باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       444 
  •    ئىنكاس 
       3 

ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى يوق مىللەت

قەۋەت ئاتلاش
uguzhan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7175

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   61 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4742 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   465 (قېتم)
 تۆھپە:   465  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 911
 سائەت
دەرىجىسى:
911 سائەت 129 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-03
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
— بۇ تېمىنى bayawan ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2012-08-28) —

ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى يوق مىللەت (*\y  
,Qj\_vr@  
SBY0L.  
qos/pm$&i  
ئەسئەت سۇلايمان P1<McQ  
](`:<>c  
}TDq7-(g  
?i}wm`  
ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە زامان چۈشەنچىسىگە بولغان كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ھازىرقى زاماندىكى تەرەققى قىلغان مىللەتلەرنىڭ مۇھىم بەلگىسى . ھالبۇكى ، بۇنىڭدىن يۈز يىل ئاۋالقى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ۋاقىت ئۇقۇمىغا بولغان پەرۋاسىزلىق ئەجنەبىيلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى . ياۋرۇپادىكى تەۋەككۈلچىلەر كىشىلەرنىڭ گويا كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياشاۋاتقاندەك خىرامان يۈرىيدىغانلىقىنى ، كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ، پەسىللەرنىڭ ئۆزگۈرىشى ، زامانلارنىڭ ئۆتۈشىنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوقتەك بىر خىل زىرىكەرلىك ھايات رېتىمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى . ئۇلار يەنە بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمى بولمايلا قالماستىن ، بەلكى يەنە تارىخقا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭمۇ كەملىكىنى تەكىتلىگەنىدى . چۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇ زامانلارغا قەدەر ۋاقىت ئارقىلىق تارىخنى ھېساپلاش ، ۋاقىت ئارقىلىق زامان ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرلەش ئەنئەنىسى ئومۇملاشمىغانىدى. يېرىم ئەسىر مۇقەددەم يۈزبەرگەن زور تارىخى ۋەقەلەرگە نىسبەتەنمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەردە ناھايىتى ئېنىق بولغان ۋاقىت چۈشەنچىسى يوق ئىدى ، بەلكى « جىگدە پىششىقىدا » ، « خامان تەپكەندە » ، « چېچەك كېسىلى تارقالغان يىللاردا » ، « تۇڭگان كەلگەندە » دىگەندەك مەۋھۇم ئۇقۇم ئارقىلىق تارىخنى بايان قىلىشقا كۆنۈككەنىدى . شۇڭلاشقا ئۆز دەۋرىدە ھىچكىم ستەين ، سۋېن ھېدىن ، لېكوك ، ئوتانى قاتارلىقلارنىڭ بۇ يەردىكى زور تارىخى ۋەقەلەر ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا ئېنىق يىلنامىسى بىلەن جاۋاپ بىرەلمىگەنىدى . wd1>L) T  
M`xI N~  
ئۇلار ئوخشاشلا ئۆزىگە ۋە ئۆز مەدەنىيەت تارىخىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىمۇ يوقاتقانىدى . بىر توپ ئەجنەبىلەرنىڭ تاغ - داۋانلار ئېشىپ ، بۇ يەرگە كېلىپ نىمە ئۈچۈن خارابىلەرنى قازىدىغانلىقىنى ، ئىسلىشىپ كەتكەن ھەر خىل يېزىقتىكى قوليازمىلارنى توپلايدىغانلىقىنى ھەمدە ساندۇق - ساندۇق « ئەسكى – تۈسكىلەرنى » تۆگىلەرگە ئارتىپ يىراقتىكى ئەللەرگە ئېلىپ كىتىدىغانلىقىنى ئەسلا چۈشەنمەيتتى . ناچار مۇھىت ، بۇرۇقتۇرما كەيپىيات ، ئۆزگەرمەس تۇرمۇش ئۇلارنىڭ ھايات ئىنتىلىشلىرىگە بولغان قىزىقىشلىرىنى سۇسلاشتۇرىۋەتكەنىدى . شۇڭا ئۇلار مىللىي ئاڭدىن ، قارشىلىق تۇيغۇسىدىن ، ھۆكۈم قىلىش كۈچىدىن ، يىراقنى كۆرەرلىكتىن ، مىللىي پايدا زىياننى پەرق ئىتىش ئىقتىدارىدىن ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغانىدى . خۇددى ماكارتنېي خانىم ئېيتقاندەك : "بۇ ئادەملەرنىڭ قۇلۇقى يۇمشاق ، باشقۇرۇش ئاسان ، ئۇلارنىڭ بىرەر يامان ئىللەتلىرى يوق ، ياخشى ، ئالاھىدە تەرەپلىرىمۇ يوق" ئىدى . ① بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا ، ئۆز ئالدىغا قارار قىلماي ، سىرىتتىن كەلگەن ئادەمنىڭ چىقىرىپ بەرگەن ھۆكۈمىگە ئىشىنەتتى . ياپۇنىيىلىك سەيياھ تاچىپانا ئۆز دەۋرىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغانىدى: «قەشقەردىن خوتەنگە بېرىش سەپىرىمىزدە بىر تاغلىق كەنتتىن ئۆتتۇق . بىز چۈشكەن قونالغۇغا بىر ئۇيغۇر دىھقان ھال – دەرت ئېيتىپ كەلدى ھەمدە بىر پارچە ئەرزنامىنى سۇندى . بۇ ئەسلىدە يەر تالىشىش ماجراسى بولۇپ ، بۇ يەردە تۇرۇشلۇق جوڭگۇنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى ئاللىقاچان ھۆكۈم چىقىرىپ بولغان ئىش ئىكەن . لىكىن ، ھېلىقى دىھقان بۇ ھۆكۈمگە رازى بولماي بىزنىڭ قايتىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ بىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ كەپتۇ . بۇ گەرچە ناھايىتى ئاددى بىر ئىش بولسىمۇ ، لىكىن بۇنىڭدىن شۇنى ھىس قىلىۋالغىلى بولىدۇكى ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىچىككىنە مەنپىئەتىگە يارىدىمى بولىدىغانلا بولسا ، كىمنىڭ كېلىپ ئۇلارنى باشقۇرىشى بىلەن پەرۋايى پەلەككەن . تارىختىمۇ شۇنداق بولغان ، ھازىرمۇ شۇنداقكەن.» ② تاچىپانا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : « .... بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى ساددا ۋە يۇۋاش ئىكەن ، كىم كېلىپ باشقۇرسا كارى يوقكەن . جوڭگۇنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئىنقىلاپ پارتىلىغاندا (بۇ يەردە شىنخەي ئىنقىلابىنى دېمەكچى ــــ ئا) ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتە ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يەنە بىر تەرەپتە تۇردى . ئېنىقىنى ئېيتقاندا ، ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى ئىنقىلاپقا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش ، قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى ئۆزلىرىمۇ بىلەلمىگەنىدى . قايسى تەرەپ غەلىبە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، تېنچلىق ئورنىتىلسىلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ئىدى . ئۇلار پەقەت شۇنىلا ئۈمىت قىلاتتى .» ③ 7>-99o^W  
B0^:nYko  
مانا بۇ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قىياپىتى ئىدى . شۇڭا قەشقەردە تۇرغان يەنە بىر ئەنگلىيە كونسۇلىنىڭ خانىمى دىئاننا سىمپتون ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچىگە كەلگەنىدى : « ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ياشايدىكەن ، ئىبادەت قىلىدىكەن ، سودا قىلىدىكەن ، ساياھەتكە چىقىدىكەن ، ئۆزلىرىنىڭ مال – مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن . شۇنداق قاراشقا كەلدىمكى ، ئادەتتىكى ئۇيغۇرلار ھازىر غەرپتىكى دىگىراتتىك دۆلەتلەردە كىشىلەر ئىرىشىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان سىياسى ئەركىنلىككە ئىنتىلمەيدىكەن.» ④ دىئاننا خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ : «قەشقەرنىڭ ئادەملىرى ھورۇن ، چېچىلاڭغۇ ، ئەمما تېنچ ، ئىناق ياشايدىكەن . ئۇلار ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى مۇشۇنداق ياشاپ كەلگەنىكەن ، ھازىرمۇ شۇنداق ياشاۋېتىپتۇ . شۇڭا ، ئۇلاردا ئېسكىمۇسلاردەك جاسارەت ۋە قەيسەرلىك يوق ؛ پەردانلاردەك ئۇرۇشخومار خاراكتىرمۇ يوق ؛ تېبەتلىكلەردەك جۇشقۇنلۇق ۋە تېتىكلىك ؛ كەشمىرلىكلەردەك قولى گۈل ، چېۋەرلىكتىنمۇ ئەسەر يوق ئىدى . ۋاھالەنكى ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر دىھقانلار ھەر قانداق بىر جايدىكى ئاددى – ساددا كىشىلەرگە ئوخشاشلا دوستانە ، مىھماندوست . ئۇلار ئاددىيسى بىرەر لەتىپىدىنمۇ سىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى خالايتتى . بەزىدە ئۇلارنىڭ يالقاۋلىقى جانغا تېگەتتى . قىلغان ئىشىمۇ كۆڭۈلگە ياقمايتتى . ۋاھالەنكى ، ئۇلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قويمىسىڭىزلا ئۇلار شۇنچىلىك جەلپكار ، ئاڭكۆڭۈل ئادەملەر ئىدى. » ⑤ >uE<-klv  
Htep3Ol3  
?l`|j*  
:kXxxS  
①     كاسېرىن ماكارتنېي : «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» ، 67 بەت . 0p'g+ 2  
G ahY+$L,  
②     تاچىبانا : «تاچىپانانىڭ غەربى يۇرت خاتىرىسى» ، 129- ، 133 – بەتلەر . iF1zLI<A  
;\iu*1>Z,&  
③     تاچىبانا : «تاچىپانانىڭ غەربى يۇرت خاتىرىسى» ، 129- ، 133 – بەتلەر . 5=;'LWXCJ  
RG- ,<G`  
④     ⑤ دىئاننا سىمپتون : «قەدىمىي ماكان» ، 196- ، 197 - ، 206 – بەتلەر . ~P9^4  
Zy6>i2f4f  
I5g!c|#y  
r7v 1q  
2X=*;r"{J  
مەنبە : ئەسئەت سۇلايمان ، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ، 2002 – يىل 3 – ئاي نەشرى ، 112  ~ 115 – بەتلەر (M%ZSF V  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-24, 21:20
 
bagrax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9183

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   39 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2099 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   210 (قېتم)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5017
 سائەت
دەرىجىسى:
5017 سائەت 253 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-19
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-25

مانا،توگرىسى،ئوزىمىزنى،ماختاۋەمەي،كىشىلەرنىڭ،بىزگە،بەرگەن،باخاسىگە،،،،توگرا،مۇامىلە،كىلايلى
 
ABAYTARIM
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11163

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   21 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1150 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   115 (قېتم)
 تۆھپە:   115  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-26
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-27

ئۆزىمىزنى ئەيىپلەپ كېلىۋاتقىلى بەك ئۇزاق بولدى . بۇ خىل يازمىلار بىزنىڭ تېخىمۇ ئەيىپكارلىقىمىزنى ئاشىرىدۇ . ھەممە مىللەتتە بار ئەيىپلەر بىزدە بەك يوغانتىلىپ كۆرسىتىلىۋاتىدۇ . قاچان باشقا ئەللەردە بۇنداق ئىنكارچىلىق تۈسىنى ئالغان ، ھېسىياتىغا بېرىلىپ كەتكەن باھالارنى ئېتىراپقا ئالمايدىغان بولغىلى . ئىشلىتىپ -ئىشلىتىپ  ھەممە گۇناھنى ئېشەككە ئارتىۋەرگەندەك ...
 
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2529 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   62923 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5815 (قېتم)
 تۆھپە:   5588  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 16934
 سائەت
دەرىجىسى:
16934 سائەت 166 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-23
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-28

ئوبدان دىئاگنوزلارنى قويۇپ بېرىپتىكەن بىزگە بۇ ئەجنەبىيلەر ...
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى