pK O\tkMJ «ئۈمىد غۇنچىلىرى» پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى
C/dqCUX: YBQO]3f drTX l'-dB بۇ ئەترەت 2010- يىلى 9-ئاينىڭ 10- كۈنى قەشقەر تۈرمىسىدە، تۈرمە ساقچىسى ئەنۋەر داۋۇت بىلەن ئېزىز ئەيسانىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى ئاساسىدا قۇرۇلغان.
0}$",M!p PIP2(-{ai ئەترەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى: ئىناق،باياشات، مېھرى – مۇھەببەتكە تولغان خاتىرجەم مۇھىت بەرپا قىلىش
ch,<4E/c[R ئۈچۈن، ھەممە بىر نىيەتتە، ئوقۇش ئارزۇسى بار، ئەمما ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مەكتەپكە كىرەلمىگەن، مەكتەپكە كىرسىمۇ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان، ئوقۇش جەريانىدا ئېغىر كېسەل بولۇپ داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن، ئاتا – ئانىسى يوق، ئاتا – ئانىسى مېيىپ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ياخشى ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بىرىپ،ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىغىنى يەتكۈزۈش، شۇنداقلا ئۇلارنى كەلگۈسىدە خەلققە، ۋەتەنگە ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت .
1g{`1[.QO 2Xk(3J!!'a ئۈچۈن، ھەممە بىر نىيەتتە، ئوقۇش ئارزۇسى بار، ئەمما ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مەكتەپكە كىرەلمىگەن، مەكتەپكە كىرسىمۇ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان، ئوقۇش جەريانىدا ئېغىر كېسەل بولۇپ داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن، ئاتا – ئانىسى يوق، ئاتا – ئانىسى مېيىپ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ياخشى ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بىرىپ،ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىغىنى يەتكۈزۈش، شۇنداقلا ئۇلارنى كەلگۈسىدە خەلققە، ۋەتەنگە ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت .
20;M-Wx 0iqa]Am ئەترەتنىڭ شۇئارى: ئاز كۆڭۈل ئارقىلىق، كۆپ دىللارنى يورۇتۇش!
yi%A*q~MT تۇتقان يولى بولسا: ئەتراپتىكى ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان، ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان مىسكىن، غېرىۋانە دىللارغا مېھرىبانلىق، ئىللىغلىق يەتكۈزۈش.
V|z|H$- ئەترەتنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش شەرتلىرى:يېشى 18 دىن ئاشقان،مۇقىم كىرىمى بولغان، ساغلام كىشىلەر قوبۇل قىلىنىدۇ.ھەر ۋاقىت،ھەر دائىم قوبۇل قىلىنىدۇ.ئەزا سانىغا چەك قويۇلمايدۇ.
K$(&Qx} z^I"{eT8 ئەترەت ئەزالىرنىڭ تۈرى: ئەترەت ئەزالىرى دائىملىق ئەزالار ۋە ۋاقىتلىق ئەزالار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.شۇنداقلا يەنە مىھرى شەپقەت يەتكۈزگۈچىلەربولىدۇ.دائىملىق ئەزالارنىڭ ئاساسى ئەھۋالى،ئىئانە قىلغان پۇل سوممىسى ئارخىپ قىلىپ ساقلىنىدۇ.ۋاقىتلىق ئەزالار ۋە مىھرى شەپقەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئىسمى،ئىئانە قىلغان پۇل سوممىسى،ۋاختى خاتىرلىنىپ ساقلىنىدۇ.ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مىھرى شەپقەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئىىسمى خاتىرلەنمەيدۇ،ئىئانە قىلغان پۇل سوممىسى خاتىرلىنىپ ساقلىنىدۇ.
r]Da4G^ ,7SLc+ ئەترىتىمىز ئەنۋەر داۋۇت، پەرھات ئەمەت ، ۋاڭ سەييۈن، ئېلى سۇلايمان، ئانارگۈل ئەيسا، تۇرغۇن ئايۇپ،مەرەمنىسا ئۆمەردىن ئىبارەت 7 نەپەر ھەيئەتنىڭ كۈچ چىقىرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى ئاساسىدا ھازىر مۇقىم ئەزاسى136نەپەرگە، ۋاقىتلىق ئەزاسى66نەپەرگە يەتكەن، كىرىم – چىقىمى ئېنىق، باشقۇرۇشى سىستېمىلىق بولغان مۇستەھكەم كوللېكتىپقا ئايلاندى. ئەترەتنىڭ ياردىمى بىلەن پەيلۇ مەكتەپتە خاتىرجەم ئۇقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان قىيىنچىلىغى ئېغىر ئوقۇغۇچى20نەپەر، ئېغىر كېسەل بولۇپ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى4نەپەر( بۇلاردىن بىر نەپىرى كونا شەھەر ناھىيىسىدىن، ئىككى نەپىرى مەكىت ناھىيىسىدىن،بىر نەپىرى يەكەن ناھىيىسىدىن). ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلنى تاپشۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى1نەپەر (مەكىت ناھىيە شىھىتدۆڭ يېزىسىدىن )بولۇپ،جەمئى 25 نەپەر ئوقۇغۇچى ياردىمىمىزگە ئىرىشتى. بۇلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئومۇمىي پۇل سوممىسى 26مىڭ 652يۈەن بولدى. ھازىرغىچە ئەترەتكە ياردەم قولىنى سۇنغان 202 نەپەر ساخاۋەتچىنىڭ، بۇ ئىككى يىل جەريانىدا خالىسانە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىئانە قىلغان ئومۇمىي پۇل سوممىسى: 51مىڭ595يۈەن 4موغا يەتتى . ھازىر ئەترەتتە قالغان قالدۇق پۇل سوممىسى 24مىڭ943يۈەن 4مو بولۇپ بۇ پۇل پوچتا بانكىسىدىن ھېساب ئېچىلىپ، ئامانەت كارتىسىغا قويۇپ ساقلاندى. ئامانەت كارتا نومۇرى: 6221888940005173620 مېھرىبان ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىئانە قىلغان پۇل سوممىسى، چىقىم قىلىنغان پۇل سوممىسى ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن ئېنىق خاتىرلىنىپ ساقلاندى. ياردەم ئوبيېكتى تاللاشتا مەكتەپ رەھبەرلىكى، ئەترەت ئەزالىرى ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بارلىغى ئىسپاتلانغاندىن كىيىن ھەيئەتلەر كېڭىشىپ ئاندىن تىزىملىككە كىرگۈزۈپ ياردەم پىلانى تۈزۈلدى .
DzO0V"+H}k lYT}Nc4"=" يۇقۇرىقىدەك بۇنداق ياخشى نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى ھەر ساھە، مېھرىبان ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ، شۇنداقلا ئەترەت ئەزالىرنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنىڭ نەتىجىسى .
:+ @-F>Q سەپداشلار، يۇرتداشلار! ئىنسانلار ئارىسىدا سەمىمىيلىك، ئىناقلىق، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە ئۆز ئارا ياردەم مەڭگۈ ئۈزۈلمىسۇن! باسقان قەدىمىمىز توختىمىسۇن! قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا باسايلى! سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بىزنىڭ ئارزۇيىمىز!
-w=rNlj ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان قاراماي شەھىرى،ئاقسۇ شەھىرى، قاغىلىق، مارالبېشى، مەكىت،يەكەن ناھىيىلىردىن ۋە قەشقەر تۈرمىسى، مارالبىشى تۈرمىسىدىن بولغان ھەر ساھەدىكى مېھرىبان ساخاۋەتچىلەرگە، ياردەمگە ئېرىشكەن مىسكىن قەلبلەر نامىدىن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز! خىزمىتىمىزنى قوللاپ، يېقىندىن ياردەم بەرگەن قەشقەر تۈرمە تەشكىلىگە، پەيلۇ مەكتەپ تەشكىلىگە رەھمەت ئېيتىمىز!
g$kK)z ھەر ساھە ساخاۋەتچى كىشىلىرنىڭ ئەترىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى،ئاشۇ قىيىنچىلىغى ئېغىر مىسكىن نارەسىدىلەر ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!
!tv3.:eT s,\w00-: NwD*EuPF : < Upn~tH ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى: 15309988200
7'7bIaJk ئالاقىلاشقۇچى: ئەنۋەر داۋۇت.
qi`*4cas*A تور ئادرىسىمىز:
http://www.aytursun.com/umut/ |;6FhDW+' 9~ajEs UB&ofO يۇقىرىقى تور بىتى بىلەن ئەتىرىتىمىزنى تەمىنلىگەن، ئاقسۇ تۈرمىسىدىن دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئايتۇرسۇن خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
[ hm/B`t*e ئەترىتىمىز تەشكىللىگەن، بۇ پائالىيەتنى قوللىغان ئاق كۆڭۈل ساخاۋەت ئىگىلىرگە چىن قەلبىمىزدىن رەخمەت ئېيتىمىز! جەمئىيەتتىكى كەڭ دوستلارنىڭ سەمىمى تەكلىپ پىكىرىنى قوبۇل قىلىمىز!
k<ku5U1| %<O'\&!, VhT4c+Zs «ئۈمىد غۇنچىلىرى» پىدائىلار ئەترىتى
'|':W6m, 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى
tNjb{(eO\h 8*=N\'m], L:%ek3SOz "ئۈمۈت غۇنچىلىرى"پىدائىلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 2 يىللىق خاتىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
_:+W0YS 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى(شەنبە) چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تە قەشقەر تۇرمە(يەكەن ناھىيە پەيلۇ مەيدان)ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنى 7-بىنا ئالدىدىكى مەيداندا كەڭرى داستىخان راسلاندى. مىھمانلار تۇشمۇ-تۇشتىن كىلىپ داستىخاندىن ئورۇن ئېلىشتى. ئاقسۇ شەھىرى،يەكەن ناھىيىسى،مەكىت ناھىيىسى ۋە قەشقەر تۈرمىسىدىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق مىھمان يىغىلدى. مىھمانلار قەشقەر تۈرمە كارخانا دىرىكتۇرى،قەشقەر تۈرمە پارتىكومىنىڭ مۇئاۋېن سىكىلتارى شۈ جىئاڭ. قەشقەر تۈرمە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىنىڭ سىكىلتارى فېڭ چېڭ بىڭ. ئاقسۇ تۈرمىسى پىسخىك مەسلىھەتچىسى ئايتۇرسۇن.يەكەن ناھىيە ئۇرۇقچىلىق مەيدان ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمىكى ئەزالىرى.مەكىت ناھىيە شىھىتدۆڭ يىزا شىپاخانا دوختۇر سېستىرالىرى،مەكىت ناھىيە 8-يىزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى،مەكىت ناھىيە 3-يىزا مەدەنىيەت پونكىتى خىزمەتچىلىرى,قەشقەر تۈرمىسى ئىشچى- خىزمەتچىلىرى،ئوقۇغۇچىلار،پىشقەدەم ئاياللار،پىنسىيۇنىرلار شۇنداقلا يەنە ئەترىتىمىز ياردەم ئوبىكتى بولغان 11 نەپەر "ئۈمۈت غۇنچىلىرى". ھەمدە جەمئىيەتتىن ھەر ساھە ساخاۋەت ئىگىلىردىن ئىبارەت بولدى.
ZL #4X*zT ياڭراق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە پائالىيەت باشلاندى.ئالدى بىلەن "ئۈمۈت غۇنچىلىرى" پىدائىلار ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەنۋەر داۋۇت سۆز قىلدى.ئۇ سۆزىدە ئەترەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى،ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى پىلانى،ۋەدىسى توغرىسىدىن قىسقىچە خۇلاسە قىلدى.شۇنداقلا ئەترەت خىزمىتىنى قوللىغان بارلىق ساخاۋەت ئىگىلىرگە چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى.پائالىيەتكە باشتىن ئاخىر ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى.
YgQ_P4B; ئىككىنجى قەدەمدە رىياسەتچى، پەيلۇ مەكتەپتە ئوقۇغان،بۇيىل 7-ئايدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ياردەم ئوبىكتى ئابلەت رەخماننىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان "تەشەككۈرنامە"سىنى ئوقۇپ ئۆتتى،مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى.
w?Nvm?_] ئۈچۈنچى قەدەمدە،ئەترەت يولغا قويغان ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىلدى.يەنى ياردەم ئوبىكتى بولغان "ئۈمۈت غۇنچىلىرى"ئارىسىدىن،ئۆتكەن يىلى ئوقۇش نەتىجىسى يۇقۇرى بولغان ئالدىنقى 3 دەرىجىدىكى ساۋاقداش 100يۇەن،150يۇەن،200يۇەن دىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئىككى ساۋاقداشنىڭ نەتىجىسى ئوخشاشلا 1-دەرجىلىك مۇكاپاتقا توغرا كەپ قالغانلىقتىن بۇ قېتىم 1-دەرجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىسى تەسىس قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن 4 نەپەر ساۋاقداش مۇكاپاتقا ئىرىشتى.تارقىتىپ بەرگەن مۇكاپات سوممىسى جەمئى: 650 يۇەن بولدى.
@'?<92A تۆتىنجى قەدەمدە،ياردەم ئوبىكتى بولغان تىئەنجىن مالىيە ئىختىساد ئىنىستىتوتى قانۇن كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، مەكىت ناھىيە شىھىتدۆڭ يىزىسىدىن ئاينۇر ياسىننىڭ بىر ماۋسۇملۇق تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈن 2000 يۈەن نەخ پۇلنى ئەترەت باشلىقى ئەنۋەر داۋۇت ئۆز قولى بىلەن قىزچاقنىڭ ئانىسى ئاناگۇل رېھىمغا تاپشۇرۇپ بەردى.(ئاينۇر ياسىن دادىسىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولغاچقا پائالىيەتكە كىلەلمىگەن).
0!E* > بەشىنچى قەدەمدە،يەكەن ناھىيە پەيلۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ياردەم ئوبىكتىمىز بولغان 12 نەپەر "ئۈمۈت غۇنچىلىرى" ئارىسىدىن بىر نەپەر ۋەكىل سۆز قىلىپ،مەكتەپ قوينىدىكى خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتى،ياخشى ئوقۇش نەتىجىسى، ئىرىشكەن ئىختىسادى،ماددى ۋە مەنىۋى ياردەم توغرىسىدا خۇلاسە قىلدى.ئۆزلىرگە ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان ھەر ساھە ساخاۋەت ئىگىلىرگە سەمىمى تەشەككۇرىنى بىلدۈردى.
&w*.S@ ; ئالتىنجى قەدەمدە،"ئۈمۈت غۇنچىلىرى"دىن بولغان 9 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ شوخ ھەركىتى بىلەن "قەشقەر قىزى" ناملىق ئۇسۇلنى ئويناپ دوسقان ئەھلىنى سۆيۇندۈردى.بۇ غۇنچىلارنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرگەن كۆپچىلىك توختىماي ئالقىش ياڭراتتى.
NVS U)# يەتتىنجى قەدەمدە،يەكەن ناھىيە ئۇرۇقچىلىق مەيدان سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئەرتىسلەر ئۆزىنىڭ تەسىرلىك،لىرىك ۋە شوخ ئۇسۇل،ناخشا،لەپپەرلىرىنى مىھمانلارغا سوۇغا قىلدى.
]8htJ]<|Q سەككىزىنجى قەدەمدە،ئەترىتىمىز تەسىس قىلغان "ئۈمۈت غۇنچىلىرى" ئىئانە ساندۇقىغا پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلدى. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق ساخاۋەتچىلەر قىزغىنلىق بىلەن تەرەپ-تەرەپتىن ساندۇققا ئۆزلىرنىڭ ئاتىغانلىرنى سېلىشقا باشلىدى.بىردەمنىڭ ئىچىدە قىيىنچىلىغى ئېغىر نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئاتاپ يىغىلغان ئىئانە پۇل سوممىسى 1200يۇەنگە يەتتى. ئاخىرىسىدا پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلارغا،دوستلارغا ۋە ھەر ساھە ساخاۋەت ئىگىلىرگە سەمىمىلىك بىلەن رەھمەت ئېيتىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ تەنلىرگە سالامەتلىك،ئىشلىرغا ئۇتۇق،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەندى. يۇرت چوڭلىرنىڭ دۇئاسى بىلەن پائالىيەت ئاخىرلاشتى.
4M i*bN, سەمىمى ئەسكەرتىش: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ چىقىمىغا ئەترەت ئىئانە سوممىسىدىن بىر تىيىنمۇ پۇل ئىشلىتىلمىدى.
wS%I. پائالىيەتكە ئىختىزادى جەھەتتىن ياردەم قىلغان ئەنۋەر داۋۇت، ئىلى سۇلايمان، ئاناگۇل ئەيسا، مەرەمنىسا ئۆمەر،تۇسۇنگۇل مامۇت،مەمەت تۇدى،مەمەت تۇردى،ئايگۇل ئەيسادىن ئىبارەت ساخاۋەت ئىگىلىرگە "ئۈمۈت غۇنچىلىرى" پىدائىلار ئەترىتى نامىدىن رەخمەت ئېيتىمىز.
<&8cq@< D(~6h,=m "ئۈمۈت غۇنچىلىرى" پىدائىلار ئەترىتى
G( nT.\ 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈن
BpDf4)|
R{8nR00|1
!!o69
<hZA$.W3
UrH^T;#
WyA>OB<Zeq
@gE+T37x2
17$JBQ,[
P;MS%32
q_OIzZ@
&I:X[=;g
;?=nr 5;q
Lt@4F
oxPOfI1%]
Z)P x6\?+
;l4rg!r(S _?1<