باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       709 
  •    ئىنكاس 
       1 

ھۆرمەتنىڭ قىممىتى ۋە ھېكمىتى

قەۋەت ئاتلاش
ھەققانى

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7803

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   598 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   37307 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3597 (قېتم)
 تۆھپە:   4597  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10583
 سائەت
دەرىجىسى:
10583 سائەت 217 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-09
ئاخــىرقىسى:2013-09-12

ھۆرمەتنىڭ قىممىتى ۋە ھېكمىتى \($EYhx  
a'f0Wv0%"  
ئاپتورى : ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد TI{W(2O*  
Sri,sZv  
4}:a"1P"  
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، سورۇن - يىغىلىشلاردا دائىم دېگۈدەك چوڭلارنىڭ، ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ ياكىباشقا بىراۋلارنىڭ ئاغزىدىن «كىشىلىك ساپا»، «كىشىلىك قەدىر - قىممەت ۋە ئۆزئارا ئىززەت- ھۆرمەت» ھەققىدە ئېيتىلغان بايانلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلۇغ ھەم پاساھەتلىك ھېكمەت - دۇردانىلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. مەتبۇئات، تارقىتىش ۋاسىتىلىرىمىزمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ماقالە- ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ روھىيىتى، سۆز - ھەرىكىتىگە مۇناسىپ ھالدا دىئاگنــوز قويۇپ، خىسلەتلەرگە ئىلھام بېرىپ، ئىللەتلەرنىسۆكۈپ، ئەل - ئاۋامنى توغرا يولغا يېتەكلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش. ۋەھالەنكى، شۇنچىلىك دۇردانە ھېكمەتلەر، قايىل قىلارلىق ۋە تەسىرلىك ۋەز - نەسىھەتلەر ئايرىم كىشىلەرگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەي كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆزىدىن باشقا كىشىلەردىن ئاغرىنىش، نارازى بولۇش پۇرسىتى كۆپ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ زادى قانداق ئىش؟ gf `uC0  
كىشىلىك قەدىر- قىممەت ياكىئەقەللىي «ساپا»نى شەكىللەندۈرگۈچىمۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتى ياكىئەمەلىيىتىدىن ئىبارەت. مېنىڭچە، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋەياكى ئاللىقانداق ئىشلاردا «باشقىلارنى ھۆرمەتلەش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەسىلىگە سەل قاراپ كەلگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، ھۆرمەتلىنىش ۋە ھۆرمەتلەش __ ھەربىرنورمال ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئاڭ، مۇقەددەس ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت، بۇ يەردە بىز تىلغا ئېلىۋاتقان «كىشىلىك ساپا»نىڭ مۇھىم بۆلىكى. «ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە مۇئەييەن دەرىجىدە ھۆرمەتلىنىش، قەدىرلىنىش ئىستىكى بولىدۇ. بۇنىڭدىن قەدىر - قىممەت تەمەسىنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەربىر ئادەمنىڭ بۇ ئىستىكىنى ھەقلىق ۋە قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئىنسانلاردىكى بۇ خىل ئىنتىلىشنى ئىنكار قىلىش ئەڭ چوڭ سەمىمىيەتسىزلىك. چۈنكى، قەدىر - قىممەت ئادەملەرنىڭ بۇ دۇنيادا ئېرىشىشكە تېگىشلىك بەھرىمەنلىك ھەققىنىڭ مۇھىم سالمىقىنى ئىگىلەيدۇ... ئادەملەردىكى مۇشۇنداق نازۇك پسىخىكىلىق تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، دۇنيادىكى ئاجايىپ قەھرىمانلىق، قۇربان بېرىش، مۇكاپاتلىنىش، قەبرە قاتۇرۇش... قاتارلىقلار دەل كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى بەھرىمەنلىك تەلىپىگە بېرىلگەن جاۋاب» («ياشاش مەنتىقىسى»دىن.) شۇڭلاشقا، بىلىمىھەرقانچە يۇقىرى، ئىلمىي ئۇنۋانلىرى ھەممىدىن ئۈستۈن، ئەمەل - مەنسىپى ئاسمانغا تاقاشقان كىشى بولسىمۇ، ياكىپۇل-مېلى ئېشىپ - تېشىپ تۇرغان كىشى بولسىمۇ، ئەگەر ئۇنىڭدا باشقىلارنىئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا كۆرۈپ ھۆرمەتلەيدىغان تونۇش، توغرا، ھەققانىي، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان ئىنسانىي پەزىلەت بولمايدىكەن، ئۇنداق ئىنسان ئۇلۇغ بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس؛ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ كاستۇم- بۇرۇلكا بىلەن ياكى كاتتا ئايۋان- ساراي بىلەن ۋەياكى ھېسابسىز پۇل - مال بىلەن نىقابلانغان ساختا ساپالىق، ئاتالمىش داڭلىق شەخستۇر. چەت ئەللەردىن كەلگەن مۇنداق بىر ھېكايە بار: +kF$I7LN  
ئۇتۇق قازانغان بىر داڭلىق سودىگەر بولۇپ، كوچىدا كىيىم-كېچەكلىرى جۇل - جۇل بولۇپ كەتكەن بىر قەلەم ساتقۇچىنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ قاپتۇ. ھېچ ئويلانماستىنلا، يېنىدىن ئون دوللار پۇلنى چىقىرىپ، قەلەم ساتقۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپلا ئارقىسىغابۇرۇلۇپ مېڭىپتۇ. بىر قانچەقەدەم ماڭا - ماڭمايلا، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىنىڭ تازا جايىدا بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال قايتىپ كېلىپ قەلەم ساتقۇچىدىن كەچۈرۈپ سورىغان قىياپەتتە، «پۇلنى بېرىپ قەلەم ئېلىشنىئۇنتۇپ قالغانلىقى»نى چۈشەندۈرۈپتۇ. ئايرىلىش ئالدىدا، قەلەم ساتقۇچىغا ئۇ: «كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئەپەندى. مەنمۇ سىزگە ئوخشاش سودىگەر ئەمەسمۇ؟» دەپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن، سودا ماھىرلىرى توپلاشقان ھەشەمەتلىك سودا يەرمەنكىسىدە، يەرمەنكىگە كەلگەن سودىگەر ۋە خېرىدارلارغا ئۆزىنىڭ ماللىرىنى كۆرسىتىۋاتقان سالاپەتلىك بىر كىشى بۇ داڭلىق سودىگەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، خۇشاللىق بىلەن ئۆزىنىتونۇشتۇرۇشقا باشلاپتۇ: «سىز بەلكىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتىڭىز، مەنمۇ سىزنىڭ نام - شەرىپىڭىزنى بىلمەيمەن، لېكىن سىز ماڭا ئۆز ئىززەت - ھۆرمىتىمنى ۋە ئىشەنچىمنى قايتىدىن بەرگەن كىشى. دوقمۇشتا غېرىبسىنىپ ئولتۇرۇپ، مەن سىزنىڭ >مەنمۇ سىزگە ئوخشاش سودىگەر ئەمەسمۇ؟< دېگەن سۆزىڭىزنى ئاڭلىغانغا قەدەر، ئۆزۈمنى بىر >ئادەتتىكى قەلەمپۇرۇش< ھېسابلاپ كەلگەن ئىدىم...» Q ^%+r"h  
دەل مۇشۇ «سودىگەر» دېگەن بىر ئېغىز ئاددىي سۆز، چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنىيوقاتقان بىر ئىنسانغاقايتىدىن غۇرۇر ئاتا قىلىپ، ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدىن ئۆز ئىشەنچىنى تېپىشقا ياردەم قىلغان. ئىنسانىي غۇرۇر ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئويغانغانلىقى ئۈچۈن، دوقمۇشتا ئولتۇرۇپ جان باقىدىغان قەلەمپۇرۇش ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى قايتىدىن تونۇپ يەتكەن؛ ئىزدىنىش، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، چوڭ سودىگەرگە ئايلانغان... ئەگەر بىر يىل بۇرۇنقى ھۆرمەت بىلەن ئېيتىلغان شۇ بىر ئېغىز سەمىمىي ئىلھام بولمىغان بولسا، نەچچە مىڭ تىللا پۇل بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى نامرات قەلەندەر دەپ تونۇپ يۈرگەن ئادەم قانداقمۇبۈگۈنكىدەك غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ شاھىدى بولالىسۇن؟ مانابۇ ھۆرمەتنىڭ كۈچى! \BC|`)0h  
مەلۇمكى، ھۆرمەت بىر خىل ئىنسانىي ئېسىل خىسلەت، باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنى چوڭمۇتۇتماي، باشقىلارنى پەس كۆرمەي مۇئامىلە قىلىدىغان ئىنسانىيباراۋەرلىك، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ كىشلىك قەدىر- قىممىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش. بۇ ھەقتە پىر - كامىللارنىڭ ھېكمەتلىرىنى نەقىل قىلىش مۇمكىن. گىيوتىمۇنداق دەيدۇ: « ئۆزۈڭنى ئۆز قابىلىيىتىڭدىن ئۈستۈن قويۇشۇڭمۇ، ئۆزۈڭنى كەمسىتىشىڭمۇ توغرا ئەمەس»؛ ب گراسىئەن مۇنداق دەيدۇ: « ئۆزۈڭنى ھۆرمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلساڭ، ئۆزگىنى ھۆرمەت قىل»؛ ئارستوتېلشۇنداق دەيدۇ: « ئىززەت تىلىسەڭ، ئىپپەتلىك بول؛ ئۇلۇغلۇق تىلىسەڭ، مۇلايىم بول؛ زەپەر تىلىسەڭ، ئادالەت يولىنى تۇت؛ قەدىر تىلىسەڭ، راستچىل بول؛ نىجادلىق تىلىسەڭ، سەۋرلىك بول؛ ئىلىم ئۆگەنمەك بولساڭ، تىرىش ۋە تىرماش». بۇيەردىكى «باشقىلار» ئۆزىمىزدىن باشقا كىشىلەر− قېرىنداشلار، تونۇش، ناتونۇشلار، كەسىپداش ياكى باشقا كەسىپتىكىلەر، ھەتتا باشقا مىللەت كىشىلىرى، باشقا ئەل كىشىلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدە، باشقىلارنىڭ ئىززەت نەپسىنى ساقلىشىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۆرپ- ئادىتى، تىلى، ئېتىقادى ۋە ياكى باشقا تاللاشلىرىغا ھۆرمەت قىلىش... قاتارلىقلار دەل مۇشۇ ھۆرمەتنىڭ مەزمۇنلىرىدۇر. Fx']kn9  
ئادەتتە، دۇنيادا كامالەتكە يەتكەن- نۇقسانسىز ھېچقانداق بىر كىشى بولمايدۇ. نورمال تۇرمۇشتا، بىزنىڭ باشقىلارغا ئۇلۇغ زاتلاردەك نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز ۋە باھانىمىز يوق، شۇنداقلا باشقىلارنى مازاق قىلىش، پەس كۆرۈش سالاھىيىتىمىزمۇ يوق. چۈنكى، ھەرقانداق ئادەم ياراتقۇچى ئالدىدا ئاددىي بەندە، قانۇن ئالدىدا باراۋەر پۇقرا. شۇنداق ئىكەن، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ بەزى تەرەپلىرى سىزگە يەتمىسە، سىز ھاكاۋۇرلۇق ۋە ھۆرمەتسىزلىكىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلماڭ؛ باشقىلارنىڭ بەزى تەرەپلىرى سىزدىن ئۈستۈن بولسا، سىز ئۆزىڭىزنى تۆۋەن چاغلاپ، ھەسەتخورلۇق قىلىپ ھۆرمەتنى ئۇنتۇپ قالماڭ. "|{O%X  
«ھەقىقىي ھۆرمەت»نى بىلىدىغان بىر كىشىدە، باراۋەر بولغان پوزىتسىيە، نۇرمال پسىخىكىلىق كەيپىيات، تۇراقلىق روھى ھالەت بولىدۇ. ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرگە يەنى كەسىپتىكى كۈچلۈكلەر ۋە ئاجىزلارغا، باي ياكى نامراتلارغا، بەختلىك ۋە بەختسىزلىككە، ئەر ياكىئاياللارغا توغرا، ئەقەللىي مۇئاملە قىلىدۇ. /[YH W]  
بىز تەكىتلەۋاتقان «ھۆرمەت» ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە چوقۇنۇش ياكى ماختاپ ئۇچۇرۇشمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ھېچقانداق پرىنسىپى يوق ھەددىدىن زىيادە كەمتەرلىكمۇ ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، باشقىلارنىھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىۋالغانلىق، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالغانلىققا تەڭ ئەمەس. باشقلارنى ھۆرمەت قىلىش كەڭ دائىرىدىكى ئىلىم بولۇپ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋالغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىلىمنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەھمىيىتى ناھايتى چوڭ بولىدۇ. hv18V>8  
مېنىڭ بىر تولۇق كۇرسنى پۇتتۇرگەن ساۋاقدىشىم بىر نازىر دەرىجىلىك كادىرنىڭ ئىشخانىسىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ كادىرنىڭ نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلىرى دوستۇمنى قايىل قىپتۇ. راستچىللىقى، ھەقىقانىيەت تۇيغۇسى، خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى، تۇرمۇشتىكى ئاددىي - ساددىلىقى، كەڭ قورساقلىقى قاتارلىق پەزىلەتلىرى ئىچىدە، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بۇ ئېسىل ساپاسى دوستۇمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپتۇ. دوستۇم شۇ ئىدارىدا ئىشلىگەندىن بېرى، ھەر قانداق كىشىنى «سىز» دەپ ئاتاپ، ئوچۇق چىراي مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ باشلىقنىڭ ئاغزىدىن «سەن» دېگەن بىر ئېغىز گەپنىمۇ ئاڭلىماپتۇ. روھى جەھەتتىكى بۇنداق ئوزۇق دوستۇمنى ئۆزكەسپىگە بولغان ئىشتىياقىنى ئاشۇرۇپ، بىر خىل ياخشى كەيپىيات ئىچىدە كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن خىزمەت قىلىشقا نائىل قىپتۇ... LGq}wxq  
بىزنىڭ نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىز بار، چوڭ - كىچىك ئورۇنلاردا مەنسەپ تۇتقان مەنسەپدارلىرىمىز بار، تۈرلۈك يول، ۋاسىتىلەر بىلەن پۇل تاپقان بايۋەچچىلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن كىشىنىڭ دىلى سۇ ئىچىپ، كۆڭلى سۆيۈنىدۇ. ئەمما، بەزىلىرى ئۇنداق ئەمەس: كاستۇم - بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كېيىپ، گالىستۇكنىتاقاپ، ئايىغىنى پارقىرىتىپ يۈرىدۇ ۋە دەماللىققا شۇنداق سالاپەتلىك، « ساپالىق» كۆرۈنىدۇ، لېكىن باشقىلارغا سۆز قىلغاندا، دەستۇر - كالاملاردىن نەقىل كەلتۈرىدۇ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، كۆرەڭلەپ ئەتراپىدىكىلەرگە كىبىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ دادىسىدەك، ئانىسىدەك ئادەملەرنىمۇ سەنلەپ كېتىدۇ. بەزىلىرى ئېلىم - بېرىمدە لەۋزىدە تۇرمايدۇ، ئەقەللىي ۋاقىت قارىشى يېتىلدۈرمەيدۇ، نورمال ئىشلارغا ساختىلىق ئىشلىتىشنى قولدىنبەرمەيدۇ؛ كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى ئارتۇقچە ئىش ھېسابلايدۇ. سەمىمىي بولۇش، ھەققانىي بولۇش، مېھرىبان بولۇشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ... ئومۇمەن ئۆزىنى كۆرسىتىشنى، ئۆزىنى مەركەز قىلىشنى ئويلىۋېلىپ، باشقىلارنىھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئاساسىيقاتلاملاردىكى بىرقىسىم باشقۇرغۇچىلار، ئىش بېجىرگۈچىلەرچۇ؟ قىزىقچىلار ئويلاپ تاپقان «ھوشۇقتىن دېڭ دېڭيامان، ساقچىدىن مىنبىڭ» دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىسا كېرەك. بىر كۈنىمەلۇم بىر ئىش بىلەن X بانكىسىنىڭ مەركىزىي شەھەردىكى بىر تارماق بانكىسىغا كىرىپ قالدىم. ئادەتتىكىچە كىيىنگەن، روھىي ھالىتى تۆۋەن بىر كىشى بانكىنىڭ مۇلازىمەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى( باۋ ئەن) دىن تۆۋەنچىلىك بىلەن بىر نەرسىلەرنى سورىماقتا ئىدى، ھېلىقى «باۋ ئەن» شۇنداق كۆرەڭ تۇرۇقتا ھېلىقى بىچارە كىشىنى سەنلەپ، سىلكىشلەپ بىر نېمىلەرنىچۈشەندۈرمەكتە ئىدى. « ھەي، ساپا دېگەن نۆلكەنغۇ بۇ باۋ ئەندە !»دەپ كەتتىم. قېتىرقىنىپ زامانغا لايىق ھۈنەر، بىلىم ئىگىلەش، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئەخلاققا ۋارىسلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەقەللىيسى، باشقىلارنىڭ نورمال ئىنسانىي ئىززەت - ھۆرمىتىنى، قەدىر - قىممىتىنى قىلماي تۇرۇپ، قاچانمۇ ساپالىق بولارمىز؟ كېيىنىشتە ئۆزىدىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان، بىرەر ئىشتا ئالدىغاھاجەتمەن بولۇپ بارغانلا ئادەمنى سەنلەپ كېتىشلەر...ھەي ي، بۇنداق «ساپا» تونىغا ئورۇنىۋالغان ماڭقۇرتلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق ئىشلارنىھەممىلا جايدا- ماگىزىنلاردا، ئورگانلاردا، قاتناش يوللىرىدا، كەسپىي ئورۇنلاردا ۋە ياكى باشقا جايلاردا ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ kQXtO)  
جەمئىيەت دېگەن مۇرەككەپ قۇرۇلما، ئۇنىڭدا ھەممە تەركىب: باي- كەمبەغەل، ئەمەلدار - پۇقرا، باشقۇرغۇچى - باشقۇرۇلغۇچى، ئىشلەتكۈچى - ئىشلىگۈچى، ئۆگەتكۈچى - ئۆگەنگۈچى، ساتقۇچى- ئالغۇچى، ھاجەتمەن... تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ، پەقەت جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى، تۇرمۇشنىڭ نورمال ئېكولوگىيىسى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئادەملەردىكى يۇقىرى - تۆۋەنلىكنى، ئېزىز - خارلىقنى ئايرىيدىغان ئامىل ئەمەس. شۇنىڭدەك، بۇ، مۇئەييەن ۋاقىت، مۇئەييەن شارائىتتىلا شۇنداق بولىدۇ، يەنەباشقا سەۋەب - نەتىجىلەر نەتىجىسىدە، ئۇ خىل ھالەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. بۇنىئۇنتۇپ قالساق ھەرگىز بولمايدۇ. (l : ;p&[  
زىياپەتچىلىككە تولغان جەمىئىيىتىىزدە، دائىم دېگۈدەك توي- تۈكۈن ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبلىكسورۇنلارغا يىغىلىپ قالىمىز. بۇ خىل سورۇندا تونۇش - ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قالىمىز. تاماقلار تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، سورۇنغا مايمۇنغا ئايلاندۇرۇش دورىسى − مەي - شاراب شەلپەرلىكپەتنۇسلارغا ئولتۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بەزىلەر ئىچىدۇ، بەزىلەر ئىچمەيدۇ. ساقى بولغان بىرى سوئال - سوراقنى باشلايدۇ. «ئىچمەيمەن» دېسىڭىز، باشتا ساختاھۆرمەت بىلەن تەكەللۇپ قىلىدۇ، يەنە چىڭ تۇرسىڭىز قىيداش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ... خۇددى سىز ھارىقىنى ئىچمىسىڭىز، شۇ زامات بىر نېمىسى ئۆلۈپ قالىدىغاندەك! ئەتراپتىن سالاچىلار قوپىدۇ، يەنە چىڭ تۇرسىڭىز، گويا سىز كەچۈرگىسىز گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك، تۈرلۈك شەكىلدىكى سېسىق گەپ، تەنىلەر پارتلاپ كېتىدۇ! ئىچمەيدىغان ئىرادىسى بوشراقلار نومۇس كۈچىدىن چىدىماي ئىچىپ كېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن، «مەستلىك − پەسلىك، نەسلىك » دېگەندەك، بىرمۇنچە ئىناقسىزلىق، ئاۋارىچىلىق، بەختسىزلىككە يول ئېچىلىدۇ. تېخى بەزىلەر: «ھاراق ئىچمىسەڭ، ئىستىقبالىڭ بولمايدۇ، كىشىلەر قاتارغا ئالمايدۇ، ئوغۇل بالىغا 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ يەي...» دېگەندەك «ھەقىقەت»لەرنىسۆزلىشىپ ئەزۋەيلىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق سورۇندا ھاراق زورلايدىغانلار يا ئاز - تولا ھوقۇقى بار مەنسەپدارلار، يا ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىلىرىمىز، ۋەياكى ئاتالمىش يۈز- ئابرۇيلۇق كىشىلىرىمىزدۇر... ئاشۇنداق بىرقىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ «يۈزى»نى پەش قىلىپ، باشقىلارنى ئىرادىسىگە خىلاپ بولغان گەپنى، ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. لېكىن، يەنە شۇنداق ئېسىل ساپالىق كىشىلەرمۇ بار: كىشىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەق - ناھەق مەسىلىلىرىدە دادىل ئارىغا چۈشۈپ، بولمىغۇر ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدۇ. مانا بۇ نۆۋەتتىكى «ساپالىق» بولۇشنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى. R*I{?+  
ئېنىقكى، سىز بىرسىنى قانچىلىك ھۆرمەت قىلسىڭىز، قارشى تەرەپمۇ سىزگە شۇنچىلىك قايىل بولۇپ، سىزنى ھۆرمەت قىلىدۇ، كىشلىك مۇناسىۋەتلەر راۋان، تۇرمۇشىمىز گۈزەل، جەمئىيەت ئىناق بولىدۇ. بۇنىبىز تاغدىكى ئەكسساداغا ئوخشاتساق بولىدۇ. مىسال: سىز تاغقاقاراپ، قانچىلىكئاۋازدا، قانداق سۆزنى قىلسىڭىز، قايتىپ كېلىپ قۇلىقىڭىزغا ئاڭلىنىدىغان سادامۇ شۇ بولىدۇ! /7X:=~m  
مۇنداقچە ئېيتساق، ھوقۇقى تۆۋەنلەرنىڭ شۇنداقلا پۇقرالارنىڭئەمەلدارلارغا، كەمبەغەللەرنىڭ بايلارغا، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتى چۈشكۈچىگە... خۇشامەت قىلىش ۋەزىپىسىمۇ يوق، شۇنداقلا ئەمەلدارلارنىڭ، بايلارنىڭ ئاددىي كىشىلەرگە، ئەل - ئاۋامغا ھۆرمەت قىلماسلىقىنىڭ ئاساسىمۇ يوق. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز-ئارا ئىززەت- ھۆرمەت قىلىش يۇقىرى - تۆۋەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسى. كىشىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە بىر- بىرىمىزنى ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىش ھەرگىزمۇ بىر تەرەپنىڭ يەنە تەرەپتىن قورققانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغان ساپالىق كىشى ئىكەنلىكنىڭ بەلگىسى، خالاس. d V#h~  
}~$zdgMT  
مەنبە؛ ۋىسال سىتۇدىيە تورى OpmI" 4{+  
=if5$jE3  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-10-23, 10:10
خەتكۈچ: ئەسەر
 
manturk
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10110

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   250 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   25 (قېتم)
 تۆھپە:   25  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3440
 سائەت
دەرىجىسى:
3440 سائەت 60 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-02-24
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-23

ناھايتى  ئەھمىيەتلىك  تىما  بۇپتۇ  .  يۇسۇپ خاس ھاجىپ شۇنداق  دەپتۇ   :  ‹‹ سىنى  بىراۋ  سەنلىسە  سەنلە ،  سىزلىسە  سىزلە  ››  مانا  بۇ  ئادىللىق .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى