باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       313 
  •    ئىنكاس 
       1 

ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى

قەۋەت ئاتلاش
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15639 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1565 (قېتم)
 تۆھپە:   1565  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2397
 سائەت
دەرىجىسى:
2397 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
— بۇ تېمىنى AnaTuprak كىنو- فىلىملەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2012-08-30) —

ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى wa09$4>_w  
uGH?N  
=t0tK}Y+4  
S33j?+ Vs  
ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى __ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا پەيدا بولۇش ، راۋاجلىنىش ، تەرەققىي قىلىش ۋە مۇكەممەللىشىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى . «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى» ئۆزىنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا تەسىرى زور بولغان گۈللىنىش دەۋرلىرىنى بەرپا قىلىپ ، شۆھرىتى دۇنياغا يېيىلغان مەشھۇر ئەربابلار ، ئالىملار ، يازغۇچى ، شاىرلار كىتابلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىنى نۇرلۇق ئابىدىگە ئايلاندۇردى . بۇلاردىن كۇمراجىۋا ، تونيۇقۇق ، فارابى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرى ، ئەخمەت يۈكنەكى ، ئەلىشىر نەۋاى ، مۇھەممەت مىرزا ھەيدەر ، خىرقىتى ، زەلىلى ، ئەرشى ، ئابدۇرېھىم نىزارى ، مۇللا بىلال نازىمى ، تەجەللى قاتارلىق مۇتەپەككۇر ، ئالىم ، يازغۇچى ، شاىرلار كۈچلۈك پلسەپىۋىلىككە ئىگە بولغان ، دۇنياغا تەسىرى كۈچلۈك «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، «قۇدادغۇبىلىك» ، «ئەتەبەتۇل ھەققايىق» «خەمسە» ، «خەزاىنۇل ماانى» ، «تارىخىي رەشىدى» ، «زەلىلى دىۋانى» ، «دىۋان ئەرشى» ، «نىزارى داستانلىرى» ، «غەزەلىيات» ، «نۇزۇگۈم» ، «گۈل ۋە نەۋرۇز» قاتارلىق كىتاب ۋە ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرلىرىنىڭ شاھىدلىرىدۇر . ئۇلارنىڭ بۇ كىتابلىرى (ئەسەرلىرى) بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىپ ، كەڭ خەلق تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلماقتا . بۇ شەۋكەتلىك كىتابلاردىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، «قۇدادغۇبىلىك» ، مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەكىللىكىدىكى 11-ئەسىر ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولسا ، «خەمسە» بىلەن «خەزا ئىنۇل مەانى» ، «گۈل ۋە نەۋرۇز» 15-ئەسىر ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرلىرىنىڭ شاھىدلىرىدۇر . (ئابدۇراخمان باقى ) A#@_V'a8  
*|:Q%xr-  
J >0b1  
ئوغۇزنامە l&(l$@t  
7:=k`yS,  
-.I4-6~  
@'FE2^~Jj  
«ئوغۇزنامە» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قەھرىمانلىق ئىپوسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىپتىداىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يېزىلغان . ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆز جاسارىتىنى كۆرسەتكەنلىكى ، كېيىنكى قىسمىدا ئوغۇزنىڭ خان بولۇشى ، ئۇنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى بايان قىلىنغان . ئەسەردە مول تارىخى ۋە ئىتنۇگرافىك ماتېرىياللار بولۇپ ، ئۇنى قەدىمكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ بەدىئىي قامۇسى دەپ قاراشقا بولىدۇ . «ئوغۇزنامە» ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىراق قەدىمكى ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىنى ھەرقايسى تەرەپتىن مۇپەسسەل يۇرۇتۇپ بەرگەن . «ئوغۇزنامە» ئىپوسىنىڭ ئەسلى تېكىستىنىڭ تېرانسىپىكسىيىسى قىسمى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسى بىرگە ئىشلەنگەن ئەسەر بولۇپ ، بۇ كىتاب مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1981-يىلى نەشر قىلىنغان . (ئابدۇراخمان باقى ) K7TzF&  
yJx?M  
u0s8yPA  
|+,[``d>"  
ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى vXj<  
|AhF7Mj*  
cW8\d  
F _3:bX  
بۇنىڭدا «بىر تېكىن» ياخشىلىقنىڭ ، «يەنە بىر تېكىن» يامانلىقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان بولۇپ ، ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئوبراز ۋە ئىككى خىل خاراكتېرنى ئىنتايىن جانلىق ۋە يارقىن سۈرەتلەش ئارقىلىق ، ئاجىز بىچارىلەرنى ئازاب-ئوقىبەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىنتىلىشتەك يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيە قىزغىن مەدھىيىلەنگەن . شۆھرەتپەرەسلىك ، ھەسەتخورلۇق ، شەخسىيەتچىلىك ، قارانىيەتلىككە ئوخشاش ئىنسانىيەت ئەخلاقىغا زىت بولغان يامان ئىللەتلەر پاش قىلىنغان . رىۋايەتتە تەزۋىرلەنگەن چوڭ تېكىن بۇددا دىنىغا قاتتىق ئېتىقاد قىلىدىغان ، ئۇنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر بۇرچى ھېسابلايدىغان ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ، ساپ دىل ، سەمىمي ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ، كەمبەغەل ، ئاجىز ، بىچارىلەرنىڭ جاپادا قالغانلىقىغا چىداپ تۇرالمايدۇ . تىرىكچىلىكنى دەپ گۇناھ ھېسابلانغان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئازابلىنىدۇ . شۇڭا ئۇ ئاجىز-بىچارىلەرنى گۇناھتىن خالى قىلىش ئۈچۈن ، چىنتەمەنى ئەنگۈشتەرنى ئەكېلىشتىن ئىبارەت خەتەرلىك ئىشقا بەل باغلايدۇ . جاپا-مۇشەھقەتتىن ، ھېرىش-چارچاشتىن قىلچە قورقۇپ قالمايدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ، بىلىملىك ، دانىشمەنلىكى بىلەن بارلىق توسقۇنلارنى ، خېيىم-خەتەرلەرنى يېڭىپ چىقىدۇ . ئۇ ئاخىرىدا ھەقىقەتەن مۇددىاسىغا مۇۋاپىق نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ، كەمبەغەل ، ئاجىز ، بىچارىلەرنى ، تىلەمچىلەرنى ئاچارچىلىقتىن ، يالىڭاچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ۋە ئالچىشىغا سازاۋەر بولىدۇ . چوڭ تېكىن يۈكسەك خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيىسىگە ئىگە پارلاق غايىۋى ئوبراز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . رىۋايەتتە ئۇنىڭدىن باشقا تېكىننىڭ ئىنىسىنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ، ئۇ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ، ئىچى تار ، ھەسەتخور ، ئۆز شەخسىيىتى ، نام-شۆھرىتى ئۈچۈن ھەر قانداق پەسكەشلىك ، يامانلىق قىلىشتىن يانمايدىغان ئۇچۇغا چىققان شەخسىيەتچى ، قارانىيەت ، سۈيقەستچىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . «ئىككى تېكىن»نىڭ ھېكايىسى ناملىق بۇ ئەسەرنى قارا خوجا ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن سانسكرىت تىلىدىن ياكى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ . بۇ كىتاب 80 بەت ، ھەر بىر بېتىدە 7-8 قۇردىن خەت يېزىلغان ، 640 قۇرغا يېقىن ھەجىمگە ئىگە چوڭ ئەسەر بولۇپ ، ئۇ ھازىر پارىجھ مىللىي كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا . بۇ ئەسەر تېپىلىپ ئارىدىن 6-7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن (1914-يىللىرى) ، پىللىوت بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى . شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئەسەر ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى تۈركشۇناسلارنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى . ئۇلار بۇ ئەسەرنى دۇنيادىكى خىلمۇ-خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ ، خەلقئاراغا تونۇشتۇرغاندىن باشقا ، كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ، بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۇنىڭدىن قارىغاندا ئىككى تېكىن رىۋايىتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ، قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنى ، بۇددىزمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ، چۈشەنچىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى بىلىش ھەم تەتقىق قىلىشىمىزدا نەقەدەر قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . (ئابدۇراخمان باقى ) -Sv"gLB  
ئالىپ ئەرتۇڭا داستانى «ئالىپ ئەرتۇڭا» داستانى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخىي داستانى ياكى ئېپوسىدۇر . ئەسەر قەھرىمانى ئالىپ ئەرتۇڭا تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى ۋە خاقانىدۇر . قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۇنى «قاپلاندەك باتۇر» دېگەن مەنىدە ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ، تاجىك-پارىسلار «ئافراسىياپ» دەپ ئاتىغان . «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بۇ داستاندىن پارچىلار بېرىلگەن . «شاھنامە» ۋە «قۇدادغۇبىلىك» داستانلىرىدا ، نەۋاىنىڭ «تارىخىي مۈلكى ئەجەم» ناملىق ئەسەرلىرىدە بۇ تارىخىي شەخس ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن . (ئابدۇراخمان باقى ) w(d>HHg  
XMN:]!1J  
Lv[OUW#S  
>JwLk[=j  
ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى K4Dp:2/K%  
5~sx:0;  
*u6Y8IL1  
penlG36Q  
«ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» لۇغەت بولۇپ ، قۇچۇ دەۋرىدە تۈزۈلگەن . مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى نەشر قىلىنغان . بۇ لۇغەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن بولۇپ ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرىنى سېلىشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى لۇغەت . ئۇنىڭ نۇسخىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بېيجىڭدا تۆت خىل نۇسخىسى ساقلانماقتا . (ئابدۇراخمان باقى ) 7xo4-fIuT  
مايتىرى سىمىت «مايتىرى سىمىت» قۇچۇ دەۋرى تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك نامايەندىسى بولغان . 27 پەردىلىك دراما ئەسىرى بولۇپ بۇددىزم ئەقىدىلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان . بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988-يىلى نەشر قىلىنغان . ھازىر «مايتىرى سىمىت» نىڭ دۇنيادا ئالتە خىل قوليازما نۇسخىسى بار . ئۇنىڭ ئىككىسى تۇرپان سېڭگىمدىن ، ئىككىسى تۇرپان مورتۇقتىن تېپىلغان . 1956-يىلى قاراشەھەر شىكشىندىن تېپىلغان نۇسخىسىلا ئاپتونوم رايونلۇق موزىيىدا ساقلانماقتا . «مايتىرى سىمىت» چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بۇددا دىنى مەزمۇندىكى زور ھەجىملىك سەھنە ئەسىرى . بۇ ئەسەر مۇكەممەل بەدىى شەكىل ، كونكرېت ئوبراز ، مۇكەممەل سىيوجھىت ۋەقەلىكى ، جانلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق مۇكەممەل ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ بېرىدۇ . (ئابدۇراخمان باقى ) /c2 'dJ(H  
&hIRd,1#  
3Ug  
<Peebv&v  
ئالتۇن يارۇق RPnRVJ&"Z  
Q cjc ,  
[L $9p@I  
|tzg :T;  
q*![AzFh  
«ئالتۇن يارۇق» قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى مەدەنىيىتىگە تەۋە . بۇ ئەسەرنىڭ ئىسمى «ئالتۇن ئۆڭلۈك يارۇغ يالتىراقلىق قۇتتا كۆتۈرۈلمىش نوم ئىلىك ئاتلىق نوم بىتىگ» (ئالتۇن نۇر چېچىپ ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان شاھانە ئەسەر) بولۇپ ، ئۇ 10-ئەسىردە بەشبالىق (جىمسار) لىق ئەدىب سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن خەنزۇچىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان . بۇ ئەسەردە بۇددا دىنىنىڭ جانلىقلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەقىدىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . بۇ ئەسەرنى مالۇۋ 1909- ، 1910-يىللىرى گەنسۇنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ۋاڭفۇگۇ بۇدخانىسىدىن قولغا چۈشۈرگەن . ئۇنىڭ لىكوك تەرىپىدىن تۇرپان ۋە دۈنخۇاڭدىن تېپىۋېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئانچە توللۇق بولمىغان 2- ، 3-نۇسخىلىرىمۇ بار . (ئابدۇراخمان باقى ) ]{~NO{0@Y  
s#Jh -+lM  
;;$#)b  
P #F=c34u  
چاشتانى ئېلىك بەگ <!$:8ls  
h0oMTiA  
CxhY$%C (L  
cH-@V<  
«چاشتانى ئېلىك بەگ» قىسسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە فولوكلور مىراسلىرىنىڭ بىرى . ئۇ 1914-يىلى تۇرپاندىن تېپىلغان . ئەسەر قەھرىمانى چاشتانى ئېلىك بەگ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ جىنلارنىڭ ياۋۇزلۇقى تۈپەيلىدىن دۇچار بولغان كېسەللىك ئاپىتى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىك ھاياتىدىن قۇتۇلۇپ ، تىنچ ، ئەركىن ياشاشتىن ئىبارەت ئارزۇ-غايىسىگە سىمۋول قىلىنغان . قەھرىمانلىق ، ئىتتىپاقلىق ، كوللېكتىۋىزملىق روھ يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيىلەنگەن . (ئابدۇراخمان باقى ) /:6Wzj  
دەدە قۇرقۇت داستانى «دەدە قۇرقۇت» داستانى قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈركى تىللىق خەلقلەردە بۇ داستاننىڭ سىيۇجھىتى 8- 9-ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان . ئەسەردە ئوغۇز قەھرىمانلىرىدىن ، باياندىرخان ، قاراخان ۋە باشقىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنىدۇ . دانىشمەن دەدە قۇرقۇت (قۇرقۇت ئاتا) دىن ئىبارەت غايىۋى ئوبرازنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مەدھىيلىنىش بىلەن خەلقنىڭ ئەركىنلىك ۋە نىجاتلىق غايىسى ئىپادىلەنگەن . (ئابدۇراخمان باقى ) X.K<4N0A9J  
`s '#  
JxLf?ad.  
6+V\t+aug  
پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ئادىل پادىشاھ توغرىسىدا ~'5  
7:]Pl=:X  
;TcvA  
2M)]!lYy  
بۇ ئەسەرنى ئەبۇناسىر ئۇھەمەد فارابى (ئىلادىيە 870-950) يازغان بولۇپ ، بۇنىڭدا «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ئادىل پادىشاھ» ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ ، ئۆزى ياشىغان ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي قاتلىمىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىپ ، پادىشاھنىڭ ئادىل بولۇشىنىڭ لازىملىقى ، خەلققە ئادىل سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن-تۈزۈم ، ئەمىر-پەرمانلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلغاندىلا ، ئاندىن «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىلىرىدىن» بولالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت تېماتىك مەزمۇن ئالغا سۈرۈلگەن . (ئابدۇراخمان باقى ) Kx"<J@  
Q "oI])r  
H 9 C9P17  
@P@c.*}s  
دىۋانى لۇغەت-ئىت تۈرك ES<1tG  
SUWD]k>PH  
&"_u}I&\  
sUl6hX4  
مەزكۇر لۇغەتتە 11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ، تىلشۇناس ۋە ئەدىب مەھمۇد قەقەرى بۇ دەۋردە ئىلىم-پەن تىلى دەپ ئاتالغان ئەرەب تىلى بىلەن تۈركىي تىلىنى «بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك» كېتىۋاتاتتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ . سىياسىي مۇناسىۋەت ، ئىقتىسادىي ئالاقە ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن ئەرەب ئابباسىيلارنىڭ ھۆكۈمران داىرلىرى ، سودا-ساناەت ساھەسى ۋە ئىلىم-مەرىپەت ئەھلى تۈركىي تىلىنى ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا ئىدى . مەھمۇد قەشقىرى ئەنە شۇ .ئېھتىياجنىڭ ھكددىسىدىن چىقىشقا بەل باغلاپ تەكشۈرۈش ، تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ . «خاقانىيە» ئۆلكىسىنى (جۈملىدىن قەشقەرىيە ، ئىلى ، يەتتە سۇ ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىنى) قىرغىز ، تاتار دالىلىرىنى ، بۇلغار ، قىپچاق سەھرالىرىنى ، شەرقىي ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى ، يېزىلىرىنى كېزىپ ، تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى ئاساسىي قەبىلە ئايماقلارنىڭ تىللىرى بىلەن ئىنچىكىلەپ تونۇشىدۇ . تۈرلۈك تىل پاكىتلىرىنى ، شېىر-قوشاقلىرىنى ، ماقال-تەمسىللىرىنى ، چىرايلىق سۆز-ئىبارىلىرىنى توپلايدۇ . ئون نەچچە يىللىق ئەمەلىي ئىلمىي تەتقىقات ئاسىسىدا رەتلەپ چىقىش ئارقىلىق مىلادى 1072-1072-يىللىرى ئەرەب لۇغەتشۇناسلىقىنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىدىن ئىلغارراق ئۇسۇل بىلەن ، ئەرەب ئېلىپبەسىنىڭ تەرتىپى بويىچە ، تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق سېلىشتۇرما لۇغىتى «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»(«تۈركىي تىللار دىۋانى») ناملىق ئۈچ توملۇق قامۇسنى يېزىپ چىقىدۇ . ئەسەرنىڭ مەزمۇنى تۈركىي تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر ، گرامماتىكىلىق قاىدىلەر ، ھەربىي-مەمۇرىي ئاتالغۇلار ، يېزا ئىگىلىك ، يېمەك-ئىچمەك ، مالىيە-سودا ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، تېببىي دورىگەرچىلىك ، ھايۋانات ، ئۆسۈملۈك ۋە ئاسمان جىسىملىرىغا داىر سكزلەر ، قەبىلىلەر ، مۇھىم جۇغراپىيىلىك ناملار ، قەدىمكى زاماندىكى خەلق داستانلىرىدىن پارچىلار ، شېىر-قوشاقلار ، ماقال-تەمسىللەر ۋە رىۋايەتلەردىن ئىبارەت كەڭ داىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . مەھمۇد قەشقىرى «دىۋان» نى باغداتتا قايتا تۈزەتكەندىن كېيىن ، تەخمىنەن 1076-يىلى باغدات خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىھمرۇللاغا تەقدىم قىلغان . بۇ كىتابنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئابدۇسالام ئابباس ، ئىبراھىم مۇتىىي قاتارلىقلارنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىنغان . (ئابدۇراخمان باقى )  6,1b=2G  
zs Qo$p  
3qHQX?a  
qo+N,x9o  
قۇتادغۇبىلىك Mv|ykJoz"  
s )voII&  
@Un/c:n  
78n=nHS  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ (20 / 1019 – 6 / 1085) قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسى (؟850 – 1212) دا ئۆتكەن مۇتەپەككۇر شائىر بولۇپ ، بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ ، قەشقەردە ياشاپ ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان . :&}odx!-!C  
يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق داستانى 1069 – 1070 – يىللىرى قەشقەردە يېزىلغان . 85 باب ، 290 ،13 مىسرا . O9v_y+M+M  
«قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ، كۆپ دەۋرلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈرەش قىلىپ ئىجتىھات بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت دۇردانىسى . ئۇ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ھاۋاسىدا ، مەركەزلىك ھەم كونكرېت ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىلمىي ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى تەۋرەتكىلى بولمايدىغان ئورنىنى تىكلىگەن . p\wJD1s  
مەيلى ئىدىيىۋى مەزمۇن ، مەيلى بەدىئىي شەكىلدىن قارىغاندا ، «قۇتادغۇبىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسى بولۇپ ، ئۇ ئاساسلىقى قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاڭ ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . ئومۇمەن ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ قارشى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ھاسىل قىلغان . N5|Rmfo1  
«قۇتادغۇبىلىك»تە ئادالەت گەۋدە قىلىنغان باراۋەر ، ئىناق ۋە خاتىرجەم غايىۋى جەمئىيەت سۈرەتلەنگەن . خىسلەتلىك يېرى شۇكى ، مۇئەللىپ ئەسەردە مۇنداق غايىۋى جەمئىيەتنى سۈرەتلەش بىلەنلا قالماي ، يەنە بۇ غايىۋى جەمئىيەتكە بارىدىغان يول ئۈستىدە دادىل ئىزدەنگەن . بۇ يول قانۇن ، ئەخلاق ۋە بىلىمدىن ئىبارەت . قانۇن — بۇ غايىۋى جەمئىيەتنى يۆلەپ تۇرىدىغان تېرەك . ئەخلاق — بۇ غايىۋى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى بۆلەكلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە . بىلىم — قانۇننىڭ ئىشقا ئېشىشى ، ئەخلاقنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈپ ئاساس . Q^}%cU0  
داستان ۋەقەلىكى باشتىن – ئاخىر دېگۈدەك ئۈچ چوڭ مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى تۆت پېرسوناژنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىشى ۋە مۇنازىرىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ ، مۇئەللىپ مۇشۇنداق سۆزلىشىش ۋە مۇنازىرىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى بايان قىلغان . جەمئىيەتتىكى ھەرخىل تەبىقە ، گۇرۇڭلارنىڭ ئورنى ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالى — ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ چىقىرىپ ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تەرغىباتچىلىق رولىنى ئويناپ ، مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملەپ چىققان . شۇنداق بولغاچقا ، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شاھانە ئەسەر سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ تۇرغان . GYRYbiwqdi  
«قۇتادغۇبىلىك» تە مەركىزىي ئىدىيە مەركەزلىك ۋە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىش ئۈچۈن توققۇز نەپەر پېرسوناژ ئوبرازى يارىتىلغان . ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۈنتۇغدى ، ئايتولدى ، ئۆگدۈلمىش ، ئودغۇرمىش قاتارلىق تۆت نەپەر پېرسوناژ ئاساسىي ئوبراز بولۇپ ، ئۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي تەسۋىرلەر بېرىلگەن . t$& Qv)  
كۈنتۇغدى قانۇن ، ئادالەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان . ئۇ بىلىملىك ، ئىقتىدارلىق ، ئىستېداتلىق ئادىل ھۆكۈمران ، «كىم ئەقىل – پاراسەتلىك بولسا ، ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان» ، «ئەتراپىغا دۇنيادىكى ھەرخىل ئىدراكلىق ، بىلىملىك كىشىلەر زىچ توپلانغان» ، «ئەلنى تۈزەپ ، ئوڭلاپ ن خەلقنى بېيىتقان ، ئۇنىڭ زامانىدا بۆرە بىلەن قوي بىللە سۇ ئىچكەن» ئۇلۇغ شەخس سۈپىتىدە ئوقۇرمەن تەسەۋۋۇرىدا گەۋدىلىنىدۇ . <Pqv;WI|R  
داستاندا ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىكنىڭ ۋەزىرى بولۇپ ، بەخت – سائادەت سىمۋولى قىلىنغان . ئۆگدۈلمىش ئايتولدىنىڭ ئوغلى ۋە ئىز باسارى ، ئۇ بىلىم ۋە ئەقىل – پاراسەتنىڭ سىمۋولى . ئودغۇرمىش كۈنتۇغدى ئىلىكنىڭ مەملىكىتىدە بىر غاردا پىنھان تۇرمۇشنى تاللىغان زاھىت بولۇپ ، قانائەت ۋە ئاقىۋەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان . !}TMiCK  
دېمەك ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئىدىيىۋى سىستېمىسىنى مانا مۇشۇ تۆت ئاساسىي پېرسوناژ ئارىسىدىكى سۆھبەت ، مۇنازىرە ۋە دراماتىك توقۇنۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ ، جەمئىيەتنى ، جۈملىدىن دۆلەتنى قانۇن ، بىلىم ۋە ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار غايىۋى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن ، ئۆز دەۋرىدىكى رېئاللىقنى ئىسلاھ قىلىشقا قارىتىلغان بەزىبىر ئىجتىمائىي تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . رېئاللىقنى پەردازلاپ كۆرسەتمەستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت ئىللەتلەرنى دادىللىق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلغان ھەم سۆككەن ، ئادالەتلىكلەر ، پەزىلەتلىكلەر ، بىلىملىكلەر ھەم ئىستېداتلىقلار كۆپ بولغان غايىۋى بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن . A)n W  
ClW'W#*(Y  
Q.-*7h8  
ئەتەبەتۇلھەقايىق 3EFD%9n  
`linG1mF  
2F_R/{D  
N?r>%4  
ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى . ئۇ تەخمىنەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان . ئۇ ئەما شائىر بولۇپ ، ئۇنىڭدىن «ئەتەبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى) ناملىق داستان مىراس قالغان . بۇ ئەسەرنىڭ يەنە «ھىبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر سوۋغىسى) دېگەن نامىمۇ بولغان . ,+/zH'U}  
شائىر ئۆز ئەسىرىنى «تۈركىي كىتاب» دەپ ئاتىغان . ئەدىب ئەھمەدتىن كېيىنرەك ئۆتكەن ئەمىر ئارسلان خوجاتارقان دېگەن كىشى ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا يازغان ئىلاۋىسىدە مۇنداق ئۇچۇرنى قالدۇرغان : vL_zvX A  
mLL$|  
تامامى ئەرۇر كاشغەر تىلى بىلە ، 9Ld9N;rWm#  
ئايتمىش ئەدىب رىققاتى دىل بىلە ، [$\>~nj=  
`7Ug/R<  
ئەگەر بىلەسە كاشغەر تىلىن ھەر كىشى ، ?X_V#8JK  
بىلۇر ئول ئەدىبنىڭ نەكىم ئايتمىشى . Ek .3  
X-Ycz 5?  
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» 14 باب ، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان . ئۇنىڭغا كېيىنرەك باشقىلار تەرىپىدىن يەنە ئۈچ پارچە شېئىر قوشۇلۇپ 512 مىسراغا يەتكەن . ! Tfij(91  
داستاندا بىلىم ، ئەخلاق ، ئادالەت توغرىسىدىكى قاراشلار چىرايلىق بەدىئىي تىل ۋە مۇكەممەل شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن . X ,ZeD  
شائىر بىلىم ، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئورنى ، رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ، ئوبرازلىق پىكىر قىلغان . شائىر داستاندا ئەخلاق مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ توختالغان . ئۇ ئىلىم – مەرىپەتكە ، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرگە ، مەردلىك ، كەمتەرلىك ، كۆيۈمچانلىق ، ئادالەتلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇيدۇ . بىلىمسىزلىك ، توخۇ يۈرەكلىك ، قاباھەتلىك ، تەكەببۇرلۇق ، ۋاپاسىزلىق ، خەسىسلىك ، ئاچ كۆزلۈك قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ . ① «ئەھمەد يۈكنەكى ، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل نەشرى .» n6f3H\/P&  
$Ub}p[L  
B=zMYi  
a-PGW2G  
خەمسە نەۋائى \Hum}0[  
?)cJZ>$!w  
V\zsDP  
k,]{NO  
«خەمسە» ئىجادىيىتى — شەرق ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن يىرىك ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ ، ئەلىشىر نەۋائى «خەمسە» يېزىش رىقابىتىگە قاتنىشىپ زور ئۇتۇق قازىنىپ «خەمسە نەۋائى»نى يېزىپ چىقتى . «خەمسە نەۋائى» قىسقارتىلىپ «خەمسە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ . نەۋائى بۇ ئەسەرنى 1483 — 1485 – يىللىرى ھېرات شەھىرىدە ئۇيغۇر – تۈركىي تىلىدا يېزىپ چىققان . ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى بەش داستان كىرگۈزۈلگەن : ① «ھەيرەتۇلئەبرار» (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى) ② «پەرھاد ۋە شېرىن» ③ «لەيلى ۋە مەجنۇن» ④ «سەبئى سەييارە» (يەتتە سەييارە) ⑤ «سەددى ئىسكەندەر» (ئىسكەندەر سېپىلى) . بۇ بەش داستان جەمئىي 52 مىڭ مىسرادىن تەشكىل تاپقان . qJMp1DC  
Ihef$,  
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى. P%!q1`Eke(  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-30, 10:03
 
ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكرى قىل!
ABAYTARIM
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11163

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1100 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   110 (قېتم)
 تۆھپە:   110  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-26
ئاخــىرقىسى:2012-11-20
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-30

ئەجرىڭىزگە رەھمەت .  ئۇيغۇر قەدىمكى كىتاب مەدەنىيىتى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولدۇق .
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى