باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       981 
  •    ئىنكاس 
       6 

نـامـرات سـتـۇدېـنـت

قەۋەت ئاتلاش
kalipdax007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10305

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   136 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10558 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1055 (قېتم)
 تۆھپە:   1055  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1220
 سائەت
دەرىجىسى:
1220 سائەت 130 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-17
ئاخــىرقىسى:2013-06-04

                                                    نـامـرات سـتـۇدېـنـت =1FRFZI!j  
7{e 4c  
                                                           (ھېكايە ) ~RW+ GTe  
                                                      ---ئەزىزان --- :[p}  
!_]Y~[  
@ wGPqg  
  مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك " پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى " شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك كۆرۈنىدىغان بىر "مەتۇ" ستۇدېنت . \#2Z)Kz  
  يېزىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا بىر ئۆمۈر تەكلىماكان ساھىلىدا قۇم-توپىغا مىلىنىپ ياشاپ ، ئۆمرىدە بىر قېتىم تەڭرىتېغىنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈپ باقمىغانلار ساماندەك تولا . شۇڭا ئەينى چاغدا مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغىنىمدا ، ئۇلار مېنىڭ ئۈرۈمچى دېگەن چوڭ شەھەرگە بېرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىچىدە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ، ئانامنىڭ قولىغا ئازغىنە يوللۇقلىرىنى تۇتۇشقاچ ماڭا ھەۋەس بىلەن قارىشىپ كېتىشكەن ئىدى . du$:jN\}  
  شۇنداق ، ئۇ شۇنداق بىر ھەۋەسلىك نەزەرلەر ئىدىكى ، قوينى ئىللىق يېزامدىن قەدەم ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن ، بۇ ھەۋەسلىك نەزەرلەر مېنى شاھانە ھوزۇردىن بەھر ئەتكەن ئىدى . bQzZy5,  
x 77*c._3v  
  لېكىن سەھرادىكى ساددا كىشىلەر مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆزۈمدىن ، ئۇچامغا كىيىۋالغان كىيىملىرىمدىن ، قاملاشمىغان خەنزۇچە سۆزلىشىمدىن بۇنچە نومۇس ھېس قىلىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى . مەنمۇ ياتاقداشلىرىم تانسا ۋە يىغىلىشلارغا كەتكەن ئاخشىمى ، ياتاقتا يالغۇز قالغىنىمدا ، كارىۋاتتا بېشىمنى چىڭ پۈركەپ يېتىپ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا يوشۇرۇن نومۇس قىلاتتىم . JinUV6cr  
   ]{;gw<T  
  تەتىلدە يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگىنىمدە ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشۇمدا تارتقان جاپالىرىمنى ئانامغا سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم .  ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ماتېماتىكىدىن دەرس سۆزلەپ پۇل تاپقىنىمنى ، بىر ئاي جاپالىق ئىشلەپ نەچچە يۈز يۈەن تاپالىغىنىمنى سۆزلىگىنىمدە ، ئانام ھەتتا " شۇ پۇللارنى نەگە ئاپاردىڭ ؟ نەچچە يۈز كوينى خەجلەپ تۈگەتتىڭما غەرەز ئۇقمايدىغان ؟ ماۋۇ ئۆيدىكىلەر نېمە كۈندە دەپ ئۆيگە پۇل سېلىۋېتىشنى ئۇقمىدىڭما ؟ " دەپ ئاچچىقلاپ كايىپ كەتكىنى ئېسىمدە . كۆزۈمگە ئاچچىق ياش كېلىپ بۇرۇنلىرىم ئېچىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئۇۋالچىلىق ئىچىدە كۆز يېشىمنى زورىغا بېسىۋالدىم . ئانامنىڭ ئالىي مەكتەپتە يىلىغا نەچچە مىڭ يۈەن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرغاندىن سىرت يەنە ياتاققىمۇ پۇل ، تاماققىمۇ پۇل كېتىدىغانلىقىدىن ئەسلا خەۋىرى يوق ئىدى . YU'k#\gi*  
  مېنىڭ بولسا پۇل تېپىش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشلىرىم قالمىدى ، بەزىدە باشقىلارغا ئەگىشىپ قايناق بازارغا بېرىپ چاپان بىلەن كەمەر ساتسام ، بەزىدە ئۈرۈمچىنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا ماشىنا يۇيدۇم . ياتاقداشلار ئالدىمدا مېنى ھۆرمەتلەپ ئىشلىرىمدىن تەسىرلەنگەندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە مېنى قەتئىي ياراتمايتتى . نەچچە قېتىم كەينىمدىن " ئاشۇ چۈپەي گۇينىما ؟ ئۇنى سورۇنغا ئېلىپ بارغىلى بولامدۇ ئاداش ؟ " ، " رەسمىي پۇل دېسە جېنىنى بېرىشتىن يانمايدىغان سەھرالىقتە ئۇ " دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم . ھەتتا مەن يوق يەرلەردە مەن ساۋاقداشلار سۆزلىگەن قاملاشمىغان تېتىقسىز يۇمۇرلارنىڭ تولىمۇ مەتۇ ۋە پىخسىق باش قەھرىمانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدىم . #>a\>iKQ2q  
  لېكىن مەندە نېمە ئامال ؟ ئوقۇشنى تاشلامدىمەن ؟ ياق ! ئوقۇشنى تاشلىماسلىق ئۈچۈن يەنە شۇ پۇل تاپمىسام بولمايتتى . ھەر يىلى ياردەمگە بېرىلگەن پۇلدىن كەم قالغان ئوقۇش پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىۋالساملا ، ئايلىق تۇرمۇش پۇلۇمنى قىسىپ تۇرۇپ خەجلىسەم ، بەزىدە ھەتتا ئۆيگىمۇ پۇل سالالايتتىم . ئانام پۇلنى تاپشۇرىۋېلىپ ئىنىلىرىمنىڭ ئوقۇش خىراجىتىگە ئىشلىتەتتى . ئىنىلىرىم ماڭا يازغان ھەر پارچە خېتىدە " ئاكا ، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش تىرىشىپ ئوقۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمىز " دەپ ۋەدە بېرەتتى . بۇ ساددا ۋەدىلەر بولسا مېنىڭ يۈرىكىمنى ئېچىشتۇراتتى . 3p$?,0ELH  
pN, u`[  
  بىر قېتىم مەكتەپتىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە مېنىمۇ ئورۇنلاشتۇرغىنىنى ، بۇ پائالىيەتتە ھەقسىز تاماققا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ مەكتەپ ماشىنىسى بىلەن كۈتۈۋېلىشقا باردىم . ئادەتتە مەن كۆپ ئېغىر ئىش قىلىپ ئۆگىنىپ كەتكەچكىمۇ ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆتۈرەلمىگەن ساندۇق _ چامادانلىرىنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقىشنى مەن تالىشىپ تۇرۇپ قىلدىم . ^L,K& Jd  
  يېڭىدىن سېلىنغان مەكتەپ تارمىقى شەھەر سىرتىدا بولۇپ ، ماشىنىدا بىر سائەتتىن ئارتۇقراق مېڭىشقا توغرا كېلەتتى . مەن بولسام ماشىنا سەپراسى بولۇپ ، ئاپتوبۇس دېگەنلەردە ئۇزۇنراق ۋاقىت ئولتۇرۇپ قالسام ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ قەي قىلاتتىم . يېنىمدا ئولتۇرغان يېڭى كەلگەن قەشقەرلىك قىزچاق چىرايىمنىڭ ساماندەك سارغىيىپ جاۋغىيىمدىن سۇ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدى بولغاي ، سومكىسىدىن نان سالغان بىر سۇلياۋ خالتىنى ئېلىپ بېكارلاپ ماڭا تەڭلىدى . ,X?{07gH  
   مەن تەكەللۇپ بىلەن سۇلياۋ خالتىنى ئۇنىڭغا ئىتتىرىپ ، " ھېچ ئىش يوق " دېگىنىمنىلا بىلىمەن ، ئاغزىم ئېچىلىشى بىلەن تەڭ مەيدەم ئاينىپ ، غاررىدە ياندۇرىۋەتتىم . ئېتىلىپ چىققان قۇسۇق بولسا قىزچاقنىڭ ئۇزۇن پاچاقلىرىنى چىڭ ئوراپ تۇرغان قېنىق رەڭلىق پادىچىلار ئىشتىنىغا چاچرىدى . [DYQ"A= )d  
  ... !K#qeY}  
HRpte=`q  
  _ خاپا بولماڭ ، _ مەن بولسام ماشىنىدىن چۈشۈپ ساپ ھاۋادىن بىر نەپەسلىنىپ كاللام جايىغا كەلگەندە قىزچاقنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىماقتا ئىدىم . `](e:be}  
  _ ۋاي ھېچقىسى يوق ، _ دېدى قىزچاق قويۇق قەشقەر شەھىرى تەلەپپۇزىدىكى ئېرەنسىزلىك بىلەن ماڭىمۇ ئۇدۇل قارىماستىن ، _ سىلىمۇ قەستەن ئۇنداق قىلمىغان تۇرسىلا ، يەنە كېلىپ بۇ ئىشتانمۇ يولدا كەلگۈچە كىژ بولاپ كەتكەن . Do9x XK  
  _ ئۇنداقتا مۇنداق قىلايلى ، سىز ياتاققا ئورۇنلىشىپ قىلىپ بولغۇچە بىر كۈن ئۆتىدۇ ، مەن مەكتەپكە قايتىپ ئىشتىنىڭىزنى ئالغاچ كېتىپ ... قۇرۇق يۇيۇشقا ئاپىرىپ بېرەي . _ دېدىم مەن تولىمۇ ئوڭايسىزلىق ئىچىدە . l&[O  
  قىزچاق چەكچەيدى : "6A`q\  
  _ نېمە ؟! _ ئاندىن بىردەمدىلا قوڭغۇراقتەك جاراڭلىق كۈلۈپ ، _ ھاھ ھاھ ھاھ ، قىززىقچىكەنلا ، ئوغاۋالا ئـەكەكتەك گەپ قىلسىلا ، ھېچنېمە بولمايدۇ دېگەندىكىن بولدى ، مەن خاپا بولمىدىم . g/4[N{Xf  
pG_;$8Hc  
  شۇ ئوڭايسىزلىق ئىچىدە ياتاق بېناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىمىزنى بايقىدىم . ئىشىككە ياتاق بېناسى يېڭى رېمونت قىلىنغان بولغاچقا ، كارىۋات ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنىڭ تېخى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولالمىغانلىقى ، يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئامبىرىدىن چۇۋۇقلۇق كارىۋاتلارنى ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن ئۇقتۇرۇش چاپلانغان ئىدى . ]43/`FX  
  مەن قىزچاققا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ، خۇددى ئۆزۈم يېڭى كەلگەندە تىزىملاتقاندەك ھېلى ئۇيان ھېلى بۇيان چېپىپ يۈرۈپ نەرسە-كېرەكلەرنى غەملىدىم ، كارىۋاتنى 3-قەۋەتكە توشۇپ جايلىدىم . pR<`H'  
  شۇنداق قىلىپ بېكار بولغۇچە قۇياش بىر چەتكە قايرىلىپ كەچ كىرگىلى تۇرۇپتۇ ، ئۆزۈممۇ چېكەمدىن ئاققان تەرلەر مەڭزىمنى نەمدەپ ، دۈمبەمدىن ئاققان تەرلەر مايكامنى ھۆلدىگۈچە ئىشلەپتىمەن . #{0HYg?(f  
  قىزچاق ماگېزىندىن مۇزدەك كوكا-كولا ئەكېلىپ ماڭا سۇندى ، ۋاھ ، كولا دېگەن ساماۋىي مەھسۇلات-دە ، ئەپسۇس ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى شۇ تۇنجى قېتىم كولانى پۈتۈن قۇتىسى بىلەن بىر ئىچىشىم ئىكەن . KV91)U  
  قىزچاق بۇژۇلداپ ئېتىلىپ چىققان كولانىڭ يۈزلىرىمگە ، مەيدەمگە چاچراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەنە قوڭغۇراقتەك ئاۋازدا قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى : _!#@@O0p/h  
  _ ھاھ ھاھ ، ۋىيېي ما بالىنى ، بۇنچىۋالا ئۇسساپ كەتكەنلىرىنى بىلگەن بولسام ، مېنېرال سۇ ئېلىپ كېلەركەنمەن ... 3F"lXguS  
  ... cbjs9bu  
   شۇنداق قىلىپ كەچتە بىر ۋاخ كەچلىك تاماقنى بىرگە يېدۇق . ئاندىن مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن مەكتەپكە قايتتىم . T}Tp$.gB  
  مانا بۇ قىزنىڭ ئىسىمى گۈلزار . يەنى مېنىڭ مۇھەببىتىم گۈلزار ، بىراق بۇ كېيىنكى ئىشلار . VO5#Qgen  
  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ مېنى شۇ كۈندىن باشلاپلا ياقتۇرۇپ قاپتىكەن . ئۇ مېنىڭ ساددىلىقىمنى ، سەمىمىي ۋە جىمغۇر ئىكەنلىكىمنى ياخشى كۆرىدىكەن . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇ يەنە ھەممىدىن مېنىڭ شۇ خۇددى بىر چوڭقۇر سىرى بار كىشىدەك جىمغۇر ھالىتىمنى ياخشى كۆرىدىكەن . ,O5NLg-  
  ئەمەلىيەتتە ، ئۇ كۈنى تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بولۇپ ، " بىر ھەپتىلىك تۇرمۇش خىراجىتىم يوق بولدى " دېگەن غەمدە ئويغا چۆككەن ئىدىم . ئۇنىڭ دەل مۇشۇ چاغدىكى " چوڭ سۈپەت " جىمغۇرلۇقۇمنى ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم . ئالىي مەكتەپتە قىز دوست تېپىۋېلىشنى ، يەنە كېلىپ بىر چىرايلىق شەھەرلىك قىزچاقنىڭ مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇپ قېلىشىنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغان ئىدىم . pp?D7S  
1y &\5kB  
   كېيىنچە ، گۈلزار مېنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى . ئۇ يەنە بىر قانچە قېتىم بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلاردىن مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىمنى سۈرۈشتە قىلغان ئىكەن . >tS'Q`R  
  ئۇ ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن مەكتەپكە كېلەتتى ، بەزىدە مەن دەرستىن چۈشكۈچە سىنىپ ئالدىدا ساقلايتتى . ئۇنىڭ دەرسخانا تېمىغا يۆلىنىپ ، بىر قولى بىلەن چېچىنى ئوڭشىغاچ بىر قولىدا تېلېفوندىكى ئويۇننى ئويناپ ، مېنى ساقلاپ تۇرغان ھالىتى كۆز ئالدىمدىن مەڭگۈ كەتمەيدۇ . جايىدا تۇرىۋېرىپ ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتلىرىدا كۈچەپ- كۈچەپ يەرگە تېپەتتى ئۇ . Yu/ID!`Z  
  مېنى ھەممىدىن تەسىرلەندۈرگىنى ، ئۇ ساۋاقداشلىرىمدىن سوراپ يۈرۈپ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىلىۋالغان ئىدى . شۇ يىلى تۇغۇلغان كۈنۈم ئۇ ناھايىتى چوڭ بىر دانە تورت ئېلىپ كېلىپ مېنى ئىزدىدى . ئۇ چاغدا مەن ھەتتا ئۆزۈمنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكىمۇ ئېسىمدە يوق ھالدا ، بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆيىدە ماتېماتىكا دەرسىدىن تەكرار قىلىپ بېرىۋاتاتتىم . ياتاقداشلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان شۇ كۈنى ياتاق بېناسى ئالدىدا تاكى كەچ سائەت 9 دا مەن قايتىپ كەلگۈچە ساقلىغان ئىكەن . ZmqKQO  
  ... uh_RGM&  
  مەن ياتاق بېناسى ئالدىدا ئۇنىڭ توڭلاپ كەتكەن ھالدا پۇتلىرىدا ھارماي يەرگە تېپىشلەپ ، ئىچىدە قايسى بىر ئاھاڭدا غىڭشىپ مېنى ساقلاپ تۇرغان ھالىتىدە ئۇچراتتىم . .8g)av+  
  _ يوۋ ... باركەنلا ھە ؟ _ مېنى كۆرۈپ قەھرىتان سوغۇق نەلەرگە تارقىغاندەك بولغان گۈلزار ، بىر قولىدا قىزىل رەڭلىك قەغەز كورۇپكىغا قاچىلانغان تورتنى كۆتۈرگىنىچە ، ئاپئاق قار ئۈستىدە ئويناقشىغان رەڭلىك كېپىنەكتەك ئالدىمغا كەلدى ، _ ھە ، نەگە كەتكەن ؟ قايسى قىز بىلەن تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگىلى كەتكەن ؟ )iX~}7  
  مەن ئۇنىڭ چاقچىقىغا كۈلمەستىن ، بەلكى ئۇنىڭ پاكلىق سىماسى ئەكس ئېتىۋاتقان چىرايىغا قاراپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى . جايىمدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم . QhFV xCA  
  كۆزۈمدىكى ياش شۇنچىلىك ئىسسىق ئىدىكى ، تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە ، ئانامدىن باشقا ھېچقانداق بىر كىشى ماڭا بۇنچىلىك ئىللىقلىقنى يەتكۈزۈپ باقمىغان ئىدى . مەن ئۇنىڭ قولىدىن تورتنى ئالغۇچە ، ئۇنىڭ ناۋاترەڭ يۇڭ پەلەي كىيىۋالغان قولىنى مەھكەم تۇتىۋالدىم . نېمىشقىدۇر ، بۇ بىر جۈپ قولنى قويىۋەتكۈم يوق ئىدى . جىددىيلىشىپ كەتكىنىمدىنمۇ ، ۋە ياكى نېمە سەۋەب بىلمىدىم ، بايىدىن بېرى جىيىكىمدە چۆرگىلەپ كېتەلمىگەن ياشتىن ئىككى تامچىسى ئەمدى يىپى ئۈزۈلگەن ئۈنچىدەك مەڭزىمدىن سىرغىدى . 0 JS?;fk  
  ئۇ يەرگە قاراپلا تۇراتتى ، بىر نېمىلەرنى دېگۈسى بار ئىدىيۇ ، يەنە ھېچنېمە دېيەلمەيتتى . ئالقىنىم ئىچىدىكى بىر جۈپ قولى يېنىك تىترەيتتى . پەلەي ئۈستىدىكى ئاپئاق قارلار ھارارىتىمىزدە ئېرىپ ، ئالقانلىرىمىز ئارىسىدىن چىپىلداپ تاماتتى . umfD>" ^I  
  ... 68|E9^`l  
   شۇنداق قىلىپ بىز مۇھەببەتلەشتۇق . مۇھەببىتىمىز شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى ، شۇنچىلىك پاك ئىدى . w(Ovr`o?9t  
  ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلى ، مەن بىۋاسىتە ماگېستىر ئاسپېرانتلىقى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم . مەكتەپتە ھېچقانداق دەرس بولمىغاچقا ، مەن گۈلزارنىڭ مەكتىپىگە يېقىن جايدىكى بىر ئېغىز كونا ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇردۇم . باشقىلار كەينىمىزدىن گەپ تاپاتتى ، " گۈلزار دېگەن رەسۋا خەق بىلەن نىكاھسىز بىر ئۆيگە كىرىۋاپتۇ " ، " ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلمەي مۇشۇنداق ئىش قىلغىلى كەپتۇ " دەپ گەپ تاپقانلارمۇ بولدى . گۈلزار يۇۋاش قىز ئىدى ، خەق بىلەن تەڭ تۇرمىدى ، مەنمۇ ئەپقاچتى گەپلەرگە پىسەنت قىلمىدىم . مەن سىرتتىن ئىش تېپىپ ئىشلىگەچ ، بېكار ۋاقىتلىرىمدا گۈلزار بىلەن ئۇلارنىڭ كۈتۈپخانىسىدا بىللە مۇزاكىرە قىلاتتىم . گۈلزار مەن بىلەن ئۇ بىر ئېغىزلىق ئۆيدە كەچ كىرگىچە بىللە بولاتتى ، ئاندىن ياتاق بېناسى تاقىلىشتىن بۇرۇن قايتىپ قالاتتى . بىز ئىپپەتتىن ھالقىمىغان ئىدۇق . + J{IRyBc  
  ئۇ  بەزىدە سىرتتىن كۆكتات ۋە گۆش ئېلىپ كېلىپ ماڭا تاماق ئېتىپ بېرەتتى . ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، ئۇ مەن بىلەن بىللە بولۇپ ئاندىن كۆمۈر قالايدىغان مەشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدا قانداق تاماق ئېتىدىغانلىقىنى بىلىپتۇدەك . شۇنداق ، باي ئائىلىلەر بۇ جاپانى بىلمەيدۇ ، بىراق بىزنىڭ سەھرادا بولسا ، ھەتتا ئەشۇ كۆرۈمسىز قاپقارا كۆمۈرنىمۇ ئېلىپ قالاشقا پۇلى يەتمەيدىغان ئائىلىلەر كۆپ . +^ac'Y)A  
  گۈلزار ئۆيىدىن ئېۋەرتىلگەن پۇللىرىنى مەن بىلەن تەڭ خەجلەيتتى . ئۇنىڭ ئۆيىدىن بىر ئايدا كەلگەن پۇلنى مەن ئۈرۈمچىدە بىر ئاي جاپالىق ئىشلەپمۇ تاپالمايتتىم . بەزىدە ئۆينىڭ ئىجارىسىنى تۆلەپ بولۇپ ، يېنىمىزدا كۆپ پۇل ئاشمايتتى ، گۆشسىز تاماق يېيىشكە مەجبۇر بولاتتۇق . مەنغۇ بۇنىڭغا خېلى كۆنۈك ئىدىم . بىراق گۈلزارغا ئىچىم سىيرىلاتتى . ئۇ بولسا كىچىكىدىن شەھەردە چوڭ بولغان ، دادىسى نەدە يېڭى ئېچىلغان تاماقخانىلار بولسا شۇ يەرگە ماشىنا بىلەن پۈتۈن ئۆيىدىكىلەرنى ئاپىرىپ تاماق يېگۈزۈپ كېلىدىغان باياشات ئائىلىنىڭ قىزى . ئەمدى مەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ كۆمۈر قارىسىدا قارىداپ كەتكەن مەلۇم خالتا كوچىسىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر كۈتلەك ئۆيدە ، مەشكە پۈۋلەپ ئوت قالاپ ، گۆشسىز سەيلەرنى يەپ ئۆتىۋاتاتتى . ~At7 +F[  
  ئۇ يەنە بەكمۇ خۇشال ئىدى . مەن بىلەن بىرگە بولغىنىدا ئۇنىڭ چىرايىدىن سۇلغۇنلۇق كۆرۈلمەيتتى . ئۇ تېخى بىزنىڭ ئۆيگە مېنىڭ نامىمدا 400 يۈەن  ئېۋەرتكەن ئىدى . q$UJ$ 7=f8  
(/YHk`v2  
  ئۇ مېنى بەكمۇ سۆيەتتى ، مەنمۇ ئۇنى بارلىقىم دەپ ھېسابلايتتىم . -IudgO]  
   ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە يېقىن ، ئائىلىسىدىكىلەرگە مەن بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ ئائىلىسىدە تىكەندەك يالغۇز بىرلا قىز ، بىرلا پەرزەنت ئىدى . شۇڭا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئىشقا تولىمۇ ئەستايىدىل قارىدى . ۋە ساۋاقداشلاردىن سوراشتۇرۇپ ئەھۋال ئۇقۇشقانمۇ بولدى .  dFc':|  
  گۈلزار بىلەن مۇھەببەت گۈلىمىزدىن چېچەك ئاچتىمۇ دەيلى ، بىراق ئۇنى خوتەندىكى شۇ يىراق سەھراغا ئېلىپ كېتەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بۇنىسى ناھايىتى كونكرىت ۋە روشەن رىئاللىق ئىدى . شۇڭا مەن ئاسپېرانتلىق ئوقۇشۇم تېخى ئاياغلاشماستىنلا مەمۇرلۇق ئىمتاھانى ئۈچۈن قەشقەر شەھىرىگە كەلدىم . qZh/IW  
  بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان گۈلزارنىڭ ئاپىسى ، گۈلزارنىڭ ساۋاقداشلىرىنى ئۆيگە مېھمانغا چاقىرتىشىنى ، ئارىسىدا چوقۇم مېنىمۇ چاقىرتىشىنى جىكىلەپتۇ . :kV#y  
   0> E r=,e  
   ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشتىن ئاۋۋال ، گۈلزار تېلېفوندا ماڭا قايتا-قايتىلاپ ئىددىيەۋىي تەييارلىقىم بولۇشىنى ئەسكەرتتى . دېمەك ، بۇ ماڭا مەمۇرلۇق ئىمتاھانىدىنمۇ مۇھىم ۋە كەسكىن كەلگەن ئىمتاھان مەيدانى ، بىر ھاياتلىق سىنىقى ئىدى . @4C% +-  
  ئۇلارنىڭ ئۆيى ناھايىتى ئېگىز سېلىنغان بىر ئولتۇراق بېنادا ئىدى . ئۆي ناھايىتى چوڭ ۋە ئىنتايىن ئېسىل بېزەلگەن ئىدى . راست گەپنى قىلغاندا ، يېگىرمە نەچچە يىل ياشاپ ، ئوردىدەك بېزەلگەن بۇنچە ھەشەمەتلىك ئۆينى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى . 1H`,WQ1mG  
  مېھمانخانىدا گۈلزارنىڭ ئوغۇل-قىز ساۋاقداش ۋە دوستلىرىدىن بولۇپ ئون نەچچە كىشى بولسىمۇ ، گۈلزارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزەرى مېنىڭ ئۈستى بېشىمدىن ئايرىلمايتتى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ دادىسى ، كۆزەينەك ئارقىدىكى قاپاقلىرىنى يېنىك تۈرۈپ ، ھەربىر ھەرىكىتىمگە سىنچىلاپ قاراپ تۇراتتى . مەن بولسام ئۈستۈمدىكى رېڭى ئۆڭگەن چاقماق كۆڭلەڭ ۋە كونىرىغان كۆك رەڭ پادىچىلار ئىشتىنىمغا قايتىدىن نەزەر سېلىپ ، بۇ كىيىملەرنىڭ قانچىلىك سەت ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلغاندەك ، ئىزادىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ ئاران ئولتۇراتتىم . پۇتۇمدىكى ئەتىگەن تېخى يېڭى كىيگەن پايپاق ئىزانىڭ ئۈستىگە ئىزا قوشقاندەك ، ئەمدىلىكتە ئۇچى تېشىلىپ پۇتۇم كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى . بۇ خىل باي-كەمبەغەللىك پەرقى ، بۇ خىل مۇھەببەت ، خۇددى كىنولاردىلا يۈز بېرىدىغاندەك كۆرۈنۈشلەر ، مانا ئەمدى بېشىمغا بىردىن-بىردىن كەلمەكتە ئىدى . S@tLCqV4  
   Z\rwO>3  
  مېھمان تارقاپ ھەممەيلەن قايتقاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ دادىسى باشقا ئۆيدە تۇرۇپ بوش ئاۋازدا مېنىڭ قېلىشىمنى ئىشارە قىلدى . بۇ كىشى تولىمۇ سۆزى تۈز كىشى ئىدى ، شۇڭا گەپنى ئارتۇق ئەگىتمىدى . gVuFHHeUz  
  _ بالام ، مەن دېمىسەممۇ ئۆرپ-ئادەت ، جەمئىيەت قائىدە - يوسۇنلىرى ۋە ھازىرقى توي-تۆكۈن ئەھۋاللىرى دېگەندەكلەردىن سېنىڭمۇ خەۋىرىڭ بار . بەزى ئەمەلىي ئىشلار يەنىلا ئەمەلىي يوسۇندا بولىدۇ ، كىشىنىڭ مۇھەببىتى ياكى ئىرادىسىگە تايىنىپلا روياپقا چىقىدىغان ئىش يوق . گېپىمنى چۈشەندىڭمۇ ؟ _ دېدى گۈلزارنىڭ دادىسى كۆزەينىكىنى بىگىز بارمىقىدا ئۈستىگە تارتقۇشلاپ تۇرۇپ . {S \{Ii6  
  _ شۇنداق ... _ ئاۋازىم ئىنتايىن بوش ئىدى . Ix}sK"}[n  
  _ قىزىمىز بىلەن بولغان ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەر تاپتۇق ، بىز قارشى تۇرىمىز دېيەلمەيمىز ، چوڭ بولۇپ قالدىڭلار . _ دېدى ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ، _ قىزىمىز گۈلزار كىچىكىدىن ئەركە چوڭ بولغان ، جاھاننىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى كۆرمىگەن ، نازۇك بىر تاللا پەرزەنتىمىز ئىدى . بۇندىن كېيىنمۇ ئۇۋالچىلىق تارتىپ قېلىشىنى ھەم بىز ئاتا ئانا بولغۇچى خالىمايمىز . بالام ، سېنىڭچە سەن بىر قىزنى ، گۈلزار دېمەيلى ، ھەر قانداق بىر قىزنى ھازىر شۇنداق ئېغىر-يېنىكلەردىن ساقلاپ ياخشى كۈنگە ئېلىپ چىقالامسەن ھازىرقى ئەھۋالىڭدا ؟ 372rbY  
  ئەمدى راستتىنلا چىدىيالماي كۆزۈمدىن ياش ئەگىدى . بىراق چوپچوڭلا بىر ئەركىشى بۇنداق قىلسام بولمايدۇ . يەرگە قارىۋالدىم ۋە ئاستا بېشىمنى چايقىدىم . t?gic9q  
  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : re<{>  
  _ گېپىمنى ئېغىر ئالما بالام ، قايتىپ كېتىپ ئوبدان ئويلان ، بىزگىمۇ بۇنداق گەپلەرنى قىلىش بەك تەس كېلىدۇ ... P+sW[:  
   D_7,m%Z:  
  " ماقۇل ، خوش " دېگىنىمنى بىلىمەن ، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كېتىۋاتقۇچە ئىچكىرى تەرەپتىن گۈلزارنىڭ پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتكەن ئاۋازى قۇلىقىمغا ئاڭلاندى . ئىتتىك قەدەم بىلەن لىفتقا چىقتىم ، بۇ ئازابلىق ۋە ئىزالىق بېنادىن ، بۇ كارېدوردىن مۇمكىن بولسا بىر دەقىقىدىلا يوقالغۇم كەلدى . }.(B}/$u  
  مەن چۈشكەن ياتاققا بارغۇچە بولغان يولدا قايتا-قايتىدىن ئويلاندىم ، يۈرىكىم ئېچىشتى ، مېڭەم پارتلاپ كەتكۈدەك ئاغرىدى . 33q}CzK  
  "توغرا ، مەن بىر كەمبەغەل ئادەم ، يىراق سەھرادىن كەلگەن بىر ستۇدېنت ، مېنىڭ ئۆز قىز دوستۇمغا بېرەلەيدىغىنىم پەقەت مۇھەببەت . شۇنداق ، پەقەت مۇھەببەتنىلا بېرەلەيمەن . مەن كېلىپ چىقىشىمنى ئۆزگەرتەلمەيمەن ، بۇ ئۆزگەرمەس رىئاللىق . بىراق گۈلزار ... گۈلزار مېنى نېمىشقىمۇ ... نېمىشقىمۇ مېنى تاللىغان بولغىيتتى ... " `w Vyb>T  
  ئويلىغانسېرى كۆزۈمگە ياش كېلەتتى ، مەن كۈچەپ ياشنى كەينىگە باساتتىم ، چانىقىمدىن كەينىگە يانغان كۆز ياشلار بۇرنۇمنىڭ ئىچىنى ۋىژىلدىتىپ ئېچىشتۇراتتى . )&O%*@F  
   مەن مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم . گۈلزار بولسا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ، يەنە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى . ئۇ چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن تىل ئۆگىنىۋاتاتتى . am'7uy!ka~  
   بۇرۇنقىدەك ، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ، بىز بىزنىڭ مەكتەپتىكى كۈتۈپخانىدا بىللە ئۆگىنىش قىلاتتۇق . مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ۋاسىتىچى شىركەتلەر ۋە چەتئەلدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى توردىن ئىزدىشىپ بېرەتتىم . ئۇ ماڭا ئەركىلەپ بوينۇمغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ " چەتئەلگە بىرگە چىقايلىچۇ ؟! " دەپ يالۋۇراتتى . مەنمۇ ئىچىمدىكى چوڭقۇر ئازابنى يوشۇرۇن قاراڭغۇلۇققا تىقىپ تۇرۇپ ، " ماقۇل " دەپ جاۋاب بېرەتتىم . m(!FHPvN  
   q9_OGd|P  
  گۈلزارنىڭ ئانىسى بەزى ساۋاقداشلاردىن " گۈلزارنىڭ ئىپپىتى بۇزۇلۇپ بولغان " ، " خەق بىلەن بىر يىل ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغان " دېگەندەك ئاھانەتلىك پىتنىلەرنى ئاڭلاپ قالغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋە بىردىنبىر سۆز قىلىش سالاھىيىتىمنىڭ دەستىكى بولغان ئەخلاق ئوبرازىمۇ پۈتۈنلەي يوقالغان ئىدى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئانىسى تېلېفوندا يېنىش-يېنىشلاپ گۈلزارنى مەن بىلەن ئالاقە قىلماسلىققا جىكىلەيتتى ، گۈلزارغا كايىپ ئاچچىقلايتتى . 2ilQXy  
  مەن ھېچنېمىنى بىلمىگەن بولۇۋېلىشتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى . چۈنكى تېلېفوننى قويۇپ بولۇپ گۈلزارمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك " ۋىيېي ، مۇشۇ ئاپامنىزە ، ھەممە ئىشقا چېپىلىپ " دەپلا قوياتتى . بىزنىڭ ئايرىلغۇمىز ، بۇ مۇھەببەت رىشتىمىزنى ئۈزگۈمىز يوق ئىدى . h]gp^?=  
CdQ!GS<'y  
  گۈلزار چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالغاندا شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كەتتىكى ، مەنمۇ ئۇنىڭ خۇشاللىقى بىلەن شۇكۈنى پۈتۈن بىر كۈن خۇشال يۈردۈم . بىراق ئاخشىمى ، ئاندىن بىر خىل يوشۇرۇن ئازاب خۇددى قارا بۇلۇتتەك خىيالىم ئاسمىنىنى پۈتۈنلەي قاپلىدى . D,feF9  
  مەن گۈلزارنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدىم ، تېلېفوننى ئۇنىڭ ئاپىسى ئالدى . مەن ئەسلى ئۇلاردىن بىزنىڭ مۇناسىۋېتىمىزگە رۇخسەت قىلىشنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۆتۈنمەكچى ئىدىم . بىراق بۇ خىل غايىۋىي غەيرەت يەنىلا رىئاللىققا تەسلىم بولدى ، تېلېفوندىن ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى . مەن سالاممۇ قىلماستىن پەقەت بىر جۈملىلا سۆز قىلدىم : HZge!Yp<  
  _ گۈلزار چەتئەلگە چىقىدىغان بولدى ... _ ئاندىن تۇيۇقسىز كەلگەن يىغىدىن ئۆزۈمنى توختىتىش ئۈچۈن تېلېفوننى دەرھال قويىۋەتتىم ۋە كارىۋاتقا چىقىپ بېشىمنى چىڭ پۈركەپ يېتىۋالدىم . l_p2Riv  
rILYI;'o  
   S9.o/mr  
   مەن بىر كەمبەغەل ستۇدېنت ، مەن ئالىي مەكتەپتە قىز دوست تېپىشنى ئويلىشىپ باقمىغان . شۇنداق ، بۇلار مەن ئۈچۈن بىر چۈش ، مېنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس . بۇ مېنىڭ ، گۈلزارنىڭ ، ئىككىيلەننىڭ خاتا كىرىپ قالغان تۇيۇق يولى . e^voW"?%  
   مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ خەت يېزىشقا باشلىدىم : WyiQoN'q  
   " گۈلزار ، جېنىم ، مېنىڭ ھاياتىم ، مەن سېنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىم ساڭا ئايان . مەن ئۈچۈن جېنىمدىنمۇ قىممەتلىكسەن . بىراق مۇشۇ مىنۇتتا مەن سەندىن ئايرىلماقچى . مېنىڭ ئۆيۈم بىر نامرات سەھرا ئائىلىسى ، ئائىلىمىزدە قېرى بىر بوۋاي ، يەنە ئانام ، يەنە ئىككى كىچىك ئىنىم بار . مەن ئۇ ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ بولغۇچە ، 10 يىلنىڭ قارىسىنى ئېلىشى تەبىئىي . داداڭنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرى ھەقىقەتەن توغرا سۆزلەر . رىئاللىق مېنى مۇشۇنداق تاللاشقا مەجبۇر قىلدى . ئىككىيلەن بىرگە ياشاشقا مۇناسىپ كەلمەيدىكەنمىز ، بىز دەسلەپتىلا خاتالاشقان ئىكەنمىز . مېنى كەچۈر ، ياق ياق ، مېنى كەچۈرەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن ، بىراق مېنى ، مەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى تېزراق ئۇنتۇپ كەتسەڭ ... " x%B%f`]8  
   > (<f 0  
   ئۇ خەتنى كۆز ئالدىمدىلا ئوقۇدى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىب بولۇش ئۈچۈن قېچىشقا تەمشەلگىنىمدە بىر قولۇمدىن مەھكەم تۇتىۋېلىپ تۇرۇپ پۈتۈن ئوقۇپ تۈگەتتى . /n&&Um\  
  خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن گۈلزار قاتتىق يىغلىدى ، يۈزلىرىمگە تەستەكلىدى ، قوللىرىمنى چىشلىدى ، پۇتلىرىمغا تەپتى . ئاخىرى ھالسىراپ يول بويىدىكى بېتۇن قىردا ئولتۇرغىنىچە بېشىنى چۆكۈرۈپ ئېسەدەپ ناھايىتى ئۇزۇن يىغلىدى . PKz':_|  
R;LP:,)  
2 %]X+`+O  
  ئېھ ، سۆيۈملۈك قىزچاق ، قەشقەرنىڭ ئانارىسەن . كۆزلىرىمدىن ئۇچقىن ، يىراقلاپ كەت . سەندىن ئايرىلغان كۈنلەردە سۆيگۈمىز خەنجەر بولۇپ يۈرىكىمگە قادالسىمۇ ، ئەسلىمە ئۈرۈمچىنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدىكى لەپىلدىگەن قارلاردەك زىممەمنى باسسىمۇ ، مەندىن يىراقلاپ كەتكىن . كەينىگە قارىما . QJ;2ZN,  
  چۈنكى ، مەن سېنى ھەقىقەتەن ھاياتىمدىن قىممەت كۆرۈپ سۆيىمەن . u3 D)M%e  
x+]"  
['D]>Ot68  
   گۈلزار كەتتى ، ھايات داۋاملاشماقتا . بىز باشقا بىر جۈپلەردەك " ئايرىلغاندىن كېيىن دوست بولۇپ قالايلى " ، " مەڭگۈ ئالاقىلىشىپ تۇرايلى " دېگەن ۋەدىلەرنى بېرىشمىدۇق . گۈلزار ھەتتا خەتنى كۆرۈپ بولۇپ ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى . /$m;y[[  
  مەن بەزىدە خەنزۇچە ، بەزىدە ئۇيغۇرچە بۇ مۇھەببەت ھېكايەمنى نەچچە خىل ھېس-تۇيغۇلار ئىچىدە يېزىپ تۇردۇم . مەن مۇشۇ ھېكايىنىڭ ئىچىدە ئېزىقىپلا قالدىم ... a+QpM*n7Lq  
  لېكىن مېنىڭ گۈلزارنى يەنە بىر رەت كۆرگۈم بار ، يىراقتىن ، ئۇ مېنى كۆرمەيدىغان يەردىن ، ئۇنىڭ قار گۈللىرى ئارىسىدىكى رەڭلىك كېپىنەكتەك ئويناقشىپ ئۇچقان ھالىتى كۆرگۈم بار ... q^nVN#  
zuCSj~  
2g<Xtt7+o  
ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ  رازىلىقى بىلەن يوللاندى 7>RY/O;Z,  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-03, 20:52
 
قەلىپداش007
keroran~kizi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11278

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1100 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   110 (قېتم)
 تۆھپە:   110  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 241
 سائەت
دەرىجىسى:
241 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-02
ئاخــىرقىسى:2012-10-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-03

ئەگەر  ياشلىقىمىزدا  بايلىقنىڭ،پۇل-مالنىڭ  ھەقىقى  بايلىق  ئەمەسلىكىنى پەقەت تىرىشچانلىق  بىلەن بەخىت  يارىتىشنىڭ  ھەقىقى  بايلىق  ئىكەنلىكىنى  تۇنۇپ  يېتەلىگەن  بولساق  ،نۇرغۇنلىغان خاتا  بېسىلغان  قەدەملەرنى بەلكىم KSvE~h[#+  
باسماس  بولغىيتتۇق  ....
ser
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7178

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   113 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6052 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   605 (قېتم)
 تۆھپە:   605  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 39
 سائەت
دەرىجىسى:
39 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-04
ئاخــىرقىسى:2013-07-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-04


13289074848   ھەبىبە  تېلىفۇن قىېلىڭ
wissal@131

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5259

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   813 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   35004 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3512 (قېتم)
 تۆھپە:   3512  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5950
 سائەت
دەرىجىسى:
5950 سائەت 340 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-15
ئاخــىرقىسى:2013-09-15
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-04

ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ بۇ ھىكايە A>0wqT  
بۇ دۇنيادا مۇشۇنداق ئىشلار بولمىسا بولمايدىغانمىدۇ مەنمۇ مۇشۇندا ئىشقا ئۇچۇرغان **RW9FU  
ھەي بولدىلا ھايات دىگەن شۇ بەزى كۈلۈپ بەزى يىغلاپ CLQE@kF;  

ئىككى ئادەم بىلگەن ئىش مەخپىيەتلىك بولمايدۇ..........بۇ ھايات پەقەتلا بىر كۈن ئۇ بولسىمۇ دەل بۈگۈن
xatay

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1613 

 نادىرلانغان تېمىسى:   13 

 مۇنبەر پۇلى:   51007 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4231 (قېتم)
 تۆھپە:   4128  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7807
 سائەت
دەرىجىسى:
7807 سائەت 383 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-08
ئاخــىرقىسى:2013-09-11
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-06

مەن ئىككى يىل بۇرۇن ئوقىغان بۈ ئەسەرنى،يادىمدا بەك بار. قەشقەرلىك قىزنىڭ گەپلىرى...ھا ھا .. v)VhR2d3  
شۇنداق ياخشى بىر يىگىت مال دۇنيانىلا دەيدىغان قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرپىدىن بەخىتسىز قىلىنىپ قويغىنىغا بەك ئاچچىقىم كىلدۇ مېنىڭ
owqi450
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15216

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   125 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   13 (قېتم)
 تۆھپە:   12  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 166
 سائەت
دەرىجىسى:
166 سائەت 34 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-04-26
ئاخــىرقىسى:2013-05-02
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-26

ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىپتۇ بۇ تور بەتكە بۇرۇنراق ئەزا بولسام بوپتىكەن ھەي ئېسىت...
wijdan.k
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14891

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   51 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2706 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   272 (قېتم)
 تۆھپە:   272  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1618
 سائەت
دەرىجىسى:
1618 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-04-04
ئاخــىرقىسى:2013-09-04
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-27

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپ سز.قۇلىڭزغادەت.بەمىسۇن.ھازىرقى جەمىيەتتىن بۇنداق ياخشى قىزلانى تاپ ماق تەس
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى