-
تىزىم نۇمۇرى:6497 -
- تىزىم ۋاقتى:2011-07-02
- ئاخىرقى كىرگىنى2013-09-09
- تور ۋاقتى:119سائەت
-
- تېمىسى23
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى0
- مۇنبەر پۇلى2839
- شۆھرىتى272
- تۆھپە272
- كۈمۈش تەڭگە280
- ياخشى باھا280
- بىلوگدوستلاشقورال
| — بۇ يازما bayawan تەرپىدىن يورۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى (2012-09-23) — | | | | جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش -پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەننەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۇرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن.....» دەيدۇ. Md0sK جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە،1954 -يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. «رەسىم كۇرژۇكى»، «ئەدەبىيات كۇرژۇكى» قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. =dII- L=` جالالىدىن بەھرام 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ، 1958-يىلغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. 1958-يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ، 1958-يىلدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. >B2:kY F جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، 1961-يىلدىن 1976-يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1976 -يىلدىن 1981 -يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلىدۇ. 1981-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۆلۇمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ. T}"6wywM جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان . لېكىن، 1966-يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ۋە بىرنەچچە يىل ئەجىر سىڭدۇرۇپ يازغان «ئۇنتۇلغان قەلب» ، «كۈتمىگەن تەقدىر»، «ئۆمۇر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۇلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا، ئۈششۇك تەگكەن بۇ ياش مايسىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئۆمرى تەقىپ ئاستىدا ۋە يەرلىك قاراڭغۇ تۈرمىلەردە ئۆتتى. خىزمەتتىن توختىتىلىپ، بۇ ناھىيىدىكى «ئەلنامە»، «يېڭى ئېرىق سۇ ئامبىرى» ۋە «قوشكۆل»لەردە ئىشلەشكە سۈرگۇن قىلىندى. < | |