باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1078 
  •    ئىنكاس 
       3 

يىماكلىك بىلەن ئادەم زەھەرلەش

قەۋەت ئاتلاش
mahmood
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10089

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1202 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   120 (قېتم)
 تۆھپە:   120  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1450
 سائەت
دەرىجىسى:
1450 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-06
ئاخــىرقىسى:2013-04-28
— بۇ تېمىنى AnaTuprak تارىخقا نەزەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2012-10-02) —

يىماكلىك بىلەن ئادەم زەھەرلەش ..;LU:F  
ئۇيغۇر تىبابەت نەزىرېيىېۋى بايانلىرىدا غىزالارنىڭ ئىستىمال تەرتېپى ھەققىدە خىلى كەڭ توختۇلۇپ ، كىشىنىڭ ئۆز مىجەزىگە قاراپ ياقىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، قايسى ۋاقىتتا قانداق غىزالارنى قايسى خىل ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلىش، كۆپ خىل غىزالارنى بىر ۋاقىتتا ئىستىمال قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش قاتارلىقلار كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. 6@o_MtI  
بىرلا ۋاقىتتا ، بىر كۈن ئىچىدە بىر-بىرىگە قارشى بولغان، بىر قانچە خىل يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇنىڭ ئاقۋېتى بايان قىلىنغان. يېقىندا بىرسىنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلدا بىرسىگە تۇيدۇرماي دۈشمەنلىك قىلىشىدەك رەزىل قىلمىشى قۇلقىمغا چۈشۈپ قالدى. }9P)<[>  
ئىشنىڭ بايانى مۇنداق: & PHHacp  
بىر يېگىت چىرايلىق بىر قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئۇ قىزنى قوغلىشىپ يۈرۈپ ئاز -تولا تەسىرلەندۈرگەنمۇ ئوخشايدۇ. ئارىدا بىر -ئىككى يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە پۇلدار، يۈز-ئابرويلۇق بىر ئائىلىدىن ئەلچى كەپتۇ. قىز دەسلاپتا رازىلىقى يوقلىقىنى ئېيتىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرالماپتۇ. (ئۆزىنىڭمۇ مەيلى بولسا كىرەك). قىزنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن ئىشنىڭ تولۇق ئەھۋالىنى سېزىپ قالغان يېگىت ئۇ قىزغا كۆپ يىلىنىپ ئۆزنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى قايتا-قايتا ئىزھار قىلغان بولسىمۇ قىز ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرالمايدىغانلىقىنى دەپ ئۇ يېگىت بىلەن ئايرىلىپ كېتىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۇ قىز بالىنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئۆزىنى ئالدانغاندەك ھېس قىلىپ خورلۇق، ئەلەمگە چىدىماي (ئۆزىچە شۇنداق ھېس قىلغان چېغى) ئۇ قىزغا چاندۇرماي زىيانكەشلىك قىلىش ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپتۇ. بىر كېشىنى قانداق قىلغاندا بەرەس (ئاق كېسەل) كېسىلى قېلىۋەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ماتېريال كۆرۈپتۇ، (ئىشقىلىپ ئىزدەنگەن ئوخشايدۇ، بولمىسا قاندا بىلىدۇ، بۇنداق مەخپى ئىلىمنى). ئاخىرى ئۇ قىزنى تۇيدۇرماي ئاق كېسەل قىلىۋەتكىلى بولىدىغان ناھايتى بىخەتەر بىر ئۇسۇلنى پىلانلاپتۇ. ئۇ قىزغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ بىر كۈن سېرتلاردا بازار ئايلانغاچ تاماقتا بىرگە بولۇشقا كۆندۈرۈپتۇ. ئاۋۋال باققالنىڭ ئالدىدىن 3-4 تالدىن ئەنجۈر يېيشىپتۇ، ئاندىن تاماقخانىغا كىرىپ قىز بالىغا بېلىق، كەپتەر باچكىسى، چارەكتىن گاڭپەن ( مۇشۇ گەپنى ساپ ئۇيغۇرچە نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرۈيمەن مۇشۇ كۈنگىچە ) بۇيرۇتۇپتۇ.( زورلىغاندەك بىر ئىش بوپتۇ) . سامساقنى سويۇپ قويۇپ خام ھالەتتە تاماق بىلەن بىللە يېگۈزۈپتۇ. ئۆزى باشقا تاماق يېگەن ئوخشايدۇ. ئارقىدىن بىر پىيالىدىن قىتىق ئىچىپتۇ. كەچتا ئايرىلىش ئالدىدا يىگىت تونۇر كاۋېپى يەيمىز دەپ زورلاپ تۇرىۋېلىپ ئىشتاھانى ئاچىدۇ دەپ قىز بالىنى كاۋاپنى پىياز بىلەن يېيىشكە قىزىقتۇرۇپتۇ، ئىشقىلىپ ئىشلار ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن پۈتتۈرلۈپتۇ.>> 2%vwC]A  
بۇ ئىشنى ناتونۇش بىر سەپەردىشىم خوتەندىن قايتاشىمدا مېنىڭ تېۋىپ ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كىيىن ئېيتىپ بەردى. دوستىنىڭ ئېيتىشىچە ھىلىقى قىزتېرىسى شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش بولۇپ بىرەر ئايغا قالماي ئاقىرىپ كىپەكلىشىشكە قاراپ ماڭغان. lu-VBVwR  
مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم پەقەت شۇ- ئىلگىركى بەزى كىتابلاردا شۇنداراق بىر بايانلار بولىدىغان دەپ دەپ قويدۇم، ئىچىمدە ھىلىقى قىزغا زىيانكەشلىك قىلغان ئىپلاس، تەلۋە -ساراڭنى مېڭنى تىللىدىم. 8agd{bxU  
گەرچە بۇ ئىشلار مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتۈپ باقمىغان بولسىمۇ باشقىلارنى بىلىپ قالسۇن دەپ بايان قىلىۋاتىمەن. بىلىپ قالسىڭىز، يېمەك ئېچمەكتە دىققەت قىلسىڭىزلا بولدى. سىناپ باقىمەن دەپ ئۇرنۇپ يۈرمەڭ! باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش كويىدا بولماڭ! ياراتقۇچىنىڭ غەزىپىدىن قورقۇڭ!!! *+p'CfsSka  
غىزالارنىڭ تەرتېۋى ھەققىدە يەكەن سەئىدىيە خانلىق زامانىسىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ھۆكۈما (تېۋىپ) سۇلتان ئەلى ھەزرەتنىڭ <<دەستۇرىل ئىلاج>> ناملىق كىتاپىدا شۇنداق بايان قىپتۇ: (:T~*7/"  
ياغلىق تائاملار ئاشقازاننى زەئىپ ۋە ئېغىر قىلىپ ئىشتاھانى كېمەيتىدۇ؛ سوغۇق تائاملار بوشاڭلىق ، خامۇشلۇق پەيدا قىلىدۇ؛ ئاچچىق تائام تېز قىرتىدۇ؛ تۇزلۇق تائاملار كۆرۈش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. قېتىق ، غورا، گۈرۈچ، سىركە، كەپتەر باچكىسى، سامساق، پىياز، سۇزاپ ئۇرىقى، بېلىق، ئەنجۈر قاتارلىقلارنى بىر كۈندە، بىرلا ۋاقىتتا ئېستىمال قىلماسلىق لازىم. ئەگەر ئېستىمال قىلسا جوزام (ماخاۋ)، بەرەس (ئاق كېسەل) نى پەيدا قىلىدۇ. ھۆل مېۋىنىڭ ئارقىسىدن سۇ ئىچمەسلىك ، سامساق بىلەن پىيازنى بىللە يېمەسلىك ، تونۇر كاۋىپىنى تونۇردىن ئىلىپلا يۆگەپ قويغان بولسا يېمەسلىك، بىر ئاز ئوچۇق قويۇپ بۇسلىرىنى چىقىرۋېتىپ ئېستىمال قىلىشى كېرەك. پىيازنى كۆپ ئېستىمال قىلسا كەلەپ(داغ-سەبگۈن)، ۋە باش قېيىش پەيدا قىلىدۇ. شاراب بىلەن سۈت بىر كۈندە ئېچىلسە نېقرەس پەيدا قىلىدۇ. بېلىق، سۈت، توخۇ تۇخۇمى، قېتىق ۋە پىشلاقنى بىر كۈندە يېمەسلىق Vp5qul%  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-10-02, 11:52
 
uyghurlarbiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11937

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   94 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5050 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   505 (قېتم)
 تۆھپە:   505  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 25
 سائەت
دەرىجىسى:
25 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-26
ئاخــىرقىسى:2012-11-03
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-03

تەن ساقلىق زور بايلىق .
ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن !
hanjar731

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.432

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1097 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   43914 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4117 (قېتم)
 تۆھپە:   4081  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1112
 سائەت
دەرىجىسى:
1112 سائەت 78 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-18
ئاخــىرقىسى:2013-08-28
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-03

يىمەكلىكمۇ يىماكلىكمۇ؟
توختىماي تۆھمەت توقىۋاتقان ئاغزىڭغا تۈفىي،!
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   287 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19674 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1954 (قېتم)
 تۆھپە:   1953  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3540
 سائەت
دەرىجىسى:
3540 سائەت 230 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-08-08
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-06

«گاڭپەن»نى ئۇيغۇرچە «ئاق بەتتە»دەيمىز.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى