جۇڭگو دېپلوماتىيە يۆلىنىشىنى يوقىتىپ قويۇۋاتامدۇ؟
ئاپتورى: كىشورە مەھبۇبانى (تەرجىمىدە:نەپرەت)
ئەگەر سېتىۋېلىش كۈچى ئارقىلىق ئادىل ھېسابلىنىدىغان بولسا، جۇڭگو پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىكى نىسبىتى 2016-يىلى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيانى چۆچىتىدىغان تەرەققىيات: 1980-يىللىرى ئامېرىكا دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيتتى، جۇڭگو پەقەت %2.2 نى ئىگەللەيتتى؛ ئەمما 30 يىللىق جۇغراپىيىۋى سىياسەت رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار دەل بۇ رىقابەت كۈچىگە تازا ئېھتىياجلىق ۋاقتىدا، ئەكسىچە ئىقتىدارىنى ئۆزى ۋەيران قىلىش گىردابىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرماقتا.
ئەگەر جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ تىنچ ۋە سۇس تەرەققىياتى ئارقىلىق يەر شارىۋى زومىگەرلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلسا، ئۇنداقتا ئىنتايىن ساددىلىق ۋە ئەخمەقلىقتەك تۇرىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا جۇغراپىيىۋى سىياسەتنىڭ قاتتىق ئۇيقۇسىدىن ھامان بىر كۈنى ئويغىنىدۇ؛ تۈرلۈك ئالامەتلەر ئامېرىكىنىڭ بىر كۆزىنى ئۇيقۇدىن ئاچقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئەمما جۇڭگو بىر قاتار ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىشقا باشلىدى. 2010-يىلى 9-ئايدا ياپونىيە جۇڭگونىڭ بېسىمى بىلەن قولغا ئالغان جۇڭگولۇق بېلىقچى كېمە باشلىقىنى قويۇپ بەردى، ئەمما جۇڭگو يەنىلا بولدى قىلماي، ياپونىيەدىن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ياپونىيە دائىرلىرىگە ئۇدا بېسىم قىلدى.
ئوخشاش مىسالدىن يەنە 2010-يىلى 11-ئايدا، شىمالىي كورىيە توپقا تۇتۇپ گۇناھسىز جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەندە، جۇڭگو سۈكۈتتە تۇرۇۋالدى. جەنۇبى كورىيە بىر مەھەل ئېھتىيات قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، 2010-يىلى 12-ئايدا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئەلچى ئەۋەتتى، بۇ مۇكاپات تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شىياۋبوغا بېرىلگەن ئىدى.
جۇڭگو ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋىزا بېرىش ئىشىدا تۇترۇقسىزلىق قىلىشى ھىندىستاننىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويدى. گەرچە جۇڭگو باش مىنىستىرى ۋېنجىياباۋ كېيىن ھىندىستان باش مىنىستىرى مامونخان سىنگى بىلەن كۆرۈشۈپ ماجرانى تىنجىتقان بولسىمۇ، ئەمما قىلچە زۆرۈرىيىتى بولمىغان بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھىندىستانغا ئىشەنمەسلىك ئۇرۇقىنى چېچىپ قويغان ئىدى.
t7("geN]
ئەمما يۇقىرىدا دېيىلگەن خاتالىقلار 2012-يىلى 7-ئايدا جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قىلغان-ئەتكەنلىرىگە قارىغاندا ھېچقانچە ئەمەس. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مىنىستىرلار يىغىنى ئېچىلغان 45 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىرلەشمە باياناتتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا ئامالسى قالدى، يۈزەكى قارىغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى كامبودژا باياناتتا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ئىككى تەرەپلىك ماجرانى تىلغا ئېلىشنى خالىمىدى. ئەمما شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر كامبودژانىڭ مەيدانى جۇڭگونىڭ غايەت زور بېسىمىغا ئۇچرىدى دەپ قارىدى.
جۇڭگونىڭ غەلبىسىدە پايدا زىياننى كۆتۈرەلمەيدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىدىكى كۈرەشتە غەلبە قىلدى، ئەمما 20 يىل مىڭبىر جاپادا توپلىغان خەيرىھاھلىقى بولغان 2002-يىلى 11-ئايدا ئىمزالىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگونىڭ ئۆتكەن نەچچە نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك بىرلىككە كەلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى جۇڭگوغا ئامېرىكىنىڭ قوللىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان چەكلەش ئىستراتىگىيىسى بىلەن قارشىلىشىشتا قىممەتلىق ئارىلىق رايون تەمىن ئېتىدۇ دەپ قاراپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى سەۋەبلىك، جۇڭگو ئامېرىكىغا جۇغراپىيىۋى سىياسەت ۋاستىسىنى يۈرگۈزۈشكە ئەڭ ياخشى پۇرسەت تەمىنلەپ بەردى. ئەگەر دېڭ شىياۋپىڭ ھايات بولغان بولسا، ئېھتىمال بۇنىڭدىن توختىماي تەشۋىشلەنگەن بولاتتى.
ئەمما جۇڭگو رەھبەرلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەيىبلەش ئادىل بولمايدۇ. گەرچە رەھبەرلەرنىڭ مەسئولىيىتى دېيىلسىمۇ، ئەمما زېھنى قۇۋۋىتى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىدە قاتتىق يول تۇتتى، جۇڭگو رەھبەرلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باياناتىدا بۇزغۇنچىلىق قىلمىدى، ئەمما بولار ئىش بولۇپ بولدى، ھەم جۇڭگونىڭ يېقىنقى تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.
v"Fa_+TVx
جۇڭگو جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا سىزغان «9 بۆلەكلىك سىزىق» ئېھتىمال ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ گېلىنى بوغىدىغان جۇغراپىيىۋى سىياسەت ئېغىر يۈكى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىشى مۇمكىن. 2009-يىلى 5-ئايدا، ۋېيتنام بىلەن مالايسىيانىڭ بىرلىكتە ب د ت كومىتېتىغا سۇنغان «قۇرۇقلۇق بوسۇغىسى دائىرىسى» غا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈپىتىدە، جۇڭگو ئاقىلانە بولمىغان ھالدا بىر نوتىدا يۇقىرىقى خەرىتىنى قوشۇمچە قىلدى. بۇمۇ جۇڭگونىڭ ب د ت بىلەن بولغان ئالاقىسىدا بىرىنچى قېتىم يۇقىرىقى خەرىتىنى كىرگۈزۈشى ھەم بۇ سەۋەبلىك بىر قىسىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتتى.
ئامېرىكىمۇ بۇ خەرىتىدە يوشۇرۇنغان جۇغراپىيىۋى سىياسەت پۇرسىتىنى بوشقا ئۆتكۈزۈپ قويمىدى، بۇ دەل ئامېرىكىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن «دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى» نى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ سەۋەبى. جۇڭگو ب د ت غا «9 بۆلەكلىك سىزىق» خەرىتىسىنى سۇنغاندىن كېيىن، غەلبە قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالدى، چۈنكى خەلقئارالىق قانۇن رامكىسىدا بۇ خەرىتىنى ئاقلىيالمايتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ داڭلىق تارىخشۇناس ۋاڭ گېڭۋۇ كۆرسەتكەندەك، بىرىنچى بولۇپ خەرىتە سىزىش ئارقىلىق جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىغىنى ياپونىيە بولۇپ، جۇڭخۇا مىنگوغا ۋارىسلىق قىلغان.
جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدە، «9 بۆلەكلىك سىزىق» دائىرىلەرگىمۇ باش ئاغرىقى كەلتۈردى، چۈنكى بۇ ھۆكۈمەتنى تەنقىت قىلىشتا ئۈنۈملۈك قورال بولۇپ قالاتتى. مۇرەسسە قىلىشتىكى ھەر قانداق بىشارەتلەر ئەمەلدارلارنى سىياسىيدا ھۇجۇمغا ئۇچرىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى بۇ نەچچە خادا تاش جۇڭگونى ئالغا بېسىشقىمۇ، چېكىنىشكىمۇ بولمايدىغان ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
شەك-شۈبھىسىزكى، جۇڭگو ئامال قىلىپ «9 بۆلەكلىك سىزىق» مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلمىسا بولمايدۇ ھەمدە شەخسەن مۇرەسسە قىلىشقا باشلىدى. گەرچە بۇ سىزىق ھىندونېزىيەنىڭ ناتۇنا (Natuna) ئاراللىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سۇ ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھىندونېزىيەگە ناتۇنا ئاراللىرى ھەمدە بۇ يەرگە قاراشلىق ئىقتىسادىي رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھەرگىز تەلەپ قىلمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
بۇ شەخسەن ۋەدە جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىدى. ئۇنداقتا نېمشقا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش دوستانە پوزىتسىيەدە بولمايدۇ؟
دېڭ شىياۋپىڭ قالدۇرغان مىراس بىلەن ماۋزېدوڭ قالدۇرغان مىراس تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئەمما جۇمھۇرىيەتنىڭ بۇ ئىككى مۇھىم رەھبىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى: يول قويۇش ئارقىلىق چېگرا ماجراسىنى ھەل قىلىشتۇر. بۇ دەل جۇڭگونىڭ چېگرا ئولتۇراق نۇقتىلىرى مەسىلىسىدە روسىيەگە شۇنچىلىك كەڭ قورساق بولىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
ماۋ زېدۇڭ بىلەن دېڭ شىياۋپىڭ شۇنداق قىلالايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈكسەك ھەيۋىسى بار. نۆۋەتتىكى دۇنيا دۇچ كەلگەن خىرىس بولسا سىياسىي ھوقۇقى كۆپ قىرلاشقان جۇڭگو بولۇپ: كەسكىن ھالدا ئاقىلانە قارار چىقىرىپ بىر تەرەپلىمە ھالدا يول قويالايدىغان رەھبەر يوق.
2012-يىلى 11-ئايدىكى رەھبەرلىك ئالمىشىش تاماملىنىشتىن بۇرۇن جۇڭگو ھەر قانداق ھەرىكەتتە بولمايدۇ. يېڭىدىن تەختكە چىقىدىغان شى جىنپىڭ ۋە لى كېچىياڭ بىر مەھەل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئورنىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئەمما ئامېرىكا ئويغانماقتا، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ 2016-يىلى ئەسلىگە كېلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندىكى مەسىلە بولسا: ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن جۇڭگو ھازىرقى جۇغراپىيىۋى سىياسەت رىقابەت كۈچىنى يەنىلا ھازىرلىيالامدۇ يوق؟
مەنبە: ئاپتورى كىشورە مەھبۇبانى سېنگاپور دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىتى لى گۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسىي ئىنىستۇتىنىڭ مۇدىرى. ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەسىرى «يېڭى ئاسىيا: توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان يەر شارىۋى كۈچلەر شەرققە يۆتكەلمەكتە» .ئوكيان تورىدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى.