باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       141 
  •    ئىنكاس 
       0 

داۋان ئاشقانلار

قەۋەت ئاتلاش
muhabatyasen
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10310

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   750 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   75 (قېتم)
 تۆھپە:   75  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 897
 سائەت
دەرىجىسى:
897 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-18
ئاخــىرقىسى:2012-08-31

بۇرۇن توردىن چۇشۇرۋالغان ئەسەرلەر بار ئىدى تورداشلار بىلەن بىللە كۆرۇپ باقايلى دەپ يوللىدىم كۆرۇپ باقاسىلەر .T3=Eq&"W  
} 21j  
_9h.Gt  
غىلاجىدىن ئوسمان 56s*A*z$;  
يازغىنىمدىن يادلىغىنىم كۆپ org*z!;.   
   نەۋائىي ۋە شەيخ سەئىدى ھېكمەتلىرىگەماھىرلىقى بىلەن تونۇلغان ئىمام دادىسىنىڭ ، ئەل ئىچىدە ئابروي قازىنىپ ، قۇشناچ نامى بىلەن ئاتالغان قوشاقچى ئانىسىنىڭ تەسىرىدە ، كىچىكىدىن كۆڭلىدە بېيىت - قوشاقلارنىڭ ئالتۇن ئامبىرىنى ئاچقان ، يەتتە يېشىدىن باشلاپ مىڭلىغان شېئىرلارنى ياد ئېلىپ ، شاگىرتلىق ۋۇجۇدىغا شائىرلىقنىڭ تامغىسىنى باسقان تىنىمسىز تەتقىقاتچى مەھمۇد زەئىدى ئەپەندى ھازىرغىچە 300 پارچە تەتقىقات ماقالىسىدىن سىرت ، 200 پارچە شېئىرمۇ يېزىپ ئۈلگۈرۈپتىكەن . Y(GW0\<  
   — مەھمۇد زەئىدى ئەپەندى ، - دېدىم مەن سۆھبەتنى سېلىشتۇرۇشتىن باشلىغۇم كېلىپ ، - سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىز بىلەن تەتقىقاتىڭىز تەڭلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ . ئەمدى يازغان ۋە يادلىغان شېئىرىڭىزنى تەڭلەشتۈرۈپ باقساق ، قانداق دەيسىز ؟ [~?M/QI9  
   — ئوبدان . ئەمىسە مەن سۆزۈمنى قوشاقچى ئاپامدىن باشلاي ، - دېدى شائىر تەمكىنلىك بىلەن، - ئاپام ياستۇق بېشى ئۈچۈن چىرايلىق گۈللەرنى كەشتىلەپ ، كۆينەكلەرنىڭ ياقا - يەڭلىرىگە كانۋا تىكەتتى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى مېنى مۇڭلاندۇراتتى ، بولۇپمۇ ئۇ ئېيتقان ‹‹ئاچىل›› ، ‹‹ھەيرانىڭمەن›› ناخشىلىرى چىرايلىق ھەم تەسىرلىك ئاڭلىنىپ ، سۆزلىرىدە ھېكمەتلىك مۆجىزىلەر ئاققاندەك قىلاتتى. z]>9nv`b  
*tAqt2{48  
   توپىدا ياتسا گۆھەر ، B,0+HoP  
   بولماس باھاسىغا زىيان. N<b D  
   سۇ ئاقۇر ، ئاققان ئېرىقتىن ، V~c(]K)-  
3YRB I|XO  
   سايدا ھەم تاشقىن قىيان . Heohe|an  
Hf.xd.Yw  
   ئاپام چۆچەك ، رىۋايەتلەرنى كۆپ بىلەتتى . ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر دەريا بېيىت - قوشاقلار بار ئىدى. ئاكامنىڭمۇ كىتابلىرى جىق ئىدى. ئۇنىڭ ‹‹مەتبەسى بەش بارماق›› ناملىق قوليازمىسىدائابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى بولۇپ ، ئاخشاملىرى بىز كىچىكلەرگە شېئىر ئوقۇپ بېرەتتى. Hc/w ta  
   نازىنىن نازلى چېچەك، كىملەر ساڭا مەجنۇن ئەمەس، Vd[  2u  
   گەر نەسىپ بولسا جامالىڭ، كىملەردۇ ئۇ، مەجنۇن ئەمەس. "9 u-lcQ\  
   كېچە مەن كۆرگەچ چېچەكنى، خۇددى كۆرۈشتۈم يار ئىلە، 4Q/r[x/&C  
   يىغلىبان بىئىختىيار ئەرزىمنى ئەيىتتىم زار ئىلە. r"1A`89  
] :GfOgo  
   قىسقىسى، مېنى تۇنجى بولۇپ گۈزەل يازنىڭ چېچەكلىرى، ئىشقى - ھەۋەس قوشاقلىرى روھلاندۇرغانىدى. شۇڭا ئاپامدىن ئاڭلىغان قوشاقلارنى، ئاكام ئوقۇپ بەرگەن شېئىرلارنى كىچىكىمدىن ياد ئېلىشقا ئادەتلىنىپ قالغانىدىم . H7J`]nr6  
   يىگىتلىك يىللىرىمغا قەدەم قويغاندىلا ، ئاندىن شېئىر بىلەن مەشغۇل بولۇپ ، شائىر بولسام دەيدىغان ھەۋەس تۇغۇلدى. گېزىتتە تۇنجى شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنغان چاغدا ئالەمچە خۇشال بولغانىدىم. مانا بۇلارغا يېرىم ئەسىر بوپتۇ. كۆپ شېئىرلار يېزىپتىمەن، كۆپ نەزمىلەر يادلاپتىمەن . بالىلىق چاغدىكى ئويلىرىم رېئاللىققا ئايلىنىپتۇ. شۇغىنىسى، ھازىر ئويلىسام، يەنىلا يازغان شېئىرلىرىمدىن يادلىغان نەزمىلىرىم كۆپ ئىكەن. Age-AJ  
شائىرنىڭ تەسىراتلىرى Y<de9Z@  
R+k=Ea&x  
   — مەھمۇد زەئىدى ئەپەندى ، سىز كىچىكىڭىزدىن ئەدەبىيات بۆشۈكىدە تەۋرىتىلىپ ، كلاسسىكلارنىڭ دۇردانىلىرىنى يادلاپ ئۆسۈپتىكەنسىز. سىزگە كلاسسىكلاردىن سىرت ، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدىن تەسىرى زور بولغان كىشىلەرمۇ بارمۇ ؟ '/n\Tg+  
   — بار ، ئەلۋەتتە . مەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدىبلىرى بىلەن ئارىلاشتىم، - دېدى تەتقىقاتچى ئەپەندى، - تۇنجى تونۇشقىنىم تېيىپجان ئېلىيوۋ بولدى. ئۇ ماڭا ‹‹شەرق ناخشىسى›› دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى ھەدىيە قىلغانىدى. مەن بۇ توپلامنى قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ، ئوقۇغانسېرى تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭدىكى ‹‹ئەمدى كەلدى پەيتىمىز›› دېگەن داستاننى يادلاپمۇ ئالغانىدىم. بۇ داستاننى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان داستانچىلىغىدىكى تۇنجى قارلىغاچ، دېيىشكە بولىدۇ. كېيىنچە ، تېيىپجان بۇ داستاننى يادلىۋالغانلىقىمنى ئاڭلاپ ، ئۇنى بىر كېچىدىلا يېزىپ چىققانلىقىنى دەپ بەرگەنىدى. XlE$.  
   تېيىپجاننىڭ 1952– يىلى پاختەكلى كەنتىدە يەر ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ ، يەر ئىسلاھاتى مانىۋېرىدىن يازغان داستانى ‹‹ماۋجۇشىغا خەت›› نىمۇ سۆيۈپ ئوقۇپ يادلىۋالغانىدىم. بۇ داستان ئەينى زاماندا 650 دېھقاننىڭ قولى قويۇلۇپ ، رەئىس ماۋزېدۇڭغا يوللانغان . كېيىن ، گېزىتتە رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئىمزاسىدا پاختەكلى دېھقانلىرىغا خەت ئېلان قىلىنغانىدى. ]cS&8{ ^2  
   مەن تېيىپجان ئېلىيوۋنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرىنىڭ يېزىلىش جەريانىنىمۇ بىلىمەن. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شېئىرى — ‹‹ئانا تىلىم››نى كۆچۈرۈپمۇ بەرگەنىدىم . شائىر بۇ شېئىرىنى قەدىمقى يازما مىراسلاردىن ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ۋە ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن يازغانىدى . [))gn  
   — مەن يەنە، - دېدى شائىر چوڭقۇر تىن ئېلىپ، - ئەينى زاماندا غۇلجا شەھىرىدە نەشر قىلىنغان ‹‹ئالماناخ›› ناملىق توپلامدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ‹‹يىللارغا جاۋاپ›› دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ چوڭقۇر تەسىرلەنگەنىدىم. لۇتپۇللا ۋە تېيىپجان شېئىرلىرى مېنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىمغا مىڭ گرادۇس ئاتەش بېغىشلىغانىدى. مەن ئىجادىيەت بېغىدا تولغىناتتىم، ئوت بولاتتىم. قۇدرەت بىلەن چاقماقسىمان يېنىپ، يېزىقچىلىق ئوچىقىدا تاۋلىناتتىم . BYTXAZLb  
   ھازىرقى ئۆزىمىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر يازغۇچى - شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ماڭا ئىلھام بېرىپ، ئۈمىد شامىمنى تېخىمۇ يالقۇنجاتتى. ئۇلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى قەھرىمانلار ئۆچكەن ئوتۇمنى يېڭىباشتىن ياندۇردى . ئۇلار مېنى تەربىيىلىدى ، روھىمنى يېڭىلىدى. مەن ئۇلاردىن ئالەمشۇمۇل خۇشاللىق تاپتىم. M|$H+e } :  
W,0KBkkp  
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان -Pv P  
   تەتقىقاتچى ئەپەندىنىڭ چاققانغىنە كىتابخانىسىنىڭ بىر تېمىغا تولدۇرۇپ كىتاب ئىشكاپلىرى قويۇلۇپ ، كونا - يېڭى دەۋرنىڭ خىلمۇ - خىل فورماتتىكى كىتاب - ژۇرناللىرى سىغداپ تىزىلىپتۇ. يۈز يىل ئىلگىرى ئۆلكىمىز مەتبۇئاتلىرىدا چىققان بىرقانچە گېزىت ۋە ژۇرنالنىڭ تۇنجى نەشرلىرىمۇ بار ئىكەن . 1910 – يىلى بېسىلغان ‹‹ئىلى ۋىلايىتى گېزىتى›› ۋە 1946 - يىلى چىققان ‹‹كۈرەش››ژۇرنىلى مېنى ھەيران قالدۇردى. 2l]C55p)s  
   — مەھمۇد ئەپەندى، - دېدىم مەن بۇ مۇقەددەس، كۆزگە تۇتىيا كىتاپلارنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، - كىتاب - ژۇرناللارنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسىرايدىغان مەرىپەتلىك ئائىلىدە چوڭ بولۇپتىكەنسىز، ھە؟ yz54:q?  
   — شۇنداق. ئاتا - ئانام ئىلىمپەرۋەر، كىتابخۇمار ئادەملەر ئىدى. مەن ئائىلىمىزدە شۇلار ئېيتىدىغان ئىبرەتلىك سۆزلەرنى، ماقال - تەمسىل، چۆچەك - رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ ئۆستۈم. ئۇلار ‹‹بىلىم — يېنىپ تۇرغان چىراغ، ھۈنەر — ئېقىپ تۇرغان بۇلاق›› دېگەن سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئاتام ئىشچان بولۇشقا، توختىماي ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيتتى. ئۇنىڭ ‹‹ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى مېنىڭ دىلىمدا ئۆچمەس نەقىش بولۇپ قالغانىدى. ]W89.><%14  
}xpe  
   — دېمەك، تىنماي تەتقىق قىلىپ، توختىماي ماقالە يېزىپ تۇرۇشىڭىزغا شۇ ھېكمەتلىك سۆز تۈرتكە بولۇپتىكەن - دە؟ e7)>U!9c9  
   — شۇنداق، ھازىرغىچە شۇ ھېكمەت ئىلھام بەخش ئېتىپ، ‹‹ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان›› دېگەن روھ بىلەن يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. بىر ئايدا بىر ماقالە يازىمەن، بىر يىلدا يەتتە - سەككىز ماقالەم ئېلان قىلىنىدۇ. A- <.#  
   — تەتقىقاتقا چۇشلۇق تاپاۋەتمۇ باردۇر؟ BxW||O|_N"  
   — يازغىنىمغىغۇ قەلەم ھەققى كېلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت، تەتقىقاتىمغىمۇ ئىدارىدىن مۇكاپات بېرىپ تۇرىدۇ. :Kt{t46)  
   — بارىكاللا، غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن! - دېدىم مەن پېشقەدەم تەتقىقاتچىنىڭ تىنماس روھىدىن تەسىرلىنىپ، - سىز تىرىشچان، ئىشچان ئادەم ئىكەنسىز! |\yDgs%EGy  
   — مىدىراپ تۇرىمەن، شۇ. تىنىقلا بولىدىكەن، تەتقىقات توختاپ قالمايدۇ! Lx4H/[$6D  
   — مەھمۇد ئەپەندى، يارايسىز ! ئاستا بولسىمۇ ئاۋايلاپ ماڭغايسىز، ساغلاملىقنى نەزەرگە ئالغايسىز! - دېدىم پېشقەدەم تەتقىقاتچىغا ھۆرمەت كۆرسىتىپ. ]lG_rGw  
ئىلھامچىلار ئىزىدىن j$JV(fz  
   ياش مەھمۇدنىڭ بىلىم چىرىغى يېنىپ تۇرىدىغان ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىسىدە ئاتا - ئانىسى كلاسسكلاردىن سۆزلەيتتىكەن. ئۇ ئاتىسىدىن نەۋائىنىڭ، ئانىسىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شائىرلىقىنى بىلىپ، چوڭ ئاكىسىدىن ئۆمەر مۇھەممەدى ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەنىكەن. مەھمۇد ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا خەلق قوشاقلىرىغا ھايال قىلىپ: AmrJ_YP/t~  
   — مەن خەلق قوشاقلىرىدىكى مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى ياخشى كۆرىمەن. مۇنداق قوشاق، بېيىتلاردىن مىڭ مىسرانى يادقىمۇ بىلىمەن. سىزگە كۆڭۈل كومپيۇتېرىمدا ساقلىنىپ قالغان قوشاق، شېئىرلاردىن ئاز - تولا يادلاپ بېرەي، - دەپ، تۆۋەندىكى نەزمىلەرنى ئېيتىشقا باشلىدى: ^O,6(@>  
خەلق قوشاقلىرى دەيدۇ: [jmAMF<F  
ئاي ئالدىمدا، كۈن كەينىمدە، Jq=>H@il  
ھەسرەت ئىچىمدە. 'ra_Zg[j  
كۆيسە ئۆچمەس ئوتنى سالدىڭ، LO Yyj?^7  
دەردىم ئىچىمدە. r>D[5B  
4pOc`  
تام تۆپىسىدە ئولتۇرادۇر، c_j )8  
 I$sm5oL  
شوخ شۇ بويلۇق شۇ يىگىت. I(r5\A=   
ئاغزىدىن زەپەر پۇرايدۇ، . LVOaxT  
بىباھا ئالتۇن يىگىت. PT5ni6  
6TaT_29  
نەۋائى دەيدۇ: '}[L sU  
lKD<  
كۆرگەلى ھۆسنىڭنى زارۇ مۇپتىلا بولدۇم ساڭا، (VF4]  
نە بالالىغ كۈن ئىدىكىم ئاشىنا بولدۇم ساڭا. hdWp  
ھەر نەچچە دېدىكىم كۈن - كۈندىن ئۈزەي سەندىن كۆڭۈل، y8 u)Q  
ۋەھكى كۈن - كۈندىن بەتەرراق مۇپتىلا بولدۇم ساڭا. d}G."wnG9,  
%b'VEd7  
نازىمى دەيدۇ: ;eSf4_~  
يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار، wtick~)  
خۇدانىڭ بىر قۇلىدۇرمەن. =-& iF  
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ ، @Bwl)G!|  
ۋەتەننىڭ بۇلبۇلىدۇرمەن. +:8YMM#9V  
\0& (q%c  
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر دەيدۇ: Wm/k(R`O<  
دېدىم: ئەي، مەھبۇبى شاھى بۇ مېنىڭ ئەرزىمنى ئال، r+yLK(<zp  
لۇتفى قىل مۇڭداشقىلى بىرنەچچە كۈن يانىمدا قال. 0]W/88ut*u  
ئەرزۇ - ھالىمنى ساڭا باشتىن ئاياغ قىلسام بايان، 'hWRwP|  
دىلدىكى ئارمانۇ ئارزۇ بولغۇسى ئاز - ماز ئايان. 5qko`r@#  
>,1LBM|0u  
تېيىپجان دەيدۇ: c *noH[  
دىلبەرنىڭ كۆزىدىن كۈلكە ئاختۇرۇپ، p.olXP  
يېلىنىپ ، يالۋۇرسام شۇنچە ئاھ ئۇرۇپ. .;s4T?j@w  
3 g&mND  
ئۇ دېدى: كۆزۈمدىن كۈلكە ئىزدىسەڭ، 0^^i=iE-u  
رەقىبىم كۆزىگە قادال ئوق بولۇپ. .?/ J  
   شائىر ئەپەندى خەلق قوشاقلىرىدىن ھەم مەشھۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن نۇرغۇن مىسرالارنى يادقا ئوقۇدى. ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇسى كېلىپ، لى بەي، دۇفۇ، گومورولارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرلىرىنى يادلاشقا باشلىدى. vA`.8U 0S  
   — شائىر ئەپەندى، - دېدىم مەن نەزمە ئوقۇش بىر يەرگە كەلگەندە، - سىز بۇ نەزمىلەرنى بۈگۈن ئوقۇپ تۈگىتەلمىگۈدەكسىز. ئەمدى دەپ باقسىڭىز، يادلاشتىن يېزىشقا نەپ تېگەمدىكەن؟ R PQ)0.O7  
   — يادلاشتىن نەپمۇ تېگىدىكەن، گەپمۇ تېگىدىكەن، - دېدى شائىر كۈلۈپ، - نەپ تېگىدۇ دېگىنىم — كۆڭلىڭىزدىكىدىن ئويىڭىزغا ئوبدانلا ئىلھام كېلىپ تۇرىدىكەن. گەپ تېگىدۇ دېگىنىم — كۆڭلىڭىزدىكىنى سەزمەستىن كۆچۈرۈپ قويۇپ ، ئۇياتقا قالىدىكەنسىز. مەن ئىلھامچىلىرىمنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، بىرەر شېئىر توپلىمىمنى چىقارغان بولدۇم. لېكىن ھەقىقىي شائىرمەنمۇ - يوقمۇ، بۇنىڭغا خەلقىم باھا بېرىدۇ. x.Y,]wis  
   — مەنمۇ سىزنىڭ بىر خەلقىڭىزغۇ، - دېدىم مەن ھەزىل قىلىپ، - مېنىڭ باھايىم شۇ: سىز — تەتقىقاتچى شائىر. [x,&Gwa  
‹‹ژ››ھەرىپىنىڭ جېدىلى V}?5=f'  
=G :H)i  
   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى، ئۇيغۇر يېزىقى لاتىن يېزىقىغا كۆچۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىن ‹‹ژ ››ھەرىپىنى چىقىرىۋېتىش ھەققىدە جىددىيمۇنازىرە بولۇۋاتقان مەزگىللەردە ، تىلچى مەھمۇد زەئىدى ‹‹ژ››ھەرىپىنى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىن چىقىرىۋېتىشكە قارشى تۇرۇپ ، گېزىتكە ماقالە يازىدۇ . ئاخىرى ‹‹ژ ›› ھەرىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ. لېكىن ، ماقالىنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد زەئىدى خىزمەتتىن قالدۇرۇلىدۇ. cCIEG e6  
   — مەھمۇدئەپەندى، دەپ بېقىڭا، - دېدىم مەن سوئال نەزىرىدە ئۇنىڭغا قاراپ، - سىز ‹‹ژ›› ھەرىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شۇ چاغلاردا قانداق تىرىشچانلىقلار كۆرسەتكەنىدىڭىز؟ U$}]zaB  
   — مەن بۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ، گېزىتكە ماقالە يېزىپ ، بەزى مىساللارنى كەلتۈرگەنىدىم. &XP 0  
   — قانداق مىساللارنى كەلتۈرگەنىدىڭىز؟  T7`Jtqf  
   — ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› دىن ‹‹ئۈژمە›› قاتارلىق مىساللارنى كەلتۈرۈپ، نام - ئاتالغۇلاردىن ‹‹ژۇرنال››، ‹‹پارىژ›› دېگەن سۆزلەرنى قانداق يازىمىز، دېگەنىدىم. @B6[RZR  
   — نەتىجىسى قانداق بولدى؟ R0WJdW#  
   — نەتىجىدە، ‹‹ژ ››ھەرىپى خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدى . لېكىن ، مەن كۈرەشكە تۇتۇلۇپ قالدىم. R\^tr  
|NqQKot1  
   — مەن سىزگە بىر لەتىپە ئېيتىپ بېرەي، - دېدىم مەن سۆھبەتكە بىر سۆز قىستۇرغۇم كېلىپ، - تاتارلاردىمۇ مۇشۇنداق ئىش بوپتىكەن. تاتار تىلشۇناسى خاجا بەدىغى دېگەن كىشى تاتار ئېلىپبەسىدىن ‹‹ج›› ھەرىپىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ‹‹ي›› ھەرىپىنى قوللىنىش ھەققىدە ماقالە يازىدۇ. يىغىندا سۆزلەپ، ئۆزگەرتىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ. تەنەپپۇس ۋاقتىدا كونا تاتار تىلى تەتقىقاتچىسى لاتىف جەلەي دېگەن كىشى خاجا بەدىغىنى چەتكەرەك تارتىپ: _F9 c.BH  
   — خوش، ‹‹ج ›› نى ئېلىۋېتىپ، ‹‹ي››نى قوللاندۇق، دەيلى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، خوتۇنۇم مېنىڭ جەلەي دېگەن ئىسمىمنى ئۆزگەرتىپ: @4pN4v8U  
   — ھەي، يەلەي، كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپ قارشى ئالار. خاجا ئەپەندى، ئېيتىپ بېقىڭا، سىز ئۆيگە قايتقاندا خوتۇنىڭىز سىزنى خاجا دەپ چاقىرىش ئورنىغا نېمە دەپ چاقىرار، ھە ؟ - دەپتىكەن. شۇ كىشىدېگەندەك، - دېدىم مەن ھەزىل قىلىپ، - شۇ مۇنازىرىدە ‹‹خوتۇننىڭ تۇغقىنى كەلسە پاژ - پۇژ، ئەرنىڭ تۇغقىنى كەلسە غاژ - غۇژ›› دېگەن بولسىڭىز، ئەرلەر يېنىڭىزنى ئېلىپ ، كۈرەشكە تۇتۇلۇپ قالمىغان بولاتتىڭىزكەن - دە! 4s~o  
   — قاراڭ، شۇ سۆز ئېسىمگە كەلمەپتۇ، دېسە! - دېدى تەتقىقاتچى كۈلۈپ. 4D8q Gti  
ۋاپادار قۇش {r"HR%*u  
   مەھمۇد زەئىدى ئەپەندى ‹‹ژ›› ھەرىپىنىڭ جېدىلى بىلەن ئەيىپلىنىپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، پىچان ناھىيىسىدە تاپىنى گۈرجەكتەك ئون بەش يىل تۇرىدۇ. لېكىن، ئۇ يەردە بىكار تۇرمايدۇ، كېيىنكى ئۆمۈر يولى ئۈچۈن ئوزۇق توپلايدۇ. W;1Hyk  
   — مەھمۇد ئەپەندى، تۆۋەنگە چۈشكەندىن كېيىن، تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ، تېشىڭىز تۆرگە دومىلاپتۇ، دەپ ئاڭلايمەن. بۇ ھەقتە سەرگۈزەشىتلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟ W \"cp[b  
   — مەن پىچانغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۆزلىكىمدىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەلگۈسىمگە ئۈمىدۋار بولۇشقا باشلىدىم. ئىككى كىتاپنىڭ خام ماتېرىيالىنى يىغىپ، ئۆزۈمدە ئىشەنچ تۇرغۇزدۇم. ئاپامنىڭ ‹‹ئادەمنى ئۈمىد ياشارتىدۇ، ئۈمىدسىزلىك قاقشىتىدۇ›› دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ، ئۇنى ئۆز تۇرمۇشۇمغا تەدبىقلىدىم. بۇ تەدبىقلاش مېنى دەس تۇرغۇزۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر غايىگە ئىرادە باغلاتتى، ئۈمىد مۇساپەمنى يورۇتۇپ، مۇۋەپپەقىيەت يارىتىش يولۇمدىدىكى مەنىۋى كۈچكە ۋە ئۆزۈمنى يېتىلدۈرۈشنىڭ قورالىغا ئايلاندى. b |EZ;,i  
   — جاپانىڭ ھالاۋىتى، مېھنەتنىڭ مېغىزى بار. سىز جاپاغا چۇشلۇق ۋاپاغا ئېرىشتىڭىزمۇ؟ W];4P=/  
   — مەن بالىلىق چېغىمدا ئاپامدىن بىر ۋاپادار قۇشنىڭ ئىگىسىگە ياخشىلىق قىلىپ يامان كۈنگە قالغانلىق ھېكايىسىنى ئاڭلىغان. مېنىڭ قىسمەتلىرىم شۇنى ئەسلىتىدۇ: B|8(}Ciqx  
   ‹‹بۇرۇن بىر شاھزادىنىڭ ۋاپادار قۇشى بار ئىكەن. شاھزادە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋاپادار قۇشىنى ئېلىپ، يىراق سەھراغا شكارغا چىقىپتۇ. ئۇزۇن يول يۈرۈپ، بىر جىلغىغا كەلگەندە چۈشۈپ ئارام ئېلىپتۇ. قارىسا، قىيا تاشنىڭ يوچۇقىدىن چوكىدەك سۈزۈك سۇ چۈشۈپ تۇرغىدەك، ئۇسسىغان شاھزادە ياغاچ ئاپقۇرىغا ھېلىقى سۇدىن ئېلىپ ئىچىشكە تەمشىلىپتىكەن، ۋاپادار قۇشى قانىتى بىلەن ئۇرۇپ سۇنى تۆكۈۋېتىپتۇ. شاھزادە ئىككىنچى قېتىم سۇ ئېلىپ، ئىچەي دەپتىكەن، قۇش يەنە تۆكۈۋېتىپتۇ. بۇنىڭغا ئاچچىقى كەلگەن شاھزادە قۇشنى تۇتۇپ، قەھرى بىلەن يەرگە ئۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۈچىنچى قېتىم ئاپقۇرنى سۇغا تولدۇرۇپ، شاھزادىنىڭ دوستى ئىچىپتىكەن، ئۇزاق ئۆتمەي يەرگە يىقىلىپ جان بېرىپتۇ. شۇ ۋاقىتتا شاھزادە قۇشىنىڭ ۋاپادارلىقىنى چۈشەنگەنىكەن.››  l)?c3  
   مەن دەسلەپتە شۇ قۇشقا ئوخشاپ قالغان، كېيىن ئىشىم ئوڭغا تارتىپ، يامان ئىش ياخشى ئىشقا ئايلاندى. تەشكىل تۆۋەندىن ياندۇرۇپ كېلىپ، ئۆز خىزمىتىمگە قويدى. شۇڭا، مەن جاپاغا چۇشلۇق ۋاپاغا ئېرىشتىم، دەپ ئېيتالايمەن. -" DI,o  
ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاۋاتىمەن 18Ty )7r'  
   مەھمۇد زەئىدى ئەپەندى ئارامغا چىققان 15 يىل ئىچىدە ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە مەدەنىيەت - مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئالتە كىتاپ تەييارلاپتۇ. ئۈچ كىتابى نەشردىن چىقىپ، ئۈچ كىتابى نەشر قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. >LjvMj ]  
   — تەتقىقاتچى ئەپەندى، ئارامغا چىقىپ ھازىرغىچە ئالتە كىتابنىڭ يانپېشىنى يەرگە تەككۈزۈپسىز. ئەمدى يەنە نېمىلەرنى يانپاشقا ئالماقچى بولۇۋاتىسىز؟ qh=lF_%uj  
   — مەن ئۈچۈن تەتقىقات ھەممىدىن قىممەتلىك. ھازىر چوڭ بىر تەتقىقات ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، ‹‹11 - ئەسىرنىڭ ئىككى بۈيۈك ئالىمى توغرىسىدا›› دېگەن ئەسەرنى يېزىۋاتىمەن. بىرى، م . كاشغەرىنىڭ دائىرىلىك خەرىتىسىدىكى 190 نەچچە يەر - جاي ناملىرىنى ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا ئىزاھلاش. مەسىلەن، ‹‹جابارقا›› دېگىنى ياپونىيەنى بىلدۈرىدۇ، ‹‹ماجار›› دېگىنى ۋېنگېرىيەنى بىلدۈرىدۇ، دېگەندەك. يەنە بىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› تە ئۆتۈكەن بېگى، ياغما بېگى نېمە دەيدۇ، ئىلى ئاتلىقى، كۆپنى كۆرگەن ئەر نېمە دەيدۇ ... شەكلىدە نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى يازغان. ئۇنىڭدا 180 دىن ئارتۇق ماقال - تەمسىل شېئىر مىسرالىرىغا سىڭدۈرۈۋىتىلگەن. يەنە نۇرغۇن رۇبائىي خاراكتىرىدىكى تۆتلۈكلەر، ئېتنوگرافىيىگە دائىر سۆزلەر بار. بۇلارنى ئىزاھلاش لازىم. JMoWA0f  
   — ئۆتمۈشتىكى ئۆكۈنچ ۋە ھازىرقى ئۈمىدلىرىڭىز ھەققىدە توختىلىپ باقامسىز؟ IKpNc+;p  
   — مېنىڭ ئۆتمۈشۈم نۇرغۇن قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى، ئۆتكەندە ئۆزۈمدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىشقا كۆڭۈل بۆلمەپتىمەن. بەزى زامانداشلىرىم جەمئىيەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتتى. لېكىن، مەن 50 ياشقا كىرگىچە ئۆزلۈكۈمنى ئېنىق بىلمەپتىمەن. شۇڭا ئۆتكەن ئۆمرۈمگە ئۆكۈنىمەن. zF{5!b  
مەن ئاتىمنى چاپمايمەن دەريا بويى لۆم – لۆمگە، U|,VH-#  
تولىدىن تولا ئاغرىنىمەن، ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرۈمگە. Ix"uk6 h  
   ئادەمنىڭ مۇكەممەل ئادەم بولۇشىمۇ بىر جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ جەرياننىڭ ئۇزۇن بولۇشىمۇ، قىسقا بولۇشىمۇ شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىكەن. مېنىڭ ئادەم بولۇش جەريانىم — ئۇزاق بىر مۇساپە. مەن ئەمدى قالغان ئۆمرۈمدە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاۋاتىمەن. ^}9Aq $R  
   — مەھمۇد ئەپەندى ئائىلىڭىز، بالا - چاقىلىرىڭىز ھەققىدە دەپ باقامسىز؟ aVd{XVE  
   بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىلىشكە باشلىغاندا، مەھمۇد ئەپەندىنىڭ رەپىقىسى ئاسىيە خانىم بىزنىڭ يېنىمىزغا كىرىپ ئولتۇردى. RzXxnx)]q  
   — بۇ سوئالغا، - دېدى مەھمۇد ئەپەندى رەپىقىسى ئاسىيە خانىمغا قاراپ، - بالىلارنىڭ ئانىسى جاۋاپ بەرسۇن. K5b8lc  
   — مەيلى ئەمىسە، ئائىلىمىزنى مەن تونۇشتۇرۇپ قوياي، - دەپ ئاسىيە خانىم ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تامدا ئېسىقلىق تۇرغان ئائىلە كوللېكتىۋىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتتى، - بىزنىڭ ئائىلىمىز قۇرۇلغىلى 47 يىل بولدى. بۇ سۈرەتتىكى ئالدىنقى قاتاردىكىلەر — ئەر - خوتۇن ئىككىمىز. ئىككىنچى قاتاردىكى ئىككى يىگىت — ئوغۇل ۋە كۈيئوغلىمىز، ئىككى قىز — قىزىمىز بىلەن كېلىنىمىز. ئالدىمىزدا تۇرغان بالىلار — نەۋرىلىرىمىز. BH\qm(X  
   — ئاسىيە خانىم، - دېدىم مەن ئەمدى گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكەپ، - مەھمۇد ئەپەندى ئۆزىنىڭ كىتاپ ئىشكاپلىرىنى توشقۇزۇۋېتىپتۇ، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كىيىم ئىشكاپلىرىڭىزنى توشقۇزۇۋەتكەنسىز، ھەرقاچان؟ EY':m_7W  
   — كىيىم ئىشكاپىمۇ ئۆز لايىقىدا توشىدۇ، - دېدى ئاسىيە خانىم كۈلۈپ، - ئىشكاپقا توشقان كىتابلارمۇ ئائىلىمىزنىڭ بايلىقى. بىز باي بولمىساقمۇ، ئىككى بالىمىزنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇپ، خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز. ~,.Agx  
   — مەنمۇ خاتىرجەم، مېنىڭ يېزىقچىلىق ئىشىمنى ئاسىيەمنىڭ ئەمگىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، - دېدى مەھمۇد ئەپەندى ئۆز نۆۋىتىدە، - ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقىنى ئاسىيە زېممىسىگە ئالغان. مەن ئاسىيەدىن مىننەتدار! R:zjEhH )  
   — مەنمۇ مىننەتدار، - دېدى ئاسىيە خانىم، - مەن داشۆدە ئوقۇمىغان. لېكىن مەھمۇدنىڭ تەتقىقاتىنىڭ تەلىمى، ئىجادىيىتىنىڭ ئىلھامى بىلەن داشۆ پۈتتۈرگەندەك بىلىمگە ئىگە بولدۇم. bNj| GIf  
   — شۇڭا، - دېدىم ھەزىل قىلىپ، - ئەپەندىمنى ئەتىۋارلاپ بېقىۋېتىپسىز - دە؟ 9w(QM-u  
   — شۇنداق، خۇددى بوۋاقنى باققاندەك بېقىۋاتىمەن. > PfYHO  
  — بوۋاقنىڭ تىلى چىقتىمۇ؟ - دېدى تۇيۇقسىز مەھمۇد ئەپەندى چېقىشىپ. <5G*#0gw  
   — تىلى چىقتى، - دېدى ئاسىيە خانىممۇ ئېيتىشىپ، - قورسىقى ئاچقاندا ‹‹نان!››دەيدۇ، ئۇسسىغاندا ‹‹چاي !›› دەيدۇ. J8~3LE)G  
   — باشقا ۋاقىتتا نېمە دەيدۇ ؟ - دېدى مەھمۇد ئەپەندى ھىجىيىپ. P*Uu)mG)G  
   — كىتاپخانىسىدا جىم ئولتۇرىدۇ! - دېدى ئاسىيە خانىم كۈلۈپ. UeX3cD  
   — مېھىر - مۇھەببەت ياشىسۇن! - دېدىم مەن خۇرسەن بولۇپ، - سىلەرگە مەڭگۈ ئىجىل - ئىناق ئۆتۈش نېسىپ بولغاي! iE0A-;:5  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-28, 00:29
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى