باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1667 
  •    ئىنكاس 
       3 

ئىنسانلار ئەلچىسى قۇياش سېتمىسدىن ئايرىلىشقا ئاز قالدى

قەۋەت ئاتلاش
erpan007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8498

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   55 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4947 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   465 (قېتم)
 تۆھپە:   465  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2957
 سائەت
دەرىجىسى:
2957 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-13
ئاخــىرقىسى:2013-01-23

   ئەنگىلىيەدىكى يەكشەنبىلىك تېلگىراف گېزىتىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: 35يىلنىڭ ئالدىدا قويۇپ بېرىلگەن <ساياھەتچى> ناملىق ئالەم كېمىسى يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇققا كىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ، بۇ <ئىنسانلار ئەلچىسى> نىڭ تۇنجى قېتىم قۇياش سېستىمىسىدىن ئايرىلىشى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك سەپەر ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇنىڭغا پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى قويۇپ بېرىلگەن بۇ ئالەم كېمىسى <يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇق> نىڭ تۇنجى باشلىنىش نۇقتىسىدىن شەكىلسىز چەك چېگراغا ھەر ۋاقىت قەدەم قويۇشقا تەييارلىنىپ بولدى، ئۇلار ھازىر قوياش سېستىمىسىغا ئەڭ يىراق بولغان پېلانىتادىن ئۆتۈپ بولدى ھەمدە قۇياش سېستىمىسىنىڭ چەكسىز بوشلۇقىدىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىنىڭ يېقىندىن تارتىلغا سۈرىتىنى يەرشارىغا يەتكۈزۈپ بەردى. ھازىر <ساياھەتچى1> ناملىق ئالەم كېمىسى يەرشارىدىن تەخمىنەن 11مىليارد كىلومىتىر يىراقلىقتا، ئۇ ھازىر سىكونتىغا 8كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن تېخىمۇ يىراق جايلارغا قاراپ ئۇچۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قېرىندىشى <ساياھەتچى2> ناملىق ئالەم كېمىسى بۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىۋاتىدۇ. }6!m Q  
Y3O/`-9i  
                               9QHV%%  
?g4S51zpp  
                                          تاشقى پىلانىتا جانلىقلىرىغا ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش Xa$-Sx  
.*&F  
      بۇ ئىككى ئالەم كېمىسىگە تاشقى بوشلۇقتىكى ئۇچۇرلارنى توپلايدىغان ئۈسكۈنە ئورنىتىلغاندىن باشقا، يەنە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن  مىس دىسكا سەپلەنگەن، بۇ دىسكىدا ئاۋاز ۋە سۈرەت بار، بۇ كېمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىرەر ھاياتلىققا ئۇچراپ قالسا، مۇشۇ دېسكا ئارقىلىق يەرشارىدىكى تۇرمۇشنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بىرەر تاشقى پىلانىتا ئادىمى بۇ 2 كېمىنى بايقاپ قالسا ھەمدە ئىنسانلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرىنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرالىسا ئۇنداقتا ئۇلارغا تۇنجى قېتىم چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىنسان بۇ يىل 63ياشقا كىرگەن ئان دىرويان بولىدۇ، دىرويان يازغۇچى شۇنداقلا يەنە قوشۇمچە فىلىم ئىشلىگۈچى، ئەينى چاغدا ئۇ ئامېرىكىلىق  ئاسترونومىيە ئالىمى، دوكتور كارل ساگان بىلەن <ساياھەتچى> ناملىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا ھەمكارلاشقان. دىرويان <ساياھەتچى> ناملىق ئالەم ئارا بوشلۇق ئۇچۇر تۈرىنىڭ ئىجادىيەت باش نازارەتچسى، ئۇ بىر تۈركۈم سۈرەت ئەسەرلىرى، مۇزىكا، 55خىل تىلدىكى سالام-سەھەت، دۈمچەك كىتنىڭ ناخشىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغانىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مېڭە ئېلىكتىرو دولقۇنى خاتىرىسىنىمۇ بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئىچىگە قوشۇپ قويدى، ئۇ بۇ ئۇچۇرلارنى ئېلىكترونلوق ئۇسۇل بىلەن بىر مىنۇتلۇق ئاۋاز قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە قاراس-قۇرۇس قىلغان ئاۋاز ۋە پارتلاش ئاۋازلىرىمۇ بار. ;]>a7o  
X*t2h3 "}  
       ئۇ ئۆتكەن ھەپتە مۇنداق دېدى: بىز 1مىليارد  يىل داۋاملىىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۇچۇرلارنى بارلىققا كەلتۈردۈق. بۇ كېمە بىزنىڭ كىملىكىمىزنى باشقىلارغا بىلدۈرىدىغان، ئەڭ يۈرەكلىك ھالدا قارار قىلىنغان پىلانلىرىمىزنى ئېلىپ ماڭدى ھەمدە بىزنىڭ پەرىزىمىزدىكى كەلگۈسىگە قاراپ ئۇچىدۇ.  كىشىلەر دائىم مەندىن ئەگەر راستىنلا تاشقى پىلانىتا ئادەملىرى بولسا، ئۇلار بىزنىڭ ئۇچۇرلىرىمىزنى كۆرسە بىزگە قانداق قارىشى مۇمكىن؟ دەپ سورايدۇ، ئۇلار ئالدى بىلەن بۇ كېمىنى ئۇچرىتىدۇ، بۇ كېمە ئۇلارغا بىز توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. `#?]g!  
!M}ZK(  
       خان جەمەتى ئىلمىي جەمىيتىنىڭ سابىق رەئىسى مارتىن لىس يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەرشارى سىرتىدا ھەتتا قۇياش سىستېمىسى سىرتىدا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۈت ياكى مەۋجۈت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا يەنە 40يىلدىن كىيىن جاۋاب تېپىلىشى مۇمكىن. ئاسمان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئەڭ بۇرۇن بولغاندا 2025-يىلى قۇياش سېستىمىىنىڭ سىرتىدىكى پىلانتىلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرەلىشى، ئاندىن كىيىن بۇ پىلانتىلاردا ھاياتلىقنىڭ  بار - يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلالىشى مۇمكىن. تاشقى پىلانىتا ئادەملىرىنىڭ چەك - چېگراسى يوق بۇ كەڭرى ئالەم بوشلۇقىدا ساياھەتچى ناملىق ئالەم كېمىسىنى بايقاش ئىنتايىن تۆۋەن . ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇ كىمىلەرنىڭ يەنە 40مىڭ يىلدىن كىين ئاندىن بىرەر پىلانتىغا يېقىنلىشالايدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى. ZhFlR*EQ  
#9t3<H[  
{bNVNG^  
iN1_ T  
                                        قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگراسىدىن چىقىشقا ئاز قالدى [y"Yi PK  
7GRPPh<4  
     ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يىراققا ئۇچىدىغان بۇ ئالەم كېمىسى ۋەزىپىسىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئىشخانىسى ئاددىيلا بىر ئۆيگگ ئورۇنلاشقان. بۇ يەردە بىر نەچچە ئالىملاردىن تەشىكىللەنگەن گۇرۇپپا ئالەم كېمىسى تارقاتقان ئاجىز سىگنالنى تاپشۇرىۋالىدۇ. بۇنىڭ باشقا كىشىلەر ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرگە يولۇقىدىغانلىقىى پەرەز قىلىپ بولالمايدۇ. 5ljEh -  
f1`E-  
     <ساياھەتچى1> 1977-يىلى 5-سىنتەبى قويۇپ بېرىلگەن . بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ ئالەم كېمىسىدىن ئەۋەتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ قالدى، چۈنكى بۇ كېمە قۇياش سېستمىسىنىڭ چېگراىسىغا ئازلا قالغان ئىدى. دوكتور سىتون مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋال كىشىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۈرىدۇ، چۈنكى ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن تېز، بۇ بىر ئالەمشۈمۇل سەپەر. <ساياھەتچى> ناملىق ئالەم كېمىسى بىزگە قۇياش سېستمىسىنىڭ  ئەڭ يېڭى مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىپ بەردى. بىز يەنە ھەرخىل  يېڭىلىقلارنى بايقىيالىشىمىز مۇمكىن. مانا بۇ پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچى، يەنە يېڭى ئۇسۇل بىلەن تەبىئەتنى كۆزىتىش ھېسابلىنىدۇ. بۇنى بىر قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە دېيىشكىمۇ بولىدۇ، شۇڭا بىز كەلگۈسىدە يەنە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىى بىلمەيمىز. يۇلتۇز ئارا بوشلۇقتا يەنە نېمىلەرنىڭ بارلقى بىزگە نامەلۇم. |}Z2YDwO/  
ZUS06# t}  
       قۇياشتىن خېلىلا يىراق بولان جاينىڭ تېمپۇراتۇرىسى يەر شارىنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋە، بىراق نۆلدىن تۆۋەن بولغان بۇ تېمپۇراتۇرا ئالەم كېمىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئالەم كېمىسىدە سۈيۈقلۇق يوق. P?Kg7m W  
p5J!j I=  
       بۇ جايدا يەرشارىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇ خۇددى مىكروسكۇپ ئاستىدىكى كىچىك كۆك چېكىتكە ئوخشايدۇ. ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن، ئالەم كېمىسى بىلەن پەقەت سىمسىز رادىيو ئارقىلىقلا ئالاقىلەشكىلى بولىدۇ؛ ئۇچۇرنىڭ يەرشارىغا يېتىپ كېلىشىگە 17سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. g#o9[su  
IEY\l{s  
      ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى ئىشخانىسىدا مەخسۇس مۇشۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 10ئالىمدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا ئالەم كېمىسىنى 24سائت كۆزىتىپ تۇراتتى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 20نەپەر ئالىم قوبۇل قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. DS;.)P"  
)1f.=QZN^;  
      ئالىملار پەقەت قۇياشتىن كەلگەن قۇياش بورىنىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكى، ئالەم نۇرىنىڭ گورزىنتال ھالەتتە كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەنلىكى، ئالەم كېمىسى ئەتراپىدكى ماگنىت مەيدانىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت 3خىل ئالاھىدە سىگنالنى تاپشۇرىۋالسىلا ئىنسانلار ياسىغان بۇ ئالەم كېمىسىىڭ تۇنجى قېتىم قۇياش سېستمىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيتتى. ھازىر بۇ ئىككى ئالەم كېمىسى قۇياش سىېستمىسى ئەتراپىدا شەكىللەنگەن قوغداش چەمبىرىكى يەنى قۇياش نۇرى قەۋىتىنىڭ ئەڭ سىرتقى قىسمىد تۇرۇۋاتىدۇ. -_bDbYL  
U "v=XK)!  
     قۇياش نۇرى قەۋىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قۇياش بورىنى ۋە قۇياشنىڭ ماگىنىت مەيدانى بىرخىل توسالغۇنى پەيدا قىلىپ، ئالەم نۇرى ۋە ئالەم بوشلۇقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن زەرىچىلەرنى توسۇيدۇ، قۇياش سىستېمىسى سامان يولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىۋاتقاندا، خۇددى كېمىنىڭ بېشىغا ئوخاش بۇ نەرسىلەرنى تازىلىۋىتىدۇ. دوكتور سىتون مۇنداق دېدى: قۇياش بورىى قۇياشتىن چىقىپ سائىتىگە نەچچە مىليۇن كىلومىترلىق سۈرئەت بىلەن ئىلگرىلەيدۇ. بوران بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ، مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندىن كىين بۇ بوران يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىكى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىدىن چىققان بوران بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى بوران ئارىسىدا بىرخىل چىگرا پەيدا بولىدۇ. بىز بۇ چەمبىرەكنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. بىز ھازىر بۇ چەمبىرەكنى خېلىلا چۈشىنىپ قالدۇق،لېكىن بىز كونكېرىت ئەھۋالنى بىلىشكە ئامالسىز، چۈنكى بىز ھېلىھم ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز. d3NER}f4V  
ol}}c6  
      ئۆتكەن بىر ھەپتە جەريانىدا<ساياھەتچى1>  دىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قۇياش بورىنىڭ گورىزونتال ھالىتى 7يىل ئىلگىرىكىدىن %90 ئاجىزلىغان، ئالەم نۇرىنىڭ گورىزونتال ھالىتى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن. ماگىنىت مەيدانىنڭ ئۆزگىرىشى ھەرۋاقىت يۈز بېرىشى مۈمكىن. دوكتور سىتون مۇنداق دېدى: ئالەم كېمىسىنىڭ قاچان قۇياش سېستمىسىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمىز، بەلكىم بۇنىڭغا بىر نەچچە كۈن، بىر نەچچە ئاي ياكى بىر نەچچە يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، بىراق ئاز قالدى. بىز ھازىر كۈندە دېگۈدەك يېڭى نەرسىلەرنى ئۇچرىتىۋاتىمىز. "g5MltH  
A-u!{F  
@XVx{t;g2  
/sSM<r]5j  
                                     35يىللىق سەپەردكى يېڭىلىقلار H %ScrJ#V  
}S{VR(i`J  
      قۇياش سېستمىسىنىڭ چىگراسىغا قىلىنغان بۇ سەپەردە ساياھەتچى ناملىق ئالەم كېمىسنىڭ بىزگە قۇياش سېستېمىسىدىكى يېڭىلقلارنى نامايەن قىلغان قېتىم سانى ھەر قانداق بىرئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىدە نامايەن قىلىنغان يېڭىلىقلاردىن كۆپ. ئۇ چىگرادىن باشلاپ يۇپىتىر ساتورىن، ئۇران ۋە نېپىتون قاتارلىق پىلانتىلارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، پىلانتىلارنىڭ يېقىن ئارىلىقتا تارتىلغان سۈرەتلىرىنى بىزگە تۇنجى قېتىم يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ ۋەزىپە باشلىنىشتىن بۇرۇن، بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر ھەرىكەتتىكى يانار تاغ ۋە دېڭىز يەرشارىدا ، دەپ قارىلاتتى.  بىراق بۇ ئالەم كېمىسى قۇياش سېستېمىسىدكى بىر قىسىم پىلانتلارنىڭ سۈنئىي ھەمراسىدا مۇز پارچىسى ۋە يەرشارىدىكى مۇھىم ئېلىمىت بولغان ئازوتنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. بۇ ئالەم كېمىلىرى ھازىرمۇ ئالىملارغا قۇياش نورى قاتلىمىنىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى  ۋە قۇياش سىستمىسىنى ئوراپ تۇرغان ماگىنىت مەيدانى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. h~ q5GhY!9  
lU`t~|>r+  
      مانچىستىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىزىكا مۇتەخەسىى قۇياش سېىتمىسىدىكى مۆجىزە ناملىق پروگراممىنڭ رىياسەتچىسى پروفىسور بىرائىن  كوكس مۇنداق دېدى: مەن ساياھەتچى ناملىق ئالەم كېمىسى بلەن تەڭ چوڭ بولدۇم، 1977-يىلى مەن بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يۇپىتىر، ساتورىن، ئۇران ۋە نېپىتونلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار بىز ئىنسانلارنىڭ قۇياش سېستمىسىغا بولغان چۈشەنچىمىزگە يېڭىلىقلارنى ئاتا قىلدى بۇ ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىلەردىن بەكرەك زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالىملار ھازىر قۇياش سېستمىسىنىڭ سىرتىدا نېمە بارلىقىغا بەكرەك قىزىقىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئالەم كېمىسىنىڭ شۇ مۇھىتقا  ماسلىشالماي قېلىشىدىن ئەندىشە قېلىۋاتىدۇ. قۇياشنىڭ قوغداش قەۋىتىدىن ئايرىلسا، بۇ كېمىلەر ئالەم بوشلۇقى نۇرنىڭ بېسمىغا ئۇچرايدۇ، بىراق دوكتور ستون ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بۇ كېمىلەرنىڭ تەسرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قاراۋاتىدۇ. ساياھەتچى ناملىق ئالەم كېمىسى قوياش سېستمىسىدىن ئايرلغان ھامان نەچچە مىليۇن نۇر يىلى يىراقلىقتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىدىن پەيدا بولغان زەررىچىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە قۇياش سېستمىسىنىڭ سىرتىدىكى ئالەم بوشلۇق نۇرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە زىچ ئىكەنلىكىنى بىزگە نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. L }R-|  
I0G[K~gb  
      ساياھەتچى ناملىق ئالەم كېمىسىدىكى رادىياتسىلىك ئىزوتوپ ئېلىكتىرىك قىزدۈرغۇچلىق ئېلىكتى ئېنىرگىيىس ئۇنىڭ 2020-يىلىغىچە داۋاملىق ئۇچۇشىغا يتىپ ئاشىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئالىملار بۇ كېمىلەردىكى ئۈسكۈنىلەرنى توك تىجەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا بۇ ۋەزىپىنى  يەنە نەچچە ئون يىل ئۇزارتقىلى، شۇنداقلا ئان دىروياننىڭ دىسكىسىى تېىخمۇ يىراقلارغا ئەۋەتكىلى بولىدۇ. ^~s!*T)\  
NKiWtZ"  
&td   
- x;xQ  
k{bC3)'$#R  
(/ -90u  
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى /Eu|Jg=I  
F6_e n z  
   ~VV$wU!A  

تېما تەستىقلىغۇچى : zulpikar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-10-26, 23:01
 
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33171 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3039 (قېتم)
 تۆھپە:   2748  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7072
 سائەت
دەرىجىسى:
7072 سائەت 328 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-01-19
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-26

     بۇنداق تېمىلارغا تەسەۋۇرغا باي قەلەمكەشلەرلا بىر نىمە دەپ باققىنى تۈزۈك.
 
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
ziba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   114 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3997 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   159 (قېتم)
 تۆھپە:   126  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 497
 سائەت
دەرىجىسى:
497 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-08
ئاخــىرقىسى:2013-01-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-27

مەنمۇ بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمەيدىكەنمەن.........
 
amin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9135

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   223 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13853 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1325 (قېتم)
 تۆھپە:   1325  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 729
 سائەت
دەرىجىسى:
729 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-17
ئاخــىرقىسى:2013-01-17
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-27

35 يىل ئۇچقانمىدا ئۇ نىمە ؟
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ، ئاللاھ سىنىڭ ئەھۋالىڭنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى