باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       199 
  •    ئىنكاس 
       0 

تەنھالىق ماياكى

قەۋەت ئاتلاش
kumtax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11970

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   450 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   45 (قېتم)
 تۆھپە:   45  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8
 سائەت
دەرىجىسى:
8 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-28
ئاخــىرقىسى:2012-10-01

      تەنھالىق بىزنى شۇ قەدەر چىرماپ ئالدى. جامائەتلىشىش، پىكىرلىش، ئورتاقلىشىش قاتارلىق ئادىمىيلىك بەلگىلىرى ئاستا ئاستا بىزدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. بىز يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قۇم دۆۋىسىگە ئوخشاش تەنھا ھالدا كۆككە مۇناجات قىلىپ ھاياتنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىنى تىڭشاپ تۇرۇپتىمىز. بىزدە شائىرلار تەنھا، ئۆلىمالار تەنھا، زىيالىيلار تەنھا، دىھقانلار تەنھا، ئوقۇغۇچىلار تەنھا، بۇ تەنھالىق ياتلىشىش ۋە روھىي قۇرغاقلىشىشنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بىزنى دۇنيا تىنىقلىرىنىڭ ھاياجانلىق دەقىقىلىرىدىن يىراقتا قالدۇرۇپ تەنھا چۈمۇلىلەردەك نىشانسىز تىپىرلاشقا مەجبۇر قىلماقتا. بىزدە رىئاللىققا بولغان ئىنكاس، ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق، ئەۋلاتلارغا بولغان مەسئۇلىيەت مۇشۇ خىل تەنھالىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. بىز ھەرقاچان ھايات تەشۋىشلىرى بىلەن ئالدىراش. قۇرۇتتەك تەنھا تىپىرلاپ جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە ياشاش بىزدىكى ئالىجاناپلىق تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۋەتكەن. بىز ئەيدىز، تىبىركىليۇز، راك، قاشناش ھادىسىسى قاتارلىق كېسەللىك ۋە ھادىسىلەر بىلەن تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىمىز. ئەمما بىز يەنىلا ئۆلۈمدىن شۈنچىلىك قورقىمىز. ئۆلۈم شەرەپلىك، ئەمما بىز قۇرۇتتەك ئۆلىۋاتىمىز. زامان كېتىۋاتىدۇ. ئاڭ ئۆزگىرەۋاتىدۇ. دۇنيا كىشىلىرى كۆرەش قايناملىرىدا قىممەتلىك ھايات ئۈچۈن قۇربان بېرىۋاتىدۇ. بىزدە يەنىلا تەنھالىق، بۇرۇختۇملۇق،زېرىكىشلىك ھايات كارتىنىسى ئىزچىل داۋام قىلماقتا. سۈكۈنات چوڭقۇر ھاڭلاغا بەنت قىلىنغان بولۇپ نىدالار ئاڭلانمايدۇ. ۋەتەن تەنھا ئوغلانلار ئۈچۈن قۇچاق ئاچقاندا دۇنياچە خوشاللىقلار بىزنىڭ روھىيتىمىزنى غىدىقلىغان ئىدى. بىزدىكى روھىي ئىنىرگىيە كۆيمەكتە، ھاياتلىق كۆيمەكتە، ۋەتەن كۆيمەكتە. ۋەھالەنكى بۇ تەنھا يالقۇن ئاخىرقى ماياك سۈپىتىدە زىمىستان قىشنىڭ زۇلمەتلىك كېچىسىدە بىزنى نىجاتلىققا ئېلىپ چىققۇسى.
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-10-01, 14:21
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى