باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       900 
  •    ئىنكاس 
       2 

ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئېجادىي پائالىيەتلىرى

قەۋەت ئاتلاش
قىلىچ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10944

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   131 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9249 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   925 (قېتم)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2763
 سائەت
دەرىجىسى:
2763 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-17
ئاخــىرقىسى:2012-12-22

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چۈنچى يېزىسى ساي بويى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. لۇتپۇللانىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھېزىم بولۇپ،مۇتەللىپ ئۇنىڭ بوۋىسى ئىدى. ھېزىم ئاخۇن شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن خەۋەردار،ئەرەپ،پارس تىللىرىنى بىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق موللا كىشى ئىدى. u}6v?!  
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1929-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە يەتتىسۇ دېگەن يەردىكى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئۇيغۇرچە،لاتىنچە يېزىقلاردا ساۋادىنى تولۇق چىقارغان ، شۇنداقلا مۇنتىزىم مەكتەپنىڭ«رەسىم»،«قول كۆندۈرۈش» دەرسلىرىدە رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرگەن.1931-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىلىغا كۆچۈپ كىلىپ نىلقا ناھىيىسىنىڭ دۆربىلجىن مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان. ئۇ چاغلاردا نىلقىدا يېڭىچە ئوقۇش ئورۇنلىرى بولمىغاچ،لۇتپۇللا بىر موللىنىڭ قولىدا دىنىي بىلىم ئالغان. *Zd84wRSj  
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدىكى تاتار مەكتىپىدە ئوقۇدى.ئۇ مەكتەپتە تاتار ئوغۇل-قىزلىرى ئوقۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر، قازاق،ئۆزبىك، قىرغىز، شىبە، خۇيزۇلارمۇ ئوقۇيتتى. مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات، ھېساب، تارىخ،ئالگېبرا، جۇغراپىيە، ۋە دىن دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاتارمەكتىپىگە كىرىشى بىلەنلا ئۆگىنىش ۋە مەكتەپ پائالىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ چېچەنلىگى،ئۆتكۈرلىگى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ھەممىدىن ياخشى ئوقۇدى. دەرستە تونۇشتۇرۇلغان ئابدۇللا توقاي قاتارلىق تاتار شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى يادلىۋىلىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.مۇئەللىملەرمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ زېھنىگە قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىمكانقەدەر كەڭ بىلىمگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ياردەملىرىنى ئايىمىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1936-يىلى تاتار مەكتىپىنى تۈگىتىپ رۇس مەكتىپىگە كىردى. AW5iV3  
لۇتپۇللامۇتەللىپ دۇچ كەلگەن پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشچان شارائىت ھەم ئۆزىنىڭ ھەممىگە قىزىقىدىغان تەبئىي تالانتى تۈپەيلىدىن، ئەينى چاغدىلا 27ھەرپلىك ئۇيغۇر يېزىقى،28ھەرپلىك ئەرەپ يېزىقى ۋە 32ھەرپلىك لاتىن يېزىقى، كېيىن بولسا تاتار، رۇستىللىرىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى. [6(Iwz?  
لۇتپۇللامۇتەللىپ ئائىلىسىدىكى ۋاقتىدىلا ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارى بولۇپ، خەلق ئېغىزئەدەبىياتىغا زور ئىشتىياق باغلىغانىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا تاتارۋە رۇس ئەدەبىياتىدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغابىرلەشتۈردى. بۇ ھال ئۇنىڭ سەۋىيە جەھەتتىن ئۆسۈشى ۋە بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى. yZ}d+7T}  
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1937-يىلىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلىرى «ئىلى گېزىتى»دە داۋاملىق چىقىپ تۇرغان. پىشقەدەم شائىرئەنۋەر ناسىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىركۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت جەھەتتە يۈكسىلىشىگە قىزغىن ياردەم بەرگەنىدى. 6&2LWaWMo$  
لۇتپۇللامۇتەللىپ 1939-يىلى سىنتەبىردە ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى ۋەئىبراھىم مۇتئىي قاتارلىق ئۇستازلاردىن بىلىم ئالدى. 1941-يىلى سوۋىت ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ تەرجىمانى سالاھىيىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلاندى. 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدىن 1943يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇشىنجاڭ گېزىتىدە «ئەدەبىيات گۈلزارى» مەخسۇس بېتى تەشكىللەپ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئەدىب، ئىلغار زىيالىيلارنى شىنجاڭ گېزىتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇردى ۋە شىنجاڭ گېزىتىنى خەلىققە روھىي ئوزۇقبېرىدىغان ۋە ئىلغار ئىددىيىلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇردى. ئىشتىنسىرىتقى ۋاقىتلرىدا بولسا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىتولىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى. i RmQ5ezk  
1943-يىلى شېڭشىسەي سوۋىت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شىنجاڭ مىقياسىدا ئىلغار دېموكرتىك زاتلارنى تۇت-تۇت باشلىنىپ كەتتى. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ مەرگىزىگە ئايلىنىپ قالغان لۇتپۇللامۇتەللىپكە ئاشكارا قول سېلىشقا ئامالسىز قالغان شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىر رەزىل پىلان ئويلاپ چىقتى. ئۇ بولسىمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنى بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدىن يوقىتىپ ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ تەسىرى يوقالغاندا ئاندىن قول سېلىش ئىدى. %6 =\5>  
1943-يىلىنىڭئاخىرىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئاقسۇغا يۆتكەپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى«ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرلىكىگە «ئۆستۈردى».لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ ئاقسۇغا ئەۋەتىلىشىنىڭ ھەقىقىي سىرىنى چۈشەندى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا ئۆزىگەيۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى چاندۇرماي ئورۇنداپ بولۇپ، ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلدى ۋە تەرتىپكە سالدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىچىدە نۇرغۇن گومىنداڭ پايلاقچىلىرى بارلىقىنى سېزىۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇئاقسۇ گېزىتىدە «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىيات سەھىپىسى تەشكىللەپ، ئاقسۇدىكى ئىلغار زىيالىيلارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. |k-XBp  
1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تېخىمۇغالجىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىللەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىلى تەرەپ بىلەن ئالاقە باغلاشقا باشلايدۇ ھەمدە ئۆز يېقىنلىرىدىن مۈنىرىدىن خۇجا قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» دېگەن بىر ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ. 1945-يىلى يازدا مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۇجۇم باشلىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرى بىلەن خەلقنى قوزغىتىپ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشقاتەييارلىق كۆرمەكچى بولغاندا بۇ خەۋەر ئىتتىپاق ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان گومىنداڭ غالچىلىرى تەرىپىدىن گومىنداڭ تەرەپكە يەتكۈزۈپ قويۇلدى. گومىنداڭ جاللاتلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرى ۋەباشقا بىر بۆلۈك بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئالدى.1945-يىلى 18-سېنتەبىر مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ھارپىسىدا گومىنداڭ جاللاتلىرى ئۇنىڭغا زەھەرلىك قولىنى سېلىپ ئىسسىق قېنىنى تۆكتى! ئۆلۈم ئالدىدا ئۇ بارمىقىنى چىشلەپ قان چىقىرىپ تۈرمە تېمىغا مۇنۇلارنى يېزىپ قويغانىدى : &A50'8B2A  
W7G9Kx1Y  
+p/1x'J  
}_46y*o8  
بۇ كەڭ جاھان مەن ئۈچۈن بولدى دوزاخ، 6 `puTL?  
ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قانخور ئەبلەخ! MguL$W&l  
Sry,@p)  
-ID!pTvW  
ئوتيۈرەك شائىر ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۇققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ ، كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىيەتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . 2bA#D%PHD  
لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت 23يىل ياشاپ توققۇزيىل ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان بولسىمۇ بىراق ئۇ،‹‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت›› ‹‹يىللارغا جاۋاب››،‹‹خىيالچان تىلەك››،‹‹ چىمەنگۈل ››،‹‹چىن مودەن››،‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ›› …قاتارلىق شېئر ،فىلىيەتون،ئوپىرا،دىرممىلىرى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى.ھەم ئىجادى ھاياتىدا لۇتۇن،ل.مۇتەللىپ،قاينام ئۆركىشى،سەنئەت خۇمارى قاتارلىق ئىسىم،تەخەللۇسلارنى ئىشىلىتىپ شۇدەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. <%,'$^'DS  
ئۇنداقتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ئىسىم ۋە تەخەللۇسلارنى نېمە زۆرۈريەت ۋە سەۋەبلەر بىلەن ئىشلەتكەن .تۆۋەندە مەن بۇ،توغرۇلۇق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. 2lz{_9  
لۇتۇن-لۇتپۇللا مۇتەللىپ يۇرۇق دۇنيا غا كۆز ئاچقاندا،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنۇڭغا ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى لۇتپۇللا ئىدى.ئەمما بۇئىسىم ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە‹‹لۇتۇن››دەپ قوللۇنىلدى.ئۇ،دەسلەپ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدا،كېيىنچە مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىكلەر ئارىسىدا ۋە بارا-بارا ئۇمۇملىشىپ ساۋاقداشلىرى،تەڭتۇش ئەل-ئاغاينىلىرى ھەتتا لۇتپۇللا ئارىلىشىدىغان ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىق زىيالىلارمۇ ئۇنى ئاتايدىغان خاس ئىسىمغا ئايىلىنىپ كەتتى.لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ بۇئىسىمنى بەزى شېئىر مىسرالىرى ئارىسىدا ئىشلەتكەن بولۇپ،بۇئىسىم ‹‹مىللەتچىلەرگەزەربە››دېگەن شېرىدا مۇنداق كەلگەن. o8D{dS>,PL  
‹‹ئەي لۇتۇن! G)+Ff5e0L[  
ئۇيغۇر ئېلى باغىدا EX 9Z{xX  
ئۆزمىللىتىڭنى يارات، }1rvM4{/+f  
باشقىلارغا قاراپ كۆزئالايت›› F^sw0 .b  
دەپ ئۆگەتمەكچى ماڭا $eCGez<E  
قارا كۈچ،قارانىيەت، Kfd_uXL>  
ئۆچلۈك سالماقچى كۆڭلۈمگە… A5+5J_)*  
ياق!…مەن ئالدانمايمەن پەقەت… p)z-W(  
بۇئىسىمنىڭمۇ لۇتپۇللانىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىغا ئوخشاش كىشىلەر قەلبىدە يادلىنىپ ئۇلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشى، تىيانشاننىڭ جەنۇپ، شىمالىغا كەڭرى تارقىلىشى ئۈچۈن ئەلقەم ئەختەم،مۆمىن مۇھەممىدى، تۇرسۇن ئەرشىدىن… قاتارلىق يازغۇچى شائىرلىرىمىز ، ‹‹لۇتۇن››ماۋزۇسىدىكى ئەسلىمە،ھېكايە،پوۋىست ، شېئىرلىرى بىلەن كەڭرى مەيدان ۋە ئىللىق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولسا.يېقىندا يەنە،ئۈرۈمچىدە،‹‹لۇتۇن خەلىق ئارا سودا چەكلىك شىركىتى›› قۇرۇلۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن‹‹لۇتۇن››ماركىلىق سائەتتىن 365نى بازارغا سالدى.بۇنىڭ بىلەن‹‹لۇتۇن››دېگەن بۇئىسىمنىڭ ماركالىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى،سىرتىغا كەڭ تارقىلىشىغا شارائىت ھازىلاپ بەردى. Z%;)@0~f  
ل.مۇتەللىپ-بۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادى پالىيىتىدە ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىسىم بۇ ئەسلىدىكى ئىسىم فامىلىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،لۇتپۇللا بۇ ئىسىمنى بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىدا قوللاندى ھەم بۇ ئىسىم بىلەن‹‹ يىللارغا جاۋاپ››،‹‹مۇھەببەت ھەم نەپرەت››قاتارلىق ئۆلمەس شېئىر داستانلىرىنى ئېلان قىلدى. h+xA?[ c=  
لۇتپۇللا ئەينى چاغدا ئوقىغان مەكتەپلەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ،ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغائاتىسىنىڭ ئەمەس، چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىدىغان بولغاچقا لۇتپۇللامۇ بۇ،تەسىر تۈپەيلى ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھېزىمنى ئەمەس چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى مۇتەللىپنى فامىلە قىلىپ قوللانغان .ھەم چەتئەللەرگە ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ مۇشۇئىسىم بىلەن تۈنۈلغان. AI R{s7N  
قاينام ئۆركىشى-بۇ لۇتپۇللامۇتەللىپ ئىجادىيەتتە پىشىپ يىتىلىۋاتقان ھەم ئىجدىمائىي پالىيەتلەردە قايناق بىر باسقۇچقا كىرگەن مەزگىلىدە قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللامۇتەللىپ بۇتەخەللۇسنى 1939-يىلدىن1945-يىلغىچە ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇلاردا ياشىغان چاغلاردا يازغان شېئىرلىرىدا ئىشلەتكەن. 0k.v0a7%  
#'c%  
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن يېقىن دوسلاردىن بولۇپ1941-يىلى نويابىردا ئۇلار تەخەللۇس ئالماشتۇرغان.لۇتپۇللامۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىمگە‹‹ئۆتكۈر››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.ئۆتكۈر ئەپەندىم بولسا،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە‹‹قاينام››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.بىراق لۇتپۇللا مۇتەللىپ‹‹قاينام››غا‹‹ئۆركىشى››نى قوشۇپ ‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى قازاقىستاندا ياشاپ ۋاپات بولغان ئەخمەتجان روزى ئۆزىنىڭ‹‹ ل.مۇتەللىپ ۋە مەن››دىگەن ئەسلىمىسىدە‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن. تەخەللۇس توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ .لۇتپۇللامۇتەللىپ روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگەتەرجىمان بولۇپ قەشقەرگە بارغاندا،قەشقەرنىڭ بىرچەت رايۇنىغا چۈشۈپتۇ شۇرايۇندا ناھايىتىمۇ تېزئاقىدىغان بىردەريابولۇپ،ئاجايىپ قايناملىرى بار ئىكەن .قاينام سۇلىرىنىڭ ئۆركەشلىرى دەرەخ بويى ئۆركەشلەپ تۇرىدىكەن.شۇ قاينامنى كۆرۈپ لۇتپۇللا ئۆزىگە‹‹قاينام ئۆركىشى››دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپتىكەن. ( كىروران ژورنىلىنىڭ2007-يىللىق3-سانى) cLHF9B5  
گەرچە لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ‹‹قاينام ئۆركىشى››تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،لىكىن بۇتەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقالغان. مەرھۇم يازغۇچى،مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى،ئىجادىي پالىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىئوگىرافك رومانى ‹‹قاينام ئۆركىشى›› گەلۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەخەللۇسى بولغان قاينام ئۆركىشىنى ماۋزۇقىلغان بولۇپ جەمئيەتتە بەلگۈلىك تەسىز قوزغىدى ھەم بۇ تەخەللۇسنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقىلىشىغا ھەم قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى. $ {@q?iol  
سەنئەت خۇمار-بۇ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلنىڭ ئاخىرىدىن1943-يىلنىڭ باشلىرىغىچە يازغان ئەدىبىيات-سەنئەتكەدائىر بەزى ئوبزور،ماقالىلىردا قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپ1941-يىلى روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگە تەرجىما بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بارىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قەشقەر سەھنىلىرىدە ئوينىلىۋاتقان، ‹‹چىمەنگۈل››دىراممىسىنى كۆرۈپ، بۇ، دىراممىنىڭ ئوينىلىش جەريانىدىكى ئارتۇقچىلىق،كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەقسىتىدە‹‹چىمەنگۈل سەھنىدە››ناملىق بىر مۇلاھىزە ماقالىسى يازىدۇ . بۇ،ماقالە ھەم دىرامما ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇش مەقسىتىدە‹‹ سەنئەت خومار ››دېگەن تەخەللۇس بىلەن شۇچاغدىكى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ.كېيىن بۇ،تەكشۇرۈش ئەترىتىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، بۇ، گېزتنىڭ‹‹ ئەدەبىيات گۈلزارى››بېتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ھەم گېزىتتە ،ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ‹‹تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى››،‹‹سەنئەتكە مۇھەببەت››…قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىدۇ.بۇماقالىلارنىڭمۇ ئاپتۇرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىماي‹‹سەنئەتخۇمار›› تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىدۇ.گەرچە ‹‹سەنئەت خۇمار›› دېگەن بۇ،تەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىدەك كىشىلەر ئارىسىدا ئۇمۇملىشىپ كېتەلمگەن بولسىمۇ ،لىكىن ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى،ئاشىقانە مۇھەببىتىنى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن بەلگۈلۈك ئىلمىي قىممەتكە ئىگەئىكەنلىگى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ. Q-jf8A]  
V 1*Ad  
پايدىلانغان ماتىرياللار H)`@2~Y  
1. تۇرسۇن ئەرشىدىن: ‹‹تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز››شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنەشىرياتى 1994-يىلى 10-ئايدانەشىرى lD-V9   
0K/G&c?;=  
يىللارغا جاۋاپ prwC>LE  
y&y/cML?  
لۇتپۇللا مۇتەللىپ YsZ{1W  
Yg[ v/[]  
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ، W"dU1]  
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى. {x7=;-  
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ، phr2X*Z/)Y  
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى. i3D<`\;r  
RzpC1nd  
ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي، zIP[R):3&U  
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ. mm_^gQ,`  
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي، D*CIE\+  
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ. :-w@^mli  
`E{;85bDH  
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى، mr@_ %U  
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق، sP9^ IP  
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى، tDEXm^B2Sv  
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق. w}IL8L(D  
iPA@<D%  
يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ، 6].yRNy"  
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال. ,@}W@GGP)  
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ، imo'(j7  
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال. hCU)W1q#  
TjKzBAX  
بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ، + #|'|}j  
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى. 1j oc<EI  
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ، ^?H\*N4  
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى. L~^e\^sP  
~*66 3pA  
يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن، /.pa??u  
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ. e1f^:C  
قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن، rC=p;BC@dD  
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ. "cnG/{($*  
X}65\6  
كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار، UD Iac;vT  
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ. Vp- n(Z  
ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار، Og&0Z)%  
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ. [T$$od[.  
;-<<1Jz/2  
مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار، 9M-NItFos  
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا. `9G$p|6  
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار، Y/:Q|HnXQ  
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا q)zu}m  
woY)G7%  
قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا، *YE IG#`  
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا. ND99 g  
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا، :67d>wb  
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا. 9N3oVHc?  
,_X,V!  
ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا، 0I AaPz/e  
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا. 0UAr}H.:  
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا، 1>O0Iu  
كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا. 9#=IrlV4  
neMe<jr  
يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە، 7E84@V[\  
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.  OG<]`!"  
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە، l#(g&x6J  
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى. UVuuIW0k  
f>JzG,-  
يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ، <k8rSx n{  
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ. 7Bb@9M?i  
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ، qb/!;U_  
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب %4g4 C#  
vf'jz`Z  
تەسىراتىم )pj \b[  
,PtR^" Mf4  
PzG:M7  
لۇتپۇللا مۇتەللىپ `>HthK  
R(#;yn  
m=b+V#4i(  
ئوقۇپ ئەشئارلىرىنى غەرق مەست بولۇپ، _ 25]>D$  
تەسىراتىم چىنىسىگە تەسىرات تولۇپ. l`G:@}P>G  
B#lj8I^|  
كۆزۈم بىر نۇقتىغا قاراپ قېتىپ قالىدۇ، x=<>%m5R  
ۋۇجۇدۇم خىيال بەھرىگە پېتىپ قالىدۇ. Z%d4V<fn  
S`-IQ,*}  
يېپىپ كىتابنى ئۆزۈمگە سۇئال بېرىمەن، rW .0_*  
«نەۋايى قانداق بىر ئۇلۇغ ئادەمدۇر؟» دەيمەن. U9%nku4  
p 5w g+K  
قېنى شۇ نەۋايى؟ قېنى بىر كۆرسەم؟ FX%E7H  
مۇبارەك قوللىرىدىن ئۇنى بىر سۆيسەم. rI$10R$+H  
'KrkC A  
قاراپ تۇرسام «خەمسە»نى يازغاندا، +#9 (T  
قاراپ تۇرسام قەلەمدە گۆھەر قازغاندا. G*V7*KC  
<<6#Uz.1  
قاراپ تۇرسام پەرھادقا رەسىم سىزغاندا، -I<`!kH*  
قاراپ تۇرسام شېرىنگە گۈللەر تىزغاندا. g DIB'Y  
h{9 pr  
قاراپ تۇرسام بەھرامنىڭ قىياپىتىگە، Nzt1JHRS  
قاراپ تۇرسام گۈلەندەمنىڭ لاتاپىتىگە. s)=7tHoqB)  
M1\/ueOe  
قوي شائىر! سۆزلىمە جۆيلۈپ يوققا، T9yW# .  
نەۋايى كۆمۈلگەن ئەمەس تۇپراققا... jiDYPYx;I  
$Vh82Id^  
......... =<icHt6s  
......... HF:PF"|3  
f#14%?/  
ئۇنىڭ مازارىنى ھەربىر ۋاراقتىن ئىزدە، jrR~V* :k  
گۈمبەز قەبرىسىنى ھەر مىسرادىن ئىزدە. ?u|g2!{_  
&3efJ?8  
ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، J^T66}r[f,  
ئۇ ھەر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن. n1|%xQBU@  
h2nyP  
[F$3mzx  
1944-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇدا يېزىلغان l)Hu.1~  
(~#9KA1A}  
AWzpk }\  
q)/4i9  
چال ،سازەندىم qr*/}F6  
1/ a,7Hl  
(مۇخەممەس)  :JlJB  
1DX=\BWp  
ئاپتۇرى : لۇتپۇللا مۇتەللىپ hE;  
{0|^F!1z  
_مەشھۇر ناخشىلار ئىجاتچىسى ياش سازەندە زىكرى ئەپەندىگە بېغىشلايمەن   lr1i DwZV  
vXc<#X9  
چال سازىڭنى زوق بىلەن،تىنماي چال ،سازەندىم،   $V[ob   
ھەركىتىڭ تېتىك ،قوللىرىڭ مەجنۇن تال ،سازەندىم،   &0@2JS/!  
ناخشاڭ شىرىن ،تاتلىق سېنىڭ ،گوياكى بال،سازەندىم،   <_D+'[  
ياشلىقنىڭ زىلۋا چېغىدا،ئىجاد قىلىپ قال ،سازەندىم. `8L7pbS%,Q  
kWgxswl7H  
ئىجاد قىل ۋۇجۇدۇڭدا بار ئوبدان غەزەلنى ، mF"ctxE  
كۈرەشجان سەنئەت مەيدانىدا باشلىغىن بەلنى،   K\uR=L7  
سازلىرىڭ روھى بىلەن راست سۇغارغىن ئەلنى،   *b> ~L  
سەنئەتتىن مەۋجۇت قىل دولقۇنلۇق سەلنى، =|H/[",gg  
شادىمان ھاياتنىڭ قوينىدا ئوبدان ئەھۋال،سازەندىم.   mp}ZHufG  
,<%],-Lt[  
بۇ ۋەتەندە جاراڭلىسۇن نەغمەڭ ساداسى،   PQ1\b-I  
ھاۋالارغا ئۆرلەپ كەتسۇن مۇڭلۇق ناۋاسى، S/8xo@vct]  
تەسەددۇق ،خويما كەڭ كۈزەللىك دۇنياسى،   lE /"  
كونا مۇقاملار لەززەتنىڭ ئەڭ چوڭ باباسى، tlc&Wx  
ئوسۇش ،ئىجاس،يۈكسىلىشكە ئەپلىك ئامال،سازەندىم. ;|66AIwDe  
jytfGE:  
بىھۇدە يات كىرلەرنى تازىلىغاي ئېسىل سەنئەت،   uYF_sf  
ئىنكاسىدۇر ھاياتنىڭ،جان ئۈچۈن لەززەت،   PbCXcs  
ئىلھام بېرىپ ۋىجدانغا،تەۋرەتسۇن خسلەت،   'xhX\?mD  
سازەندىنىڭ قولىغا بەرمىسۇن ھېچ دەرت،   @32JMS<  
كۆڭۈل مەيلىنى سازىڭ ئىشقى قىلسۇن ئىشغال،سازەندىم. YEQ}<\B\&  
*o`bBdZ  
مۇقام-سەنەم،سەن بول بىر ئاشىق غېرىپ، %3|0_  
ئۇچرىشىشقا ئالدىرا ۋۇجۇدۇڭ بېرىپ،  5'Y @c  
مۇھەببەتنىڭ مەنزىلىدە يۈر كۆكىرەك كېرىپ، PohG y  
ھەر قەدەمدە ئۈنچە-مارجان،ياقۇتلار تېرىپ، <T,vIXwu+  
شانۇ-شەۋكەت زىمىنىدا ئوتۇر نىھال،سازەندىم. ]`b/_LJN$F  
mY+J ju1  
ۋەتەن،خەلق ئۈچۈندۇر دائىم بىزنىڭ ئېشىمىز، M|w;7P}  
ئازات تۇرمۇش ئاشنىسى بولدى ھەر بىر كىشىمىز،   nn5tOV}QE  
ھور مەقسەتلەر يولىدا بىزنىڭ ئوي ۋە پىكرىمىز، /PafIq  
ئىجات ئېتشتۇر ھارماي يېپ-يېڭىنى زىكرىمىز، w^6rgCl  
قوبۇل ئەيلەڭ شېئىرىمنى ،سىز بىمالال،سازەندىم. qcSlqWDk  
Z ]V^s8>  
شائىر ‹چال،سازەندىم›ناملىق بۇ مۇخەممەسنى 1944-يىل 9-ئايدا ھازىرقى مەشھۇر سازەندىمىز ۋە ئاتاقلىق مۇقامچىمىز زىكرى ئەلپاتتاغا بېغىشلاپ يازغان،گەرچە بۇ چاغدا شائىر لۇتپۇللا ئاقسۇدا،زىكرى ئەلپاتتا غۇلجىدا بولسىمۇ،ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتى شائىرغا زور ئىلھام بېغىشلىغان،شائىر ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئوپىراسى‹تاھىر -زۆھرە›غەزەللىرىگە ئاھاڭ ئىشلەشتە زىكرى ئەلپەتتانىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىدىن كەڭ تۈردە پايدىلانغان ئىدى. hd^?mZ  
A)/8j2  

تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-31, 08:19
 
ئەل غىمىنى يىمىگەن ئەر  -  ئەر ئەمەس  .
ilqinai
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   579 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29991 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2982 (قېتم)
 تۆھپە:   2982  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1132
 سائەت
دەرىجىسى:
1132 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-20
ئاخــىرقىسى:2013-09-08
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-31

>Mrz$z{x  
      ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى، htlsU*x  
     تۇلىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمىرى بىراق. ,t61IU3"  
      يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارقى، noh3mi  
  ياشلىق گۈلىدىن تۆكىلىدۇ بىر يوپۇرماق. f9&D0x?  
"p2 $R*ie  
   يالقۇنلۇق شائىرنىڭ بۇ مىسرالىرى تۇلۇمۇ جانلىق يېزىلغان.
ghaliba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11020

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   193 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9998 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1000 (قېتم)
 تۆھپە:   1000  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1314
 سائەت
دەرىجىسى:
1314 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-21
ئاخــىرقىسى:2012-12-14
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-01

يىللارغا جاۋاب دېگەن شېئىرنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك يادلىغان ئىدىم. aoI{<,(  
قىزلارغا قورۇق،ئەرلەرگە ساقال. ZK{VQ~  
دېگەن يېرىنى چاخچاققا ئارلاشتۇرۇپ كۈلۈشۈپمۇ قويغانتۇق.
باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن زىيان تارتقۇچى.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى