باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       555 
  •    ئىنكاس 
       7 

قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»

قەۋەت ئاتلاش
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   330 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17899 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1543 (قېتم)
 تۆھپە:   1492  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10548
 سائەت
دەرىجىسى:
10548 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2012-08-31

قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»
pfc6;K:d  
2z>-H595az  
مۇھەممەتتۇرسۇن سىدىق ^'3c%&Zf3  
B{Q}^Mcxy  
    «تۈركىي تىللار دىۋانى» 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنىسكلوپىدىيە خاراكتېرىلىك تۈرك تىلى لۇغىتى بولۇپ، 11-ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ئومۇمىي قامۇسى ھېساپلىنىدۇ. gL<n?FG4b  
    « تۈركىي تىللار دىۋانى » دۇنياغا كەلگەن مىڭ يىلنىڭ مابەينىدە، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ئىچىدە ئىلىم دۇنياسىغا بىردە ئاشكارا بولۇپ، بىردە يوشۇرۇلۇپ، ئالىملار تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئىلمىي مەدھىيە، ئېتراپقا ئېرىشكەن، ئەتىۋارلاپ ساقلىنىشقا، قەدىرلەپ ئوقۇلۇشقا مۇيەسسەر بولۇپ كەلگەن. « دىۋان » ئەسلى ئەرەپچە يېزىلغانلىقتىن دەسلەپتە باغداد، مىسىر قاتارلىق ئەرەب ئەللىرى ئالىملىرى تەرىپىدىن ئوقۇلۇپ، مۇتالىئە قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ①، ئىلىم دۇنياسىغا تولۇق مەلۇم بولۇشى تېخى مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئىش. WNR]GI  
    ھىجىرىيىنىڭ 466 (مىلادىيە1073-1074)-يىلى باغدادتا يېزىلىپ قولدىن چىققان بۇ ئەسەر كېيىنكى دەۋرلەردە كۆپ قېتىم كۆچۈرۈلۈپ تارقالغان بولسىمۇ، بىزگىچە بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت بىرلا نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن. }`=7%b`-?  
    مىلادىيە 1266-يىلى(«دىۋان»يېزىلغان ۋاقىتتىن 192يىل كېيىن) ئىرانلىق مۇھەممەت بىننى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئوبۇلفەتھى تەرىپىدىن سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۆز قوليازمىسىدىن كۆچۈرۈلگەن بۇ نۇسخا 1910-يىللىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھرىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇنى ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن نازپىبەينىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بولغان بىر ئايال ساقلىغان ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن كىتابپۇرۇش ئارقىلىق 1914-يىلى دىيار بەكرىلىك ئەلى ئەمىرگە ساتقان. تۈركىيىنىڭ كىلىس ۋىلايىتىدىن مۇئەللىم رىفئەت بىلگە بۇنى ئاڭلاپ، ئەلى ئەمىرنىڭ ماقۇللىغىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئەسەرنى 1915-، 1917-يىللىرى ئۈچ توم ھالدا مىخ مەتبەئەدە باستۇرغان.ئەنە شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولۇپ، تېزلىكتە ئالىملارنىڭ دىققىتىنىى قوزغىدى. a (U52dO,  
    1930-، 1940-يىللاردا، مارتىن ھارتمان، بىروككېلمان قاتارلىق نېمىس ئالىملىرى، بېسىم ئاتالاي، دەھرى دىلچىن قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى تۈرك ئالىملىرى بۇ ئەسەرنى بەس-بەستە تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي ماقالىلەر يېزىشتى، ئېندىكىس ئىشلىدى ھەم نېمىس، تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشتى. F ~A $7  
بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، كۆپلىگەن ئەللەر ئالىملىرى ئوخشىمىغان ھالەتتە تەتقىق قىلىشىپ، ھېلىھەم تەتقىقاتىدىن قانائەتلەنمەي باش قاتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»يەنىلا ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ يېگانە نامايەندىسى ھالىتىدە چاقناپ تۇرماقتا. 7hJX  
ئەپسۇس، ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئەنە شۇنداق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ئەسەر بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر ئالىمى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇشىغا قارىماي، خەلىقىمىز بۇ ئەسەرنى تولىمۇ كېچىكىپ بىلدى. a1pp=3Pd?~  
مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا خەلقىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇلىشىغا دائىر بەزى ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. zPnb_[YF  
«بىر زامانلاردا، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بىپايان باغرىدا ئارغىماقلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن ئوت چاچرىتىپ، سەييارىلەردەك ئەركىن ۋە بىمالال ياشاپ ئۆتكەن، شۇنداقلا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، تۈركۈم –تۈركۈم مەرىپەت يۇلتۇزلىرىنى چاقنىتىپ، مەدەنىيەت ئاسمىنىنى بېزىگەن» خەلقىمىز «يىپەك يولىنىڭ چۆلدەرىشى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلگەن ئەسەبىي ئىشانچىلىق، دىنىي خۇراپاتلىق، مۇتەئەسسىپ نادانلىق، دەم كوتا – قۇلچىلىق، تۈگىمەس ھەم ئەرزىمەس تەپرىقىچىلىك، شۇنداقلا زۇلۇم –زالالەت قۇيۇنلىرى ئىچىدە قارا تەقدىرنىڭ قۇچىقىغا يىقىلغان»② بولۇپ، مەنىۋى تۇرمۇش دېگەنلەردىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. s|%R  
    خەيرىيەت، «19–ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئەيتاۋۇر باشقا ئەللەردە ياڭرىغان مەرىپەت قوڭغۇرىقىنىڭ ساداسىدىنمۇ ياكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ دەھشەتلىك خورەك ئاۋازىدىنمۇ بەزى ئەقىل –ھۇشى ۋە ئىمان – ئېتقادى سەزگۈر كىشىلەر بالدۇر ئويغىنىپ»③خەلقىمىزنىڭ دەردىگە داۋا ئىزدىدى. ئىلىم ئىزدەش ياكى سودا–تىجارەت قىلىش يولى بىلەن جاھان كۆرگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى بۇ ئىزدىنىشنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى بولۇپ قالدى. 8N&' n  
    يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مەشھۇر دېمۇكىراتىك شائىرلىرىمىزدىن بىرى، تارىخچى ۋە نەشىرىياتچى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى مانا مۇشۇ ئىزدىنىشكە يېقىندىن ھەمكار – مەدەتكار بولغان بىر ئەزىمەت ئىدى. Y` }X5(A@  
    ھاياتىنى پۈتۈن ئۆمرى غەپلەتتە قالغان مىللەتنى ئويغىتىش يولىدا مەرىپەت تارقىتىش، مىللىي مەدەنىيەت ئويغىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مىللىي نەشىرىياتچىلىق، مەدەنىي ئاقارتىشتەك مەنىۋى كۈرەشلەرگە ئاتاپ، شۇ كۈرەشلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ ساپ مىللىي غۇرۇرى، پاك ئىمان–ئېتقادى بىلەن ياشىغانلىق «گۇناھى»ئۈچۈن ھۆكۈمران جاھالەت كۈچلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان بۇ مەرىپەت –مەدەنىيەت جەڭچىسى 1876 – يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە ئابدۇرېھىم بەگ ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوقۇش يېشىغا توشقاندىن كېيىن قەشقەردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەرەب–پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن. 1908–يىلى ئاتىسى بىلەن بىللە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج قىلغىلى بېرىپ، قايتىشىدا مىسىردىكى «جامىئۇل ئەزھەر دارىئۇلۇم»ىغا ئوقۇشقا كىرىپ مەخسۇس ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام قانۇنلىرىنى ئۆگەنگەن. ئوقۇشنى تۈگەنكەندىن كېيىن تۈركىيىگە كەلگەن. شۇ چاغلاردا تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتچىلىق (جەدىتچىلىك) ھەرىكىتى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە يېڭى مۇھىتنى–جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئىجتىمائىي تەرەققىيات مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. جاھان كۆرۈپ مەلۇم جەھەتلەردە يېڭىچە ئىدىيۋى تونۇشقا كېلىۋاتقان قۇتلۇق ھاجى بۇ يېڭىچە مەنزىرىنىڭ تەسىرىدە ئىستانبولدا قېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر ئالىي بىلىم يۇرتىغا كىرىپ ئوقۇغان. مۇشۇ جەرياندا تۈركىيىدە مۇستاپا كامال باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جاھالەتكە، قالاقلىققا، مۇتەئەسسىپلىككە قارشى يېڭىلاش (ئىسلاھات–جەدىتچىلىك)كۈرىشى قۇتلۇق ھاجىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ نامرات، قالاق ھالىتىنى–قۇللۇق تۇرمۇشىنى پەقەت ئىلىم–مەرىپەت ئارقىلىق خەلقنىڭ روھىي– مادارىنى قوزغاپ، يېڭىلىققا يېتەكلىگەندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. (dlp5:lQz  
ئىستانبولدا ھەر قايسى ئىلىملەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا، تۈرك ئەللىرىنىڭ تارىخى، مەدەنيىتىگە دائىر بىلىملەرنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەر جەھەتتىن بىلىمىنى مۇستەھكەملەيدۇ.1917–يىللىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن قۇتلۇق ھاجى ۋەتەن، مىللەتنى جاھالەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ، مەلۇم نىيەت– مەقسەتلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈش بىلەن بىللە، شۇ يىللىرى تۈركىيىدە بېسىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى مىللەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى دەپ قاراپ بىرگە ئالغاچ كېلىدۇ.قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر بايلار ۋە زىيالىيلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەر جەھەتتىن پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بىر يىلدىن كېيىن يەنى 1918–يىلى مىخ مەتبەئەدە «ئاڭ گېزىتى»نى نەشىر قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېمۇكىراتىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىدۇ.مىللىي ئويغىنىش، جاھالەتكە قارشى تۇرۇش، ئىلىم– مەرىپەت ئۆگىنىش بۇ گېزىت ياڭراتقان جاراڭلىق سادا بولغانلىقتىن بىر مەزگىل چىقىپلا، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پېچەتلىنىپ، توختىتىپ قويۇلىدۇ.قۇتلۇق ھاجى شەۋقى «ئاڭ» گېزىتىنىڭ پېچەتلىنىشى بىلەن تەڭلا، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر بايلارنىڭ ياردىمىدە موللا نازىم، نورۇز يۈسۈپى قاتارلىق شائىرلار بىلەن بىرلىشىپ، مللىي ئويغىنىش، ئىلىم– مەرىپەت ئۆگىنىش مەزمۇن قىلىنغان جەڭگىۋار شېئىرلىرىنى توپلام قىلىپ، «ئويغان ۋە ئىنقىلاب ئەشئارلىرى»، «ئاسارەت ۋە زالالەتكە ئوت ياق» دېگەن ناملار بىلەن 1920– ۋە 1924– يىللىرى مىخ مەتبەدە باستۇرۇپ تارقىتىدۇ.④ '0 Cp  
    خەلققە مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇتۇش، ئەجدادلار روھىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق مىللىي روھنى ئويغىتىش، ئەزىز ۋەتەننىڭ، ئانا ماكاننىڭ قەدىر– قىممىتىنى تونۇتۇش– قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىچە پائاليىتىدۇر. $w(RJ/  
    قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ۋەتەن– مىللەتنىڭ قەددىنى كۆتىرىش يولىدىكى بۇ پائاليەتلىرىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»ۋە مەھمۇد قەشقىرى توغرۇلۇق خەلقىمىزگە تۇنجى مەلۇمات بەرگەن ئىلىم ئىگىسى بولۇپ قالىدۇ. t:2DB)  
    ھازىرغىچە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىشتە بولغان تەتقىقاتچىلار بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ 1940– يىللاردىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، 30– يىللاردىلا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ، تونۇشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىپ كەلدى.⑤  VAiJL  
    دەرۋەقە، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار يېتەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بەزى ئەسەرلىرىدىن ۋە مەھمۇد قەشقىرى مازىرى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەردىن بۇ ھەقتە خېلى ئىشەنچلىك تونۇشقا ئاساس تاپالايمىز. +q&Hj|;8r  
    مەلۇمكى، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى باشقا ئىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماستىن، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى پۇختا بىلىشىنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بۇ ھەقتە كۆپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىشلەردە بولغان. ئۇنىڭ تۈركىيىدىن قايتىشىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى بىرگە ئېلىپ كېلىشىمۇ مەقسەتسىز ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنە 1936– يىلى قەشقەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى، داڭلىق ئالىم موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان مەھمۇد قەشقىرى مازىرىغا كىتاب ۋەخپە قىلغانلىق ھەققىدىكى تارىخىي ھۆججەتنى تېپىپ ساقلىغان.⑥قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «قەشقەر» ناملىق غەزىلى خەلقىمىزگە مەھمۇد قەشقىرى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئەسەردۇر: X['9;1Xr  
Z3]I^iFI  
كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر، ^m z9sV  
ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر. f$dPDbZQ  
خەلق ئۈچۈن قۇربان بولۇپ، دۈشمەن بىلەن قىلغان كۈرەش، :)#;0o5  
ئول شەھىدۇ قەھرىمان ئالىپ ئارسىلانلار ياتۇر. .D W>c}1  
نۇر چېچىپ «قۇتادغۇبىلىك» خەلقنى قىلغان بەختىيار، ~&RTLr#\*M  
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر. ny{C,1QG  
يادىكار ئەيلەپ جەھانغا يازدى «دىۋانى لۇغەت»، -+"#G?g  
مەھمۇدىل قەشقىرى كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر. u+V*U5v  
ئەيلىگەن شەۋقىنى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ، {VAih-y  
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر. s!(R  
tz):$1X_  
    مانا بۇ يالقۇنلۇق مىسرالار قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسياتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قالماستىن، مىللىتىمىز تارىخى ھەققىدىكى نىسبەتەن كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى ئىدى. مۇشۇنداق شەكىللەر ئارقىلىق مىللىتىمىزگە ئۆز تارىخىنى تونۇتۇپ، مىللەتنىڭ شانلىق تارىخى، مەدەنيىتىنى، باتۇر، پاراسەتلىك، كۆرەشچان ئوغلانلىرىنىڭ، ئالىملىرىنىڭ پائاليەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، مىللەتنى ئەجدادلار ئىزىدىن مېڭىپ، ئىلىم– مەرىپەت بىلەن قۇراللىنىپ، قۇللۇق– مەھكۇملۇق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ،قەد كۆتۈرۈش يولىغا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش مەقسىتىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن.⑦ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مىڭ يىللار ئىلگىرى تۈرك (ئۇيغۇر)تىلىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئىجتىھات قىلغانلىقىنى، توسالغۇلار ئالدىدا قانچىلىك جاسارەت كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن قۇتلۇق ھاجى شەۋقى مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولىۋاتقانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلىپ، ئەسەرنى ھەرتەرەپلىمە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەرجىمىنى ئىمكانقەدەر پىششىق قولدىن چىقىرىشقا تىرىشقان. ئۆگىنىش جەريانىدا ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەرەب–پارس تىللىرى بىلەن تەڭ بەيگىگە چۈشكەن تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يۇقىرى، مەزمۇنغا باي تىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئىچ– ئىچىدىن سۆيۈنگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ چاغلاردا ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق زىيالىيلار يېتەكىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىل جەھەتتىنمۇ يېڭىلىققا يۈزلىنىپ، مىللىي تىلنى ساپلاشتۇرۇش (تىلىمىزدىكى ئەرەب- پارس تىلى ئارىلاشمىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئورنىغا مىللىي تىلىمىزدىكى خاس سۆزلۈكلەرنى سەپلەش)، ئورتاق ئەدەبىي تىل بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە «ئانا تىل نەزمىسى» ناملىق شېئىرنى يېزىپ، خەلقىمىزگە ئانا تىلنىڭ قەدىر– قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتقان: =2&\<Q_Fi  
^BF}wQb :j  
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر، $5pCfW8>  
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر. LtRRX@qJw  
بۇ ئانا تىل گەر ئىسە ئامېرىكايۇ ئافرىقىدا، htB7 j(  
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر. *5Zow3  
ئى ئانا تىل، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلەردىن نىشان، D|OGlP  
سەن بىلەن رۇيى زەمىندە ئىپتىخار ئەتكۈم كېلۇر! UC+Qn  
a*(Zb|g  
    تولۇق ۋە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بۇ شېئىر ھەققىقەتەنمۇ ئىسمى–جىسمىغا لايىق «ئانا تىل نەزمىسى»دۇر. =G}a%)?As\  
        1933-، 1934– يىللىرى يەنە ئارقا–ئارقىدىن «ئەركىن ھايات»، «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىنى چىقىرىپ تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ مىللەت، ۋەتەننى زۇلۇم ئىلكىدىن ئازاد قىلىش يولىدىكى ئۇلۇغۋار ئىستەكلىرىنى تەشۋىق قىلغان قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بۇ گېزىتلەردە يەنە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسەر، ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىدۇ. مەشھۇر تارىخىي ئەسىرى «تارىخى شەھەر، ۋاقىئاتى قەشقەر»نى يازىدۇ. kZF]BPh.  
    خەلقنى قۇللۇق ئىسكەنجىسىدە تۇتۇپ، يىلىكىنى شۇراپ، ئۆزىنى سەمرىتىپ كەلگەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋان ھۆكۈمرانلىرى، خەلقنى ئويغىتىش يولىدا پائاليەت ئېلىپ بارغان ئوغلانلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ قاراپ، ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە تۇتقۇن قىلىدۇ. شۇ قاتاردا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىمۇ قامايدۇ.ئاخىر 1937–يىلى 5–ئايدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. تارىخ، مەدەنىيەتكە دائىر مىللىي مىراسلىرىمىزنىمۇ يىلتىزىمىزنى قىرقىشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە يوقىتىشقا يۈزلەنگەن جاللات ھۆكۈمەت سانسىزلىغان قەدىمكى كىتاب جاۋاھىرلىرىمىزنى يىغىپ كۆيدۈرىدۇ.قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ توپلىغان كىتاب–ماتېرىياللىرى ۋە يازغان ئەسەرلىرىمۇ شۇ چاغدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئازغىنە ئەسەرلىرى ئەينى يىللاردا چەتئەل گېزىت–ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ۋە بەزى پىشقەدەملىرىمىزنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغانلىرىدىن ئىبارەت. 9i\}^ s2  
يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مىللەت، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ئېزىلگەن مىللەتنىڭ شانۇ شەۋكەتلىك تارىخىي مىراسلىرىنى ھەققىي قەدىرلەش، توپلاش، تونۇتۇشنىڭ ئۆچمەس نامايەندىسى سۈپىتىدە پائاليەت قىلغان مەرھۇم قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگىكى زۇلمەتلىك زاماننىڭ ۋاپاسىزلىقى تۈپەيلى ئاخىرلىشالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئىز– دېرەكسىز يوقتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن پاكىتلىق قاراشلار قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئىبارەت مىللەتنىڭ بىباھا ئەڭگۈشتىرىگە خېلى بۇرۇندىنلا چوڭقۇر ئىپتىخار ۋە ئىخلاستا بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە ئىزدىنىش يولىدا كۆپ ئەجىر قىلغانلىقىنى موقىملاشتۇرىشىمىزغا ئىمكان بېرىدۇ. r $S9/  
     ھازىر قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تارىخى شەھەر، ۋاقىئاتى قەشقەر» ناملىق تارىخ كىتابى ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلانماقتا.ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن قەشقەر رايونىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخى بىرقەدەر مۇپەسسەل يۇرۇتۇلغان بۇ كىتابنى ھازىرچە كۆرۈپ پايدىلىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلمىسەكمۇ، بۇ ئەسەردە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە مەھمۇد قەشقىرى ھەققىدە خېلى تەپسىلىي بايانلار يوق دەپ ئېيتالمايمىز. JM;bNW8  
    شۇڭا، بىز 20–ئەسىرنىڭ 30–يىللىرىدا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىدىن ئىبارەت بۇ مىللەت سۆيەر ئوغلانىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغان ۋە تەرجىمە قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت تارىخىمىز سەھىپىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە، ئەجدادلار تارىخىنى بىلىش، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان بىباھا مىراسلىرىمىزنى قەدىرلەش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمەلىي پائاليەتلىرىنى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم.
c^=q(V  
    ئىزاھاتلار: `&NFl'l1C  
    ①«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 – توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1981 – يىل نەشىرى، كىرىش سۆز 42 -، 43 – بەت. Qb@j8Xa4[  
    ②③ م. سىيىت، ي. رۇزى: «مەمتېلى ئەپەندى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1997 – يىل نەشىرى، سۆز بېشى 2-، 3 – بەت. lSR\wz*Fk  
    ④ ن.زامان: «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ»، «تارىم» ژۇرنىلى 1986– يىل 11– سان 112– بەت. Wqv7  
    ⑤ غ. سەدىۋاققاسوپ: «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە»، «بۇلاق»1997-يىل 1 – سان 118– بەت. ?e-rwaW  
    ⑥ مەزكۇر ھۆججەتنى يېقىنقى يىللارغىچە ساقلاپ، مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنىڭ ئېنىقلىنىشنغا زور تۆھپە قوشقان پېشقەدەم تارىخچى ئۆلىما، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ ئوغلى مەرھۇم ئىمىر ھۈسىيىن قازى ئاخۇنۇم بۇ ھۆججەتنىڭ ئاتىسى قۇتلۇق ھاجى شەۋقىدىن قالغانلىقىنى ئېيىتقان. «مەھمۇد قەشقىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1965 – يىل نەشىرى، 97 – بەت. X)SUFhP\  
    ⑦ ئەدەبىياتشۇناس ھاجى ئەھمەد كۆل تېكىن ئۆزىنىڭ «دېڭىز ئۈنچىلىرى» دېگەن كىتابىدا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى مەمتېلى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. «دېڭىز ئۈنچىلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1983 – يىل نەشىرى، 195 – بەت. ` .`:~_OE  
    ( ئەسكەرتىش: بۇ ھەقتە پاكىتلار يىتەرلىك ئەمەس شۇڭا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىينىڭ «تارىخى شەھەر، ۋاقىئاتى قەشقەر» ناملىق تارىخ كىتابىنى نەشىرگە تەييارلاپ كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم بىر ئىشتۇر.)
CH+%q+I  
مەنبە: ?bd!JW bg`  
b5g^{bzwu  
http://www.shewqiy.com/thread-62-1-1.html w32F?78]  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-21, 18:05
 
ئانا تىلىم -- جان تىلىم
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   330 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17899 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1543 (قېتم)
 تۆھپە:   1492  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10548
 سائەت
دەرىجىسى:
10548 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2012-08-31
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 08-21

ئەي مىللىتىمنىڭ پەخرى! d=KOV;~);  
جەنابىي ئاللاھ مەقامى جەننەت بىلەن قۇتلۇقلىغاي، ئامىن! KE&}*Nf[  
شۇ تاپتا ئوتلۇق قەلبىم بىلەن يالقۇنلاۋاتقان ئالىي ھۆرمەت تۇيغۇلىرىمنىڭ تەسۋىرى ئۈچۈن بەكمۇ ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن.....! q|^O  
خەيرىيەت، ئىمان، ۋىجدان ئوقچىغۇچى باھا يەتمەس قىممەتلىك روھى پەزىلەتلىرى مىليونلىغان ئوت يۈرەك غۇنچىلارنى يېتىشتۈرگۈسى... ئىنشا ئاللاھ! udZ: OU<  
كاشكى دەۋرىمىزدىكى مۇئەللىملىرىمىزنىڭ كۆپچىلىگىدە سىلىدە بار ئاشۇنداق قىممەتلىك روھى پەزىلەت بولسا ئىدى، ئەۋلاتلىرىمىز خاتا مائارىپ يۆنىلىشىنىڭ قۇربانى بولۇشقا يۈزلەنمەس ئىدى!!!! !Cy2>6v7  
.................................؟؟؟
GDB>!ukg  

 
ئانا تىلىم -- جان تىلىم
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   330 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17899 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1543 (قېتم)
 تۆھپە:   1492  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10548
 سائەت
دەرىجىسى:
10548 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2012-08-31
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

ئەمدى ، «ئانا تىلىم -جان تىلىم»ناملىق شېئىرىم بىلەن ئوتلۇق، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىغا بولغان سەمىمىيىتىمنى ئىپادىلەپ ئۆتمەكچىمەن: :vYt Mp  
oNuPP5d[]  
ئانا تىلىم ــ جان تىلىم
).NcLJw_  
    
  جەنابىي ھەق ياراتقاندا تەڭ يارالغان تىلىم سەن ، Xr?>uqY!M  
       ھەمدە جانۇ ــ جىسمىمگە قاندەك تارالغان تىلىم سەن . 3z,v#2  
Jo{ zy  
       زۇۋانىمنى ئوغۇز سۈتى بىرلە ئاچتىم ئۇيغۇر بوپ ، (O8,zqP9l  
       ئۆمۈرلۈككە ساداقەتكە خاس قارالغان تىلىم سەن . !}>eo2$r^  
|Du,UY/  
نامىم ئۇيغۇر !!! [AXsnpa/C  
        ۋە شۇڭىمۇ تىلىم مەڭگۇ ئۇيغۇرچە! !! C_8j:Z&  
يارىلىشتىن مۇقەددەس ۋە ئۆز ئاتالغان تىلىم سەن !!! 9;=q=O/  
RK?jtb=&A  
    ھىچ كىمنىڭ يوق ھەققى شۇڭا قوللانمايسەن دېيىشكە ، SK's!m:r=  
كەلسىمۇ باشىمغا قىلىچ قاچمايدىغان تىلم سەن ! ^~^mR#<P$  
r+o_t2_b*  
گەر چېپىلسام شېھىتتۇرمەن جەنابىي ھەق ئەمرىچۈن ، I?^aCnU  
ماڭا شۇنچە ئالىي شەرەپ نىشانلىغان تىلىم سەن ! C?,*U  
-(!uC +BZX  
سېنىڭسىز جىسمىممۇ جانسىز ، روھىممۇ مۇتلەق جانسىز ، 6VC-KY  
سەنسىز كۈنۈم جانغا زۇلۇم ! y>`5Kyj3-@  
                              كۈيلەيدىغان تىلم سەن ! n[|6khOL-  
^CUSlnB\(  
بايرىغىم سەن ! P/G>/MD/l  
            بارلىغىم سەن ! Apmw6cc  
                     يارىغىم سەن !! 8fh4%#,C%  
                                  ئانامسەن !!! zd.'*Dj  
سېنى تاشلاش مۇناپىقلىق !!!     )&:L'N  
                             قوغدايدىغان تىلىم سەن !!! uaaf9SL?  
NO2(vE  
تىل دېمەك ــ مىللەت دېمەك ، گەر تىل يۇقالسا مىللەتمۇ ... ! RJhK$\  
يىمىرىلمەس بۇ ھەقىقەت ! !p',Za   
                          ياشايدىغان تىلىم سەن !!!    L=]p_2+  
   45<y{8  
تىل دېمەك _ مىللەت دېمەك  ، گەر تىل يۇقالسا مىللەتمۇ .....! '1-maM\r  
جاننى تىكىپ قانلار كىچىپ قوغدايدىغان تىلىم سەن !!!   Vm,,u F  
\f%.n]>  
غەيرى تىلغا خۇشتار بولماق ــ قاغا يانتاق سۆيگىنى ، C?o6(p"b  
سەن گۈلۈمسەن بۇلبۇل كەبى سايرايدىغان تىلىم سەن  ! cU8xUpq  
U\vY/6;JI  
سەن گۈزەلسەن ، سەن شىرىن سەن ، ــ خىسلىتىڭگە سۆز يەتمەس ! q7_+}"i  
نامىڭ بىرلە تا ئەبىدى يايرايدىغان تىلىم سەن ! Ej"u1F14J  
B<,YPS8w  
نەچچە مىڭ خىل تىل بىلىشتە كامالەتكە يەتسەممۇ ، +>tUz D  
پەخىرلىنىپ چاڭ چاڭ چاڭ چاڭ سۆزلەيدىغان تىلىم سەن ! ej^3Y Nh&  
, ;jGJr  
شۇنچىۋالا قەدىرلىكسەن جاندىن ئېزىز ئانامدەك ، (CE7j<j  
جەنابىي ھەق رىزاسىنى كۆزلەيدىغان تىلىم سەن ! H"Dn]$Q\Z  
]?K.S6  
نىمە ئۇ گاھ ئىنگىلىزچە گاھى رۇس ۋە باشقىچە  ... ! &JhX +'U  
تا ئەبىدى پاكلىغىڭنى ساقلايدىغان تىلىم سەن ! n7! H:{L  
5?u}#zO  
نومۇسسىزلىق ، ۋىجدانسىزلىق ئانا تىلدىن چەتنىمەك ، eV};9VJ$F  
دۇنيا ئالتۇن تارتۇق قىلسا ئازمايدىغان تىلىم سەن ! HdX2YPYn;  
X#p Wyo~  
ھەيرانىمەن ، ۋەيرانىمەن بىچارە نادانلارغا ، u8L$]vOg  
بۇ دۇنيادا نەدە بۇلاي ئارزۇلايدىغان تىلىم سەن ! I4c!m_sr  
k$i'v:c|:i  
شۇم رەزىللەر جۆيلىشىدۇ ، ــ كارغا كەلمەس ، يوق قىلىپ ، 9c3E+  
نى نى قىسمەت ۋە ھىكمەتلەر تولۇپ ــ تاشقان تىلىم سەن ! |U' I/A  
F"jt&9jg  
نىمە دىگەن ناھەقچىلىق ! ــ دەرس مۈنبىرى ساڭا تار ! AC- )BM';  
چۈشەنسىچۇ ! ـــ مەرىپەتتە ئۇستاز بولغان تىلىم سەن ! 7/Il L  
,FSrn~-j9  
سېنى چەكلەش ، سېنى يەكلەش ــ پىر ــ ئۇستازغا ھاقارەت ! ~N0 sJ%  
نادانلىقنىڭ زەربىسىدىن ساقلايدىغان تىلم سەن  ! 7<\C ?`q"  
8?FueAM'  
تارىخ ئۆلمەس ، بەلكى شاھىت ! ــ مىسلى شەرەپ - شانىڭغا ، @C8DZ5)  
ئالەمگە نۇر ، پاسىۋان بوپ داڭ چىقارغان تىلىم سەن ! 'DbMF?<.  
z?]G3$i(  
ــ ئەۋۋەلى ئىڭڭە بىلەن دۇنياغا كەلگەندىن بېرى ، &:#h$`4  
ئىنسانچە ياشاش يۇلىنى خىتاپ قىلغان تىلىم سەن ! KA s1(oG  
1 jb/o5n;  
سەن بىلەن ئىلىم ــ بىلىمدە دىلى يۇرۇپ ئالەمچە ، c,\i"=!$  
قانچىلاپ ئالىم ، زىيالى داۋان ئاشقان تىلىم سەن ! #;KsJb)N.  
p<Z3tD;Z  
                   ئەنە مەھمۇت ، يۇسۇپ ھەمدە لۇتفى ناۋايى ، ... لارنىڭ ، >pL2*O^{9  
                   كىتاۋىغا جان ، گۈزەللىك بېغىشلىغان تىلىم سەن  ! I3b"|%  
#s-iy+/1oN  
                   مۇندا گۇننار يارىڭ ( شۋىت ) ، گابائىن خان ( نېمىس ) مۇ ، 9=l.T/?sf  
                    ھەيران بولۇپ ھىكمىتىڭدىن ئالقىشلىغان تىلىم سەن ! ?i\;:<e4  
{lG@hN'  
                   تېخى گابائىن ساڭا زەپ ئاشىقلىقتا ، خوشلۇقتا ، vT^Sk;E  
                   ئۆمۈر بۇيى ساڭا ئاتاپ كىتاپ يازغان تىلىم سەن ! &7mW9]  
R9vT[{!i  
                   بەلكى پۈتكۈل ھاياتىنى بېغىشلاپ بىرلا ساڭا ، F t&+vS  
                   توي قىلماستىن كۆز يۇمۇشقا ئىلھام بولغان تىلىم سەن ! q}|U4MJm  
F'P Qqb{  
                   شۇنداق، ئالىم سېنى سۆزلەر ، تارىخ بىلگەن نوچىمۇ ! jF ^5}5U  
                   كۈيلىمەككە ، سۆزلىمەككە زەپ ياراشقان تىلىم سەن ! FjfN3#qlg  
CBT>"sYE1  
                   بۇ ھەقىقەت ! ــ بىلگەن بىلۈر قەدىرىڭنى جان تىلىم ! gT+Bhr  
                   بىلمىگەن شۇم نائەھلىلەر تۆھمەت قىلغان تىلىم سەن ! r{Rg920  
~,6b_W p/  
                   ۋەلىكىن كارۋان كېتىدۇ ، ئىتلار قاۋاپ قالىدۇ ، 8iQ[9  
                   ئىلىم سۆيگەن ھەقىقەتچى ھۆرمەت قىلغان تىلم سەن ! 8y';\(;  
~ AQp|  
                   چۈشەنگەچ مەن بۇ مۇبارەك قىسمىتىڭنى جان تىلىم ، cS .i  
                   بۇرچۇم بىلىپ تۇنۇتۇشنى قەلەم ئالغان تىلىم سەن . eL D?jTi'  
S]3Ev#>  
                    شۇڭىمۇ يىل ئاشتى ئوندىن  يىراق قىرلاردا ھامان ، kdxy\jA  
                    قىنالساممۇ بۇشاشمىدىم ، ئوتنى سالغان تىلىم سەن . \a^,sV  
-|yb[~3  
                    ــ  ئوتقا مەپتۇندۇر سەمەندەر ، لاۋا ئوت بەختىدۇر، ھەيھات ! *~$~yM/~3U  
                    شۇنچە تارتتىڭ مىھرىمنى سەن ! o/cjXun*  
                                                     ياشنايدىغان تىلىم سەن ! vdoZ&Tu  
                    ياشا ! rd|uz4d  
                          ياشا !! w>?Un,K  
                               مىڭلاپ ياشا !!! M<?Q4a'Q  
                                            پاياندازىڭ مەن سېنىڭ ! pj|pcv^  
                   كۆزۈمنىڭ گەۋھىرى كەبى ئاسرايدىغان تىلىم سەن ! o;F" {RZ  
1MkI0OZE  
                   بۇ ئاللاھىم بېغىشلغان پاك ئەقىدەم ، ۋەزىپەم ، +';>=hha  
                    زەررىچىلىك تەتۈر باقسام بولمايدىغان تىلم سەن . jLg@FDb~  
DdV'c@rq+  
                   يازىمەن شۇڭا كىتاۋىم ، ۋەلىكىن كۆپ خىجىلمەن ، #>;FUZuJr  
                   تەسۋىرىڭنى مىڭ يىل يازسا پۈتمەيدىغان تىلىم سەن ! ihL/n  
{ Ng oYl  
                   خەيرىيەت ، كۆپ سۆيۈنۈشتىن تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى ، Tz&Y]#h_  
                   شۇڭا جاننى مەرت ــ مەردانە پىدا قىلغان تىلىم سەن . 6" T['6:j  
                   kW3E =pr  
                   كۆرۈپ باققاي ئېزىز خەلقىم ، ئىلھامىمۇ بوپ قالار ، Lju7,/UD  
                   شۇ ئارماندا ئاللاھقا كۆپ نىدا قىلغان تىلىم سەن . pI+!92Z  
=%)+%[wv  
                  سېنى شۇنچە سۆيىمەن ئەي ئانا تىلىم جان تىلىم ! vEM(bT=H  
                  سۆيگۈ گۈلزارىدا بۇلبۇل خەندان ئۇرغان تىلىم سەن !!!   `i~ Y Fr  
eg+!*>GaX  
                  تۈركىيە ـــ ئىستانبۇل      2007 . 2 . 11

 
ئانا تىلىم -- جان تىلىم
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   109 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7310 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   720 (قېتم)
 تۆھپە:   720  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 668
 سائەت
دەرىجىسى:
668 سائەت 102 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2012-08-27
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

    زۇۋانىمنى ئوغۇز سۈتى بىرلە ئاچتىم ئۇيغۇر بوپ ،  I7+9~5p  
       ئۆمۈرلۈككە ساداقەتكە خاس قارالغان تىلىم سەن . P`4]-5gE  
|rw%FM{F  
نامىم ئۇيغۇر !!! 2A`A\19t  
        ۋە شۇڭىمۇ تىلىم مەڭگۇ ئۇيغۇرچە! !! F+ <Z<q  
يارىلىشتىن مۇقەددەس ۋە ئۆز ئاتالغان تىلىم سەن !!! :,;K>l^U  
    ھىچ كىمنىڭ يوق ھەققى شۇڭا قوللانمايسەن دېيىشكە ، ^VWPdH/Fe  
كەلسىمۇ باشىمغا قىلىچ قاچمايدىغان تىلم سەن ! 'X).y1'  
گەر چېپىلسام شېھىتتۇرمەن جەنابىي ھەق ئەمرىچۈن ،   {u{@ jp  
ماڭا شۇنچە ئالىي شەرەپ نىشانلىغان تىلىم سەن ! C`=p +2I]  
3P~o"a>  
شىئرىڭىزنىڭ مەزمۇنىدىن چوڭقۇر سۆيۈندۈم ،قىرىندىشىم !  «ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك » دەپتىكەن . ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ! قەلىمىڭىز ھارمىغاي!
 
قىلىچ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10944

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   76 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5347 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   535 (قېتم)
 تۆھپە:   535  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 254
 سائەت
دەرىجىسى:
254 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-17
ئاخــىرقىسى:2012-08-31
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

بۈيۈك  [ ئۇيغۇر ]  ..........  ھامان ئوغۇنۇدۇ .... [ اللا ] خالىسا  ئاز قالدى ...   قىلىچلىرىمىز يالىڭاچلاندى .......
ئەل غىمىنى يىمىگەن ئەر  -  ئەر ئەمەس  .
najmidin313
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10563

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   44 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2300 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   230 (قېتم)
 تۆھپە:   230  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 567
 سائەت
دەرىجىسى:
567 سائەت 83 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-30
ئاخــىرقىسى:2012-08-31
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23
2قەۋەتتىكى(abdulquddus) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،قولىڭېزغا دەرت كەلمىسۇن ،قەلىمىڭېزغا ئەلەم .
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   330 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17899 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1543 (قېتم)
 تۆھپە:   1492  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10548
 سائەت
دەرىجىسى:
10548 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2012-08-31
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! xk5@d6Y{r  
قىممەتلىك ئىنكاسلىرىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېزىز قېرىنداشلىرىم! = 's(|  
جەنابىي ئاللاھ ھەر-بىرىمىزنى ئۆز پانايىدا ساقلىغاي ، ياخشى ئرزۇ-تىلەكلىرىمىزگە بالدۇرراق يەتكۈزگەي،ئامىن!

ئانا تىلىم -- جان تىلىم
ABAYTARIM
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11163

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   850 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   85 (قېتم)
 تۆھپە:   85  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-26
ئاخــىرقىسى:2012-08-30
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-27

قۇتلۇق شەۋقى مىللىتىمىز ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئەڭ ئۇلۇغ ئەزىمەت ئوغۇللىرىمىزنىڭ بىرىدۇر . ئەشۇ مۇدھىش يىللاردا ئاجايىپ جاسارەت بىلەن شۇنداق زور ئىجادىي ئەمگەكلەرنى قىلغانىدى.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى