مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىلتىزى
w6|l ~.$= .yQ< بىر مىللەتنىڭ ، ئەدەپ-ئەخلاقى، ھەم ئەنئەنىۋى گۈزەللىك قاراشلىرىغا :يات بولغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئومۇملىشىپ قالغان غەيرى كۆرۈنۈشلەر،شۇ خەلققە ھىچقاچان گۈزەل ھىس-تۇيغۇلارنى ئاتا قىلالمايدۇ. مەدەنىيەت(ھەزارەت) تارىخ بويى بىر مىللەتنىڭ پىكىر بايلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان ئىجادىيەت، كەشپىيات ۋە سانائەت (ماددى ئىشلەپچىقىرىش)، شىئىر ۋە پەن (ئەدەبى گۈزەل-سەنئەت)، تۈزۈم ۋە قۇرۇلما(ئدارە تۈزۈمى)، قىممەت قاراش ۋە پىرىنسىپ(ساقاگى ۋە ئىجتىمائى مەھسۇلات)لىرىدا ھەسسە قوشقانلىقىنى ئىپادىلەش ئىدى. مەدەنىيەت بۇ ئۇقۇم بىلەن ئىلىپ ئىيتقاندا ساماۋى دىنلارغىلا خاس بولمايدۇ. چۈنكى تارىخ قەدىمقى تۈركىي قەۋملەر، مىسىرلىقلار، ئىرانلىقلار، ھىندۇسلار ۋە گىرىكلەرنىڭ مەدەنىيەتىنى تونۇپ يەتتى، ئۇلار ئۆزلىرى تاللىۋالغان پىرىنسىپ ۋە پەلسەپىلەرگە تايىناتتى . بەلكىم بۇ مەسىلە يۇقىرىقى مەدەنىيەتلەرنىڭ يىمىرىلىش ياكى ئارقىغا چىكىنىش سەۋەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە كىرەك.
ozW\` ( Civilization )دىگەن سۆز ئەسلىدە لاتىنچە سۆز بولۇپ ، شەھەرلىك (Civilis) دىگەن مەنىدە.
:]9CdkaU ۋول دىيورانت ، مەدەنىيەت دىگەن سۆزنى مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ: “مەدەنىيەت(ھەزارەت)ئىجتىمائى تۈزۈم بولۇپ ئىنساننىڭ مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بىرىدۇ. مەدەنىيەت تۆت ئامىلدىن تەشكىل تاپىدۇ: ئىقتىسادى مەنبەلەر، سىياسى تۈزۈملەر، ئىخلاقى ئۆرپ-ئادەتلەر، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتتىن ئىبارەت”…
r}-vOPn`E ئۇ ھەزارەتنىڭ بىر قانچە ئامىلىنى بەلگىلەيدۇ : 1- بىئولوگىيەلىك ئامىللار، 2-جۇغراپىيىلىك ئامىللار، 3-ئىقتىسادى ئامىللار،4- ساقافى ئامىللار. (ۋول دىيورانتنىڭ ” مەدەنىيەت قىسسىسى” ناملىق كىتاۋىنىڭ 3-بىتىگە قاراڭ.
QI`&N(n ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەرەب ئەللىرىگە باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن ( Civilization ) دىگەن سۆز ئەرەب لۇغىتىگە يۆتكىلىپ “مەدەنىيەت”ياكى” ھەزارەت” دىگەن ئۇقۇمدا ئىستىمال قىلىندى.
Z5,"KhB] كىيىنكى زامانلاردا ” ساقافەت، ھەزارەت، مەدەنىيەت”دىگەن بۇ ئاتالغۇلارغا ئىنىق ئۇقۇم بەلگىلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ئۇقۇملار ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. چۈنكى بۇ ئۈچ ئۇقۇم ئەرەب تىلىدا يەنى بىزدە مەۋجۇت، ئىنگىلىز تىلىدا بولسا پەقەت ئىككى ئۇقۇم مەۋجۇد.
R/l/GNm بىر مىللەتنىڭ ، ئەدەپ-ئەخلاقى، ھەم ئەنئەنىۋى گۈزەللىك قاراشلىرىغا :يات بولغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئومۇملىشىپ قالغان غەيرى كۆرۈنۈشلەر،شۇ خەلققە ھىچقاچان گۈزەل ھىس-تۇيغۇلارنى ئاتا قىلالمايدۇ. رەزگى سۈرەت كۆڭۈلدە رەزگى خىياللارنى پەيدا قىلىدۇ، شالغۇت كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمىيەتتە، ماڭقۇرتلۇقنىڭ تەسىرى، جەمىيەتنىڭ پىكىرلىرى, ئىش- ئىزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
/~pB_l ئىنساننىڭ پىكرى گۈزەل سىزىمچانلىقتا تەبئىيلىشىدۇ، ئۇ سىزىمچانلىق بىلەن، ئىنسان خىزمەتنى ئوبدان ئورۇنلاش ۋە ئىسىل ئادەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشتە ئازادە سورۇن ۋە ئۆزىگە خاس ھىس –تۇيغۇغا ئىگە بولىدۇ.
jRhRw; ئەسكى كىيىم كەيگەن كىچىك بالىدىن بىرنى مىسالغا ئالايلى؛ يىرتىق ۋە ئەسكى كىيىم ئامالسىزلىق،نامراتلىق مەناسىنى ئىپادىلەيدۇ، ھەم ئۇنىڭدىن كۆپرەك، ئۇ بالىنى ئۆلتۈرۈشكە سەۋەپ بولىدىغان ماددى ۋە مەنىۋى مىكروپلارنى ئۆزى بىلەن كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. چىرىپ كەتكەن قاسماق كىيىملەر پاسكىنىلىقنىڭ قېپى( ساندۇقى) بولۇپلا قالماستىن، كىچىك بالىنىڭ نەپسىيىتى ( پىسخولوگىسى) ئۈچۈن تۈرمىگە ئايلىنىدۇ.
%FLe@.Ep{D كىچىك بالا ئەخلاق نوقتىسىدىن ئەۋرىتىنى يۆگەشنى ئىرادە قىلىدۇ, بىراق كىيىمنىڭ ياماقلىرى ئۇ بالىنىڭ ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ. چۈنكى شەكلى ئادالەت “جۇۋا” موللا ياسايدۇ، “شىلەپە” پوپ ياساشقا ئېلىپ بارىدۇ.
Pa"[&{ : مۇستاپا كامال شىلەپىنى تۈركىيە خەلقىگە خەلقنىڭ مىللى كىيىمى سۈپتىدە تاڭغان ۋاقتىدا، كىيىمنى ئۆزگەتىشنى مەقسەت قىلماي، قەلبنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى كىيىم -كىچەك ئىنساننىڭ قىلمىشلىرىنى خېلى دەرجىدە كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ.
Xw&vi\*m مەدەنىيەت چەمبىرىكى بارلىق قوراللىرى بىلەن گۈزەللىك سىزىمچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بەلكى گۈزەللىك مەدەنىيەت شەكىللىنىدىغان چەمىبرەك. بىز ئۇنى كۆڭلىمىزدە مۇلاھىزە قىلشىمىز، كوچا، ئۆي ۋە سورۇنلىرىمىزدا تەمسىل قىلىپ ئەمىلى كۆرۈنىشىمىز لازىم بولىدۇ.
mX GW+ گۈزەللىك ۋەتەننىڭ ئالەمدىكى يۈزى، ھۆرمىتىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن ئاۋۋال يۈزىمىزنى قەدىرلەيلى!
U,Th-oU بىز مەدەنىيەت يارىتىش ھەم ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى توغرۇلۇق سۆز ئىچىشتىن ئاۋۋال، ئۇيغۇرغا خاس مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئەسلىنى، ساپلىغىنى قوغداپ، ھەم تەبىئي، ساددا تۇيغۇلىرى بىلەن قەلبلىرىگە كۆمۈپ ساقلاۋاتقان ئاق كۆڭۈل دىھقانلىرىمىزنى ۋە بۇلارغا تۇرمۇش قايناملىرىدا، بەزىدە جەننەت، گاھىي دوزاق ھالاۋەتلىرىنى ئاتا قىلىۋاتقان سەھرا- قىشلاقلىرىمىزغا بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن كىلىپ چىقىشى سەھرالىق بولغان، تۇرمۇش غىمىدىن باشقىلارغا كۆپ ئىشىنالمايدىغان، كۈندىن-كۈنگە قۇۋلىشىپ كىتىۋاتقان شەھەرلىكلىرىمىزنىڭ ھەم بىزدەك بىر قىسىملارنىڭ ئىڭىغا ئورناپ قالغان بەزىبىر مايماق چۈشەنچىلەرنى رۇسلىۋىلىشىمىز كىرەك.
;TboS-Y بىر قىسىملارنىڭ ، «يىزىلىقنىڭ ئوبدىنى ئىشەك، ئەسكىسى توڭگۇز.» «ئەسكى تامدىن چىت ياخشى، شەھەرلىكتىن ئىت ياخشى» دىيىشىپ ئەزۋەيلەپ شۇنداق ھىكمەتلەشتۈرۈپ كەتكىنىدەك : خەلقىمىز راستتىنلا شۇنچىۋالا ئادەم قىلىپىدىن چىقىپ كەتكەنمىدۇ؟؟؟ …..بۇمۇ ئۆز يولىدا سادىر بولىدىغان قىسمەنلىك، شۇنداق بولسىمۇ ئۆز قەۋمىمىزگە بولغان سەمىمىي كۆيۈنۈش نۇقتىسىدىن ئالغاندا ، ھەممىمىز ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك…
?6 "B4%7b تۇرقىدىن نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان قالايمىقان ، پايانسىز سەھرالىرىمىز ھەم خىلىلا زامانىۋى تۈس ئالغان، يىشىللىقنى سىمىنۇت،بىتۇن ،قارامايلارغا قۇربانلىق قىلىپ مۆتىۋەرلەرچە سالاھىيەتكە ئىرىشكەن چاسا-چاسا شەھەرلىرىمىزدە، ئىككى خىل قىممەت قارىشىدا ياشاۋاتقان ئىككى ئىنسان توپىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق؛ شەھەرلىكلەر ئاز ساننى تەشكىل قىلىدۇ، ھەممە نەرسىدە ئازلىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بىر نەرسىنىڭ يوق بولغىنى ، ئاز بولغىنىدىن ياخشى بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى ئازغىنا نەرسىگە رازى بولغان شەھەرلىك ئىنساننىڭ قەلبىگە چۈشكۈنلىشىش ئامىللىرى ئىچكىرلەپ سىڭىپ كەتكەن، بۇنداق چۈشكۈنلۈك ئۆز يۇرتىدىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ يوقۇلۇپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆڭلىدە مەغلۇبىيەت روھىنى كۆتۈرۈپ يۈرگۈچىلەردۇر. ھاياتىنى شەھەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار داۋاملىق يىرىم يولدا، يىرىم پىكىردە ۋە يىرىم تەرەققىياتتا بولىدۇ. نىشانغا قانداق يىتىشنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ساپ تەبىئەتلىك ئىنسانغا ئوخشاش تارىختىكى «باشلىنىش نۇقتىسى» ياكى مەدەنىيەت ئادىمىدەك «ئاياغلىشىش نۇقتىسى » بولالمايدۇ.
4v.i!U#{ بەلكى ئۇلار تەرەققىيات، تارىخ ۋە مەدەنىيەتتە ئىسىلىپ قالغان ئىنسانلاردۇر. ئۇنداقتا شەھەرلىكلەرگە «ئازلىق ئادىمى »ۋە «يىرىم ئادەم » دىگەن ئىككى سۈپەت ئۇيغۇن كىلىدۇ . بۇنداق ئىنسانلار توپى ئىسلاھات مەيدانىغا كىرىپ، يىرىم پىكرى بىلەن ئىسلاھاتنى ئۆزگەرتىۋەتتى ۋە ئۇنىڭغا « سىياسەت» دىگەن ئاتالغۇنى بەردى. چۈنكى ئۇلار يىرىم كۈچ،يىرىم جاپا، ۋە يىرىم يولدىن باشقىسىغا تەييارلىغى يوق ئىنسان توپىدۇر.
4q\gFFV4 يەنە بىرسى ساپ تەبىئەتلىك يوقىلاڭ نەرسىلەرگىمۇ رازى بولىدىغان ساددا ئىنسانلار توپىنى تەشكىل قىلىپ، يىزىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئالدىدىكىلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىدە تىرىكچىلىك قىلىپ، ھايات كەچۈرىدىغان بولسىمۇ، ئۇلاردا شەھەرلەردىن تاپقىلى بولمايدىغان ، ئەمما بىر مىللەت ئۈچۈن ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇغىدەكلا زۆرۈر بولغان ، روھىي قىزىلما بايلىقلار زاپىسى ئىنتايىن مول. بىز مەدەنىيەت يارىتىمىز ، مەدەنىيەت تارقىتىمىز دەيدىكەنمىز، ئەپتىدىن مىڭ تاغار غەم، ئۈستى بىشىدىن توپا چاڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان دىھقانلار ھەم يىزىلار بىزلەرنىڭ دىققەت مەركىزىمىزدە بولۇشى كىرەك!
9a]h;r8,9z ئىشنىڭ بىشىدا ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ، ئەخلاقى ۋە ئىجتىمائىي دائىرىمىزنى پايدىسىز ناچار ئامىللاردىن سۈزۈكلەشتۈرۈشىمىز لازىم. شۇنداق بولغاندا مۇھىتىمىز جانلىق ۋە روھلۇق ھاياتقا چاقىرغۇچى ئامىللارغا ئايلىنىپ ، بىزگە رىغبەتلەندۈرگۈچى دورا يەتكۈزۈپ بىرىدىغان سالاھىيەتكە ئىگە بولىدۇ. تازىلاش ھەركىتى يىڭى پىكىر ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ، يىڭى پىكىر چۈشكۈنلىشىش دەۋرىدىن مىراس قالغان شارائىتنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ.
ltOsl-OpR تۇپراق مەدەنىيەت تىكلەيدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى. بىز تۇپراق ۋە ۋاقىتتىن ئىارەت خام ماتىياللارنى قوراشتۇرىدىغان بىر ئۇنۋىرسال قۇرۇلمىغا ئىرىشەلىگەن ۋاقتىمىزدا، تۇپراقلىرىمىز مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ۋاستىچىسى بولۇشقا يارايدۇ.
8jz7t:0 تۇپراقنىڭ ئىجتىمائى قىممىتى تۇپراق ئىگىلىرىنىڭ قىممىتىدىن كىلىپ چىقىدۇ. مىللەتنىڭ قىممىتى يۇقۇرى ۋە مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان بولسا، تۇپراق قىممەتلىك بولىدۇ. مىللەت ئارقىدا قالغان بولسا تۇپراق قىممەتسىز بولۇپ قالىدۇ.
Xe@:Aun دىمەك ، بىزنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىمىز ۋە ئارقىدا قىلىپ قالغانلىغىمىز ئۈچۈن تۇپراقلىرىمىز چۈشكۈنلۈشۈپ قىممىتىنى يوقاتتى. يارىتىلىشىدىنلا چىمەنلىك، بوستانلىقلارغا تولغان زىمىنلىرىمىز چۆللۈككە ئايلىنىپ ، سۈزۈك ئىقىن سۇلار قۇرۇپ كەتمەكتە، مىۋە چىۋىلەر تەمىنى يوقۇتۇپ ، قۇرت باسماقتا. زىرائەت تىرىشقا مۇناسىپ يەرلەر قاقاسلىققا ئايلانماقتا، گۈزەل يايلاقلار ئۆز باغرىدىكى يايلاۋلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا.
o=&/;X جاپالىق ئەمگەك قىلمىساق كىلەچەكتىكى ئەۋلاتلىرىمىزنى قۇتقۇزالمايمىز، ئۆزىمىز ۋە باشقىلار تەبىئەتتىن پايدىلىنىپ نەتىجە قازانغان چاغدا مۆجىزە يارىتالايمىز. شۇ چاغدا يىڭى ھايات قۇرۇشقا ئاتلىنالايمىز ۋە تارىخ زىممىمىزگە قانداق ۋەزىپە يۈكلىسە ئىككىلەنمەي ئۈستىمىزگە ئالالايمىز. شۇ چاغدا خەلقىمىز زىمىنىنى بويسۇندۇرۇپ مەدەنىيەتكە ئاساس سالالايدۇ.
(4C_Ft*~j مەدەنىيەتتىكى پۈچەك ئادەتلىرىمىز، ھاياتىمىزنى ، چۈشكۈنلىشىش ئامىللىرىدىن تازىلىيالمىغانلىقىمىزدىن كىلىپ چىقىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنىنى بۇرمىلاشنىڭ نەتىجىسى «بىلەرمەنلىك قىلغۇچىلار ياكى ئۆزىنى ئەقىللىق ھىساپلايدىغانلار»دا مۇجەسسەملىشىدۇ.
|yi#6!}^ كۆپ يىللاردىن بىرى بىزدە داۋالاش مۈمكىن بولىدىغان نادانلىق ۋە ساۋاتسىزلىق كىسىلى بار ئىدى. ئەمما ھازىر داۋالاش قىيىن بولىدىغان « بىلەرمەنلىك» كىسىلىنى يۇقتۇرۇۋالدۇق، بۇ كىسەلنى « بىلىم ئاشۇرۇشتىكى پۈچەكلىك» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ،
3j/~XT مائارىپ مەجبۇرىيەتلىرىمىزنىڭ ئاساسىي نىشانى، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىڭىنى ھەقىقىي سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە ئۆزىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كىرەك. مەدەنىيەت مائارىپىسىز تارىخنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەدەنىيەت مائارىپىنى يوقاتقان خەلق تارىخىنى چوقۇم يوقۇتۇپ قويىدۇ. مەدەنىيەت ئىنساننى ئۆز دائىرىسىگە ئىلىپ تۇرىدىغان بىر ئوكيان، ئۇ مەدەنىلەشكەن جەمىيەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى شەكىللىنىدىغان چەمبىرەك.
sH :_sOV* ۋاقىت تارىختىن بۇيان ئالەمنى كىسىپ ئۆتىدىغان قەدىمىي ئۆستەڭ! ۋاقىت شەھەر – يىزىلارنىڭ ئارىسىنى كىسىپ ئۆتۈپ ،ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى مەڭگۈلۈك ھاياتىي كۈچى بىلەن كۈچەيتىپ بىرىدۇ ياكى ھەممە خەلقلەرنىڭ زىمىنى ۋە ھەر بىر ئىنساننىڭ مەيدانىدا ئىتىلىپ چىقىدۇ. ۋاقىت بىر ساھەدە « بايلىق» بولۇپ كۆرۈنىدۇ، يەنە بىر ساھەدە « قىممىتى يوق» نەرسە بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئۇ ھاياتلىقنى كىسىپ ئۆتىدۇ، تۇرمۇش قايناملىرىدىن روياپقا چىققان ئۇتۇق- نەتىجىللىرى ئاتا قىلغان قىممەت سىستىمىسىنى تارىخقا قويىدۇ.
"2hs=^&8 بىراق ۋاقىت جىمجىت ئۆستەڭگە ئوخشايدۇ، ئۇنى بەزىدە ئۇنتۇپمۇ قالىمىز. مەدەنىيەتلەرمۇ غەپلەتكە چۆككەن ۋاختىدا ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
!%>(O@~"| شۇنداقتىمۇ تارىختىكى خەتەرلىك سائەتلەردە، ۋاقىتنىڭ قىممىتى زىمىندا ھايات قىلىش تۇيغۇلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كىتىدۇ ،مۇشۇنداق سائەتلەردە بۇ تۇيغۇ ئويغانسا ، مال دۇنيا بىلەن باھالىغىلى بولمايدىغان خەلق ئويغۇنىىشى بارلىققا كىلىدۇ. ۋاتىت بۇ چاغدا ئۆلچىگىلى بولمايدىغان ھاياتنىڭ جەۋھىرىگە ئايلىنىدۇ.
0"koZd,c ۋاقىتقا ئاڭلىق بوي سۇنىدىغان ھايات ۋە تارىخ ھازىرمۇ قولىمىزدىن كىتىپ بارماقتا، بىز ئارقىدا قالغانلىغىمىزنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئىنچىكە ۋاقىت ئۆلچىمى ۋە كەڭرى قەدەملەرگە مۇھتاج.!
l*+9R ۋاقىت توغرىسىدا گىرمانىيەنىڭ تەجرىبىسىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى….«ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى 1945 – يىلى گىرمانىيەنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن ئىدى، ئىشلەپ چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان، ئويغۇنۇشنى قايتا تىكلىگىدەك بىر نەرسە قالمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۆستىگە گىرمانىيە تۆت دۆلەتنىڭ ئاستىدا مۇستەملىكىدە ئىدى. 1948-يىلنىڭ بىشىدا گىرمانىيە خەلقىنىڭ نەپسىدە پائالىيەت ۋە ئاكتىپلىق باشلانغاندا، گىرمانىيە، ئىقتىسادىي ساھەدە (باشقىلارغا سىلىشتۇرغاندا) نۆلگە تەڭ ئىدى.
EOG&Xa گىرمانىيە خەلقى ئون يىلدىن كىيىن باشقا دۆلەتلەردە مەھسۇلات يەرمەنكىسى ئىچىپ، باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان . چۈنكى ئۇ خەلق ئۆلۈم ۋە ۋەيرانە خارابىلىقتىن دەس تۇرۇپ ، ئىغىر سانائەتلەرنى ئىشلەپ چىقارغان ئىدى.
Rz=wInFs گىرمانىيە خەلقى ئون يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن مۆجىزىلەرنى تەھلىل قىلساق، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەر تۈرلۈك ئامىللارنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن ئىدارە -ئورگانلاردا ۋە ئىدارە چىقىملىرىدا ئىقتىسادچان بولغان، ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ ئىشلىرىنى خەلق مىللىي مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە بىجىرىۋەتكەن، يەنىمۇ مۇھىم ئامىل ۋاقىت ئىدى.
C$^WW}S 1948- يىلى گىرمانىيە ھۆكۈمىتى ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەرگە كۈنلۈكى ئىككى سائەت ھەقسىز خىزمەت قىلىشنى بىكىتتى. ھەر بىر كىشى بۇ ئىككى سائەتنى كۈندىلىك خىزمىتىدىن سىرت خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەقسىز ئادا قىلىپ بىرەتتى .
m&k l_f7 ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن گىرمانىيە خەلقىنىڭ قولىدا: ئىنسان، تۇپراق ۋە ۋاقىتتىن باشقا خام ئەشيالار قالمىغان ئىدى. بىراق خەلق ئىرادىگە كىلىپ ، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. »
AzFS6<_ دىمەك مەدەنىيەت يارىتىش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە يۇقۇرقى ئۈچ ئامىل بولسا، مەدەنىيەت سەپىرى ئۈچۈن يىتىدۇ.
l vfplA بۇ ئۇلۇغ مەدەنىيەت سەپىرىمىزدە بىر ئاز خاتالاشساقمۇ، باشقىلار بىزنى مەسخىرە قىلسىمۇ ئەسلىي ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىمىزنى ھازىرقى زاماننىڭ يىڭىلىقلىرىدىن ئوزۇقلاندۇرغان ئاساستا، قەدرىيەتلىرىمىزنى ئۆز قىنىدىن چەتنەتمەي تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆنۈلىشىگە قاراپ ئىلگىرلىشىمىز كىرەك:
52' 0l> ھايات بىزنى ئالدىمىزغا قاراپ مىڭىشقا چاقىرىدۇ. مەدەنىيەتكە قەدەم تاشلىغاندا قالايمىقان قەدەم بىسىش توغرا بولمايدۇ. سەپىرىمىز ئىلمىي ۋە ئەقلىي بولسۇن. مەدەنىيەت چىچىلىپ تۇرغان پارچە- پارچە نەرسە ياكى جەلپكار كۆرۈنۈش ئەمەس. مەدەنىيەت دىگەن بارلىق نەرسىللىرى ، پىكىرلىرى ، روھى ۋە كۆرنىشى رەتلىك گۆھەر! ۋە ئىنسانىيەت تارىخىي يۈزلىنىدىغان مەركىزىي ئوق.!!!
gi<%: [jT شان-شەرەپ ،بىر ئۆستەڭ بولۇشىمۇ مۈمكىن، بىراق ئۇ زىلال سۇ ئەمەس. بەزىدە دولقۇنلاپ ، مەۋج ئۇرۇپ كىتىشىمۇ مۈمكىن بىراق ھىچكىمگە مەڭگۈلۈك كۈلۈپ باققانمۇ ئەمەس………….
~o8x3`CoF دۇنيانىڭ رەڭۋازلىقلىرىغا ، بوغنۇقۇپ ئىچ-باغرى قوقاستا پۇچۇلىنىپ تۇرسىمۇ . ئۆزىدە :ھاياتنىڭ ،ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەقىل كۆزىگەئەسلىي ھالىتىنى كۆرسەتمەي ، يانداپ ئۆتۈپ كىتىدىغان تەرەپلىرىگە بولغان سەزگۈرلۈك ھەم لايىقىدا ھەزىم قىلالايدىغان ئىقتىدارنى يىتىلدۈەلىگەنلىكىدىن ، روھىي دۇنياسىنى ، كىبىر-تەمەننادىن خالىي، سەمىمىي مەمنۇنىيەتلىرى بىلەن ئاۋۇندۇرۇپ . ئوزۇق ئىلىپ – ئوزۇق بىرىپ كىلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ تەنھالىق ۋە غىرىبلىق دۇنياسىدىن ،بىز دىمەتلىك ئەۋلاتلارنىڭ بەكمۇ كىچىكىپ ،قىسقىسى، ئۇلارنى يەرلىگىدە قويۇپ بولغاندىن كىيىن خەۋەردار بولۇپ، چۈشەنمەكچى، كۆيۈنمەكچى بولىدىغىنىمىز، ئاخىرىدا مۇكەممەل بىر تونۇشقا ئىگە بولالمىغان ،ئىچىنىش، پۇشايمانغا تولغان ھىسسىياتلىرىمىزنى ئۆزىمىزدەكلا چۇۋالچاق بولغان قەلبلىرىمىزنىڭ ، (قايتا تاپالمىغۇ دەك قىلىپ ) بىر يەرلىرىگە كۆمۈۋىتىپ . خۇددى دۇنياغا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا پەيدا بولۇپ قالغاندەك ،ناخشىلىرىمىزنى دۆڭ توۋلاپ ، ئويۇن تاماشالىرىمىزنى قازا قىلماي ،كۈنلىرىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزىۋاتقان بەختلىك مىراسخورلار توپى……………
T!QAcO بىز ھازىر نىمىگە ئوخشاپ قىلىۋاتىمىز!؟…………………….بىز زادى كىم!؟………..بىز كىم بولۇشىمىز كىرەك……؟؟؟ بىزلەرمۇ مەدەنىيەت ياراتقۇچىلاردىن بولالايمىزمۇ…….؟؟؟
I$JyAj http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=10059 D@`"99z