| قۇم قەلئە I-b_h5ZD6 6HoqEku/Q @}<"N (رومان) yN*:.al ''IoC j LVnHt} ;UYc ئون تۆتىنچى باب /aZE,IeEz ?^ZXU0IkP V!4a*,Pz شەھەردىن قوغلانغان دەرۋىش 845W>B -ynBi;nH B0d%c&N${ (1) O:Va&Cyj* A>= E { %r%So_^ قۇياش شەرىقتىكى بىر ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان يەككە-يېگانە قەسىرگاھىدىن كۆپكۈك ئاسمانغا نەيزە بويى ئۆرلىگەن مەھەل ئىدى. قۇياشنىڭ ئاستا-ئاستا تىكلىنىشىگە ئەگىشىپ قىزىتقۇ ئىسسىق ھارارەت سەھەرنىڭ راھەتبەخش سۈزۈك ۋە سالقىن سەلكىننى بارا-بارا ئاجىزلاتماقتا ئىدى. بىر توپ يېزا بالىلىرى ئۆلۈك يىلاندەك سوزلۇپ ياتقان يول بويدىكى بىر توپ قېرى ئۈژمە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ھەر خىل ئويۇنلارنى قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئويناشماقتا ئىدى. شۇ تاپتا ئۇلار ئويۇنلىرىغا شۇ قەدەر كىرىشىپ كەتكەن ئىكەنكى، قۇياش نۇرىنىڭ تەنلەرنى كۆيدۈرىشىنىمۇ، ئۆتكەن-كەچكەن يولۇچىلارنىڭ، دەرتمەن-غېرىپ، مۇساپىر-تىلەمچىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ھەۋەس بىلەن نەزەر تاشلاپ ئۆتىشىۋاتقانلىقىنىمۇ؛ چارلىغۇچى لەشكەرلەرنىڭ سۈرە-ھەيۋە كۆرسۈتۈپ سۆلەت بىلەن كوچا چارلاشلىرىمۇ؛ قىسقىسى شەھەرنىمۇ، دۇنيانىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ.... ھەممە-ھەممىنى بىردەملىككە ئۇنۇتقان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ غەم ئەندىشە، قان-ياش مەۋجۇت بولمىغان سەبىي دۇنياسىدا ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇپ ياشىماقتا ئىدى. /b5>Qp -- ئەمدى توي قىلىپ ئوينايمىز، -- دېدى قارامتۇق كەلگەن ئون ياشلاردىكى بىر بالا يەنە بىر يېڭى ئويۇن باشلاپ. prtK:eGe2 -- ئۇنداق بولسا سېنىڭ تويۇڭنى قىلىمىز، قېنى ئۆزۈڭ دە، كىمنى ئالىسەن؟-- دېدى يەنە بىر بالا قارا مۇتۇق بالىغا ھەييارلىق بىلەن قاراپ. wN97_Y=`n -- مەن ئالسام مايسەمنى ئالمەن. قاراڭلار، مايسەمنىڭكىدەك قاپقارا ئۇزۇن چاچ كىمدە بار؟ مايسەم خۇددى چۆچەكتىكى كاپ-كاپ كۈچىگى، مىسران قىلچى بار چىن تۆمۈرنىڭ سىڭلىسى مەختۇمسۇلاغا نېمە دېگەن ئوخشايدۇ؟! LY 0]l$ باشقا بالىلار قارامۇتۇق بالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئىككى تال تۇم قارا ئۆرۈم چېچى بىلىدە يېيىلىپ تۇرغان قوي كۆزلۈك قىز شەلپەردەك قىزارغىنىچە چېچىنى ئويناپ تۇرۇپ، `zA#z /> -- نېمە، يەنە مېنى ئالامسەن؟ تۈنۈگۈنمۇ مېنى ئالغانتىڭغۇ؟ -- دېدى. OcmRZ -- نېمە، سەن ئۇنىمامسەن مايسەم؟ قارا، مەن دېگەن چىن تۆمۈر باتۇردەك ھېچنىمىدىن قورقمايمەن. مەن دېگەن باتۇر بالا، ماقۇل دېگىنە مايسەم. &xXEnV قارامتۇق بالا بىلىكىگە كۈچ يىغىپ قەددىنى تىك تۇتتى. x|i_P|Z -- ئۇنداقتا، مايسەمنى يالماۋۇز تۇتۇپ كەتسە سەن ئۇنى يالماۋۇز مومايدىن قۇتۇلدۇرۇپ كېلەلەمسەن؟ -- دېيىشتى بالىلار زىل ئاۋازدا قوڭغۇراقتەك چۇقۇرشۇپ. /( hUfYm0 -- قۇتۇلدۇرمايچۇ، -- دېدى قارامۇتۇق بالا مۇشتۇمىنى بوشلۇقتا پولاڭلىتىپ تۇرۇپ، -- مەن يالماۋۇز مومايغا مايسەمنىڭ بىر تامچە قېنىنىمۇ ئىچىرمەيمەن. قاراڭلارچۇ، مەن يەنە ماۋۇ يوغان دەرەختىكى ئۈژمىلەرنىڭ ھەممىسىنى مايسەمگە قېقىپ بېرىمەن تېخى. SJ?cI!=x بالىلار ئۆزئارا قىزغىن دەتالاش قىلىشىۋاتقاندا يىراقتىن كېلىۋاتقان ئىشەكلىك بوۋاي ئۇلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى. بالىلار ئىشەكلىك بوۋاينى كۆرۈپلا ھەممىنى ئۇنۇتۇشقان ھالدا ۋاقىراشتى. /Fgw$^H -- ھوي، قاراڭلارچۇ، كىم كېلىۋاتىدۇ؟ %<0eA`F4 -- ئوھۇي، ھېلىقى دەرۋىش بوۋامغۇ ئۇ. )G~w[~ -- راستكەن، دەرۋىش بوۋىمىز يەنە كەپتۇ ئاينا. x79Ha, -- دەرۋىش بوۋا . . . -' g*^ -- بوۋا . . . bN$r k| بالىلار بىر تەرەپتىن ۋاقىرىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يالىڭاچ پۇتلىرى بىلەن توپا تۇزتۇپ، ئېشەكلىك بوۋاينىڭ ئالدىغا پىڭلداپ يۈگىرىشتى. TX=yPq بالىلار قىيا-چىيا ئاۋاز بىلەن ئەتىراپنى بىر ئېلىپ بوۋاينىڭ يېنىغا بىر-بىرىدىن بالدۇر يېتىپ بېرىش ئۈچۈن كىرىچىدىن ئايرىلغان ئوقدەك تېزلىك بىلەن يۈگۈرەيتتى. y5r4+2B يىراقتىن كېلىۋاتقان ئۆسكىلەڭ چاچ ، قويۇق چار ساقاللىق بۇ ئادەم ئوتۇنچى بوۋاي ئىدى. U;N:j8 ئوتۇنچى بوۋاينىڭ شەھىرىۋەتەننىڭ ھەرقايسى شەھەر-يېزىلىرىدا، قىشلاق-دالىلىرىدا بىردە پەيدا بولۇپ، بىردە غايىب يۈرگىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان ئىدى. ئۇ ھەر دائىم تونۇش ئېشىكى بىلەن پەيدا بولۇپ يۇرت ئىچىنى ئارلايتتى. لېكىن ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشمايتتى. خۇددى ئۇ بۇ دۇنياغا تىكەندەك يەككە-يېگانە يارىلىپ قالغاندەك. لېكىن ئۇ ھەر قېتىم پەيدا بولغاندا بالىلار بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق بىرگە بولاتتى. ئوتۇنچى بوۋاي ھەر قېتىم كەلگەندە قۇرۇق قول كەلمەيتتى. بەلكى بالىلارغا گۈلە-قاق، ياڭاق-چىلاندەك يەل - يېلىمىشلەرنى ئالغاچ كېلەتتى. V#REjsf,t- -- يەڭلار بالىلىرىم، بۇ مېۋىلەر قانداقتۇر بىر ئىگىسى بار باغلاردىكى ئاھانەتلىك مېۋىلەر ئەمەس بەلكى تەبىئەت قوينىدا ئۆزى پىشقان مېۋىلەر، -- دەيتتى ھەر بىر قېتىم ئوتۇنچى بوۋاي بالىلارغا يەل-يېمىشلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەندە قايتا-قايتا تەكرارلاپ. .*g0w`H5pU -- بوۋا، ھېلىقى كۈنى سىز كەتكەندىن كېيىن قېلىچ ئاسقان ئىككى ئادەم مەندىن، ئاۋۇ كەتكەن ئىشەكلىك بوۋاي ساڭا نېمە دېدى، دەپ سوراپلا كەتتى ئەمەسمۇ، -- دېدى قارامۇتۇق بالا. 7x);x/#8Z -- سەن نېمە دېدىڭ بالام؟ -- دەپ سورىدى ئوتۇنچى بوۋاي قارامۇتۇق بالىدىن. ]^'@[< -- مەن، -- دېدى قارامتۇق بالا ئوتۇنچى بوۋاينىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرىپ، -- ئۇ بىزنىڭ دەرۋىش بوۋىمىز بولىدۇ. ئۇ بىزگە نۇرغۇن-نۇرغۇن ياخشى چۆچەكلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. يەنە جىق يەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ بېرىدۇ. ئۇ بەك ياخشى ئادەم. ئىشەنمىسەڭلار باشقا ئاداشلىرىمدىنمۇ سوراپ بېقىڭلار دېدىم شۇ. tWWWx~k -- قىلىچ ئاسقان ئادەم مەندىنمۇ شۇنداق سورىدى. ;X*cCb`h -- مەندىنمۇ سورىدى. A,sr[Pa@ -- مەندىنمۇ. [8tL"G6s بالىلارنىڭ تۆت-بەشى كەينى-كەينىدىن ۋاقىرىشىپ كەتتى. C8\5A8c -- مەنمۇ چۆچەكچى بوۋام ياخشى ئادەم دېدىم. ]a5 f2lE -- مەنمۇ شۇنداق دېدىم. jv&*uYm -- مەنمۇ ... Z&;uh_EC ئوتۇنچى بوۋاي بالىلارنىڭ قىقاس-سۈرەنگە تولغان جاۋابىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى زوقمەنلىك بىلەن ئەركىلەتكەچ سۆز باشلىدى. uj :%#u -- ئوھۇي، ئەقىللىق بوتىلاقلىرىم، ناھايتى توغرا ئېيتىپسىلەر. مەن سىلەرگە دەپ بەرسەم چۆچەك دېگەننى ھەممە ئادەم سۆزلەيدۇ. مەسلەن، ياخشى ئادەممۇ يامان ئادەممۇ سۆزلەيدۇ. ھەر قانچە يامان پادىشاھمۇ چۆچەك سۆزلىگەنلەرنى دارغا ئاسمايدۇ. چۈنكى پادىشاھلارمۇ چۆچەك ئاڭلاپ چوڭ بولىدۇ. ياخشى ئادەملەر ياخشى چۆچەك سۆزلەيدۇ، يامان ئادەملەر يامان چۆچەك سۆزلەيدۇ. پەقەت ئادەملەرلا ئەمەس ئالەمدىكى بارلىق جانلىقلارمۇ چۆچەك ئاڭلاپ چوڭ بولدۇ. يەنى مەسىلەن، چوڭ ئادەم كېچىك بالىلارغا چۆچەك سۆزلەپ بەرگەندەك، چوڭ جىن-ئالۋاستىلار كىچىك جىن-ئالۋاستىلارغا چۆچەك سۆزلەپ بېرىدۇ. چوڭ قۇشلار كىچىك قۇشلارغا، چوڭ دەرەخ كىچىك دەرەخلەرگە چۆچەك سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇڭا چۆچەك دېگەننى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. z`:lcF{V -- بوۋا، يىلان ۋە ھەرىلەرنىڭ پادىشاھى بار دەيدىكەن، ئۇنداقتا قۇش-دەرەخ، جىن ۋە ئالۋاستىلارنىڭمۇ پادىشاھى بولامدۇ؟ o!)3? ئۇزۇن چاچلىق قىز ئوتۇنچى بوۋاينىڭ تىزىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ سورىدى. ئوتۇنچى بوۋاي قاداق ۋە قۇرۇق باسقان يىرىك ۋە يېرىق توم ئالقىنى بىلەن سۇئال سورىغان قىزنىڭ توم قارا چېچىنى سىلاپ تۇرۇپ، P9T}S -- شۇنداق قىزىم، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. يەنى قۇشلارنىڭ دۇنياسىدا قۇشلارنىڭ پادىشاھى قاناتلىق قۇش شەكىلدە بولىدۇ، دەرەخلەرنىڭ پادىشاھى دەرەخ شەكلىدە بولىدۇ. خۇددى ئادەملەرنىڭ پادىشاھى پەقەت ئادەم شەكلىدىلا بولغاندەك قايسى خىل جانلىق بولسا ئۆز پادىشاھىنى شۇ خىل شەكىلدە يارىتىدۇ، -- دېدى. oH_;4QU4y -- ۋاي-ۋۇي ...ئۇنداق بولسا پادىشا دېگەن بىز بالىلاردىنمۇ جىقمۇ نېمە، بوۋا؟! 2 B ئۇزۇن چاچلىق قىز ھەيران بولغان ھالدا يەنە قايتۇرۇپ سوردى. ZzSz%z_sE -- ئېھتىمال شۇنداقتۇر، -- دېدى ئوتۇنچى بوۋاي ئەلەم تولغان كۆزلىرىنى يىراق- يىراقلارغا تاشلاپ تۇرۇپ. .>WxDQIo -- ئۇنداقتا ، بىزنىڭ پادىشاھمۇ بىزگە ئوخشاش لاتا قوچاق ئوينامدۇ؟ Le\?+h42> ئۇزۇن چاچلىق قىز يەنىمۇ قىزىققان ھالدا داۋاملىق سورىدى. %^ !,t:d -- بىزنىڭ پادىشاھ؟! ]x(!&y:h ئوتۇنچى بوۋاينىڭ كۆز نۇرى ئۇزۇن چاچ قىزنىڭ ساددىلارچە سورىغان سۇئالى بىلەن تەڭ نەگىدۇر قادالدى. c}2jmwq -- ھەئە، بىزنىڭ پادىشاھ! ~5}*d ئۇزۇن چاچ قىزنىڭ تەكرار ئاۋازى ئوتۇنچى بوۋاينى ئېسىگە كەلتۈردى. ئوتۇنچى بوۋاي نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. راست، نېمە دەپ جاۋاپ بېرىش كېرەك؟ تېخى ھازىرلا ئۆزى بۇ بالىلارغا ئىشەنچ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئۆز پادىشاھ بولىدۇ دېمىگەنمىدى. مانا ئەمدى بىزنىڭ پادىشاھ يوق دېسە بالىلار ئىشنەرمۇ؟ ;EP:o%r قۇياشنىڭ ئىسسىق ھارارىتى نەپەسنى بوغاتتى. تۇمۇزغۇلارنىڭ يېقىمسىز چىرىلداشلىرى قولاق-مېڭىگە يېڭنىنىڭ ئۇچىدەك سانجىلىپ كۆڭۈلىنى بىئارام قىلاتتى. z?R|Ok دىمىق ئىسىقتا تەلەپ-تەپچىرەپ كەتكەن ئوتۇنچى بوۋاي بولسا سۈكۈتتە ئولتۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېكرانىدىن شەھىرىۋەتەندە يۈز بەرگەن بىر-بىردىن دەھشەتلىك پاجىئەلەر، قانلىق قىرغىنچىلىقلار، رەھمىسىز باستۇرۇشلار لەيلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. pSdI/Vj'= ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۈنسىز-ئۈمۈتسىز ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن ئەنە شۇ دەھشەتلىك پاجىئە، قانلىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە ھازىر ھېچكىم ئېغىز ئاچمايدۇ. خۇددى شەھىرىۋەتەن تارىخىدا بۇنداق پاجىئە ۋە قانلىق قىرغىنچىلىق بولۇپ باقمىغاندەك، ئەزەل - ئەزەلدىن بۇ زېمىننىڭ ئۆز پادىشاھى بولۇپ باقمىغاندەك ھەم. K3#@SYj ئوتۇنچى بوۋاي خېلى ئۇزاق ۋاقىت تەگىسىز خىياللار بىلەن سۇغا چۇشكەن تاشتەك جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ۋەزمىن ئاھاڭدا ئېغىز ئاچتى، 4\8+9b\9" -- كىم بىلىدۇ بالىرىم، بىزنىڭ پادىشاھ لاي قوچاق ئوينايدىغان سىلەردەك بالىلارمۇ ياكى سۈرلۈك قويۇق قارا ساقالىق ئادەممۇ ۋە ياكى ۋۇجۇدىدىن شان-سۆلەت، جاسارەت پارلاپ تۇردىغان نەۋقىران زاتمۇ بۇنىسى ماڭىمۇ نامەلۇم. چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ پادىشاھى بولىشى مۈمكىن ئەمەس. بىزنىڭ پادىشاھ بەلكىم بۇ ئالەمگە ئاپىرىدە بولمىغاندۇر ۋە بەلكى تۇغۇلۇپمۇ بولغاندۇر. ئىھتىمال ئەنە ئاۋۇ يوللاردىكى ئۇ ياندىن-بۇ يانىغا كېلىپ-كېتىپ يۈرۈشكەن ئادەملەرنىڭ مەلۇم بىرى بىزنىڭ بولغۇسى پادىشاھدۇر. ياكى قايسى بىر تاغ- ئېدىرلاردا سەرسان-سەرگاردان بولۇپ يۈرگەن يولىچى بىزنىڭ بولغۇسى پادىشاھتۇر ۋە ياكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى مەلۇم بىرىڭلار بىزنىڭ پادىشاھ بولۇپ قالامىسىلەر تېخى. بىلگۈچى بىر خۇدا. GLeK'0Q@ -- ئوھۇي... 3sy (vC بالىلار ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئېھتىمالىق بىلەن تولۇپ كەتكەن پادىشاھ ھەققىدىكى سۆزىنى ئاڭلاپ ۋاقىرىشىپ كەتتى. $QLcH;+7t -- تېخى بىز ھەممىمىز پادىشاھ بولۇپ كېتەمدۇ -ھە، بوۋا؟ /<|%yE&KhJ قارامتۇق بالا ئەتىراپىدىكى بالىلارغا نەزەر سالغاچ سورىدى. ^:^9l1] -- ياق، ياق، ھەرگىز شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىگە كىرمەڭلار، -- دېدى ئوتۇنچى بوۋاي شۇ ھامان بالىلارنىڭ سۆزىگە جىددىي تەرۈزدە رەدىيە بېرىپ، -- ئىلگىرى بىزنىڭمۇ بىر پادىشاھ بولىدىغان بالىلىرىم ، بىز ئەنە شۇ پادىشاھلىق زاماندا شاد-خۇرام، قۇۋناق ھايات كەچۈرەتتۇق. بىراق كېيىن بىردىنلا باشقىلارنىڭمۇ پادىشاھ بولۇپ باققۇسى كېلىپ بىر- بىرىنى رەھىمىسىزلارچە ئۆلتۈرۈشتى. ئارقىدىنلا ھايات قالغانلارنى يات ئەل ياۋلىرى دارغا ئاستى. ئاقىۋەتتە بىز پادىشاھسىز قالدۇق. پادىشاھى يوق ئەل خۇددى بىر سەركىسى يوق پادىغا ئوخشايدۇ، سەركىسى يوق پادىنى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. چۈنكى گۆش يېمەيدىغان مۈشۈك يوق-دە بالىلىرىم، -- دېدى تىتىرەڭگۈ ئاۋازدا ئەلەملىك ھالدا. o ,AAC -- ئۇنداقتا، -- دېدى قارامۇتۇق بالا، -- بىز ياخشى پادىشاھلاردىن بولساقچۇ، بىز ھەرگىز بىر-بىرىمىزنى ئۆلتۈرمەيمىز بوۋا. )rn*iJ.e8 ئوتۇنچى بوۋاي قارامۇتۇق بالىنىڭ ساددىلارچە سۆزىنى ئاڭلاپ، &^}1O:8e -- تەخت دېگەن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان ئورۇن بالىلىرىم، شۇڭا ئالتۇننىڭ ئۈستىدە ئولتۇردىغان ئادەمنىڭ ئالتۇننىڭ ئۈستىدىن قوپۇپ كەتكۈسى ياكى ئۇنى باشقىلارغا بېرىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ. ئاقىۋەتتە ئالتۇن دېگەن بۇ سېرلىق نىجاسەت ئەقىلىنى بۇلغاپ، كۆزىنى كور قىلىپ تاشلايدۇ. ئەقىل-ھوشى بولغانغان ئادەمدە ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئىنسانىي ئاڭ بولمايدۇ. بۇنداق ئادەم يىرىتقۇچ ھايۋاندەك رەھىمسىز بولىدۇ. رەھىمىسىز ئادەم ھەتتاكى ئادەم تۈگۈل خۇدا بىلەنمۇ سىغىشالمايدۇ. كونا كىتاپلاردا ئۇلۇغلار شۇنداق بايان قىلغاندۇر: `yrB->|vG mHdA2 بىر پالاس ۋەتەندۇر ئون دەرۋىش ئۈچۈن ، tdBm(CsN @\0ez<.p} &Cr: |