تۈرك تىلى توغرىسىدا
k$pND,Ws تۈركلەر تارىخىدا ئورخۇن – تۈرك ، ئۇيغۇر – سوغد ، ئەرەپ – ئىسلام ، كىرىل – سىلاۋيان ، لاتىن شۇنداقلا مانى ، براھمى ، سۈرىيان ، رۇم قاتارلىق يېزىقلارنى قوللانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ، ئەڭ ئاخىرقى تاللىشى بولغان لاتىن يېزىغى ئاساسىدىكى تۈۋەندىكى يېزىق سېستىمىسىنى ئىزچىل قوللۇنۇپ كەلمەكتە .
m!=5Q S3Z
ukRmjHbLf ئىزاھات : =d]}7PO~ ① بۇ جەدۋەلدە كۆرسۈتۈلگەن W , X , Q ھەرپلىرى تۈرك تىلىغا چەت تىللاردىن كىرگەن بەزى سۆزلەملەر ۋە خاس ئىسىملارنىڭ ئىملاسىنى ئەسلى شەكلىگە ماس ھالدا توغرا يېزىشقا مۇمكىن بولسۇن ئۈچۈن لاتىنچىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، ئەسلى تۈرك تىلى يېزىغى سېستىمىسىدىكى ھەرپلەر تەركىۋىگە كىرمەيدۇ . بۇ يەردە « Q » ھەرىپى توغرۇلۇق بىرىلگەن بەزى مەلۇماتلاردا مۇنداقمۇ دېيىلىدۇ : « ئاتا تۈرك قول يازما چوڭ ھەرپلىرىنى يېزىشنى بىلمەيتتى . پەقەتلا كىچىك ھەرپلەرنى چوڭايتىپ يېزىش بىلەن بولدى قىلاتتى . شۇڭا ، « كەمال » نىڭ باش ھەرىپىنى دەسلەپتە كىچىك يېزىلىدىغان « q» نىڭ چوڭايتىلمىسى بىلەن ، كېيىن بولسا « k » نىڭ چوڭايتىلمىسى بىلەن يازدى . بۇلاردىن بىرىنچىسى كۆڭلىگە زادىلا ياقمىدى . بۇ سەۋەپتىن « Q » ھەرىپىدىن قۇتۇلدۇق .»
wSPmiJ/! ② Q ھەرىپى ــ كونۇپكا تاختىسىنىڭ بىر تۈرىگە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر كونۇپكا تاختىسىنىڭ سول ئۈست تەرىپىدىكى بىرىنچى ھەرپ « Q » بولسا ، بۇ تاختا « Q » بىلەن باشلانغان ۋە ئىنگىلىزچە كونۇپكا تاختىسى دېيىلىدۇ . تۈركلەردىن كۆپچىلىگى ئادەتتە تۈرك تىلىغا بولغان مۇھەببىتى سەۋەپلىك كۆپ ئەھۋالدا «F» بىلەن باشلانغان كونۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىدۇ .
k4E9=y? تۈرك تىلى يېزىغىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىگى dczSW]% 1) سېلىشتۇرما جەدۋەلدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، تۈرك تىلىدا بىر خىل ھەرپ بىر خىل تاۋۇشنىڭ بەلگىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا ھەر – بىر ھەرپنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە قائىدە – پىرىنسپ كېرەك ئەمەس ، پەقەت ھەرپلەرنىڭ نامىنى بىلىۋالساق ۋە نىمە دەپ يازماقچى بولساق شۇنىڭغا ماس ھەرپلەرنى ئىشلەتسەكلا كىپايە .
Ge7B%p8 2) تۈرك تىلىدىكى ھەرپلەر بەلگىلىك ماسلىشىش شەكلى بۇيىچە قوللىنىلىدۇ .
n$9Xj@+ بۇ جەھەتتە :
C ,|9VH (1) تۈرك تىلىدىكى ھەرپلەردىن a ، ı، o ، u لار قېلىن سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى دىيىلىدۇ ۋە سۆزلەم تەركىۋىدە بۇلاردىن باشقا سوزۇق تاۋۇشلار بىرلىكتە كەلمەيدۇ . مەسىلەن : kalın ( قېلىن) ،yuvarlak ( يۇمۇلاق) ، boşluğunda ( بوشلىغىدا ) غا ئوخشاش . ئەمدى سوزۇق تاۋۇش شەكىللىرىدىن e ،i ، ö ، ü لەر بولسا ئىنچكە سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى دىيىلىدۇ ۋە سۆزلەم تەركىۋىدە بۇلاردىن باشقا سوزۇق تاۋۇشلارمۇ بىرلىكتە كەلمەيدۇ . مەسىلەن : geniş ( كەڭ ) ، ince( ئىنچكە ) ünlüler ( سوزۇق تاۋۇشلار ) گە ئوخشاش .
G?61P[j7 تەپسىلىيرەك كۆرىدىغان بولساق :
ck3+A/ !z a → a , ı : alçak , açık ; e → e , i : ekmek , ekin ; ı → ı , a : ıslak , ışık ; i → i , e : içecek , içki ; o → a , u : ocak , okul ; ö → ö , ü : öukü , üzüm ; u → u , a : uçak , uyku ; ü → ü , e : üçgen , ütü ;
xq=!1> تۈرك تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار مۇتلەق كۆپ ئەھۋالدا مانا شۇنداق ماسلىشىشچانلىققا ئىگە . چەت تىللاردىن كىرگەن بەزى سۆزلەملەرمۇ بۇ قائىدىگە چۈشىدۇ . ئەمما بۇ قائىدىگە چۈشمەيدىغانلىرىمۇ بار . مۇنداق قائىدىسىزلىك مەۋجۇت سۆزلەملەر جۈملىدىن تۈرك تىلىنىڭ ئۆزىدىمۇ بار . ساپ تۈركچە سۆزلەمدىكى قائىدىسىزلىك بولسا ئىستانبۇل تەلەپپۇزىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان . مەسىلەن : , elma ( alma ) , kardeş ( kardaş , karındaş ) , hangi ( hangı ) anne (ana) قاتارلىقلاردەك
;jN1nxF ئەمدى ، بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىككى ، بىرىكمە سۆزلەملەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ مۇتلەق ماسلىشىشچانلىغىنىڭ بولىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ . مەسىلەن : çiçektozu , başkent akciger , karadeniz , hanımeli , دىگەندەك .
5FF28C)>/ (2) تۈركچىدە قوشۇمچىلار سۆزلەملەرنىڭ تۇمۇر قىسمىدىكىدەك ماس ھالدا ئۇلىنىپ كېلىدۇ . مەسىلەن : duy - mak , çiçek - li , anlam - lı , duy - gu - lu , çiçek - sizگە ئوخشاش .
NL;sn" ئەمما تۈركچىدىكى يۈزلىگەن قوشۇمچىلاردىن بەشى مۇنداق ماسلىقنى ھاسىل قىلالمايدۇ . مەسىلەن:
A1`6+8}o;b -yor : geliyor , gidiyor , gülüyor ; - ken : açarken , bakarken , yaşarken ; - ki : akşamki , sabahki , arabanınki ; - layin : akşamleyin , sabahleyin ; - (i)mtırak : yeşilimtırak , ekşimtırak , mavimtırak; imtırak قوشۇمچىسىدىكى - i تاۋۇشى سۆزلەملەردىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسىگە بويسۇنىدۇ . مەسىلەن :acımtırak , ekşimtirek , geceleyim , akşamlayın قاتارلىقلاردەك . ئەمما چەتئەل تىللىرىدىن كىرگەن بەزى سۆزلەملەردىكى قوشۇمچىلار بۇ قائىدىگە بويسۇنمايدۇ . مەسىلەن : dikkat-li , dikkat-siz , emsal-siz harf-ler , harf-siz , hal-siz , saat-çi , saat-ler گە ئوخشاش .
a|.IAxJ بۇ سۆزلەملەرنىڭ بۇغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار كۆرۈنۈشتە قېلىندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىي تەلەپپۇزدا ئىنچكە ئېيتىلىدۇ . شۇڭا بۇ سۆزلەملەردە كەلگەن قوشۇمچىلار ئەسلى تۇمۇر سۆزنىڭ ئېيتىلىش شەكلىگە ماسلاشقان ھالدا ئىنچكە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ .
sUK|*y (3) o ، ö تاۋۇشلىرى تۈركچە سۆزلەملەرنىڭ بىرىنچى بۇغۇمىدىلا ئۇچرايدۇ . بىرىنچى بۇغۇمدىن كىيىن o ،ö تاۋۇشلىرى بار سۆزلەملەر تۈركچىگە چەتئەل تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەملەردۇر .
V0W4M% مەسىلەن : horoz , alkol , radyo , profesör , konsolos , aktör , daktilo , doktor قاتارلىقلارغا ئوخشاش.
@!O(%0= . بۇ خىل سۆزلەملەرگە ئۇلۇنۇپ كېلىدىغان قوشۇمچىلار سۆزلەملەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارغا ماس ھالدا ئۇلىنىدۇ .
AXSip مەسىلەن : doktor – luk , radyo – culuk , konsolos – luk , aktör – lük قاتارلىقلارغا ئوخشاش .
kE8s])Z,+ يەنە ، تۈركچىدە o ، u ، ö ، ü تاۋۇشلىرى بىلەن ı , i تاۋۇشلىرى بىر يەردە ئۇچرىمايدۇ . ئۇچرايدىغانلىرى چەت ئەل تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەملەردۇر .
VmN 7a6a مەسىلەن : ümit , mühim , sinüs , hürriyet , jüri , enstitü لارغا ئوخشاشلار .
yNn=r;FZQ (4) تۈرك تىلىدا ئىملا ئىھتىياجى سەۋەپلىك بەزىدە ھەرپ ۋە بۇغۇملارغىچە چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ .
z,7;+6*=L (5) تۈركچىدە سۆزلەم بېشىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارقىمۇ-ئارقا كەلمەيدۇ . ئەگەر كەلسە ئۇ خىل سۆزلەملەر چەتئەل تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەملەر بولۇپ ، تۈرك تىلىدا تۈركچە سۆزلەم شەكلىگە ئۆزگەرتىلگەن ھالدا يېزىلىدۇ .
/h.{g0Xc مەسىلەن :
)b>misb/ (Fr) stasyon → istasyon , statistigue → istatistik ; (İt) skala → iskele , stempa → istampa ;
W*#5Sk ھالىتىدە .
^Jq('@ ( ئىزاھات : Fr ← فرانسۇزچە ، İt ← ئىتالىيانچە )
F kf4R5Y? (6) تۈركچىدە سۆزلەم بېشىدا ئىككى سوزۇق تاۋۇشمۇ ئارقىمۇ - ئارقا كەلمەيدۇ . كەلگەنلىرى چەتئەل تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەملەردۇر .
u a_w5o7 (7) تۈركچە سۆزلەملەردە ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارقىمۇ – ئارقا كەلمەيدىغان بولغاچقا ، سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەملەرگە سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان بىر قوشۇمچە ئۇلۇنۇپ كەلسە ، ئوتتۇرىغا ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىدىن y ، s ، ş ، n لار قويىلىدۇ .
;v2eAe@7 (8) تۈرك تىلىدىكى سۆزلەملەرنىڭ ئاخىرىدا g تاۋۇشى (ھەرىپى) كەلمەيدۇ . كەلگەنلىرى چەتئەل تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەملەردۇر . ئاخىرقى تاۋۇشى g بولغان سۆزلەملەردىكى g تاۋۇشى ğ گە ئۆزگىرىدۇ . مەسىلەن Sosyoloğu : → Türkoloğu ; Sosyolog → Türkolog دىگەندەك . ئەمما تاق بۇغۇملۇق سۆزلەملەردە g تاۋۇشى ئۆزگەرمەيدۇ .
.Y?]r6CC/ (9) تۈرك تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار قاتتىق ۋە يۇمشاق تاۋۇشلار دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . بۇلاردىن بەزى قاتتىق ئۈزۈك تاۋۇشلار ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىدا كەلسە يۇمشاق تاۋۇشقا ئۆزگىرىدۇ . بەزى ئەھۋالدا ئۆزگەرمەيدۇ .
-T{2R:\{ (10) تۈركچىدىكى سۆزلەملەرنىڭ بېشىدىكى بىرىنچى ھەرپ z ، ş ، r ، p ، n ، m m، l ، j ، h، ğ ، f ، c لاردىن ئىبارەت بولسا ئۇ خىل سۆزلەملەرمۇ رەسمى تۈرك تىلىدىكى سۆزلەملەر ئەمەس .
~yw]<{ ? (11) تۈركچە سۆزلەملەرنىڭ ئايرىم شەكلىنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى جۈملە شارايىتىدىكى تەلەپپۇزىدىن پەرقلىق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت . بۇ يىرى ئىنگىلىزچىگە ئوخشاپ كېتىدۇ .
oVn&L*H مەسىلەن :
|Rkw/5 top oynamak → to - poy - namak , kalem almak → ka - le - malmak دىگەندەك .
EA8plQ~GtE (12) تۈركچىدىمۇ ئۇرغۇنىڭ رولى چوڭ بولۇپ ، سۆزلەملەردىكى ئورنىغا ئاساسەن مەنا ئۆزگىرىشىنى ھاسىل قىلىدۇ .
U.P1KRY|= ئۇرغۇ ــ قوشۇمچىلاردىمۇ ، بىرىكمە سۆزلەملەردىمۇ ، شۇنداقلا جۈملىدىمۇ تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ .
{j]cL!Od (13) تۈركچىدە تون ئارقىلىقمۇ مەنا پەرقلەندۈرىلىدۇ .
w?|qKO يەنە بەزى ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ .
d4\JM 65 تۈرك تىلى مانا شۇنداق ئاددىي تىلدۇر . شۇڭا بۇ تىل باشقا ھەر قانداق چەتئەل تىللىرىدن ئەڭ ئاسان تىلدۇر. ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئۈچۈن بولۇپمۇ شۇنداق .
1v`|mU}i, نۆۋەتتە ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئورگىنى (TDK) يېقىندا ئىشلەپ باسمىغا تاشۇرغان چوڭ ھەجىملىك لۇغەت ھازىرقى زامان تۈركچىسىگە ئائىت بارلىق سۆزلەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا TDK نىڭ ئومۇمىي تۈركچە لوغىتىدىكى 117 مىڭ سۆزلەم بىلەن بىرگە، ئىلىم – پەن ۋە سەنئەت ئاتالغۇلىرى ، يەر ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرىدىن تارتىپ ئېغىز تىلى تۈركچىسىگىچە بولغان بارلىق سۆزلەملەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن . بۇ لوغەتتە TDK تەرىپىدىن ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ھازىرلانغان ئىلىم – پەن ۋە سەنئەت ئاتالغۇلىرى لوغىتىدىكى 188 مىڭ 866، تۈركىيە تۈركچىسى ئېغىز تىلى لوغىتىدىكى 217 مىڭ 736، يەر ناملىرى لوغىتىدىكى 37 مىڭ 424 ۋە كىشى ئىسىملىرى لوغىتىدىكى 9 مىڭ 697 سۆزلەم ئورۇن ئالىدىكەن.
ux(~+<k شۇنداق قىلىپ تۈرك تىلىنىڭ باي خەزىنىسى بولغان 570 مىڭ سۆزلەم 4000 بەتلىك ناھايىتى چوڭ بىر لوغەتكە توپلىنىدۇ. بۇ لوغەت ، ھازىرقى زامان تۈركچىنىڭ سۆزلەملەر خەزىنىسىدۇر. بۇ لوغەتتىن بارلىق سۆزلەملەرنى تېپىش مۇمكىن.
!ae?EJm" ئەلبەتتە بۇ ناھايىتى قىممەتلىك ئىلمىي ئەمگەك بولۇپ ، تۈركچىنى كەم – كۈتىسىز ئۆگۈنۈش – تەتقىق قىلىشنىڭ كاتتا ئىلمىي دەستۈرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
Q*ELMib نۆۋەتتە ، تۈرك تىلى تەتقىقات جەمىيىتى تۈرك تىلىنى ساپلاشتۇرۇش بۇيىچىمۇ كاتتا خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە . چۈنكى ، تۈركچىنىڭ قوللىنىلىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار ماتېرياللاردىن قارىغاندا ، تۈركچىنىڭ بىلىم – مەرىپەت تىلى بولىشىغا نىسپىتەن خىلمۇ – خىل توسقۇنلۇقلارمۇ مەۋجۇتتۇر . بۇ ھەقتە ھۆرمەتلىك تەتقىقاتچى يازغۇچى مۇرات گەنج ئوغلى : « 765 پارچە ژورنالنىڭ 337 سىنىڭ نامى تۈركچە ئەمەس . تۈركچە قەيەردە ؟ » ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق مەۋجۇت ئەھۋاللارنى ئوپ – ئۇچۇق ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ جەھەتتە چۇقۇرۇۋا ئۇنۋېرسىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، تۈركىيىدىكى 318 مىھمانخانىدىن پەقەت 30 مىھمانخانىنىڭ نامى تۈركچە ئىكەن . يەنە تۈركىيىدە نەشر قىلىنىۋاتقان 765 خىل ژورنالدىن 337 سىنىڭ نامى تۈركچە ئەمەس . (تۈركىيىدە تارقىتىلىۋاتقان چەتئەل تىلىدىكى ژورناللارنىڭ سانى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ ، 638 ژورنالنىڭ نامى تامامەن چەتئەل تىلىدا ئاتالغان ) . كونكىرىتنى سىتاتىسكا بۇيىچە ئىشلەپ چىقىلغان تۈۋەندىكى جەدۋەللەرگە قاراپ باقايلى :
$9Bzq_!
a@W9\b@I
C{uT1` بۇلاردىن سىرت، سىتاتىستكىلاردىن مەلۇمكى، تۈرك تىلىدا باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەملەرمۇ ئاز ئەمەس. كۆرىدىغان بولساق:
_&V,yp!|
PN]hG,q*4O جەمئى 14887 سۆزلەم بار.
&k}B66 مانا بۇلاردىن تۈرك تىلىنىڭ قوللىنىلىشىدا نەقەدەر ئېغىر ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلىغىنى چۇڭقۇر ھېس قىلالايمىز .
87l*Y|osP بۇ تۈپەيلى، تۈرك زىيالىلار قوشۇنى ئاتا تۈرك مۇستافا كامالنىڭ « بىر مىللەت ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قانچىلىك زەپەر قازانسا قازانسۇن ، ئۇ زەپەرنىڭ داۋاملىشالىشى مەدەنىيەت قوشۇنى ئارقېلىقلا مۇمكىن بولىدۇ . » ، « شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى ، مىللىي كىملىگىنى بىلمىگەن مىللەتلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ ئوۋ يىمىدۇر .»،« مۇئەللىملەر ! جۇمھۇرىيەت سىلەردىن پىكىر – چۈشەنچىلىرى ھۆر ، ۋىجدانى ھۆر ، ئىلمۇ – ئىرپانى ھۆر نەسىللەرنى تەلەپ قىلىدۇ !» ، « مىللەتنىڭ ئەڭ رۇشەن ماھىيەتلىك ئىپادىلىنىشى تىلدۇر . مەن تۈرك دېگەنلەر ھەممىدىن بۇرۇن ۋە مۇتلەق تۈرك تىلىدا سۆزلىشى كېرەك . تۈركچە سۆزلىمىگەن بىر ئىنسان تۈرك مەدەنىيىتىگە ، تۈرك كوللىكتىۋىغا باغلىق ئىكەنلىگىنى ئېيتسا ، بۇنىڭغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ » دېگەن بىر قاتار تەلىماتىغا مۇناسىپ ھالدا ، تۈرك تىلىنى ساپلاشتۇرۇشقا ۋە ھەرقانداق سورۇندا سۆز – ئالاقىدە مۇتلەق تۈركچىنى قوللۇنۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە .
L f"!:] نۆۋەتتە ھۆرمەتلىك تەتقىقاتچى يازغۇچى جەنگىز ئاسلان ئەپەندىم « تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ ئەھمىيىتى » ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، « تىلدا مىللەتچىلىك ، ئىرقچىلىق بولمىغاندەك ، مىللىي تىلى يوق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە - ئۆزى خوجالىغىنىمۇ يۇقاتقانلىغى مەلۇم بولماقتا . تۈركلەرنىڭ ئۆزىگە - ئۆزى خوجالىغىنىڭ داۋاملىشالىشىنىڭ ئاساسى تۈركچىدۇر . بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىق خەلقئارا تىل ئىمپېريالىزىمىنىڭ يۈرگۈزۈلىشىنى قوبۇل كۆرۈش دېگەنلىكتۇر » دەپ ، تۈركچىنىڭ ئومۇمىي سەپ بۇيىچە ، ــ ھەر ساھە ، ھەر كەسپتە قەتئىي ھالدا قوللىنىلىش كېرەكلىگىنى تەشەببۇس قىلدى . شۇ جۈملىدىن بۇ كەمگىچە قوللۇنۇپ كەلگەن ئىنگىلىز ۋە باشقا چەتئەل تىللىرىدىن قوبۇل قىلغان سۆزلەملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىزمەتلىرى جىددىي تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە .
-sJD:G,% (14) تۈرك تىلى يېزىغى ئېلىپبەلىك يېزىق بولغاچقا ، لۇغەتلەردىن كېرەكلىك سۆزلەملەرنى ئىزدەپ تېپىشمۇ خۇددىي ئۇيغۇر تىلىدىكىدەكلا ئاسان .
{X(nn.GpC (15) كومپيوتېر مەشخۇلاتىدا ، خەت يېزىشتا ئوخشاشلا يۇقېرى سۈرئەت ، تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ .
?|W3RK; (16) تۈرك تىلى ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەرمۇ نامى نىمە بولسا شۇنداق ئوقۇلىدىغانلىغى ئۈچۈن ، ئىزاھلىق لۇغەت ياكى ھەر خىل تىللار بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ ئىشلەنگەن لۇغەتلەردە ترانسكىرىپسىيە قوللىنىلمىغاچقا ، ۋاخت ۋە ئىقتىسادىي ئىسراپچىلىقلار مەۋجۇت ئەمەس .
4uoZw3O oOI0q_bf قوشۇمچە: }'x)e ساپ تۈركچىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە دوكتۇر مەھمەت ھەنگىرمەن ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرى Q34u>VkdQI dyn)KDS « تۈرك تىلى گرامماتىكىسى» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى دوكتۇر مەھمەت ھەنگىرمەن ئەپەندىم تۈرك تىلىنى ساپلىغى بۇيىچە قوللىنىشنىڭ ئەۋزەللىگى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ :
|Vz)!M ـــ « دۇنيادا غەيرى تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلمىغان تىل مەۋجۇت ئەمەس . ئەمما ، بىر تىلنىڭ چەتئەل تىللىرىنىڭ خۇجايىنلىغى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشى قەتئىي توغرا ئەمەس . ... نۆۋەتتە پەرزەندلىرىمىز ، ياشلىرىمىز ئىنگىلىز ، نېمىس ۋە فرانسۇزچە قاتارلىق تىللار بىلەن تەلىم – تەربىيە ئېلىشقا مەجبۇر بولماقتا . ھالبۇكى ، بىر ئىنساننىڭ تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىنى باشقىلارغا ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئاڭلىتالايدىغان تىل ئانا تىلىدۇر . ئانا تىلىنى بىلمىگەن بىر كىشى چەتئەل تىللىرىنىمۇ ياخشى ئۆگىنەلمەيدۇ . بولۇپمۇ ئانا تىلىنى مۇكەممەل بىلمىگەن بىر كىشى مەدەنىي كىملىك جەھەتتىن نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ . چۈنكى ، تىل – مەدەنىيەتنىڭ ئەينىگىدۇر . تىل بىلەن مەدەنىيەت ۋە مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتى شۇقەدەر كۈچلۈككى ، ناپالىئون ، بۇناپارت بۇ جەھەتتە : « فرانسىيىنىڭ چېگىرىلىرى فرانسۇزچە سۆزلىشىدىغان يەرلەرگىچىدۇر » دېگىنىدەك ناھايىتى مۇھىمدۇر .
,S`n?.&& 7 مانا شۇ ھالەتتە تۈرك تىلىنىڭ مائارىپ ، مەدەنىيەت – سەنئەت ، پەن – تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردە قوللىنىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئومۇمىيۈزلۈك سەپەرۋەرلىك چاقىرىغى چىقىرىلىپ ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلماقتا .
SQK82/ Pa d)| i3|xdYe$