باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2014 
  •    ئىنكاس 
       11 

ئۇنتۇلماس تارىخ

قەۋەت ئاتلاش
قىلىچ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10944

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   131 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9249 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   925 (قېتم)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2763
 سائەت
دەرىجىسى:
2763 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-17
ئاخــىرقىسى:2012-12-22

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى قولۇمغا ئالدى-كەينى مۇقاۋىسى يوق بىر كىتاب چۈشۈپ قالدى، كىتابنىڭ ئىچىدىكى بەتلەرگە مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلاب پىشىۋالىرىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن.كىتابنىڭ نامى"ئىنقىلابىي قۇربانلار ئەسلىمىسى"ئىكەن،ئەينى چاغدىكى غۇلجا شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتىت خەلق ئىشلار ئىدارىسى تۈزۈپ نەشر قىلغان ئىكەن.بۇ كىتابچىدىكى يۇقۇرقى قۇربانلارنىڭ تىزىملىكى مېنى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلدى،چۈنكى بۇ قۇربانلارنىڭ نامى بۇرۇن ھىچقانداق يەردە تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.بۇلارنىڭ نام-ئەمەلىدىن كۆپچىلىكنىمۇ خەۋەردار قىلىشنى لايىق تاپتىم،بۇ قۇربانلار پەقەت شۇ چاغدىكى ئوتيۈرەك قۇربانلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى خالاس. =F[lg?g  
سابىت بەگزات qa;EI ;8  
سابىت بەگزات1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 26يېشىدا مىللى ئىنقىلابىي ئارمىيەگە قاتنىشىپ،باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ،غەيرەت-شىجائەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.ئۇ 1945-يىلى سىنتەبىردىكى مەشھۇر جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. _DrnL}9I7  
   ياقۇپ ھەسەن ])68wqD  
مەرھۇم ياقۇپ ھەسەن 1926-يىلى غۇلجا شەھەر ئۈچدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئەمدىلا 18ياشقا كىرگەن ياقۇپ زەربىدارلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ،ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان.شىددەتلىك جەڭلەر داۋامىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. ئۇ 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ھەرەمبەغدىكى كەسكىن ئېلىشىشتا ئېغىر يارىلىنىپ،قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي،دوختۇرخانىدا قۇربان بولغان. ;$[VX/A`f  
   مۇخپۇل روزى @|]iSD&T#  
مۇخپۇل روزىمۇ1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزۋوت كوماندىرى بولغان.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش جېڭىدە ئالاھىدە جانپىدالىق كۆرسىتىپ،قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان،شۇ چاغدا تېخى19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى. -MUQ \pZ  
   ئەكبەر ئىبراھىم R>` ih&,)  
مەرھۇم ئەكبەر ئىبراھىم 1929-يىلى چاپچال جاغىستايدا تۇغۇلغان.1944-يىلى 15يېشىدىلا كىچىكلىكىگە باقماي ئىنقىلابىي قوشۇنغا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.مەرھۇم 1944-يىلى كۈزدىكى ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. ?^eJ:  
   ئىمىنجان مەخسۈت BMe72  
ئىمىنجان مەخسۈت 1920-يىلى قەشقەر كونىشەھەردە دۇنياغا كەلگەن. گۆدەك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا چىقىپ،قارادۆڭ مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان.1945-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى سىنتەبىردىكى شىخونى ئازاد قلىش جېڭىگە قاتنىشىپ،باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ،قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. bL#sn_(m  
   مۇ دېباۋ (خۇيزۇ) u`nt\OF  
  مۇ دېباۋ 1915-يىلى سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى قولىغا قورال ئېلىپ،ئىنقىلاپقا قاتناشقان.شۇ يىلى11-ئايدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. !HbqbS22  
   مامۇت ئېلىيۇپ &boj$ k!g[  
مامۇت ئېلىيۇپ1920-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن.1945-يىلى كۈزدە ماناس دەرياسى بويىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان. "@aq@mY@  
   مۇھەممەتجان t4C<#nfo  
مەرھۇم مۇھەممەتجان 1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،كۆپ جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇھەممەتجان 1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. r=xTs,xx  
   مۇھەممەت ئەلى Dg1kbO=2  
مەرھۇم مۇھەممەت ئەلى 1927-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ ئالاقىچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.شىددەتلىك جەڭلەردە يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقتىن قورقماي ئالاقىچىلىق قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن.ھەرەمباغ سوقۇشىدا ئۆزىنىڭ ياش غۇنچىدەك ھاياتىنى خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان. z0=Rp0_W  
   شىريازدان خالىق j\%?<2dj=  
شىريازدان خالىق 1908-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ تەقدىرلەنگەن.غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان. cH+h=E=  
   توختاخۇن قادىر NKupOJJq  
مەرھۇم 1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا 19يېشىدا قۇربان بولغان. nNd`]F^U  
   ھاجى ئەيسا a3b2nAIl  
مەرھۇم 1901-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتناشقان،ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان 4r68`<mn[  
  خۇداۋەردى R4z<Xf:!  
مەرھۇم خۇداۋەردى1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى دىكابىردا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭلەردە پىداكارانە خىزمەت كۆرسىتىپ،1945-يىلى سۈيدۈڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان. Y&K<{ KA\4  
   مۇھەممەت ئىمىن b#?ai3E  
مەرھۇم مۇھەممەت ئىمىن 1917-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلىدىكى شىخو چوڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. c4!c_a2pS  
   مۇتەللىپ {<''OwQF~+  
مەرھۇم مۇتەللىپ 1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى دېكابىردا 16يېشىدا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. k;"R y8[k  
   ھۆسەيىن(خۇيزۇ) 1B9Fb.i  
مەرھۇم ھۆسەيىن 1924-يىلى 5-دېكابىردا غۇلجا شەھەر ئالتۇنلۇق مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى نويابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.1945-يىلى شىخو ۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. twYB=68  
   مۇختار خېلىل zR3lX}g  
مەرھۇم مۇختەر خېلىل 1912-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. vy2*BTU?  
   نىيازوپ 0x3 h8fs  
مەرھۇم نىيازوپ 1924-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇنلىغان غەلىبىلىك جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.1948-يىلى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. :uU]rBMo  
   ئىبراھىم u@:=qd=\  
مەرھۇم ئىبراھىم 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،ئىقىلابىيتەشۋىقات ئىشلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بارغان .يىل ئاخىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. $,z[XM&9)  
   تۇرسۇن توختى 4cErk)F4  
تۇرسۇن توختى 1925-يىلى غۇلجا شەھەر قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.19يېشىدا ئىنقىلابقا قاتناشقان.1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قاتتىق ئېلىشىش بولغان لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. r+V(1<`2X  
   ئابدۇرېھىم موللاخۇن 8IT_mjj  
مەرھۇم ئابدۇرېھىم موللاخۇن1929-يىلى غۇلجا شەھەر قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ،1946-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتناشقان.نۇرغۇن شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،1949-يىلى 9-ئايدا شىخودا باندىتلارنى تازىلاش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. 6>LQGO  
   روزىيۇپ ئابدۇراخمان kERaY9L\  
مەرھۇم روزىيۇپ ئابدۇراخمان 1920-يىلى غۇلجا شەھەر سۇدەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 12-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. ycAi(K  
   شاكىرجان زاھىر LfjS[  
مەرھۇم شاكىرجان زاھىر 1928-يىلى غۇلجا شەھەر ئايدۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1949-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،1953-يىلى11-ئايدا ئالتايدا باندىت تازىلاش سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. 2Xj-A\Oh~  
   ھەمرا غۇلام eqUn8<<s  
مەرھۇم ھەمرا غۇلام 1895-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ ناغرىچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،يىل ئاخىرىدا غۇلجا ئايرۇدۇرۇمىدا بولغان سوقۇشتا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. #(7RX}  
   ھۈسەنجان ھېبىبۇللا %;B(_ht<-w  
مەرھۇم ھۈسەنجان ھېبىبۇللا1915-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. QF.wtMGF&  
   تۇرسۇن تاجى wJ]$'c3  
مەرھۇم تۇرسۇن تاجى1930-يىلى موڭغۇلكۇرەدە تۇغۇلغان.1948-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،روتا كوماندىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان.1950-يىلى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىدىن گومىنداڭ قالدۇق كۈچلىرى تۇتۇپ كەتكەن. [(e`b  
   غوپۇر ۋىلەم (EF$^FYPK  
مەرھۇم غوپۇر ۋىلەم 1914-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،غۇلجا لەڭشاڭ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. \<MTY:  
   ئىمىن مۇھەممەت "6 Hj ji@A  
مەرھۇم ئىمىن مۇھەممەت1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلۇپ،كىچىگىدىلا ئىلىغا چىقىپ،غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان.1944-يىلى نۇيابىردا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىل ئاخىرىدىكى غۇلجا ئايدۇرۇمىدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان. :+Je989\[C  
   داۋۇت كېرىم :#!F 7u  
مەرھۇم داۋۇت كېرىم1924-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قارادۆڭ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان.1945-يىلى يىل بېشىدىكى لەڭشاڭ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. 8-g$HXqs_#  
   بەختى #<V'gE  
مەرھۇم بەختى 1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە پىداكارلىق كۆرسەتكەن. 1945-يىلى كۈزدە مەشھۇر شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. 9787uj]Y}H  
   قاۋۇل مۆمىن b!tZbX#  
مەرھۇم قاۋۇل مۆمىن1930-يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى5-ئايدا گومىنداڭغا ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا گومىنداڭنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ،مىللى ئىنقىلابقا پىدائى بولۇپ قاتنىشىپ،كۆپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ۋە ئودلىنىيە كوماندىرى بولغان.1945-يىلى ئاقسۇ كونىشەھەردىكى جەڭدە قەھرىمانلارچە قۇېبان بولغان. 8#JyK+NU  
   ئابدۇكېرىم (S93 %ii  
مەرھۇم ئابدۇكېرىم1914-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. ^~k FC/tQ  
   ئىسمايىل @m d^mss  
مەرھۇم ئىسمايىل1921-يىلى غۇلجا شەھەر ھاجىبولۇس مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇنلىغان جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ،خىزمەت كۆرسەتكەن.ئازادلىقتىن كېيىنمۇ كۆپلىگەن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.1955-يىلى بۆرىتالادا بىر مەجلىستىن قايتىپ چىقىشىغا غايىپتىن تەككەن ئوق بىلەن قۇربان بولغان. %RF   
   مۇخپۇللام Ita!07  
مەرھۇم مۇخپۇللام1921-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ ئالتەشۇئار مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ،1944-يىلى مىللى ئىنقىلاب سېپىگە قاتناشقان.نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ea;c\84_N  
   ئىلياس v?'k)B  
مەرھۇم ئىلياس1928-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن جەڭلەردە خىزمەت كۆرسەتكەن.ئىزۋوت كوماندىرى بولغان.1945-يىلىدىكى شىخو ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. si4=C  
   ھوشۇر مامۇت ھاجى )$.9Wl Q  
مەرھۇم ھوشۇر مامۇت ھاجى 1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان.شۇ يىلى يىل ئاخىرىدىكى ھەرەمباغ سوقۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. ]V7hl#VO  
   تۇرسۇن مۇسا \A"a>e  
مەرھۇم تۇرسۇن مۇسا1925-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتناشقان.نۇرغۇنلىغان شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،پىداكارلىق كۆرسەتكەن.1953-يىلى قۇمۇلنىڭ شىۋىرغان تېغىدا باندىت تازىلاش جەريانىدا قۇربان بولغان. N@tb^M  
   مەھەممەت رازىق lk'jBl%  
مەرھۇم مەھەممەت رازىق1926-يىلى جىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،نۇرغۇن خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن.1945-يىلىدىكى جىڭ ناھىيەسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. xGQ:7g+qu  
     خۇدابەردى جامال e"09b<69  
مەرھۇم خۇدابەردى جامال1919-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،بىر ئايدىن كېيىن ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان. 5%$kAJZC-  
   مامۇت ھېلىم vx,6::%]  
مەرھۇم مامۇت ھېلىم غۇلجا شەھىرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى 11-ئايدا مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى غۇلجا شەھەر ئاچالدا بولغان جەڭدە قۇربان بولغان. Cf 8 - %  
   سامساق ئەخمەت ?7dDQI7^(  
مەرھۇم سامساق ئەخمەت غۇلجا شەھرىنىڭ تۆپچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1945-يىلى 2-ئايدا مىللى ئىنىقىلابقا قاتنىشىپ،1946-يىلى مىللى ئارمىيە قارمىقىدا ئاقسۇغا چۈشۈپ،ئاقسۇدىكى جەڭدە باتۇرلارچە قۇربان بولغان. r+obm)Qtp  
   ئىسھاقجان UzRF'<TWf  
مەرھۇم ئىسھاقجان غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1945-يىلى 1-ئايدا گومىنداڭ جااللاتلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ ۋەھشىلەرچە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن. Kn]WXc|("  
   ئابدۇرېھىم ئىبراھىم T{Q&}`D)r  
مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئىبراھىم1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1945-يىلى مىللى ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ،سىنتەبىردىكى شىخو ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. jP]'gQ!-w  
   ساۋۇرجان مەرۇپ B)iJH  
مەرھۇم ساۋۇرجان مەرۇپ1926-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،شۇ يىلى دىكابىردىكى غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ^u<+tV  
   ئابلىمىت Sy~Mh]{E  
مەرھۇم ئابلىمىت1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ.1945-يىلى بۆرىتالا ئارشاڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. ld6@&34  
   ياسىن ئەخمەت  #pK)  
مەرھۇم ياسىن ئەخمەت1919-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،1945-يىلىدىكى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. P$yJA7]j;%  
   تۇرسۇن 4j{ }{  
مەرھۇم تۇرسۇن1918-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.1945-يىلى جىڭ ناھىيىسىنىڭ باجاخۇ رايونىدا دۈشمەن ئايرۇپىلانىنىڭ بومباردىمانىدا قۇربان بولغان. &!Vp'l\9  
   رەجەپ _!D$Aj  
مەرھۇم رەجەپ1907-يىلى3-ئايدا غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ،ئىزۋوت كوماندىرى،روتا كوماندىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن.1945-يىلى غۇلجا لەڭشاڭ ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. Y]Q*I\X  
   ئىبراھىمجان K} @:>;* 9  
مەرھۇم ئىبراھىمجان1919-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.1944-يىلى مىللى ئارمىيەگە قاتنىشىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا غۇلجا ھەرەمباغ سوقۇشىدا قۇربان بولغان. Z5K,y19/~  
   جانابى ئاللاھ يۇقۇرقى ئىسمى ئاتالغان ۋە ئىسمى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بارلىق قۇربانلىرىمىزنى شەھىدلىك ماقامىغا يەتكۈزسۇن،ئامىن! 4RNzh``u  
مەنبە:غۇلجا شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتىتى خەلق ئىشلار ئىدارىسى 1981-يىلى تۈزگەن"ئىنقىلابىي قۇربانلار ئەسلىمىسى"ناملىق كىتابچىدىن ئېلىندى. $Re%+2c  
1+Oo Qs  

تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-31, 08:19
 
ئەل غىمىنى يىمىگەن ئەر  -  ئەر ئەمەس  .
narmi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4211

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1206 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   48925 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4851 (قېتم)
 تۆھپە:   4843  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2627
 سائەت
دەرىجىسى:
2627 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2013-09-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-31

Mw< 1  
    مىللىي ئازاتلىق كۈرەشلەردە ۋەتەن-مىللەتنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئەكسىل ئىنقىلاپچىلار بىلەن قانلىق كۈرەش قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان،تارىخ بېتىدىن ئۇنتۇلماس ئورۇن ئالغان ۋەتەن-مىللەتنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرىنى تونۇشتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت...!
ilqinai
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   579 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29991 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2982 (قېتم)
 تۆھپە:   2982  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1132
 سائەت
دەرىجىسى:
1132 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-20
ئاخــىرقىسى:2013-09-08
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-31

j[m_qohd7  
  تارىخ بېتىدە شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان قۇربانلار ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ھاتات...!
ghaliba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11020

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   193 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9998 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1000 (قېتم)
 تۆھپە:   1000  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1314
 سائەت
دەرىجىسى:
1314 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-21
ئاخــىرقىسى:2012-12-14
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-01

نامەردلەر زامانىسىدا مەرتلەر ھامان قۇربان بولىدۇ.
باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن زىيان تارتقۇچى.
قىلىچ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10944

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   131 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9249 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   925 (قېتم)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2763
 سائەت
دەرىجىسى:
2763 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-17
ئاخــىرقىسى:2012-12-22
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-01

مەن مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن   .............. چۇنكى مىنىڭ،  چوڭ دادام ،ۋەتەن، مىللەت ئۈچۇن شەھىىد بولغان ئىكەن ... مەن چوڭ دادامنىڭ ئەسلىمە خارەكتىرلىك [مىللىىي ئارمىيە]  رەسىملىرنى ھەربىر كۆرگىنىمدە .. ئىچىم  بەكلا  ئچىشىپ  كىتىدۇ ...     جانابى [ ئاللاھ ]  بارلىق قۇربانلىرىمىزنى شەھىدلىك ماقامىغا يەتكۈزسۇن،ئامىن!
ئەل غىمىنى يىمىگەن ئەر  -  ئەر ئەمەس  .
amin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9135

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   244 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14903 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1430 (قېتم)
 تۆھپە:   1430  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 761
 سائەت
دەرىجىسى:
761 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-17
ئاخــىرقىسى:2013-06-24
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-02

پاھ قېلىچ سىز ئەسلى بىر شەھىتنىڭ نەسلىكەنسىزدە ؟ 0B!mEg  
باش رەسىمىڭىزمۇ بىر قەھرىمانغا ئوخشايدىكەن ، بوۋىڭىزنىڭ ئىزىنى باسقايسىز ......
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ، ئاللاھ سىنىڭ ئەھۋالىڭنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
قىلىچ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10944

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   131 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9249 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   925 (قېتم)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2763
 سائەت
دەرىجىسى:
2763 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-17
ئاخــىرقىسى:2012-12-22
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-02
5قەۋەتتىكى(amin) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

شۇنداق دوستۇم : [ ئاللاھ ] خالىسا  جىنىم ۋە قىنىم ئاناۋەتەنگە تەقدىم .
ئەل غىمىنى يىمىگەن ئەر  -  ئەر ئەمەس  .
KARLUK999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11121

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   122 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6685 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   670 (قېتم)
 تۆھپە:   670  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 213
 سائەت
دەرىجىسى:
213 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-24
ئاخــىرقىسى:2012-11-04
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-08


makanim0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7892

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   162 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9437 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   926 (قېتم)
 تۆھپە:   926  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 929
 سائەت
دەرىجىسى:
929 سائەت 111 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-18
ئاخــىرقىسى:2013-06-26
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-09

رەھمەت جۇما بۇرادەر ! ھەرتەرەپلىمە ئىزدىنىشلىرىڭىز كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ . سىز ئەسلىدە بىر كانكەنسىزغۇ ؟!
ماكانىم
KARLUK999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11121

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   122 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6685 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   670 (قېتم)
 تۆھپە:   670  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 213
 سائەت
دەرىجىسى:
213 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-24
ئاخــىرقىسى:2012-11-04
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-11

ai      xu    elhan  toram  yokap  katmgan  bolsa   ,  osman   islam  satkinlik  kilmgan   bolsa     bu  kixlarmu   inklabi   bolup   kalgan  bolati  kalati   a6"-,Kg  

تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى