يالىڭاچ چوكانلارنىڭ رەسىمىنى كۆرۈڭ
4HM;K_G%{ he"L*p*H ئاپتۇرى-مۇتەللىپ ئالىمجان(ئويغان تەكلچىن)
?N:B Rv98\VD" ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم، تىمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ نەچچىڭلار تىما يوللىغىچىنى تىللىغىلى، نەچچىڭلار راسلا يالىڭاچ رەسىم كۆرۈش ئىستىكىدە كىرگەنسىلەر،
YQ;cJ$ لىكىن بۇيەردە يالىڭاچ رەسىم يوق، ئەگەر شۇ نىيەتتە كىرگەن بولسىڭىز ئاستا چىقىپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، گەپنىڭ مىغىزىنى قىلاي ،ئادەتتە قىزلىرىمىز بۇزۇق، رەسۋا، ...،،، ئىشقىلىپ قىزلىرىمىزنى چۈشۈرۈدىغان روھىنى چۈشكۈنلەشتۈردىغان گەپلەر تالادا، ياكى بىرەر سورۇندا، ياكى 6 ۋىژدانلىق يىغىلغان يەردە بولاتتى، ئەمدى تەرەققى قىلىپ مۇشۇ توردىمۇ ئۇلارنى تىللىغىلى تۇردۇق، تىللايدىغان ئىش بولغاندىن كىيىن مۇشۇ يەردە تىللايلى، ئاچچىقىمىز چىققۇچە تىللايلى، تىللىمامسىز قىنى، تىللاپ بولغان بولسىڭىز ئەمدى گىپىمنى ئاڭلاڭ، ھەر بىر ئائىلىدە يوق دىگەندە بىردىن قىز بولىدۇ،
1n_;kaY سىزنىڭكىدىمۇ شۇ، سىرىتقا قاراپ بىقىڭ، تىنىنى سىتىۋاتقان، كىم پۇل خەجلەپ بەرسە مىللەت ئايرىماي مىڭىۋاتقان شۇ قىزلار سىزنىڭ ۋە مىنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمىز،!
;(7-WnU8N بۇنداق دىسەم مىنىڭ ئائىلەمدە بۇنداق بۇزۇق يوق، دەيسىز بۇ ماڭا ئايان، ئاشۇ قىزلارنىڭ قولىدىن سىلكىشلەپ تارتىپ سوراپ بىقىڭ، نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز، نۇمۇس قىلمامسىز، ئىپپىتىڭىزنىڭ قەدرى قىنى؟ ئاتا-ئانىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىمامدۇ؟ دەپ سوراپ بىقىڭ، ئۆتۈشىمەن، 10دىن سورىسىڭىز ھەممنىڭ ئۆتمۈشى ئوخشىمايدۇ، لىكىن 9نىڭ بىرىدىغان جاۋابى بىز ئوغۇللار سەۋەپلىك بولىدۇ، ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك ئەمەس، مانا بىز بۇزغان، مەيدىمىزنىڭ تۈكى بار دىگەن ئەركەكلەر بۇزغان، بىر چىرايلىق قىزلىرىمىزنى قالايمىقان سورۇنلارغا بىللە بىرىشقا زورلايمىز، ئۇلار بىزنى ھۆرمەت قىلغانلىقى، ۋە ئىتائەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ياكى سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن سىزنى رەت قىلالماي سىزنى مىنى قوغدايدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ، دەپ سىزگە ئىشىنىپ سىز بىلەن بىللە بارىدۇ، قايتا-قايتىلاپ مۇشۇنداق سورۇنلارغا ئىلىپ بىرىپ قىزلىرىمىزنىڭ كۆزىنى بىز ئىچىۋاتىمىز، ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان قىزلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ھاراق دىگەننى يىنلىياۋ(سوغۇق ئىچىملىك)نىڭ ئورنىدا ئىچىمىز دەپ، ئۇلارغا ھاراق ئىچىشنىڭ ھازىر ئۇنداق يامان ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ،ئۇلارغا بۇ رىئاللىقنى قوبول قىلمىسا بولمايدىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىمىز، شۇنىڭ بىلەن قىزلىرىمىز ھاراقكەشلەر سورىنىدىن قوقمايدىغان، ياكى قىزقىش ئىستىكىدە ئىچىدىغان بوپ كىتىدۇ،
kBo;h.[l بۇلار ھاراقنى ئۆزى قۇيۇپ ئىچمەلمەيدۇ، بىز قۇيۇپ بەردۇققۇ مانا، قىزلىرىمىز شۇ قىززىقچىلىق بىلەن ھەممە نەرسىنى يوقىتىدۇ، بىلگەن ۋاقتىدا ئاللا بۇرۇن كىچىككەن بولىدۇ، ئاندىن بۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تاللىغان يولى مانا مۇشۇنداق مەينەت يوللار بولىدۇ، مۇشۇ بىچارە قىزلىرىمىزدىن جەمىيىتىمىزنىڭ قالدۇقلىرى پايدىلىنىدۇ. قايسى كۈنى ھەسرەتنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە يوللىغان (قىزلارنى ئاسراش تۇيغۇسى سىزدىمۇ بولسۇن) دىگەن تىمىسىنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ قالدىم !
;+sl7qlA4 ئاشۇنداق مەسۇم قىزلىرىمىزنىڭ بىزگە ھاجىتى چۈشكەندە بىزنىڭ بىرىدىغان ياردىمىمىز ئۇلار بىلەن سودىلىشىش بولىۋاتىدۇ، بىر قىزنىڭ دادىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بىر بايغا 10،000 كويغا بىر ھەپتىلىك خوتۇن بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بىرەر قىز ئالدىڭىزغا كىلىپ يىغلاپ يالۋۇرۇپ سىزدىن نەچچە يۈز كوي سورىسا مۇشۇ پۇلغا قانچە پوتۇلكا ھاراق كىلىدىغانلىقىنى، ياكى بولمىسا بىرەر قىتىملىق كاتتا يىغىلىشنىڭ ھىسابىغا سىلىشتۇرمايلا مىڭ جاپادا تاپقان پۇل بۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، قاراپ تۇرۇڭ ، مۇشۇ نەچچە ۋاراق قەغەز بىلەن نىمىگە ئىرىشكەنلىكىڭىزنى ھامان بىر كۈنى بىلىپ قالىسىز .
$_sYfU9 ئەمدى بىز ئوغۇللارنىڭ باھانىسىگە كىلەيلى، توغرا، بەزى قىزلىررىمىز ھالال ياشاشنى خالىماي ئۆزىنى ھالاكەت كوچىسىغا باشلاۋاتىدۇ، بىز ئۇلارنى توسۇپ قالالمايمىز،ئەگەر ئۇلار ئۆزىگە چىڭ بولوپ بىزنىڭ بىرەلىگەن مال دۇنيارىمىزغا شۈكرى قىلسا ئىدى، بىز ئۇلارغا مەڭگۈ ئازار بەرمەيتۇق، بىزنىڭ ھالىمىز مۇشۇ .لىكىن ھامان بىركۈنى بىزمۇ ئىگە بولىمىز ھەممىگە، بىز قىزلىرىمىزنى پۇل تىپىپ ئەكەل دىمىدۇق، پەقەت بىز تاپقانغا شۈكرى قىل دىدۇق، باشقىلاردىن بىر ناننى ئاز يىسە نىمە بوپتۇ، ھالال يەيدۇ، خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن يەيدۇ، ئۇلار ئۆزىگە چىڭ بولسا بىز نىمە قىلالايتۇق، "
L1sqU-gt @D~B{Hg ئەمدى ئىككىسىنى سىلىشتۇرۇپ بىقىڭ قايسى گەپ ئورۇنلۇق، دىمەكچى بولغىنىم مۇشۇ يولغا كىرىپ بولغان قىزلىرىمىز بىلەن توي قىلىڭ ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدىكى مۇشۇ يولغا كىرىش ئالدىدا تۇرغان قىزلىرىمىزنى قانداق قوغداش توغۇرلۇق بىر ئويلۇنۇپ بىقىڭ، بەلكىم ھاياتىڭىزدىكى چوڭ پىلانلارنىڭ بىرى بوپ قالار.ھەممەيلەننىڭ ۋەتەنپەرۋەر،مىللەتپەرۋەر بولوش ئىستىكىمىز كۈچلۈك، لىكىن بۇنىڭمۇ قەدەممۇ-قەدەم باسقۇچى بولىدۇ، ئەڭ ئاۋال ئائىلە پەرۋەر،ئاندىن مەھەللە پەرۋەر، ئاندىن يۇرۇت پەرۋەر، شەھەرپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر،ئەڭ ئاخىرىدا ۋەتەنپەۋەر، بەلكىم بەزى دوسلىىمىز تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئائىلە پەرۋەر بولالىغان ياكى بولالمىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، لىكىن چەتئەللىكلەر ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىشىپ ئىنسانپەرۋەرلىككىچە بىرىپ بولدى، بىز نەدە قالدۇق؟
Pe}PHI ھەممەيلەن تىرىشىپ ھىچ بولمىغاندا شەھەرپەرۋەر بولوش ئىددىيىسىنى ۋە پىلانىنى كاللىمىزدا تۈزۈپ باقايلى، بەلكىم ئۆز ئۆيىمىزدىكى قىزلىرىمىزدىن تارتىپ مەھەللىدىكى تاكى شەھەردىكى ھالاكەت گىردابىغا ئۆزى خالاپ ياكى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن بىرىش ئالدىدا تۇرغان قىزلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ باقايلى،
kx:jI^ =s;M]: OUI6ax\[ (ئەسكەرتىش؛ تىمىدىن پايدىلىنىپ قۇتراتقۇلۇق قىىشىڭىزنى خالىمايمەن)مەنبە؛ ئۆزۈم،
dFW.}"^c m2xBS!fm بۇ تېمىنىڭ مەزمۇنلىرىنى مەن،يەنىsuzlapbakayقىسقارتىپ يوللىدىم.تولۇق كۆرۈشنى خالىسىڭىزتۆۋەندىكى تور ئادرىسىدىن كۆرگەيسىز.
<r~wZ}s مەنبە:
http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=6188