باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1151 
  •    ئىنكاس 
       3 

ھون ئىمپېراتورى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى

قەۋەت ئاتلاش
mahmood
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10089

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1202 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   120 (قېتم)
 تۆھپە:   120  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1450
 سائەت
دەرىجىسى:
1450 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-06
ئاخــىرقىسى:2013-04-28

ھون ئىمپېراتورى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى h2d(?vOT  
ھونلار مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى ۋاقىتتىن باشلاپ مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا كۈچەيدى، ھونلار مىلادىدىن 240 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ  216-يىلىغىچە 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇدرەتلىك ھون تەڭرىقۇتلۇقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. قۇدرەتلىك ھون تەڭېىقۇتلۇقى ئۆزىنىڭ مەشھۇر داھىسى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ۋاقتىدا (مىلادىدىن 209 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىدىن 174 يىل چدغقىچە تەڭرىقۇت بولغان) ئۆزىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك شانلىق بىر دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈردى. مانا شۇ قۇدرەتلىك ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە ئۇلۇغ ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە، شىمالدا سىبىرىيىدىكى لىنا دەرياسى، بايكۆل، يەنسەي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنلىرىغىچە، جەنۇپتا سەددىچىن سېپىلىغىچە، غەربىي شىمالدا ئالتاينىڭ غەربىدىن تارتىپ كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىغىچە، غەربىي جەنۇپتا، ئۇلۇغ ئارشاكلار (ئىران) سۇلالىسىنىڭ شىمالىغىچە سوزۇلدى. uVrd i?3  
   مانا شۇ قۇدرەتلىك ھون تەڭرىقۇتلۇقىنى ھونلار تارىخىدا ئۆتكەن قەھرىمان باتۇر تەڭرىقۇت ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. <R L]  
  باتۇر تەڭرىقۇت ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ تەختىگە چىققاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت شەكلىنى ۋە ھەربىي تۈزۈمىنى خېلى مۇكەممەل دەرىجىدە رەتكە سالدى. 'D1xh~  
    باتۇر تەڭرىقۇت دۆلەت شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن 24 خىل دەرىجىگە بۆلۈنگەن ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن خانلار ۋە بەگلەرنى تەيىنلىگەن. بۇلار: gg2( 5FPP  
  1. سول قول بىلگەىان؛ 2. ئوڭ قول بىلگەىان؛ 3. يابغۇ (باش ۋەزىر) 4. سول قول ئىل قۇساي؛ 5. ئوڭ قول ئىل قۇساي (بۇلار ۋەزىرلىك مەنسىپى)؛ 6. سول قول قۇتىغۇ؛ 7. ئوڭ قول قۇتىغۇ؛ 8. سول قول خان؛ 9. ئوڭ قول خان؛ 10. سول قول ئۇلۇغ سانغۇن؛ 11. ئوڭ قول ئۇلۇغ سانغۇن؛ 12. سول قول ئۇلۇغ تۇتۇق بەگ؛ 13. ئوڭ قول ئۇلۇغ تۇتۇق بەگ؛ 14. سول قول ئۇلۇغ غەزنە بېگى؛ 15. ئوڭ قول ئۇلۇغ غەزنە بېگى؛ 16. باتەس خان؛ 17. تۈمەن بېشى؛ 18مىڭبېشى؛ 19. يۈز بېشى؛ 20. ئونبېشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. \dah^mw"  
ھون تەڭرىقۇتلىرى ئالى ھۆكۈمران سۈپىتىدە، دۆلەتنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ۋە تاشقى سىياسىتىدىكى بارلىق چوڭ ھوقۇقلىرىنى يابغۇ، سول قول قۇتىغۇ، ئوڭ قول قۇتىغۇلارنىڭ ياردەمچىلىكىدە يۈرگىزەتتى. قۇتىغۇلار بولسا ھونلاردا ئېسىل ئۇرۇق ھېساپلىنىدىغان غويان، لان، شابۇ قاتارلىق ئۈچ ئۇرۇقتىن تەيىنلىنەتتى. ھون تەڭرىقۇتلىرى ئوغۇللىرىنى مانا شۇ ئۈچ ئۇرۇقنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلەندۈرەتتى. غۇيان ئۇرۇقىدىن چىققان قۇتىغۇلار تەڭرىقۇتنىڭ سول تەرىپىدە، لان، شەبۇ ئۇرۇقىدىن چىققدن قۇتىغۇلار تەڭرىقۇتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. uwGc@xOgg,  
باتۇر تەڭرىقۇت ۋاقتىدا، ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ پايتەختى ھازىرقى كۆكخوت شەھرى (ئىچكى موڭغۇلدا) نىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەڭرىبالق ئىدى. كېيىنچە ھونلار پايتەختىنى ئورخۇن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى خۇشۇ سايدام كۆلىنىڭ بويىغا يۆتكەپ كەتكەن. تەڭرىقۇت بىلەن ئالچى (تەڭرىقۇتنىڭ مەلىكىسى) پايتەختتىكى ئوردىدا تۇراتتى. 'm$L Ij?@  
باتۇر تەڭرىقۇت ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ تېررىتورىيىسىنى تۆت قىسىمغا باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. تەڭرىقۇت ھونلار تېررىتورىيىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى ئۆزى بىۋاستە باشقۇرغان. تەڭرىقۇتنىڭ ئۆز ئوغلى بولغان سول قول بىلگەخان ھونلار تېررىتورىيىسىنىڭ شەرق قىسمىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ ئايرىم ئوردىسى بولۇپ، ئورنى قۇرۇلۇن دەرياسى (ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ شەرقىدە) نىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىدا ئىدى. سول قول بىلگەخان باشقۇرىدىغان تېررىتورىيىنىڭ شەرقى ئۇلۇغ ئوكيان قىرغاقلىرىغا سوزۇلغانىدى. ئۇ ئاساسەن بويسۇندۇرۇلغان توڭگۇسلار (مانجۇلارنىڭ ئەجدادى)، موڭغۇللار، پوروملار(ھازىرقى كورىيە خلقىنىڭ ئەجدادلىرىدىن) ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. EfT=?  
ئوڭ قول بىلگەخان (بۇمۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىدىن تەيىنلىنەتتى) ھونلار تېررىتورىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ شەرقىي رايونلىرىنى باشقۇراتتى. ئۇنىڭ ئوردىسى قوبدۇ-ئولاستايدىكى خاڭگەي تاغلىرى(موڭغۇلىيەدە) نىڭ ئىچىدە ئىدى. ئۇ باشقۇرغان تېررىتورىيە ئچىگە ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ ئالاسەن ئايمىقى، ئىرسىن ئايمىقى، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار دالاسى، تارىم ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىسمى، سىلىنغا دەرياسى (موڭغۇلىيىدە) نىڭ غەربىي قىسمىدىكى قوبدۇ قاتارلىق جايلار كىرەتتى. 1?l1:}^L  
سول قول، ئوڭ قول بىلگەخانلاردىن قالسا، باتىسخان (كۈنپېتىش تەرەپتىكى خان) دەپ ئاتىلىدىغان خنلار ناھايىتى چوڭ ھوقۇققا ئىگە ئىدى. باتىسىان ھونلار تېررىتورىيىسىنىڭ غەربىي رايونلىرى (شەرقىي تارىم ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي قىسمىدىن تارتىپ كاسپى دېڭىزىنىڭ بويلىرىغىچە) نى باشقۇراتتى. ئۇنىڭ ئوردىسى ھازىرقى كورلا ئەتراپىدا ئىدى. ئۇ تەڭرىقۇتقا ۋەكالەتەن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. rYk0 ak  
ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا بولسا، تەڭرىقۇتتىن تارتىپ، ئۇلۇغ خەزىنە بېگىگىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى قوشۇنلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇرۇشقا قاتنىشاتتى. تۈمەن بېشى، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئونبېشىلار بولسا نوقۇل ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلاتتى. x]j W<A  
باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن تېخىمۇ مۇنتىزىملاشتۇرۇلغان ھەربىي تۈزۈم بويىچە، ھون قوشۇنلىرى ئاساسەن ئاتلىق، قىسمەن پىيادە قوشۇنلاردىن تەشكىنلەنگەن ئىدى. ھەربىي تۈزۈم بويىچە، ھونلارنىڭ ياش يىگىتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئاتلىق قوشۇنغا كىرەتتى. ھون ئاتلىقلىرى ئاتلارنىڭ رەڭلىرى بويىچە تۈمەن دەپ ئاتىلىدىغان بىرلىكلەرگە بۆلۈنۈپ تەشكىللەنگەن ئىدى. باتۇر تەڭرىقۇت 400 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن تەشكىللىدى. ئاتلىق قوشۇنلار كۆك، ئاق بوز، قارا، قىزىل تۇرۇق رەڭلىك ئاتلار بويىچە بۆلەكلەرگە ئايرىلدى. بۇ 400 مىڭ كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئاتلىق قوشۇننىڭ چوڭ –كىچىك كوماندىرلىرى 44 مىڭ 440 كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن 40 نەپىرى تۈمەنبېشى، 400 نەپىرى مىڭبېشى، 4000 نەپىرى يۈزبېشى، 40 مىڭ نەپىرى ئونبېشى ئىدى. n+M<\  
مەنبە:  mahmood E2-\]?\F(  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-26, 09:05
 
Muhlis.
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9515

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   233 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12956 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1335 (قېتم)
 تۆھپە:   1335  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11117
 سائەت
دەرىجىسى:
11117 سائەت 153 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-05
ئاخــىرقىسى:2013-06-24
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-26

رھمەت
ilqinai
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   577 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29981 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2980 (قېتم)
 تۆھپە:   2980  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1132
 سائەت
دەرىجىسى:
1132 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-20
ئاخــىرقىسى:2013-06-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-27

O#r%>;3*  
   قىممەتلىك تارىخى تېمىڭىزغا تەشەككۈر FVBYo%Ap  
  بولسا يەنە يوللاپ تۇرۇڭ!
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2568 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   64925 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6015 (قېتم)
 تۆھپە:   5788  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 17268
 سائەت
دەرىجىسى:
17268 سائەت 422 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2013-06-10
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-28

ماڭا بۇ تېمىڭىزنىڭ ئاخىرى باردەكلا بىلىندى ...
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى