باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1137 
  •    ئىنكاس 
       3 

12-ئەسىردىن بۇرۇن مەركىزىي ئاسىيا بوز-قىرلىرىدىكى تاتارلار ۋە ئۇلارنىڭ دۆلىتى

قەۋەت ئاتلاش
mahmood
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10089

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1202 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   120 (قېتم)
 تۆھپە:   120  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1450
 سائەت
دەرىجىسى:
1450 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-06
ئاخــىرقىسى:2013-04-28

lFduX D  
12-ئەسىردىن بۇرۇن مەركىزىي ئاسىيا بوز-قىرلىرىدىكى تاتارلار ۋە ئۇلارنىڭ دۆلىتى \{!,a  
]T&d_~l  
(2QfH$HEk  
[روسىيە] س.گ.كلياشتورنىي    دىڭشۇچىن تەرجىمىسى. BX6kn/i  
________________________________________ hF5T9^8  
  پارس تارىخچىسى رەشىددىننىڭ «جەمىيۇل تاۋارىخ» ئەسىرى موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىغىدىن بۇرۇنقى مەزگىلدىكى مەركىزى ئاسىيا بوز-قىر رايۇنىدىكى تاتارلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. رەشىددىننىڭ قارىشىچە، موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىغىدىن بۇرۇنقى مەركىزى ئاسىيا بوزقىر رايونلىرىدىكى ئاھالە تۈرك قەبىلىلىرىنى ئاساس قىلغان ۋە « قۇرۇلمىسى» 6 تاتار دۆلىتىدىن تەشكىل قىلغان. ئۇشبۇ ماقالىدە ئورخۇن ۋە يېنىسەي دەريا ۋادىلىرى تۈرك-رۇنىكچە مەڭگۈتاشلارغا ئويۇلغان تېكىستلەرنى ئاساس قىلىپ، خەنزۇچە تارىخىي ماتىرىياللار، دۇنخۇاڭ ۋە پارس قوليازمىلىرى قاتارلىق ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ ، 9-12-ئەسىر كەڭسۇ ۋە شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان رايۇنلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان  تاتارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى، 9- ئەسىر يۇقۇرى ئېرتىش دەريا ۋادىسىدىكى قىماقلار ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن تاتارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەكشۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. AaoS & q  
     ھالقىلىق سۆزلەر: مەركىزىي ئاسىيا بوزقىرى،  تاتارلار،  تۈرك. c`UFNNm=  
     يازغۇچى: سېرگېي گرىگوريېۋىچ كلياشتورنىي، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قەدىمىي ۋەسەقەلىرى تەتقىقات ئورنى تەتقىقاتچىسى. ئادرىس: روسىيە   سانكت- پېتېربورگ شەھرى، پوچتا كودى: 191186. >p0,]-.J,r  
    خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: دىڭشۇچىن، ئايال، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتى چەتئەل تىللىرى ئىنىستوتى مۇئاۋىن پىروففىسورى؛ ئادرىس: لەنجۇ شەھرى، پوچتا كودى: 730000. ZBFn  
1________________________________________ /#&jF:h  
     پارس تارىخچىسى رەشىددىننىڭ « جەمىئۇل تاۋارىخ»ئى بىزنىڭ مەركىزى ئاسىيا بوزقىر رايۇنلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ موڭغۇل ھۆكۈمرانلىغىدىن بۇرۇن ۋە ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشىمىزدىكى ئاساسلىق مەنبە- ماتىرىيال. بۇ كىتاپنىڭ مەركىزىي مەزمۇنى تەبىئىكى موڭغۇل ئىمپىرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى خاتىرىلىنىپ بايان قىلىنغان، لېكىن ئارىسىدىن يەنىلا بوزقىردىكى  باشقا مىللەتلەرگە ئائىت يىراق قەدىمى ئۇچۇرلار ئەكس ئېتىدۇ. arRU`6?  
    مەسىلەن، «يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەخپىي تارىخى»دا يېزىلغان تېمۇرچىن تەرىپىدىن ھۇجۇم بىلەن يوقىتىلغان تاتارلار ھەققىدە « جەمىئۇل تاۋارىخ»تا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:« ئۇلارنىڭ ئىسمى ئەلمىساقتىن بېرى دۇنياغا مەشھۇردۇر. ئۇلاردىن نۇرغۇن تارماقلار ئايرىلىپ چىققان. ......ئۇلارنىڭ كۆچمەن-چارۋىچىلىق رايۇنلىرى، تۇرالغۇ پونكىتلىرى ۋە يۇرتلىرىنىڭ ئورنى پۈتۈنلەي ئۇرۇق ۋە تارماقلىرى بىلەن  (ئېنىق) بەلگىلەنگەن بولۇپ ، خىتاي رايونى( يەنى خەنزۇلار يېرى، جوڭگونىڭ شىمالىنىڭ ئىچكىرىسىنى كۆرسىتىدۇ) غا يېقىن. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى بۇيۇر- ناۋۇر ( ھازىرقى موڭغۇلىيە شەرقىي- شىمالىدىكى بەر كۆلى) دەپ ئاتالغان جايدا. ......ئۇلار ئۆزارا  بەزىدە دۈشمەنلىشىپ ئەپ ئۆتمەيدۇ، بۇ قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇرۇش ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان، ۋە چوڭ ئۇرۇشلار پارتلىغان.»(1) PB.'huu  
     بۇلاردىن بىز شۇنى بىلىمىزكى، ئۆز ۋاقتىدا تاتار قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تارمىغى ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي-شىمالىدىكى بەر كۆلى ئەتراپىغا جايلاشقان، لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، رەشىددىن « جەمىئۇل تاۋارىخ» تا ئالدى بىلەن باشقا تاتار قەبىلىلىرى ۋە يانداشلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىركىشىش ۋە ھوقۇق تالىشىپ ئۇرۇشۇش تارىخىنى  بايان قىلىنىدۇ. كەينىدىن ئۇ يەنە چىڭگىزخاندىن بۇرۇن موڭغۇللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان تاتار ھاكىمىيىتى توغۇرلۇق بايان قىلىدۇ، ئۇلاپلا تاتارلارنىڭ ئۇزاق مۇساپىلىك ئۆتمۈشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىپئورۇنلۇشۇش  ئەھۋالىنى ئەسلەيدۇ :« ئەگەر ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپلىگىدىن، ئۇلار ئۆزارا بىر قەلب بىر مەقسەتتە ئەپ ئۆتۈپ دۈشمەنلەشمىگەن بولسا، ئۇنداقتا خىتاي قاتارلىق باشقا مىللەتلەر ۋە ھەرقانداق بىر خىل جانلىق ئۇلار بىلەن قارشىلىشالمىغان ئىدى. خىلمۇ خىل دۈشمەنلىشىش ۋە نىدالار ئۇلار ئارىسىدا  كەڭ ئومۇمىلاشقان  بولسىمۇ، ئۇلار يىراق قەدىمى دەۋرنىڭ كۆپ قىسمىدا كۆپ قىسىم (موڭغۇل) قەبىلىلەرنىڭ  ۋە رايۇنلارنىڭ ئىستىلاچىلىرى ۋە ھۆكۈمرانلىرى بولدى، (ئۇلار) ئۇلۇغ، كۈچلۈك، ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ( لىگىدىن ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ). (ئۇلارنىڭ) ئۇلۇغلىغى ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئورنىدىن ، باشقا تۈركىي قەبىلىلەر نىڭ تۈرلىرى ۋە ئاتىلىشى ئوخشاش بولمىغان بولسىمۇ پەيدىن-پەي ئۇلارنىڭ نامى ئارقىلىق مەشھۇر بولۇپ ھەممىسى «تاتار» دەپ ئاتالدى.» رەشىددىن كەينىدىن يەنە تولۇقلاپ:« خۇددى ھازىرقىغا(مىلادى 14- ئەسىر) ئوخشاش  چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ قەۋمى روناق تاپقانلىقتىن، ئۇلار موڭغۇللاردىن بولغاشقا   باشقا تۈرلۈك ناملاردىكى ۋە مەخسۇس ئاتالغۇدىكى ھەرقايسى تۈرك قەبىلىلىرى ، مەسىلەن جالايىر، تاتار، ئويرات، ئوڭغۇت، كېرەيت، نايمان، تاڭغۇت قاتارلىقلار ئۆزلىرىنى كۆپتۈرۈپ ماختاشنى مۇددىئا قىلىپ ئۆزلىرىنى موڭغۇللار دەۋالدى، لېكىن قەدىمدە ئۇلار بۇ نامنى ئېتىراپ قىلمايتتى.»(2) ئەڭ ئاخىرىدا، « جەمىئۇل تاۋارىخ»تا يەنە  موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدىن بۇرۇن مەركىزى ئاسىيا بوزقىر رايۇنلىرىدىكى مىللەت تارىخى توغۇرلۇق قىزىقارلىق بىر بۆلەك خاتىرە بار : « شانۇ-شەۋكەتلىك، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارمىيەلىرى ۋە خانلىرى بولغان تاتار قەبىلىلىرى تۆۋەندىكىدەك  6گە بۆلۈنگەن: تۇتۇخىلۋۇت- تاتار، ئالچى- تاتار، چاغان- تاتار، كۇيىن- تاتار، تېلېئۇت- تاتار، بۇلخۇي- تاتار.»(3) rnQ_0d  
     رەشىددىننىڭ قارىشىچە موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىدىن بۇرۇن مەركىزىي ئاسىيا بوزقىر رايۇنىدىكى ئاھالە تۈرك قەبىلىلىرىنى ئاساس قىلغان، تەشكىللىنىش «قۇرۇلمىسى» 6 تاتارلار دۆلىتى( ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارمىيەسى ۋە خانى بار) دۇر،(4)  ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇيۇر- ناۋۇردا تۇرىدىغان تاتار ئوردىسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە «يىراق قەدىمىي دەۋر» دە تاتارلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئەپ ئۆتمەسلىك بولۇپ دائىم ئىچكى نىدا پارتلاپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بارلىق قەبىلىلەر ۋە رايونلار يەنىلا كونتىرول قىلىش دائىرىسى جوڭگو چېگرىسىگىچە بولغان تاتار ھاكىمىيىتىگە بېقىنىدۇ. بۇ بېقىندى قەبىلىلەر ئاساسلىغى « تۈرك قەبىلىلىرى» بولۇپ ئۇلار ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان قەبىلىنىڭ نامىنى ئۆزلىرىگە نام قىلغان، ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ "تاتار"  نامى موڭغۇلىيە ئىگىزلىگىدىكى ھەرقايسى قەۋملەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ قالغان. بۇ تارىخ ناھايىتى ئۇزاق بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا موڭغۇللارنىڭ تەسىر دائىرىسى ناھايىتى ئاجىز ھالەتتە ئىدى، تاكى 300يىل ئىلگىرىكى 9-10- ئەسىرلەردە موڭغۇللار ئاندىن « كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان».     U <q`f-  
     ئومۇمەن، خۇددى رەشىددىننىڭ ئېيتقىنىدەك، قەدىمقى دەۋردە « موڭغۇللار پەقەت پۈتكۈل تۈرك بوزقىر قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئادەتتىكى بىر قەبىلە ئىدى».(5) Y'bz>@1(  
     يۇقۇرىقىلاردىن ئومۇمىلاشتۇرۇپ شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، رەشىددىن « جەمىئۇل تاۋارىخ»تا مەركىزى ئاسىيا بوزقىر رايۇنىدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي تارىخىنى ۋاقىت تەرتىۋى بويىچە ئۈچ دەۋرگە بۆلىدۇ: 1- « بوزقىر تۈرك قەبىلىلىرى» ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان دەۋر. رەشىددىن بۇ دەۋرنىڭ ئېنىق چەك- چېگرىسىنى كۆرسەتمىگەن؛ 2- ھەرقايسى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تاتار ھاكىمىيىتىگە بېقىنغان، مىللەت نامى « تاتار»نىڭ كەڭ مەنىدە سىياسىي ئاتالغۇغا ئايلانغان دەۋرى. بۇ دەۋر « يىراق قەدىمى ۋاقىتلار» دىن 12- ئەسىر تاتار- موڭغۇل ئۇرۇشىغىچە داۋاملاشقان؛ 3-  12-13-ئەسىر موڭغۇللارنىڭ كۆتىرىلىشى ۋە تاتار ھاكىمىيىتىدىن كېيىن مىللەت نامى « موڭغۇللار»نىڭ چوڭ ئىمپىرىيەنىڭ سىياسىي نامىغا ئايلانغان دەۋرى. $pAVTz  
     شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇددى رەشىددىننىڭ بايان قىلغىنىدەك تاتارلارنىڭ تەسىر كۈچى ناھايىتى زورايغان بولغانلىقتىن ، تا 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە جوڭگودىن دەشتى- قىپچاق ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالى(مەغرىپ)قىچە رايۇنلاردىكى پۈتكۈل تۈرك قەبىلىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تاتارلار» دەپ ئاتالغان.(6) J~om e7L  
     ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئىلمى ساھەدىكىلەر ھۆججەت ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئومىلاشقان «تۈرك دەۋرى» ۋە «موڭغۇل دەۋرى» دىگەن ئىككى ئۇقۇمنى ئومۇمىيۈزلۈك قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن مەركىزى ئاسىيا بوزقىر رايۇنى مىللەتلىرى تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يەنە بىر ئىنتايىن ئادەتتىكى ئەمما ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇقۇم__ «تاتار دەۋرى»__ گە بولغان دىققىتى ۋە تەتقىقاتى يېتەرلىك ئەمەس. ئەكسىنچە، ئۇ پۈتۈنلەي قېلىپلاشتۇرىۋېلىنغان ھالدا بىر نەچچى،  بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ قالغان ئۇقۇملارغا ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن. مەسىلەن:« موڭغۇل-تاتار دەۋرى»، « موڭغۇل- تاتار ئىستىلاسى» ۋاھاكازالار.    ئەمىلىيەتتە رەشىددىن « جەمىئۇل تاۋارىخ»تا ئاللىقاچان ۋاقىت جەھەتتىن بۇ ئىككى دەۋرنى پەرقلەندۈرۈپ ئېنىق ھالدا « تاتار» ۋە « موڭغۇل» نى ئىككى ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرگە بۆلىدۇ. {^(uoB C/  
     ئېنىقكى، رەشىددىننىڭ تارىخىي تونۇشى،  ئىنتايىن تەپسىلى ۋە ئېنىق بولغان تارىخىي ماتىرىياللار ئارقىلىق دەلىللىنىشكە مۇھتاج. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ، «جەمىئۇل تاۋارىخ»تىكى بايانلاردا نۇرغۇنلىغان گەپنىڭ ئاخىرى تۈگىمىگەن مەزمۇنلار مەۋجۇت، ياكى شەپە بېرىش خاراكتىرلىق تەركىپلەر بار. بىز بۇ كىتاپنى ئانالىز قىلىپ ئوقۇش داۋامىدا نۇرغۇنلىغان مىللەت تېرمىنلارى ، يەر ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرى بىزنى چۈشىنىكسىز ھىس قىلدۇرىدۇ. بارلىق بۇ ئەھۋاللار ، بىزنىڭ مۇئەللىپ بايان قىلغان تارىخي ۋەقەلەر ۋە مەنزىرىلەرنىڭ ماكان- زامان پارامېتىرلىرىغا نىسبەتەن توغرا ئانالىز قىلىشىمىزغا ۋە باھا بېرىشىمىزگە توسالغۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بۇيۇر- ناۋۇردىكى تاتار ئوردىسىدىن باشقا يەنە قالغان 5 تاتار ئوردىسىنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتى يەنىلا نامەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن تاتارلارنىڭ دەسلەپكى تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان باشقا تارىخىي ماتىرىياللار-ھۆججەتلەرنى قېزىپ چىقىش ۋە ئۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر بىر مەسىلىدۇر. jAue+ tB  
2 BBGub?(dR  
     19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىردىن بېرىقى  ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار بىزنىڭ مەركىزىي ئاسىيا بوزقىر رايۇنىدىكى مىللەتلەر تارىخىنى ئىزدىنىشىمىز ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ۋە تېخىمۇ مول ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. rPyjr(I"_  
     1960-يىلى، س.ئى. ۋاينشتېيىن روسىيە فېدېراتسىيەسى تۇۋا رىسپوبلىكىسى تېررىتورىيەسىدىكى خېربىس- باارىدا تۈرك-رۇنىكچە قىرغىز مەڭگۈتېشىنى بايقىدى. بۇ بايقاش ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنى كېيىن شېرباك تەرىپىدىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئىلىم ساھەسىگە ئېلان قىلىندى.(7) مەڭگۈتاش   مەشھۇر سانغۇن كۈلۈگ-يىگە شەرىپىگە تۇرغۇزۇلغان تۆھپە يادنامىسى بولۇپ، مەڭگۈتاشقا ئۇنىڭ تاتارلارغا يۈرۈش قىلىش ئىش- ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن:« مەن 27ياش ۋاقتىمدا ئۆزەمنىڭ ئېلى ئۈچۈن مەن توققۇز- تاتار ئۈستىدىن  يۈرۈش قىلدىم.» 5@td0  
     1976-يىلى، قىزلاسوف روسىيە فېدېراتسىيەسى خاكاس رېسپوبلىكىسىدىكى ئۇيبات دەرياسى يېنىدىن بىر پارچە تۈرك-رۇنىكچە مەڭگۈتاش بايقىدى( بۇمۇ ئۇيبات دەرياسى ئەتراپىدىن بايقالغان 9- پارچە تۈرك-رۇنىك مەڭگۈتېشىدۇر). مەڭگۈتاش تېكىستىنى ئەڭ ئاۋال قىزلاسوف ئىلىم ساھەسىگە ئېلان قىلدى، كېيىن مەن يەنە نۇرغۇن قېتىم تەتقىق قىلىپ ئوقۇدۇم.(8) مەڭگۈتاش تېكىستىنىڭ  بىرىنچى قۇرىدا« تاتارلار بىلەن دۈشمەنلەشكەن ئەللەر» ۋە تاتارلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا زىممىسىگە ئالغانسېلىق- باج ئەھۋاللىرى ئويۇلغان. o#1Ta7Ro  
    ئۇنداقتا، يېنىسەي دەرياسى ۋادىسىدىكى قىرغىزلار قاچان، قەيەردە تاتارلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋە ئۇلار ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن؟ cn/&QA"  
     ئورخۇن دەرياسى ئوڭ قىرغىغىدىن بايقالغان «كۈلتېكىن مەڭگۈتېشى» ھازىرغا قەدەر تېپىلغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇكەممەل بىر پارچە مەڭگۈتاشتۇر. بۇ مەڭگۈتاش مىلادى 732-يىلى پۈتۈلگەن بولۇپ ، مەڭگۈتاش تېكىستىدە كۆپ قېتىم "تاتار" نامى خاتىرىلەنگەن. بىرىنچى قېتىم ئوتتۇز تاتارلار قەيت قىلىنغاندا : بىر قېتىم كىشىلەر يىغىلىپ  ئۆتكەن بىر تۈرك قاغانىغا نەزىر-چىراق قىلىدۇ. بۇ ۋەقە مىلادى 6-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سادىر بولغان ئىش. مەڭگۈتاشقا ئىككىنچى قېتىم تاتارلار توغۇرلۇق خاتىرىلەنگەندە مۇنداق پۈتۈلگەن، ئوتتۇز-تاتارلار كۈلتېكىننىڭ ئاتىسى ئىلتەرىش قاغان ئاشىنا قۇتلۇغ(691-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭ دۈشمەنلىرى ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا تاتار ۋە قىرغىزلار تۈركلەر بىلەن دۈشمەنلەشكەن توققۇز ئوغۇز ياكى توققۇز ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ. « بىلگە قاغان مەڭگۈتېشى» گىمۇ ئوخشاش مەزمۇندا 723-724-يىلى توققۇز تاتارلار توققۇز ئوغۇزلار بىلەن بىرلىشىپ بىلگە قاغانغا قارشى چىققانلىق ۋەقەسى پۈتۈلگەن. 1909-يىلى فېنلاندىيەلىك ئالتايشۇناس رامسىتېد ئورخۇن دەريا ۋادىسى موگون-شىنە-ئۇسۇدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىغى مويۇنچۇر قاغان(747-759) نىڭ تۆھپە ئابىدىسىنى بايقايدۇ. بۇ مەڭگۈتاش ئالاھىزەل مىلادى 760-يىلى پۈتۈلگەن. «مويۇنچۇر مەڭگۈتېشى» تېكىستىغىمۇ توققۇز تاتارلار توغۇرلۇق ئۇچۇرلار پۈتۈلگەن.(9) ئۇلار مىلادى 8-ئەسىرنىڭ 40يىللىرى ئاخىرىدا ئوغۇزلار بىلەن ئورتاق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر قاغانىغا قارشى چىققاندا مەغلۇپ قىلىنىشقا دۇچار بولغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مىلادى 7- ئەسىر ئاخىرىدىن 8- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە تاتارلار قىرغىزلاردا ئورتاق سىياسىي ئىنتىلىش بولغان ، يەنى تاتارلار قىرغىزلارنىڭ ئەڭ بىۋاستە ۋە مۈمكىن بولغان ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى. #a~BigZ[G  
     ئورخۇن تۈرك-رۇنىك يېزىغىدىكى مەڭگۈتاش تېكىستىلىرىنى يېشىپ ئوقۇش ئارقىلىق بىز شۇنى ئاسانلا بايقايمىزكى، مىلادى6-7-ئەسىرلەردە تاتار قەبىلە ئىتتىپاقى « ئوتتۇز تاتار» دەپ ئاتالغان. يېنىسەي دەريا ۋادىسىدىكى خېربىس-باارىدا بايقالغان تۈرك-رۇنىكچە مەڭگۈتاشتا بولسا، مىلادى 8- ئەسىر ئوتتۇرىلىرىدىكى تاتار قەبىلە ئىتتىپاقى « توققۇز تاتار » دەپ ئاتالغان. نامنىڭ ئۆزگىرىشى بەلكىم دەسلەپكى تاتار قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولىشى مۈمكىن. لېكىن بىزنىڭ تېخىمۇ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېنىسەي مەڭگۈتاشلىرى ئابىدە تېكىستلىرىدىكى قىرغىزلارنىڭ تاتارلار ئۈستىدىن يۈرۈش قىلىش ۋەقەسى مىلادى 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بالدۇر ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىككى پارچە قىرغىز مەڭگۈتېشىدىكى قەدىمىي يېزىق ئالاھىدىلىگىدىن قارىغاندا، بۇ مەڭگۈتاشلار مىلادى 8-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى دەسلەپكى يېنىسەي تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى مەڭگۈتاشلار بىلەن روشەن پەرقلىق بولۇپ ئالدىنقىسىغا تەۋە ئەمەس.(10) +J;b3UE#  
     ھەممىگە ئايانكى، خەنزۇچە تارىخىي ماتىرىياللار قەدىمىي تۈرك تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسلىق مەنبە-ھۆججەتلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تاتارلار توغۇرلۇق خاتىرىلەرنى ئوقىغان ۋاقتىمىزدا بىز ئالدى بىلەن شۇنى بايقايمىز، يەنى تاتارلار ئۇيغۇر قاغانلىقى (744-840)غا بېقىنغان نۇرغۇن قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر. 12- ئەسىر جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى تارىخچىسى ۋاڭچىڭمىڭ «خۇيچېن چەنلۇ»(挥尘前录) نىڭ 4- تومىدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن : « كىدانلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوي باقاتتى، تاتارلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كالا باقاتتى. ئۇيغۇرلار گەنجۇغا كۆچكەندىن كېيىن كىدانلار بىلەن تاتارلار ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ئۆزارا ئۇرۇشتى.» (11)  مىلادى756-يىلى قىرغىزلار ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ يىراق يېنىسەي دەرياسى يۇقۇرى ئېقىمىدىكى سايان چوققىسىنىڭ ئۇ يېقىغا كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، ئالاھىزەل 840-يىلىنىڭ ئالدىدىلا تاڭنۇ-ئۇلاڭخاي تېغى جەنۇبىدا پەيدا بولىدۇ. بىز بۇلاردىن قىرغىز- تاتار ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى چېكىنى مۇقەررەرلەشتۈرەلەيمىز. مىلادى 840- يىلى (تاڭ، كەييۈەننىڭ 5-يىلى) ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى قىرغىزلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ، قىسىملىرى كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ  ياكى جەنۇپقا، ياكى غەرپكە كېتىدۇ. خۇيچاڭنىڭ 2-يىلى (842) ياز 4- ئايدا ئۇيغۇر ۋاموس قىسمى(嗢没斯部) تاڭغا بېقىنىدۇ. 842-يىلى يۈز بەرگەن بىرقاتار چوڭ ۋەقەلەر سەۋەپلىك، تاتارلارنىڭ نامى خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ: خەنزۇ ئەمەلدارى لىدېيۈ « خۇيچاڭ توپلىمى» دە ، تاتارلار قىرغىزلارنىڭ رەقىبى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئىتتىپاقدىشى دەپ تىلغا ئالىدۇ.(12) SqRM*Cf=  
     ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى قىرغىزلار تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن ، كۆچۈش ۋە چېكىنىشنىڭ ئاساسلىق يۆلىنىشى جوڭگونىڭ كەڭسۇ ۋە شىنجاڭ(دۇنخۇاڭ رايونى) ئەتراپلىرىغا ئىدى، قىرغىزلارمۇ دەل مۇشۇ يۆلىنىشتە غەرپكە سىلجىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىدۇ ۋە بىر مەزگىل ئەنشى ۋە بېيتىڭنى ئىشغال قىلىدۇ. لىدېيۈ « لىۇ گەيگە ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ۋەزىرى ئىلغاسقا خەت»تە مۇنداق دەپ يازىدۇ : « قىرغىز ئەلچىسى تابۇ-خېزۇ سانغۇننىڭ دىيىشىچە ئۇلار خېلوچۇەن ( ئەرگىنە دەرياسى يۇقۇرى ئېقىمى) دىكى ئۇيغۇر  كونا دۆلىتىنى ئىشغال قىپتۇ، يەنە قوشۇمچە ئەنشى، بېيتىڭ، تاتار قاتارلىق 5 قەبىلىنى ئاپتۇ.» بۇ بىرىنچى قېتىم يەنە بىردىن بىر بولغان كەڭسۇ ياكى شىنجاڭنىڭ مەلۇم يېرىدە يۈز بەرگەن قىرغىزلار بىلەن تاتارلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش خاتىرىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، ئۇ ۋەقە تاتارلارنىڭ قىرغىزلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا قىرغىزلارغا سېلىق تۆلەپ بېقىنغانلىغى بىلەن ئاياغلىشىدۇ . (13)   كىلەر يىلى(843)، قىرغىز ئەلچىسى تاپۇ-خېزۇ ( ئاز بولمىغان ھۆججەتلەردە ئۇخۇس دەپ ئىزاھلانغان) تۇنجى قىرغىز ئەلچىلەر ئۆمىگىنى باشلاپ تاڭنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە كېلىدۇ.(14) AB,(%JT/2{  
     بۇنىڭدىن باشقا 1915-يىلى، ب.يا. ۋىلادىمىرتسوف موڭغۇلىيەنىڭ غەربىي- شىمالىدىكى تەس دەريا جىلغىسىدىن بىر پارچە تۈرك-رۇنىك يېزىغى ئويۇلغان قىيا تېشى بايقايدۇ. بىز 1975-يىلى بۇ پارچە قىياتاشتىكى پۈتۈكنى يېشىپ ئوقىدۇق. 1989-يىلى مەن قىياتاش يۈزىگە ئويۇلغان خەتلەرنى يەنە بىر قېتىم تەتقىق قىلدىم ۋە ئارىدىكى كىشى ئىسمىنى "تۆپەك ئالپ سول" ( topek alp sol) دەپ قارىدىم،(15 )   كېيىن يەنە روسىيە خەنزۇ تىلى فونېتىكىسى تەتقىقات نوپۇزى  س.ئې. ياخونتوغا كۆرسىتىپ دەلىللىدىم. ياخونتو قەدىمىي خەنزۇچىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن بۇ ئىسىمنى  تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن  يېشىپ ئوقىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە قىرغىز سانغۇنىنىڭ خەنزۇچە يېزىقتىكى ئىسمى تاپۇ- خېزۇ ، تۈركچە تىلدا "تۆپەك ئالپ سول" ( topek alp sol) . ئويۇلغان خەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ھازىر بۇ قىيا تاش پارچىسىنىڭ 11- ئەسىر ئوتتۇرىسىغا تەۋە دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. تېكىستتە بۇ قىرغىز ئاقسۆڭەك، سانغۇن،  قوشۇمچە دىپلوماتىيە ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىقىپ چىقىرىپ شىمالىي چۆكلۈكنى كونتىرول قىلغاندىن كېيىنكى يېڭى تېررىتورىيە دائىرىسى كۆرسىتىلگەن. بۇنداق ھالەتتە جوڭگولۇق ئەمەلدارنىڭ خاتىرىسى بىلەن قىرغىزلارنىڭ جەنۇپقا يۈرۈشى تۆھپىلىرى خاتىرىلەنگەن تۆھپە مەڭگۈتېشىدىكى مەزمۇنلار پۈتۈنلەي ئۆزارا ئۇيغۇن كەلگەن بولىدۇ.(16). لېكىن، قىرغىزلارنىڭ تەقدىرىگە مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ بۇ بۆلۈك تارىمغا تۇتاشتۇرىدىغان « ئۇيغۇر چوڭ يولى»نى كونتىرول قىلالماسلىق قىسمىتى پۈتۈلگەن ئىدى.  بۇنىڭدىن بالدۇر، يەنى  مىلادى 875-يىلىدىن بۇرۇنلا گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىگەن ئىدى. (17)تاڭ ۋە غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتنىشى مۇقەررەر ھالدا ئۇيغۇر يولىدىن ئۆتىدۇ، ئۇيغۇرلار تەدرىجى ھالدا شەرق ۋە غەرپ سودىسىدىن ئىنتايىن چوڭ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەن. Qt{V&Z7  
     ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ يىمىرىلىشىدىن بۇرۇن تاتارلارنىڭ كونتىروللۇق رايونى يىراق غەربىي يۇرتتا بولۇپ، بارلىققا كەلگەن مەنبە جاي__ موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىن ئىنتايىن يىراقتا ئىدى. مىلادى 825-832- يىللىرى ئارىلىغىدا تۇرپاندا كۆچۈرۈلگەن ئوتتۇرا ئەسىر مانىي دىنى تېكىستلىرى « marh-namag»دا شۇ يەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرباپ __ تاتارلارنىڭ ئاقساقالى ( tatarapa tekin) تىلغا ئېلىنىدۇ. (18)   ئۇزاق مەزگىلدىن كېيىنكى 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا (981-يىلى)، جوڭگو ئەلچىسى ۋاڭيەندې گاۋچاڭ ( ھازىرقى شىنجاڭ تۇرپان) غا ئەلچىلىككە كېلىپ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھەرقايسى قەۋملەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، ئۇ گاۋچاڭدا تاتار ئېلىغا قاراپ ماڭغان بىر جوڭگولۇق ئەمەلدارنى ئۇچرىتىدۇ. بۇ جوڭگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەلچى ئەۋەتىشتىن بۇرۇنلا تاتارلارغا ئەلچى ئەۋەتكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ.(19)  گەرچە دىپلوماتىيە پاالىيەتلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن قوش يۆلىنىشلىك بولغان.  ھۆججەتلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، پەقەت 958-1084-يىللىرى ئارىلىغىدا، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە گەنجۇ تاتارلىرىنىڭ خانلىرى بىرلىكتە جوڭگونىڭ ئوخشىمىغان سۇلالىلىرىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ئۆمىگىدىن 3 تۈركۈم بار بولۇپ، مۇددئىاسى ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق تۈزەپ تاڭغۇتلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىدى. (20) مىلادى 965-يىلى ۋە 981- يىللىرىدىكى ئىككى پارچە دۇنخۇاڭ ۋەسەقەلىرىگە يۇقۇرىقى ئۇچۇرلار توغۇرلۇق مۇھىم تولۇقلىمىلار پۈتۈلگەن. بۇ ئىككى پارچە قوليازمىدا تاتار ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى سۇجۇدا، يەنى كەڭسۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ چېگرىسىدا دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. (21)   ئۇنىڭدىن باشقا، 9-10-ئەسىردىكى خوتەن- ساك ھۆججەتلىرىدىمۇ مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر پۈتۈلگەن؛ (22)مىلادى 10- ئەسىرگە ئائىت پارسچە قوليازما «ھۇدۇتۇل ئالەم»نىڭ مۇئەللىپى ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭغا تاتارلار توققۇز ئۇيغۇرلار، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ خوشنىسى ۋە ئىتتىپاقدېشى، شىنجاڭ بولسا « توققۇز ئۇيغۇرلار ۋە تاتارلارنىڭ يېرى» دەپ يېزىلغان؛(23)  دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 10- ئەسىرگىچە مەزگىللەرگە ئائىت تۈرك يېزىغى ۋە سوغدى يېزىغى ۋەسەقەلىرىدىمۇ بىر « تاتار» دىن بولغان « ئەمەلدار» تىلغا ئېلىنغان، بۇ ئۇچۇر ئىنتايىن مۇھىم. ج. خامىلتون ۋە خ. سىمىس. ۋاليامىسلار بۇ ۋەسەقەلەرنى ئانالىز قىلغان ۋە تەرجىمە قىلغان( 1987-يىللىق لوندون خەلقارالىق مەركىزى ئاسىيا ئىلمى يىغىنىدىكى دوكلاتتىن كۆرۈڭ). `8O Bw  
    يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان كەڭسۇ ۋە شىنجاڭدىكى تاتار دۆلەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ھۆججەتلەردىن باشقا ، يەنە بىر پارچە 11- ئەسىرگە ئائىت خەت-چەك ھۆججىتى بار، يەنى 1093-يىلى غەربىي شىا ھاكىمىيىتى ھۆكۈمرانى يۈەنخاۋنىڭ سوڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەۋەتكەن بىر پارچە خېتى__ يۈەنخاۋ خېتىدە غەربىي شىا ھاكىمىيىتىنىڭ كونتىروللۇق دائىرىسىنى  ئەمىلىيەتتىن تولىمۇ ھالقىغان ھالدا مۇبالىغەلەشتۈرۈپ، تۈبۈت، تاتار، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرى خالىغان ھالدا  غەربىي شىا ھاكىمىيىتىگە بېقىندى دەپ يازىدۇ، يەنى غەربىي شىا- تاڭغۇتلارنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭسۇ ۋە شىنجاڭنىڭ پۈتۈن قىسمى، ياكى ئۇ يەردىكى پۈتۈن رايونلار ئۆز ۋاقتىدا يۈەنخاۋنىڭ كونتىروللىغى ئاستىغا ئۆتتى دەيدۇ. (24)   He4HI Z  
     باشقا يېزىقلاردىكى تارىخىي ماتىرىياللارمۇ شۇنى دەلىللەيدۇكى، موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىغى ئالدىدىكى 10-11 ئەسىردە، « تاتار» ئاتالغۇسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئىمپىرىيەسى تەرىپىدىنلا ئەمەس، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران قاتارلىق جايلاردىمۇ بىلىنگەن ئىدى. تاتارلارنىڭ ئىسمى دائىم قاراخان تۈركلىرى بىلەن بىللە پارسلارنىڭ داڭلىق شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدا ئۇچرايدۇ. غەزنەۋى سۇلتانلىغى دەۋرىدىكى مەشھۇر شائىر ئابۇ-ئى-ناجىم-مانۇچىرخى (مىلادى 11-ئەسىر) شېئىرىدا بىر «تۈرك- تاتار سىمالىق» كېلىشكەن ياشنى مەدھىيىلىگەن بولسا، بۇ شائىر بىلەن زامانداش كىشىلەر  « توپ-توپ تاتار ئىپار كىيىكلىرى خۇشپۇراق ئىپار پۇرايدۇ» دەپ ناخشىلىرىدا دائىم ئوخشىتار ئىدى.  11  -12-ئەسىردىكى ئىسلام دىنى ئىمامى سەرد-ئەددىن - خاررامابادى ئىسكەندەر سۇلتانغا بېغىشلىغان شېئىرىدىمۇ بىر « تاتار» توغۇرلۇق تىلغا ئالىدۇ.(25 qNHI$r'  
     ئومۇمەن، مىلادى 9-12-ئەسىرلەردە كەڭسۇ ۋە شىنجاڭنىڭ بىپايان تېررىتورىيەسىدە بىر تاتارلار ھاكىمىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، جوڭگونىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە پارسنىڭ سودىگەرلىرى بۇ توغۇرلۇق خاتىرىلەر قالدۇرغان. بۇ دۆلەتكە ئائىت بارلىق ئۇچۇرلار جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى تارىخچىسى لىشىنچۈەن(1166-1243) گە نىسبەتەن شۇنچىلىك ھەيران قالارلىق تۇيۇلغانلىقتىن  مۇنداق دەپ يازغان ئىدى:« بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى شەرقتە، بىرى غەرپتە، ئارىلىغى نەچچى مىڭ چاقىرىم كېلىدۇ، لېكىن نىمىشقىدۇر ئۇلار ئوخشاش ئىسىملىك بولۇپ قالغاندۇ؟».(26) لىشىنچۈەننىڭ بۇ بايانلىرى ھازىرغىچىمۇ بىر ھەل بولماي كېلىۋاتقان سىر.(27) =-/'$7R,  
     11-ئەسىر پېرسىيەلىك تارىخچى گەردىزىنىڭ يازمىسى بىزنىڭ « تاتارلارنىڭ دۆلىتى» توغۇرلۇق ئىزدىنىشىمىزئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم تارىخىي ماتىرال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇنىڭ قەدىمى تۈرك قەبىلىلىرى ھەققىدە  ئۆزىگە خاس بايانلىرى بولۇپ، ئارىسىدا بىرنەچچى تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئائىت شەجەرەۋى رىۋايەتلەر بار. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ بۇ رىۋايەتلەر ھىچكىشى بىلمەيدىغان ئەۋۋەلقى ماتىرىياللاردىن كەلگەن بولۇپ، يىل دەۋرى مىلادى 745-780- يىللار ئارىسىدا. (28)گەردىزىنىڭ بايانىدا دىيىلىشىچە،  يۇقۇرى ئېرتىش دەرياسىدىكى قىماقلار قەبىلە ئىتتىپاقى( دۆلىتى) نىڭ شەكىللىنىشى  تاتار قەبىلىلىرى ئارىسىدىكى ئىچكى نىدا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تاتارلار دۆلىتىدىكى «شاد» ئەمەللىك بىر كىچىك قەبىلە ئىچكى توقۇنۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ( گەردىزىنىڭ كىتاۋىدىكى ئەمەل نامى قەبىلە ئاقساقالىنىڭ شەخسى تەگئاتى بولۇشى مۈمكىن) ئۆزىنىڭ قەبىلىسىنى باشلاپ قاچىدۇ، كېيىن ئۇلار ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمى ۋادىسىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە شۇ يەردە پەيدىن-پەي راۋاجلىنىپ بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا ئايلىنىدۇ، يەنى ئەڭ بۇرۇن مىلادى 9- ئەسىردە « قىماق» دەپ ئاتالغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى شەكىللەندۈرىدۇ. (29) ھاكىمىيەتنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا قىماق قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆزلىرىنى نۇرغۇن تاتار قەبىلىلىرىنىڭ بىر بۆلىكى دەپ ئاتىغان، ئەتراپتىكى باشقا قوۋملارمۇ بۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى مۇشۇنداق قارىغان. بىر ئەسىردىن كېيىنلا قىماقلار دۆلىتى شەكىللىنىدۇ، (30)  ، لېكىن ھۆكۈمرانى يەنىلا تاتارلاردىن ئىدى. tN4&#YK<  
3 `uk=2k}&m  
     بىز ھازىر رەشىددىن « جەمىئۇل تاۋارىخ» تا بايان قىلغان باشقا بىر نەچچە تاتارلار دۆلىتىنىڭ كونكىرت ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز بولساقمۇ، (31) لېكىن ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى بىزنىڭ موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدىن بۇرۇنقى تاتارلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.  ئاكادېمىك بارتولد بۇرۇن رەشىددىن موڭغۇللاردىن بۇرۇنقى «تاتار» سۆزىگە نىسبەتەن بىلىشى ئىنتايىن ئازلىغىدىن، نەتىجىدە ئۇنى بۇيۇر- ناۋۇرنى مەركەز قىلىپ كۆچمەن-چارۋىچىلىق قىلىدىغان، موڭغۇللار بىلەن پەقەت ئوخشىمايدىغان ئايرىم قەبىلە قىلىپ قويغان  دەپ قارىغان ئىدى، (32) ھازىر قاراپ باقساق ئەمىلىيەت ئاكادېمىك بارتولدنىڭ دىگىنىگە ئوخشاش ئۇ خىلدا ئەمەس. (33) نامنىڭ ئۆزگىرىشى بوزقىر كۆچمەن-چارۋىچى قەۋملىرىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ يوقالغان ۋە زورايغانلىغىنى بىۋاستە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. 11- ئەسىردىكى نوپۇزلۇق ماتىرىياللاردا جوڭگونىڭ شىمالىدىكى بىپايان يەرلەرنى « تاتار يايلىغى» دەپ بايان قىلىنىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، (34) بۇ خۇددى پارىس ئالىملىرىنىڭ روسىيەنىڭ جەنۇبى ۋە قازاقستان بوز-قىرلىرىنى « دەشتى قىپچاق» دەپ بايان قىلغانلىق مەنتىقىسى بىلەن ئوخشاش. «تاتار يايلىغى»   9_11-ئەسىرلەردە تاتارلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى توغۇرلۇق ئۇچۇر بىلەن ئىنتايىن باپ كېلىدۇ. ھەمدە بۇنداق بولغاندا بىر ئەسىردىن كېيىن موڭغۇللار بۇ بىپايان زىمىننى كونتىرول قىلغاندىن كېيىن تۈرك، پارىس ۋە جوڭگو تارىخىي ماتىرىياللىرىدا موڭغۇللارنى يەنىلا «تاتارلار» دەپ ئاتىغانلىغىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. گەرچە موڭغۇللار ئۆزلىرىنى تاتار دەپ ئاتىمىغان بولسىمۇ، (35) لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ تۈركلەشكەن نامى ئوتتۇرا ئاسىيا، يېقىن شەرق، ھەتتا قەدىمى رۇس ۋە غەربىي ياۋروپالاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن. _=`DzudE  
     ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يېنىسەيدىن بايقالغان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى مەڭگۈتاش تېكىستلىرى كۈلۈگ-يىگەنىڭ مىلادى 842-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ تاتارلارغا يۈرۈش قىلغانلىغىدەك تارىخىي ۋەقەلىك پۈتۈلگەن. ئۇرۇش مىلادى 9_11- ئەسىرلەردىكى مەركىزى ئاسىيا بوز-قىر قەۋملىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشۇ رايونلاردا ئاكتىپ پائالىيەت قىلغان قىرغىز، تاتار ۋە كىدانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزارا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشىمىزدىكى يەنە بىر مۇھىم ماتىرىيال ھىساپلىنىدۇ . `+vQ5l$;L  
D*VO;?D  
ئىزاھلار: W)D?8*  
(1) خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىزاھى: ئۇشبۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى پايدىلانغان « جەمىئۇل تاۋارىخ» نىڭ نەشرى 1952- موسكۋا_ لېنىنگرادتا ئېلان قىلىنغان رۇسچە نەشرى. تەرجىمان تەرجىمە قىلىش جەريانىدا يۈداجوڭ، جوۇجەنچىلەر تەرجىمە قىلغان، سودا نەشرياتى تەرىپىدىن 1997-يىلى نەشر قىلىنغان خەنزۇچە نۇسخىسىدىن پايدىلاندى.« موڭغۇل-تاتار تارىخى»(蒙鞑备录) روسىيە ئالىمى مۇنكۇيېف تەرجىمە قىلغان ۋە ئىزاھلىغان، 1975-يىلى موسكۋادا نەشر قىلىنغان رۇسچە نۇسخا. ماقالىدىكى  خەنزۇچە تارىخىي ماتىرىياللارنى  مۇئەللىپ روسىيە ئالىملىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىدىن نەقىل ئالغان. I9aiAD0s  
(2) رەشىددىن. جەمىئۇل تاۋارىخ. 1952-يىلى موسكۋا-لېنىنگراد نەشرى 1-توم 1- كىتاپ 102- بەت. ;~$Q;m 1  
(3)(5)(6) رەشىددىن. جەمىئۇل تاۋارىخ. 1952-يىلى موسكۋا-لېنىنگراد نەشرى 1-توم 1- كىتاپ 103- بەت. M;3q.0MU  
(4) ئې. ئى. كۇچانوفنىڭ قارىشىچە ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەركىزى ئاسىيا كۆچمەن- چارۋىچى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەسلەپكى دۆلەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. مەن بۇ قاراشقا تامامەن قوشۇلىمەن.  ئې. ئى. كۇچانوف،  12- ئەسىردىكى تاتار- موڭغۇل ئۇلۇسى// ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەرقىي ئاسىيا ۋە خوشنا تېررىتورىيەلەر: ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدىنىيىتى. نوۋوسىبىرىسكى، 1986-يىلى، 97- بەت.  كىدانلارنىڭ دەسلەپكى دۆلىتى ھەققىدە//ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەرقىي ئاسىيا ۋە خوشنا تېررىتورىيەلەر: ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدىنىيىتى. نوۋوسىبىرىسكى، 1990-يىلى، 10-24- بەتلەر. ]}l.*v\uK  
(7) مەڭگۈتاشنىڭ بايقىلىش جەريانى ۋە بايقالغان ئورنى ھەققىدە ، د. د. ۋاسىلىيېف يېنىسەي ۋادىسىدىن تېپىلغان تۈرك-رۇنىكچە تاشپۈتۈكلەر. 1983-يىلى 33-34-بەتلەر؛ س. ئى. ۋاينىشتېيىن، خېربىس- باار جىلغىسىدىن تېپىلغان، قەدىمى تۈركچە يازمىلار پۈتۈلگەن قەبرە ۋە قەبرە تاشلىرى . قىزىل. 1963-يىلى 41-45- بەتلەر. g@M5_I(W  
(8) ئى. ل. كىزلاسوف ئوتتۇرا يېنىسەيدىكى يېڭى بايقالغان رۇنىكچە تاشپۈتۈكلەر 1987- يىلى، 1- نومۇر 21-22-بەتلەرگە قاراڭ. س. گ. كلياشتورنىي . ئۇيباتتىن تېپىلغان 9 تاشپۈتۈك . 1987-يىلى ، 33_36-بەتلەر. %`$:/3P$U  
(9)  G.J.Ramstedt,ZweiuigurischeRuneninschrifteninderNord-Mongolei//JSFOu.1913.vo1.XXX.№ 3.S.17 Evg#sPu\  
(10) س.گ. كلياشتورنىي ، ئالتۇن كۆلدىكى قەبرە تېشى ( يېنىسەي رۇنىكچە مەڭگۈتاشلار يىلنامىسى)// turcologica . ئاكېدىمىك ئا.ن. كونونوفنىڭ 70ياشلىق خاتىرە كۈنىگە . 1976-يىلى 258_267-بەتلەر. L>WxAeyu1K  
(11) ئې.ئى،كېچانوف، 6-ئەسىردىن 7-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى موڭغۇللار// ئوتتۇرا ئەسىردىكى يىراق شەرق ۋە خوشنا تېررىتورىيەلەر. نوۋوسبىرىسكىي. 1980-يىلى، 143-بەت. yil5 aUA  
(12) See,P.Pelliot,L`edition  collective  des  oeuvres de WangKuo—wei// 1929.vo1.26.PP.125—126 . تاتارلارنىڭ مىللەت تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە پېللىوتنىڭ قارىشىچە :« ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئاللىقاچان موڭغۇل تىللىق مىللەتلەرگە تەۋە بولغان بولىشى مۈمكىن، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، 12-ئەسىردىكى تاتارلاردا ئەمەل-ئاتاق- ئۇنۋان نامى جەھەتتە ئۇلار يەنىلا تۈرك ئىزنالىرىنى ساقلىغان».  IF.Pelliot,Notessur l' histoire de la Horde d'Or.Paris,1949.PP.232—233(oeuv res posthumes dePaul  Pelliot,II).] بۇ ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ  قەدىمىي مەركىزى ئاسىيادىكى كۈچلۈك كۆچمەن قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى ئېنىق مىللەت تەۋەلىك تونۇشقا ئايرىشقا مۈمكىنچىلىك يوق دىگەن قاراشلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ.;J.一Ph. Geley,L’ethno nyme mongol al’epoque preinggisqanide(XIl)etude d’ethnologiepolitique  dunomadisme // tudes WL'!M&h  
mongoles.Paris,1979.Cahier10.P.73.] s[UV(::E  
(13) See,TsaiWen—shen,Li te-yu nunmektuplarma goreuygurlar(840—900).Taipei,1967.S.148. 2sG1Hox  
(14) گ.پ. سۇپرۇنېنكو ، يېنىسەي قىرغىزلىرى بىلەن جوڭگونىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر ھۆججەتلەر. 1963-يىلى 1- نەشرى، 67_69-بەتلەر. =s'H o  
(15) س.گ. كلياشتورنىي ، موڭغۇلىيەدىن تېپىلغان رۇنىكچە ئابىدىلەر// تۈركولوگىيە توپلىمى 1975-يىلى، موسكۋا ، 154-بەت. &"T7KXx  
(16) ئۇيغۇر خانلىغى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى قىرغىزلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى توغۇرلۇق سۇپرۇنېنكو ، قىرغىزلارنىڭ قەدىمى تارىخىغا ئائىت بىرنەچچە ئۇچۇرلار ، جوڭگو تارىخى ۋە مەدىنىيىتى، موسكۋا 1974-يىلى 243- بەتكە قاراڭ؛ ئا. گ. ماليافكىن، 9_12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى. نوۋوسىبىرىسكىي، 1983-يىلى 101-بەت. 5S&Qj7kr  
(17) ئا. گ. ماليافكىن، 9_12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى. نوۋوسىبىرىسكىي، 1983-يىلى 109-بەت. [9~EH8  
(18) See,Muller F.一W.一K,EinDjppelblatt aus  einem  manieh~isehenHymnenbucb (Mahrnamag).Berlin 1913.S.9. y/_=  
(19) 9_12ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتىرىيال. نوۋوسىبىرىسكىي، 1974-يىلى 90-بەت. %a0q|)Nrj  
(20) ئا. گ. ماليافكىن،  9_12ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتىرىيال. نوۋوسىبىرىسكىي، 1974-يىلى 63_86-بەتلەر،  9_12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى. نوۋوسىبىرىسكىي، 1983-يىلى 75-بەت. E.Pinks,Die Uiguren yon Kan—chou in derfrohen Sung-Zeit. Wiesbaden1968 S.13O. ;"9Ks.  
(21) J.R.Hamilton,Lesouighoursd,~poquedesCingDynastiesd'apr~slesdocumentschinois.Parps,1955.PP.8— 9O. U Lq`!1{  
(22) H.W.Bailey,Turks in Khotanese Texts//JRAS 1937.Pt.I.P.38;idem.AKhotanese text concerning the Turks inKantsou,AM.N.S.1949.vo1.1.Pt.1.P.49. 6fBA #Kb  
(23) See,VMinorsky,Hududalalam.《The  Regions  of  the  world》 Persian Gejgraphy  372A.H一982A.DJ  London,1937.P.47. 3]'h(C  
(24) ئې.ئى. كېچانوف ، تاڭغۇتلار دۆلىتى ھەققىدە تارىخىي ئوچېرك. موسكۋا، 1968-يىلى، 134-بەت. Tb:'M:dM"  
(25) E.C.Browne,The  Lubabu 1-Albabof Muhammad  Awfi London;Leiden,1906.Pt.I.PP.166,169, ز.ن. ۋونورېژكىنا، دىۋانى مانۇچىرخى. 1968-يىلى موسكۋا، 26-بەت. zI(uexxPqd  
(26)ئې.ئى،كېچانوف، 6-ئەسىردىن 7-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى موڭغۇللار// ئوتتۇرا ئەسىردىكى يىراق شەرق ۋە خوشنا تېررىتورىيەلەر. نوۋوسبىرىسكىي. 1980-يىلى، 145-بەت. @ZV>Cl@%2  
(27) جوڭگولۇق ئاتاقلىق ئالىم ۋاڭگوۋېي (1877-1927) جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىلىق لىشىنچۇەننىڭ كىتاۋىدىكى بۇ بايانغا بىرىنچى قېتىم دىققەت قىلغان، ئۇ لىشىنچۈەننىڭ ئەسىرى« جەنيەندىن بېرىقى ئوردا ئىشلىرى تەزكىرىسى»نى ئىزاھلىغان.، روسىيەلىك ئالىم مۇنكېيېف تەرىپىدىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە ئىزاھلانغان.  مۇنكېيېف، مېڭدا بېيلۇ (蒙鞑备录) موسكۋا ، 1975-يىلى 51-52-بەتلەرگە قاراڭ. N5cC!K  
(28) See,K.Czegl~dy,Gardizi  on  in  the  history  of  CentralAsia//AOHl973.T.XXVII.Fasc.3.PP.257—267. l#>A.-R*`  
(29) ۋ.ۋ.باتولد، گاردىزىنىڭ زاينال-ئاخباردىن ئۈزۈندە //توپلام موسكۋا ، 1973-يىلى 8-توم، 559-بەتكە قاراڭ. PqyR,Bcx0  
(30) ب.ئې. كۇمېكوف، ئەرەپ مەنبەلىرىدىكى  9_11- ئەسىرلەر قىماق دۆلىتى. ئالما-ئاتا،1972-يىلى. [fkt3fS  
(31) 10-12 ئەسىرلەردىكى تاتارلارنىڭ يەنە بىر تارقالغان رايۇنى نى ئىزدەشنىڭ ئاچقۇچى بەلكىم جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى تارىخچىسى لىشىنچۈەن تىلغا ئالغان « تاتارلار رايونى»دا بولىشى مۈمكىن، يەنى لىنخۇئاڭ( بۈگۈنكى شىلامورۇن دەرياسى) نىڭ غەربىدىن غەربى شىانىڭ شەرقى چېگرىسىگىچە، سۈييۈەننىڭ گۇيخۇا شەھرى يېنىدىدىن شىمالدىكى كىدان جەنۇبى چېگرىسىگىچە. ئەگەر بۇ قاراش توغرا بولسا، ئۇنداقتا رەشىددىن باياب قىلغان « ئالتە تاتار ئوردىسى» ئۆز ۋاقتىدا موڭغۇلىيە ۋە جوڭگونىڭ شىمالىدىكى كەڭرى يايلاق رايۇنى ۋە تاغلىق يەرلەرنى ئىگەللىگەن بولىدۇ. }J\7IsM&  
(32) ۋ.ۋ. بارتولد، تاتارلار//توپلام ، موسكۋا 1968- يىلى 5-توم 559-بەت. !|ic{1!_  
(33) رەشىددىننىڭ « جەمىئۇل تاۋارىخ»ئى بىلەن چىڭگىزخاندىن بۇرۇنقى موڭغۇللار تارىخ بايان قىلىنغان باشقا تارىخىي ماتىرىياللارنىڭ ئۆزارا مۇناسىۋىتى توغۇرلۇق تۆۋەندىكىلەردىن كۆرۈڭ: L.Hambis,L histoire  desMongols  avant  Gengis—khand apr~s les sources  chinoises  et mongoles  et ladocumentation  conservee  par  Rasidu—d-Din // CAJ.1970.vo1.XIV.PP.125—133. md : Wx  
(34) MahmudalKaghsari.Ed.Andtrans.ByR.Dankoffand .Kelly,CompendiumoftheTurkicDialects.Harward University,1982.Pt.I.P.159. nAj +HLO  
(35) جوڭگو ئىككى سوڭ دەۋرىدىن بۇيانقى تارىخىي ماتىرىياللاردا تاتارلار موڭغۇللارنىڭ يەنە بىر نامى بولۇپ قالغان، سوڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئىمپىرىيەنىڭ بۇ خوشنىسىنى مۇشۇنداق ئاتىغان. تارىخنامىلارنىڭ يېزىلىشىمۇ بۇرۇنقى ئادەت بويىچە موڭغۇللار «تاتارلار» ياكى « مېڭدا»(موڭغۇل-تاتارلار) بويىچە بولغان. لىشىنچۈەننىڭ كىتاۋىدىكى مىسال بۇ ئەمىلىيەتنى ناھايىتى دەل چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ:« موڭغۇللار جىن سۇلالىسىگە تېگىش قىلىپ ئۆزلىرىنى « بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى» دەپ ئاتىدى، چېگرىدىكى ئەمەلدارلار شۇ سەۋەپلىك ئۇلارنى «موڭغۇل» دەپ ئاتىدى». كېيىن « موڭغۇل» دىگەن بۇ نامنىڭ ئورنىغا «مېڭدا» ئاتالغۇچى ئالماشتى. يەنە مەسىلەن، 1211_1212-يىلى ، سوڭ ئەلچىسى دوكلادىدا موڭغۇللار بىردەك نوقۇل ھالدا تاتار دەپ ئاتالدى. (H.Franke,Sung  ambassy  jf 1211—1212:the Shih—Chin-lu of  Ch’engCho//BEFEO.1981. T.LXIX.P.170etautres) « مېڭدا بېيلۇ»دا يەنە ئىنتايىن روشەن بىر مىسال بار: چىڭگىزخاننىڭ چوڭ سانغۇنى مۇقالى كۆپ قېتىم ئۆزىنى « بىز تاتارلار بولىمىز» دەپ ئاتىدى، ۋاڭگوۋېي مۇنداق ئىزاھلايدۇ: بۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇلىرىنىڭ موڭغۇللارنى كۆرسىتىدىغان ئادەتلىنىپ قالغان ئاتالغۇسى. ئەمىلىيەتتە، مۇقالى موڭغۇللارنىڭ جالايىر قەبىلىسىدىن، ئۇ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۆزىنى تاتار دەپ ئاتىمايدۇ. ( ن.تس. مۇنكۇيېف، مەن-دا-بەي-لۇ، موسكۋا 1975-يىلى، 135-بەت) [$\VvRu%  
________________________________________ 2Aa  
|hu9)0 P  
"مىللەتلەر تەتقىقاتى" ژورنىلى، 2009-يىلىق 1- ساندىن تەرجىمە قىلىندى. k>\s6  
مەنبە :ئۇيغۇر ئورخۇن تارىخى تور بىكىتى /9-kG  

تېما تەستىقلىغۇچى : zulpikar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-29, 23:01
 
zulpikar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7461

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   261 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13803 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1380 (قېتم)
 تۆھپە:   1380  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4777
 سائەت
دەرىجىسى:
4777 سائەت 173 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-04
ئاخــىرقىسى:2013-06-24
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-30

شۇنداق  ئىسىل تىمايۇللاپ بەگىنىڭز گە رەھمەت
marjanbulaq

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4834

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   555 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   31661 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3106 (قېتم)
 تۆھپە:   3076  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 12341
 سائەت
دەرىجىسى:
12341 سائەت 399 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-25
ئاخــىرقىسى:2013-05-30
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-08

پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى، شۇنداق ياخشى تېما ئىكەن. ئەمما بەكمۇ ئەپسۇس، ئوقۇپ، چۈشۈنۈپ ئىنكاس يازىدىغانلار يوق ئىكەن.
ئۇخلىغان مىللەت يا ئۇخلار
ياكى قۇل بولۇپ ئويغۇنار
تىۋىپ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11969

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   68 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   350 (قېتم)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 428
 سائەت
دەرىجىسى:
428 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-28
ئاخــىرقىسى:2012-11-01
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-10-08

ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئلاھىدە ئەھمىيىتى بار
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى