.,SWa;[iB |*zvaI(}
H/O v8| ;,:w%. a5%IjgQ&z lF!Iu.MM 9 R8R,!3 N }4"T#[n# lDhuL;9e جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بېرىلگەن ئون چوڭ ساھابىنىڭ قىسقىچە ھاياتى
q3R?8Mb ئاپتۇرى :يۈسۈپ سەمەت
NI?YUhg> ?]u=5gqUU <',bqsg[ DnW*q/=w بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
RP4P"m( (ناھايىتى شەپقەتلىك مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
~!{y3thZ &%4*~;o :Pf2oQ (ساھابى: بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ تەرجىمە مەنىسى «شاگىرت» ياكى «ئۈممەت» دېگەنلىك،ئەسلىي مەنىسى «ھەمراھ» دېگەنلىك بولۇپ، مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ۋە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ سۆھبىتىدە بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. )
3A.T_mGCs {JjvF (ئۈچىنىجى پىرقە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار جەننەتكە ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر. ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر! )
xK3}zN$T >'X[*:Cx سۈرە «ۋاقىئە» (56-سۈرە) ، 10- 12 –ئايەتلەر
!Yan}{A, 0'9zXJ" y=)xo7( جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە :
*U=%W4?W (1) ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،
T1Q c?5K^ (2) ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،
8XUm.nV (3) ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،
V@"Y"}4n4 (4) ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،
+w ]KK6 (5) تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،
k7gm)}RKcu (6) زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،
*N;# _0)/ (7) سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،
x(UsO} (8) ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،
18AKM (9) ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
7jZ=+2 (10) سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئاللاھ يولىدا ماڭغان، ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن، رازى بولغان ۋە جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بېرىلگەن ساھابىلەردۇر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىلەن قىسقىچە تونۇشتۇرۇش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلار جۈملىسىدۇر.
[JY 1| N /*+P}__k i'$V'x'k s9Y'MQo* vt`V<3 بىرىنجى: ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
J m5). 5ir[}I^z ^ *{:;F@ ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كۇففالار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردى ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا:”غەم قىلمىغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە“ دەيتتى.
Y~P1r]piB ― سۈرە «تەۋبە» (9-سۈرە)، 40- ئايەت
h& t/L ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككىدە ياشىغان بولۇپ، بالىلىقىدا، ياشلىقىدا ۋە چوڭ بولغاندا بولسۇن، مەككە كۇففارلىرى بىلەن بىللە بۇتلارغا چوقۇنمىغان، ھاراق ئىچمىگەن، ئۇ ئۆزىگە ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە سادىق بولغان ”سادىقۇل ئەمىن“ دەپ نام ئالغان زاتنى يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنى مەڭگۈلۈك دوست قىلىپ تاللىغان.
m0I)_R#X[ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە ۋەھيى نازىل بولغاندا دوستى بولغان ئەبۇ بەكرىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغان. ئۇ ئىككىلەنمەستىن، تېزلا ئىسلامغا كىرگەن. ئۇ رەسۇلۇللاھ ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغدايتتى. ئۇلار بىلەن قۇرەيش كۇففارلىرىنىڭ ئەزىيەتلەتلىرىگە چىدايتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ مەشھۇر ساھابىسى بىلال ئىبنى رىباھنى خوجايىنى قاتتىق ئازابلاۋاتقان ۋاقىتتا سېتىۋىلىپ ئازاد قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ ئىشەنچلىك، راستچىل باي-ئاقسۆڭەك سودىگەرلەردىن ئىدى. ئۇ بارلىق مال-مۈلكىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاتىۋەتكەنىدى.
pf\Ybbs مەككە كۇففارلىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئەبۇ بەكرىمۇ تەڭ ئۆز يۇرتى بولغان مەككە شەھىرىدىن ۋاز كېچىپ بىرلىكتە مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ھىجرەت قىلغان. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام نۇسرەت قازانغۇچىلىك بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان.
Ej\Me مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم قازا قىلغاندا، ئۆمەر ئۇنى ئۆلدى دېگەن كىشىگە ئىتىزار بىلدۈرگەن، ئەبۇ بەكرى بولسا مۇنداق دېگەن: ”كىمكى مۇھەممەدكە ئىبادەت قىلىدىكەن، ئۇ ۋاپات بولدى؛ كىمكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىكەن، ئۇ مەڭگۈ تىرىك، ئۆلمەيدۇ!“ شۇ چاغدىلا ئۆمەر رېئاللىققا تەن بەرگەن …
" vW4"R6 مۇسۇلمان ئۈممىتى ئۇنى رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئورۇنباسار خەلپىسى قىلىپ تاللىغاندا ئۇ ئىزچىل رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە يولىدا ماڭغانىدى.
7Rba@ cs9 ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن مۇرتەدلەر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ بولغان. تېرىلەرگە، تاشلارغا، سۆڭەكلەرگە يېزىلغان قۇرئان كەرىمنى توپلاپ بىر مۇسھەف قىلغان.
;;^OKrzWW ھىجرىيە 13-يىلى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇپ، ئۆزىنىڭ دوستى، يېقىن ئادىمى، پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!
#2/2Xv \]j{ $s2Y,0>I6 %nRz~3X|+v lU`} ئىككىنچى : ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
K P1;u #v KW&vX%i(. e5s=@-[ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسلامغا كىرىشى― فەتىھ ، ھىجرەت قىلىشى― نۇرسەت، ھۆكۈمدارلىقى ― رەھمەتتۇر!
Izapx\GK9 ―ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد
nNEIwlj; ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايال قېرىندىشى فاتىمەنىڭ يولدىشى بىلەن ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى قاتتىق ئۇرغان، ئۇنىڭدنن قان ئاققىنىنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ، قولىدىكى نەرسىسىنى ئوقۇغان. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان نەرسىسى سۈرە «تاھا» ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىنى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىۋەتكەن ئاقىۋەت مۇسۇلمان بولغان.
URo#0fV4C ئۆمەرنىڭ ئىسلامغا كىرىشى بىلەن مەككىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى زورايغان. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ۋاقتىدا ئۆمەر ئۆزىنىڭ ھىجرەت قىلغىنىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى ھىجرەتتىن توسماقچى بولغانلارغا تەھدىت سېلىپ ماڭغان ئۇمۇ ھەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن بىللە تاكى ئىسلام دىنى نۇسرەت قازانغۇچىلىك بارلىق غازات ۋە جەڭلەرگە قاتناشقان.
%>mB"Y, رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندا، ئەبۇ بەكرىگە بەيئەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلار ئەبۇ بەكرىگە بەيئەت قىلغان.
]\.3<^ شۇ چاغدا ئەبۇ بەكرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئورۇنباسار خەلىپىسى بولغان، ئۆمەر بولسا ئۇنىڭ ۋەزىرى بولغان. ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋاپات بولغاندا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەمىرۇل مۇئمىنىن بولۇپ، ئادىللىق بىلەن نام چىقارغان. بەيتۇل مۇقەددەس(ئېروسالىم) نى ھۆر قىلغان، پارسلارنى مەغلۇپ قىلىپ،ئىراق ۋە مىسىرلارنى فەتھى قىلغان.
V6CRl&ZKO بىر كۈنى فەيرۇز ئىسىملىك بىر كىشى كېلىپ(ئەبۇ لۇئلۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئوتقا چوقۇنىدىغان مەجۇسىي ئىدى)، ئۆمەردىن بىر نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆمەر ئۇ ئىشتا ئۇنىڭ ھەققىنىڭ يولدا ئىكەنلىكىنى دېگەندىن كېيىن،ئۇ ئۆمەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئىرادە قىلىدۇ. ئۆمەر بامدات نامىزى ئۈچۈن مەسچىتكە كەلگىنىدە، ئۇ زەھەرلەنگەن خەنجەر بىلەن ئۆمەرنى يارىدار قىلىدۇ. ئاقىۋەت ئۆمەر ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇمۇ ئەبۇ بەكرى بىلەن بىللە رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۆمەر ئىبنى خەتتابدىن رازى بولسۇن!
ds#om2) j,J/iJs Lc?q0x^s N+#lS7 xV+cX*4h ئۈچىنىچى : ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
|{j\7G*5 nu<kx W02t6 DW مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىكى ئەڭ ھايالىق كىشى ― ئوسمان ئىبنى ئەففاندۇر!
}[O/u <Z ― مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
}P(<]UF ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ياشلىقىدا ئەخلاقلىق ئىكەنلىكىنى،مېھمانلارنى كۈتىدىغان، مۇھتاجلارغا ۋە كەمبەغەللەرگە مەخپى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى پۈتكۈل مەككە ئاھالىسى بېلەتتى. ئۇ قۇرەيش تىجارەتچىلىرىنىڭ ئەڭ باي ئاقسۆڭىكى بولۇپ، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن دوست ئىدى.
i[r>^U8O ئۇ بىر قېتىم ئەبۇ بەكرى بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم توغرىسىدىكى گەپلەرنى ۋە ئۇنىڭ دەۋەت ئىشلىرىنى ئاڭلىغان، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىسلامغا كىرگەن. بۇنى تاغىسى ھەكەم ئىبنى ئاس بىلىپ ئۇنى قاتتىق ئۇرغان ۋە ئىسلامدىن ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن سولاپ قويغان، بىراق ئۇ ئىسلامدا قاتتىق تۇرۇپ تاغىسىدىن ۋاز كەچكەن.
9_&N0>OF بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزى رۇقىيەنى ئوسمان ئىبنى ئەففانغا سورىغان، ئۇلار توي قىلغان. مۇشرىكلارنىڭ ئەرزىيەتلىرى كۆپىيىپ كەتكەندە، ئۇ رەسۇلۇللاھ رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان. ئۇ چاغدا ھىجرەت قىلغان ئەر-ئاياللارنىڭ سانى37 ئىدى.
\*i[m&3;q مەدىنىدە رۇقىيە كېسەل بولۇپ قېلىپ يىگىرمە يېشىدا ۋاپات بولغان. ئوسمان ئىبنى ئەففان كېيىن ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇممۇ كۇلسۇمنى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ”زۇننۇرەين“ (ئىككى نۇرنىڭ ئىگىسى) دەپ نام ئالغان.
\OG`+"|L ئوسمان ”رۇمە قۇدۇقى“ نى يەھۇدىدىن سېتىۋىلىپ،مۇسۇلمانلارغا ھەقسىز بەرگەن، «پەيغەمبەر مەسچىتى» ۋە «ھەرەم مەسچىتى» نىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلارنى سېتىۋىلىپ، بۇ ئۇلۇغ مەسچىتلەرنى كېڭەيتىپ سالغان. ئۇ يەنە رۇم پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ھىرەقلى مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغاندا، ئوسمان ئىبنى ئەففانمۇ ئۆز مال-مۈلكى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنىنى قوراللاندۇرغان، ھالبۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ قوشۇنى نامرات ۋە قىيىن ئەھۋالدا ئىدى.
/~6)Vt ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھقا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمنى خاتىرلەيدىغان كاتىپلار قاتارىدىن ئىدى.
@S#Ls="G رەسۇلۇللاھ ھىجرىيە 6-يىلى مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە كەئبىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كىرمەكچى بولغاندا، قۇرەيىشلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئوسمان ئىبنى ئەففانى ئەۋەتكەن. ئوسمان قايتىشتا كېچىكىپ قالغان، مۇسۇلمانلار ئۇنى ئۆلتۈرۈلگەن ئوخشايدۇ دەپ غۇلغۇلا قىلغان . مۇسۇلمانلار ئوسماننىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا رەسۇلۇللاھقا بەيئەت قىلغان. رەسۇلۇللاھ ئوسمان ئۈچۈن بىر قولىنى يەنە بىر قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئوسماننىڭ بەيئىتىگە ئىشارە قىلغان، كېيىن ئوسمان ساق-سالامەت يېنىپ كەلگەن.
I5H#]U ئەبۇ بەكرىنىڭ خەلىپىلىك زامانىسىدا، ئوسماننىڭ تىجارەت مىلىنى يۈكلىگەن بىر كارۋان مەدىنىگە كەلگەندە ئۇ ھەممىسىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈۋەتكەن. ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەخلاق ۋە ھايادا ساھابىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىدى.
OtD!@GQ6 مۇسۇلمانلار ئۆمەردىن كېيىن ئۇنى خەلىپىلىككە تاللاشتى. بۇ دەۋىردە ئۇلار شىمالىي ئافرىقىنى فەتھى قىلدى. رۇملۇقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلدى. ئوتتۇرا دېڭىزىنى بويسۇندۇردى. فەتھىلەر كۆپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ تېرىتورىيىسى كېڭەيگەندىن كېيىن، بەزى مۇناپىقلار ئوسمان ئىبنى ئەففان ھوقۇق-مەنسەپنى ئۆز جەمەتىدىكىلەرگە بۆلۈپ بەردى، مال-مۈلۈك ۋە غەنىمەتلەرنى تەقسىملەشتە ئادىل بولمىدى دېگەندەك پىتنە-ئېغۋالارنى تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ پىتنە-ئېغۋالارغا ئىشىنىپ قالغان بىر بۆلۈك كىشىلەر توپىلاڭ چىقىرىپ، ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ ئۇنى شەھىد قىلدى. ئاللاھ ۋەھىينىڭ كاتىپى ئوسمان ئىبنى ئەففاندىن رازى بولسۇن!
KsF kC= Ou,Eu05jt' jQRl-[n Wt $q{g{C ^E| {i]j#f تۆتىنجى: ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
+x:-W0C: n&;-rj^qq xjO((JC سەن مىېنىڭ دۇنيا- ئاخىرەتتىكى قېرىندىشىمسەن!
Wy%'<f ― مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
&Dw8GU}1 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بوۋىسى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ھامىيلىقىدا چوڭ بولغان؛ كېيىن ئۇنى تاغىسى ئەبۇ تالىپ ھامىيلىققا ئالغان. ئۇ بالا-چاقىسى كۆپ ئادەم ئىدى. رەسۇلۇللاھ يېشىغا يەتكەندە، جەدىچە بىلەن توي قىلىپ، ئەبۇ تالىپىنڭ بالىلىرىدىن بىرىنى ھامىيلىققا ئالغان. ئۇ بولسىمۇ دەل ئەلى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆز يېنىدا ئۆستۈرگەن.
s\#eD0| ئەلى رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى، ئىبادىتى ۋە ئەخلاقلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن بىۋاستە كۆرگەن، گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆرنەك ئالغان. ئۇ مۇسۇلمان بولغان تۇنجى بالا ئىدى. ئاللاھ ئۇنى بۇتلارغا سەجدە قىلدۇرماسلىق بىلەن يۈزىنى يورۇق قىلغان(ئەلىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ”ئەلى كەرەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ“ دەيدۇ). ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن مەككە كۇففارلىرىنىڭ ئەرزىيەتلىرىگە قارشى چىققان. ئۇ رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قىلغان ئاخشىمى ئۇنىڭ تۆشىكىدە خەتەرگە قارىماي ياتقان، شۇنىڭ بىلەن كۇففارلار رەسۇلۇللاھنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى بىلەلمەي قالغان. ئەلى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئامانەتلىرىنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.
{nl4(2$ ئۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن توي قىلغان. ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن ئىسلامنى قوغداپ نۇرغۇنلىغان جەڭ ۋە غازاتلارغا قاتناشقان. بەدىر جېڭىدە نۇرغۇنلىغان كۇففارلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى قەتلى قىلغان. ئۇھۇد جېڭىدە كىشىلەر قېچىۋاتقاندا رەسۇلۇللاھنى قوغدىغان. ئۇ ئەمرۇ ئىبنى ۋەدنى ئەھزاب جېڭىدە ئۆلتۈرگەن. يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇشقان خەيبەر كۈنىدە ئۇلارنىڭ قوماندانىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، قورغانغا بۆسۈپ كىرگەن.
({l !'>? ئەبۇ بەكرى ۋە ئوسمان دەۋرلىرىدە ئۇ ۋەزىر ۋە مەسلىھەتچى ئىدى. ئۆمەر ئۇنى قازىلىققا قويغان. كېيىن مۇسۇلمانلار ئۇنى خەلىپىلىككە تاللىغان. ئۇ، تۆت ئىزباسار خەلىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى. ئۇنىڭ خەلىپىلىكى بەش يىل داۋاملاشقان. بىر كۈنى ئۇ كۇفە كوچىسىدا كىشىلەرنى ناماز بامداتقا ئويغىتىش ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىدا، قاراڭغۇدا بىر ئادەم كېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۇ دەل ئابدۇراخمان ئىبنى مەلجەم ئىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۇفەگە دەپنە قىلىنغان، بۇ رامىزاننىڭ 17-كۈنى، ھىجرىيە 40-يىلى ئىدى. ئۇ شۇ چاغدا ئاتمىش ئۈچ ياشقا كىرگەن. ئاللاھ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدىك ئۇنى شەھىدلىك بىلەن ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئەمىلىدە نامازغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن رىزىقلاندۇرغان ئىدى. ئاللاھ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رازى بولسۇن! تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ھەر ئەمىلىگە بەرىكەت بەرسۇن!
q9mYhT/Im u%`4;|tI ob3ZI q<` g C)Ez>~Z بەشىنجى: سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
qp@:Zqz8 5I(gP I8 \Ka=w ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ئاتقان ئوقىنى دەل تەككۈزگىن! ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغىن.
k!lz_Y ― مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
z7H[\ 4A!> سەئد كۆپ ۋاقىتلاردا كائىنات، ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە ياراتقۇچىسى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىدىغان، چۈش كۆرسە چىرايلىق چۈشلەرنى كۆرۈدىغان ئادەم ئىدى. بىر كېچىسى چۈشىدە ئۇ ئۆزىنى نۇرلۇق بىر جايدا كۆردى، ئەتراپىدا گۈل-چېچەك،دەرەخلەر ۋە دەريا بار ئىدى… ئەتىسى مەككە كوچىلىرىدا خۇشال كېتىۋىتىپ ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئەبۇ بەكرى ئۇنىڭغا ئىسلامنىڭ خەۋىرىنى دېدى. ئۇنى يېتىلەپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئاپاردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەبۇ بەكرىنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولدى.
PB :Lj ئانىسى ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى غەمكىن بولۇپ كەتكەن. ئىسلامدىن قايتمىسا، تاماقمۇ يىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەتتا ئۆلۈپ قالغىلى تاس قالغان. سەئد بولسا ئۇنىڭغا داۋاملىق ياخشى مۇئامىلىدە بولغان، شۇنداقلا ئىسلامدا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرغان. ئاخىرى ئانىسى تاماق يەيدىغان بولغان.
uW8LG\Z>D5 سەئد غازاتلارغا ھەمىشە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە تاكى ئىسلام غەلبە قىلغۇچىلىك بىللە بولدى. ئۇ بەدىر غازىتىدا مۇشرىكلاردىن كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئۇھۇد غازىتىدا مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى قورشىۋالغان ئەھۋالدا تاكى خەتەر كەتكەنگە قەدەر ئۇنى قوغدىغان.
,ij"&XA بىر قېتىم ئۇ بىر كىشىنىڭ ساھابىلەرنى تىللاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭغا بەددۇئا قىلغان. ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنى بىر تۆگە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا دۇئا قىلغانىدى.
tCk;tu!d ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە سەئد پارسلار بىلەن بولغان”قادىسىييە جېڭى“ دە مۇسۇلمانلارنىڭ قوماندانى بولغان ئىدى. بۇ جەڭدە پارىسلارنىڭ قوماندانى رۇستەم قەتلى قىلىنغان، كېيىن ئۇ ساھابىلەردىن پىدائېيلارنى تەشكىلەپ، دەجلە دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ پارىسلارنىڭ پايتەختى مەدائىننى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بارلىق پارس زېمىننى فەتھى قىلىنغان. بۇ زىمىدا مۇسۇلمانلار يېڭى پايتەخت― كۇفە شەھىرىنى بىنا قىلغان. سەئد بۇ شەھەرگە ھاكىم بولغان.
,4-) e ئۇنىڭ بۇ ھاكىملىقى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكى بىلەن بىردەك ئىدى. ھىجىرىيە 54-يىلى ئۇ كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ كېپەنلىكى بەدر غازىتىدا مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇشقاندا كىيگەن كىيىمى ئىدى. ئۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرگە دەپنە قىلىنغان. ئاللاھ سەئدتىن رازى بولسۇن!
62&(+'$n Wh:SZa| `o6Hm g3%Xh0007{ jB*%nB*x ئالتىنجى: ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ
Y. ]FVq +-=w` [lpzUB}<Yp مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋفنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ.
){|Bh3XV ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان
hBf0kl ھەر قانداق پەيغەمبەر ئۆز ئۈممىتىدىن بىر سالىھ ئادەمنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇماي قەبزى روھ قىلىنمايدۇ!
_ cK"y2 ― مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
`Ym7XF& ئابدۇراخمان رەسۇلۇللاھ تۇغۇلۇپ ئون يىلدىن كېيىن مەككىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇش-يىزىش ۋە ھېساب ئىلمىنى ئۆگەنگەن، شۇنىڭدەك ئات مىنىش،جەڭ قىلىش ماھارەتلىرىنىمۇ ئىگىلىگەن. يېشى چوڭايغاندا مەككىدىكى چوڭ تىجارەتچىلەردىن ۋە بايلىرىدىن بولۇپ قالغان. بىر كۈنى ئۇ ئەبۇ بەكرى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بارغان. ھالبۇكى ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل قىلىنىۋاتاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىسلامغا كىرگەنلىكىدىن خۇشال بولغان. ئۇ مەككە كۇففارلىرىنىڭ ئەرزىيەتلىرىگە چىدىغان، كېيىن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان، بىراق ئارقىدىنلا رەسۇلۇللاھدىن ئايرىلىشقا چىدىماي قايتىپ كەلگەن.
37DyDzW)' ئابدۇراخمان مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ھىجرەت قىلغان، ئۇنىڭ پۈتۈن مال-مۈلۈكى مەككىدە قالغان. مەدىنىگە كەلگەندە ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەئىد ئىبنى رەبىيئ بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويغان. سەئىد ئابدۇراھمانغا مال-مۈلۈك بەرمەكچى بولغاندا ئۇ مالنى ئالماي، بازارغا چىقىپ ئېلىم-سېتىم بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئىشەنچ، ياخشى ئەخلاق، راستچىللىقتىن ئىبارەت ئەڭ زور دەسمايىسى بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ چوڭ بايلاردىن بولۇپ كەتكەن. ئۇ مۇھتاجلارنى يۆلەيتتى، كەمبەغەللەرگە ئېھسان قىلاتتى. قوشۇنلارنى ئۆز پۇلى بىلەن قوراللاندۇراتتى. ئۇ بىر قېتىم ئاغرىپ قالغاندا، پۈتۈن مال-مۈلۈكىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى كەمبەغەللەرگە بېرىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ. كېيىن ئۇ ساقىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ مالنى دېگەن يېرىگە بېرىدۇ.
-t_t3aU| ئابدۇراخمان رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان. ئۇھۇد غازىتىدا ناھايىتى كۆپ يېرى جاراھەتلەنگەن. تىزى ئېغىر يارىلانغان. تەبۇك غازىتىدا ئۇ مۇسۇلمانلارغا ئىمام بولغان، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاخىرقى رەكئەت نامازنى ئوقۇغان.
aA?Uf~ "t ھىجرىيە 6-يىلى رەسۇلۇللاھ ئۇنى دەۋمەتۇل جەندەل ئاھالىسىگە ئەۋەتكەن،ئۇ ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغان. ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشقان. ئۇ شۇلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالغان. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئوغلىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇھەممەد دەپ ئاتىغان.
0Ym+10g رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندا ئۇ ئەبۇ بەكرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە ۋەزىرى بولغان. كېيىن ئۆمەرگىمۇ شۇنداق بولغان. ئۆمەر ئۇنى چوڭ ساھابىلەرنىڭ قاتارىدا خەلىپە سايلىمىغا قاتناشتۇرغان. ئاقىۋەت ئوسمان ئىبنى ئەففان خەلىپە بولغان. ئابدۇراخمان ئۇنىڭ تەرىپىنى ئالغان ئىدى.
p]/HZS.-b ئابدۇراخمان سەكراتقا چۈشكىنىدە مال-مۈلۈكىنى كەمبەغەللەرگە، يېتىملارغا ۋە بەدر غازىتىغا قاتناشقانلارغا بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان. بۇ چاغدا ئۇ 75 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ ھىجرىيە 31-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى بەقىيئ دېگەن يەرگە دەپنە قىلىنغان. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!
G.Z:00x E|OB9BOS 4RCD<7 o!W71 ?.tnaE يەتتىنچى: زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
Vmq:As^a Lc.=CBQ jdz]+Q`jq ھەر پەيغەمبەرنىڭ ھەۋارىيۇنلىرى (يارددەمچىلىرى) بولىدۇ، زۇبەير مېنىڭ ھەۋارىيۇنلىرىمدىندۇر!
KE>|,Ur ― مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
.SZ ZT0Z زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام مەككىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئانىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ھاممىسى سەفىييە بىنتى ئابدۇلمۇتەللىپتۇر. دادىسى بولسا ئەۋۋام ئىبنى خۇۋەيلىد بولۇپ، خەدىچە ئانىمىز زۇبەيرنىڭ ھاممىسى بولىدۇ. ئۇ ئون ئالتە ياشقا كىرەي دېگەندە ئەبۇ بەكرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىسلام توغرىسىدا دەۋەت قىلغان، ئۇ مۇسۇلمان بولغان.
7A6Qrfw ئۇنىڭ ئائىلىسدىكىلەرمۇ ئۇنى بۇ ئىشتىن توسقان، بىراق ئۇ ئىسلامدا چىڭ تۇرغان. ئازابلارغا بەرداشلىق بەرگەن. ئۇلار زۇبەيرنى يەكلىگەن.
v@m2c_, ئۇ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغانلار بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان،كېيىن مەككىگە قايتىپ كەلگەن. بىر كۈنى ئۇ رەسۇلۇللاھ ئۆلدى، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ. قىلىچىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ نەرە تارتقان، ھەتتاكى رەسۇلۇللاھنى كۆرمىگىچە خاتىرجەم بولمىغان.
/e|vz^#+1, زۇبەير مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ھىجرەت قىلىپ، ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسمانى ئالغان. بۇ ئايال ئۇنىڭغا ئابدۇللادىن ئىبارەت مەشھۇر پەھلىۋاننى تۇغۇپ بەرگەن.
EWz,K]_' زۇبەير رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، بارلىق جەڭ مەيدانلىرىدا بولغان، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى جاراھەت بىلەن قاپلانغان. رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇرتەدلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، قايتۇرما ھۇجۇمدا غەلىبە قازانغان.
h 8Shf" ئۇ مۇسۇلمانلار رۇملۇقلار ئۈستىدىن غالىب كەلگەن مەشھۇر ئۇرۇش-يەرمۇك جېڭىدە خالىد ئىبنى ۋەلىد، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاسلار بىلەن بىرلىكتە قوماندان بولغان. بۇ ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلانغان. مىسىرنى فەتھى قىلىش ئۇرۇشىدا بابىلون قورغىنىنىڭ تاملىرىغا يامىشىپ چىقىپ، ئىشىكىنى ئاچقان. رۇملۇقلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، مۇسۇلمانلار غەلىبە قازانغان.
vs=8x\W ئەلى زامانىسىدا پىتنە يۈز بەرگەندە ئۇ ئەلى بىلەن جەڭ مەيدانىدا ئۇرۇشماقچى بولغىنىدا، ئەلى ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھنىڭ:” ئى زۇبەير! شۈبھىسىزكى، سەن ئەلى بىلەن ھەقسىز تۇرۇپ، جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ قالىسەن! “ دېگەن سۆزىنى ئەسلەتكەن. زۇبەير ھەقىقەتكە قايتقان.
Z+p'3 ئۇ مەدىنە تەرەپكە قايتىۋاتقاندا، ئارقىسىغا ئەمىر ئىبنى جۇرمۇز چۈشۈپ، يولدا ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا ئارقىسىدىن خەنجەر ئۇرغان ۋە ئۆلتۈرگەن. ئېتنىمۇ زەھەرلىگەن. بۇ، بەسرە شەھىرىگە يېقىن بىر يەر ئىدى. ئۇ ” ۋادىي سىبائ “ دېگەن يەردە دەپنە قىلىنغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ 63 ياش ئىدى. ئاللاھ ياخشى ئەخلاقلىق كىشىلەرگە رەھمەتلەرنى قىلسۇن!
''p7!V? :~"Dwrui le7!:4/8 %"yy8~| s?Wkh`b سەككىزىنچى: ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
Aq]*$s2\G ]=ubl!0=: cXDG(.!n7B ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ نېمە دېگەن ياخشى كىشى- ھە!
(R{|* :KP ― مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
w~a_FGYX ئەبۇ ئۇبەيدە ئەبۇ بەكرىنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغان، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھقا ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەككە كۇففارلىرىنىڭ ئەرزىيەتلىرى كۈچەيگەن ۋاقىتتا سەكسەندەك ساھابە بىلەن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان. كېيىن مەككىگە قايتىپ كەلگەن، ئارقىدىن رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان.
T GuvyY بەدىر غازىتىدا مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە مۇشرىكلاردىن كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئۇھۇد غازىتىدا كىشىلەر قېچىۋاتقاندا رەسۇلۇللاھنى تاكى خەتەر كەتكەنگە قەدەر قوغداپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇستەھكەم تۇرغان. رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزىگە ساۋۇتنىڭ ئىككى تۆمۈر زەنجىرى كىرىپ كەتكەندە، ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇنى چىشى بىلەن چىقىرىمەن دەپ چىشى چۈشۈپ كەتكەن. ئىككىنچى ھالقىنى چىقارغاندا ئىككىنچى چىشىمۇ چۈشۈپ كەتكەن.
0}4FwcCr\ يەنە بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۈچ يۈزدەك جەڭچىگە قوماندان قىلىپ دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەۋەتكەندە ئوزۇقلۇق تۈگەپ كېتىپ يوپۇرماق ۋە دەرەخلەرنىڭ قوۋزاقلىرىنى يېگەن، تاكى ۋەزىپە تۈگۈگىچىلىك بارلىق ئىشلارغا سەۋر قىلغان. يەنە بىر قېتىم ئەمرۇ ئىبنى ئاسنىڭ قوشۇنىغا ياردەم بېرىشكە رەسۇلۇللاھ ئۇنى باش قىلىپ ئەۋەتكەن، كېيىن مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلغان.
k62KZ5| D رەسۇلۇللاھ ئۇنى نەجران ئاھالىسىگە ھاكىم قىلىپ ئەۋەتكەن. رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەبۇ بەكرى سىددىق يەرمۇك جېڭىدە ئۇنى قوماندان قىلىپ رۇملۇقلارغا قارشى ئەۋەتكەن، كېيىن ئۇلار غەلىبە قىلغان.
eb*w$|y6" ئەبۇ ئۇبەيدە شام بىلەن بولغان بارلىق ئۇرۇشلاردا پەيدىنپەي غەلىبە قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا تاكى پۈتكۈل شام قولىغا ئۆتكەنگە قەدەر قوشۇنغا قوماندان بولغان، كېيىن ئۇ يەرگە ھاكىم بولغان. شامدا تائۇن(ۋابا كېسىلى، قورساق ئاغرىش كېسىلى) تارقالغاندا ئۆمەر ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ مەدىنىگە قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئۇ ئۆز قوشۇنىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، تائۇن كېسىلى يۇقۇپ ۋاپات بولغان. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!
#U?=D/ ( L ]C _[p@V_my F7N4qq1 <