باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       185 
  •    ئىنكاس 
       2 

پىسخىكىمىزدىكى يېڭى كېسەل –سۆرەلمىلىك

قەۋەت ئاتلاش
kisas0908
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11370

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   85 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5894 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   595 (قېتم)
 تۆھپە:   595  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 250
 سائەت
دەرىجىسى:
250 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-05
ئاخــىرقىسى:2012-09-16

                                                           پىسخىكىمىزدىكى يېڭى كېسەل –سۆرەلمىلىك _4X3g%nXl  
`SG8w_  
          سۆرەلمىلىك ئەسلى ئادەمنىڭ خارەكتىرىدىكى بىر خىل ئېزلەڭگۈلۈك،مىس-مىسلىق ،ئەزمىلىك  ئالامەتلىرى بولۇپ،بۇنداقلارنى ئادەتتە تىلىمىزدا 《سۆرەلمە پالاس》 دەپ ئاتايتۇق.لىكىن ھازىر بولسا سۆرەلمىلىك ئادەتتىكى بىر خارەكتىر ئالامىتىدىن ھالقىپ، پىسخىكىدىكى ئېغىر كېسەللىكلەر قاتارىغا كىرگەن.ھەمدە پىسخولوگىيەدە ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇنلىيالماسلىق، قىلماقچى بولغان ئىشنى توختىماستىن كەينىگە سۆرەش سۆرەلمىلىك كېسىلى دەپ ئاتالغان. بۇ كېسەللىكنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغىمۇ ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرمەكتە.كونىلىرىمىزدا <<بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما>>دەيدىغان گەپ بار. ھەكۈننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشلىرى بولىدۇ.بۈگۈننىڭ ئىشلىرىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ئەتىگە ئۇلاشساق،ئەتىنىڭ ئىشى يەنە ئۆگۈنگە قالسا،ھەركۈنى قىلىپ بولالمىغان ئىشنىڭ ئەندىشىسىدە ياشىساق،بۇ ھاياتىمىزدا بىرەر كۈن بولسىمۇ ئەركىن-ئازادىچىلىك نىسىپ بولارمۇ ؟ 4So,m0v  
        ئېنتىرنىتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئەگىشىپ ،بىر قىسىم ياشلار كېچە –كۈندۈز ئۆيدىن چىقماي ئېكرانغا قادىلىپ ئولتۇرىدىغان بولدى.ئۇلار ھەركۈنى توردا <<ئىسمىڭىز نېمە؟>>،<<سىز نەدە؟>><<تونۇشۇپ قالايلى!>>دېگەندەك مەنىسىز چ چ پاراڭلىرى بىلەن،ۋاقىت ۋە پۇلنى ئىسراپ قىلىدىغان تور ئويۇنلىرى بىلەن،ھازىر قاتتىق مودا بولىۋاتقان <<مەكتەپداشلار>>تورىنىڭ <<ھازىرقى ھالىتىڭىز>> دېگەن يېرىنى  كۈنىگە ئوتتۇز قېتىم ئۆزگەرتىپ <<بۈگۈنكى تاماق تۇزلۇق بولۇپ قاپتۇ!>> <<ھەجەپ ئۆچ بولدۇم ئۇنىڭغا>><<نېمىدىگەن قاملاشمىغان كىنو بۇ؟>>دېگەندەك بىر-بىرىدىن چۈشىنىكسىز  ئوي-پىكىرلىرىنى خەلقى ئالەمگە جاكارلاپ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئىسراپ قىلماقتا. ^7V{nT@H3  
       تور ئويۇنلىرىنى مۇۋاپىق ئويناپ بەرسىڭىز زېھنىڭىزنى ئاچىدۇ،ئەمما ئۇنىڭغا مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرتىپ پۇل سەرىپ قىلىش كېتەمدۇ؟شۇ پۇللارنى جايىدا خەجلەپ بىچارە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يۈكىنى بىرئاز بولسىمۇ يىنىكلەتسىڭىزچۇ!چ چ دېگەندەك نەرسىلەرمۇ پەقەت سىزنىڭ دوستلار بىلەن ئالاقىلىشىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇنكى ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئۇنىڭ ئۈچۈن سەرىپ قىلىپ ،گۈزەل قىز ياكى قىران يىگىتلەر بىلەن تونۇشىۋالامەنمىكىن دەپ قىممەتلىك ياشلىقىڭىزنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماڭ. Jm]P,jaLc  
fO 6Jug  
    قېنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ پىسخىكىسىدا سۆرەلمىلىكدەك بىنورماللىقنىڭ بار يوقلىقىنى تۆۋەندىكى ئىپادىلەردىن تەكشۈرۈپ كۆرەيلى: `(lD]o{,s  
1. ھەر قېتىم ئىش باشلىماقچى بولغاندا سائەت سىتىرىلكىسىدىكى دەل پۈتۈن ۋاقىتتىن باشلاش. ھەردائىم شۇ ئىشنى كېچىكتۈرۈپ ۋاقتىدا قول تىقماسلىق.ئۆز .ئويىدىكى بىر دەل ۋاقىتتىن يەنە بىر دەل ۋاقىتقا سۆرەش. 0yBiio  
      مەسىلەن:ئەتىگەندە 6:15 ئۆتكەندە كۆزىڭىزنى ئېچىپ 《ھەي بولدىلا، دەل ئالتە يېرىم بولغاندا قوپاي》دەپ سائەتنى توغۇرلاپ قويۇپ داۋاملىق ئۇخلايسىز.كۆزىڭىزنى ئاچقاندا 6:40ئۆتكەن بولسا 《يەنە بەش مىنۇت ئۇخلاپ قىرىق بەش ئۆتكەندە قوپاي》 دەپ يەنە ئۇخلايسىز.   NrWgaPO)i  
2. بىرەر ئىشقا نىسبەتەن باسقۇچلۇق پىلان بولماسلىق،ئىش باشلىغاندا ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش،ۋەزىپىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە ئالدىراپلا قولىنىڭ ئۇچىدىلا تۈگىتىش. k/2TvEV3=  
3. ۋاقىتنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش،ھەتتا يېڭى ۋەزىپە ياكى يېڭى رىقابەتنى كۈتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق. R9)"%SO<y  
4. باشقىلارنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئىگەللىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمايسىزيۇ،ئۆزىڭىز ۋاقىتنى قەدىرلىمەيسىز. "aJf W  
5. نېمە ئېسىگە كەلسە شۇنى قىلىش.ئەسلىدە بىر ئىشنى قىلىۋېتىپ تۇيۇقسىز كاللىغا قانداق خىيال كەلسە قىلىۋاتقان ئىشنى تاشلاپ قويۇپ شۇنى قىلىش b!c2j   
يۇقۇرقىلار سۆرەلمە پالاسلىقنىڭ پەقەت بىر قىسىم ئىپادىلىرى خالاس.تۇرمۇشىمىزدا بىرەر نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچراپ كېتىدىغان،ئۆزىنىڭ بىرەر ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا پۈتتۈرەلمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ،ئالدىراشلىقىنى پەش قىلىدىغانلار بار.مەن ئۆزۈم بىر ئالىي مەكتەپ پىسخولوگىيە كەسپىنىڭ  ئوقۇغۇچىسى ، ھېس قىلىشىمچە بىز ئوقۇغۇچىلاردىمۇ بۇ كېسەللىك بەك ئېغىر. ئادەتتە بىرەر تەتقىقات تىمىسى توغۇرلۇق يېزىلىدىغان ئىلمىي ماقالىلەر ،جەمئىيەت تەكشۈرۈش قاتارلىقلار چوڭ تاپشۇرۇق ھىساپلىنىپ بىرەر ئېككى ئاي ۋاقىت بېرىلىدۇ.ئەمما كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ ۋاقىت ئىچىدە ماتىرىيال توپلىماي،تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماي،ۋاقتى قىستاپ كېلىپ قالغاندا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ.بەزىلىرى بولسا توردىن بىۋاستە كۆچۈرۈپلا بېرىدۇ. مەنچە ھەممىمىز مەكتەپكە بىرەر كەسىپنى ئۆگىنىش    ئۈچۈن كېلىمىز.شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۆز كەسپىنىڭ دەرىسلىرىنىمۇ ياخشى ئۆگەنمەي ئوقۇش پۈتتۈرگەنگە قەدەر ئۆزىنىڭ نېمە قىلغىلى كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار بار.ئۆزكەسپىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك تاپشۇرۇقلار سىزنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ،مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى توپلاپ ئاشۇ كەسىپتە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە ئىشىلتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.سۆرەلمە پالاسلىق سىزنى پەقەت ئېنىق نىشان بولمىغان كەلگۈسىگە باشلايدۇ،خالاس. tqwAS)v=  
JbXd9AMh2  
      سۆرەلمىلىك كېسىلى  زۇكامغا ئوخشاش داۋالاش ئۇنداق ئاسان كېسەل ئەمەس.ھەتتا بەزىلەرنىڭ پىسخىكىسىغا ئۇزاق مۇددەتلىك يىلتىز تارتقان  بولىدۇ.داۋالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ قايسى تىپقا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەندىن كېيىن »كېسەلگە قارىتا دورا» يېيىشىڭىز كېرەك. 0vrx5E!  
       {Xv0=P  
      1-تىپتىكىلەر:ۋەزىپىنى ۋاقتىدا پۈتتۈرۈش مۇدىئاسى كۈچلۈك بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆرەلمىلىك   dd:vQOF;  
        بىرقىسىم ئىشلارنىڭ ئېنىق پۈتتۈرۈش ۋاقتى بولمايدۇ.مەسىلەن:ئاي ئاخىرىدا تاپشۇرىدىغان ۋەزىپىنىڭ ئېنىق ۋاقتى يوق.بۇ بىر ئابىستىراكىت ئۇقۇم.ئەمما مۇشۇ ۋاقىتتا تېلۋىزىيە پىروگىراممىلىرى بولسا شۇنچىلىك كونكىرىت ۋە ئەمەلىي.شۇڭا بىزمۇ قىلماقچى بولغان ئىشىمىزنى باشلىماستىن تەبىئىي ھالدا ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان تېلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرىغا ئېغىپ كىتىمىز. [SU;U['7  
     داۋالاش تەدبىرلىرى: >Q[3t79^  
1. ھەر كۈنلۈك پائالىيەتلىرىڭىزنى تىزىملاپ مېڭىڭ ھەم بۇنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرۇڭ.ئاخىرىدا زادى نېمىنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ داۋاملىشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېنىقلاڭ. 0N`N  
2. بىر قەدەر مۇھىم بولغان ئەمما سالمىقى ئېغىر،ئابىستىراكىت ئشلارنى(بىرەر ئاي ئىچىدە پۈتتۈرىدىغان چوڭ ۋەزىپە)تىزىملاپ قويۇڭ،ھەمدە ئۇنى ئەمەلىيىتىڭىزگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تەپسىلىيرەك قىلىپ خاتىرلىۋېلىڭ. SGK5  
3#N`n |UgC  
     2-تىپتىكىلەر:ۋەزىپە بەك ئېغىر بولغاچقا چۈشكۈنلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆرەلمىلىك.   _t?#  
   بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تىپ بولۇپ،ۋەزىپە قانچە ئېغىرلاشقانسىرى شۇنچە قىلغۇسى كەلمەسلىك؛مەينەت كىيىم قانچە ئېگىز دۆۋلەنگەنسىرى شۇنچە يۇيغۇسى كەلمەسلىك... __|Y59J%  
z^u*e  
    داۋالاش تەدبىرلىرى: G>,43S!<  
1. باشقىلاردىن ياردەم سوراڭ،مەسلىھەت بىلەن ئىش كۆرۈپ ۋەزىپىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىڭ. )>,ndKT~  
2. چوڭ ئىشنى بىرقانچە كىچىك ئىشلارغا بۆلۈپ قىلىڭ،بۇنداق قىلغاندا ھەربىر كىچىك ئىشنى پۈتتۈرۈش ئاسانغا توختايدۇ. zx7A}rs3oX  
*JF7 B  
    3-تىپتىكىلەر:ھەرقانداق ئىشنىڭ كەمكۈتسىز بولۇشىنى تەلەپ قىلغۇچىلار.   oc;4;A-;`c  
      بەلكىم بۇنى كۆرۈپ ھەممە ئىشنى مۇكەممەل،كەمكۈتسىز قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ؟دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.بۇ خىل تىپتىكىلەرنىڭ بىر قىسىملىرى مۇكەممەللىكنى قوغلىشىشتا ئىنتايىن چېكىگە يەتكەن.تۆۋەندە بۇلارنى »مۇكەممەللىزىمچىلار» دەپ ئاتاشنى لايىق كۆردۈم. h?p!uQ  
      گەرچە ھەممە ئىشنى ياخشى قىلىدىغان»مۇكەممەللىزىمچىلار»كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشسىمۇ،بۇنداق خارەكتىر ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەندە سۆرەلمىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. X}g"_wN,g>  
      بىرىنچىدىن،چىكىدىن ئاشقان»مۇكەممەللىزىمچىلار» دا ۋەزىپىنى قىلىش ئىقتىدارى يىتىشمەسلىك ياكى ئىقتىدارى بولماسلىق مۇمكىن ئەمەس.ئەمما ئۇلار ۋەزىپىنى كەمكۈتسىز پۈتتۈرۈش ئۈچۈن مەڭگۈ تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرۇپ ،ۋاقتىدا قول سېلىپ ئىش باشلىيالمايدۇ. OmlM9cXm^4  
      ئىككىنچىدىن، »مۇكەممەللىزىمچىلار»مەغلۇبىيەتتىن قورقىدۇ.ھەتتا مۇۋاپىقىيەتتىنمۇ قورقىدۇ.چۈنكى مۇۋاپىقىيەت قازىنىش تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى تەلەپ ۋە رىقابەتنى ئېلىپ كېلىدۇ.ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تەشۋىشلىنىدۇ.شۇڭا قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ۋەزىپىنى باشلىيالمايدۇ. hWi2S!*Y  
داۋالاش تەدبىرلىرى: %k @4}M>  
1. ھەرۋاقىت ئاكتىپ كەيپىياتتا بولۇپ،ئۆزىڭىزنى ئارتۇقچە ئەيىپلىمەڭ. 49=K]X  
2. ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان تەلەپپۇزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.مەسىلەن:»مەن چوقۇم مۇنداق قىلىشىم كېرەك»ئە مەس»مەن مۇنداق قىلماقچى» دەڭ. M[cAfu  
3. سەمىڭىزدە بولسۇنكى ھەرگىز <<قاچان نەتىجىسى چىقىدۇ؟>>غىلا ئېسىلىۋالماڭ،ۋەزىپىنى باشلاش نەتىجىنى كۆرۈشتىن مۇھىم.تېخى ھېچقانداق ئىشنى باشلىماي تۈگىمەس تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرۇپ،نەتىجىگە تەلپۈنۈشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. f.0HIc  
[9yd29pQ]  
    تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا سۆرەلمە پالاسلار ئاسانلا كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن.دۇنيادا %46ئادەمدە ئوخشىمىغان جەھەتتە سۆرەلمىلىك كېسىلى مەۋجۈت.%20ئادەم ئۆزىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك سۆرەلمىلىك كېسىلى ھىساپلايدۇ. 2M)E1q|a  
     سۆرەلمىلىك ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.كوللىكتىپ ھەمكارلىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە دەخلى يەتكۈزىدۇ.سۆرەلمە پالاس پىيەنچۈكلەرنىڭ (زابوي)ئىسپىرىتقا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ،سۆرەلمىلىك تۈپەيلى ھاراقنى تېخىمۇ كۆپ ئىچىدۇ. udPLWrPF\  
q#K0EAgC  
    بىراق سۆرەلمىلىك ھەرگىز ئېرسىيەت ئەمەس.بىرقىسىملىرى باشقىلاردىن ئۆگىنىش ،يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولسا ئائىلە ۋە مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرىدىمۇ بۇنىڭ ئىپادىسى ئېنىق كۆرۈلمەكتە. ھەركۈنى تۈگىمەس ئەتە ئىچىدە ياشايدىغان <<ئەتىدىن باشلاپ چوقۇم ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشنى باشلايمەن>><<دۈشەنبىدىن باشلاپ چوقۇم ئەتتىگەن تۇرىمەن>>،<<كىلەر ئايدىن باشلاپ چوقۇم بەدەن چىنىقتۇرىمەن>>دەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن نۇرغۇن.سىزنىڭ بىر ئىش قىلىشقا قەتئىي نىيەتكە كەلگەنلىكىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىش.ئەمما ئورۇنلاش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرىۋېتىپ بىرنەچچە كۈن دەم ئېلىۋېلىش،ئاران تەستە باشلىغاندا بولسا داۋاملىق چىداپ ئاخىرىنى چۈشۈرۋەتمەسلىك ھەرگىز سىزنىڭ قەتئىي نىيەتكە كەلگەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ.قەتئىي نىيەتكە كەلگەن ئادەم شۇئان ئىشقا چۈشىدۇ.شۇ ئىش داۋامىدا ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدۇكى ،ۋەزىپىنى مۇنداقلا تۈگىتىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. ),H1z`c&I  
      ھازىر نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز تىرىشماقتا،تىرىشقانلا ئادەمنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.ھەرقېتىم شۇلارغا ھەۋەس قىلىمىز،ھەسەت قىلىمىز،ھەتتا بەزىلىرىمىز شارائىتلىرىمىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىمىزيۇ ئۆزىمىزنىڭ  سۆرەلمىلىك كېسىلىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىمىزنى ھېس قىلمايمىز. توغرا بۇكېسەل ئادەم ئۆلتۈرمەيدۇ،ئەمما مىللىي روھىڭىزنى ،ئىلىمگە،تۇرمۇشقا بولغان ئىشتىياقىڭىزنى ئۆلتۈرىدۇ.ھېسىياتسىز ئادەمنىڭ ئۆلۈك بىلەن نېمە پەرقى؟ 58R.`5B  
     قېنى ياشلار ئۈمۈدۋار بۇلايلى،مېڭىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئۆزىمىزنىڭ قانداق ھالدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئويلايلى!تارىختىن،بۈگۈندىن ئاغرىنغانغا ھېچ نەرسە ئورنىغا كېلىپ قالمايدۇ.مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش،بىزدىن كېيىنكى سەبىي ئوماق دىللارغا ئۈلگە بولۇش بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز! 0^)~p{Zh  
        ھەركىشى ئۆزىنى بىلىپ ئۆزگىنى قويسا، ئۆزگىگە غەيۋەت ئەمەس نەسھەت قىلسا،كۆڭۈللەر ياخشىلىق ۋە كۆيۈمدىن سۇ ئىچسە،بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى...... QcX&q%*0  
b5? kgY  
                                                          مەنبە:ئاچىنۇق بىلوگىنىڭ   5mZwg(si  
0QyL}y2  
                                                                                           تەكلىپلىك يازغۇچىسى :سەنەم
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-18, 13:47
 
مىللەت ئۇرۇشتا  يۇقالمايدۇ، سۇكۇتتە  يۇقىلىدۇ......!!!
KARLUK999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11121

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   124 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6684 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   670 (قېتم)
 تۆھپە:   670  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 208
 سائەت
دەرىجىسى:
208 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-24
ئاخــىرقىسى:2012-10-13
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 09-20

ناھايتتى  ئەھمىيەتىك  تېمىكەن   ،  مۇنبەردە   مۇشۇنداق  تېملارنىڭ  ئۈزۇلمەسلىكنى ئۈمۈد قىلمەن
 
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   196 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12658 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1255 (قېتم)
 تۆھپە:   1255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1445
 سائەت
دەرىجىسى:
1445 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2012-10-17
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

ھۇرۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس! HnsLYY\  
سەھەر تۇرغان ئىبادەت،ئۇلۇغلاردىن كارامەت!
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى