xU#]w6 لۇتپۇللا مۇتەلىپ
QJ[(Y@ O6a 8L%%eM_O o'9OPoof:. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چۈنچى يېزىسى ساي بويى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. لۇتپۇللانىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھېزىم بولۇپ،مۇتەللىپ ئۇنىڭ بوۋىسى ئىدى. ھېزىم ئاخۇن شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن خەۋەردار،ئەرەپ،پارس تىللىرىنى بىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق موللا كىشى ئىدى.
!"Z."fm* لۇتپۇللامۇتەللىپ 1929-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە يەتتىسۇ دېگەن يەردىكى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئۇيغۇرچە،لاتىنچە يېزىقلاردا ساۋادىنى تولۇق چىقارغان ، شۇنداقلا مۇنتىزىم مەكتەپنىڭ«رەسىم»،«قول كۆندۈرۈش» دەرسلىرىدە رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرگەن.1931-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىلىغا كۆچۈپ كىلىپ نىلقا ناھىيىسىنىڭ دۆربىلجىن مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان. ئۇ چاغلاردا نىلقىدا يېڭىچە ئوقۇش ئورۇنلىرى بولمىغاچ،لۇتپۇللا بىر موللىنىڭ قولىدا دىنىي بىلىم ئالغان.
n0Qh9*h لۇتپۇللامۇتەللىپ 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار مەكتىپىدە ئوقۇدى.ئۇ مەكتەپتە تاتار ئوغۇل-قىزلىرى ئوقۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر، قازاق،ئۆزبىك، قىرغىز، شىبە، خۇيزۇلارمۇ ئوقۇيتتى. مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات، ھېساب، تارىخ،ئالگېبرا، جۇغراپىيە، ۋە دىن دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاتارمەكتىپىگە كىرىشى بىلەنلا ئۆگىنىش ۋە مەكتەپ پائالىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ چېچەنلىگى،ئۆتكۈرلىگى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ھەممىدىن ياخشى ئوقۇدى. دەرستە تونۇشتۇرۇلغان ئابدۇللا توقاي قاتارلىق تاتار شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى يادلىۋىلىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.مۇئەللىملەرمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ زېھنىگە قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىمكانقەدەر كەڭ بىلىمگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ياردەملىرىنى ئايىمىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1936-يىلى تاتار مەكتىپىنى تۈگىتىپ رۇس مەكتىپىگە كىردى.
+!mNm?H[! لۇتپۇللامۇتەللىپ دۇچ كەلگەن پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشچان شارائىت ھەم ئۆزىنىڭ ھەممىگە قىزىقىدىغان تەبئىي تالانتى تۈپەيلىدىن، ئەينى چاغدىلا 27ھەرپلىك ئۇيغۇر يېزىقى،28ھەرپلىك ئەرەپ يېزىقى ۋە 32ھەرپلىك لاتىن يېزىقى، كېيىن بولسا تاتار، رۇستىللىرىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى.
ph}wnIW] لۇتپۇللامۇتەللىپ ئائىلىسىدىكى ۋاقتىدىلا ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارى بولۇپ، خەلق ئېغىزئەدەبىياتىغا زور ئىشتىياق باغلىغانىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا تاتارۋە رۇس ئەدەبىياتىدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغابىرلەشتۈردى. بۇ ھال ئۇنىڭ سەۋىيە جەھەتتىن ئۆسۈشى ۋە بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى.
_OyP>|L' لۇتپۇللامۇتەللىپ 1937-يىلىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلىرى «ئىلى گېزىتى»دە داۋاملىق چىقىپ تۇرغان. پىشقەدەم شائىرئەنۋەر ناسىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىركۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە يۈكسىلىشىگە قىزغىن ياردەم بەرگەنىدى.
zLJ:U`uh\ لۇتپۇللامۇتەللىپ 1939-يىلى سىنتەبىردە ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى ۋەئىبراھىم مۇتئىي قاتارلىق ئۇستازلاردىن بىلىم ئالدى. 1941-يىلى سوۋىت ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ تەرجىمانى سالاھىيىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلاندى. 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدىن 1943يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇشىنجاڭ گېزىتىدە «ئەدەبىيات گۈلزارى» مەخسۇس بېتى تەشكىللەپ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئەدىب، ئىلغار زىيالىيلارنى شىنجاڭ گېزىتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇردى ۋە شىنجاڭ گېزىتىنى خەلىققە روھىي ئوزۇقبېرىدىغان ۋە ئىلغار ئىددىيىلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇردى. ئىشتىنسىرىتقى ۋاقىتلرىدا بولسا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىتولىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى.
uFA|rX 1943-يىلى شېڭشىسەي سوۋىت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭ مىقياسىدا ئىلغار دېموكرتىك زاتلارنى تۇت-تۇت باشلىنىپ كەتتى. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ مەرگىزىگە ئايلىنىپ قالغان لۇتپۇللامۇتەللىپكە ئاشكارا قول سېلىشقا ئامالسىز قالغان شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىر رەزىل پىلان ئويلاپ چىقتى. ئۇ بولسىمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنى بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدىن يوقىتىپ ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ تەسىرى يوقالغاندا ئاندىن قول سېلىش ئىدى.
*SMoodFBS 1943-يىلىنىڭئاخىرىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئاقسۇغا يۆتكەپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى«ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرلىكىگە «ئۆستۈردى».لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ ئاقسۇغا ئەۋەتىلىشىنىڭ ھەقىقىي سىرىنى چۈشەندى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا ئۆزىگەيۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى چاندۇرماي ئورۇنداپ بولۇپ، ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلدى ۋە تەرتىپكە سالدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىچىدە نۇرغۇن گومىنداڭ پايلاقچىلىرى بارلىقىنى سېزىۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇئاقسۇ گېزىتىدە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات سەھىپىسى تەشكىللەپ، ئاقسۇدىكى ئىلغار زىيالىيلارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
P?WT)C2)u 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تېخىمۇغالجىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىللەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىلى تەرەپ بىلەن ئالاقە باغلاشقا باشلايدۇ ھەمدە ئۆز يېقىنلىرىدىن مۈنىرىدىن خۇجا قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» دېگەن بىر ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ. 1945-يىلى يازدا مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۇجۇم باشلىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرى بىلەن خەلقنى قوزغىتىپ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشقاتەييارلىق كۆرمەكچى بولغاندا بۇ خەۋەر ئىتتىپاق ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان گومىنداڭ غالچىلىرى تەرىپىدىن گومىنداڭ تەرەپكە يەتكۈزۈپ قويۇلدى. گومىنداڭ جاللاتلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرى ۋەباشقا بىر بۆلۈك بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئالدى.1945-يىلى 18-سېنتەبىر مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ھارپىسىدا گومىنداڭ جاللاتلىرى ئۇنىڭغا زەھەرلىك قولىنى سېلىپ ئىسسىق قېنىنى تۆكتى! ئۆلۈم ئالدىدا ئۇ بارمىقىنى چىشلەپ قان چىقىرىپ تۈرمە تېمىغا مۇنۇلارنى يېزىپ قويغانىدى :
b3CspBgC ;|;h9" 0NuL9 Fw_bY/WN{ بۇ كەڭ جاھان مەن ئۈچۈن بولدى دوزاخ،
jl 30\M7 ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قانخور ئەبلەخ!
ba:mO$ C[87f-g L(!!7B_, ;'WzfJ!q يىللارغا جاۋاپ
%RT6~0z 9B?t3: لۇتپۇللا مۇتەللىپ
L]L~TA<D9i :.'T+LI ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
}T1Xds8w)t يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
[:hy ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
,h(f\h(9 يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
T~ q'y~9o V]S06>P ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
DRg~HT بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
XX5(/# ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
U%PMV?L{ يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.
MzW$Sl&: {arjW3~M: ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
!=Vh2UbC3 تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
xg1r 3 يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
&b]KMAo3 ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.
H&Lbdu~E {]me?I يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
eOmxA<h يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
}8KL]11b يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
XOtS+p قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.
Fi=8B&j 6Kc7@oO~ بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
2Rp{]s$jo مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
'WgwLE_ ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
c{P`oB8 چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.
gV>\lMc[-% J4^cd يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
} dlNMW تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
TzXl ?N قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
\kO_"{7n تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.
8TvPCZ$x wfzb:Aig` كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
9R3=h5Y كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
(8RM|& ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
Cu7iHh Y5 قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.
+[DVD RwKN مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
vt,X:3 مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
t|lv6-Hy9 ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
PGGJpD? ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا
Hua8/:![+ /[M~##%: قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
|Gi/=[Tp شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
hZy*E [i ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
8iRQPV-"_ چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.
}$ der <U*d ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
y\x<!_&D يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
M=%p$\x كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
)XFMlSx) كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.
U,N4+F}FR Qk=w ,` يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
Oqyh{q%] ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
h!MT5B)r. قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
pR$c<p ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.
Uvp?HZ\Z G} p~VLf يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
:?,&u,8 ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
x-"7{@lz يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
V1+IqOXAIp ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب.
TS-[p d |1neCP@ng It4F;Ah V; ChrmE u+]zi"k^s ]UNmhF!W>u p4/D%*G^` !#'*@a