باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       8557 
  •    ئىنكاس 
       19 

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرىكى كونسول كوچىسىنىڭ غەيۋىتى

قەۋەت ئاتلاش
kisas0908
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11370

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   87 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6044 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   610 (قېتم)
 تۆھپە:   610  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 255
 سائەت
دەرىجىسى:
255 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-05
ئاخــىرقىسى:2012-12-31

                                                                                    كونسول كوچىسىنىڭ غەيۋىتى tBtmqxx  
qE@H~&  
كونسۇل كوچىسى كىچىكلا بىر كوچا. ئۇنىڭ چوڭلۇقى، ھەشەمىتىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، بۇ تار ھەم قىسقا كوچىنى بېيجىڭنىڭ چاڭئەن كوچىسىغا،ئەنگىلىيەنىڭ ئوكېسفورد كوچىسىغا سېلىشتۇرۇش زادىلا مۇمكىن ئەمەس. كوچىنىڭ باشلىنىشىدىكى بىز نوغاي مەسچىت دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قالغان «بەيتۇلمەئمۇر جامىئەسى» بىلەن ئەينى يىىللىرىدىكى سۆۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل،تىياتىر ئۆمىگى ( ھازىر بۇ ئۆمەكمۇ داۋان مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەتتى)نى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ كوچىدا دۇنياغا داڭلىق بىرەر مەشھۇر ئىمارەت-قۇرۇلۇشمۇ يوق. ئەمما، مەيلى تەكلىماكاننىڭ يىراق گىرۋەكلىرىدە رىسقىنى يەردىن تېپىپ ياشاۋاتقان دېھقانلىرىمىز بولسۇن ياكى پاكىز ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان زىيالىلىرىمىز بولسۇن بۇ كوچىنى بىلمەيدىغىنى يوق. چۈنكى كونسۇل كوچىسىنىڭ لەغمەنلىرى، ئۆپكە-ھېسىپلىرى،كاۋاپ-سامسىلىرى دېھقان بىلەن زىيالىغا ئوخشاشلا ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. بۇ كوچىنىڭ شۇنچىلىك باغرى كەڭكى تەرلەپ كەتكەن ھۆپىگەر يىگىت بىلەن قاتۇرۇپ كىيىنىۋالغان باشلىق ئەپەندى تار ئاشخانىدا تەڭ قىستىلىپ ئولتۇرۇپ غىزالىنالايدۇ. بۇ بەلكىم كونسۇل كوچىسىغا خاس دېموكراتىيە بولسا كېرەك... مەن بۇ كۆرۈمسىز كوچىغا ئامراق. شۇ سەۋەپ ئۇنىڭ كەچقۇرۇندىكى قىستاڭچىلىقى، ئاشخانىلىرىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ھەتتا لۈكچەكلىرىنىڭ كۆكەمىلىكىمۇ مېنى بىزار قىلمايدۇ. ئىشلەپ چارچىغاندا كونسۇل كوچىسىدىن بىر تەخسە كەسكەن لەغمەن يېۋىتىپ، بۇ كوچىنىڭ دوقىسىدا بىردەم تۇرۇش ياكى ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا ئالدىرىماي مېڭىش ماڭا تولىمۇ ھۇزۇرلۇق ئارام پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ كوچىدا يېڭى ئالغان ماشىنىسىنىڭ دېرىزىلىرىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ياڭراتقۇنى بولۇشىغا قويۇپ، كۆرەڭلىك بىلەن ھەيدەپ كېتىپ بارغان ياش بايۋەچچىلەرنى، ئادەتتە پەقەت ئېكرانلاردىلا كۆرگىلى بولىدىغان چولپانلىرىمىزنى، ھىجابقا پۈركىنىپ كېتىپ بارغان قىز-چوكانلارنى كۆرىمەن، يەنە سەدىقە تىلەپ يۈرگەن ساھىللارمۇ، چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇپ، كالتە چاچلىرىنى رەڭدار بويۇۋالغان قىزچاقلارنى پاتىڭىدىن قۇچاقلاپ ئەكېتىۋاتقان مودا يىگىتلەرمۇ نەزەرىمدىن چەتتە قالمايدۇ. مەن ئۆزۈممۇ ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان نامەلۇم قىزىقىش ۋە مۇرەككەپ،زىددىيەتلىك تۇيغۇلاردا ئۇلارنى كۆزىتىمەن. بۇ كوچىدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىزى قالغان، مەرھۇم ئۇستازلىرىمىزدىن ئۆتكۈر ئەپەندى، تېيىپجان ئەپەندى،كېرىم خوجا ئەپەندى،ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى.... كەبىي كىشىلىرىمىز بۇ كوچىدا يار-بۇرادەرلىرىنىڭ قورسىقىغا لەغمەنلا ئەمەس، ئىدىيەسىگىمۇ تالاي نېمەتلەرنى ھازىرلىغان. بۇ كوچا ھېسام ئاكىنىڭ چاخچاقلىرىدىمۇ، غەزەلخانلىرىمىزنىڭ ناخشىلىرىدىمۇ ئۆز ئورنىنى تاپقان. خۇددى ئادەمنىڭ يۈرىكى بولغاندەك، بىر شەھەرنىڭمۇ يۈرىكى بولىدۇ، مېنىڭ نەزەرىمدە كونسۇل كوچىسى دەل بۇ شەھەرنىڭ يۈرىكى. ( بۇ پەقەتلا مېنىڭ قارىشىم خالاس).  بەزىلەر شەھەر بۇزۇلۇپ كەتتى، دېيىشىدۇ. مەن كونسۇل كوچىسىنىڭ دوقىسىدا خىلمۇ خىل مەدەنىيەت ئېقىملىرىنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولىدىغان شەھەر پۇقرالىرىغا قاراپ شۇنداق ئويلايمەن: ياق، شەھەر بۇزۇلمىدى. ئەگەر ئادەملەر بولمىسا، شەھەر پەقەت تاش بىلەن كېسەكتىنلا ئىبارەت، ئۇ ھالدا بارچە گۇناھنى ئادەملەردىن ئايرىپ قويۇپ، ھەممە ئادەمنى ھاياتلىق ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقان شەھەرگە ئارتىپ قويۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ قانداق؟ زادى بۇزۇلغىنى شەھەرمۇ ياكى ئادەممۇ؟ مەن كونسۇل كوچىسىنىڭ دوقىسىدا تۇرۇپ مانا مۇشۇنداق ئوڭ_تەتۈر خىياللارنى قىلىمەن. خۇددى جۈمە نامازنى نوغاي مەسچىتتە ئوقۇپ بولۇپ، ئارقىدىنلا كونسۇل كوچىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىدا چىلاشقۇچە ئىچكەن مەستنىڭ ناخشىسىدەك...... كونسۇل كوچىسى تارىخى بار، ھېكايىسى بار كوچا.... مەن گۇگۇمدىكى كونسۇل كوچىسىنىڭ شائىرانە پىچىرلاشلىرىنى تىڭشايمەن، بۇ پىچىرلاشلار دا ھەممە مەزمۇن بار، مەن ئويلىغان-ئويلىمىغان، دېگەن-دېمىگەن........ بەلكىم سىزنىڭمۇ قۇلاقلىرىڭىزغا ئاڭلىنىدىغاندۇ. مەيلى قانچىلىك كاتتا ئىمارەتلەر سېلىنسۇن، مەن يەنىلا كونسۇل كوچىسىنىڭ كۆرۈمسىز، ئاددىي تۇرقىنى ياقتۇرىمەن. /?B%,$~  
j%ux,0Y  
                                                                   مەنبە: ئەنئەنە بىلوگىدىن ئېلىندى. `^'0__<M  
j*L-sU  
a'|/=$  
miEf<<L#z  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-15, 19:30
مىللەت ئۇرۇشتا  يۇقالمايدۇ، سۇكۇتتە  يۇقىلىدۇ......!!!
ZULPIKAR0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11250

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1100 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   110 (قېتم)
 تۆھپە:   110  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 609
 سائەت
دەرىجىسى:
609 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-01
ئاخــىرقىسى:2013-03-01
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-15

نىمىشقىنى سىزگە ۋە بىزگە ياققان بىلەن ھۆكۈمىتىمىزگە ياقمايدۇ. . بىزنى توپلىشىپ ياشىسا قىستىلىشىپ قالىدۇ دەمدىكىن تاڭ بىلمىدىم. تارقاقلاشتۇرۇشنىلا ئويلايدۇ. كونسۇل كوچىسىدەك كەڭرى، ھەر شەھەردىن كەلگەن ئىشسىز، بىراق مېھناتكەش، قانائەتچان بىراق تەمەخور ئەمەس، نامرات بىراق ھۆكۈمەتكە قىلچە ئېغىرلىقىنى سالمايدىغان ئۇيغۇر بازىرىنى، قوغلاپ سۈرۈپ، بۇلاپ-تالاپ، چېقىپ تۈزلەپ خارابىلىققا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4372 

 نادىرلانغان تېمىسى:   16 

 مۇنبەر پۇلى:   71384 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7903 (قېتم)
 تۆھپە:   7763  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11659
 سائەت
دەرىجىسى:
11659 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2014-04-07
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-15

خۇدايىم بۇيرىسا 10 كۈندىن كېيىن 3- قېتىم ئاياغ ئىزىمنى قالدۇرىمەن...
بۇ يەرگە مىنىڭ 2 يىللىق قان تەرىم سىڭگە، بۇ يەرگە مىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم يىغىلغان...! مەن قايتىپ كەلدىم ئانا تۇپرىقىم!
kotakkalla
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11630

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   112 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5948 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   595 (قېتم)
 تۆھپە:   595  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4882
 سائەت
دەرىجىسى:
4882 سائەت 68 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-12
ئاخــىرقىسى:2013-05-16
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-15

بۇ كوچىسىنىڭ لەغمەنلىرى، ئۆپكە-ھېسىپلىرى،كاۋاپ-سامسىلىرى راسلا  ئوخشايدۇ،مەنمۇ بىر ئاي يىگەن  .
گۇمران
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9870

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   133 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6700 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   670 (قېتم)
 تۆھپە:   670  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-20
ئاخــىرقىسى:2013-12-18
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-16

قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرىكى-ھېيتگاھ. خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرىكى-چوڭ بازار!
يوقلۇق دالاسى يوقلۇققا لىق تولۇپ كەتكەن تۇرسا ئۇ يەردە يوقلۇق ھۆكۈم سۈرمەي يەنە نېمە بولسا بولاتتى؟
Muhlis.
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9515

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   234 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12961 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1336 (قېتم)
 تۆھپە:   1336  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14414
 سائەت
دەرىجىسى:
14414 سائەت 426 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-05
ئاخــىرقىسى:2013-11-12
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-16

زادى بۇزۇلغىنى شەھەرمۇ ياكى ئادەممۇ؟    bazi adam la
توغراق007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10552

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   350 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   35 (قېتم)
 تۆھپە:   35  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 686
 سائەت
دەرىجىسى:
686 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-29
ئاخــىرقىسى:2012-12-25
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-21

  
sedef
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8312

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   169 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6879 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   704 (قېتم)
 تۆھپە:   704  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5567
 سائەت
دەرىجىسى:
5567 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-26
ئاخــىرقىسى:2014-07-12
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-21

كونسۇل كوچىسىدا  ئىنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار ئۈچۈن تۇنجى ‹‹ئىنگلىز تىلى سۆزلىشىش سالونى ››ئېچىلغان ئىدى.يەنى2001 -يىلى، بۇ كوچىدىكى ‹‹ۋىسال تېز تاماقخانىسى››دا.ھەر چارشەنبە-پەيشەنبە كۈنلىرى كەچ سائەت 5تىن 7 گىچە. _T.T[%-&=  
بۇ--ئۆگەنگۈچىلەردىن ھەق ئېلىنمايدىغان،ئۆگەتكۈچىلەرگە ھەق بېرىلمەيدىغان ئىلمى سورۇن بولغان  ئىدى. v*JXrB&x  

sedef
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8312

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   169 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6879 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   704 (قېتم)
 تۆھپە:   704  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5567
 سائەت
دەرىجىسى:
5567 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-26
ئاخــىرقىسى:2014-07-12
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-22

ئىنگلىز تىلى سۆزلىشىش مەشىقى قىلىشقا ئۇ يەرگە بارغانلار يوقمۇ؟
sedef
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8312

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   169 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6879 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   704 (قېتم)
 تۆھپە:   704  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5567
 سائەت
دەرىجىسى:
5567 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-26
ئاخــىرقىسى:2014-07-12
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-23

دېمەكچىمەنكى، ئۇ كوچىدا لەغمەن،ئۆپكە-ھېسىپ،ئۈگرە بىلەن تۈگرەدىن باشقا ئىلمىي بۇلۇڭمۇ بار.شۇڭا تېخىمۇ يېقىملىق.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى