غېرىبلەر كىملەر؟
9=D09@A%e `0'Bg2' " b?1Yc- `q":i>FP2 مەشھۇر ئۆزبىك ئۆلىما -ئابدۇۋەلى قارى
=GGt:3Kx- gN./u <<ئىسلام غېرىب بولۇپ باشلانغان، غېرىبلىككە قايتىدۇ، غىرىبلەرگە جەننەت بولسۇن! >>
G3r9@2OC – رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم. تۇيۇقسىز ئابدۇۋەلى قارىنىڭ (اللە ئۇ زاتتىن رازى بولسۇن) غېرىبلەر قانداق بۇلۇدىغانلىقى ۋە اللە مەدەت بىرىدىغان جامائەتنىڭ قانداقلىقى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنى ھەقىقەتەن ئۇچۇق تەسۋىرلەپ يازغان بۇ يازمىسىنى كۆرۈپ قالدىم ... دىيانەت مۇنبىرىدىكى مۇنبەرداشلارنىڭ ھەم بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بۇلۇشى ئۈچۈن بۇ يازمىنى ئۇقۇپ تەپەككۈر قىلىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ...
{tqLH2cO اللە تەئەلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ۋاقتىدا، پۈتۈن ئالەم شېرىك،جاھالەت، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن تولغان ئىدى. دىن ئىسلام چارەك ئەسىر ئىچىدە يەر يۈزىنىڭ يېرىمىغا يېتىپ بارىدۇ دىسە، بۇنى ھىچكىم تەستىقلىماس ئىدى.رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ئەتراپىغا پاكىزە ئەسھابىلەر جەملەندى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مەككىلىكلەر ۋە مەككە ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئىمان كەلتۈرگەن كۈنىدىن تارتىپ غېرىپ بولۇشقان ئىدى. ئۆيلىرىدە غېرىپ ئىدى، قەبىلىسىدە غېرىب ئىدى ، يۇرتىداغېرىب ئىدى . !
g3*" ^C2= ئۇلار پۈتۈن مۇسىبەتنىڭ ھەممە تۈرىگە، تۆھمەت، مەسخىرىنىڭ ھەممە تۈرىگە دۇچار بولۇشقان. ئاللاھ شۇنى ئىرادە قىلغان ئىدى. بۇ دىننى قوبۇل قىلىشقان كىشىلەر بۇ دىننى بىرەر مەرتىۋە، مال-دۇنيا، ياكى باشقا بىر دۇنياۋى مەقسەت ئۈچۈن قوبۇل قىلمىغان .
.@7J8FS* mI;#Zq_j ئاللاھ بۇ زاتلارنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ئەتراپىغا جەملىنىشىىنى ئىرادە قىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئىماننى قوبۇل قىلىش بىلەن مۇسبەتنىڭ ھەممە تۈرى ئۇلارغا كۈچەيدى. ئاللاھ شۇنى ئىرادە قىلىدى. چۈنكى ئۇلارغا تاكى قىيامەتكىچە بولغان خەلقلەرنىڭ ئىمان قوبۇل قىلىدىغانلىرىغا نەمۇنە بولۇپ قىلىشى كېرەك ئىدى، ئىسلامنىڭ يولى نېمە ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇشى كىرەك ئىدى. ئۇلار دائىم سەۋىرگە چاقىرىلدى،ئۇلارغا قارشى بىرەر زەرەرلىك ئىش قلىشتىن توسۇلدى. ئەقىدە ئىنساننىڭ قەلبىگە ئورناشقان ۋاقتىدا ئۇ ھەممە نەرسىدىن قىممەت باھا ئىكەنلىكى ئەقىدە دۈشمەنلىرىگە كۆرۈنۈشى كېرەك ئىدى. ئەقىدە قوبۇل قىلىنغان بەزى كىشىلەر بەزىسى قەتلى قىلىندى، بەزىسى ئۆيلىرىدىن، يۇرتلىرىدىن، قەبىلىسىدىن قوغلاندى.
I)9un|+,y رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن داۋام ئەتتى، ئەسھابلىرى كۆپەيدى، ئاللاھ ئۇلارنى مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلشقا بۇيرىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ھىجرەت قىلدى. ئاللاھ مەدىنىلىك ئەنسارلارنىڭ قەلبىگە شۇنچىكى مۇھەببەت بەردىكى، بۇ قەدەر مۇھەببەت بۇنچە كۆپ جامائەت ئىچىدە قايتا تەكرارلانمىدى. مۇھاجىرلارغا تالىپ بولغۇسى ئەنسارلارنىڭ كۆپلىكىدىن بىرەر بىر مۇاھجىر ئەنسارلارنىڭ ئۆيىگە چەك تاشلىماي تۇرۇپ چۈشمىدى.
MGoYL\ ئاللاھ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمگە مەككىنى فەتھى قىلىپ بەردى. مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىشى بىلەن ئىسلامنى سان-ساناقسىز ئادەملەر قوبۇل قىلدى، ئىسلامنىڭ شەۋكەتىنى كۆرۈپ قوبۇل قىلغانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. بۇت-پەرەسلىك، شىرىك جەزىرەتۇل ئەرەبتە يوقالدى. يەھۇدىيە مەدىنە مەككىدە قالمىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ھاياتلىقىدا ئىسلامنىڭ غەلبىسىنى كۆرۈلدى.
8V]oR3' رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمنى ۋاپاتى بىلەن ئىسلامدا بىرىنجى يوچۇق پەيدا بولدى، تەبىئىيكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمدە بار سۈپەت باشقا كىشىدە يوق ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمدىن كىين ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىفە بولدى. خەلىفە بولۇپ سايلىنىشىدا بەزى بىر ئىشلار بولدى-دە، ئىسلامدىن بىرىنجى يوچۇق كۆز ئاچتى.ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كىين ئۆمەر ئىبنى خەتتاب خەلىفە بولدى. ئالەمنى ئادالەتكە تولدۇردى، بۇ كىشىنىڭ خىلافەت مۇددەتلىرىدە كۆپ نەتىجىلەر قازىنىلدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب خاۋارىجلاردىن بولغان بىر مەلئۇن كىشى تەرىپىدىن ناماز ئۈستىدە شىھىت قىلىندى. بۇ شاھادەت بىلەن ئىسلام خەلىفىسىنىڭ شىھىت قىلىنىشى ئەلۋەتتە بەزى ھالەتلەرنى پەيدا قىلدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچىنجى خەلىفە بولدى. بۇ كىشىنىڭ ھاياتلىرى ھەم ناھايىتى كۆپ ئۇتۇقلار قازىنىلدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرىدا، ئىسلامنىڭ تۈپ مېغىزىنى چۈشەنمەستىن، ئىسلامنى فەتھى مەككىنىڭ نۇسرىتى بىلەن ئىماننى قوبۇل قىلغان، ئىغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەن، ئىمانلىرى قەلبىدە مەزمۇت بولمىغان ئادەملەر تەرىپىدىن فىتنىلەر بولۇپ، بۇ فىتنىلەر ئاقىۋىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شىھىت قىلىنىشى بىلەن تامام بولدى. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ كاتتا ئالىملىرىدىن ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرگە ناھايىتى ماھىر بولغان بۇ زات تۆتىنجى خەلىفە بولدى، خەلىفە بولغاندىمۇ ناھايىتى قىيىن كۈنلەردە خەلىفە بولدى.ھاياتى ھەم شېھىتلىك بىلەن تامام بولدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ھەقىقىي خىلافەتنىڭ 30 يىل داۋام ئىتىشى بىلەن خەۋەر بەرگەنىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ھۈزەيفەتۇل يەمانى يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەمنىڭ سىرلىرى دەپ لەقەبلەنگەن ساھابىسىگە كېلەچەكتىن بەزى ھالەتلەرنى بايان قىلغان ئىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب شۇ كىشىدىن بەزى بىر فىتنىلەردىن سوراپ: ئومۇمىي كاتتا فىتنىلەردىن نېمىلەرنى ئاڭلىغانسىز؟-دەپ سورىدى .
e7fA-,DV فىتنەنىڭ ئالدىدا دەرۋازا بار –دىدى.-دەرۋازا ئىچىلامدۇ سۇندۇرۇلامدۇ؟- دەپ سورىغانىدى.
N|G=n9p سۇندۇرىلىدۇ –دىدى. بۇ دەرۋازا ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئىدى، سۇندۇرىلىشى شېھىت قىلىنىشىغا ئىشارە ئىدى. كىيىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب شېھىت قىلىنغاندىن كىيىن، ساھابىلەر ھۇزەيفەتۇل يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سوراشتى، دەرۋازىنىڭ كىملىكىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىلەرمىدى شۇ سۆزنى ئىيىتقىنىڭىزدا؟- دىگەندە،-كېچىگە كۈننىڭ ئۆتكىنى قانچە ئېنىق بولسا ئۆمەرگە شۇنچىكى ئېنىق ئىدى-دىگەنىدى.
^4D7sS;~3 رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ئۆزىدىن كىيىنكى ئەھۋاللارنى ئېيتىپ- مەندىن كىيىن ياشىغانلىرىڭلار كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ، كۆپ قارمۇ-قارشىلىقلارنى كۆرىدۇ، شۇندا مىنىڭ سۈننەتلىرىمنى ئىزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار-دەپ ئېيتقانىدى. ئۆزلەرىنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ غېرىپ بولۇپ قىلىشىغا ئىشارىلەر ۋە ئاچچىق سۆزلەر ئىيتقانىدى.
*TacVp ئىسلام غېرىب بولۇپ باشلانغان، غېرىبلىككە قايتىدۇ، غىرىبلەرگە جەننەت بولسۇن!
?B&Z x-krd 8UAbTqB- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم.
HLjXH#ry - ئىسلامنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھي ۋەسسەللەم ئۆزى باشلاپ بەردى. بۇ يولنى قوبۇل قىلغان ئادەملەر دۇنيادىكى ھەممە مەرتىۋىسىدىن مەھرۇم بولۇشتى،ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى مەرتىۋىسى ئاشتى.تەكرار ئىيتىمىز،ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئادەمنىڭ ئارامى يوقىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىنى تۈزىتىش بىلەن يىگانە بولۇپ،ئادەملەر ئۇنىڭدىن يىتىرقاش باشىلىنىدۇ،بولۇپمۇ ئىسلامنى بىلمىگەن ئادەملەر ئارىسىدا ئۇ ھەقىقىي ئىسلامنى ئېيتىشى بىلەن تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ئېيىتقانسىرى ئۇنىڭ جاھالەتتە ۋەھشىلىكى تۇتىدۇ.مانا بۇ سائەتتە ئىنسان ھەيران بولۇپ قالىدۇ،مەسخىرىگە دۇچار بولىۋىرىدۇ.شۇ ۋاقىتتا غۇربەت ھىس قىلىدۇ،شۇ غۇربەتنى ھىس قىلغان ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ غېرىبلەرگە بەرگەن بىشارىتىنى ئەسلەش ئۇنىڭغا قۇۋۋەت بىرىدۇ.
caK<;bmu- ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىيىتقان: ئىسلام غېرىب بولۇپ باشلانغان، قانداق باشلانغان بولسا كېلەچەكتە ھەم غېرىب بولۇپ قالىدۇ، غېرىبلەرگە جەننەت بولسۇن! – ئىمام مۇسلىم، جامىئۇلسەھىھ.
1-HL#y*7$ كىم غېرىبلەر؟ رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم – ئادەملەر مەندىن كىيىن سۈننەتلىرىمنى بۇزىدۇ .مانا شۇ سۈننەتلىرىمنى ئىسلاھ قىلىپ تۈزىگەنلەر غېرىبلەر- دىدى. چۈنكى بۈگۈننىڭ ئۆزىدە سۈننەتنى ئەھيا قىلىشقا باشلاڭ، يىگانە قالىسىز بۇرادەرلەر! رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ھازىرقى خەققە قەدرى قالمىغان. ئاتا-ئانىسدىن ئايرىلغان ئادەم ھەم غۇربەتنى سېزىدۇ، بۇ ھاياتتا ھامان بىر كۈن ئۇلاردىن ئايرىلىمىز. ئىنسان تەنھا قىلىش بىلەن ھەم غېرىبلىق ھىس قىلىدۇ. كاپىرلار ھەم ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، يەھۇدىلار ھەم ئايرىلىدۇ، ئات-ئۇلاغ ھەم تۇغقان ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ. بۇندا بىز ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغانغا غېرىب مەن دەپ پەخىرلىنىشكە ھەقىمىز يوق. غېرىب - كىشىلەر بۇزغان سۈننەتنى ئىسلاھ قىلىدۇ، ئەھيا قىلىدۇ، بەرپا قىلىدۇ، ئەنە شۇلار غېرىبلەردۇر!
~j1.;WId[ ئەبۇدەردا، ئەبۇ ئۇمامە، ئەنەس ئىبنى مالىك ئەنھۇمالاردەك كاتتا ساھەبىلەر رىۋايەت قىلىشقان: ئىيىتتىلەركى رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىسلام غېرىب بولۇپ باشلانغان، غېرىبلىككە قايتىدۇ، غېرىبلەرگە جەننەت بولسۇن!». غېرىبلەر كىملەر : ئادەملەر بۇزۇلغاندا ئۆزلىرى ئوڭلانغان ئادەملەر، بۇزۇلغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە سالاھىيەتلىك ئادەملەر، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدا شەنىگە تۆھمەت ۋە باشقا نەرسىلەرنى جاڭجال قىلىپ ئولتۇرىشمايدۇ ۋە ئەھلى تەۋھىدتىن بىراۋنى گۇناھى سەۋەبلىك كاپىر دىيىشمەيدۇ، غېرىبلەر ئەنە شۇلاردۇر.
6##}zfl سۈننەتتىن گەپ قىلسىڭىز ئىتائەت قىلىدىغان كىشىدىن ئىتائەت قىلمايدىغان كىشى كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى بەزى مۇسۇلمان بۇرادەرلەرگە سۈننەتنى ئەھيا قىلىش قىيىندەك بىلىنىدۇ، قىيىن ئەمەس بۇرادەرلەر ، لىكىن بۇزۇلغان ئادەملەر ئارىسىدا سۈننەتنى قىلىش قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىتائەت قىلمايدىغان ئادەملەر كۆپەيگەندە ئۇ چىدالمايدۇ-دە، سۈننەتتىن ۋاز كىچىدۇ. مانا شۇنداق بىر يەڭگىلراق دەپ يول تىپىۋىلىپ ئىش قىلىدىغان كىشىلەر كۆپ. مەيدىسىگە ئېتىقاد بىلەن ئۇرۇۋاتقان ئادەملەر بىردىن مەيدىسىگە ئۇرۇشى يوقىلىپ، ئۆزى ھەم يوقۇلۇپ كېتىدۇ، غېرىب ئەمەس ئۇ! غېرىب شۇكى، سۈننەتنى ئەھيا قىلغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئازىيىپ قالىدۇ.ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن سۈننەتنى ئەھيا قىلىشتىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
?A!Lh, غېرىبلەر دىنىنى ئەپ قاچقان ،يەنى مال-دۇنياسىنى ئەمەس دىنىنى ئەپ قىچىپ يۈرگەن، ھەممە نەرسىسىدىن دىنىنى ئەزىز كۆرگەن كىشىلەردۇر. ئىيسا ئىبنى مەريەم ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ بەندىسى، ئۇلۇغ پەيغەمبىرى، ئىنجىل ساھىبىنى ھازىرقى دەۋىردە ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئىبادەت قىلىۋاتقان ناسارالارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆلتۈرىمىز دەپ قوغلاپ يۈرگەندە ئەيسا ئەلەيھىسسالام دائىم دىنىنى ئەپ قىچىپ يۈرگەن، قەيەردە كەچ كىرسە شۇ يەردە ئۇخلىغان.ئۇ كىشى ناھايىتى غېرىب بولغانىدى.
.d\<}\zZ7J ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋاز كېچىلگەندە ئاللاھنىڭ كىتابىغا مەھكەم ئېسىلغانلار، سۈننەتكە ئەمەل قىلغان، سۈننەتنى ئۆگىتىشكەنلەر، سۈننەتنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمىگەنلەر غېرىبلەردۇر.
W YHr'xJ ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن دەۋا ھەممىمىزدە بار، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگەشسەك بۇ دەۋايىمىزدا سادىق بولغان بولىمىز، ئەگەر ئەگەشمىسەك بۇ دەۋا كاززاپ دەۋادۇر. ئەگەر دەۋايمىزدا سادىق بولساق ئاللاھ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ياخشى كۆرگەندىن پەرىشتىلەر ياخشى كۆرىدۇ، ئاسمان-زىمىن ۋە ئاسمان زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ھىمايىسىگە ئالىدۇ،كىيىن ھىچكىم بىزگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئۇستازى رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم!
/7EeM{,~ XIv{jzgF ئۇندىن تاشقىرى، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت قازىنىشلىقنى خالايدۇ، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ بۇنى ئارزۇ قىلىشى ئەيب ئىش ئەمەس، ئەمما بۇنىڭ يىگانە يولى بىر. ئىنساننىڭ كۆڭلىنى ئىلىپ مۇھەببەت قازىنىشتا ،ئىنساننىڭ كۆڭلىنى ئىنساننىڭ كۆزىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق ئىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ رازىقىنى كۆزلىگەندە، ئاللاھ ياخشى كۆرگەندە ئاندىن ئۇ ياخشى كۆرۈلىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئادەملەرگە مەقبۇل بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ياخشى كۆرۈشلىكى كېرەك، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىشىمىز كىرەك. دىمەك، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىش يەريۈزىدىكى بارلىق مۇھەببەتكە ئىرىشىشلىكتۇر. ساھابىلەرگە پۈتۈن مۇسۇلمانلار قىيامەتكىچە دۇئا قىلىشىدۇ. بۇنېمىنىڭ نەتىجىسى؟ چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ مۇھەببتىگە سازاۋەر بولغانلاردۇر.ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىشتە مال-دۇنياسىدىن ۋاز كىچىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتى، ھەتتا ئاتا-ئانىسىدىن، ئەزىز يۇرتىدىن ۋاز كىچىشكەن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىشكەن ئىدى. ئۇلار ھەتتا جەننەتتە بىرگە بولالماسلىقىنى ئويلىشىپ ،رەڭگى ئۆزگىرىشىپ كەتكەن، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى، بىزنىڭ بەلەن ئەمەس، دەپ كۆڭلى يىرىم بولۇشقانىدى، رەسۇلۇللاھ -كىشى ياخشى كۆرگەن كىشىسى بىلەن بىللە –دەپ ئۇلارنى خۇشال قىلغانىدى. ئەگەر بىر كىشى ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن دەپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى تەرك قىلسا، ئاللاھنىڭ غەزىبىنى كەلتۈرسە، ئاللاھ سىزگە ئەنە شۇ ئادەمنى غەزەبلەندۈرۈپ قويىدۇ.
=cy;{2S'p سۇفىيان سەۋرى ئىيتقانىكەن: ئەھلى سۈننەتگە ياخشىلىق قىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار غېرىبلاردۇر. ۋە يەنە: بىر كىشىگە مەشرىقتىكى بىرىنى سۈننەت ئىگىسى، سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغان كىشى دەپ خەۋەر كەلگەن بولسا، سەن غەربتە بولساڭمۇ ئۇنىڭغا سالام ئىيتقىن، دۇئا قىلىپ قويغىنكى، ئەھلى سۈننەۋەلجامائە نەقەدەر كەم- دىگەنىكەن. بىزدە كۆپلىگەن جامائەتلەر بار بۇرادەرلەر، مانا مەسجىدلەردە جامائەتلەر بار، لىكىن ئۇلار ئەھلى جامائەت خالاس، ئەھلى سۈننە ئەمەس. ئاۋۋال ئەھلى سۈننەت بولۇشى، شۇ ئەھلى سۈننەدىن جامائەت تەشكىل بولىشى كىرەك، مانا شۇلار ئاللاھنىڭ غىرىب جامەسى ۋە مەدەت بىرىدىغان جامائەسىدۇر.
HA+EuQE" غىرىبلىق بەزى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. گاھى شەرىئەتنىڭ بەزى يوللىرى غېرىب بولۇپ قالىدۇ، ئادەملەرگە ناتونۇش بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش ھازىرقى دەۋردە غېرىب بولغان، ياخشىلىق نىمە؟ شەرىئەت بۇيرىغان ئىشلار، يامانلىق نېمە؟ شەرىئەت توسىغان نەرسىلەر. شەرىئەت بۇيرىغان ئىشقا بۇيرۇش، شەرىئەت توسىغان نەرسىدىن قايتۇرۇشنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئىيتىش يوق بولۇپ قالغان. ئۆزىمىزنى ئىيىتساق، نامازغا بۇيرۇيمىز، روزا-رامىزانغا بۇيرۇيمىز. ئەمما شەرىئەتنىڭ باشقا ھالەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلالمايمىز. بەلكى ئادەملەر ئارىسىدا شەرىئەتنىڭ تولا يوللىرىنى بايان قىلىش غېرىب بولۇپ قالغان. مەسىلەن: بىر كىشى شەرىئەتنىڭ بىر ھۆكمىگە ئەمەل قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. باشقا يولىنى ئىيتسىىڭىز قۇلاق سالمايدۇ. بىرياندىن سۈننەتكە ئەمەل قىلغان، يەنە بىر ياندىن باشقا سۈننەتنى ئېيتسىڭىز ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ نەپسى-خاھىشىغا توغرا كىلىپ قالغان سۈننەتكە بەكرەك ئەمەل قىلىدۇ. ماكاننىڭ غېرىبلىقى: كۆپ جايلاردا ئىسلام غېرىبتۇر،بەزى مەھەللىلەردە ئىسلام ناھايىتى غېرىب. ئىسلامدىن گەپ قىلسىڭىز،باشلىدى يەنە ئاخىرەتتىن گەپ قىلىشنى دەيدۇ، قورقىتىۋىرەمسەن بىزنى دەيدۇ! ئۇلارغا ئىسلامنىڭ قايسىبىر ھۆكمىنى ئېيتسىڭىز چۈشەنمەيدۇ. دەۋرلەر ئۆتىشى بىلەن ئىسلامنى چۈشىنىپ قالىدۇ. ھەقىقەت بىلەن سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ ئۆتكەن ئۆلىمالىرىمىزغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن! پەيغەمبەلەرنىڭ يولى ھەق بولۇپ قالدى، باشقىلارنىڭ يوللارى ھەممىسى يوق بولۇپ كەتتى. يۇنان دۆلەتلىرى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئادەملىرىدىن تارىخىدىن بىر نەرسە سورالسا ھىچنەرسە قالمىدى. پەخىرلەنگەن ئەبۇجەھىللەر مەلئۇن ئاتالدى، ھەق يولدا بولغان ئادەملەر ئۆز دەۋرىدە زەئىب بولغان بولسىمۇ، كىيىنكى دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە، كۆز ياش بىلەن دۇئا قىلىدىغان كىشىلىرىگە ئايلاندى. ئۇمەييە مەلئۇن بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ قولىدا قۇل بولۇپ تۇرغان بىلال ھەبەشى قىيامەتكىچە بولغان مۇئەززىنلەرنىڭ ئۇستازىغا ئايلاندى،بىلال ھەبەشىنى بىلمىگەن خانىدان قالمىدى. ئاللاھنىڭ ئىززىتى مانا بۇ تەرەپتە، ئىنسان بىشىغا چۈشكەن غۇربەت قانچىكى قاتتىق بولسا، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىززەت ھەم شۇنچىلىك بولىدۇ.بۇ دۇنيادا بىراۋنىڭ نامىنى ئەسلىدۇق نېمەيۇ، ئەسلىمىدى نېمە، بىزنىڭ ئەسلىشىمىز بىلەن ئۇلار ئۇلۇغ بولۇپ قالمايدۇ، بىزنىڭ ئەسلىمەسلىكىمىز بىلەن ئۇلار كىمىيىپ قالمايدۇ. لىكىن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ،كۆپلىرى مۇكاپاتىنىڭ بىر قىسمىنى ئللىشتى، ئۇنىڭدىنمۇ ئىسىل مۇكاپاتلار كۈتۈپ تۇرىدۇ! شۇنداق غلرىبلەر باركى، ئۇلارنىڭ ناملىرى ھەم قالمىدى، ئەمما ئاللاھنىڭ نىزامىدا ئۇلار ناھايىتى ئۇلۇغ زاتلار بولۇپ قالدى.
nm[ yp3B ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پارس ھۆكۈمرانلىقىغا لەشكەر يۈرگۈزگەندە، قادىسىيەدە كۆپ جەڭلەر بولدى، ئېغىر شەھىتلەر بولدى. نامەنى ئىبنى مۇقەررىم ھەم شېھىت بولدى. ئاللاھنىڭ زەپەر بىرىشى بىلەن پارس ھۆكۈمدارلىقى تۈگىتىلدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئاددى كىيىنەتتى، ئادەتتىكىچە يۈرەتتى، بىرى تونالمايتى. ئەلچى زەپەر خەۋىرىنى ئىلىپ كەلگەندە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مەدىنە تاشقىرىدا كۈتۈپ تۇرغانىدى. ئەلچى: ئاللاھ ئىسلامغا زەپەر بەردى، نامەنى ئىبنى مۇقەررىم شېھىت بولدى- دىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىننەلىللاھى ۋە ئىننى ئىلەيھى رازىئۇن-دەپ قاتتىق يىغلىدى. ئەلچى كىيىن ئۇنىڭ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن :ـ سىز تونۇيدىغان مەشھۇر كىشىلەردىن پەقەت نامەنى ئىبنى مۇقەررىم شىھىت بولدى-دېگەنلىرىدە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەلچىگە ئېيىتتى- ئەي نادان، ئۆمەرنىڭ تونۇشلىقىنىڭ ئۇلارغا نىمە مەنپەتى بار، ئۇلارنى شېھىتلىك بىلەن مۇكەررەم قىلغان زات ئۇلارنى ياخشى تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ نەسەبلىرىنى، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئەلۋەتتە ياخشى تونۇيدۇ، مىنىڭ تونۇشىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟-دىدىلەر.
=xO q-M ھەقىقەتەن دوستلار مەن شۇنى كۆپ ئەسلەتكۈم كىلىدۇكى، بىزنىڭ جامەئەلىرىمىز ئىچىدە ھەم ئىسلامغا شۇنچە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر باركى، ئۇنى شۆھرەتلىك ئادەملەر بىلمەيدۇ، نامىنى، نىمە قىلغانلىقىنى ھەم بىلمەيدۇ، بىلىشىنىڭمۇ ھىچ مەنپەئەتى يوق بۇرادەرلەر!
fO!S^<9,- ئۇنى ئىسلامنىڭ خىزمىتىگە شۇنچە ھىرىسمەن قىلىش بىلەن مۇكەررەم قىلغان زات ئۇلارنى ناھايىتى ياخشى تونۇيدۇ. ئۇلارغا ناھايىتى كاتتا مۇكاپاتلارنى بىرىشنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇلارنى شۇنداق مەخپىي قىلىشقا يوللىغان زات ئۆزى ياخشى تونۇيدۇ. چۈنكى بۇ غېرىبلەر ئۆزلىرىنىڭ رىياكار بولۇشىنى خالىمايدۇ. ھەممىمىز غېرىب مەن دىيىشكە ھەققىمىز يوق، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋاز كېچىلگەندە ئاللاھنىڭ كىتابىغا مەھكەم ئېسىلغانلار، مادەمدىكى سۈننەتلەرنى بۇزغان كىشىلەر ئارىسىدا سۈننەتلەرنى ئەھيا قىلىدىغان كىشىلەردىن بولالىساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىيىتقان غىرىبلەردىن ۋە جەننەت بولسۇن دىگەن غېرىبلەردىن شۇچاغدا بولىمىز. ئاخىرىدا « غىرىبلەرگە جەننەت بولسۇن!»
C:$12{I?*