باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       971 
  •    ئىنكاس 
       17 

چاخچاقتىن چىققان جاغجاق

قەۋەت ئاتلاش
ALIMRAN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10725

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1200 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   120 (قېتم)
 تۆھپە:   120  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 139
 سائەت
دەرىجىسى:
139 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-08
ئاخــىرقىسى:2012-08-27

كىرىش سۆز N*"p|yhd]  
بۇ ئەسەرنى يۇرتىمىزدىكى بىر ئائىلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلىككە ئاساسەن ئازراق ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىقتىم، تۇنجى ئەسىرىم بولىشى سەۋەپلىك يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولىشى مۇقەررەر. كەڭ تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلىرنى بېرىشىنى سورايمەن. ZvNJ^Xz  
D>HOn^   
چاخچاقتىن چىققان جاغجاق B|R@5mjm  
«ھىكايە» 0O9Ni='Tn  
     ئىشتىن چۈشۈپ ئالدىراپ سىرتقا ماڭدىم، يېقىن ئاغىنەم تۇرسۇننى كەچلىك تاماقنى بىللە يىيىشكە تەكلىپ قىلىپ قويغان ئىدىم ، چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى يامانلاپ كەتكەن  ئون نەچچە كۈندىن بويان ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈكرەك كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدىم. 1M}5>V{  
چۈشتىن بۇرۇن ئىشخانىدا ئولتۇرسام يەنە بىر ئاغىنەم ئەكرەمدىن تېلىفۇن كەلدى; 7Nk!1s :  
ـــ ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش؟ Yn@lr6s  
ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ياخشى ،ياخشى، ئۆزەڭچۇ؟ C"!gZ8*\!9  
ـــ مېنىڭغۇ ياخشى، لېكىن تۇرسۇننىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ جۇمۇ ئاغىنە،-دىدى ئەكرەم. 5 MN8D COF  
ـــ قانداق دەيسەن؟ K%a%a6k`  
ـــ سەن تېخى ئۇقمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەتە ئاجراشقىلى بارىدىكەن. ?)kGA$m#  
ـــ نىمە؟`نىمە دەيدىغانسەن؟ بىر ئوبدان ئۆتىۋاتمامتى ئۇلار ؟ fDT%!  
ـــ سەن راستىنلا ئۇقمىغانما؟ )6q,>whI]  
ـــ ئىككىسىنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئايالىنىڭ يامانلاپ كەتكىنىنى ئاڭلىغانتىم، لېكىن بۇنچە بولۇپ كەتكىنىنى راستىنلا ئۇقماپتىمەن. D)j(,vt  
ـــ شۇنى دىمەمسەن ئاداش،مەنمۇ بايا ئۆزىدىن ئاڭلاپ جىق نەسىھەت قىلدىم، لېكىن ئۇ قەتئى ئۇنىمايۋاتىدۇ. 43mP]*=A  
ـــ تۇرسۇن نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ باشقا بىرىنى  تېپىۋالمىغاندۇ؟ `(YxI  
ـــ ۋاي تاڭەي، ئىشقىلىپ ”ئۇ خۇتۇن بىلەن ئۆتمەيمەن“ دەيدۇ، ۋاقتىڭ بولسا ئۇنىڭ بىلەن سەن بىر كۆرۈشۈپ باققىن. VFRi1\G  
ـــ بولىدۇ .مەن بۈگۈنلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي. NWMFtT  
ـــ ماقۇل ئەمىسە، ئۇنىڭغا ياخشىراق نەسىھەت قىلىپ قويارسەن، ئۇ سېنىڭ گېپىڭنى بەكرەك يەيدۇ!. ~/98Id}v  
ـــ ماقۇل ئەمىسە ، خوش..... tiI.W  
كاللامدا ھەرخىل خىيال، ئۇ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟....... 5]AC*2(  
دىيىشىپ قويغان ئاشخانىنىڭ ئالدىدا ئۇ كۆرۈنمەيتتى،”ئاپلا، ساقلاپ بېقىپ كېتىپ قالمىغاندۇ- ھە؟“ مەن ئالدىراپ ئىچىگە كىرسەم چەتتىكى بىر جوزىغا بېرىۋالغان تۇرسۇن بىر قولىدا تاماكىسىنى تۇتۇپ ، يەنە بىر قولىدا پىشانىسىنى تىرەپ خىيال سۈرگىنىچە ئولتۇراتتى. (C@mLu)  
ـــ ۋاي - ۋۇي، نىمانچە ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋازدەك خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭ ئاغىنە؟ ئەكەپ بېرىمىز ، غەم قىلمىغىنە؟!ـــ مەن ئالدىغا بارغاچ قولۇمنى ئۇزاتتىم،ـــ  بەك ساقلاپ كەتمىگەنسەن ؟ mt,OniU=Q  
تۇرسۇن ئورنىدىن تۇردى ۋەكۈلۈپ تۇرۇپ; &e#~<Wm82  
ـــ ياقەي، مەنمۇ ھازىرلا كەلدىم،ـــ دېدى. LUM@#3&  
ـــ قورسىقىڭ تازا ئاچقاندۇ؟ ئاۋال تاماق بويرۇتۇپ بۇلۇپ ئاندىن قالغان گەپلەرنى قىلىشايلى!نىمە تاماق يىگۈڭ بار؟ '}B+r@YCN  
ـــ نىمە بولسا بولىۋىرىدۇ. gG*X^Uo  
كۈتكۈچى تاماقنى تىزىملاپ كەتكەندىن كېيىن پىيالىگە چاي قۇيغاچ سورىدىم: }bdmomV  
ـــ خىزمىتىڭ بەك ئالدىراشمۇ؟ DAcQz4T`  
ـــ بەكلا ئەمەس، نورمال دىيىشكە بۇلىدۇ. 4^WpS/#4  
ـــ ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىگىلى، مۇشۇ كۈنلەردە خىزمىتىم بىر ئاز ئالدىراش بولۇپ قېلىپ سەن بىلەن تۈزۈكرەك ئەھۋاللىشالمىدۇق. ]:4*L  
ـــ ئىشلەۋاتقاندىكىن شۇنداق بۇلىدۇ ــ دە. =5/9%P8j9  
ـــ ئەكرەمدىن ئاڭلىسام ماھىرە بىلەن ئاجراشماقچى بولىۋېتىپسەن، راستما؟ YQHw1  
ـــ ھەئە، شۇنداق؟ lQ" p !  
ـــ نىمىشقا ئەمدى؟ QPx_-  
ـــ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتەلمىگۈدەكمەن. j27?w<  
ـــ بۇ گېپىڭ قاملاشمىدى ئاداش، ئانچىكى ئىشلار ئۈچۈن بۇنداق گەپنى قىلساڭ بۇلامدۇ؟ ئۆي دىگەندە ئۇرۇش- جىدەل بولۇپ تۇرىدۇ،مەسلە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا، بىزنى دىسەڭ توي قىلغىلى 3يىل بولۇپ قالدى، مۇشۇ چاغقىچە كۈرمىڭ قېتىم ئۇرۇشۇپ قالدۇق، ئەگەرئۇ يامانلاپ كېتىپ قالسا گاھىدا ئۆزىمىز تېلىفۇندا كەچۈرۈم سورۇشۇپ ئەپلىشىپ قالىمىز، يەنە گاھىدا ئاتا- ئانىلىرىمىز ئارىغا كىرىپ تۈزەپ مانا مۇشۇ كۈنگە كەپتۇق ئاغىنە، سەنمىچۇ ئۇنى ئاشۇنداقمۇ ئۇرامسەن ، بىر تال چىشىنى چۈشۈرىۋېتىپسەن، شۇنداق بولغاندىكىن تېلىفۇن ئۇرۇپ كەچۈرۈم سوراپ باق ياكى بىز بىللە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقايلى. $ M`hh{ -  
ـــ ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمىلىيەتتە ماھىرە نەچچە قېتىم كەچۈرۈم سوراپ بولدى... [fAV5U  
ـــ مانا-مانا بولدىغۇ، يەنە نەرى قالدى، پۈتۈپتۇغۇ-مانا؟ {1 UQ/_  
ـــ كەچۈرمەيمەن، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈشكە بولىدىغان گۇناھ ئەمەس. c~z82iXNO  
ـــ ئۇنداق دەپ تۇرىۋالما ئاغىنە، قورسىغىڭنى كەڭرەك تۇتساڭلا دۇنيادا كەچۈرگىلى بولمايدىغان گۇناھ بولمىسا كېرەك!نىمانچىلا ئىنچىكىلەپ كېتىسەن ئەمدى؟ ئائىلىدە ئۇنداق – مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدىغۇ ؟ /t+f{VX$  
ـــ  نىمانداق چۈشەنمەيدىغانسەن،نىمە دېسەم بولار!........ ماقۇل، ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ھازىرغىچە ھېچكىمگە ئېيتمىغان ئىدىم، ساڭا ئېيتىپ بېرەي،ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن كېيىن بىرنەرسە دەرسەن…... K2TcOFQ  
    تۇرسۇن يانچۇقىدىن تاماكىسىنى ئېلىپ بىر تال تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن قاتتىق-قاتتىق بىر نەچچىنى شورىۋەتكەندىن كېيىن گېپىنى باشلىدى: %j.0G`x9 +  
”بىزتوي قىلغان بۇ بىر يىلدىن بېرى گەرچە بەك بەختلىك دېگىلى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئۇرۇش-تالاش قىلىشماي ياخشى ئۆتتۇق، ھەر كۈنى ئەتتىگەندە تاماق يەپ بولۇپ ئالدىراپ ئىشقا مېڭىپ كەتسەك كەچلىگى ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ  يېتىپ قالاتتۇق، ئىشقىلىپ تۇرمۇشىمىزدا ياكى خوشال-خوراملىق ياكى رۇمانتىكىلىق يوق ئېقىن سۇدەك بىر خىل ئۆتىۋاتاتتى، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىزغا كەلسەك ماھىرەنىڭ مۇئاشى ئۆزىنىڭ كېيىم- كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئاشمايتتى، مېنىڭ بولسا ئائىلىمىزنىڭ نورمال خىراجىتىگە ئارانلا يېتەتتى، شۇنداق تۇرۇقلىق بەزىدە ئۇنىڭ ئېسىل ئۆي ۋە ماشىنىلارغا ھەۋەس بىلەن قاراشلىرى مېنى بىئارام قىلاتتى،  بەك ئىچىم سىقىلاتتى،پۇلىمىز بولمىسىمۇ شاد – خورام بىر ئائىلىگە بەكمۇ تەشنا ئىدىم، قانداق قىلسام بىر ‹بەخىتلىك ئائىلە› قۇرۇپ چىقارمەن دەپ كۆپ ئويلىناتتىم.“ Q6PHpaj  
    تۇرسۇن تاماكىسىنى شوراپ بولۇپ كۈلدانغا تاشلىۋەتكەندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى. W0dSsjNio  
”بىر كۈنى ئىدارىدە ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا يىغىن بارلىقى توغرىسىدا ئۇختۇرۇش قىلىندى، بۇ خەۋەر ھەممەيلەننىڭ كەيپىنى ئىنتايىن ئۇچۇردى. 6n,i0W  
ـــ ئاچىدىغان بولسا بۇرۇنراق ئاچسا بولمامدۇ،ۋاقىت توشقاندا..... |cK*~  
ـــ ۋىيەي ــ ۋىيەي، يەسلىدىن بالامنى ئەپكىلۋالالمىسام قانداقمۇ قىلارمەن.... XW[j!`nlk  
ـــ  ۋايجان ،يولدۇشۇم ئىدارىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ كېتىدىغان بولدى-دە.... zBCtd1Xrni  
ھەممەيلەن ھەرخىل غۇدۇراشقانچە خوشياقمىغان ھالدا زالغا يىغىلىۋاتاتتى، توساتتىن تاھىر ئاكا ئۈنلۈك ۋاقىرىدى; <^VJy5>  
ــــ خالايىق يىغىن باشلانغىچە ماڭا بىر مەسلىھەت بېرىڭلار!ـــ ئادەتتىمۇ ناھايىتى قىززىق گەپلىرى بىلەن باشقىلارنى كۈلدۈرۈپلا يۈرىدىغان بۇ ئادەم كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 6V$Avg\6\  
ـــ بىر ئاي ئىلگىرى QQدىن 19ياشلىق بىر قىزنىڭ نامىدا نۇمۇر ئالغان ئىدىم، بۇ جەرياندا نۇرغۇن يىگىتلەر بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلىشىپ ، تۇرمۇشۇم ناھايىتى مەنىلىك ئۆتىۋاتاتتى ، شۇلارنىڭ ئارىسىدا 23ياشلىق بىر يىگىت بىلەن خېلى ئوبدانلا ئالاقەم بار ئىدى، مانا ئەمدى  ئوننەچچە كۈندىن بېرى ماڭا توي تەكلىپى قويۇپ تۇرىۋېلىۋاتىدۇ، ”ئويلۇشۇپ باقاي“دىسەم كۈندە ئۇچۇر يوللاپ ئالدىرىتىپ ماڭا ئارام بەرمەيۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بۇلار؟ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار. @@R7p  
ـــ توۋا، شۇنداقمۇ قىلامسىز ئەمدى ؟ـــ دىدى بىر ئايال خىزمەتدىشىمىز كۈلۈپ تۇرۇپ. QX!-B  
ـــ ئەمەلىي ئەھۋالنى دەپلاۋەتسىڭىز ئىش تۈگىمىدىمۇ ؟ـــ دىدى ئارىدا ئالدىراخسانراق يەنە بىرى غودۇڭشۇپ ، ـــ نىمانداق ئادەمنى كولدۇرلىتىدىغاندۇ  .... . caU0\VS  
ـــ 70 ياشلىق موماينىڭ سۆرىتىدىن بىرنى ئەۋەتىڭ بولمىسا..... /z4$gb7Y  
ھەر –خىل ئىنكاسلار تەرەپ – تەرەپتىن يېغىشقا باشلىدى . L9r8BK;  
ـــ ئەمدى بۇ ئىشنى ئاقىلانىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلمىساق بولمىغۇدەك، ـــ دىدى بۆلۈم باشلىقى سالماق ئاۋازدا ئۇرغۇلۇق قىلىپ ، ھەممىمىز ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ يۇمۇرىستىك كىشىنىڭ ئاغزىغا قارىدۇق ،ـــ باشقىلارغا كۆڭۈل بەرگەندىكىن ئەمدى ناز قىلىپ تارتىشماي، ئۇنىڭغا تىگىپ بىر-ئىككىنى تۇغۇپلىۋەتمەمسەن !........... |nc@"OJ  
”پاراققىدە“ كۆتۈرۈلگەن كۈچلۈك كۈلكە ئاۋازى زالنى كۆتىرىۋەتكىلى تاسلا قالدى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى .ھەزىل جاۋاپلار يەنە ئەزۋەيلىگىلى تۇردى . تۇيۇقسىز ئىدارە باشلىقىنىڭ كېلەڭسىز گەۋدىسى بىلەن سۈرلۈك چىرايى كۆرىنىشى بىلەن خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك كىشىلەرنىڭ گېپى ئاغزىدىلا قېپقالدى . lsJSYJG&  
يىغىنمۇ تۈگىدى، ھازىرمۇ كۆپچىلىكنىڭ چىرايلىرىدا كۈلكە..... s(5Y  
ئۆيگە قايتىۋېتىپ بۇ يۇمۇرنى  ماھىرەگە ئېيتىپ بېرىپ ئۇنى تازا بىر كۈلدۈرۈۋېتىشنى ئويلاۋېتىپ توساتتىن كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى،” توغرا مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ماھىرەگە بىر چاخچاق قىلسام، تۇرمۇشىمىز ئازراق بولسىمۇ يېڭىلىق ۋە رۇمانتىكلىققا ئىگە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.“ <->{  
ئەتىسى ئىشقا كېلىپلا QQدىن”ئىسىلزادە يىگىت“نامىدا يىڭى نومۇر ئالدىم-دە، ئايالىمنىڭ QQ سىغا قوشىۋېلىش ئۇچۇرىنى يوللىدىم، ئۇمۇ قوشۇۋالدى. !F*5M1Kjd  
ئويۇن باشلاندى، سۆزلىشىش جەريانىدا ئۆزەمنى خەلقارالىق سودا شىركىتىنىڭ تۈركىيەگە مال سېلىشقا مەسئۇل خادىمى قىلىپ تۇنۇشتۇردۇم ۋە يەنىمۇ ئۇستىلىق بىلەن دۆلەتمۇ-دۆلەت ئايلىنىپ يۈرىدىغان بىر بايۋەتچە قىلىپ كۆرسەتتىم. ئۇمۇ گەپلىرىمگە ئىشىنىۋاتاتتى. دەسلەپ ئانچە پەرۋا قىلمىغان ماھىرە ”مەن “ گە كۈندىن-كۈنگە قىزىقىپ قېلىۋاتاتتى. O_2pIbh  
بىر كۈنى سۆزلىشىۋېتىپ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدىم. spGb!Y`mR  
ـــ مەن تېخى توي قىلمىدىم،ـــ دىدى ئۇ. بۇ گەپتىن چۈچۈپ كەتتىم، نىمىشقا ئۇنداق دەيدىكىنە؟ چاخچاق قىلۋاتسا كېرەك،دەپ ئويلىدىم. &#o~U$GBg  
ـــ لايىقىڭىز بارمۇ؟-يەنە سورىدىم. 7G:s2432  
ـــ ئوقۇش بىلەنلا بولۇپ تېخى ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشتۈم، ئۇ ئىشلارنى ئويلاشمىدىم. sz5MH!/PJ  
ـــ ئىككىمىز ئوخشاش ئىكەنمىز، سىز بىلەن ياخشىراق تۇنۇشۇپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغۇم بار، خالامسىز؟ ,QOG!T4  
ـــ ئەلۋەتتە،-دىدى ئۇ. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۈندە ئالاقىلىشىپ تۇردۇق، لېكىن” ئۇ نېمىشقا توي قىلمىدىم دەيدىغاندۇ،ئەجەبا....“ دېگەندەك خىياللار ماڭا ئارام بەرمەيتتى . V8 e>l[tH  
ئاخىرى ئۇنى سىناپ باقماقچى بولدۇم ۋە كۆڭۈل ئىزھارى سۈپىتىدە QQدىن گۈللەرنى سوغا قىلدىم، ئۇمۇ رەخمەت ئېيتىپ قۇبۇل قىلدى.مېنىڭ سۆرىتىم دەپ تۈركىيە فىلىمىدىكى نامى چىقمىغان، لېكىن ئۆزى خېلى قاملاشقان بىر ئارتىسنىڭ سۆرىتىنى ئەۋەتىپ بەردىم ۋە ئۇنىڭ سۆرىتىنى تەلەپ قىلدىم، ئۇ جاۋاپ قايتۇرمىدى.  jPC[_g  
نىمىشقا گەپ قىلمايدىكىنە؟ ” چاخچاق مۇشۇنچىلىك بولسۇن“  دەۋاتامدىغاندۇ-يە،  ياكى مەن ئىكەنلىگىمنى بىلىپ قالغانمىدۇ؟... ياق ،مومكىن ئەمەس،ئەگەر بىلىپ قالغان بولسا ئۆيدە چوقۇم ماڭا چاندۇرۇپ قويغان بۇلاتتى. لېكىن ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرسە..... )}''L{k-  
ئەتىسى ئىشقا كېلىپ باشقا ئشلار بىلەن بولۇپ كىچىكىپرەك QQنى ئاچتىم، شۇ ھامان بىر ئۇچۇر كىردى،ئېچىپ كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتىم،ماھىرە ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى سۆرىتىنى ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. PUz*!9HC  
يائاللا نىمە ئىش بۇ؟ ئۇ راستىنلا..... _geWE0E  
بېشىمدىن بىر چىلەك سۇ قۇيۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم، بۇنداق بۇلارىنى پەقەت ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۆزەمچە ماھىرە بۇ ئۈچۈنچى شەخىسنى چوقۇم ئۆزىنىڭ ياخشى بىر ئائىلىسىنىڭ بار ئىكەنلىگىنى، ”مەن “ گە چاخچاق قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم.ئەپسۇس.... ياق،ئۇنداق ئەمەستۇ،-ئۆز-ئۆزەمگە شۇنداق دەپ تەسەللىي بېرەتتىم، بەلكىم ئۇمۇ راستىنلا ئىشخانىدا زېرىكىپ قېلىپ باشقىلارنى ئەخمەق قىلىپ باقاي دەۋاتىدىغاندۇ......  |$+3a  
قولۇم ھېچقانداق ئىشقا بارمايتتى، بۇ ئشنى ئېنىقلىماي زادى بولمايتتى. قانداق قىلسام بۇلار؟ چۈشكىچە ئويلىنىپ ئاخىرى بىر ئامال تاپتىم-دە، چۈشتىن كېيىن ئىشقا چۈشۈپلا كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كەلدىم ۋە ئۇچۇر يېزىشقا باشلىدىم: {qDSPo  
ـــ ئەۋەتىپ بەرگەن رەسىمىڭىزنى كۆرۈپ بەكلا خوشال بولدۇم،ئۆزىڭىزنى بەكلا كۆرۈپ باققۇم بار، ئەگەر خالىسىڭىز كۆرۈشۈپ باقساق قانداق دەيسىز؟ 2;xIL]  
ـــ ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى 400كىلومىتىردىن ئاشىدىكەن، قانداق كۆرۈشىمىز؟ Twh!X*uQ  
ـــ سىزلا خالىسىڭىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېنىڭىزدا پەيدا بولىمەن. /TE_W@?^  
ـــ ماقۇل ئەمىسە، ـــ دىدى ماھىرە. 5NBV[EP  
ـــ بەكلا خوشالمەن، ئېيتىڭچۇ قاچان، قەيەردە كۆرۈشىمىز؟ #1J &7F1  
ـــ ئەتە كەچتە بولسا قانداق؟ |].pDwgt  
ـــ بولىدۇ، چوقۇم بارىمەن. ئەتە كەچتە سىزنى خەلقارالىق مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا كۈتىمەن، ـــ دىدىم. بۇ شەھىرىمىز بويىچە ئەڭ داڭلىق ھەم قىممەت باھالىق  مېھمانخانا بولۇپ، بۇ يەرگە باي سودىگەرلەر، چەتئەللىكلەر ياكى ھوقوقدارلاردىن باشقىلار ئاساسەن كىرەلمەيتتى. QS0:@.}$E)  
ـــ بولىدۇ، ئەمىسە ئەتە كۆرىشەيلى ، ئامان بولۇڭ! QFfK0X8cC  
خوشلۇشۇپ بولۇپ ئۆزەمنى ئورۇندۇققا تاشلىدىم. ئاھ خۇدا، ماھىرە راستىنلا ئۇ يەرگە بارارمۇ؟ ئەجەبا ماڭا بولغان مۇھەببىتى شۇنچىلىكمىدۇ؟ئەمدى بىزنىڭ بۇ ئائىلىمىز شۇنداقلا ۋەيران بولۇپ كىتەرمۇ؟......ياق-ياق، ئۇ ھەرگىزئۇنداق قىلمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چاخچاق، كەچتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ”مەنچۇقاراڭ، ئۈرۈمچىلىك بىر ئەخمەقنىQQدا كولدۇرلىتىپ قويسام ئەتە كەچ بۇ يەرگە كېلىدىغان بولدى“ دەپ قاقاخلاپ كۈلىدۇ... h1:aKm!  
شۇلارنى ئويلاپ ئۆيگە يېتىپ كەلگىنىمنى تۇيماي قاپتىمەن.ئۆيدە ماھىرە تاماق ئېتىۋاتاتتى، مېنى كۆرۈپ بورۇنقىدەكلا ”قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟“دەپ قويۇپ ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى. مەنمۇ”ھەئە“دەپلا مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ تېلىۋىزورنى ئېچىپ قويۇپ ئولتۇردۇم. تېلىۋىزور مېنى كۆرىۋاتامدۇ ياكى مەن تېلىۋىزورنى كۆرىۋاتامدىمەن بىلگىلى بولمايتتى . -g)9R%>-  
كەچلىك تاماقمۇ يىيىلىپ بولدى، لېكىن ماھىرە ئۇ ئىشلار توغرىسىدا گەپ قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ياكى كۆڭلىدە جىملا بېسىقتۇرۋىتەي دەۋاتقاندۇ،دەپ ئويلاپ يېتىپ قاچانلادىدۇر ئۇخلاپ قاپتىمەن. "-_fv5jL  
ئەتىسى پۈتۈن بىر كۈن ئىشخانىدا ھەرخىل خىياللاربىلەن ئولتۇرۇپتىمەن. ”ماھىرە راستىنلا ئۇ يەرگە بارامۇ؟……“ I[b}4M6E  
ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا ماھىرەدىن تېلىفۇن كەلدى: HfcL%b%G8  
ـــ ۋەي، تۇرسۇن، بىر خىزمەتدىشىمىز ئەتە ئوقۇشقا ماڭماقچىتى، شۇڭا ئىدارىدىن ئۇزۇتۇش چېيى بېرىدىكەن، ئىدارىدىكى ھەممىمىز شۇ يەرگە بارىدىكەنمىز، كەچلىك تامىقىڭىزغا توڭلاتقۇدىكى  ئەتىگەنكى تاماقتىن ئېپ قويغان، شۇنى ئىسىتىپ يەپ تۇرارسىز، مەن كەچرەك قايتىمەن. ]"+95*B  
قورققان جىن ئاخىرى كەلدى، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا ئەمدى تاقەت قىلالمىدىم، چۈنكى ئاياغ ئاستى قىلىنىۋاتقىنى پەقەت ئائىلىمىزنىڭ كەلگۈسىلا ئەمەس ، بەلكى مېنىڭ ئەرلىك غورورۇم ئىدى. Jwj%_<  
مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دالدىراق بىر جاينى تېپىپ ئەتراپنى كۈزەتتىم. |nbf'  
ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇمۇ تېخى كەلمىگەندەك قىلاتتى.ئويلاپ قالدىم: RbCPmiZcH  
”راستىنلا ئۇزۇتۇش چېيىغا كەتكەن بولسىچۇ؟ ئەگەرشۇنداق بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى، لېكىن ئۇنداق بولماي بۇ يەرگە كەلسىچۇ؟ “يەنە ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم-دە، ئاسمانغا قاراپ نىدا قىلدىم: ” ئېھ ئاللا، ماھىرەنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ سالغىن، ئۇ بۇ يەرگە كەلمىسۇن، بولمىسا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشۇم مومكىن“. GFfq+=se  
مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا بىر تاكسى كېلىپ، ئاستا ئىشىكى ئېچىلدى.پۈتۈنلەي ئۆزەمنى يوقۇتۇپلا قويدۇم، ئۇ ماھىرە ئىدى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى، ئېنىقكى ئۇ”ئېسىلزادە يىگىت“نىڭ ماشىنىسىنى ئىزدەۋاتاتتى. يېرىلىپ كېتەي دەۋاتقان غەزىپىمنى تەستە بېسىپ ئۇتەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ماھىرە مېنى كۆرۈپ شۇنداق چۆچۈپ كەتتى ،لېكىن چاندۇرماسلىق ئۈچۈن دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. Kk(9O06j  
ـــ بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتىسەن؟ـــ دىدىم مەن ئۆزەمنى زورىغابېسىپ تۇرۇپ. xBUya4w  
ـــ بىر... بىر خىزمەتدىشىم بىلەن مۇشۇ... مۇشۇ يەردە ئۇچرىشىپ بىللە چايغا بارماقچىدۇق،ـــ دىدى ئۇ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ. \=+b}mKVm  
ـــ ئۇچراشماقچى بولغىنىڭ خىزمەتدىشىڭمۇ ياكى ئېسىلزادە يىگىتىڭمۇ؟ 3 N7[.I>A  
ـــ نىمە؟......سىز... ـــ ئېتىلغىنىمچە ئۇنىڭ ئاغزىغاغەزەپ بىلەن بىر تەستەك سالدىم ۋە ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي تىللىغىنىمچە يىقىلىپ ياتقان ماھىرەنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە تېپىشكە باشلىدىم. دەل شۇ چاغدا ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى كېلىپ ماڭا ئېسىلدى . WX}xmtLs  
ـــ قويىۋەت....قويىۋېتىش مېنى..... ئۆلتۈرىۋىتىمەن بۇ پاسكىنىنى.... S{FROC~1R  
بىراق ئۇلار مېنى قويىۋېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن قاراۋۇلخانىغا سۆرەپ دىگۈدەك ئەپكىرىشتى: [01.\eh  
ـــ نىمىشقا ئۇ قىزنى ئۇرىسەن؟ AX?fuDLs  
ـــ نىمىشقا ئۇرمايدىكەنمەن ، ئۇ دىگەن مېنىڭ خوتۇنۇم...... -RO7'm0  
ـــ..........“ ?."&MZ  
ئاللىقاچان كىرىپ بولغان تاماقلار سوۋۇپ يىگۈسىزھالەتكەكېلىپ بولغانىدى. بۇ ۋاقىتتا مەن تۇرسۇنغا ياكى نەسىھەت قىلىشنى ياكى” قويىۋەت ئۇنداق خوتۇننى“ دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم. ئارىمىزدا ئېغىر جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرمەكتە ئىدى........ : p{+G  
Ypeiy `.  
مەنبە؛ ئەلئىمران u)ev{)$TM  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-24, 21:20
 
ئۇنۇتما بۇ دۇنيا باقى ئەمەس،ھەرقانداق بىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر
fatima

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.302

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1103 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   44802 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3961 (قېتم)
 تۆھپە:   3842  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14499
 سائەت
دەرىجىسى:
14499 سائەت 341 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2012-08-27
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 08-24

ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دەپ،راسلا چاخچاقتىن جاقجاق چىقىپتۇ.
 
ھەر بىر ئۆتكەن دەقىقىلىرىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزىمەن
خۇشخۇي

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.168

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2428 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28952 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2134 (قېتم)
 تۆھپە:   2098  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 606
 سائەت
دەرىجىسى:
606 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-15
ئاخــىرقىسى:2012-08-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-24

سۇنى سىڭگەن يەرگە سەپ دەپتىكەن كونىلار  ...مىنىڭچىمۇ باشلىنىشتىلا چاتاق چىققان ئىشكەن بۇ....
 
altunboxuk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4011

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   188 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   10040 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   956 (قېتم)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1873
 سائەت
دەرىجىسى:
1873 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-21
ئاخــىرقىسى:2012-08-29
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-25

ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ. تىلى راۋان، ۋەقەلىكى ۋە قۇرۇلمىسى ئاددىي، مەزمۇنىمۇ تۇرمۇش چىنلىقىغا ئۇيغۇن. يانفۇن، كومپىيوتېر تورىدا بىر-بىرىنى ئالداپ، ئورۇنسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر-بىرىنى سىناپ ئاقىۋەتتە بىر چىرايلىق ئائىلىسىدىن ، بالا-چاقىسىدىن ئايرىلىپ ئايىغى چىقماس باش ئاغرىقىغا قېلىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بولغىدەك.
 
قىلىچ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10944

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   76 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5347 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   535 (قېتم)
 تۆھپە:   535  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 254
 سائەت
دەرىجىسى:
254 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-17
ئاخــىرقىسى:2012-08-31
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-25

ئىچىم ئەجەپ ئاچچىق بوپ قالدا  بۇ يازمىنى ئوقۇپ ......    
ئەل غىمىنى يىمىگەن ئەر  -  ئەر ئەمەس  .
ougan
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11138

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   200 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   20 (قېتم)
 تۆھپە:   20  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6
 سائەت
دەرىجىسى:
6 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-25
ئاخــىرقىسى:2012-08-25
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-25

ھىكايىنىڭ ماتىريالىنى ياخشى تاللاپسىز.بىراق ئستىلسكىلىق ۋاستە پەقەتلا ئشلەتمەپسىز .ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا شۇنچىلىك ياخشى ئەسەر پۈتۈپ چىققۇدەككەن . ئەمما شۇ ھالىتىمۇ ياخشى چىقىپتۇ. &N7:k+E  

aynak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10843

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   55 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2999 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   300 (قېتم)
 تۆھپە:   300  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 403
 سائەت
دەرىجىسى:
403 سائەت 37 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-13
ئاخــىرقىسى:2012-08-28
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-25

(@o />T  
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!  شۇ چىۋەر قوللىرىڭىزغا تەشەككۈر!!!
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
nasiba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1999

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   308 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10130 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   996 (قېتم)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6784
 سائەت
دەرىجىسى:
6784 سائەت 236 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-15
ئاخــىرقىسى:2012-08-28
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-25

ئادەم ئادەمگە ئوخشىمايدۇ ، مىنىڭچە چاخچاق قىلمىغان ياخشى دەپ قارايمەن ...
ئۈمۈتسىزلىك ھالاك بۇلۇشنىڭ باشلىنىشى...
rastqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10221

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   71 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3700 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   370 (قېتم)
 تۆھپە:   370  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 744
 سائەت
دەرىجىسى:
744 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-14
ئاخــىرقىسى:2012-08-28
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-25

ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بوغىدەك ئىش بوپتۇ ،ھەر ئادەم ئۆزنىڭ رىسقىغا شۇكىرى قىلىشنى ئۈگنىۋېلىشى كىرەككەن.
wissal@131

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5259

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   538 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22385 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2235 (قېتم)
 تۆھپە:   2235  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2571
 سائەت
دەرىجىسى:
2571 سائەت 179 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-15
ئاخــىرقىسى:2012-08-30
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-25

bu dunyada heq kimga ixangili bolmaydu da  
ھايات دىگەن شۇ بەزى كۈلۈپ بەزى يىغلاپ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى