باش بەت | ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر | ناخشا MP3 | ناخشا MTV | تىما بېزەش رەسىمى | رومانتىك رەسىم | تور ئويۇنلىرى | ئانا تۇپراق تور ماگىزىنى| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 71 قېتىم كۆرۈلدى
دەرىجىسى: مېھمان

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 832

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 2%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 2
  شۆھرىتى: 1 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 65 يۈەن
  تۆھپە: 1 قېتم
  ياخشى باھا: 1 قېتىم
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-12
  كىرىشى: 2010-08-17

 

0قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 تەقدىر شەھرىستانى (1)

تەقدىر شەھرىستانى (1) 6N[X:F3`,  
مەن يەنە شۇ يولنى بويلاپ كىتىۋاتىمەن . ماڭا بۇ يول بەك ئۇزۇندەك بىلىنىۋاتىدۇ .شۇنداق ئۇزۇن بۇ يولنى باسماي بولمايدۇ ،ئەلۋەتتە. كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاچچىق يەلىرىمۇ ،تاتلىق يەلىرىمۇ بار . بىز مېڭىۋاتقان بۇ يولدا ھەر بىرەيلەننىڭ ئىزلىرى قالىدىكەن . بۇ ئىزنى يەنە بىرەيلەننىڭ مىڭىشىغا توغرا كەلگەندە دەل سىز ماڭغان ،ئۇ ماڭغان ،ھەتتا مەن ماڭغان شۇ ئىزلارنى بويلاپ ماڭىدىكەنمىز . بۇ يولدا ھارماس بولدۇم، چۈنكى، ھاياتلىق بىزگە مىڭىشقا ئۈندەيدىكەن .ماڭماي تۇرىۋالغىلى بولمايدىكەن ،ھىچ بولمىغاندا ۋاقىت دېگەن ئالدىراڭغۇ كىتىۋىرىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ijgm-1ECk3  
بۈگۈنمۇ مەن نەچچە كۈن بۇرۇن ماڭغان ،باشقىلارمۇ ماڭغان ناتونۇش يولنى بويلاپ كىتىۋاتىمەن . ئالدىمغا كىم ئۇچرايدۇ دەيسىز ،مەن تونۇيدىغان بىرەر كىشىمۇ ئۇچىرىمىدى . شۇ تاپتا مەن بارلىق ھىسلىرىمنى كەينىمدە قالدۇرۇپ قويغان ئىزلارغا ئاتىۋەتتىم ،پۈتۈن ھۇجۇدۇم يارقىن بىر نۇقتىغا مۇھتاج ئىدى. بىردىنلا ئۆزۈمنى باشقۇرالماي قالدىم ،ھىسلىرىم مېنى تېز مېڭىشقا ،يۈگۈرۈشكە ،تىخىمۇ تېز يۈگۈرۈشكە ئۈندىدى . مەن تىنىچ بىر يەرگە ،خىلۋەتلىك بىر يەرگە بارماقچىمۇ بۇنى بىلمىدىم ،كۆزلىرىم ،پۇتلىرىم ،قوللىرىم ،ئىشقىلىپ مېنىڭ جىسمىم روھىمنى ئېلىپ ،شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىر يارلىققا ئاپاردى ،ھەتتا مېنى قاتتىق توۋلاتقۇزدى .مەن قاتتىق توۋالاتىمەن ،يۈرۈگۈم پىچاق تىلغاندەك ئاغرىماقتا ،تىنىمدە جانمۇ قالماي قالدى ،بىر پەس توۋلىغاندىن كېيىن يىقىلىپ يېتىپ قالدىم . CW-[c  
كاللامغا بىرلا ئىش ،بىرلا ئادەم كىلىۋىلىپ مىنى قىينايتى ،ھەتتا تاس قالدى كۆزلىرىمدىن ياشلارنى ،ھىجران قانلىرىنى تۆككىلى ،بىراق مەن بەرداشلىق بىرىشىم كېرەك ئىدى .مەن چىداپ كەلدىم ،كاللامغا كەلگەن بارلىق ئىشلارنى چىقىرىۋىتىشكە ئۇرۇندۇم ،ئامال بولمىدى. ئاخىر خىياللار قاينىمىغا غەرق بولدۇم ،ئامالسىز كۆزۈمنى ئاستا يۇمۇپ ،قەلبىمدىكى ئۆتمۈش كارتىنىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتۈم . ~~q>]4>  
※ ※ ※ &r2\P6J  
-نەگە بارىسىز ؟ منىغۇ تاشلاپ كىتىڭ ،پۈتۈن ئىستىقپالىڭىزنىمۇ تاشلاپ كىتەمسىز ؟ سىز ماڭا ئەمەس ئۆزىڭىزگە چاقچاق قىلىۋاتىسىز ؟ بۇ ..بۇ ... بۇ ...،مەن ئۇنىڭغا يەنە نېمە دېيشىمنى بىلەلمەي قالدىم .مەن شۇنداق دەپ ئىككى قولۇم بىلەن بىشمىنى چىڭ سىقتىم ،چۈنكى مەندە پەقەت ئامال قالمىغان ئىدى. C8D`:k  
-مەن بۇ تاللىشىمنى توغرا دەپ قارايمەن ،قەيسەر ،قەيسەر سىز ھەقىقەتەن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز ،سىزگە پەقەت رەھمەتلا دېيەلەيمەن -،ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ،پەس ئاۋازدا ،-مەن ...،مەن ...مەن بۇ يولدىن باشقا يولنى تاللىيالمايمەن ،مېنىڭ سىزنىڭ بەختىڭىزگە ئولتۇرغۇم يوق ،قەيسەر ،مېنى ...،مېنى...-،ئۇ بىردىنلا كۆزىگە ياش ئالدى -دە، كەچۈرۈڭ ،دەپ قولى بىلەن ئاغزىنى تۇتىۋالدى . ?C']R(fQ\  
-بىلەمسىز ؟مەن سىز ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشقا رازى ئىدىم ،مەن ئۈچۈن سىز ئۈمۈد ،مەن ئۈچۈن سىز بەخىت ،سىز بولىمىسىڭىز مەندىكى بۇ تەننىڭ ،مەندىكى بۇ ئارزۇ –ئارمانلارنىڭ نېمە كېرىكى ،نېمە كېرىكى -،مەن شۇنداق دېگنىمچە يانغا ئۆرۈلۈپ ،ياندىكى دەرەخنى ئوڭ قولۇم بىلەن چىڭ تۇتۇپ ،سول قولۇم بىلەن نەچچە قتىم ئۇرىۋەتتىم ،گويا بۇ دەرەختە گۇناھ باردەك ،ياكى بۇ دەرەخنى مەن ئادەم دەپ ئويلاپ قالدىممۇ بىلمەي قالدىم . lIPz "  
-بۇ دۇنيادا نېمە ئەڭ مۇككەممەل بىلەمسىز؟ پەقەت مۇشۇ كائىنات ،مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىلا ئەڭ مۇككەممەل ،ئەمما بۇ كىشىلىك ھايات ئانچە مۇكەممەل ئەمەس ،بىلسىڭىز سىزنى ئازاپلاۋاتقىنى ،خۇشال قىلىۋاتقىنى پەقەت كىشىلىك مۇناسىۋەتلا ،خالاس-،ئۇ ئارقامدا شۇ گەپلەرنى دەۋاتاتتى ،مەن دەرەخكە ئوڭ بىلىكىم بىلەن يۆلىنىۋالدىم ،ھەتتا بىر قانچە قېتىم بېشىمنى قولۇمغا ئۈسسۈدۈم . C7K]c4T  
-توغرا دەيسىز ،بۇ ھايات پەقەت كىشىلىك ھايات بىلەن تولغان ،سىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز ،سىز شۇنداق مۇئامىلىگە ئېرىشىسىز ،بۇنى بىز پەقەت بىر سۆز بىلەن «تەقدىر »دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەيمىز ،گۈلنار . ]n3!%0]\  
-راسىت ،ئۇنداقتا سىز تەقدىرنى بويسۇندۇرالامسىز ؟مەن پەقەت ئىككىمىزنىڭ ،ياق بىز بىلەن مۇناسىۋاتلىك بارلىق كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ،بەختسىزلىككە تولغان تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىدىم .بولدى بۇنچە ئازاپلىنىپ كەتمەڭ ،سىز بۇرۇن ئېيتقاندەك ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كىتىدۇ .مېنى ئازاپلانمايدۇ دەمسىز ؟مەنمۇ ئوخشاشلا ئازاپ ئوتىدا ،قەيسەر -،ئۇ مېنىڭ دولۇمغا قولىنى قويدى .مەن: +.Xi7x+#O  
-بۇ كۈنلەر مەن ئۈچۈن ئۆتمەيدىكەن ،ئازاپ بىلەن تولغان بۇ كۈنلەر قانداقمۇ ئۆتىدۇ ،قەلبىمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ،قاراڭغۇلۇق ،زۇلمەت –دېگىنىمچە ئۇنىڭ قولىنى سىلىكىۋىتىپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم –دە،ئۇنىڭغا: "C?H:8W  
-خۇدا بۇ قىسمەتنى ماڭا يارىتىپتۇ ،مەن خىيالىمدا بۇ قىسمەتلەر مېنىڭ بىشىمغا كەلمەيدۇ ،دەپ ئويلاپ كىتىپتىمەن ،خوش دىمەكتىن باشقا چارە يوقكەن ،كېيىنچە تەقدىرنىڭ تار كوچىلىرىدا ئۇچرىشىپ قالارمىز ،خوش ،گۈلنار. '_5|9}  
PkLNIp1  
9E NI%Jz  
※ ※ ※ * eX/Z Cn  
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق مۇھەببەت ھېكايسى ،كەچمىشى ،تەقدىر –پىشانىسى بولىدىكەن ،مەن ئۇنىڭدىن شۇنداق دەپ ئايرىلغان ،سەۋەبى ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ئادەتتىكىچە ،بىراق ،گۈلنۇرنىڭ بىر تاغىسى داڭلىق سودىگەر ،ئۇنىڭ تاغىسى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنى ئچكىردىكى رىستۇرانىغا قاراپ بىرىشكە ئېلىپ ماڭماقچى ئىدى . مەن توسىدىم ،بىراق ئۇ مەندىنلا ئەمەس ،ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنىمۇ تاشلاپ كىتىپ قالغانىدى.بىز ئەنە شۇنداق ئايرىلىپ كەتكەنىدۇق . مانا ھازىر ساقمۇساق تۆت يىل بولدى . ئازاپقا تولغان تۆت يىلنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئاز قالغاندا بۈگۈن ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،باشقا يەر ئەمەس دەل ئۇ كەتكەن شەھەردە .مەن ئۇنى بۇ يەردە ئەمەس باشقا بىر شەھەردە دەپ ئويلىغان ئىدىم ،بىراق تەقدىر بىزنى دەل مۇشۇ يەردە ئۇچراشتۇردى . !qU1RdZ  
ئاستا-ئاستا كۆزۈمنى ئاچقىنىمچە ئورنۇمدىن تۇردۇم ،دە- شىمال تەرىپى ئىس تۈتەككە تولغان ،ئېگىز بىنالار گادىيىپ تۇرغان ،پاكار بىنالار ،ئۆيلەر مۇڭسىراپ كەتكەن بۇ شەھەرگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم ھەمدە ئۆز –ئۆزۈمگە تەقدىرگە تولغان ،نۇرغۇن قىسمەتلەر يوشۇرۇنۇپ ياتقان تەقدىر شەھرىستانىغا ياخشى تىلەك تىلىدىم . XMdCQ=  
مەن شەھەر مەركىزىدىكى پۇل مۇئامىلە مەركىزى بىناسى ئالدىغا كەلدىم . بۇ بىنانىڭ 36-قەۋتىدىكى شىركەتتە مېنىڭ ھازىرقى تەقدىردىشىم ،مېنىڭ قەلبىمدىكى قەھرىستانغا باھارنى باشلىغان ،ماڭا قايتىدىن ھاياتلىقنىڭ تىخىمۇ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرغان نىگارىم ئىشلەيدۇ .مەن بىناغا قاراپ خۇرسەن بولغان ھالدا ئېغىر بىر تېندىم ،ئاندىن ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم .ئۇ خوشال بولغان ھالدا ھاىزىر چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىردەمدىلا ئالدىغا كېلىپ بولغان ئىدى. 1 b 86@f   
بىر جۈپ كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان ،قاشلىرى ئىنچىكە ئەگمە ،يۈزىدىن كشىنى مەسخۇش قىلىدىغان لاتاپەت يىغىپ تۇرىدىغان ،ئۇزۇن قارا چاچ ئۈستىدە ئىنچىكە سەككىز-توققۇز تال ئۆرىۋالغان چاچ كىشىنىڭ ئاجايىپ زوقىنى كەلتۈرىدىغان مېنىڭ ئالىيەرىم ماڭا يەنە شۇ تەبەسسۈم ،شۇ تاتلىق ،يىقىشلىق ئاۋازى بىلەن : k/sfak{Q  
-سىزنى ساقلىتىۋەتتىممۇ ؟-،دېدى ئۇ بىر قولىدا چېچىنى تۈزەشتۈرگەچ .مەن : >239SyC-,  
-ياقەي ،سىز ئۈچۈن يەنە بىر ئۆمۈرۈم بولسا ،ئۇ ئۆمۈرۈم تۈگىگىچە ساقلىغان بولاتتىم -،دېدىم مەن ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىيلاپ تۇرۇپ . _ Yc"{d3S  
-ھە،مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك،-دېدى –دە،ئۇ خۇشال بولغان ھالدا مېنى قولتۇقلاپ ماڭدى. maN2(1hz  
كوچىلارنى ئايلانغاچ بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر چوڭ مىللىيچە ئاشخانىغا كىردۇق . بۇ يەردىن چىقىپ ئالىيەنى شىركەت ئالدىغا ئاپىرىپ قويدۇم . ئۇنىڭ بىلەن كەچتە كۆرۈشۈشكە ديىشىپ ،ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان يۈك توشۇش شىركەتنىڭ ئامبىرىغا كەلدىم .بۇ يەردە مېنىڭ جانجىگەر دوستلىرىم بار ئىدى. مەن بۇ يەردە يۈك يەتكۈزۈش ،چۈشۈرۈش ،يۈك –تاقلارنى تىزىملاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىمەن ،مېنىڭ نىگارىم ئالىيە بولسا بۇ شىركەتنىڭ كىرىم –چىقىم ئەھۋالىغا مەسئۇل .مەن كىلىشىم بىلەن دوستلىرىم مېنىڭ ئالدىمغا چىقىپ بولدى ،بەزلىرى تىخى مېنى، قەيسەر ئاكا ،دەپ توۋلاشتى ،ئۇلار شۇنداق قىزغىن ،كۆزلىرىدىن ئۈمۈد ،يۈزلىرىدىن كۈلكە بىلىنىپ تۇراتتى ،بىرق بۇلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاپ كىتىدىغان تەقدىلىرى بار .ئۇلار ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى سەپداشلىرىم ،دوستلىرىم .مەن ئۇلارغا ئامراق . j>B*8*Ss  
مەن ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ بولۇپ ئۇدۇللا ،ئىسكىلات ئچىىنىڭ ئوڭ تەرەپ بۇلىڭىدىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم ،بۇ يەر مېنىڭ ماكانىم ،ياتىقىم ،ياق ،ئۆيۈم ئىدى .ئاددىيلا تۈزەشتۈرۈلگەن ،ئىككى كارىۋات ،بىر ئۈستەل ،بىر رەڭسىز تىلىۋىزور ،ھەمدە مەن يېڭى ئالغان پىلاستىنكا قويغۇچ ،مەن ياتىدىغان كارىۋات تەرەپكە يۇرتۇمنىڭ مېۋىلىرى چۈشۈرۈلگەن ئاددىي دىكراتسىيە ،شىمال تەرەپتىكى تامغا مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە چۈشكەن رەسىملىرىم ئىسىقلىق ئىدى. مەن كىرىپلا كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم . ھەمدە بۈگۈنكى ئىشنى ئويلاندىم . O ;[Mi  
بۈگۈن چۈشتۈن بۇرۇن بۇ يەردىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە مال چۈشۈرىۋاتاتتۇق ،ئىككى ماشىنا ۋە بىر قانچە مۇتىسىكىلىت مېنىۋالغان كىشىلەر ئۇدۇللا ئامبار ئالدىغا كەلدى ،ئۇلار شۇنداق ھەيىۋەت ئىدىكى گويا كىنولاردىكى قارا گورھقا ئوخشاپ كىتەتتى . ئالدىدىكى ماشىنىدىن بىر كۆزئەينەك تاقىۋالغان ،چاچلىرى ئۇزۇن ،پەقەت ئىڭىكىگە كىچىككىنە ساقال قويىۋالغان ،قارا كىيىم كەيگەن ،قىلىن پاشنىلىق ئۆتۈك كەيگەن ،بەستلىك بىرى چۈشۈپ ،كىچىك ئاغىنەم ئەيسادىن : 8A.7q  
-يۈسۈپھاجىمنىڭ ماللىرى كەلدىمۇ ؟،-دەپ سورىدى. ئەيسا سەل جىددىيلەشتىمۇ ،قولىدىكى يەشىكنى قويۇپ قويۇپ: _> x}MW+  
ياق ،مەن ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن ،-دەپ بىشىنى چايقىدى. o-7{\%+M  
-سىلەرنىڭ ئىش بېشىڭلار قېنى ؟ dHPvVe/  
ئۇ ئىچىدە ،-دەپ مېنى كۆرسىتىشىگە مەن ئالدىغا بېرىپ : 2l+L96  
نېمە دەيسىز؟بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟،دەپ سورىدىم .ئۇ: [rWBVfm  
-يۈسۈپھاجىمنىڭ ماللىرى كەلدىمۇ ؟،-دېۋىدى ،مەن دەرھال مال تىزىملىكىگە قاراپ چىقىپ ،ئۇنىڭغا : Z,e|L4&  
-كەلمەپتۇ . >Zs!  
-شۇنداقمۇ؟،-ئۇ ئادەم كەينىگە يېنىپ ماشىنا ئىچىدىكى ئادەمگە بىر نەرسىلەرنى دېدى ،ماشىنا ئىچىدىكى ئادەمنى ئانچە ئىلغا قىلالمىدىم ،بىرق ئۇ ئادەم ماشىنا ئەينىدكىدىن بېشىنى چىقىرىپ ،مېنى ماشىنا ئالدىغا كىلىشكە شەرەت قىلىپ بېشىنى لىڭشتتى . مەن ماشىنا ئالدىغا بىرىشىمغا ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئىشكىدىن بىر قىزچاق چۈشتى ،ئۇ ئىنتايىن پەرۋاسىز ھالدا كەينىگە قارىماستىن ماشىنىدن ئازىراق يىراقلاشتى ،بىراق كەينىگە قاراپمۇ قويمايتتى . مەن ماشىنا ئالدىغا بېرىپ ئۇ ئادەمدىن نېمە ئىش بارلىقىنى سورىدىم ،ئۇ ماڭا مال كەلگەندە ماڭا تېلىفۇن قىلشنى ئېيتىپ ماڭا تىلىفۇن نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەردى ،ئەلۋەتتە ،ەئۇمۇ مېنىڭكىنى تىلىفۇنىغا كىرگۈزىۋالغانىدى . $q z{L~ <  
مەن ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بىلدۈرىشىمگە ھېلىقى قىزنى چاقىردى ،مەن دەسلەپ دىققەت قىلماي تىلىفۇنغا قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن ،ئۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى گويا مېنىڭ ئاۋازىمغا ئوخشاش «گۈلنار »دەپ چاقىردى . مەن قۇلىقىمغا ئىشەنمەي ئۇ قىزغا قارىدىم ،ئۇ دەل گۈلنار ئىدى ،ئۇ دەل مەن سۆيگەن ،مەن باغرىمغا باسقان ،ئىشەنگەن ،سۆيگۈمنى ئاتا قىلغان گۈلنار دەل شۇ ئىدى. مەن ئورنىمدا تۇرۇپلا قالدىم ،ھەتتا قولۇمدىكى تىلىفۇنمۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئۇ ئازىراق ئۆزگۈرۈپتۇ ،گېرىمنى سەل قېنىقراق قىلىپتۇ ،بۇرۇنقى كىيىنىش ئۇسۇللىرىنى پەقەتلا ئۆزگەرتىپتۇ ،چېچنى بويىۋاپتۇ .ئۇ ماڭا دىققەت قىلمىغانىدى ،ئۇ ماشىنىغا چىقىۋاتقان چاغدا ھېلقى ئادەم ماشىنىدن يەنە بېشىنى چىقىرىپ ماڭا : G}g;<,g~  
ئۇنتۇپ قالماڭ ،توغرا ئىسمىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز قانداق ،-دەپ بىر خىل ئىللىق كۈلۈمسىرىدى .دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇ قىز ماڭا قارىدى ،ئۇ تونىدى بولغاي ئاغىزىنى ئېچىلىپ ،كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلىپلا قالغانىدى . مەن ئۇنىڭغا ئىسمىمنىڭ قەيسەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم ،ئۇ : S.~L[iLc  
راستمۇ ،مېنىڭ ئىسمىم ئەزمەت ،ئەزمەت توخىۋاز دېسەڭ بۇ شەھەردە تونىمايدىغان ئۇيغۇر يوق ،-دېدى ئۇ خوشال بولغان ھالدا.گۈلنار ماشىنىدن قايتا چۈشۈپ مەن تەرەپكە كەلدى ،بۇ چاغدا ،ماشىنا ئىچىدىكى ئادەممۇ نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ماشىندىن چۈشتى . o>C,Db~L/  
گۈلنار ماڭا بىر خىل سېغىنىش بىلەن غەزەپ ئارلاشقان چىراي بىلەن : k>mXh{ (  
بۇ سىزمۇ قەيسەر ؟بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز ؟،-دېدى. مەن جىددىيلىشىپ كەتتىمۇ بىر خىل تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا : G\dPGPPM  
مەن مۇشۇ يەردە ئىشلەيمەن ،تەقدىر مېنى مۇشۇ يەرگە باشلاپ كەلدى ،سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىز ،سىزنى شىنجىندا دەۋاتاتتىغۇ ؟-مەن ئۇنىڭدىن ھەيران بولغان ھالدا سورىغانىدىم ،ئۇ ماڭا : h~\k;ca  
-بۇنى كېيىن بىر نەرسە دېيىشەيلى ،-دەپ بىزگە يىقىنىلىشىپ كىلىۋاتقان ھېلقى ئادەمگە بىر قارىۋىتىپ ،ئاندىن ماڭا : #$xtUCqX  
-توغرا ،سىزگە مېنىڭ ھازىرقى ئەڭ يىقىن دوستۇمنى ،گويا ،-ئۇ بىرئاز تۇرىۋىلىپ ئاندىن : 2|lR@L sr  
-گويا سىزگە ئوخشاش دوستۇمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي ،-دەپ ئۇنى قولى بىلەن كۆرىسىتىپ :-ئەزمەت ،-دېدى. ^3$U[u%q/{  
مەن ئۇنىڭ ئۈستى باشلىرىغا قايتا بىر قاراپ چىقتىم ،ئۇ مەندىن خىلىلا ئېگىز ،كالتا چاچ ،بوينىغا قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئېسىۋالغان ،ئوڭ قولىغا ئالتۇن ئۈزۈك سېلىۋالغان ،ئازادە قارا كىيىم كىيىۋالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزىتىپ : IC'+{3.m8  
-تونۇشقىنىمغا ئىنتايىن خوشال مەن ،-دېدىم.ئۇ: jyW={%&  
-مەنمۇ شۇنداق ،قەيسەر ،-دەپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. گۈلنار ئەزمەتكە قاراپ تۇرۇپ : V'=;M[&  
-بۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم بولىدۇ ،ئەزمەت ،تونۇشۇپ قويۇڭلار،دېدى.ئاندىن مېنى بىر چەتكە تارتىپ پەس ئاۋازدا ماڭا قاراپ : .:}<4;Qz94  
-بۇ يەرگە كەلمىسىڭىز بولاتتى ،مەن بىلەن ئۇچراشمىسىڭىز بولاتتى ،بۇ يەردىن قانچە تېز ئايرىلىسڭىز شۇنچە ياخشى ،بۇ ئادەم بەك خەتەرلىك ،ئۇ سىزنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ،قەيسەر ،سىز كىتىڭ،-دېدى-دە،ماشىنىنىڭ ئالدىغا بىرىپ ،ماشىنا ئىشكىنى ئاچقاچ ماڭا:  VQH48{X  
مەن دېگەندەك قىلىڭ ،-دەپ ماشىنىنىڭ ئىشكىنى ئاچتى . ]^>Inh!  
ئەزمەت ماڭا بىز ئاز قارىۋىلىپ ،ئاغزىدى بىر نەرسىنى چايناپ –چايناپ تۈكىرىۋەتكىنىچە ،بىر خىل ئۆچمەنىلىك نەزىرى بىلەن ماڭا بىر قارىۋىتىپ ،بىر كۆزىنى قىسىپ قويۇپ ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قالدى . mz.,j(Ks-  
مەن ھازىر دەل مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىدىم ،بۈگۈن كۆڭلۈم بىر خىللا بولۇپ قالدى . مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ ،كارىۋاتتىن ئاستا تۇردىم ،ئاندىن ھېلقى تىلىفۇن نۇمىرىغا بىر قاراپ چىقىپ ،كۆڭلۈمدە ئۇ ئادەمگە تىلىفۇن قىلىپ ،گۈلنارنىڭ نېىمىشقا ئۇنداق دەيدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ باققۇم كەلدى .بىراق تېلىفۇن قىلمىدىم ،مەن بىر نەرسىنى كۈتىۋاتقاندەك بىر نۇقىتىغا قارىغىنىچمە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالدىم . WuY#Kx~2  
مېنىڭ نىگارىم ئالىيە ،مەن ھازىر ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالدىم ،ئۇنىڭ بىلەن 12 يىل بىرگە ئوقۇغان ھەر ھالدا بىر بىرىمىزنى چۈشنىشىمىز ،مەن ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن چاغدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قالدىم ،ئۇنىڭ بىلەن ھەمىشە توردا ئۇچرىشىپ پاراڭلىشىپ ،پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردۇق ،كېيىن ئۇ ماڭا ئۆزى ئىشلەۋتقان ئورۇندا خىزمەت بارلىقىنى ،مائاشىنىڭ يامان ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر ئەۋەتتى ،ئاندىن مەن ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن ،مانا ھازىر ئالتە ئاي بولۇپ قالدى ،بىراق مەن شۇ ئۆتمۈشنى ئاستا –ئاستا ئۇنتاي دېگەندە بۇ قىز پەيدا بولدى،تەقدىر ،تەقدىر ،مېنى نىمانچە قىيانيدىغانسەن ؟. بىر ئادەم ئۆمىرىدە بىر ئادەمنىلا ياخشى كۆرىمەن ،بىر ئادەم بىلەنلا ئۆتىمەن دېيەلمەيدىكەن ،مانا قاراڭ ،تەقدىرنىڭ مۇنداقمۇ چاقچىقى باركەن . 6O{QmB0KK  
تۇيۇقسىز تىلىفۇن سايرىدى ،بۇ تىلىفۇن دەل ھىلقى ئەزمەت دېگەن ئادەمدىن كەلگەنىدى . ئۇ ماڭا گېپى بارلىقىنى ئېيتىپ ،كەچتە يەتتە يىرىمدا بۇ يەردىكى چوڭ بىر مەيخانىدا كۆرشىدىغانلىقىنى ئېيتتى . mv:@D  
مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا ئايسا كىرىپ كەلدى : *(yw6(9%  
ئاكا ،-دېدى ئۇ ماڭا جىددىي قىياپەتتا قاراپ: >x6\A7  
مال كەلدى ،بەك كۆپكەن ،بۈگۈن چۈشۈرۈپ بولالمىغۇدەكمىز ،قانداق قىلىمىز ،-دەپ سورىدى ،مەن ئۇنىڭغا : E]~ #EFc  
شوپۇرغا دەپ قوي ،ماشىنىنى ئىسكىلات ئچىگە ئەكىرىپ قويسۇن ،بۈگۈن مال كۆپ ،ئەتە چۈشۈرەيلى دېگىن ،ئاندىن يېنىمغا كىرگىن ،-دەپ بولۇپ ،ئۇنى توختىتىۋالدىم ھەمدە باتۇر ئاكاڭنى توۋلىغاچ كىرگىن دېدىم . `$1A;wg<  
باتۇر ئۆزى بەستلىك ،كۈچى بار ،يەنە بەلگىلىك چامباشلىقتىنمۇ خەۋىرى بار ،شۇنداقلا خىلى ئىشلارنى پەمىلىيەلەيتى . مەن ئەيسا بىلەن باتۇر كەلگىچە ئالىيەگە تىلىفۇن قىلدىم ھەمدە بۈگۈن بەك كۆپ مال كەلگەنلىكىنى كېچىچە چۈشۈرمىسەك بولمايدىغانلىقىنى ،بۈگۈن كەچتىكى كۆرۈشۈشنى ئەتىگە كېچىكتۈرگەنلىكىمنى ئېيتتىم ھەمدە ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم ،ئۇ ماڭ خاپا بولمايدىغانلىقىنى ،خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەپ ،كەلگۈسدىكى يۈك-تىرانسپورت ئىشلىرىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشمنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى .بىزنىڭ گىپىمىز تۈگىشىگە ئەيسا بىلەن باتۇر كىرىپ كەلدى . sYXLVJ>b  
-قەيسەر ،نېمە بولدى ،-دەپ كىردى باتۇر ئەيسانىڭ كەينىدىن .مەن ئۇنىڭغا : \Kui`X  
-كەلگىن ،-دەپ ئالدىمدىكى كارىۋاتنى كۆرستىپ ،ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم . j-J/yhWO&  
-باتۇر ،بىز يىقىن دوستلاردىن ،گەپ بولسا ئوچۇق دەۋىرىمىز ،مېنىڭ بېىشمغا ئاقايىپ قىسمەتلەر كىلىدىغان ئوخشايدۇ ،سەن ،-دېيىشىمگە ئۇ: `dX0F=Ag?  
-قانداق ئىش بولسا دەۋەرگىن قولۇم كۆكسىمدە -،دېدى باتۇر مېنى خاتىرجەم قىلمدقچى بولۇپ ،قولىنى كۆكسىگە قويدى. باتۇر ئىلگىرى بۇ شەھەرنىڭ لۈكچىكى ،يانجۇقچىسى ،ئوغرىسى بولغان ،قارا جەمئىيەتنىڭ قارا تۈن قوينىدىن چىققان بالا ئىدى ،بىزنىڭ ھازىرقى خوجايىن ئۇنى بۇ ئىشلاردىن قۇتقۇزۇپ ،ھازىرقى يولنى تېپىپ بەرگەنىدى ،ئۇنىڭ بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ،ياق ،بارلىق شىنقاڭلىق بالىلارنىڭ تونىمايدىغىنى يڭك ئىدى ،ھەتتا بۇ يەردىكى يەرلىك كىشىلەردىن نۇرغۇن يىقىن دوستلىرى بارئىدى . توغرسى ئۇنىڭ دوستلىرى ئىچىدە جىدەل ماجراغا يىقىنلىرى كۆپ ئىدى. 3%9XJ]Qao  
مەن باتۇرغا ھازىرقى ئەھۋالنى ئېيتىشمغا ئۇ ھەممىنى چۈشەندى . ئۇ ماڭا ئەزمەت توخىۋازنىڭ ناھايتى ئەسكىلىكىنى ،ئۇنىڭ زورلۇق –زوبۇلۇق قىلىپ كۈن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. باتۇر ئەزمەتنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەۋاتقاندا ھېلقى تېلىفۇن نۇمىرىدىن يەنە تىلىفۇن كەلدى .بىراق بۇ ئەزمەت ئەمەس ئىدى .بۇ تېلىفۇننى گۈلنار قىلغانىدى : @Zhd/=2[  
-ئۇ سىزگە تېلىفۇن قىلدىمۇ ؟ ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز تاكاللىشىپ قالماڭ ؟كۆزۈڭلار ئۇچرىشىپ قالمىسۇن ؟ئامال بولسا بۇ يەردىن كېتىڭ . ئۇ ئادەم ئەمەس ،بىر غالجىر ،-دەپلا ئۇ تېلىفۇننى قويىۋەتتى .مەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ئۇنىڭغا تىلىفۇن قايتۇردۇم .مەن ئۇنىڭغا : -XnIDXM  
-زادى نېمە مەقسەتتە ئۇنداق دەيسىز ؟نېمە ئۈچۈن ؟ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق زىددىيىتىم بولمىسا ،ئۇنىڭ بىلەن نېمىشقا ؟ _Ad63.Uq))  
-ئۇ ئىككىمىز ئارسىدىكى مۇھەببەتنى بىلىدۇ ،مەن ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەن ،مەن بۇ جەھەتتىن ئەمەس ،سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكى بارلىق كىشىلەردىن ،ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئائىلىسىدىن ئەنسىرەپ ،سىزگە شۇندق دېدىم . It2:2  
-ئۇ شۇنداق قورقىنىشلىقمۇ ؟ئۇ مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنى قاندق قىلالايدۇ ،ھازىر ئارىمىزدا ھىچقانداق ئاداۋەت يوق تۇرسا . p {. 6  
-مەسىلە دەل شۇ يەردە . ئۇ سىزنىڭ تېلىفۇن نۇمىرىڭىزنى ،تۇرىغان جايىڭىزنى بىلىدۇ ،بىلەمسىز ئۇ سىزنى ئوتقا ئېتتىرىپ ئەكىرىدۇ ،ئۇ سىزنى ماڭسا كەلمەس يولغا باشلايدۇ ،تەھدىت يولى بىلەن ،گېپىم تۈگىدى ،خوش. $P8AU81  
ئۇ شۇنداق دەپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى ،ھەممە ئىشنى باتۇرغا ئېيتتىم ،ئۇ بۇ يەردە بىر خىل قارا جەمئىيەت بولۇپ ،كۆرگەنلا شىنجاڭلىق بالىلارنى قارا گورھقا ئەكىرىپ تەربىيلەيدىغنالىقىنى ،كىرمىسە مەجبۇرلاپ ،تەھىت سېلىپ ئەكىردىغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ دەسلەپتە شىنجاڭلىق بالىلارغا ياخشىچاق بولۇپ ئالدايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى .باتۇر يەنە ئەزمەتنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغنالىقىنى ئېيتىپ بەردى. بىز ئۈچەيلەن بۈگۈنكى كەچتىكى ئۇچرىشىشقا قانداق تەييارلىق بىلەن بارىدىغانلىقىمىزنى دېيىشىۋالدۇق . ئاندىن باتۇر بۇ شەھەردىكى بىر خەنزۇ دوستىغا تېلىفۇن ئېلىپ بارىدىغان جايىنى دېدى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن شۇ يەردە كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېنىق دېيىشكەنىدى. Z-}A "n  
ئۈچەيلەن باشقا بالىلارغا ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىۋېتىپ ،دېيىشكەن مەيخانىغا يول ئالدۇق . 'bH~KK5  
مەن مەيخانىغا كىرىپ ،بۇ يەرنىڭ مەن كىنولاردا كۆرگەن يەرلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ،غۇۋا چىرايلار ،ئالا –يېشىل چىراغلار ،ھاراق بىلەن تاماكىنىڭ پۇراقلىرى كىشىنى ئاجايىپ بىر دۇنياغا ،يات بىر دۇنياغا باشلايتتى ،يۇقىرى ئاۋازدىكى مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان يىرىم يالىڭاچ قىزلارنى كۆرۈپ ،ئۇلارنى چەتئەللىك دەپ ئويلاپ قاپتىمەن ،بىراق باتۇر ماڭا ئىشارەت قىلىپ ئۇ قىزلارنى كۆرسەتكەندە ھېس قىلدىمكى ئۇلار ساپ ئۇيغۇر قىزلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم ،ئېچىم ئېچىشتى ،گويا يۈرۈگۈم پىچاق تىلغاندەك بوپ قالدى ،گويا ئۆزۈمنى ۋىجدان سورىقى ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالىدىغاندەك بىر خىل ھالسىراش تۇيغۇسىدا بولۇپ قالدىم . مەن ئاچچىق ھەسرەت ،ئەپسۇسلىنىشلار بىلەن ئۇلارغا ئېچىنغان ھالدا بېشىمنى چايقاپ قويۇپ ،كۆزۈمنى ئۇلاردىن قاچۇردۇم. VS`{k^^  
ئىككىنچى قەۋەتتىكى مەيدان كۆرگىلى بولىدىغان يەردە ئەزمەت ۋە باشقا بىر قانچە ئادەملەر كۈلكە چاقچاق بىلەن ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم ھەمدە ئۇدۇللا شۇ يەرگە باردىم . sc-hO9~k  
ئۇلار ئولتۇرغان ئۈستەل ئېچىملىك تاماكا بىلەن لىق تولغانىدى ،مېنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنۇمنىڭ ئۇدۇلىدا ئەزمەت بىلەن گۈلنار ئولتۇراتتى ،ئەزمەت مەغرۇر قىياپەت بىلەن گۈلنارنىڭ دولىسىغا قولىنى قويىۋالغانىدى ،ئوڭ تەرەپتە قانداقتۇر ئىككى ئۇزۇن چاچلىق ئەر كىشى بىلەن ئىككى ئايال ئولتۇراتتى ،ئۇ ئىككى ئايلانىڭ گېپىدىن خەنزۇ ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى ،ئۇلار دۈمبىسى ئوچۇق ئاڭ كۆينەك بىلەن كالتە سېرىق يوپكا كەيگەنىدى،چاچلىرى بدرە قىلىنغان ،قولىدا بولسا تاماكا ،ئىشقىلىپ بۇلارغىمۇ ئانچە زەڭ سېلىپ كەتمىدىم ،بىراق سول تەرەپتە ئولتۇرغان ئۇزۇن چاچلىق بىر خەنزۇ يىگىتنىڭ ئىككى ئۇيغۇر قىزنى قولتۇقلىغىنىچە ھېجىيىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئاچچىقىم بەكلا كەلدى .بۇ ئىككى ئۇيغۇر قىزى ئوڭ تەرەپتىكى خەنزۇ قىزلاردىن قىلىشمايتتى .بۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ئىككى شاپىالقى ئۇرۇشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ھازىر پەيتى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يېتىپ ،ئەزمەتكە مەجبۇرىي ھالدا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سالام قىلدىم .بۇ سالام مەن ئۈچۈن بىر خوشامەت تازىمى بولۇپ قالدى ،بۇ مەن ھازىرغىچە قىلىپ باقىمىغان سالام ئىدى . =?]S8cth  
ئەزمەت ھىلقى ئىككى ئۇزۇن چاچلارنى قوپۇرۋىتىپ ،مېنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ،ئىككى قىز مېنىڭ بىلىكىمدىن ئېسىلغىنىچە ئولتۇرغۇزدى ،مەن باتۇرغا قارىدىم ،باتۇر ئۇياق –بۇياققا قاراپ ،ئۆزىنىڭ دوستىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ،ئەيسا بولسا بۇ ئىشلارغا ھەيران بولغىنىچە ھىلى ئۇياققا ،ھىلى بۇ ياققا قارايتتى .مەن ئەزمەتكە ئاۋۋال سۆز ئاچتىم : iN0'/)ar  
-بۇ ياق مېنىڭ يىقىن ئاغىنەم ئەيسا بىلەن باتۇر بولىدۇ ،-دېدىم مەن ئەيسا بىلەن باتۇرنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ .مەن گۈلنارنىڭ يۈزىنى تۆۋەن قىلىپ ،قولىنىڭ بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ ،بىرخىل جىددىيلەشكەن ،ئەنسىراۋاتقاندەك ھېسياتتا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم .ئەزمەت ماڭا : %ib7)8Ki0  
بىزنى كونا تونۇش دېسەكمۇ بولىدۇ ،گۈلنار مېنىڭ ھازىرقى ئەڭ يىقىن ئادىمىم ،سەن بولساڭ ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ئىكەنسەن ،تونۇشتۇق ،تۇققان بولدۇق دېگەن گەپ ،كونىلاردا بىر كۆرگەن تونۇش ئىككى كۆرگەن تۇققان دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ . g&. OJ  
-شۇنداق ،شۇنداق ،-دېدىم مەن قىزلارنىڭ قولىنى دولۇمدىن چۈشۈرۋەتكەچ .ئاندىن باتۇرغا قارىدىم .ئۇ تىلىفۇننى ئېلىپ بىزنىڭ ئولتۇرىۋاتقان ئورىنىمىزدىن سەل يىراقتا تۆۋەندىكى مەيدانغا قاراپ پاراڭلىشىۋاتاتتى .ئۇ بىردىنلا قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلاتتى ،مەن تۆۋەنگە قارىدىم ،ئۇزۇن چاچلىق بىر ئادەم قولىنى پۇلاڭلىتىۋاتاتتى ،مەن خۇش بولغان ھالدا بىر ئەزمەتكە ،بىر باتۇرغا قارىدىم ،ھەر ئېھتىمالغا قارشى يۈرۈگۈم جايىغا چۈشكەندەك بولۇپ ئەزمەتكە : F_/ra?WVH  
-بىرەر ئىش بارمىدى ،-دەپ سورىدىم . y^Q);siSy  
-باشقا ئىشقۇ يوق ،پەقەت تونۇشۇپ قويايلى دېدىم ،باشقا مەقسەت يوق . k7sD"xR3  
-ئوبدان بوپتۇ ،ئوبدان بوپتۇ . at\u7>;.^k  
-ئىشلىرىڭ قانداقراق ؟ vwa*'C  
-يامان ئەمەس . sS4V(:3s  
-قانچىلىك بولدى ؟ i ;Kax4k  
-ئالتە ئايچە بولدى. E1w8d4P,G  
-مائاشىڭ كۈندە 100يۈەنغۇ دەيمەن . \W=Z`w3  
-شۇنداق، قانداق بىلىسىز ؟  B"5xs  
-مەن قىلىپ باقمىغان ئىش قالمىدى ،قەيسەر .مەن ھەممە قازاندا قايناپ بولغان ئادەم. O69TU[Vn  
-ھازىر ماڭا پۇل مۇھىم ئەمەس ،مەن بۇ يەردە پۇللنى دەپ ئەمسە باشقا بىر ئىشنى دەپ قالغان ،-دېيىشىمگە گۈلنار ماڭا قارىدى .ئەزمەت گۈلنارنىڭ ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ماڭا : XJwgh y?(  
-كونا ئوتلار ئۆچمەپتۇ-دە ،دېدى ،بىر خىل ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن . V|awbff:  
-ياق ،سىز خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىز ،مەن ،مەن سىزگە ئۇدۇللا دەۋېرەي ،مەن بۇ يەردە پەقەت باشقا بىرسىنى دەپلە تۇرۇپ قالغان ،ھازىر مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنۈم ،-گۈلنارغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ،-شۇنداق ياخشى ،-دېدىم . (Gapv9R  
-شۇنداقمۇ ،ئۇ كىمۇ ئەمدى ؟ `fG<iBD  
-بۇنى ھازىرچە سىزلەرگە ئېيتىپ بىرەلمەيمەن ،كەچۈرۈڭلار . &\"cV0  
بۇ چاغدا باتۇر تۆۋەنگە چۈشۈپ دوستى بىلەن كۆرشۈپ ئۇنى يۇقىرغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى .ئۇلار يۇقىرىغا چىقاي دېيىشىگە ئۇدۇلۇمدىكى ئۇزۇن چاچلىق ئورنىدىن دەسلا تۇرۇپ ،-ۋاڭ ئاكا ،ۋاڭ ئاكا،-دەپ ئالدىغا يۈگۈردى . +;oR_]l  
مەن ئەزمەتنىڭمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئورنىمدىن تۇردۇم .باتۇر بۇ ئادەمنى ۋاڭ دىيوڭ دەپ تۇنۇشتۇردى ،بىز ئۆز-ئارا تونۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ،ۋاڭ ئاكىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئايرىمخانىغا كىرىپ كەلدۇق .بۇ يەرگە ئاياللار كىرگۈزۈلمىدى . Xw|-v$'y  
بىز ئىچىگە كىرىپ ئورۇن ئېلىشتۇق ،ۋاڭ ئاكا بايىقى ئەزمەتنىڭ ئۇزۇن چاچلىق ئاغىنىسىنى شىياۋلىي دەپ چاقىرغىنىنى ،ئۇنىڭ بۇ يەردە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى ،ئاندىن ماڭا : 7,uD7R_  
-سەن بۇ شەھەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ ،قارىسام سەن خىلى ئوبدان بالا ئىكەنسەن ،قانداق بولۇپ كېلىپ قالدىڭ ؟ =n@\m <  
-تەقدىر ،تەقدىر مېنى بۇ شەھەرگە باشلاپ كىردى . %*gg6Q  
-تەقدىر ،تەقدىر دېگىن ،تەقدىر باتۇر بىلەن ئىككىمىزنى تونۇشتۇرغان ،بىلەمسەن ئەگەر باتۇر بولىمىغان بولسا مەن ئاللىقاچان بۇ شەھەرنىڭ ئۇنتۇلغان ئادىمى بولۇپ قالغان بولاتتىم . *#?9@0b@  
-ئەزمەت ،بۇ شەھەردە سېنىڭ قىلمىغان ئەسكىلىكىڭ قالمىدى ،سەن تا ھازىرغىچە توختىغىنىڭ يوق ،گەپنى ئۇدۇللا قىلاي ،ئەگەر باتۇر ۋە ئۇنىڭ دوستىلىرىغا ،قېرىنداشلىرىغا بىرەر ئىش بولسا مەندىن ياخشىلىق تىلەپ ئولتۇرما ،بولدى مەن سىرىتتا بار ،ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭلار بىر تەرەپپ قىلىڭلار ،بەرىبىر بىز بىر يولدىكى ئادەم ئەمەس ،خوش ،-دەپ ئورنىدىن تۇردى ۋاڭ ئاكا .چىقاشىدا باتۇرنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويدى . i;IhsKO0R  
ئەزمەت بىر ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋالغاندىن كېيىن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى .ئىككى قېتىم تارتىۋالغاندىن كېيىن ماڭا : 6 lEv<)cC  
-خىلى قابىلىيىتىڭ باركەن ،بىلەمسەن ؟مېنىڭ سېنى بۇ يەرگە چارقىتىشىمدا باشقا مەقسەت يوق ،مەن بىلىملىك ئادەملەرگە قىزىقىمەن ،بىلىملىك ئادەملەرگە ،-دەپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى ،بۇ چاغدا باتۇر مېنىڭ ينىمغا كلىپ ،قولى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ بولغانىدى . 7lwFxP5QT  
-مەن سېنىڭ بۇ يەرگە نېمە مەقسەتتە چاقىرغانلىقىڭنى بىلمىدىم ،شۇڭا ... ''z]o#=^9  
شۇڭا ،ئادەم بالشاپ كەلدىم ،دېگىن ،توغرا سېنىڭ قىلغىنىڭ توغرا ،بىلەمسەن ؟مەن تۈزۈك ئوقىيالمىغان ئادەم ،مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇم ،ھەتتا ئۇنڭدىن باشقا نۇرغۇن ئارزۇيۇم بار ئىدى ،بىراق ،بىراق ئوقىيالمىدىم .گۈلنار ئوقۇغان ،بىلىملىك ،بىراق ئۇ قىزبالا ،ئايال دېگەن بەرىبىر ئاجىز كىلىدۇ ،مەن ھازىر بىلىملىك ئادەمگە ئېھتىياجىلىق ،ئىچكىرگە چىقىپ ئىشلەيدىغان ،پۇل تاپىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپ قارىسىنى كۆرمىگەن بالىلار ،بۇ بالىلار بۇ يەردە ھەممىنى قىلىدۇ ،ھەممىنى ... V <ilv<  
-شۇنداق ،مەن بۇنىڭدىن ئازىراق خەۋەردار . C!6D /S  
-سېنىڭ پۇل تاپقۇڭ بارمۇ ،قەيسەر ،پۇل ،نۇرغۇن پۇل ،سەندە بىلىم بار ،مەندە كۈچ ،ئىككىسى ھەمكارلاشسا بۈيۈك ئىشلار ۋۇجۇدقا چىققۇسى . (W[]}k ;  
-كەچۈرۈڭ ،ھازىر مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن ،كەچۈرۈڭ . (eHTXk*V`  
-ئۇندقتا جاۋابىڭنى كۈتىمەن . y*=Ipdj  
بىز خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشقانىدۇق .ئاندىن كېينچە ئالىقىلىشىدىغانلىقىمىزنى دېيىشىپ مەيخانىدىن چىقتۇق . مەيخانىدىن چىققان ۋاقتىمىزدا سائەت 12 دىن ئاشقانىدى ،بىز مەيخانىدىن چىقىپ ،20 مېتىر ماڭمايلا بىر بۇلۇڭدا بىر قانچە كىشىنىڭ ئىككى قىز بالىنى ئورىۋىلىپ بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق . مەن ئۇلارغا ۋاقىرىشىمغا باتۇر مېنىڭ ئاغزىمنى ئېتىۋالدى ھەمدە مڭا ئۇلار بىلەن كارى بولماسلىقنى ئېيتتى .مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ ،توسىماي تۇرالمىدىم ،باتۇرنىڭ توسىۋىلىشدىن يۇلۇنۇپ چىقىپ ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارىدىم ،ئۈچى ماڭا پىچاق تەڭلەپ ،مېنى ئورىۋىلىشتى .بۇ چاغدا باتۇر بىلەن ئەيسامۇ پىچاق كۆتۈرۈپ ،مېنىڭ يىنىماغا كىلىشتى .ئىككى قىز بىر بۇلۇڭدا يىغلىغىنىچە تۈگۈلۈپ تۇراتتى ،يەنە بىرى يۈگۈرۈپ كەتتى ،ئېھتىمال خەۋەر قىلىغىلى كەتتى بولغاي .باتۇر بىر ئېتىلىپلا ئۇلارنىڭ بىرىنى يىقىتىۋەتتى ۋە قولىدىكى پىچىقىنى ئېلىۋالدى ،ئەيسا بىلەن ئىككىمىز تۇشمۇتۇشتىن يەنە بىرنى يىقىتتۇق ،يەنە بىرسى بىزگە خىلى نەرە كۆرسىتىپ بىقىپ ئىشنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى بىلىپ قېچىپ كەتتى .بىز بىر بۇلۇڭدا تۇرغان ھېلىقى ئىككى قىزغا قورقماسلىقنى ئېيتتۇق ،قارىسىاق ئۇلار بايا ئەزمەتنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىككى خەنزۇ قىزچاق ئىكەن .بىز ئۇلارنى باشلاپ ،چوڭ يول بويىغا كېلىپ ،ماشىنىغا سېلىشقا ئۇرنىۋاتقاندا ،بىز توسقان ماشىنا كەينىگە بىردىنلا ئۈچ –تۆت ماشىنا تېزىلىپ بولدى .ئاندىن ماشىنىدىن نۇرغۇن ئادەملەر چۈشۈپ بىزنى ئورۋېلىشقا تەمشەلگەندە ،ھېلقى ئىككى قىزنى ماڭغۇزۋېتىپ ،ئۈچەيلەن يانمۇيان تۇرۇپ ئېلىشىشىقا باشلىدۇق ،باتۇر بىردەمدىلا ئىككى ئۈچنى يەر چىشلەتكۈزگەنىدى ،ئەيسابىلەن ئىككىمىز تېخى بىر قانچىسى بىلەن پمداقلىشىۋاتقىنىمىزدا ئۇلارنى ئالىقاندقتۇر كىشلەر كېلىپ تاياق –توقماق بىلەن تازا سالدى ،بۇلار ئەزمەتنىڭ ئادىمى ئىدى ،ئەزمەت يىنىمىزغا كېلىپ ،مېنىڭ دولامغا ئۇرۇپ تۇرۇپ : Ya!PV&"Z  
-سەن بارغانلا يەردە ئىش تېرىپ تۇرامسەن قانداق ؟،-دەپ كۈلۈپ قويۇپ ،ئالدى تەرەپتە توختىغان ماشىنىغا چىقىپ قايتىپ قالدى ،بىردەمدىلا بۇ يولدا ئەيسا ،باتۇر ئۈچمىز قاپتۇق ،بىز بىر بىرىمىزگە قاراپ بىردەم كۈلۈشىۋىتىپ قايتتۇق . t7,$u-  
مەن بۇ شەھەرنىڭ رەڭگارەڭ چىراغ نۇرىغا قاراپ ،گويا ئۆزۈمنى بۇ شەھەرنىڭ يىگانە پۇقراسىدەك ھېس قىلىۋاتىمەن ،مەن ئۆز –ئۆزۈمگە بۇ شەھەر مېنى قارشى ئېلىۋاتامدۇ ياكى يەكلەۋاتامدۇ ؟دېگەنلەرنى ئويلاپ ،كەينىمدىكى ئىككى دوستمغا ئۆرۈلۈپ ،كۈلۈپ تۇرۇپ ،بۇ شەھەرنىڭ بىزگە بىرىۋاتقان سىناقلىرىغا مەمنۇن بولغان ھالدا ئۇلۇغ بىر كچىك تىندىم ئاندىن ئۇلارنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ،بىز بۈگۈن نېمە ئىش قىلدۇق ؟دېدىم .ئۇلار ماڭا قاراپ ،تازا بىر كۈلگەندىن كېيىن بىز بۇ شەھەردىكى تەقدىر بىلەن ئوينىشىپ قويدۇق دېدى .بىز كۈلۈشمەك بىلەن بۇ شەھەرنىڭ رەڭگرارەڭ چىراق نۇرىلىرى ئاسىتىدا قايتىپ كەتتۇق . jTW8mWNk]  
مەن قايتىپ كېلىپ كارىۋاتتا يەنە بىر ئاز ئويلاندىم ،ئويلانىغىنىم بۇ شەھەردە مېنى يەنە نېمىلەرنىڭدۇر كۈتۈپ تۇرىۋاتقىنى بولدى. يەنە بىر قانچە سائەتتىن كېيىن تاڭ ئاتىدۇ،بۇ تاڭلار بىزنى قايسى خىل شەكىلدە كۈتىۋالىدۇ ،بىز بۇ تاڭلارنى قايسى خىل شەكىلدە كۈتىۋىالىمىز ،بۇنىسى نامەلۇم ،ئىشقىلىپ ،ھاياتلىقنىڭ يېڭى بىر تېڭى بىلەن بىز بۇ شەھەردىكى يېڭى قىسمەتلىرىمىزنى كۈتىۋالىمىز. by,3A  
bPV; "  
bayawanتەرىپىدىن تەستىقلاندى  
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 238

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1034دانە
ئۆسۈش: 10.34%
  نادىر تىما: 6
  يوللانما: 1034
  شۆھرىتى: 85 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 6050 يۈەن
  تۆھپە: 54 قېتم
  ياخشى باھا: 54 قېتىم
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-24
  كىرىشى: 2010-08-18

 

1قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

تىمىنىڭ مەنبەسىنى ئىنكاس ئارقىلىق ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز.. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئۆزۈمنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇلۇشنى خالىمەيمەن. چۈنكى مەن دىگەن مەن!
دەرىجىسى: مېھمان

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 832

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 2%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 2
  شۆھرىتى: 1 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 65 يۈەن
  تۆھپە: 1 قېتم
  ياخشى باھا: 1 قېتىم
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-12
  كىرىشى: 2010-08-17

 

2قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى ئىچكىرگە بارغان ،ئىچكىردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىنىڭ كەچمىشلىرى ئاساس قىلىپ يېزىلدى. باشقا تور بەتتىكىلەرنىمۇ ئۆزۈم يوللىغان ،كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . CdtCxy5  
قۇتتىكىندىن سىلەرگە رەھمەت. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
sen vchvn jonimdin kechishka roziman rayhon...........
دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 531

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
ئۆسۈش: 10%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 100
  شۆھرىتى: 12 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 615 يۈەن
  تۆھپە: 11 قېتم
  ياخشى باھا: 11 قېتىم
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-28
  كىرىشى: 2010-08-17

 

3قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئاخىرىنى تۈگىتىۋىتىپ ئاندىن ئىنكاس يازاي............ >D_)z/v?"  
<ئىملاخاتالىقى!!.....> تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
دوستۇمنى سەپەردە سىنىۋىدىم،ئەفسۇس...
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما