جۇڭگو كەلگۈسىدە قېرىلارنىڭ دوۋزىقىغا ئايلىنىدۇ
v ]/OAH6D FUyB"-< bVa+kYE لاڭ شىيەنپىڭ
n)_dH/" PcHSm/d0e b!'l\~`{i بوزقىر تەرجىمىسى
KA 5~">l oUJj5iu} =jg#fdM- <Rcu%&;i تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارە بولۇشىچە ، كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى 65ياشتىن ئاشىدىغان ياشانغانلارنىڭ سانى 300مىليوندىن ئېشىپ ، ياشانغانلارنى بېقىش كۈنسېرى ئەڭ ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىدىكەن. جۇڭگودا قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «بالىسىنى باقسا بالىسى ئاتا-ئانىسىنى باقىدىغان» ئۇدۇم پىلانلىق تۇغۇت سېياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى رېئاللىققا ماس كەلمەيلا قالماستىن بەلكى ئىقتىسادشۇناس چېن جىۋۇنىڭ ئېيىتقىندەك ئەخلاقسىزلىققا ياتىدىغان قىلمىش ھېساپلىنىپ قالىدىكەن. ئۇنداقتا جۇڭگودا ياشانغانلارنى بېقىشتا زادى نېمىگە تايىنىش كېرەك ؟ لاڭ شىيەنپىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە ، جۇڭگو كەلگۈسىدە قېرىلارنىڭ دەۋزىقىغە ئايلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە ئىكەن :
K0w<[CO 8YuJ8KC 2v0!` &?M{ QBy{|sQ` ياشانغاندا كۈتىنىش سوغۇرتىسى ئۇنداق ئېغىر يۈكنىڭ ھۆددىسىن چىقالمايدىكەن
:.*HQt9N n[!;yO qE )Y}oN 6+.>5e جۇڭگونىڭ ياشانغاندا كۈتىنىشسوغۇرتىسى بېلەن CPI نىڭ ئۆسۈش كويفېنسېنتىنى ئالساق، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانىغا ئاساسەن ياشانغاندا كۈتىنىش سوغۇرتىسى ياشانغانلارنى بېقىشتىكى ئەڭ چوڭ مەنبە دەپ ، قارالسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. پەقەت ياشانغاندا كۈتىنىش سوغۇرتىسىغىلا تايىنىۋالغاندا پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكىلەر ئەڭ ئېچىنىشلىق كۈنلەرگە يۈزلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن بېيجىڭنى ئالساق ، بېيجىڭدىكى ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ يىللىق تۇرمۇش چىقىمى 50مىڭ يۇەن بولسا، CPI نىڭ ئۆسۈش كويفېنسېنتى %3 بولىدۇ. 20يىلدىن كېيىن ھازىرقى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ساقلاپ قالىمەن دېگەن تەقدىردىمۇ يىللىق تۇرمۇش چىقىمىغا 90مىڭ يۇەن كېتىدۇ، دېگەن گەپ. مۇبادا پىنسىيىگە چىقىشقا يەنە 20يىل بار دەپ قارىساق، پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنە 20يىل ئۆمۈركۆرىدۇ، دەپ قارىساق ، يەنە بۇنىڭغا CPI نىڭ ئۆسۈش كويفېنسېنتى %3 نى قوشساق ئۇنىڭغا كېتىدىغان كۈتىنىش راسخودى 2مىليون 420مىڭ يۇەنگە يېتىدۇ. ئەمما، ھازىرقى 4مىڭ يۇەنلىك ئايلىق مائاش ۋە CPI نىڭ ئۆسۈش كويفېنسېنتى %3 لىك ئۆلچەم بويىچە ھېساپلىغاندا شۇ ياشقىچى بولغان ياشانغاندا كۈتىنىش سوغۇرتىسى بولسا ئاران 370مىڭ يۇەنگە يېتىدۇ . بۇ ئىككى سانلىق رەقەمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق ھەقىقەتەن ئادەمنى چۆچىتىدۇ.
QV7,G9 &5?G-mn ; e@gO e}c&LDgU ياشانغاندا كۈتىنىش سوغۇرتىسىنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرى ئاشكارە ئەمەس ئىكەن
%SAw;ZtQ: J!{Al 69-:]7.g t2-^-g6 ئۇندىن باشقا جۇڭگونىڭ ياشانغاندا كۈتىنىش سوغۇرتىسى تۈزۈمىدە ئاشكارە بولماسلىق، ئادىل بولماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت.ھۆكۈمەت تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان %20لىك ياشانغاندا كۈتىنىش راسخودى راستىنلا ئىجتىمائىي بىر تۇتاش غەملىمە ھېساباتىغا كىرىۋاتامدۇ-يوق ، ئۇ راستىنلا ياشانغانلارنى بېقىشقا ئىشلىتىلەمدۇ-يوق ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئەگەر راستىنلا ئەمەلىيلەشكەن بولسا ئۆلكە ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولغانلارنىڭ ھۆكۈمەت تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان %20لىك ياشانغاندا كۈتىنىش راسخودىنى مۇسادىرە قىلىۋالماس بولغىيدى؟ ئۇندىن باشقا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سومما شۇ كىشىنىڭ كىرىمىگە ئەگىشىپ مۇۋاپىق تەڭشەلمەيدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار سىر تۇتىلىپ ئاسانلىقچە ئاشكارىلانمايدۇ.شۇڭا كىشىلەر ئاساسەن دېگۈدەك ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز ھالەتتە قالىدۇ.
%%%S"$t _T5)n=| مال باھاسىنىڭ توختىماي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستىمالىمۇ ماس قەدەمدە ئېشىپ بېرىپ ، ھازىرقى ياشانغاندا كۈتىنىش سوغۇرتىسى بېلەن كەلگۈسىدىكى غايەت زور ياشانغانلار توپىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئوتتۇرىسىدا ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىپلا قالماي يەنە ياشلارنىڭ خىزمەت ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بېسىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋېتىش خەۋىپى كېلىپ چىقىدىكەن.
zvY+R\,in }u%"$[I} lwT9~Hyp ئۇندىن باشقا، ھازىرقى ياشانغاندا كۈتىنىش ئەندىزىلىرى، مۇئەسسەسەلىرى مۇكەممەل ۋە تولۇق ئەمەسكەن .مۇلازىمىتىدىمۇ يۈرۈشلەشمەسلىك ئەھۋالللىرى مەۋجۇتكەن. ياشانغاندا كۈتىنىش راسخودىنى باشقۇرۇشتا يوچۇق باركەن. ياشانغاندا كۈتىنىش راسخودىنىنىڭ كەم قالغان تەرەپلىرىنى قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا سوغۇرتىلىرى ئارقىلىق تولۇقلاشقا تۇتۇش قىلىنمايۋېتىپتۇ.
.m;G$X|3U 7AwgJb hn شۇڭا، جۇڭگونىڭ ھازىرقى نوپۇس قۇرۇلمىسى بويىچە يۇقۇرقىدەك يېتەرسىزلىكلەرنى ھازىردىن باشلاپ جىددىي تۈزىتىشكە ئاتلىنىش زۆرۈركەن.
KL [ek http://news.online.sh.cn/news/gb/content/2012-09/27/content_5589695_6.htm -)jax =8Ehrlq