سالىھ ئاياللار قانداق بۇلىدۇ؟
~aw.(A?MI vrl;"Fm+ Pnw]Tm}g
9K/HO!z #XK2Ien)Z پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ « جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا » . « دۇنيانىڭ ھەممىسى ئىنسان ئۈچۈن مەنپەئەت ، دۇنيا مەنپەئەتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھ ئايال » دىگەن ھىكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارغا بولغان كۆز قارىشىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ ، ئىسلامىي ئاياللارغا بولغان ھۆرمىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ . ئۇنداق بولسا سالىھ ئايال زادى قانداق بولىدۇ ؟
,"2s` YC /{|EAd{ سىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇقىردىكى « دۇنيانىڭ ھەممىسى ئىنسان ئۈچۈن مەنپەئەت ، دۇنيا مەنپەئەتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايال » دىگەن سۆزىنى ۋە « ئۈچ نەرسە ئادەم بالىسىنىڭ بەختىدىندۇر . 1- ياخشى ئايال . 2- ياخشى ئۆي ، 3- ياخشى ئۇلاغ . ئاللاھ كىمگە ياخشى ئايالنى رىزىق قىلىپ بەرسە شەكسىز ئۇ كىشىنىڭ دىنىنىڭ يېرىمىگە ياردەم بەرگەن بولدى . قالغان يېرىمىگە ئاللاھتىن قورقسۇن » دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا دىنىڭىز ۋە بەختىڭىزنىڭ ئاساسلىق ياردەمچىسى بولغان ئايالنى ئاللاھتىن تىلىگىڭىز ۋە ياخشى ئايالنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلگىڭىز كېلىدىغاندۇ ئەلۋەتتە ؟!ئىسلام دىنى ياخشى ياماننى ئايرىشتا ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قارىماستىن بەلكى ئۇنىڭ روھى دۇنياسى ، ئەمەلىي ھەركىتىگە قاراپ باھا بېرىدۇ . بۇنىڭدىكى ئاساس پەيغەمبىرىمىزنىڭ « ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىڭلارغا قارىمايدۇ ، بەلكى قەلبىڭلار ۋە ئەمىلىڭلارغا قارايدۇ » دىگەن ھەدىسى بۇلۇپ ، بۇ ھەدىس ياخشى ياماننى ئۆلچەشتىكى ئاساسىي مىزاندۇر . دىمەك ئىسلامدىكى ياخشى ئاياللارمۇ چىراي شەكلى ۋە تاشقى قىياپىتى بىلەن ئەمەس بەلكى روھى دۇنياسى ساپ بۇلۇش ، يەنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان مۇھەببىتى ، ئۆز دىنىغا بولغان ئىشەنچىسى ، ۋە ئۆز ئۈستىدىكى دىني مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش قىزغىنلىقى ، ئەخلاق جەھەتتە ئىسلام پىرىنسىىغا ماسلىشىشى ، ئائىلىۋى تۇرمۇشتا ئۆز ئېرىگە بولغان سەمىمىيتى ۋە سەۋىرچانلىقى ، ئۇمۇمەن ئىسلام دىنى ئاياللار ئۈستىگە بەلگىلىگەن ئەقىد ، ئەخلاق ، ئىبادەت ، مۇئامىلات ئۆلچەملىرىنى ئۆگىنىپ ئەمەلىي ھەركىتىدە كۆرسىتىش بىلەن ئۆلچىنىدۇ .
%lL.[8r| PiY Y6i0 ئىسلامدىكى ياخشى ئاياللار بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ ئىززىتىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرىت ئاخىرەت ئالىمىدە جەننەتتىن ياخشى ئەرلەر بىلەن ئوخشاش بەھرىمەن بولىدۇ . جەننەتكە ئېرىشىدىغان ياخشى ئاياللارنىڭ سۈپىتىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئاللاھ تائالا سۈرە ئەھزاپنىڭ 35- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ .«مۇسۇلمان ئەرلەر مۇسۇلمان ئاياللارغا ، مۆئمىن ئەرلەر مۆئمىن ئاياللارغا ، تائەت-ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر تائەت-ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا ، راستچىل ئەرلەر راستچىل ئاياللارغا ،خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا ، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا ، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا ، ئاللاھنى كۆپ ئەسلىگۈچى ئەرلەر ئاللاھنى كۆپ ئەسلىگۈچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغفىرەت ۋە كاتتا ساۋاپ تەييارلىدى ،
aGK?x1_ [N1hWcfvd يەنە سۈرە نىسا 34- ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ .« ياخشى ئاياللار داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى ، ئاللاھ تاپىلىغان ھەق-ھۇقۇقلارنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغان ئاياللاردۇر .
l;af~ef)' r`%+M7 ياخشى ئاياللارنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ ، « ئاياللارنىڭ ياخشىسى قارىساڭ خۇرسەن قىلىدىغان ، بۇيرۇساڭ ئىتائەت قىلىدىغان ، يوق ۋاقىتلىرىڭدا مېلىڭنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغان ئاياللاردۇر ، يەنە ھەر قانداق ئايال بەش ۋاخ نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇسا ، رامزان روزىسىنى تۇتسا ، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلىسا ، ئېرىگە ئىتائەت قىلسا جەننەت ئىشىكلىرىنىڭ قايسىسىدىن خالىسا كىرىپ كېتىدۇ »
Hip&8NW ~+bv6qxg]\ يەنە قايسى بىر ئايال ئۆز ئېرىنى رازى قىلىپ ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرىدۇ . يۇقىرقى ئايەت ھەدىسلەر ياخشى ئاياللارنىڭ سۈپىتىنىڭ بىر قىسىمى بۇلۇپ مىھرىبان ئىگىمىز ئاللاھ ئاياللاردىن دۇنيادىكى ئىززەت- ئابرويىنى پاك ساقلىغاندىن سىرىت ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك راھەتكە لايىق بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەپسۇس ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلىق دەۋاسى ۋە ئېغىزدىكى ئەمەلىيەتسىز قۇرۇق سۆزدىنلا ئىبارەت بۇلۇپ ئەقىدە ، ئەخلاق ، ئىبادەت ، مېڭىش-تۇرۇش ، كىيىنىش قاتارلىق ئىشلاردىكى ئەمەل قىلىش جەھەتتە ئېغىز ئېچىش تولىمۇ مۈشكۈل .
Pa(^}n| hbU+Usx ئى مىھرىبان ئانىلار ، ئاچا-سىڭىللار ! سىلەر مىللەتنىڭ ئانىسى ، ئانا يىلتىزى ، ئانا ئۇرۇق ، ئۇرۇقنىڭ سورتى ياخشى بولمىسا زىرائەت ھوسۇل بەرمەيدۇ ، مىۋىسىز دەرەختىن مېۋە چىققان نەدە بار ؟
~jK{ ,$:= 79nG|Yj|\ ئانا ئىسلاھ قىلىنمىسا ئەۋلاتلار ئىسلاھ قىلىنمايدۇ ، رەزىل ئەمچەكنى ئېمىپ چوڭ بولغان بالا قانداق ئادەم بولماقچىدى ؟ مىللەتنىڭ تەقدىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ، سىلەر ئاياللار تۇنجى ھۆرلۈك جاكارلىغۇچى ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ « ئىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر ئايالغا پەرىز » دېگەن سۆزىگە ئاۋاز قوشۇپ ، ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىنىپ ئۆز ئۈستۈڭلاردىكى ئانىلىق مەجبۇرىيتىڭلارنى ئادا قىلىش ، قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى تۇلۇق ئىگەللەپ ئەمەلىي ئىجرا قىلىپ يېڭى بىر ئەۋلاد ئىسلام پەرزەنتلىرىنى يىتىلدۈرۈش ئارقىلىق كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بەخىت يارىتىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاللاھ ۋە پەرزەنتلەر ئالدىدىكى سوتتىن ئۆزۈڭلارنى ئاقلاپ چىڭىشىڭلار كېرەك .
Sa\!*e_sN 9 Yx]=n ئەكسىچە پەيغەمبىرىمىز « ئەرلەرگە ئاياللاردىنمۇ زىيانلىقراق نەرسىنى قويۇپ كەتمىدىم » دېگەن ھەدىسىدە ئاگاھلاندۇرغاندەك ئىلىمسىزلىكتىن جەمئىيەتكە پىتنە-پاسات ، رەزىللىك تارقىتىشنىڭ باش سەۋەپچىسى بۇلۇپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نادامەتكە قېلىشىڭلاردىن ئاگاھ بولىشىڭلار قىسقىسى ئانىلىق بۇرچۇڭلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلار كېرەك ، ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن ، ئاميىن !
lAzjN~V !l_lo`) ygeDcnvR] ,QC{3i~ :gerQz4R8 \W?R '; = f يازما ئاپتورى: نېلۇفەر
u$*56y ياشلىقىم ئۆركەشلەپ تۇرغان بىر دەريا .تۇرىمەن قىرغاقتا تەلمۈرۈپ تەنھا .ئىستىقبال كۆۋرۈكۈم پۈتمەستىن بۇرۇن .خالىماس بۇ كۆڭلۈم ئارتۇقچە ھەمرا . ( كۆڭۈللەر پەقەت ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ )‹
ZiYm:$CJ مەنبە: ئەۋلات تورى
&FH2fMLQ psnTFe D\@m6=L @HRC\OG