باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1205 
  •    ئىنكاس 
       8 

كروران گۈزىلىنىڭ سىرى

قەۋەت ئاتلاش
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15639 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1565 (قېتم)
 تۆھپە:   1565  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2397
 سائەت
دەرىجىسى:
2397 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-01-26

كروران گۈزىلىنىڭ سىرى #./fY;:cj  
.7O*pJ2(H  
uY0lR:|  
n#mA/H;wV  
1980  -يىلى4-ئايدا شىنجاڭ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى“يىپەك يولى“فىلىم ئىشلەش گۇرپىسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن،“كروران ئارخىلوگىيە ئەتىرىتى“تەشكىللەپ،كىروران رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە پروفىسور مۇ شۈنپېڭ باشچىلىقىدىكى ئارخىلوگىيە ئەتىرىتى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالى چېتىدىن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى“铁板河(خەنزۇچە مۇشۇنداق بىر دەريانىڭ نامىنى دەپتىكەن.لىكىن بۇنىڭ قايسى دەريا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم،شۇڭا بىۋاستە خنزۇچىسىنىلا يېزىپ قويدۇم.بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرسەڭلار كىين ئۆرگەرتىپ قويىمەن)“نىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئىلگىركى كرورانلىقلارنىڭ قەبرىسىنى بايقىدى.ھەمدە پۈتۈنلەي مۇككەممەل ساقلانغان كروران ئادىمىنىڭ قۇرۇغان جەسىتىنى قېزىپ چىقتى.بۇ قەبرە“铁板河“نىڭ كونا دەريا ئىقىنىنىڭ شەرقىدىكى يەر يۈزىدىن7-8مېتىر ئىگىز تۆپىلىكتىكى يالغۇز قەبرە بولۇپ،ئۇزۇن تۆت چاسا تىك قۇدۇق شەكىلدىكى قەبرىدۇر.شەرقتىن غەرپكە چوڭقۇرلۇقى1مىتىز،ئۇزۇنلىقى1.74مىتىر،كەڭلىكى بولسا0.7مىتىر؛قەبرىنىڭ ئىگىسى بولسا 40ياش ئەتىراپىدىكى بىر ئايال بولۇپ سىرتقى شەكلى مۇككەممەل ساقلانغان.ئۇنىڭ يۈزى ئورۇق،بۇرنى ئىگىز ھەم ئۇچلۇق،كۆزلىرى ئورا،چاچ،تېرە،تىرناقلىرى ساپمۇساق،ھەتتا ئۇزۇن كىرپىكلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.چېچى قۇيۇق سېرىق قوڭۇر رەڭدە،چېچىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20-25سانتىمىتىر بولۇپ مۇرە قىسمىدا ئەركىن تاشلىنىپ تۇرىدۇ.تېرىسى كۈلرەڭگە مايىل زەيتۇن رەڭدە،ساغرا قىسمىنىڭ تېرىسىنىڭ تېخچە ئىلاستىكىلىقى يوقالمىغان. bUs0 M0y  
bkRLC_/d  
جەسەت قېزىلغاندا يۈز قىسمىغا ئەخلەت ئالغۇچ شەكىلدىكى ئۇزۇن ياپىلاق سېۋەت يېپىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ تۆۋەنكى ئۇچى كۆكرەك قىسمىغىچە سوزۇلغان.سېۋەتنىڭ ئۈستىگە30سانتېمىتىر قېلىنلىقتىكى قۇرۇق دەرەخ شاخلىرى يېپىلغان.دەرەخ شاخچىلىرىنىڭ ئۈستىگە يەنە10سانتىمىتىر قېلىنلىقتىكى قۇمۇشنى بېسىپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قېلىنلىقى10سانتىمىتىر ئەتىراپىدا ئىنچىكە دەرەخ شاخلىرىنى تاشلىغان.ئۈستىنى قۇم توپىلار بىلەن بېسىۋەتكەن.جەسەت يالىڭاچ ھالەتتە بولۇپ،بەلدىن يۇقىرى قىسمى قېلىن يۇڭ رەخت بىلەن ئورالغان.يۇڭ رەخت كۆكرەك قىسمىدىكى تۇتاشقان جايدىن ئۇچلانغان دەرەخ شاخلىرى بىلەن چېتىپ قويۇلغان.بەلدىن تۆۋەن قىسمى بىر پارچە ئاشلانغان قوي تېرىسى بىلەن ئورالغان.بېشىغا كىگىز قالپاق كىيگەن.پۇتىغا ئۆرۈلگەن تېرىدىن ئاياق كىيدۈرۈلگەن.ئاياقنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قىسمى قوي يۇڭىدىن ئىشىلگەن قېلىن يىپتا تىكىلگەن.پايپاق كىيگۈزۈلمىگەن. SfA\}@3  
P)"noG_'i  
قەبرىدىكى ھەمدەپنە بويۇملىرى ناھايىتى ئاددى بولۇپ،كىيىمدىن باشقا،پەقەت باش قىسمىنىڭ سول تەرپىگە يىكەن بىلەن چىغدىن توقۇلغان كىچىك سېۋەت قويۇلۇپ،ئۇنىڭ ئىچىنى توپا بىلەن توشقۇزۇپ قويغان.بىلىكىنىڭ يېنىدىن يەنە بىر دانە ياغاچ تارغاق بايقالغان.تاغاقنىڭ چىشلىرى ئۇچلۇق يۇمۇلاق قىلىنىپ،بىردىن بىردىن تاغاق غولىغا كىرگۈزۈلگەن.تاغاق غولى قېلىن تېرە بىلەن چىڭ باغلىنىپ،ئارىسىغا شىلىم قۇيۇلۇپ ياسالغان.قەبرىنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىن ساپالدىن ياسالغان ھېچقانداق بويۇم تېپىلمىغان. PYQ;``~x  
~Cbc<[}  
بۇ قەدىمكى جەسسەتنىڭ يىل دەۋرىنى بېكىتىش ئۈچۈن1981-يىلى3-ئايدا شىنجاڭ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى جەسەتنىڭ بەدىنىگە ئورالغان قوي تېرىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ،جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىغا كاربۇن14 ئانالىزى قىلىشقا ئەۋەتكەن.ئۆلچەش ئارقىلىق جەسەتنىڭ يىل دەۋرىنىڭ 3800يىل ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.بۇ كىيىنكىلەر تەرپىدىن ”كىرورەن گۈزىلى“دەپ ئاتالغان جەسەتتۇر. Y2|#V#  
o\BOL3H  
بۇ ھازىرغا كەلگۈچە مەملىكىتىمىزدىن تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى جەسەت ھېساپلىنىدۇ.ئىلگىرى شاڭخەي،ياپۇنيە قاتارلىق جايلاردا كۆرگەزمە قىلىنغان.ئۇنىڭ بايقىلىشى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان.تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ،لىكىن يەنىلا نۇرغۇن تۈگۈنلەر تېخىچە سىر پېتى تۇرماقتا. 9 *xR6  
1 Rq,a  
بۇ قەدىمكى جەسەت ئىنسانلارنىڭ قايسى تىپىغا تەۋە؟مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر بۇ جەھەتتە ئىنچىكە تەقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ،يەنىلا ئۇنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىدى.ھازىر پەقەت تومتاق ھالدىلا ئۇ قەدىمكى ياۋرۇپا ئېرقىغا ياكى قەدىمكى لوپلۇقلارغا تەۋە دېيىلمەكتە.قەبرە ئىگىسى ھايات ۋاقتىدا نەدە تۇرغان؟ئارخىلوگلار قەبرە ئەتىراپىنى خېلى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ،ھازىرغىچە بۇ ئەتىراپتىن ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئىزىنى تاپالمىدى.مۇتەخەسىسلەر لوپنۇر كۆلى رايۇنىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بارغان دەۋرىنى ئون مىڭ يىلدىن ئىككى مىڭ يىلغىچە دەپ قارىماقتا.قەدىمكى جەسەتنىڭ قېزىلىشى لوپنۇر كۆلى رايۇنىدا قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تۆت مىڭ يىل بۇرۇنلا تاش ۋە ياغاچ قوراللارنى،ھەتتا ئوقيالارنى ئىشلىتىپ،كېمە ياساپ،ئۆي سېلىپ ياشىغانلىقى،ئىپتىدائىي گۈزەللىك قارىشىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى،بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.ئۇلار ئاللىقاچان ئولتۇراقلاشقان،ئەمما فار-فۇر بويۇملارنى ياساشنى بىلمىگەن.كىيىم تىكىشنى بىلمىگەن.بۇ قەدىمكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايىنى تېپىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. B3:ezjj  
~Uj=^leYO  
جەسەتنىڭ ئۆپكە قىسمىنى سىپىكتىر ئارقىلىق تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئۆپكىسىدە تۆمۈر،ئالىيومىن،ماگنىي،تىتان،خروم،بور قاتارلىق ئېلىمىنتلارنىڭ بارلىقى بايقالغان.ھازىرقى جەسەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۇقارقى ئېلىمىنتلارنىڭ مىقدارى خېلى يۇقىرى،ئۇنىڭ ئىچىدە تىتاننىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ.ئەمما ھازىرقى جەسەتلەرنىڭ ئۆپكىسىدە خروم بىلەن بور بايقالمىدى.چېچىدا ئاز مىقداردا تۆمۈر،قوغۇشۇن،ماگنىي،نىكىل بايقالدى.لىكىن مىقدارى يەنىلا ھازىرقى ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ.بۇ ھادىسە نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ .rO]M:UY  
?e` ^P   
ئادەم بەدىنىدىكى پارازىت قۇرتلار قانداق قىلىپ جەسەت بىلەن تەڭ تۆت مىڭ يىل ساقلىنىپ قالدى. EtJHR  
بۇ قەدىمكى جەسەتنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىئولوگىيە ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرغان بىر بايقاش بولغان.قەدىمكى جەسەتنىڭ چاچ يىلتىز قىسمىدا،كىرپىك،دوۋسۇن تۈكى قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن پىت ۋە پىت لىچىنكىلىرى يەنە بىر دانە چۇسا بايقالغان.پىت ۋە پىت لىچىكىلىرىنىڭ شەكلى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ،پىتنىڭ سەزگۈ تۈكچىلىرىدىن تۇتۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.بۇ ھاشارەتشۇناسلىق تارىخىدىمۇ ناھايىتى ئاز كۆرىلىدىغان ئەھۋال.بىز ئادەم بەدىنىدىكى پىتنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى،ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن بەدەننىڭ سوۋۇپ كېتىدىغانلىقىنى،بەدەن سوۋۇپ كەتسىلا پارازىت قۇرتلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.ئەمما بۇ جەسەتتە پىتلار خوجايىنغا ”كۆزى قىيمىغاندەك“بىر جايدا تۆت مىڭ يىل ھەمرا بولۇپ تۇرغان.بۇ ھادىسە ھازىرغا كەلگۈچە بىئولوگىيە ئالىملىرى يىتەلمىگەن سىر. t;\kR4P  
3Ko/{f  
c*(bO3 b  
ps/A yjk  
ياڭ شىنسەي يازغان“شىنجاڭنىڭ سىرى“ناملىق كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى #~#R-   
مەنبە .lopnuri تورى m/Oh\KlIl  

تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-27, 16:26
 
ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكرى قىل!
ansar1
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11170

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   800 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   80 (قېتم)
 تۆھپە:   80  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1288
 سائەت
دەرىجىسى:
1288 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-27
ئاخــىرقىسى:2012-10-04
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-27

بىلۋېلىشقا تىگىشلىككەن
 
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2529 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   62923 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5815 (قېتم)
 تۆھپە:   5588  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 16934
 سائەت
دەرىجىسى:
16934 سائەت 166 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-23
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-27

كروران گۈزىلىنىڭ بايقىلىشى ئەينى دەۋىردە نۇرغۇن قىزغىنلىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدى .
 
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
sultan88
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7857

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   610 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   95712 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3180 (قېتم)
 تۆھپە:   3180  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8931
 سائەت
دەرىجىسى:
8931 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-14
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-27

بۇ سىرنىمۇ ئازىراق بىلىۋالدۇق
dunyamin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10785

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   114 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8947 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   895 (قېتم)
 تۆھپە:   895  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1244
 سائەت
دەرىجىسى:
1244 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-10
ئاخــىرقىسى:2013-01-21
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-28

بۇ سىرنىمۇ ئازىراق بىلىۋالدۇق .
taxbalik
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11187

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   150 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   15 (قېتم)
 تۆھپە:   15  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-28
ئاخــىرقىسى:2012-08-28
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-28

بۇنى بىلىۋالغىنىم بەك ياخشى بولدى
zulpikarjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4150

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   78 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2149 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   215 (قېتم)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1870
 سائەت
دەرىجىسى:
1870 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-26
ئاخــىرقىسى:2012-11-27
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-31

بۇنىبىلىۋالغىنىم بەك ياخشى بولدى
دۇنيادا ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىن ئارتۇق خىزمەت يوق
NASIBAAY
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11224

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   400 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   40 (قېتم)
 تۆھپە:   40  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 22
 سائەت
دەرىجىسى:
22 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-31
ئاخــىرقىسى:2012-09-03
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-03

بۇ ئادەمنىڭ ئشەنگۈسى كەلمىگۈدەكلا بىر ئشكەنغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
keroran~kizi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11278

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1100 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   110 (قېتم)
 تۆھپە:   110  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 241
 سائەت
دەرىجىسى:
241 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-02
ئاخــىرقىسى:2012-10-05
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-03

بۇ توغرىسىدا يەنەمۇنداق  تەتقىقات ماتىرىيالىمۇ بار:مىلادىيە 1900 - يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى پەۋقۇلئاددە بىر سەۋەب تۈپەيلىدىن،  قۇم،  توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ،  غايىب بولغىنىغا 1500 يىلدىن ئاشقان كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ بايقىلىشى شۋېتسىيىلىك جۇغراپىيون،  ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن ( 1865 - 1952 )نى بىراقلا دۇنيا ئىلىم - پەن مۇنبىرىنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك تەختىگە چىقاردى.  بىراق كروران شەھەر خارابىسىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان،  بىر چەت ئەللىك ئالىمنىڭ دۇنياۋى شان - شۆھرەتكە ئېرىشىشىگە شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن يەنە بىر ئاددىي ئىنسان بولسا،  كروران قەدىمىي شەھىرى بايقىلىپ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن يۇرتداشلىرىنىڭ يادىغا كەلدى.  بۇ ئاددىي ئىنسان دەل بىز مۇشۇ ماقالىدە تەپسىلىي تونۇشتۇرماقچى بولغان رىۋايەت تۈسىگە ئىگە شەخس،  لوپ ئېلىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى ئۆردەك ئىدى. .2`S07Z  
ئۆردەك 1860 - يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ساھىلىدىكى چارا مەھەللىسىدە تۆمۈر كۆل دېگەن كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى.  تۆمۈر كۆل ئائىلىسى كۆنچى دەريا ساھىلىدا چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان تىپىك لوپلۇقلاردىن ئىدى.  شۇڭا تۆمۈر كۆل يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىغا دەريا - كۆللەردە ئەركىن ئۈزۈپ،  كۆكتە پەرۋاز قىلىپ،  خاسىيەتلىك باھاردىن ئەڭ بۇرۇن دېرەك بېرىدىغان تەبىئەتنىڭ ئەركە قۇشى ئۆردەكنىڭ ئىسمىنى قويدى. *\emRI>  
(%tKGeb  
ئۆردەكنىڭ بوۋىسى ئوماق ئۆتەڭ - قۇرۇقتاغ ئىچىدىكى كىچىك يايلاق ( يەنى شىندى - يېڭىيەر )تىن كونا چاراغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇستا ئوۋچى،  ماھىر ئىزچى ۋە تونۇلغان قوشاقچى ئىدى.  ئۆردەك ئۆسمۈرلۈك يېشىغا يەتكەن ھامان بوۋىسى ۋە ئاتىسىغا ئەگىشىپ ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى.  ئۇ تارىم ۋە كۆنچى دەريا ئېقىملىرىنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك ئاياق باستى.  ئوۋچىلىق،  ئىزچىلىق ۋە توغراق ياغىچىدىن كېمە - قېيىق،  چارا ( تەڭلە )،  ئېگەر چېپىشنى چۆچەك ( ياغاچ تاۋاق )،  ھاۋانچا ئويۇشنى،  قوشۇق،  چۆمۈچ ياساشنى ئۆگىنىۋالدى.  ئۇ لوپ ئېلىدىكى ئىپتىدائىي جاڭگاللىق ۋە بىپايان توغراق ئورمانلىقلىرىدا تەبىئەت بىلەن ئېلىشىش داۋامىدا بىر قورقۇمسىز،  مەردانە ۋە مېھرىبان يىگىت بولۇپ يېتىشتى.  ئۇ ئۆزىنىڭ ئوۋچىلىق،  ئويمىچىلىق كەسپى ۋە ياخشى خۇي - مىجەزى بىلەن ئاتا - ئانىسى،  قولۇم - قوشنىلىرى ۋە يۇرتداشلارغا دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ كۆپنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ كەلگەچكە،  كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئۆردەك ئالتۇن»دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ قېلىشتى.  يىگىتلىك دەۋرىدە ئۆردەك لوپ ئېلىدە بولمىسا بولمايدىغان ئارزۇلۇق يۇرت ئوغلىغا ئايلانغانىدى. }=NjFK_6  
يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن تارتىپ ئاجايىپ تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن،  گۈللىنىپ تازا روناق تاپقان،  ھەشەمەتلىك قەلە - قورغانلىرى،  كاتتا قەسىر - سارايلىرى،  كۆپ خىل ئاۋۇن ئىگىلىكى ۋە كۆز چاقنىتىدىغان مەدەنىيەت - سەنئەت دۇردانىلىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان تەكلىماكاندىكى كروران قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى يىراق - يېقىندىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىپ،  شەرق ۋە غەربنىڭ دىپلوماتىيە ھەم سودا ئالاقىسىدىكى مۇھىم نۇقتىغا،  كارۋان يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەلگە،  شۇنداقلا يەنە كېڭەيمىچى زوراۋانلارنىڭ شۆلگىيىنى ئاققۇزۇپ،  كۆزلىرىنى قىزارتىدىغان،  تالىشىپ تارتىۋېلىشقا ئىنتىلىدىغان ئولجا نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.  ئالدىنقى ئىرانىڭ ئاخىرىدىن 2 - ئىرانىڭ ئاخىرىغا قەدەر مىڭ يىللاپ خارابلىشىش،  تاشلىۋېتىلىش،  قېزىش،  ئۇنتۇپ كېتىشتەك ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ تەكلىماكان شەھەر دۆلەتلىرى 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم « ساياھەتچىلىك» ۋە قىدىرىپ تەكشۈرۈش قىزغىنلىقىنىڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.  شۋېتسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن 1899 - يىلى 8 - ئايدا لوپ كۆلىنىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە تارىم،  كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاياق ئېقىنلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشنى باشلاپ،  لوپ ئېلىگە كەلگەندە،  كىشىلەردىن ئۆردەك ئالتۇننىڭ ئوۋچىلىق،  ئىزچىلىقتا مول تەجرىبىگە ئىگە،  زېرەك،  قورقۇمسىز،  جاپاغا چىداشلىق مەرد يىگىت ئىكەنلىك تەرىپلىرىنى ئاڭلاپ،  ئۇنى ئۆزلىرىگە يول باشلىغۇچىلىققا تاللايدۇ.  1900 - يىلى تۇزسىز كۆل - قاراقوشۇن كۆلىنىڭ تارىختىكى لوپ كۆلى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەترەتنى باشلاپ يولغا چىقىدۇ.  3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ( سەيشەنبە ) ئۇلار قاراقوشۇن كۆلىگە تەخمىنەن 3 - 4 كۈنلۈك يول قالغاندا،  بىر يۇلغۇنلۇققا كېلىپ،  قۇدۇق قېزىپ سۇ ئالماقچى بولىدۇ.  بىراق شۇ چاغدا ئۆزلىرىدىكى بىردىنبىر قېزىش قورالى - تۆمۈر گۈرجەكنىڭ ئالدىنقى قونالغۇدا ( خارابىدە ) ئۇنتۇلۇپ قېلىنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.  كېيىنكى سەپەرلىرىدە بۇ گۈرجەك بولمىسا زادىلا بولمايدىغانلىقتىن،  سىۋېن ھېدىن » قۇملۇقتا تەرەپلەرنى خۇددى كومپاستەك پەرقلەندۈرەلەيدىغان «ئۆردەكنى بىر ئات بىلەن گۈرجەكنى تېپىپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ.  ئۆردەك يولغا چىقىپ ئىككى سائەتلەردىن كېيىن كۈن كەچكە قىيىلىدۇ ۋە غۇر - غۇر چۆل شامىلى چىقىپ،  قۇم - شورلارنى ئۇچۇرۇپ،  مېڭىشنى قىيىنلاشتۇرۇشقا باشلايدۇ.  بارغانسېرى ئەدەۋاتقان قۇم،  بوران ئىچىدە ئۆردەك ئۆز تۇيغۇسى ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ،  بورانغا قارشى قىيپاش ئىلگىرىلەيدۇ.  چۆل شامىلى كېيىن قارا بورانغا ئۆزگىرىپ ئالەمنى قۇم - توپا قاپلايدۇ.  ئۆردەك چىشىنى چىشىغا بېسىپ ئىلگىرىلەپ بىر يارداڭلىققا بېرىپ قالىدۇ - دە،  يارداڭلىقتا بوراندىن دالدىلىنىپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزىدۇ.  تاڭغا يېقىن بوران توختاپ ئەتراپ يورۇيدۇ.  ئۆردەك ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراۋېتىپ،  بىردىنلا ئىلگىرى بوۋىسى ئوماق ئۆتەڭ تەرىپىنى قىلىپ بەرگەن خارابىلىككە بەك ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئارىسىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ.  ئۇ خارابىلىكتىن نەپىس ياسالغان ياغاچ بېزەكتىن ئىككىنى ئېلىپ،  خارابىلىك ئەتراپىدىكى مۇھىم بەلگىلەرنى ئېسىگە پۈكۈۋېلىپ گۈرجەكنى ئىزدەشكە ماڭىدۇ.  ئۇ گۈرجەكنى باشقا خارابىلىكتىن تاپقاندىن كېيىن،  يېڭى چۈشكۈنگە يەتكۈچە ھەر بىر قۇم بارخانى،  ھەر تۈپ يۇلغۇن،  توغراق ۋە چوقچىيىپ تۇرغان ھەر بىر تال دوقال - تۆمبەللەرگە بەلگە سېلىپ ماڭىدۇ.  ئۆردەكتىن بارلىق تەپسىلاتنى ئاڭلىغان سىۋېن ھېدىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ،  قوللىرىنى توختاۋسىز ئىشقىلاپ تۇرۇپ،  چالا - بۇلا ئۇيغۇرچە تىلدا : «شۇ ! دەل شۇ ! » دەپ توۋلاپ كېتىدۇ ۋە ھايالسىز ئەترەتنى باشلاپ ئۆردەك بايقىغان ھېلىقى خارابىلىككە قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ.  خارابىلىككە ئاز قالغاندا،  ئۇ باشقىلارنى نېرىدا توختىتىپ قويۇپ،  خارابىلىككە ئاۋۋال ئۆزى بارىدۇ.  خېلى ئۇزاققىچە ئايلىنىپ،  ئۇ يەرنى كولاپ،  بۇ يەرنى ئاقتۇرۇپ،  ئۇنى - بۇنى يىغىدۇ.  ئاندىن باشقىلارنى چاقىرىپ،  ئۆزى ئۈستىدە كۆرسىتىپ تۇرۇپ قازدۇرىدۇ،  يىغدۇرىدۇ.  ئۆزى خېلى كۆپ نەرسىلەرنى يازىدۇ،  سىزىدۇ.  ئۇنىڭ قازدۇرغانلىرى ئاز ئەمەس ئىدى.  بۇ نەرسىلەرنى ساندۇقلارغا ئاۋايلاپ پۇختا قاچىلىتىدۇ. WUKYwA/t  
بۇ دەل 1900 - يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ( چارشەنبە ) ئىدى.  سىۋېن ھېدىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىر تۇرنىڭ يېنىدىكى يارداڭلىقتا كېسەكتە قوپۇرۇلغان ئەگمىلىك بىر يەرنى بايقاپ كولايدۇ.  بىر ئۆينىڭ ئىشىكى پەيدا بولىدۇ.  ھېچكىم ئىشىكتىن كىرىپ بېقىشقا پېتىنالمايدۇ.  ئاخىرىدا سىۋېن ھېدىن بىلەن ئۆردەك ئىشىكتىن كىرىدۇ.  قارىسا،  ئۆي ئىچى ئانچە چوڭ ئەمەس.  ئۆيدە ئۆرە تىكلەپ قويغان،  ئادەمنىڭ قۇچىقىغا بىر كەلگۈدەك بىر غۇلاچ ئېگىزلىكتىكى ئىچىنى ئويۇپ ياسىغان ساندۇقسىمان جاھازىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ.  ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن،  باشقىلارنى كەتكۈزىۋېتىپ سىۋېن ھېدىن ئۆزى ئېغزىنى ئېچىپ كۆرىدۇ.  يەنە قايتا ئېتىۋېتىپ ئېلىپ ماڭىدۇ. . .  سىۋېن ھېدىن سۇ،  ئوزۇق،  قاتناش ۋاسىتىلىرى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ قېتىمقى كېزىشنى بولدى قىلىپ،  كېلەر قېتىم قايتا كېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يولغا چىقىدۇ.  كېيىنكى يىلى بۇ خارابە قايتا قىدىرىپ تەكشۈرۈلۈپ،  ئۇنىڭ غايىب بولغىنىغا مىڭ نەچچە يۈز يىل بولغان مەشھۇر قەدىمكى شەھەر كروران ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ دۇنيانى تاڭ قالدۇرىدۇ.  شۇ قېتىمدا بۇ خارابىنى بايقاپ ئۆزىنى باشلاپ بارغانلىقى ۋە كۆمۈلۈپ قالغان ئۆيگە قورقماي كىرىپ ساندۇقسىمان جاھازىنى تېپىشىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن،  سىۋېن ھېدىن ئۆردەككە باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ھەق بېرىدۇ.  بۇ دەل ئۆردەكنىڭ 38 ياشقا كىرگەن،  ئۆزىنى توختاتقان،  تازا كۈچىگە كەلگەن بەردەم چاغلىرى ئىدى.  دېمەك،  ئۆردەك 38 يېشىدا پەۋقۇلئاددە بىر بايقاش بىلەن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن ئىلگىرىلا بەرپا بولۇپ،  مىلادىيە 5 - ئەسىرلەردە دۇنيادىن 15 ئەسىر ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى،  سىرلىق تەكلىماكان شەھىرى - كروراننى تېپىپ،  دۇنيانىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان،  سىۋېن ھېدىنگىمۇ دۇنيا ئىلىم - پەن ساھەسى بويىچە كاتتا شۆھرەت تاجى كىيدۈرگەن.  سىۋېن ھېدىن كېيىن ئۆزىنىڭ 2 - قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيىسى توغرىسىدا باشقا ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ 8 توملۇق « 1889 - 1902 - يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيانى تەكشۈرۈشتىن ئىلمىي نەتىجىلەر» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتى توپلىمىنى تۈزۈپ،  1904 -،  1907 - يىللىرى نەشر قىلدۇرىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ لوپ ئېلىدىكى ئىككى قېتىملىق مۇشەققەتلىك ئېكىسپىدىتسىيىدە سادىق يولباشلىغۇچى،  ياخشى دوست،  ئىشەنچلىك مەسلىھەتچى بولغان ئۆردەكنىڭ بالا - چاقىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يۇرتىغا ئۆز فوندىدىن مەلۇم مىقداردا پۇل ئاجرىتىپ بېرىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ. ~i(X{ ^,3  
ئۆردەك 1901 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قەشقەردە سىۋېن ھېدىن بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن،  يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە كېيىن بىر قانچە قېتىم ئۆزى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىدۇ ھەمدە 1910 - يىللىرى ئەتراپىدا بىر قۇم بارخانلىرى ئۈستىدىكى قەبرىستانلىقنى بايقايدۇ.  بۇ كېيىنكى يىللاردا «ئۆردەك قەبرىستانلىقى»،  « 5 - نومۇرلۇق قەبرىستانلىق »،  « كىچىك دەريا قەبرىستانلىقى» دەپ ئاتالغان قەبرىستانلىق ئىدى.  1927 - 1935 - يىللىرىغىچە داۋاملاشقان جۇڭگو - شۋېتسىيە بىرلەشمە ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى تۇرپانغا كەلگەندە،  تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ 1921 - يىلىدىن باشلاپ قۇم دەريا ( قۇرۇق دەريا دەپمۇ ئاتىلىدۇ،  كۆنچى دەرياسىنىڭ ئەسلى ئېقىنى ) ئارقىلىق تارىختىكى لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،  بىر گۇرۇپپا كېمە ئەترىتى سۇ يولى بىلەن لوپ كۆلىگە قاراپ ئاتلىنىدۇ.  1934 - يىلى 4 - ئايدا،  سىۋېن ھېدىننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان چارادىكى ئۆردەك ئوغلى سادىق بىلەن ئاتلىق يولغا چىقىپ،  دەريادا كېتىۋاتقان سىۋېن ھېدىنلار بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە ئايرىلىشقاندىن كېيىنكى 30 يىللىق كەچۈرمىشلىرىنى ۋە ھېلىقى قەبرىستانلىقتا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.  سىۋېن ھېدىن ھەمراھى،  شۋېتسىيىلىك ئارخېئولوگ فون برگمان باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ،  ئۆردەكنىڭ يول باشلىشىدا نەچچە ئون كۈنلۈك مۇشەققەتلىك ئىزدەشلەر ئارقىلىق 1934 - يىلى 6 - ئايدا ئاخىرى ھېلىقى قەبرىستانلىقنى تاپىدۇ.  بۇ قەبرىستانلىقمۇ كروران قەدىمىي شەھىرى بىلەن دەۋرداش ھەم بىر مەدەنىيەت سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ،  قەدىمكى لوپ رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە ئىدى.  بۇ قەبرە قېدىرىلغان چاغدا ئۆردەك ئالتۇن 70 نەچچە ياشلاردىكى بوۋايغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. b3W@{je  
دۇنيا ئارخېئولوگىيە تارىخىدىكى 1500 يىللىق سىرنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولغان خىسلەتلىك ئادەم ئۆردەك ئالتۇن ئۆمرىدە بىر ئوغۇل،  بىر قىز - ئىككى پەرزەنت كۆرگەن.  قىزى گۆدەك ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن.  يالغۇز ئوغلى سادىق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دەشت - باياۋان،  ئىپتىدائىي جاڭگاللارنى كېزىپ ھەقىقىي تەكلىماكان ئوغلىغا ئايلانغان.  1934 - يىلى ئاتىسى ئۆردەك بىلەن كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىگىچە بىللە بارغان.  ئۇ ئاۋرىل ستەينگىمۇ يول باشلىغۇچى بولغان.  بىراق ئۇ ئاتىسىدىن ئىلگىرى،  يەنى 1940 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.  سادىقنىڭ قىزى نىيازخان ھازىرمۇ ھايات،  ئۇ 70 نەچچە ياشلاردا بولۇپ،  لوپنۇر ناھىيە شىڭپىك يېزا تۇڭچىكە كەنتىدە ئولتۇرىدۇ.  نىيازخاننىڭ تەربىيە ئوغلى ئىسمائىل سادىق لوپنۇر تاشيول ئۇچاستىكىسىنىڭ پېشقەدەم ئىشچىسى بولۇپ،  پېنسىيىدە.  خوتۇن - بالىلىرى ئاخىرقى ئۆمرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەكتە. sT|8a  
گەپنى يەنە ئۆردەك ئالتۇننىڭ ئۆزىگە قايتۇرساق،  ئۇ ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى چارا،  يېڭىسۇ،  ئابدال،  ئارغان ئارىلىقلىرىدا كېلىپ - كېتىپ،  تەكلىماكاننىڭ بىپايان قۇملۇقلىرىدا،  بۆك ئىپتىدائىي توغراقزارلاردا ۋە توقاي - جاڭگاللاردا يېڭى ئىزلىرىنى قالدۇرغان.  ئۇ 1944 - يىلى 84 يېشىدا يېڭىسۇ،  ئارغان ئارىلىقىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.  ھازىر لوپنۇر ناھىيىسىدە ئۆردەك ئالتۇن نامىدا بىر ساياھەت ئورنى قۇرۇلۇپ،  ئۆردەك ۋە لوپ ئېلى مەدەنىيىتىگە ئائىت ئەسلى ھەم تەقلىدىي بۇيۇملار يىغىلغان.  بۇ ساياھەت نۇقتىسى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىغا ۋە چۈشىنىشىگە ئېرىشمەكتە. L'.7V ~b{  
ئۆردەك - لوپ ئېلىدە تۇغۇلۇپ،  تەكلىماكاندا ھايات كۆچۈرگەن، « قۇملۇقتىكى يوللارنى بەش بارماقتەك بىلىدىغان» ( فون بىرگمان )،  دۇنيانىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىغا پۈتۈلگەن،  ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تەسىر كۆرسەتكەن،  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكسپېدىتسىيە تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر تارىخىي شەخستۇر !! (]1n!  
,F]Y,"x:  

تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى