ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئەنە شۇ تارىخىي تۆھپىلىرىنىڭ يارقىن نەمۇنىسى __ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت . ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى بۈيۈك بەدىئىي قامۇسى . XFVV},V
ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى بىباھا گۆھەر ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ يارقىن ، ئەڭ كۈچلۈك ۋە خاراكتېرلىك مىللىي خۇسۇسىيەتنى ، مىللىي ئىستېتىك پىسخىلوگىيىسىنى نامايەن قىلدى . RDqFL.-S
ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئەنگۈشتىرىمىز ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا ، ئىجتىمائىي ھاياتىغا ، پىسخىلوگىيىسىگە سىڭىپ كىرىپ ، ئىجتىمائىي ھاياتىنى بېيىتىدىغان ، مىللىي غۇرۇرىنى ، ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان ، سەنئەت ھۇزۇرىنى ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ئۇزۇق بولۇپ كەلمەكتە . 1 rs&74-
ئۇنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە شۇنى قەيت قىلىشقا بولىدۇكى ، ئۇنى قەدىمدىن كېلىۋاتقان بىر كۈيلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا راۋاج تاپقان بىر يۈرۈش ناخشا - مۇزىكىلار : شۇنداقلا قەدىمكى كۆسەن ( كۇچا ) ، سولى (قەشقەر ) ، ئۇدۇن (خوتەن ) ، قۇجۇ ( تۇرپان ) ، ئىۋىرغول ( قۇمۇل ) ، نەغمە - كۈيلىرى ۋە دولان ناخشا - مۇزىكىرىنىڭ ئۆز -ئارا گىرەلىشىدىن ھاسىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ . . . d?AlI
مۇقام ئاتالغۇسى ئۆزىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك مەنبەسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، مەلۇم سىستېمىغا سېلىنغان مۇزىكا مۇجەسسمىنى بىلدۈرىدىغان خاس نام . ئون ئىككى مۇقامنىڭ بۇنداق تۈزۈلۈش ناملىرى ئەل فارابى ، ئەبۇئەلى ئىبنى سىنا ، ئەلىشىر نەۋائى ، قىدىرخان يەركەندى ، مەلىكە ئاماننىسا ۋە تۇردى ئاخۇن ئاكا قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكا ئۇستازلىرىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، كۆپلىگەن مۇقامچىلارنىڭ قېزىشى ، توپلىشى ۋە رەتلىشى بىلەن ھازىرقى ھالەتتە قېلىپلاشتۇرۇلغان . شۇڭا دۇنيا سەنئەت تارىخىي ئىشلەپچىقىرىش كۆرىشى ۋە سىنىپىي كۈرەش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى مۇھاببەت ۋە نەپرەتنى ، راھەت ۋە جاپاسىنى ، خوشاللىق ۋە جاپاسىنى ،ئارزۇ ۋە ئارمانلىرىنى ئىپادىلىگەن . /H7&AiA