matW>D;J FuqMT` ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماددىي دەلىللەر
HJ5 Ktt #B_Em$
`Uz2(zqS ^wnlZ09J sGBm[lplz ucP"<,a ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى خۇددى ئاسماندىكى قۇياشتەك ھەر كىمگە ئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇرسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ بىلىش، تەپەككۇر قىلىش، كۆرۈش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بەزى كىشىلەر بۇ ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىپ يېتىشتىن مەھرۇم قالماقتا. شۇڭا ئەتراپىمىزدا ھەر ۋاقىت نامايان بولۇپ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە ئىشارەت قىلىۋاتقان سانسىز ئالامەتلەردىن چەكلىك ئەقلىمىز بىلەن بىلەلىگەن ۋە چۈشىنەلىگەن ئاز ساندىكى دەلىللەردىن بىر قانچىسىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ھاۋالە قىلىمىز.
LgG7|\(-
nky%Eb[\ بارنىڭ ئىسپاتى يوقنىڭ ئىسپاتىدىن ھەمىشە ئاسان. بىر ئالمىنىڭ يەر يۈزىدە مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى شۇ ئالمىنى كۆرسىتىش ئارقىلىقلا ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. ھالبۇكى، يوق نەرسىنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلغان كىشى پۈتكۈل يەر يۈزىنى، ھەتتا كائىناتنى ئايلىنىپ چىقىپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە يوق ئىكەنلىكىگە قايىل بولىدۇ. بۇ ئىمكانسىزلىقنىڭ ئۇستىگە، بىر قىيىن ئىش دېمەكتۇر. شۇڭلاشقا يوق نەرسە ھېچقاچان ئىسپاتلىنالمايدۇ. بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىككى كىشى مىڭلارچە ئىنكار قىلغۇچىلارنى يېڭىپ چىقىدۇ. ھەر قانداق نەرسىنى ئىسپاتلىغۇچى ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن كۈچلۈكتۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا كىشىلەرنى ئەقىل ئىشلىتىپ، ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىشكە چاقىرىپ: »ئىبرەت ئېلىڭلار ئەي ئەقىل ئېگىلىرى!«، »سىلەر ئەقىل ئىشلىتىپ بۇ ھەقىقەتلەرنى چۈشەنمەمسىلەر؟« دېگەنگە ئوخشاش ئايەتلەرنى قايتا – قايتا بايان قىلغان. بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىپ، ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ كۆرەيلى.
;FQ<4PR$
Q4H(JD1f) «ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماددىي دەلىلەر:
~]w|ULNa3|
wI0NotC +VSq [P 1- مۇمكىنلىك دەلىلى
eb#yCDIC }EMds3< Hxr)`i46 TXWYQ~]3w ئالەمنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۇنىڭ بولۇشى ياكى بولماسلىقى مۇمكىن بولغان مەۋجۇداتلارنىڭ قاتارىدا تۇرىدۇ. يەنى ئالەم مەۋجۇد بولۇپ تۇرغىنىدەك، ئۇنىڭ مەۋجۇد بولماسلىقىمۇ ئېھتىمال ئىدى. بىراق ئالەم مەۋجۇدتۇر. مەۋجۇد بولۇشى ياكى مەۋجۇد بولماسلىقى ئېھتىمال سانالغان ھەر قانداق نەرسە ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىدا بېرەر سەۋەبكە موھتاجدۇر. دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە سەۋەبسىز ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. ۋۇجۇدقا چىقىشى ياكى چىقماسلىقى ئېھتىمال بولغان بۇ ئالەمنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئىختىيار قىلغان بېرەر سەۋەب چوقۇم باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالادۇر. دۇنيادا مەۋجۇدلىقى زۆرۈر بولغان بىرلا زات بار. ئۇ ئاللاھ تائالادۇر. ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ نەرسىنىڭ مەۋجۇدلىقى زۆرۈر ئەمەس، بەلكى مۇمكىن، ئېھتىمالدۇر.
W"meH~[Cp /19ZyQw9 F,.dC&B
/>dH\KvN q(XO_1W0V 2 - يارىتىلىش دەلىلى
sQaP:@ +?%LX4Y %NH{%K, rYfN ئالەم ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۆزگەرگەن ھەر قانداق نەرسە ئەزەلدىن بار بولماستىن، بەلكى كېيىن پەيدا بولغان نەرسىلەردۇر. بۇ قائىدىگە ئاساسەن، ماددا ئەزەلدىن بار بولغان بىر نەرسە ئەمەستۇر. ماددىنىڭ تېرمودىنامىكىلىق قانۇنىغا كۆرە ئۇنىڭ ھەمىشە يوقىلىشقا يۈز تۇتۇشى، كائىناتنىڭ تۇرماستىن كېڭىيىپ بېرىشى، قۇياشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆز ماددىلىرىنى تۈگىتىشكە قاراپ يول ئېلىشىغا ئوخشاش ۋەقەلەر مەۋجۇداتنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇد بولماستىن، بەلكى كېيىن پەيدا بولۇش ئارقىلىق بىر باشلىنىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئەزەلدىن مەۋجۇد بولماي، كېيىن پەيدا بولغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ پەيدا قىلغۇچىسى باردۇر. سەۋەبسىز نەتىجە، سەنئەتكارسىز سەنئەتنىڭ مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن بولمىغاندەك، ئەزەلدىن مەۋجۇد بولمىغان ۋە بىر ئاۋۋالقى سەۋەبكە موھتاج بولغان مۇشۇ ماددا ئالىمىنىڭ پەيدا قىلغۇچىسى باردۇر. ئۇ ئاللاھ تائالادۇر.
}{S pV
mhi^zHpa TD^w|U. 3- ھايات دەلىلى
\ sc's7 \wb0%>0 cz.,QIt_ q'CtfmI`r= ھايات سۈزۈك بىر مۇئەممادۇر. ئۇنى تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپلا چۈشەندۈرۈشكە بولمايدىغان شەكلەن مۇرەككەپ مۇئەممادۇر. ئۇ بېۋاسىتە ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ھايات شۇنداق بىر مۇئەمما بولۇشى بىلەن ئىلىم ساھەسىدىكى كىشىلەرنى ھەمىشە ئۆزىگە جەلب قىلىپ كېلىۋاتقان سېھىرلىك مەۋجۇداتتۇر. ھايات ئادەتتە ئۆز تىلى بىلەن »مېنى بار قىلىپ ياراتقان پەقەت ئاللاھ تائالادۇر«، دەپ جاكارلىماقتا.
Nu4PY@m]C
Cp!Qd e $(N+E,XB 4- ئىنتىزام دەلىلى
o?((FW5.; r NT>{ p)YI8nW bX'.hHR ھەر قانداق نەرسە ئۆز پارچىلىرى بىلەن بىر تەڭپۇڭلۇق ۋە پۈتۈنلۈك ئىچىدە بولغىنىدەك، بارلىق كائىناتمۇ ئۆزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن مەۋجۇدىيەت پارچىلىرى بىلەن بىر تەڭپۇڭلۇق ۋە بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە داۋام قىلماقتا. بۇ، كائىناتتا ۋە ھەر قانداق مەۋجۇداتتا بىر مۇكەممەل ئىنتىزام ۋە ئىنچىكە قانۇنىيەتنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن ئۆلمەس بىر دەلىلدۇر. كائىناتتىكى نىزام ۋە ئىنتىزاملىق قانۇنىيەت ئۆزىنى تۈزگۈچى ۋە پىلانلىغۇچى بىر زاتتىن ئوچۇق دالالەت بېرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالادۇر. بۇ نىزام ۋە ئىنتىزام قانۇنىيەتلەرنى ئەگەر ئاللاھ تائالا تۈزمىگەن بولسا، ئەقىلسىز، كور تەبىئەت ياكى كائىنات قانداقمۇ ئۇلارنى تۈزەلىسۇن؟!
l<dtc[
{/Qg4pc! 5- سەنئەت دەلىلى
D?`|`Mu FhU* mAX) ئاتومدىن ئىنسانغىچە، ھۈجەيرىلەردىن گالاكسىيىگىچە بولغان پۈتكۈل كائىناتتا نازۇك ۋە ئاجايىپ بىر سەنئەت باردۇر. ئۇلار ھەمىشە كۆز ئالدىمىزدا ئۆزلىرىنى نامايان قىلماقتا. بۇ سەنئەتلەر ھەممىسى چوڭ، قىممەتلىك، كۆپ، ھەر خىل ۋە ئاخىرى ئۈزۈلمەيدىغان ئاجايىپ بىر سەنئەتلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى شەكىل ۋە مۇكەممەللىكلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ئىجاد قىلغان بىر ئۇلۇغ ۋە تەڭداشسىز ئىجادكارنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالادۇر!
(\*+HZ`(Uu
VB&`g< =,G^GMi' MVXy)9q 6- ھېكمەت ۋە غايە دەلىلى
rJUXIV>z 8}>s{u;W "'TEBkj|u c(r8F[4w ھەر قانداق بىر مەۋجۇداتتا ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بېرەر مەقسەت، غايە، بېرەر مەنپەئەت ۋە بېرەر نەتىجە كۆزدە تۇتۇلغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدە مەنىسىزلىك ياكى پايدىسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ. ھالبۇكى، مۇنداق مەقسەت، غايىلەرنى ۋە نەتىجىلەرنى كۆزدە تۇتۇش ۋە پىلانلاش ئۈچۈن شەيئىلەر ئالەمىدە ياكى ھايۋانات دۇنياسىدا ۋە ياكى ھادىسىلەر ئالەمىدە تۇيغۇ ۋە ئەقىل - ئىدراك مەۋجۇد ئەمەستۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، كائىناتتىكى بۇ ئادىلانە ھېكمەتلىك ئىشلارنى ۋە مەقسەت، غايىلەرنى پىلانلىغۇچى كىم؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ-ئاللاھ تائالادۇر! بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئاللاھ تائالاغىلا مەنسۇپ قىلىش ئارقىلىقلا ئەقىلغا مۇۋاپىق بىر يول تۇتالايمىز.
1YJ@9 *l :!<