-
تىزىم نۇمۇرى:11826 -
- تىزىم ۋاقتى:2012-09-19
- ئاخىرقى كىرگىنى2013-07-20
- تور ۋاقتى:3186سائەت
-
- تېمىسى120
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى0
- مۇنبەر پۇلى6759
- شۆھرىتى677
- تۆھپە677
- كۈمۈش تەڭگە685
- ياخشى باھا685
- بىلوگدوستلاشقورال
| | | | | بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن.بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ،يولدىشى سودىگەر بولغاچقا داۋاملىق ئۆيدە تۇرالمايدىكەن.شۇڭا،ئۇ قىزى ئىپپەتئاي بىلەن دائىم يالغۇز قالىدىكەن.ئىپپەتخاننىڭ ئىپپەتلىكىدىن ،نۇمۇسچانلىقىدىن پۈتكۈل مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قايىل ئىكەن.ئۇنى ئىسىمى-جىسمىغا لايىق "ئىپپەتخان"دەپ تەرىپلىشىدىكەن.ئۇنىڭ قىزى ئىپپەتئايمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاقكۆڭۈل،نۇمۇسچان ،چىرايلىق قىز ئىكەن. YdNmnB%J كۈنلەر،ئايلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ ،ئىپپەتئاي شۇنداق گۈزەل قىز بولۇپ چوڭ بوپتۇكى،ئۇنىڭ گۈزەللىكى پۈتكۈل يۇرتقا داڭق كېتىپتۇ.شۇڭا ئىپپەتخان قىزىدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ.قىزىغا ئۆزىنى قانداق قوغداش ،يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قانداق قۇتۇلۇش ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكچى بوپتۇ. SWrP0Qjc بىر كۈنى ئىپپەتخان قىزى ئىپپەتئاينى يېنىغا چاقىرىپتۇ.ئىپپەتخان بىر ساندۇقنى كۆتۈرۈپ ئەپچىقىپ ئىپپەتئاينىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ.ئىپپەتئاي ئالدىراپ ئانىسىدىن سوراپتۇ: rS^+y{7 -ئانا ،بۇ ساندۇقتا نېمە بار؟ قۇلۇپ بىلەن چىڭ تاقالغانغا قارىغاندا ،ئىچىدە ئېسىل ئۈنچە مەرۋايىت بار ئوخشىمامدۇ؟-دەپتۇ.ئىپپەتخان ساندۇقنى ئاچماق ئۈچۈن تەرەددۇتلىنىپ: d iG kwKj -قىزىم،بۇ مەن ئۈچۈن ئۈنچە-مەرۋايىتىنمۇ قىمەتلىك گۆھەر .مۇشۇ گۆھەر بىلەن مەن باشقىلار ئالدىدا ئىززەتلىك،ھۆرمەتلىك ئايال بولالىغان.بۇ ئاتاڭنىڭ ئىززىتى،مېنىڭ ھۆرمۈتۈم،-دەپتۇ ۋە ساندۇقنى ئېچىپتۇ.ئىپپەتئاي ساندۇق ئىچىدىكى گۆھەرنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ.ساندۇق ئىچىدىن ئاپئاق بىر پارچە رەخت بىلەن غىلاپلانغان بىر دانە خەنجەر چىقىپتۇ.قىز ھەيرانلىقتىن گاراڭ ،سەبىي كۆزلىرىنى ئانىسىغا تىكىپ سوراپتۇ: z.%K5vrO> -ئانا ،بۇ ئاق رەخت ،خەنجەرنىڭ نېمە خاسىيىتى بار؟ F.[E;gOTo ئىپپەتخان گۆدەك قىزىغا ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ. fce~a\y0 -قىزىم،قارا بۇ رەختكە،-دەپلا رەختنى ئېچىپتۇ.رەختنى ئېچىشىغىلا قىپقىزىل بىر نۇر غۇۋا ئۆي ئىچىنى نۇرغا چۈمكەپتۇ،-بۇ قىزىل نۇرنى كۆردىڭمۇ؟مانا بۇ مېنىڭ قىممەتلىك گۆھىرىم. f7_EqS=( -ئانا،نېمىدىگەن چىرايلىق نۇر -بۇ؟! ]> dCt< -شۇنداق قىزىم.بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ،گۈزەل نۇر.بۇ ئاللاھنىڭ دۇنيادىكى بارلىق قىزلارغا ئاتا قىلغان قىممەتلىك نۇرى.بۇ نۇر پەقەت ئىككى تەننىڭ بىر بولمىقى بىلەنلا ئۆز خاسىيىتىنى تاپىدۇ.بۇ نۇر ئاللاھنىڭ قىزلاغا بەرگەن ئامانىتى.پەقەت ھالال ئەرلەرلا بۇ مۇقەددەس نىسىۋىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.بۇ مۇقەددەس توي كېچىسىدىكى مۇقەددەس نۇر،قىزىم.قىز ئۆزىنى پاڭ تۇتۇپ ھالال ئەرلىرىگىلا بۇ نۇرنى سالامەت تاپشۇرغاندىلا ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ.پەقەت ھالال ئەرلەرلا بۇ قىممەتلىك ،مۇقەددەس نۇرنىڭ ھەقىقي ئىگىسى.ئاڭلا قىزىم،ھارام يوللار بىلەن ئېرىشىكەن پاكلىقنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.ئالدىڭدىكى بۇ رەختتىكى نۇر مېنىڭ پاكلىقىم ،مېنىڭ ئىززىتىم.شۇڭا ئۇنى تا بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلدىم.ئېسىڭدە بولسۇن،ھەر قاچان بۇ پاكلىق نۇرۇڭنى ھاياتىڭدىنمۇ ئەزىز بىلىپ ساقلىغايسەن. شەيتاننىڭ ئەقلىڭگە تىزگىن سېلىۋېلىشىدىن ساقلان.نۇرۇڭ سېنىڭ قىزلىق غۇرۇرۇڭ،سېنىڭ قىممىتىڭ.ئۇنى ھالال ئىگىسىگە يەتكۈچە پاك ساقلىغىن."ئىپپەتئەي"غا خاس ئىپپەتلىك قىز بولغىن.بۇ خەنجەرنى ئانام ماڭا بەرگەن .ئەمدى ساڭا بېرەي.ئۇنى يېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىما.ناۋادا،ناپاكلار ساڭا قارا قۇلىنى ئۇزاتماقچى بولغىنىدا ئۆزۈڭنى قوغدىغىن،-دەپتۇ.ئانىسىنىڭ ھەر بىر سۆزىنى چۈشەنگەن ئەقىللىق قىزنىڭ يۈرەكلىرى قايتا ئويغانغاندەك بولۇپ ،ھەربىر سۆز ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەقىش كەبى ئۇيۇلۇپتۇ.ئىپپەتئاي شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىپپەتلىك ،ھايالىق،نۇمۇسچان قىز بولۇپ ئۆسۈپتۇ. (_aM26s WMw^zq?hd@ 5U!yc7eBI/ ئىپپەتئاينىڭ گۈزەللىكى ،ئىپپەتلىكلىكى يۇرت-يۇتلارغا تاراپ كېتىپتۇ.بۇ شەھەردىن خېلىلا يىراق بىر تاغ بولۇپ ،تاغدا بىر توپ قاراقچى ياشايدىكەن.قاراقچىلارنىڭ "سەمەر"ئاتلىق بىر ئاتامانى بولۇپ ،ئۇ ئىپپەتئاينىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاشىق-بىقارار بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىپپەتئاينىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ. rMy(NAo_ بىر كۈنى ئىپپەتئاي بازارغا سودىلىققا چىققاندا،قاراقچى سەمەرنىڭ ئادەملىرى ئىپپەتئاينى بۇلاپ قېچىپتۇ.ئىپپەتخان بىلەن يولدىشى قىزىدىن ئايرىلىپ قالغىنىدىن ھەسرەت چىكىپ ،تولا يىغلاپ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ،لېكىن ئامال قىلالماپتۇ. ئىپپەتئاي قانچە قىلسىمۇ قاراقچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالماپتۇ.سەمەر ئىپپاتئايغا زورلۇق قىلماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئىپپەتئاي يېنىدىكى خەنجەرنى شارتتىدە چىقىرىپ ،مەردانە ھالدا سەمەرگە دەپتۇ: ;Or]x?- -سەندىن ئۆتىنەي.جېنىمنى ئالساڭ ئال !بىراق،مېنى بۇلغىما...بۇ جايغا پاك كەلدىم،ئۆلسەم مەيلىكىن،ناپاك ھالدا كېتىشكە رازى ئەمەسمەن.ئۆلسەم كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.ماڭا زورلۇق قىلىپ ئىپپىتىمنى بۇلغۇساڭ ،ئالدىڭدىلا ئۆلۈپ بېرىمەن.ئىپپەتئاينىڭ مەردانە سۆزلىرىدىن سەمەر سەل پەس كويغا چۈشۈپتۇ.سەمەر قاراقچى بولغان خېلى كۆپنى كۆرگەن كىشى بولغاچقا ئىپپەتئايغا سەل ھۆرمىتى قوزغىلىپتۇ.سەمەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ: nS5g!GYY,k -ئەي قىز ،بۇنداق مەردانە سۆزلىرىڭگە ،جۈرئەتلىكىڭگە نېمە سەۋەب بولدى؟-دەپ سوراپتۇ.ئىپپەتئاي ئانىسى ئىپپەتخاننىڭ سۆزلىرىنى ۋە كۆرگەنلىرىنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ.سەمەر ئىپپەتخانغا قايىل بوپتۇ ۋە ئىپپەتئايغا: < | |