلى بىر باي سودىگەردىن تۇل قالغان خەدىچە بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن،40 ياشقا كىرگەندە،ھەر خىل بىشارەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەنلىكىدىن دىرەك بەردى.
h0dZr-c ئەينى ۋاقىتتا ، كۆپلىگەن ئەرەپلەر ئەنئەنىۋى قەبىلە ئىلاھىلىرىغا ئىتقاد قىلاتتى،لىكىن مەككىدە ئاز ساندىكى كىشىلەر يەھۇدى دىنى ۋە خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەتىمالىم بۇ ئىككى خىل دىنىي ئەقىدىدىن ئالەمنى ئىدارە قىلىدىغان ھەممىگە قادىر بىر اللانىڭ بارلىقىنى چۈشەندى بولغاي،40 ياشقا كىرگەندە ئۇ اللانىڭ ئۇنى بۇ دۇنياغا دىن تارقاتسۇن دەپ ،رۇسۇل(ئەلچى)قىلىپ ئىۋەتكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندى.
A1Uy|Dl مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەسلەپكى ئۈچ يىل ئۇرۇق - تۇققانلىرى ۋە ئەل - ئاغىنىلىرى ئارىسىدا يىڭى دىننى تەرغىپ قىلدى.مىلادىيە 613-يىلى دىننى تەرغىپ قىلىشنى ئاشكارا ئىلىپ باردى.شۇنداق قىلىپ،بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭغا ساھابە بولدى.مەككىدىكى قەبىلە ئاق سۆڭەكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالامنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر خىل تەھدىت دەپ قارىدى.شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ھەر جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.مىلادىيە 622-يىلى پەيغەمبىر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەككىدىن 200 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى مەدىنىگە مەجبۇرىي كۆچۈپ كەتتى ھەمدە ئۇ يەردە دىنىي ھاكىمىيەت ئاستىدىكى بىر دۆلەت قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
`J03t\ ئىسلام دىنىدا بۇ تارىخى ۋەقە ‹‹ھىجرەت››دەپ ئاتالدى.مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش پەيغەمبىر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش ھىسابلىنىدۇ.مەككىدىكى چىغىدا ، ئۇنىڭ مۇرتلىرى ئاز ئىدى.مەدىنىگە كەلگەندىن كىيىن تىز سۈرئەتتە كۆپەيدى.ئىسلام دىنىنىڭ كۈچىمۇ تەرەققىي قىلىپ يىتىلدى.پەيغەمبىر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر ۋە مۇرتلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ،مەككىدىكى مۇشرىكلار بىلەن كۆپ قىتىم ئۇرۇش قىلدى.ئاخىر مىلادىيە 630-يىلى پەيغەمبىر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ،مەككىگە كىردى،مەككىدىكى مۇشرىكلار ئىسلام دىنىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدى.ھەمدە پەيغەمبىر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتتا نوپۇزىنى ئىتىراپ قىلدى.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە كۈرمىڭلىغان ئادەم ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى.632-يىلى پەيغەمبىر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا،پۈتكۈل ئەرەپ يىرىم ئارىلى پۈتۈن بىرلىككە كىلىپ بولغان ئىدى.
,G="wI ئەرەپ يىرىم ئارىلىغا ئولتۇراقلاشقان بەدەۋىلەر باتۇر ھەم جەڭگە ماھىرلىقى بىلەن تونۇلغان خەلق بولسىمۇ ،ئەمما ئۇلار بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى.شۇڭلاشقا ، ئيلار شىمال تەرەپتىكى دىھقانچىلىق رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئەرەپلەرنىڭ رەقىبىي بولالمايتتى.پەيغەمبىر ئەلەيھىسسالام تارىختا تۇنجى قىتىم ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،اللانىڭ بەرھەقلىكىگە ئىشەندۈردى.شۇڭا سانى ئاز بولغان مۇسۇلمان قوشۇنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى ئۇرۇشلارنى ئىلىپ بارالىدى.ساسانىلار دەۋرىدىكى پىرىسىيە ئىمپىرىيسى ئەرەپ يىرىم ئارىلىنىڭ شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،ئۇلارغا تەڭ كىلەلمەيتتى.لىكىم مۇسۇلمان قوشۇنى جەڭلەردە كارامەت باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ،مىسوپوتامىيە،سۈرىيە ۋە پەلەستىنلەرنى بىسىقتۇردى.مىلادىيە 642-يىلى مىسىرنى ۋىزانتىيە ئىمپىريىسىنىڭ ئىشغالىيتىدىن ئازاد قىلدى.ھەمدە 637-يىلىدىكى كادىسىيە ئۇرۇشى ۋە 642-يىلىدىكى نىنىۋى ئۇرۇشلىرىدا پىرىسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى.
FZ]+(Q"]: بۇ ھالقىلىق غەلبىلەر پەيغەمبىر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىقىن ئاغىنىلىرى ھەم ۋارىسى ئەبۇبەكرى ۋو ئۆمەربىن خەتتبتىن ئىبارەت ئىككى خەلىپە دەۋرىدە قولغا كەلتۈردى.لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئەرەپلەرنىڭ غازاتلىرىنىڭ ئاخىرلىششىدىن دىرەك بەرمەيتتى.711-يىلى ئەرەپ قوشۇنلىرى شىمالىي ئافرىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ،تاكى ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بىسىپ كەلدى.كىيىن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ،جبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ،ئىسپانىينى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى.
PP!-*~F0Jr ئەھۋالدىن قارىغاندا ، ئىسلام قوشۇنلىرى پۈتكۈل خىرىستىئان دىنىي ھۆكۈمرانلىقىدكى ياۋروپانى ئىگىلەپ كىتىدىغاندەكلا تۇراتتى.بىراق 732-يىلى فىرانسىينىڭ مەركىزىگىچە بىسىپ كەلگەن مۇسۇلمان قوشۇنلىرى تۇر ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولدى.شۇنداقتىمۇ بەددەۋىلەر ئۆز زىمىنىنى شەرىقتە ھىندىستان چىگرىسىدىن تارتىپ،غەرىپتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە كىڭەيتتى.بۇ ھازىرغا قەدەر بولغان تارىختىكى ئەڭ زور ئىمپىرىيە ئىدى.ئىسلام قوشۇنلىرى بارغانلىكى يىرىدە ئىسلام دىنىنى تارقاتتى . ئەرەپلەر ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان زىمىندا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى.پارىسلار ئىسلام دىنىغا چىن ئىتىقاد قىلغان بولسىمۇ،لىكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەرەپلەرنىڭ قولىدىن ئىگىلىۋىلىنغان يەرلىرىنى تارتىۋالدى . ئەرەپلەر ئىسپانىيدە 7 ئەسىر ئۇرۇش قىلغان ئىدى ، لىكىن كىيىن خىرىستىئان دىنى پۈتكۈل يىرىم ئارالغا قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى.لىكىن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بولغان مىنسوپوتامىيە ۋە مىسىردىن ئىبارەت ئىككى جاي يەنىلا ئەرەپلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرىۋەردى.شىمالىي ئافرىقىمۇ شۇنداق بولدى.بۇ يىڭى دىن كىيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە ئۈلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ئۆز تەسىرىنى ئەرەپ ئىمپىرىيسىنىڭ چىگرىسىدىن ھالقىتىپ،يىراق - يىراقلارغا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەتتى.ھازىر ئۇنىڭ مۇخىلىسلىرى ئافرىقا،ئوتتۇرا ئاسىيا ،پاكىستان،شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلارغىچە كىڭىيىپ ، نەچچە يۈ مىلىيونغا يەتتى.ئىسلام دىنى ھىندونوزىينى بىرلىككە كەلتۈردى.ئەمما ھىندىستاندا مۇسۇلمانلار بىنى بىرلىككە كەلتۈردى.مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندىي دىنىي مۇرۇتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۈلۈكسىز توقۇنۇش يۈز بىرىپ ئىتتىپاقسىزلىقىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى.
PXtF#,roP ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ كۈنلۈك تۇرمىشىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى . باشقا دىنلارمۇ شۇنداق. شۇڭلاشقا دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ دىنلارنى بەرپا قىلغۇچىلار بۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلدى. خىرىستىئان مۇرتلىرىنىڭ سانى شۇسۇلمانلاردىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويۇلىشى ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن،ئۇنىڭ سەۋەپلىرى كۆپ،يەنى مۇھەممەد پەيغەمبىرنىڭ ئىسلام دىنىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى رولى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خىرىستىئان دىنىدىكى چولىدىن چوڭ بولدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام گەرچە خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەركان-ئەھكاملىرىغا ئاساس سالغان بولسىمۇ ، ھاۋارىيون پاۋۇل خىرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ‹‹ يىڭى ئەھدە›› دىكى نۇرغۇن مەزمۇنلارنى يىزىپ چىققان ئىدى. مۇھەممەد پەيغەمبىر ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە ، ئەھكاملىرىغا ۋە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەخلاقى مىرانلىرىغا ئاساس سالغان كىشى.ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان.‹‹قۇرئان كەرىم››پەقەت ئۇنىڭغىلا نازىل قىلىنغان . ‹‹قۇرئان كەرىم›› پەيغەمبىر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى توپلىمى بولۇپ ئۇنىڭ ئىددىيسى ھايات ۋاقتىدىكى ئىش پائالىيەتلىرى ئۇنىڭدا ئىنىق خاتىرىلەنگەن.ئەمما خىرىستىئان دىنىدا ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش پائالىيەتلىرى تەپسىلى خاتىرىلەنگەن بىرە كىتاپ يوق. ‹‹ئىنجىل››خىرىستىئان مۇرتلىرىغا مۇھىم بولغىنىدەك ، ‹‹قۇرئان كەرىم›› مۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. پەيغەمبىر ئەلەيسىسسالام ‹‹قۇرئان كەرىم››ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىددىيسىنى تارقاتقان.ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا تارقاتقان تەسىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋارىيۇن پائۇلدىن ئىبارەت ئىككى ئادەمنىڭ خىرىستىئان دىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن ئىشىپ چۈشىدۇ.دىنىي جەھەتتىن ئىتقاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن رولى ھىچ بولمىغاندا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭكىدەك غايەت زور،ئەلۋەتتە.
id8QagJ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن يەنە بىر ئوخشاشمايدىغان يىرى شۇكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلامىيەت دۇنيدسىكى دىنىي داھىي،ئۇ قوشۇن باشلاپ نۇرغۇن ئۇرۇش قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇ يەنە دۇنيادىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە سىياسى زاتلارنىڭ بىرى .
P?|\Ig1Gk تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسەك ، كىشىلەر ئىھتىمال بۇنداق ئالاھىدە شەخىسلەر بولمىسىمۇ، ئىنسانىيەت ئوخشاشلا تەرەققي قىلىۋىرەتتى، مۇبادا سىمون بولىۋاردەك ئادەم چىقمىغان بولسىمۇ ، جەنۇبىي ئامرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ئىسپانىينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەققىل بولالايتتى،دىيىشى مۇمكىن.ئەمما، بۇ گەپنى ئەرەپلەرنىڭ ‹‹غازات››تىغا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.مۇبادا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولمىغان بولسا ‹‹غازات››مۇۋەپىقىيەتكە ئىرىشكىلى بولمايتتى. ئىيتايلۇق، 13- ئەسىردىكى مۇڭغۇللار ئۇرۇشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى.بۇ ئۇرۇشقا چىڭگىزخان رەھبەرلىك قىلغان،گەرچە ئۇ ئىستىلاھ قىلغان رايونلار ئەرەپلەرنىڭكىدىن كەڭ بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ بۇ رايونلاردىكى ھۆكۈمرانلىقى ئۇزۇنغا بارمىدى. ئاخىرى مۇڭغۇللارغا تەۋە رايون چىڭگىزخان كىڭەيمىچىلىك قىلىشتىن بۇرۇنقى زىمىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.ئەرەپلەرنىڭ ‹‹غازات›› ئۇرۇشى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.ئۇلار ئىراقتىن ئەلمە غەرپكىچە باستۇرۇپ بىرىپ بۇ كەڭ زىمىننى ئەرەپلەر دۆلىتىگە ئايلاندۇردى.ئۇلار بۇ يەرنى پەقەت ئىسلام دىنى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تىل،تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىمۇ بىرلىككە كەلتۈردى.ئەرەپلەر‹‹ قۇرئان كەرىم›› گە ئىتقاد قىلىدۇ.بۇ خىل تەۋرەنمەس ئىتىقاد ئەرەپ تىلىنى ساقلاپ قالدى.ئەرەپلەرنى ھەرخىل يەرلىك شىۋىنىڭ مۇداخىلىشىشىدىن ،ئازاد قىلدى. دەرۋەقە ، ئەرەپ دۆلەتلىرىدە يەنىلا بىر مۇنچە پەرق ۋە ئىختىلاپلار مەۋجۇت.لىكىن بۇ ئەرەپ دۇنياسىنىڭ مەزمۇت ۋە مۇستەھكەم ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. مەسىلەن، 1973،1974-يىللىرى ئىران ۋە ھىندونىزىيدىن ئىبارەت نىفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى دۆلەت بىلەن بەى ئىسلام ئەللىرى غەرپ ئەللىرىگە نىفىت ئىكىسپورت قىلىشنى چەكلەش ھەركىتىگە قاتناشمىدى،دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ، بارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرى، پەقەت ئەرەپ دۆلەتلىرىلا شۇ قىتىمقى ھەرىكەتكە چاتناشتى. ناھايىتى روشەنكى 7-ئەسىردىكى ئەرەپلەرنىڭ ‹‹غازات››ئۇرۇشى تاكى ھازىرغىچە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە .ئىسلام دۇنياسىدا دىن بىلەن جەمىيەت ئوتتۇرىسىدا شۇ قەدەر زىچ باغلىنىشنىڭ بولۇشى مىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانيەت تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ زور شەخىس ئىكەنلىكىگە چۇڭقۇر ئىشەندۈردى.
;;Z'd@ mPQT%%MF مەنبە:
http://www.mirxap.com/unwirsal/2011/0922/article_1322.html