باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3667 
  •    ئىنكاس 
       22 

قوش خوتۇنلۇق ئەرلەرگە ئىككى كەلىمە

قەۋەت ئاتلاش
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   409 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26190 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2620 (قېتم)
 تۆھپە:   2620  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5656
 سائەت
دەرىجىسى:
5656 سائەت 284 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-06-16

قوش خوتۇنلۇق ئەرلەرگە ئىككى كەلىمە NIr@R7MKd  
TZir>5  
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
%m5Q"4O  
ئەتراپىمىزدىكى كۆپلىگەن ئەر ئۆمۈر بويى جۈپتى ھالال بىر قەدىناس ئايالىغا سادىق بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، نىكاھنى مەسئۇلىيەت ئورنىدا كۆرمەيدىغان قىسمەن ئەرلەر خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىشتىن ئىبارەت يولدا ماڭماقتا. يېقىندىن بۇيان ئىككى خوتۇن ئالىدىغان، ھەتتا ئىككىدىن ئارتۇق خوتۇن ئالىدىغانلار توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم، مۇشۇ خىل گەپلەرنى ئاڭلىغاندا شۇنداق ئەرلەردىكى ۋىجدان تارازىسىنىڭ قەيەرلەرگىدۇر يوقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. )Ag/Qep  
بىر قانچە كۈن بورۇن رادىيودىن بىر يىگىتنىڭ ئاكىسى (مەن ئاكىسى دەپ مەسلىھەت سورىغىنى بىلەن بۇ يىگىت شۇ كىشىنىڭ ئۆزى بولۇشىمۇ مۇمكىن) توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئاكىسى ئاتۇشتا سودىگەرچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 30 ياشتىن ئېشىپتۇ. ئۇ بەش يىل بورۇن بىر خوتۇن ئالغانىكەن. ھازىر ئىككى بالىلىقمۇ بوپتۇ. ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن ئىش-ئوقىتى راۋاجلىنىپ خېلى كۆپ پۇل تېپىپتۇ. سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ سودىسىنى ئاتۇشتىن بارغانسېرى ئۈرۈمچىگە كېڭەيتىۋاپتۇ. ئۈرۈمچىدىن ئۆيمۇ سېتىۋاپتۇ. ئۇنىڭ ئايالى ئىككى بالىسىغا قارىغاچ ئاتۇشتىكى ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆزى بولسا ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تۇرسا، ئاتۇشتا بىر مەزگىل تۇرۇپ سودا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. بىر يىل بورۇن بۇ ئەر سودا قىلىش جەريانىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئايالىنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئۇ قىزنى ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئاپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىر خوتۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە، يەنە بىر خوتۇنى ئاتۇشتىكى ئۆيىدە تۇرۇپتۇ. بۇ ئەر ئىككىنچى خوتۇننى ئالغاندىن باشلاپ، دەسلەپكى خوتۇنى ئېرىدىن قاتتىق كۈنلەيدىغان، ئاتۇشتىكى ئۆيىگە بارسىلا يولدىشى بىلەن سوقۇشىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەرنىڭ دەسلەپتە ئالغان، ئىككى بالىسىنىڭ ئانىسى بولغان خوتۇنىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئەرنىڭ ئادەمنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر تەرىپى شۇكى، بۇ ئەر ئىككى خوتۇنغىمۇ قانائەت قىلمىغاندەك، ئۆزىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ يەنە بىر قىزنى ئىندەككە كەلتۈرۈپتۇ ۋە بۇ قىزنىمۇ ئەمرىگە ئالماقچى بوپتۇ. يولدىشىنىڭ يەنە بىر خوتۇن ئالماقچى بولغىنىدىن خەۋەردار بولغان دەسلەپكى ئايالى بۇ ئەلەملەرگە چىدىماي يولدىشىغا تەگمەكچى بولغان ئۈچۈنچى قىزغا تېلېفون قىلىپ ئۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلغانىكەن، ئۈچىنچى قىز بۇ ئايالغا ‹‹بالىنى ئېلىپ ئۆيدىن يوقال، ئۇ ئۆيگە ئەمدى مەن كىرىمەن›› دەپ سوقۇشۇپتۇ. XALI<ZY  
بۇلارنى ئاڭلاپ، كاللامنى نۇرغۇنلىغان گادىرماچ خىياللار چىرمىۋالدى. ئويلىنىپ قالدىم. بۇ ئەر ھازىر ئۇ ئۈچ بۇرجەكلىك مۇھەببەتنىڭ قاينىمىدا چۆرگىلەۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىشلىرى قانۇنغىمۇ، ئەخلاققىمۇ خىلاپ ھەرىكەت بولۇپلا قالماي،ئەرلەرنىڭ ئۆز ۋەزىپە–مەسئۇلىيتىگە پەرۋاسىز قارىشى، ھەتتا ئارقىسنى قىلىۋېلىشى، ئاياللارنى خار، بالىلارنى بىچارە، ئائىلىنى پاراكەندە، قوۋم–مىللەتلەرنى نىمجان، جەمئىيەتىنى سوغۇق، مۇدھىش قىلۋېتىدۇ. d &cU*  
بىر ئەرنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپە، مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ ئائىلە، جەمئىيەتنى تەشكىللەپ گۈللەندۈرۈشى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تەن، ئەقىل، ئەقىدىدە ساغلام كامىل بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. ئۇلۇغ غايە بىجرىم تەنگە تەقەززا، ئۇلۇغ پىلان-تەسەۋۋۇر ساغلام ئەقىلگە ئەقىلگە مۇھتاج. ئورتاق ئېتىراپقا ئېرىشەلەيدىغان ھەرقانداق نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەت دۇرۇس، چىن، ئەقىدە ئېتىقادقا سېزىك. بىر ئەر ئۆزىدە، خاراكتېرىدە مانا شۇ تەن، ئەقىل، ئەقىدە بىرلىكىنى لايىقىدا بىرلەشتۈرەلىگەندىلا ئاندىن ئايال، پەرزەنت، ئائىلە، قوۋم، جەمئىيەت، ئەجداد، ئەۋلاد ئالدىدىكى ئەقەللىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، ئەر ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىدە جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك تەن، ئەقىل، ئەقىدە ساغلاملىقىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئاندىن ئۇ خوتۇنىنىمۇ راۋرۇس ئىتائىتىگە ئالالايدۇ، پەرزەنت ئالدىدا جىنايەتچى، ئەجدات ئالدىدا خىيانەتچى بولۇپ قالمايدۇ، ئەل-ئۇلۇس ئۇنى قارغىمايدۇ. ئۆزى ھەر جەھەتتىن دۇرۇس ئەرلەر ئەزگۈ ئىش-ئەمەللەرنى ئىزدەپ سوراپ قىلىدۇ، يامانلىق، رەزىللىك، زالالەتكە پۇت تىقمايدۇ، بەلكى ئۇنى زور كۈچ بىلەن توسىدۇ، تېنى زەئىپ، ئەقلى چولتا ياكى تولۇق ئويغانمىغان، ئىدىيەسى چۈشكۈن، زەئىپ ۋە بىنورمال ئادەملا يىرگىنىشلىك پاسىقلىققىمۇ چىۋىنگە ئوخشاش ئولىشىدۇ، رەزىللىككە مىت قىلمايدۇ، ھاياسىزلىقنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قۇبۇل قىلىۋېرىدۇ، ئەتراپتىكى ناھەقچىلىق، ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىلىپ كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ. بوشاڭ ئەرلەر ھەقىقەتەنمۇ پاسىقلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئەرلىك روھ دەل ھاياتقا بولغان ئەقىدە-ئىمانى سۇس بولغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا شىدددەت بىلەن ئاجىزلايدۇ، سۇنىدۇ. ئاندىن ئومۇمىي قوۋم ئارىسىدا ئىجتىمائىي قاباھەت-كرىزىس يەنە شۇنداق شىددەت بىلەن كېڭىيىپ كېتىدۇ-دە، خوتۇن-قىزلارنىڭ چېھرىدىكى ئەرلەرنىڭ غورۇر- ئىپتىخارى بولىمىش ناز-كەرەشمە، ھايا-ئىپپەت ئۆچىدۇ، بالىلارنىڭ ۋۇجۇدى قۇرۇپ كېتىدۇ. نىكاھ پاجىئەلىرى ۋە بۇزۇقچىلىقلىرى ئەئىلە-ئائىلىلەرنى قاپلاپ كېتىدۇ. ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا يەنە شۇ ئەرلەرنىڭ بوينى قىسىلىپ، تىلى تۇتۇلۇپ، بوينى ئېگىلىپ كېتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، ھاياسىز، پاسىقلىقلار ئارىسىدىن ئەرلىك روھى قالمىغان ئاجىز بىچارە ئەرلەرنىڭ مەيۈس ۋايساشلىرى ۋە قابىل ئەرلەرنىڭ غەزەپلىك ئاھسىنىشلىرى بوش ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. pZZgIw}aS  
ئاياللار، بالىلار ئەرلەرنىڭ قوغدىشى بەرھەق بولغان تاۋاباتلار جۈملىسىدىندۇر. ئاياللارنى ئاسرىماسلىق، سۆيمەسلىك، تەربىيلىمەسلىك، ئۇنىڭ ئارزۇ-خاھىشىغا سەل قاراش تۈپەيلى ئاياللار يولدىن چىقىپ كېتىدۇ. ھەر بىر بۇزۇق خوتۇننىڭ كەينىدە بوشاڭ ئەردىن بىرى بار، ھەربىر ئەخلاقسىز قىزنىڭ كەينىدە مەسئۇلىيەتسىز دادىدىن، پەرۋاسىز ئاكىدىن ياكى بىغەم ئۇكىدىن بىرى ياكى بىر نەچچىسى بار. ھېچ بولمىغاندا پاكىز، سالىھ قىز-خوتۇنلارنى بۇزغىلى، ھايۋانى نەپسىنى ھارامدىن قاندۇرۇش كويىدىلا يۈرىدىغان بەدبەخت ئەردىن كۈرمىڭى بار. دېمەككى، خوتۇن-قىزلارنىڭ ساقلىقى، پاكلىقى، ئاقلىقى ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ تۈزەلمىكى، كۈچلەنمىكى، ئۆزلىرىنى تەن، ئەقىل، ئەقىدىدە كامىل، قابىل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقمىقى مۇرەسسە قىلىپ بولمايدىغان ھەقىقەتتۇر. قابىر ئەرلەر سالىھ ئاياللارنى تەربىيلەپ، يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ، پەزىلەتلىك ئاياللار مۇنەۋۋەر بالىلارنى تۈركۈملەپ تۇغۇپ تەربىيەلەپ بېرەلەيدۇ. مىللەتنىڭ جىسمانىي، مەنىۋى گەۋدىسى شۇندىلا مۇناردەك كېرىلىپ تىكلىندۇ. -37a.  
ئەر دېمەك مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر. ئەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ئادەتتە ئائىلە تەشكىللەش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ئەڭ كۈچلۈك ئەكس ئېتىدۇ. ئۆز ئائىلىسىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرتىپكە سېلىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلالىغان ھەم ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ساداقىتى ئارقىلىق ئۆزى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئېرىشەلىگەن ئەرلەر ھەر قانداق كەسىپ، خىزمەت ، سودىنى ئارامخۇدا، ئوڭۇشلۇق بېجىرەلەيدۇ. ئۆز ئائىلىسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئەر پاراكەندە، ۋەيرانچىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ، ئىشلىرى ئالغا باسمايدۇ. ئەر ھورۇنلۇق، ئېزىلەڭگۈلۈك قىلىپ ئائىلىسىنى ياخشى قامدىيالماي، ئائىلە ئەزالىرىنى مۇھتاجلىقتا سارغايتىپ قويسا، ئۇلارنى قوغدىيالمىسا، ئائىلىدە ھۆرمەت قالمايدۇ، خاتىرجەملەك بولمايدۇ. بۇنداق ئائىلىلەر بىلەن تولغان جەمئىيەت تېخىمۇ مۇدھىش پاراكەندە بولۇپ كېتىدۇ. ئەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئائىلىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرغۇچى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. .o%^'m"=D[  
a~h:qpg c  
ئاپتور: ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› ئۇيغۇر مۇخبىرلار بۆلۈمىدە r,SnXjp@  
m4K* <  

تېما تەستىقلىغۇچى : arman
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-14, 00:19
 
ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكرى قىل!
wisal0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8115

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   300 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   30 (قېتم)
 تۆھپە:   30  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6682
 سائەت
دەرىجىسى:
6682 سائەت 338 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-09
ئاخــىرقىسى:2013-02-15
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-14

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم  بۇ توغرىسىدا مەنمۇ بىلگەنلىرىمنى بايان قىلاي!                سىز بۇ تىمىدا ئەرلەرنى بەك مەسئۇلەتسىز دەپ يېزىپسىز  ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس .  بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز‹‹قىيامەت كۈنى ئۈممىتىمنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىمەن ››دىگەن ھەدىسكە ئاساسەن بۇ ئەرلەرنى ئۇنداق دەپ كىتىشكە بولمايدۇ.(ئۇلار پەقەت مۇشۇ ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن ئىش تۇتقان بولسىلا )  ئەمدى ئاياللارنىڭ قۇبۇل قىلالماسلىق مەسلىسىگە كەلسەك ئۇلارنىڭ ئىسلامى چۈشەنچىسى كەم سەبرىسىز بولغانلىقىدىندۇر .بۇ ئىشتا ئەرلەرنى مەسئۇلىيەتسىز دىسەك،ئاياللارنى قۇبۇل قىلالمىدى دىسەك بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز پەخىرلىنىدىغان كۆپ ئۈممەت قەيەردىن كىلىدۇ.بىر ئەر كىشى بىز قانچە ئايال ئېلىپ بىر تەرەپتىن سالىھ ئايال قىلىپ تەربىيلىسە(ئاشۇ ئاياللارنى يامان يوللاردىن تۇسۇپ قالسا نىمىدىگەن ياخشى) يەنە بىر تەرەپتىن بىر يالغۇز ئايالنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا ھەم بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنى قىيامەت كۈنى خۇرسەن قىلسا نەرى يامان. بۇنى پەقەت ھەقىقىي مۇسۇلمان ئاياللارلا قۇبۇل قىلالايدۇ(بۇ يەردە ئۇنىڭ قۇبۇل قىلالىشىغا پەقەت ئىمان،ئىسلام، بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى سەۋەپ بۇلىۋاتىدۇ. ) ئەرلەر كۆپ خۇتۇنلۇق بولسا بۇلىدۇ. تۈۋەندىكى شەرتلەردىن چەتنەپ چىقىپ كەتمىگەن ئاساستا:
مۇسۇلمان بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن!!!
wisal0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8115

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   300 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   30 (قېتم)
 تۆھپە:   30  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6682
 سائەت
دەرىجىسى:
6682 سائەت 338 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-09
ئاخــىرقىسى:2013-02-15
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-14

1. جىسمانىي كۈچى يار بىرىدىغان بۇلۇش. zi3\63D3eO  
2. ئىقتىسادى شارائىتى يار بېرىش. =3v]gOcO  
3ھەر ئىككى تەرەپكە ئادىل بۇلۇش 7!N2-6GV  

مۇسۇلمان بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن!!!
musapir0991
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11261

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   350 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   35 (قېتم)
 تۆھپە:   35  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 432
 سائەت
دەرىجىسى:
432 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-02
ئاخــىرقىسى:2013-01-11
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-14

زىنا قىلغانلارنى توغرا چۈشەندۇق ئەمما توغرا ھالال نىكاھ قىلغانلارنى يامان كۈرۈپ غاجاپ ئارام بەرمىدۇق، ھەي ئۇيغۇرچىلىق!!! 1wP-  
ياخشى تەرىپىنىمۇ ئۇيلاپ تەھلىل قىلىپ باقايلى ، بىر ئىككىسىنىڭ شالتىقىغا قاراپلا باھا بىرىش ئەقىللىق ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. دىمەك ئاللاھ ھالال قىلغاننى بىز مىڭ قىلساقمۇ ھارام قىلالمايمىز. چۈنكى بۇ شەرىئەتتە!  ئۈستىدىكى قېرىنداش شەرتلەرنى دەپ چۈشەندۈرۈپ بولۇپتۇ شۇڭا بۇتۇغۇرلۇق كۆپ سۆزلەش بىھاجەت دەپ ئۇيلايمەن.
bagrax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9183

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   44 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2349 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   235 (قېتم)
 تۆھپە:   235  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8120
 سائەت
دەرىجىسى:
8120 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-19
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-14

biz,yanila,bir,hotunluk,bulup,..halal,..mallirimiz,bilan,..yahxi,..ixlarni,..kop,,kilsasak,..yahxidu,..hazir,,bu,,tniqlik,,qag,,tul,,hotunlar..az,..,biz,,kop,..hotunluk,,bolsak,,paygambirim,,hox,..bulup,..ketarma..bizni,,.takazalik,..bilan,..kutiwatkan,,buruq,nima,..
ي   س   ج
kisas0908
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11370

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   87 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6044 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   610 (قېتم)
 تۆھپە:   610  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 255
 سائەت
دەرىجىسى:
255 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-05
ئاخــىرقىسى:2012-12-31
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-14

ئەگەر  ھەدىس  روھىغا  ئاساسلانغاندا كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇشقا تامامەن بۇلىدۇ.... 2bkX}FWd;  
vRH d&0  
ئەگەر ھەدىس روھىدىن چەتنەپ كىتىدىكەن،ئەلۋەتتە ئۇنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئۆزى بىرىدۇ.....
مىللەت ئۇرۇشتا  يۇقالمايدۇ، سۇكۇتتە  يۇقىلىدۇ......!!!
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   409 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26190 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2620 (قېتم)
 تۆھپە:   2620  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5656
 سائەت
دەرىجىسى:
5656 سائەت 284 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-06-16
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-14

wisal0998 نىڭ يازمىسىغا V@ cM|(  
OZ|IA:,}  
1. جىسمانىي كۈچى يار بىرىدىغان بۇلۇش. AP7Yuv`  
2. ئىقتىسادى شارائىتى يار بېرىش. jB$IyQ;@  
3ھەر ئىككى تەرەپكە ئادىل بۇلۇش . V'8s8H  
مەنمۇ سىز دىگەن مۇشۇ ئادىل بۇلۇش مەسىلىسىدە كەمچىللىك ئېغىر بولغانلارنى كۆپ كۆرگەچكە شۇڭا ئازراق پايدىسى بۇلارمىكىن دەپ بۇتىمىنى يۆتكىگەن \n8] M\<  
lOuHVa*}  
مەنمۇ ئاڭلىغاننى ئەمەس كۈزۈم كۆرگەننى بايان قىلدىم  .بەلكىم ھەقىقى مەسئۇلىيەتلىك ئەرلەرگە بۇ ھاقارەت بىلىنىشى مۇمكىن .لىكىن مەن بۇنداق نىكاھتىن 10نى كۆرسەم 7سى ئادالەت بابىدا ئېغىر جاۋاپكار بۇلۇپ قالىدۇ . مەسىلەن بىرىنچىسى تۇغماس ياكى كىسەلچان بۇلۇپ كالسا ئىككىنچىسى بىرىنچىسىدىن ئەتىۋا بۇلۇپ قالىدۇ .يا بىرىنچىسى ئۆيدە بالا بېقىپ يەر تېرىسا  ئىككىنچىسى بىلەن سىرتلاردا ياكى j.w@(<=x  
شەھەرلەردە ئۆي تۇتىۋالىدىكەن .قېنى ئۇنىڭدىكى ئادىللىق . aB{vFTD5  
ئەگەر ھەقىقى ئادىل بولسا بىر يەردە ئوخشاش ئۆيدە ئوخشاش مۇھىتتا ئوخشاش تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بۇلالىسۇن . vq^f}id  
 \N!AXD  
يەنە باي بۇلۇشنى بىرىنچى شەرت قىلىۋالىدىكەن .ئەگەر بىرسى ئىككىنچى خۇتۇنغا راستلا ئىھتىياجى بولسىمۇ يۈز ئابرويى ياكى داڭدار  باي بولمىغانلىقتىن بۇ نىڭدىن بەھرىمەن بۇلالمايدىكەن. Tx|Ir+f6L  
ئاللاھ كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇشنى ئادىل بۇلۇش شەرتى ئاستىدا يولغا قويغان .ئەگەر ئادىل بۇلالمىسىڭىز بىر بىلەن بولدى قىلىڭ دىگەن. -@yh> 8v  

ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكرى قىل!
KARLUK999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11121

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   122 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6685 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   670 (قېتم)
 تۆھپە:   670  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 213
 سائەت
دەرىجىسى:
213 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-24
ئاخــىرقىسى:2012-11-04
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-14

مۇشۇنداقمۇ  گەپلەر بارما تېىخى
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   409 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26190 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2620 (قېتم)
 تۆھپە:   2620  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5656
 سائەت
دەرىجىسى:
5656 سائەت 284 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-06-16
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-14

&(xH$htv1  
musapir0991     نىڭ يازمىسىغا m^GJuP LW  
.y@oz7T5  
دىننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىزگە ئاۋۋال ئىلىملىك كىشىلەر كىرەك . ;|vpwB@B  
مەسىلەن بىر ئىلىم ئىگىسى تىنىچ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا باشقا بىر سى سىڭىپ كىرسە ئۇنىڭ زىممىسىدىكى تۇرمۇشنىڭ يۈكى نە بىر ھەسسە كۆپەيسە ئۇ دەرھال بۇ تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاشقا تىرىشىدۇ بىرتەرەپتىن ئىككى ئايالىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىشى يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىم ئېلىشى مىنىڭچە تەس .بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ قۇلىدىن ئىش كەلگىدەك بىر ئادەم بۇلىشى ناتايىن . N6 (  
دىمەك بۇ موللامنى تۇرمۇش ئالدىغا سېلىۋېلىپ ئىلىمدىن ئايرىلدى دىگەن گەپ . 1n:8s'\  
بىر پۇلدار باينى دەيلى .ئەسلىدىلا دۇنيانى دوست تۇتقان بىر پۇلدارنىڭ تۇرمۇشىغا يەنە بىرى سىڭىپ كىرسە ئۇنىڭ بىر ئالدىراشلىقى ئىككى بولسا نەدە تۇرسۇن ئۇنىڭغا ئۈممەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇش ،پۇل سەرىپ قىلىش ،ۋاقىت ئاجرىتىش . n&-qaoNl  
يەنە دىننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خەجلەڭ دەپ ئاللاھ بەرگەن مال دۇنيانى ئەتراپى جاھاندا شۇنچە ئىھتىياجلىق يەرلەر تۇرسا خەجلەشكە ئۇنىمايدۇ. ئەكىسچە ئۈزىنىڭ بىر كىشىلىك ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن چىقىم قىلىدۇ .ئۈزىچە تېخى بۇنى ئۈزۈم تاپقان دۇنيانى ئۇزۇمگە خەجلىدىم دەپ ئويلاپ ئېغىر خاتالىشىدۇ . 5AsP5  
چۇنكى بۇ مال دۇنيانى ئاللاھ ئۇنىڭغا بىكارغا بەرمىگەندەك كىيىنمۇ ھىساپسىز قويمايدۇ .ئەلۋەتتە . ~~SwCXZ+b^  
دىمەك دۇنيا ئۆز جايىنى تاپالمايدۇ .(بىر قىسىم ساخاۋەتلىك كىشىلىرىمىز بۇنىڭ سىرتىدا ) jF=gr$  
ئۇممەت بۇ ئەھۋالدا تۇرسا ساڭا 2،3،4خۇتۇن ئېلىپ كەيىپ سۇرۇشنى كىم قۇيۇپتۇ . *v75O7l  
ئۇنداق ئۇزۇڭنى تەقۋا قىلىپ پەردازلاپ كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما . 20Z8HwQi  
زىنا قىلشنى ھېچكىممۇ تۇغرا چۇشەنگىنى يوق .بۇ ئۈزۈڭنىڭ خاتالىقى،بۇنىڭ مەن دىگەن ئىش بىلەن ئالاقىسى يوق .
ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكرى قىل!
najmidin313
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10563

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   113 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6617 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   662 (قېتم)
 تۆھپە:   662  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3347
 سائەت
دەرىجىسى:
3347 سائەت 153 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-30
ئاخــىرقىسى:2013-09-08
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-14

ئىسلام ھەرگىزمۇ كىشىنىڭ شەخسى تۇر مۇشىنى كۆڭۇلسىز قىل؛ىدىغان ،ئۆزى باغدا ياشاپ باشقىلارنى داغدا قويىدىغان تۇر مۇش ئائىلە دېگەن ھەرقانداق بىر ئېتىقاد ۋە قائىدە قانۇن ۋە تۇزۇم لەرگە قارىغاندا يۇكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان دىن ،بۇ مۇنا زىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتلىق قاراش ئەمما ھازىر قى بىر قىسىم ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەر ھەدىسە بىرەر كۆڭۇلسېز ئىشلارنى ياكى بىرەر توغرا چۇشۇنۇش تەسرەك ئىشلارنى كۆرگەندە ئۆزىنىي قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئاقلاش ئۇچۇن ئالدىراپ كېتىپ بىز ئۇيغۇر دېگەن ،مۇسۇلمان دېگەن مۇشۇنداق خەخدەپ قوپىشىمىز ئېنىق مەنمۇ ئۆزۇمنى بۇنىڭدىن تارتالمايمەن ئەمما ،مەسىلىگە يۇزەكى قاراشقا بولمايدۇ .توغرا ئىسلامدا بىرئەرگە4خوتۇن راۋا بۇھەقتە ئايەت كەرىمە بىلەن دەلىل بار ،ئەمما شارائىت قا باقىدىغان كۆرسەتمە يوقمۇ ؟، ئەلبەتتە بار ئۇنى تەپسىلى دېيىشكە ۋاقىت قىس يۇقۇرىدىكى قېرىندىشىمىز دېگەندەك يۇزەكى 4 شەرتنى قويۇپ تۇرساقمۇ ئۇئادەم جىسمانى جەھەتتە ،ئىقتىسادى جەھەتتە،ۋە باشقا تەرەپلەردە شارائىت تولۇق بولدى ،شەرىئەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆپ ئۇممەت بىلەن پەخىرلىنىشىدەك ھەدىس بىلەن قۇۋۋەتلەندى ،خوش --شۇ تەقۋا قېرىنداشلىرىمىز كۆپ خوتۇنلۇق بولۇپ تۇرمۇشتائىسلامنىڭ قويۇق ئوبرازىنى جەمىيتىمىزدە قايتا نامايان قىلدى،ئۇلار زادى قاندان قىلدى؟ نىمە قىلدى ؟ بۇنى كىم ئويلىدى؟يەنىلا يات مىللەت دىيارىمىزغا ياشاش ئۇچۇن كۆڭۇل ئېچىش ئۇچۇن كەلگەنلەر ۋە مىللىتىمىز نىڭ قىزلىرىنىڭ نىمىگە ئەڭ كۆڭۇل بۆلىۋاتقانلىقىنى بىلگەنلەر ئويلىدى .ئۇلار نىمە ئويلاپتۇ ؟پۇل كۆڭۇللۇك ئازادە تۇرمۇش ،خاتىرجەم ھايات ،ۋە باشقىلار نىڭ كۆزئالدىدىكى ئالاھىدىلىك ،مانابۇ مېنىڭ ھېس قىلغان لىرىم بىلگەنلىرىم ،بۇ ئەمەلىيەت بولمىسا چەت ئەللىك لەر ئۇيغۇر ئەرلىرىنى يارىماس دەيدۇ دېگەندەك ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ماتېرىياللار نى كۆرۇپ بېقىڭ.مانا بۇ قىزلىرىمىز نىڭ ئارزۇسى ئىكەن.دېمەك پۇل بولمىسا ئۇلار خاتىر جەم بولالمايدىكەن بۇ ئەيىب ئەمەس ئەلبەتتە ،ئەمما ياتلار دىن بەزى قىزلىرىمىز يانمايدىكەن مانا بۇ ئۇيغۇر ،مۇسۇلمان ئەرلەر گە ئەيىب ،نۇمۇس ئاھانەت. ئەمدى كۆپ خوتۇنلۇق بولغانلار كىمنى ئالدى ،ئۇلارنىڭ پۇلىغا قىزىققان ،كۆڭۇللۇك تۇر مۇشىغا قىزىققان ،ئاتالمىش تەقۋا بولغان كۆپ خوتۇنلۇق تۇرمۇش نىڭ مۇخلىسلىرىنى ئالدى،بۇ زادى قانچىلىك تەقۋالىق ؟،تەقۋالىق ئەمەس ئۇچىغا چىققان لەقۋالىق ئەگەر ھەقىقى تەقۋا بولۇپ ھەدىس كە ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن قىلىمەن دىسەشۇئىشنى 2- خوتۇن لۇققا تەگكەن شۇ خېنىم ئۆزى يوقسۇل ئۆيلۇنۇش كە قۇربىتى يەتمەيۋاتقان ،يىگىتلەر ئازئەمەس،ياكى تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلۇققائۇچرىغان ،ياخشى كىشىلەر ئازئەمەس بۇلار غا تەگسە بۇتەقۋالىق بولمايدۇ،ھەدىسكە خىلاپما؟شۇ ئەرلىرىمىز تۇر مۇشتا قىينىلىۋاتقان ،2-3 بالا بىلەن قالغان ئاجىزەلەر يوق ئەمەس ئۇلار غا خالىسانە ياردەم قىلالمايدۇ،بۇنىڭغا قايسى ھەدىس پۇتلاشقاندۇ؟ ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ نەچچە ييللىق ئائىلىسىنى ئىللىتىپ ئوتلۇق مېھرى مۇھەببىتى بىلەن پەرزەنىتلىرىنى چوڭ قىلغان ۋاپادار ئايالىنىڭ شۇ ئۆيدە تۇرۇ شىغا قايسې ھەدىس تاقاشقاندۇ؟،شۇنداق تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ قانچىسىنىڭ بېشى ساقايغاندۇ ؟تاپا ۋىتى قانچىلىك ساغلام بولغان تاپا ۋەتتۇ؟.ئويلاپ باقايلى قېنى.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى