Vu`dEvL?
a^[io1}- WS(@KN
qwFn(pK[ w5|@vB/pj
dje3&a 2012- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۆزىنىڭ ‹‹ئوينايلى دوستلار››، ‹‹ساما›› قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن كەڭ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان داڭلىق ناخشىچى،ئىجادكار ياش، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس غالىپجان غوپۇر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ 3- قەۋىتىگە جايلاشقان غالىپجان غوپۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ زالىدا ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن 30 غا يېقىن مۇخبىرنى كۈتىۋالدى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
`SW`d<+L cQ+,F2
, JZ@qmQ, ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قارمىدىقىدىكى شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى تۇرسۇن بارات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. تۇرسۇن بارات ئەپەندى ئالدى بىلەن شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، شىركەت نىشانى ۋە شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە بەردى.
fZ%ZV 6kDU}]c:H]
&Y#9~$V= ئۇنىڭدىن كېيىن شىركەت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىبراھىم پەخىردىن ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، غالىپجان غوپۇرنىڭ سەنئەت ھاياتى، شىركەت تۈزۈلمىسى ۋە شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك ئەزالىرىنى تونۇشتۇردى.
مۇخبىرىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى زور كۈچ بىلەن قوللىغان ئىكەن. ئۆمەك ئەزالىرى پىنسىيىگە چىققان بىر قىسىم سەنئەتچىلەر ۋە ئىشتىن سىرىت سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئىتى بىلەن زامانىۋى سەنئەتنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
r}5GJ|p0 1)Ag|4 }`g*pp*
EnUo B< e,4G:V'NX
{38aaf|'/ *w6N&
t.TQ@c+,J GhT7:_r~
s [!SG`& +!Ltn
aVb]H0 ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرىلىشىچە، 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى <<تەڭرىتاغ ناۋاسى>> نامىدىكى تۇنجى مەيدان كېچىلىكى ئارقىلىق شىركەتنىڭ رەسمىي ھالدا ئېچىۋىتىلگەنلىكىنى جاكارلايدىكەن ھەمدە خەلقىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيدىكەن. مۇخبىر نەق مەيداندا بۇ كېچىلىك ئۈچۈن جىددىي رەپىتىس قىلىۋاتقان چالغۇچىلار ۋە سەنئەت يىتەكچىلىرىنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى..
^m=%Ctu# m [g}vwS شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ھەققىدە
Zy%Z]dF m+UdT854
L'Zud,JKg AF$ o>f
(do=o&9pm @U{M"1zZe
?8@*q6~8 ssITe.,ny
*^6xt7 شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى مەخسۇس موزىكا ۋە ناخشا-ئۇسسۇل، مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئۇنۋېرساللاشقان خەلقئارالىق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى.
شىركەت ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك مەدەنىيەت-سەنئىتىنى مەدىھىيىلەش ئارقىلىق نادىر بولغان سەھنە سەنئىتى ئىجاد قىلىپ، شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەدەنىيەت ئالاقە ئىشلىرىغا بىر كىشلىك تۆپە قوشىدۇ. مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان يىغىن، ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ، ماركىنى بازارغا سېلىشتا تۈرىتكە بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى كەسپىي، سەنئەت خاراكتېرىگە ئىگە، ھوزۇرلىنىش تۈسى ئالغان، قىزىقارلىق، رەڭدار مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ مىللەتنىڭ بىرلەشمىسى بولغان، ئىدىيىسى ئازات، تەجرىبىسى مول، ئۆتكۈر ئەقلى قابىلىيەتكە ئىگە، ئىتتىپاقلاشقان، مۇنتىزىم تەربىيەلەنگەن سەنئەت ماھىرلىرى توپلانغان كۈچلۈك بىر شىركەت بولۇپ چىقىشقا تىرىشىدۇ.
شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى مەدەنىيەت تارقىتىش، سەنئەتنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنى تونۇتۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ھەر خىل سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى دۇنياغا نامايەن قىلىدۇ.
ukf\* غالىپجان غوپۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
Wmxw! y~c[sW <S@mQJS!y
s*/ G-lY a 8hv .43 غالىپجان غوپۇر، ئۇيغۇر، 1969- يىلى تەكلىماكاننىڭ يېنىغا جايلاشقان ‹‹قوغۇن يۇرتى›› پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى بىر خەلق سەنئەتچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھازىر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، جۇڭگو سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو قىزىل كىرىست فوند جەمئىيىتىنىڭ مىھرىبانلىق ئەلچىسى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئوبراز ئەلچىسى، شىنجڭا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى. 1qKxg gc:p@< hPi:31-0 غالىپجان داڭلىق ناخشىچى، ناخشا-موزىكا مائارىپچىسى، جۇڭگو موزىكا ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق باشلىقى جىن تيېلىن پىروفسسورنى ئۇستاز تۇتۇپ ئەسلى ئاۋاز، مىللى پۇراق، يۇقىرى ئاۋاز، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق كۆپ ئىلمىنىتلار بىرلەشتۈرۈلگەن ناخشا ئوقۇش ئۇسلۇبى يىتىلدۈرگەن. ئۇ ئېيىتقان ‹‹يۇرتۇمنى سۆيىمەن››، ‹‹ئوينايلى دوستلار››، ‹‹ساما›› قاتارلىق ناخشىلار خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ۋە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۆزى بولسا ‹‹سەھنىدە پارلىغان يۇلتۇز››، ‹‹تەكلىماكاندىكى ئوتلۇق ناخشىچى››، ‹‹تەڭرىتاغدىكى سۈزۈك بۇلاق››، ‹‹غەربىي دىيار ناخشا پادىشاھى››، ‹‹تەكلىماكان بۇلبۇلى›› دىگەندەك ناملار بىلەن شۆھرەتلەنگەن. +JAfHQm- غالىپجان ناخشا ئېيتىش بىلەن شۇغۇللانغان 28 يىل مابەينىدە، بارلىقىنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاتىغان ھەمدە كۆپ قېتىم ئۆمەك بىلەن بىرگە ئاسىيا، ياۋروپادىكى 50 تىن كۆپ دۆلەت ۋە رايوندا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن. مەملىكەت، ئاپتونۇم رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە كۆپ كېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ,-IF++q 2010- يىلى، 68 دۆلەت سەنئەتچىلىرى قاتناشقان تۈركمەنىستان خەلقئارا سەنئەت فىسىتۋالىدا ئالتۇن لوڭقىغا ئېرىشكەن ھەمدە دۆلەت ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە شان-شەرەپ تۇيغۇسى ئاتا قىلغان. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. ny_ kr`$42 غالىپجان غوپۇر جەمئىيەت پاراۋانلىقى ۋە ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىدىغان بىر مۇنەۋۋەر ياش بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئوتتەك يۈرىكى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر سەنئەت خىزمىتى شۇغۇللانغۇچىنىڭ ۋەتىنى ۋە يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ نۇرغۇن قېتىم ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن، 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا تەقدىم قىلغان. >-|90CSdSJ 2012- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، غالىپجان غوپۇر بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ‹‹گۈزەل شىنجاڭ- غالىپجان غوپۇر ناخشا كېچىلىكى›› ئۆتكۈزۈپ دۆلەت رەھبەرلىرى، چەتئەل ئەلچىلىرى ۋە پايتەخىتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن تۇنجى ئۇيغۇر ناخشىچى بولۇپ قالغان. 07LL)v~ غالىپجان غوپۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، 2012- يىلى 10- ئايدا، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنى قۇرغان. q~'K9 ,ORG"]_F xlPcg7 1nlE3Y?AV 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
5Ckk5b z5yb$-j ئانا تۇپراق تور بېكىتى