ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار، ياخشىمۇسىلەر!
1dDK(RBbQ بىرنەچچە ئايدىن بېرى «ئانا تۇپراق كۈندىلىك خاتىرىسى» گە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن، كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى كۈندىلىك خاتىرە شەكلىدە يېزىپ كەلگەن. خاتىرلىرىمنىڭ بىر قىسمىنى ئاز-تولا نەپ بېرىپ قالارمىكىن دەپ، ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
8EbJ5wu/%S %?<Y&t 2012 -يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
&+0WZ#VI بىر ئادەم ئېغىلىدىكى ئۆكۈزنى يېتىلەپ چىقىپ ئۇنى جۇگازغا قاتماقچى بوپتۇ. ئۆكۈز باشتا خالىماي، بىردەم مېڭىپ بىردەم توختاپ خوجايىننى بەكلا تىت-تىت قىلىۋېتىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن دەسلەپ ئۇنىڭغا چۆپ بېرىپتۇ. كېيىن يەم بېرىپتۇ. لىكىن ھەرقانچە تىرىشىپ باقسىمۇ ئۈنىمى بولماپتۇ. كېيىن خوجايىن بىر پەس ئويلىنىپ، ئۆكۈزنىڭ كۆزىنى بىر پارچە لاتا بىلەن ئېتىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆكۈز ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا ئىشقا كىرىشىپ كېتىپتۇ.
>|j8j:S[ كەچتە ئۇ ئېغىلغا قايتىپ كەلگەندە قاتتىق ئىشلەپ قارا تەرگە چۆمۈپ كەتكەنىكەن. بۇنى كۆرگەن ئېغىلدىكى يەنە بىر ئۆكۈز:
\%],pZsA ~ نەگە بېرىپ كەلدىڭ ،- دەپ سوراپتۇ.
%?2:1o بۇ ئۆكۈز ناھايىتى سىرلىق قىياپەتتە:
]lQLAIQ -قارا، بۇرادەر، مەن ناھايىتى مۇھىم بىر خىزمەتنى ئىشلەپ كەلدىم. خوجايىنىم مېنى يېتىلەپ ناھايىتىمۇ يىراق بىر يەرگە ئاپىرىپ كەلدى. ئاتقا نىسىپ بولمىغان خىزمەت ماڭا نىسىپ بولدى. يەنە كېلىپ بۇ خىزمەت خوجايىنىم ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. خوجايىنىم مەندىن ناھايتى رازى بولدى،-دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىنىپتۇ.
`1xJ1z# ئەتىسى خوجايىن ئۇ ئۆكۈزنى يەنە ئېلىپ چىقىپتۇ. ئۆكۈز بولسا قۇيرۇقلىرىنى ئوينىتىپ، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۈمۈپتۇ. ئۇنىڭ كۆزى يەنە ئىتىلىپتۇ. ئۇ خوشاللىق ئىچىدە جۇۋازنى تارتىۋېرىپتۇ. (ئېلبېرت خۇببارت)
][D/=- نۇرغۇن ئادەملەر خۇددى مۇشۇ ئۆكۈزگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ كۆزى ماددىي نەرسىلەر بىلەن توسالغان. ئۇلارنىڭ كۆزى، يۈرىكى پەقەت تۇرمۇشىمىزدىكى ماددىي نەرسىلەرنىلا كۆرىدۇ. شۇلار بىلەن قانائەت ھاسىل قىلىدۇ. بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ.
4Su|aWL- &$H7vdWNy 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
\I-bZ|^ ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتا زېرىكمەي، بەل قويىۋەتمەي ئاخىرىغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا ئۇنىڭدىن چوقۇم ياخشى بىر نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ياشلادا قىلىۋاتقان ئىشىدا ئىزچىللىقنى ساقلىمايدىغان. يېرىم بولدا بوشۇشۇپ بەل قويىۋېتىدىغان، بىر ئىشقا تىزلا قىزىقىپ، تىزلا زېرىكىدىغان ئادەتلەر كۆپ. شۇنداق بولغاچقا ھىچقانداق بىر ئىشتا سۈپەت ئۆزگىرىشى ياسىيالمايلا قالماستىن ۋاقتىنى بىھۇدە ئاۋارە قىلىدۇ.
_6Z}_SiOl يەنە بەزى ياشلىرىمىز ئىشنى باشلىماي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا كېتىدىغان كۈچ، ئىقتىساد ۋە ۋاقىتلارنى ئويلىۋالىدۇ. نەتىجىدە ئۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ كۆزىگە بەك چوڭ كۆرىنىپ كېتىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. مەن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان.
|g`:K0BI يېڭى قۇراشتۇرۇلغان بىر كىچىك سائەت كونا ئىككى سائەتنىڭ ئوتتۇرلىقىغا قويۇپ قويۇلۇپتۇ. كونا ئىككى سائەت «چىك، چىك، چىك» قىلىپ مىنۇت-سېكونىتلاپ توختىماي ماڭاتتى. كونا سائەتلەردىن بىرى كىچىك سائەتكە:
zZE@:P&lf -قېنى، سەنمۇ خىزمىتىڭنى باشلىغىن، لىكىن سېنىڭ 32مىليون قېتىم چىكىلداشقا بەرداشلىق بېرىش-بېرەلمەسلىكىڭدىن ئەنسىرەۋاتىمەن،-دەپتۇ.
=@\Li)Y -ۋاي خۇدايىم! 32مىليون قېتىم دەمسەن!-كىچىك سائەت چۆچۈپ كېتىپتۇ،-مېنىڭ ۋەزىپەم شۇنچىلىك ئېغىرمۇ؟ ھۆددىسىدىن چىقالمىغۇدەكمەن، ھەرگىز چىقالمىغۇدەكمەن.
h*lU&8)m\ -ئۇنىڭ جۆيلۈشلىرىگە قۇلاق سالما،-دېدى كونا سائەتلەرنىڭ يەنە بىرى،-سەن ھەر سېكنوتتا بىر قېتىم «چىك» دەپ قويساڭلا بولدى.
nW"ml$ -جاھاندا نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن،-دېدى كىچىك سائەت تازا ئىشەنمەي،-ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، قېنى مەن سىناپ باقاي.
IEj=pI كىچىك سائەت زورۇقمايلا ھەر سېكنوتتا بىر قېتىم «چىك» قىلىپ قويۇپ يۈرۈۋەردى. ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ 32مىليون قېتىم چىكىلداش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغانىدى.
X"fSM# 2012-يىلى1-ئاينىڭ 29-كۈنى
cERmCe|/CG مەن ئىزىڭدىن ماڭدىم نەچچە يىل،
@FLa i سەجدە قىلىپ تاپانلىرىڭغا.
@7z_f!'u پۈۋلەپ تۇردۇم ئۈستىۋېشىڭنى،
=5D@~?W ZG چاڭ قوندۇرماي چاپانلىرىڭغا.
;Y@"!\t} A6AIkKjzq «ئەھە» دېسەڭ كۈچۈكۈڭ بولۇپ،
F qH@iZ بۇسۇغاڭنى قىلدىم مەن تاۋاپ.
KX $Q`lM دۈشمىنىڭگە ئالايساڭ ئەگەر،
1Zi(5S) خىرىس قىلدىم ئۇنىڭغا قاۋاپ.
+`$[h2Z=: 1Yb9ILX[J يامغۇر چۈشەپ قالساڭ مۇبادا،
+/Vi" كۆز ئالدىڭدا بەردىم تامچىلاپ.
/{7we$+,p كالا بولۇپ ئىشلىدىم ئەمما،
*iW$>Yjb مىت قىلمىدىم تۇرساڭ قامچىلاپ.
sxBRg= T.j&UEsd تۆگە تايلاق قىلساڭمۇ يەنە،
fX 41o# خۇشال بولدۇم، قىلمىدىم غەزەپ.
/^>yDGT,0 كۈلەلمەپتىم ئالدىڭدا بىر رەت،
bk#t+tuk يۈز خاتىرە قىلمىدىڭ ئەجەپ.
x#&ZGFr~ 0- 'f1 1S توۋا دېدىم ئەقلىمگە شۇئان،
b@&ydgmaQ ئۆز-ئۆزىمگە سالدىم بىر كاچات.
vj:hMPCZM كۆز ئالدىممۇ يورىدى بىردىن،
.7nr :P ۋە قۇللۇقتىن بولغاندەك ئازاد.
*<**rY* بۇ شىېئىرنى كۆرۈپ مەكتىپىمىزدىكى بىرقانچە ئوقۇتقۇچى بار ئىدى شۇلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئۇلار باشلىقلاردىن شۇ قەدەر قورقىدۇ. شۇ قەدەر خوشامەت قىلىدۇ. باشلىقنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدۇ. بەزىلەر ئۇلارنى :"باشلىق ئالدىمدا ئۆمىلەكلە دېسە، ئىككىلەنمەي ئۆمىلەكلەيدۇ"دېيىشىدۇ.
h4GR:` fDdTs@)6 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
!0g+} مەن بەزى كىشىلەرنىڭ دوستلۇقىغا ھەيران قالدىم. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى پايدا-مەنپەت ئۈستىگىلا قۇرۇلغاندەك.
A;sd rA بىر تونۇشۇم بار ئىدى، باشلىق بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتەتتى. ئۇلارنىڭ دوستلۇقى باشلىقىمىز مەنسەپكە ئولتۇرغاندىن تارتىپ باشلانغان. ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى يېقىندا بۇ باشلىق بىر پىشكەلچىلىككە ئۇچرىۋىدى بۇ دوستى دۇمباقنى تازا چالدى. ھەتتا خۇپىيانە ھالدا جامائەت پىكرى توپلاپ ئۇنى بىراقلا غۇلىتىۋېتىش كويىدا بولدى.
P7I,xcOm ئۇ بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق، ھەم بەك رەزىل ئىكەن. ئۆزىنىڭ تەبىئىتىنى شۇنچە يىل يوشۇرۇپ كەپتۇ. دوستى ھايات-ماماتلىق پەيتىگە كېلىۋېدى، ئۆزىنىڭ ماھايىتىنى ئاشكارىلىدى.
ua['rOnU دوست دېگەننىغۇ سوقىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، شۇنداقتىمۇ بۇنداق دوستلاردىن ھەزەر قىلغان ياخشىكەن....
A}#@(ma7 #4{f2s[j6 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
$J#}3;a ئاغزىغا كەلگەننى بوغۇزىغا يۇتماي دەيدىغان ياش بىر خىزمەتدېشىمىز بار ئىدى. گەپ قىلغاندا ھەرگىز تارتىنىپ يۈرمەيتتى. چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن دېمەكچى بولغان گېپىنى دەۋېرەتتى. بەزىدە ناھايىتى ئەپسانە، ئەدەپسىز ئىبارىلەرنىمۇ ئىشلىتەتتى. باشقىلارنى ئۇنى ئىنكاسى تىز دەپ ماختاپ قويىۋىدى ئۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ باشقىلارغا زادىلا يۈز قىلمايدىغان بولىۋالدى.
,>%AEN6N2 مەن ئويلىنىپ قالدىم. بۇ ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، ئىنكاسىنىڭ تىزلىقىمۇ ياكى ئەدەپ-ئەخلاقنى بىلمىگەنلىكىمۇ؟ مېنىڭچە بۇ ئۇنىڭدىكى يۈزسىزلىكنىڭ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش تۇيغۇسىنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى گەپ قىلغاندا ئويلىنىۋېلىپ ماۋۇ گەپنى قىلسام قانداق بولىدۇ، قىلمىسام قانداق بولىدۇ؟ دېمەكچى بولدان گەپ سورۇندىكىلەرگە قانداق تەسىر بېرىدۇ؟ گېپىمنىڭ قانچىلىكى راست، قانچىلىكى ساختا؟ مېنىڭ گېپىم باشقىلارنى رەنجىتىپ قويامدۇ قانداق؟ دېگەنلەرنى ئويلىمايلا دېيىلگەن گەپلەر ھەرقانچە دانالىق بىلەن ئېيتىلغان گەپلەر بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ تەقدىرلەشكە، ئىلھام بېرىشكە تېگىشلىك گەپ ئەمەس.
VwoCRq* بىر دانا سۆزنى تۆۋەندىكى ئۈچ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈش لازىملىقىنى ئېيتقانكەن:
j>M'nQ,;d بىرىنجى ئەلگەك-راست-يالغانلىقىنى ئايرىش
E~zLhJTUL' ئىككىنجى ئەلگەك-ئەھمىيىتى بارمۇ-يوق؟
`X]-blHo ئۈچىنجى ئەلگەك-باشقىلارنى خوشال قىلالامدۇ ياكى دىلىنى رەنجىتەمدۇ؟
9il!wg? بۇ ئۈچ ئەلگەكتىن ئۆتمىگەن گەپ ھەرقاچان ئادەمگە زەرەر يەتكۈزۈشى مۈمكىن.
0-g,C=L "8Pxf= 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى
L]#J?lE& تەتىل بولغاچقا بۇ بىر قانچە ھەپتە ئۆيدە بولدۇم. ئاپىسى ئىشقا كېتىدۇ. ئىككى بالام بىلەن ئۆيدە قالىمەن. بالىلار بىلەن ئاۋال كىتاپ كۆرىمىز. ئاندىن ئۇلار تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ. ياكى خەنزۇچە جۈملە يادىلايدۇ. مەن بۇ چاغدا ئانچە مۇنچە بىرنەرسە يازغان بولىمەن. (ئەمەلىيەتتە ئانچە كۆپ بىرنەرسە يازالمىدىم) كېيىن بىر ئىككى سائەت ئوينايمىز. يا سىرتقا چىقىمىز ياكى باشقا ئويۇنلارنى ئوينايمىز. بەك خوشال. بىر خىل ئىللىق. ئۇلارنىڭ قوڭغۇراقتەك كۈلكىلىرى، تالاش-تارتىشلىرى، بىر-بىرىگە ئامراقلىقى ماڭا باشقىچە خوشاللىق ۋە بەخىت ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلىب خوشاللىقىدىن خۇددى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىدا دېيىلگەن مۇنۇ قۇرلارنى «ئەي بالىلار، قەلبىڭلار باھار قۇشلىرىغا ئوخشايدۇ، باغلاردا يېشىل ياپراقلار پەيدا بولسىلا، مەڭگۈ غازاڭ پەسلى، زىمىستان پەسلى بولمايدۇ دەپ ھاياتنى كۈيلەيسىلەر، سىلەر كىپىنەكلەرگىمۇ ئوخشايسىلەر: گۈللەر ئېچىلسىلا دۇنيانىڭ ھەممە يېرى ھەمىشە شىرنە دەپ قاناتلىرىڭلارغا بەخت پەيلىرىدىن كۈچ بېرىپ توختىماي پەرۋاز قىلىسىلەر...بالىلار كۈلكىسى ئاڭلانغان يەر ئەڭ گۈزەل، بالىلار شادلىقى ھايات شادلىقى، بالىلار بەختى ئىنسان ئارزۇسى...» ئېسىمگە ئالىمەن. ھەم ئامال قىلىپ ئۇلارغا ئاتىلىق مىھرىمنى، خوشاللىقىمنى ئاتا قىلسام دەيمەن.
mn" a$ uGJeQ 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
v(<~:] بەزى ئورۇنلاردا ئىش بېجىرمەك نېمە دېگەن تەس. قارىسا ئادەم شۇنداق كۆپ، لىكىن ئىش بېجىرىپ بارساڭ سېنىڭ ئىشىڭنى بېجىرىدىغان ئادەم يوق. ئەتە كەل دېگەن، ئەتىسى كەلسە ئەتە كەل دېگەن.
8pDJz_F!{ بالىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن سۇغۇرتا ئورنىغا ھەپتە باردىم. تور ئشىلىمىدى دەپ نەچچە كۈن ئاۋارە قىلدى. ئاخىرى بۈگۈن تورمۇ ئېچىلىۋېدى ئىش بېجىرىدىغان ئادەم كۆپ. يېرىم كۈن ئۆچىرەت تۇرۇپتىمەن. قارىسام بىزدەك يولى يوق، تونۇشى يوقلار ئۆچىرەت تۇرىدىكەن. نەچچىسى ئۆچىرەت ساقلىمايلا «پالانى ئاچا، پۇستانى ئاكام» دەپلا كېلىپلا ئىشىنى بېجىرىپ خىيالىدا يوق كېتىدىكەن. بۇ دۇنيادا بىر نەرسىنى ساقلىماقتىنمۇ تەس، ئېغىر ئىش بولمىسا كېرەك. نېمە ئامال؟ شۇنچە ساقلاپ ئاران نۆۋەت كەلگەندە ئىش بېجىرىدىغان خانىم «ئۆيىڭىز نەدە؟» دەپ سورىدى. تۇرۇشلۇق ئورنۇمنى دېسەم «پالانى باشقارمىغا بېرىڭ» دەيدۇ. ئاچچىقىم شۇنداق تۇتتى. نەچچە يىلنىڭزى مۇشۇ ئورۇندىن بېجىرىۋاتساق، بۇ قانداق بولغىنى؟ باشتىراق شۇنداق دېمەي، يېرىم كۈن ساقلاپ بەللىرىم تېلىپ ئاغرىپ كەتتى. ئۇنىڭغا گېپىمنى ئۇقتۇرالمىدىم. ئاخىرى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ھېلىقى باشقارمىغا باردىم. ئۇ يەردە يېرىم كۈن ساقلاپتىمەن. لىكىن ئۇ نوپۇس سۈرۈشتۈرۈپ يەنە ھېلىقى سۇغۇرتا ئورنىغا بۇيرىدى. قانداق گەپ؟ ئاچچىق دەستىدىن يېرىلىپ كېتەيلا دېدىم. نېمە ئامال «پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالغىلى بولمايدۇ»دە؟ سائەت تۆت بولسىمۇ يەنە باردىم. يەنە ئادەم كۆپ، بىر سائەتلەر بىلەن ئاران ئۆچىرەت كەلدى. نېمە ئامال، مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىقلار تۈپەيلى ئادەممۇ قاق باش بولۇپ كېتىدىكەن. بۇ قېتىم ئۇ يەنە ئۆي تۇرۇشلۇق ئورۇننى سورىۋىدى، مەن نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇننى دەپ بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ھەپتە ئاۋارە قىلغان بۇ ئىشىممۇ ئاخىرى پۈتكەن بولدى.
)sB`!:~HjP GG;M/}E9 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
d&?B/E^ بىر خوشنىمىز تۇغۇلغان بالىسىغا ئىسىم قويماقچىكەن شۇڭا بىردەم ئولتۇرۇپ چىقىڭلار دەپ تولىدى. كىرسەم ئۈچ ئۆيدە لىققىدە ئادەم ، داستىخان شۇنچە مول، نەچچە خىل تاماق ئارقا-ئارقىدىن تارتىلىپ تۇردى. ھەيران قالدىم. بۇرۇنلاردا بىرنەچچە ئادەمگە ئاددىيلا داستىخان راستلاپ قارىملار ئىسىمنى قويسىلا ئىش پۈتەتتى. ھازىر ئىسىم قويۇشمۇ بىر خىل ھەشەم-دەرەمگە ئايلىنىپ كېتىپتۇ.
PpU : 4;en بىرنەچچە خىل تاماق تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوتتۇردا ئولتۇرغان كەكە ساقال، قىزىل يۈز، 40ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم بالىنىڭ دادىسىدىن:
v_5DeaMF' -ئىسىم قويۇش ئۈچۈن ئەقىدە قىلدىڭلىما؟ -دەپ سوراپ قالدى.
{(7.X4\x -قانداق ئەقىدە؟ - سورىدى ئۆي ئىگىسى قايتۇرۇپ.
ZQl[h7c/N -قان ئېقىتىپ، قوي سويدۇڭما؟
qI;k2sQR -ياق، گۆشنى بازاردىن ئالغان،-دېدى ئۆي ئىگىسى. ھېلىقى ئادەم:
348Bu7': -بۇ بولماپتۇ، ئىسىم قويۇشقا قويدىن بىرنى خۇددى قۇربانلىققا ئاتىغاندەك ئاتايمىز، قان ئېقىتىپ قۇربانلىق قىلىمىز. ئۇنداق بولمىسا بۇ ئىسىم قويۇش ئۆتمەيدۇ، راۋا بولمايدۇ، ئەگەر پۇلۇڭ يوق بولسا مەن پۇل بېرەي، قۇربانلىققا ئالغاندەك قوچقاردىن بىرنى ئېلىپ، قائىدە بويىچە قىلايلى!-دېدى.
j*QY_Ny* ئۆي ئىگىسى تۇرۇپ قالدى. مەنمۇ ھەيران قالدىم. ھەجىبا، بۇگۈنكى بۇ داستىخان ئەقىدە قىلغان بولمامدىكىنە؟ ھەر خىل تائاملار، داستىخانغا تۆكمە قىلىنغان نازۇ-نېمەتلەر... ھىچنىمىگە ھېساپ بولالماسمۇ؟
Cn28&$:J ھېلىقى ئادەم بۇ گەپنى يەنە بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىۋېدى، ئۆي ئىگىسى بۇ ئىسىم قويۇش مەرىكىسىنى يەتتىنجى كۈنى قايتا ئۆتكۈزدىغاىنلىقىنى جاكارلىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى راست، شۇنداق قىلىش كېرەك دېيىشتى.
%$]u6GKabi يەنە يېڭى پەتىۋا، يەنە قاملاشمىغان ئادەت دېدىم ئىچىمدە، ئىككى نان تاپساق بىرنى داپ قىلىپ چالىدىغان قائىدىمىز قاچانمۇ تۈگەر؟
gs'bv#4yd k,?Y`s 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
T5-4Q بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇنداق دەپتۇ:
=C#,aoa! «مەن سىلەرگە ئۈچ چىلەك سۇ ھەدىيە قىلىمەن. بىرىنجى چىلەكتىكى سۇدا دائىم بېشىڭلىنى يۇيۇپ تۇرۇڭلار! چۈنكى بىلىم چەكسىزدۇر، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى بىلىم ئەتە كونىراپ قېلىشى مۈمكىن، شۇڭا ئۇنى داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇرۇش، كاللىنى يېڭى بىلىملەر بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.
?LNwr[C0 ئىككىنجى چىلەكتىكى سۇدا دائىم ئاغزىڭلىنى چايقاپ تۇرۇڭلار! ئاز سۆزلەڭلار! كۆپ ئاڭلار! گەپ قىلغاندا ئەدەپ-ئەخلاققا، شەرمى-ھاياغا دىققەت قىلىڭلار! كونىلارنىڭ: «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە!» دېگەن سۆزىنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! گەپ ئېغىزدىن چىقىشتىن بۇرۇن سەن ئۇنى باشقۇرغان بىلەن، ئېغىزدىن چىققاندىن كېيىن سېنى باشقۇرىدۇ. يۇز-ئابروي، شان-شۆھرەت، يۇقۇرى مەنسەپكە، ھۆرمەتكە ئېرىشەي دېسەڭلار-كۆپ ئويلىنىڭلار! ئەقىلنى ئىشقا سېلىڭلار! ئاز لېكىن، ساز گەپ قىلىڭلار!
z>y,}#D?C ئۈچىنجى چىلەكتىكى سۇدا پۇت-قولۇڭلارنى يۇيۇپ تۇرۇڭلار! پۇت-قول چاققان بولسۇن! بەخىت-سائادەت ھەركەتتىن كېلىدۇ، تەلەي كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ. ھەركەت قىلغان بەرىكەت تاپىدۇ، شۇڭا ھەركەت قىلىڭلار، ئەمگەك قىلىڭلار، ئەجىر قىلىڭلار!
"*Ni/p$I O]2h=M@q. 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
Y_)04dmr@[ مەن ئۆز ئىشىم بىلەن بولۇشنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا، گېپىگە ئارلاشماسلىقىنى، كۆپ ئاڭلاش، ئاز سۆزلەشنى، كۆپرەك كىتاپ ئوقۇش، خاتىرە يېزىش، كۆپرەك پىكىر قىلىشنى، ئۆزۈمگە خاس ۋاقىتلارنى كۆپرەك ئاجرىتىپ ئۆزۈم ھەققىدە كۆپرەك ئويلىشنى شۇ ئارقىلىق پىسخىكامدىكى بەزى ناچار ئىللەتلەرنى ۋۇجۇدۇمدىكى پاسكىنىچىلىقلارنى تازىلىماقچى بولدۇم. بۇ مېنىڭ ئۆزۈمنى مۈكەممەللەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشۇم بولىشى مۈمكىن، ئەمەلىيەتتە مەن بىر قېتىملىق پىسخىك سىناققا تەييارلاندىم. مەن ئۆزۈمنىڭ تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىققا جەڭ ئېلان قىلماقچى. كىشىلەر: ئادەمنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، دەيدىكەن بۇ گەپ راستمىدۇ؟ راستىنلا ئادەمنىڭ تەبىئىتىدىكى بىر قىسىم سەلبى تەرەپلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولماسمۇ؟ مېنىڭ ئۆز تەبىئىتىمدىن ھالقىپ مۈكەممەللىك قوغلۇشۇشۇم توغرىمىدۇ؟ بىراق بۇ بەكمۇ تەس ئوخشايدۇ. تەبىئىتىمىزدىكى ئاجىز روھى ئادەتلەر، ناچار پىسخىكىلارنى بىر يولىلار ئۆزگەرتەلىشىمىز، تىز پۇرسەتتە بۇ خىل چەمبەردىن قاڭقىپ چىقىپ كېتەلىشىمىز بەسى مۈشكۈلدەك قىلىدۇ.
5.\!k8a a[#4Oq/t$ 2012-يىل5-ئاينىڭ9-كۈنى
TR%?U/_4;r Gu_s:cgB9F ۋاقىت ئاددىي ھەم قىممەتلىك ، ۋاقىتنى پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى، توختىتىپ قويغىلى بولمايدۇ.ھايات ئىتايىن چەكلىك. چەكلىك ھاياتتا كىشىلەر ۋاقىتتىن ئىمكاقەدەر ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. لۇشۈن ئەپەندى:"ئادەم بىر كۈندە 24سائەتكە ئېرىشىدۇ، ۋاقىت ئەمگەكچان كىشىلەرگە ئەقىل-پاراسەت، كۈچ قۇدرەت ھەدىيە قىلسا، ھۇرۇن كىشىلەرنى پۇشايماندا قالدۇرىدۇ."دېگەن.
f O(.I دەرەخ قاخشال بولۇپ كەتسە يەنە كۆكىرەلەيدۇ، گۈل توزىسا يەنە ئېچىلىدۇ، قارلىغاچ كەتسە يەنە قايتىپ كېلىدۇ، ئىنسان چەكلىك ۋاقىتنى تۈگەتسە، ئۇمرى ئاخىرلىشىدۇ. يازغۇچى جۇزىچىن :"ۋاقىت قول يۇغاندا سۇ بىلەن بىللە ئېقىپ كېتىدۇ، تاماق يىگەندە تاماق بىلەن بىللە يىيىلىپ كېيىدۇ، خىيال سۇرگەندە خىيال بىلەن بىللە كېتىدۇ، ئۇخلىغاندا يېنىمىزدىن تۇيدۇرماي ئۆتۈپ كېتىدۇ، سەھەردە ئويغىنىپ پارقىراپ تۇرغان قۇياشنى كۆرگەندە يەنە بىر كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ."دېگەن.
9X*q^u ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى ۋاقتنىڭ قەدەملىرى. بىز ھازىردىن باشلاپ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق – ۋاقىتنى قەدىرلەيلى!
?ke C ?3zx?>sG 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
X G^ ئەڭ ئالدى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلەيمەن! بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
)8N/t6Q بالىلىرىم، سىلەرنىڭ خوشاللىقىڭلار بىزنىڭ خوشاللىقىمىز، سىلەرنىڭ بەختىڭلار بىزنىڭ بەختىمىز. سىلەرنىڭ كۈلكەڭلار بىزنىڭ كۈلكىمىز. سىلەرنىڭ خوشال-خورام، غەمسىز ، ئەقىللىق چوڭ بولغىنىڭلارنى كۆرسە ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئارمىنى قالمايدۇ.
Q,DumOq بۈگۈن تاڭ ئاتماستىنلا بالىلىرىم ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان بايراملىق كېيىم -كىچەك بىلەن پۇللارنى ئۇلارنىڭ بېشىغا قويۇپ قويۇپ ئىشقا كەتتىم. ئۇلارنىڭ ئويغىنىپ بۇ نەرسىلەرنى كۆرگەندىكى خوشاللىقىنى پەرەز قىلالايمەن. چۈشتە بالدۇرراق قايتىپ كېلىپ ئۇلار بىلەن خەلق مەيدانىغا ئوينىغىنى باردۇق. ئۇلارنىڭ شاد كۈلكىلىرى، چىھرىدىكى بەخت تۇيغۇسى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيۋاتىدۇ. «ھەر كۈنى مۇشۇنداق ياشىغان بولساق نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە!» دەپ ئويلاپ قالدىم.
lq9c2xK دۇنيادا قانچىلىغان بالا يەنە يىغا-زارە، غەم-قايغۇ بىلەن ئۆتىۋاتقاندۇ؟ قانچىلىك بالا ئۇرۇش ۋە باشقا ئاپەتلەر تۈپەيلى خانىۋەيران بولىۋاتقاندۇ؟ قانچىلىك بالىنىڭ تېخى قورسىقى ئاچ، كېيىمى يېلىڭ؟ (بەخىت ئىچىدە يۈرىۋاتقىنىمىزدا بۇلارنىمۇ ئويلاپ قويىشىمىز كېرەك)
DV.MvFV jBB<{VV| 2012 -يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى
3NJH"amk بىكەتنىڭ كۈتۈش زالىدا ئادەم كۆپ ئىدى، 17-18ياشلار چامىسىدىكى قولى تېڭىلغان بىر ياش ئالدىرىماي كېلىۋاتاتتى. شۇ چاغدا قانداقتۇر بىر ئىش بىلەن ئالدىراش كەلگەن 60ياشلار چامىسىدىكى ساقاللىرى ئاقارغان بىر كىشى ئىھتىياتسىزلىقتىن ھېلىقى ياشقا سوقۇلۇپ كەتتى. بۇ ياش خېلى قاتتىق يىقىلىپ چۈشتى، ئۇ قولىنى تۇتقىنىچە كۆزىنى چىڭڭىدە يۇمۇپ بىر ھازا تۇرۇۋېلىپ بىر قولىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ ئالىدىدا قىلمىشى ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ ھېلىقى بوۋاي تۇراتتى. ئۇ پۈتۈن ئاچچىقىنى ساق قولىغا يىغىپ بوۋاينى كېلىشتۈرۈپ شۇنداق سالدىكى بوۋاينىڭ ئاغزى-بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتتى. نۇرغۇن ئادەم ھېلىقى يېگىتنى ئەيىپلەپ كېتىشتى.
Q^F-8 ماشىنا مېڭىپ قېلىپ ۋەقەنىڭ ئاخىرىغا شاھىد بولالمىغان بولساممۇ لىكىن بۇ ئىش تاكى ئۆيگە بارغۇچە خىيالىمدىن كەتمىدى. بىزدىكى كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق نەگە كەتتى-ھە؟ بۇمۇ بىر خىل ئادىمىيلىك پەزىلەت ئەمەسمىدى؟
dGfWRqS] تۆۋە....
dG|\geD kOc'@;_O 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى
<zUmcZ ئۈچ كىشى مىھمانخانا دەرۋازىسىدىن چىقىپ يول بويىدا توختىدى.
ILpB:g -نەگە بارىمىز؟-دەپ سورىدى ئىگىز بوي بىرسى.
:I7MP -ھورداقخانىلارغا بارايلى، ئۇ يەردە بەدىنىمىزنى يۇيۇپ، ئۇۋىلاپ قويىدىغان خېنىملار بار،-دېدى كۆزلىرى قىسماق بىرى.
\\TI4A^# -مېنىڭچە دىباغا كېرەيلى، قىزلارنىڭ سەرخىللىرى شۇ يەردە، كېچىچە بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدا خىزمەت قىلىدۇ،-دېدى يەنە بىرى.
w_Ls.K5" -زادى قايەرگە بارىمىز؟
j C@^/rMh -بولدى سەنلا بەلگىلىگىنە، سەن نەگە دېسەڭ شۇ يەرگە بارايلى.
*?8Q:@: -ئەمىسە ماڭدۇق،- ئۇلار تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ئۇنىڭغا چىقىشتى.
>i.+v[)# -نەگە بارىسىلەر؟-سورىدى تاكسى شوپۇرى.
HOw][}M_w -بۇ شەھەردە پاھىشخانىلار بارمۇ؟-سۇئالغا سۇئال بىلەن جاۋاپ بەردى ئىگىز بوي.
ooq>/OI0 شوپۇر بىرھازا جىمىپ كەتتى. ئاندىن يان تەرەپتىن بىسلىرى پاقىراپ تۇرىدىغان ئۇزۇن بىر پىچاقنى چىقىرىپ يېنىدا ئولتۇرغان ئىگىز بوي كىشىنىڭ ئېڭىكىگە تەڭلەپ:
(&B &V -بۇ شەھەردە مانا مۇنداق نەرسىلەر بار، جېنىمىز ساق قالسۇن دېيىشسەڭ قوڭۇڭنى قىسىپ ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇش.
3)xV-Y9 تاكسى شوپۇرى ئۇلارنى چۈشۈرۈۋېتىپ بىردەمدە كۆزدىن غايىپ بولدى. ئۈچەيلەن غالىلداپ تىترىگىنىچە ياتاققا قاراپ تىكىۋېتىشتى.
CeZ5Ti?F lH6t d 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى
15zL,yo زامان شۇنچە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ يۇرتىمىزدا تۇيۇقسىز توك توختاپ كېتىدىغان ئەھۋاللارغا ھىچكىم ھەيران قالمايدۇ. ئۆيدە داۋاملىق پۇتلۇشۇپ يۈرگەن نەرسىلەر ئىزدىگەندە تېپىلمايدىكەن، بىر پارچە شامنى شۇنچە ئىزدەپ تاپالماي، ئاخىرى مەھەللە دوقمۇشىدىكى دۇككانغا شامغا چىقتىم. دۇككان پەنجىرىسىدىن شامنىڭ خىرە يورۇقى يېنىپ تۇراتتى. ئىشىك ھىم ئېتىلگەن بولسىمۇ ئىچىدىن كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۆيدىكىلەر شامغا قاراپ قالغاچقا ئالدىراپ-تېنەپ دۇككانغا كىردىم. ئىشىكنى ئېچىشىمغىلا گۈپپىدە ئۇرۇلغان كەندىر پۇرىقى ۋە ئىس-تۈتەك كۆڭلۈمنى ئېلىشتۈرىۋەتتى. مېنىڭ كىرىشىم بىلەن دۇكان ئىچىدىكى كۈلكە-چاقچاقلارمۇ خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەكلا جىمىپ كەتتى. 15-16ياشلار چامىسىدىكى بىر توپ بالىلار دۇكان ئىچىدە ئۆزىنى يوشۇرىدىغانغا جاي تاپالماي قېلىشتى. گويا تۇماندەك لەيلەپ يۈرگەن كۆك ئىسلار ئارىسىدا چىرايلىرى تاتارغان، كۆزلىرى قىسىلىپ كەتكەن بۇ بالىلار خۇمارىغا قېنىپ ئىشرەت كەيپىنى سۈرىۋاتاتتى.
A6sBObw; تۆۋە... ما كارامەتنى كۆرۈڭ! تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن بالىلار نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىيدۇ-ھە!؟ بۇ بالىلاردىن قانداق ئاتىلار يېتىشىپ چىقار؟ يۇرتنىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟
}:BF3cH> 0 @wg*~"d 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى
RFZrcM ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان بىر توردىشىمىزنىڭ خاتىرىسىگە مۇنۇلارنى يازدىم:
1|gEY;Ru ئۇلۇغ ئاللا سىزنى خاتىرجەملىككە، مۇرات-مەقسىدىڭىزگە يەتكۈزگەي!
Mpj3<vj سىزنىڭ ئازابىڭىزنى ئېنىق بىلمىسەممۇ لىكىن بۇ ئازاپنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمەن، چۈنكى دۇنيادا مەڭگۈلۈك بەخت، خوشاللىق بولمىغىنىدەك مەڭگۈلۈك بەختسىزلىك، ئازاپمۇ بولمايدۇ، ھەممە ۋاقىتلىق. ۋاقىت ھەممىنى ئېلىپ كېتىدۇ. پەقەت چىدام، سەۋر-تاقەتلىك بولۇش، قارنى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ ئەپۇچان بولغاندىلا ۋاقىتلىق ئازاپلارنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئادەمنىڭ بېشىغا نېمە قىسمەتلەر كەلمەيدۇ:
6=& wY دەرت-ئەلەملەر كېلىدۇ،
3*;{C|]S ئوغۇل بالانىڭ باشىگە.
k}BNFv8 سايدا تۈگمەن چۆگىلەيدۇ،
fkx9I m4 كۆزىدىن ئاققان ياشىگە.
YY.;J3C بىر يىغىنىڭ بىر كۈلكىسى بار، ۋاقىت سىزنى خوشاللىققا، بەختكە ئېرىشتۈرۈشىمۇ مۈمكىن، شۇڭا ئارتۇقچە قايغۇرماڭ، ئازاپ چەكمەڭ، ئۈمىدسىزلەنمەڭ، ئىشەنچ بىلەن ياشاڭ!
1di?@F2f beq)Frn^ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
XjX<?W بالىلار چوڭ بولغانسىرى دەردى كۆپىيىدىكەن. ئوغلۇم تولۇق ئوتتۇرغا ئىمتىھان بېرىۋىدى تەجىرىبە سىنىپىغا نومۇرى كەملەپ قاپتۇ. ئادەتتىكى سىنىپتا ئوقۇمايمەن، دەپ بەك خاپا قىلىپ كەتتى. بىر مەكتەپكە بارسام مۇناسىۋەتلىك خادىم ئادەمنىڭ ئىچىنى قاينىتىپ: تونۇشلىرىڭىز يوقمىتى، دەيدۇ . كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. يۇۋاشلىقىمدىن كىشىلەرگە ئانچە ئارلاشماي ئۆتكەچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزەلدىن باشقىلارغا يېلىنمايمەن دەيدىغان بىر خىل ناچار خاراكتىرىم بولغاچقا بالامنىڭ تەجىرىبە سىنىپىدا ئوقۇش ئارزۇسىنى رىياللىقا ئايلاندۇرالمىدىم. يەنە بىر مەكتەپكە بارسام ئۇلارنىڭمۇ نومۇر چېكى يۇقۇرى ئىكەن. ئىلمىي مۇدىرى: «ئامال يوق، ئادەتتىكى سىنىپتا ئوقۇسۇن!»دېدى. قايتىپ چىقىۋاتسام بىر تونۇشۇم ئۇچراپ: «پۇل خەجلىسەڭ ھەل بولىدۇ»دەيدۇ. ئۇنىڭ گېپىگە ئانچە ئىشەنمىدىم. بايىلا تېخى«ئامال يوق» دېگەن كەسكىن پوزىتسىيەنى ئاڭلىغان تۇرسام. مۈمكىن بولارمۇ؟ ھېلىقى تونۇشۇم:«تۆت-بەشەيلەننى پالانى يەرگە ئاپپىرىپ مىھمان قىل، بالاڭ تەجىرىبە سىنىپىغا ئۆتمىسە، پۇلۇڭنى مەن قايتۇرۇپ بېېرىمەن» دەيدۇ. «مىھمان قىلمىسام زادى بولمامدۇ»دېسەم «ياق»لا دېدى. دېمەك پۇل مېنىڭ يۈزۈمدىن ئۈستۈنكەن. بۇلار ئادەمنى تونىمايدىكەن، پۇلنى تونىيدىكەن. مەن ئۇ تونۇشۇمغا:«پۇل مەندىنمۇ قىممەتلىك ئىكەن، مەن بۇ قىممەتلىك نەرسەمنى سىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلمايمەن» دەپ چاقچاق قىلىپ مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىم.
,{.&xJ$ )`U T#5 2012-يىل 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
gHm^@ ئارام كۈنى بولغاچقا بازار چۆگىلىگەچ يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان بىر ئولتۇراق رايۇنىغا ئۆينىڭ باھاسىنى ئۇقۇشقىنى باردىم. ئۆينىڭ باھاسى بارغانسىرى ئۆسۈۋېتىپتۇ. ئالى دەرجىلىك،كۆپ قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ باھاسى تېخىمۇ يۇقۇرىكەن. مەن بىر يۈرۈش ئۆينى ھېساپلىتىپ باقتىم. 110پىڭپاڭلىق بىر ئۆينى (ئۆينىڭ ئەمەلىي كۆلىمى 85، ماشىنا توختىتىش مەيدانى، گۈللىك، كارىدور بولۇپ) 250000مىڭدىن كەم ئالغىلى بولمايدىكەن.
$D45X< ئۆي باھاسى، ئىھتىياج، تەمىنلەش، مۇلازىمەت...توغرىسىدا خىيال قىلىپ كېلىۋاتاتتىم. بىرسى تولىغاندەك قىلدى. قارىسام يېرىم ئوچۇق ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا بىر ئايال مېنى شەرەتلىگىلى تۇرۇپتۇ. بۇ ئايال كالتە ئىشتان كېيىۋالغان بولۇپ، يوتىلىرى، مەيدىلىرى ئوچۇق تۇراتتى. تېنىم شۈركىنىپ كەتتى. ھودۇقۇپ ئەتىراپىمغا قارىدىم. گەرچە ئەتىراپىمدا تونۇش بىرەرسى بولمىسىمۇ يامان ئىش قىلىپ قويغان ئادەمدەك قورقۇنچ بېسىپ بەدەر تىكىۋەتتىم. بۇ يەردىن خېلى ئۇزاپ كەتكىچە تېنىم جۇغۇلداپ، پۇتلىرىم تىترەپ قەدەملىرىم ئېغىرلىشىپ كەتتى.
G&;W قوروغا بېرىپ بۇ ئىشنى كۆڭلۈم يېقىن بىرقانچەيلەنگە دېۋىدىم. ئۇلار مېنى مازاق قىلىپ كۈلۈشتى. بىرى:«نېمە ئىشىڭ بار دەپ كىرىپ باقماپسەن» دەيدۇ.
S#ven& شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى:«كىرىش تۇرماق ئۇنداق يەرنى ئويلاشمۇ مەن ئۈچۈن ھارام. مېنى پاك ئەقىدە، ھالال نىيەت بىلەن ياشىغىنى قويۇڭلار»دەپ خاپا بولۇپ كەتتىم.
n'R8nn6^ AU>d1S. 2012-يىلى9-ئاينىڭ 24-كۈنى
N-5lILuJJ بۈگۈن تۇرۇپلا ناخشا ئاڭلىغۇم كەلدى. ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشامنى ئىزدەپ تېپىپ ئاڭلىدىم، قايتا-قايتا ئاڭلىدىم، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ غىڭشىپ ئوقۇپ قويىمەن. بۇ ناخشا بارغانچە قەلبىمنى چۇلغىۋالدى. مېنى پۈتۈنلەي مەسىت قىلىپ قويدى. پۈتۈن ئىشقىم بىلەن ئۇنىڭغا بېرىلدىم. ناخشىدىكى ئاھاڭ، مەنا روھى دۇنياسىمنى ئىگىلەپ كەتتى. قېنىمغا قوشۇلۇپ تومۇرلۇرۇمدا مەۋج ئۇردى. دولقۇن ياسىدى. مەن ياشلىققا قايتقاندەك، ھاياتى كۈچكە تولغاندەك بولدۇم.
cOS|B1xG قىزىل گۈلۈم قارچىغىنىڭ بالاسى،
3<Cd>o. قانداق قىلاي، ئەي كۆزۈمنىڭ قاراسى.
2Ejs{KUj قانات ياساپ ئۇچۇپ بارسام يانىڭغا،
0w\gxd~' ساقىيار ئىدى يۈرەگىمنىڭ ياراسى.
2o{Fp7l AR)&W/S)7, بوز يىگىتىم ھېساپلىسام كۆيگەنى،
vL-%"*>v ئۇزۇن بوپتۇ شىرىن لىۋىڭ سۆيگەنى.
:JPI#zZun بىلسەڭ ماڭا ئەسلا مۈمكىن ئەمەستۇر،
c?[A سەن جاناندىن بۇ كۆڭۈلنى بۆلگەنى.
&?x^I{j 7 +? ھۆكەر چىقىپ ئاي نېمىشقا پاتمايدۇ؟
G&:YgwG چولپان تۇغۇپ تاڭ نېمىشقا ئاتمايدۇ؟
b7HS3NYk ئىككى تاغدا كاككۇك بىلەن زەينەپتەك،
&oNy~lo بۇ ئالەمدە يۈرەكلىرىم قانمايدۇ.
011 _(v nuXaZRH قىزىل گۈلۈم ئۆچمەس بوپتۇ نامىڭىز،
r?V\X7` + كىمگە يېتەر بىزنىڭ پەريات-نالىمىز.
<L:v2 8c سىز ئۇياقتا مەن بۇياقتا ئىنتىزار،
}LQ&AIRN ئاغرىق باشقا قاچان چۈشەر سايىمىز.
nwW`Q>+#U b Kv9F@ ئارمان بىلەن ئۆتۈپ كەتتىڭ تارىم دەپ،
KJJ8P`Kx مۇڭلىنىمەن ناخشام بىلەن يارىم دەپ.
eEupqOF*:W بۇلبۇل كۆڭلى قىزىل گۈلگە قانغانمۇ؟
yn4Xi@9Pri كىم ئېيتىدۇ يۈرەك باغىر ئايرىم دەپ.
c tTbvXP =as ]>?< بۇ ناخشىنى خۇددى سەۋدايىدەك نەچچە قېتىم ئاڭلاپتىمەن. يۈرەكنى تىترىتىدىغان مۇشۇنداق ناخشىلاردىن يەنە قانچىسى بار-ھە!
aFd,
WWHT;ST ogDyrY}] cA AJ7? 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
Nl PP|=o ئەسلىدىغۇ ئۆلگەننىڭ كەينىدىن گەپ قىلىش گۇناھ، لىكىن نۇرغۇن ئادەم بۈگۈن يېزىمىزدا بولغان ئىككى ئۆلۈم توغرىسىدا كۆپتىن-كۆپ گەپ-سۆز قىلىشتى.
yz,ak+wp -يېشى 60تىن ئېشىپمۇ ھاراقنى تاشلىماپتىكەن. ھاراق ئىچمىسە بىر كۈنمۇ تۇرالمايدىكەن.
jHTaG%oh -ھاراقنى تولا ئىچىپ قوللىرى تىترەيدىغان بولۇپ قاپتىكەن.
c"77<Db$ -ئۇ رەمىتىنى ئاخشام كۆپ ئىچىۋېتىپ ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەۋرەزخانىغا يىقىلىپ قاپتۇ دېيىشىدىغۇ؟
%nVnK6[sox -قانۇن دوختۇرلىرى:«ھاراقنى تولا ئىچىپ يىقىلغان، يارىدىن كۆپ قان چىقىپ كەتكەن» دەپ خۇلاسە قىپتۇ.
[}}oHm3& -خۇدانىڭ كارامەتلىرى-دە! ئۇنىڭ باشقا خوتۇندىن بولغان ئوغلىمۇ بۈگۈن قازا قىلدى.
9{?<.% -ئوغلىنى زەھەر چېكىدىكەن دېيىشىدىغۇ.
YtxBkKiJ2V -ئىچكىرىلەرگە كىرىپ پۇلنى كۆپ تاپقان بالىكەن بولمىسا...
M\>y&'J- -زەھەر سېتىپ تاپقان پۇل... ھارام پۇل بولغاچقا يۇقمىدى، ئۇنىڭغا.
qeH#c=DQ -ئون يىل بوپتىكەن ئەيدىز بولغىلى، دوختۇر ئەيدىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىياگۇنۇز قويۇپتىكەن.
j#<#o:If -باللىرىمۇ ئەيدىزمىدۇ؟
laKMQLtv -تۆۋە، نېمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان! دادىسى ئىچىپ ئۆلسە، بالىسى چېكىپ ئۆلگەن! قىيامەت بولىۋاتامدۇ-نېمە!؟
]'DtuT?Z BY32)8SH ئالتۇنبۆشۈك