باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1380 
  •    ئىنكاس 
       3 

ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ۋاپاتى

قەۋەت ئاتلاش
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15639 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1565 (قېتم)
 تۆھپە:   1565  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2397
 سائەت
دەرىجىسى:
2397 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-01-26

قىسقىچە مەزمۇنى: ,*2%6t`N?  
Y WSo:)LY  
ئىسكەندەرنىڭ ئۆلۈم ئازابىدىن تال چىۋىقتەك تولغانغانلىقى ۋە ئۆزىگە ھازا تۇتتماسلىق ھەققىدە، ئانىسىغا خەت يازغانلىقى. ئۇنىڭدىن كېيىن تەقدىر ئىسكەندەرنىڭ ھاياتلىق خېتىنى ئېلىپ، كۆزلىرىگە سۈرتكەنلىكى. خالايىق ئىسكەندەرنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ، ئىسكەندىرىيەگە كەلتۈرگەنلىكى. ئانىسى خەتنى تاپشۇرىۋېلىپ، جىنازا ئالدىغا چىققىنىدا، ئوغلىنىڭ خۇددى بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئۇخلاش ئۈچۈن بۆشۈك ئىچىدە ياتقاندەك بۇ جىنازا بۆشۈكى ئىچىدە يېتىپ، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنلىكى ۋە ئانىنىڭ يەر كۆكسىنى، خۇددى ئۆز كۆكسىنى يارغاندەك يېرىپ، ئوغلىنى تۇپراققا تاپشۇرغانلىقى*. b'^OW  
~y}MGUEC  
تارىخشۇناسلار بۇ ماتەملىك داستاننى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغاندى: N 5rY*S  
2*Uwp; 0  
ۋاقتىكى، ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ ئۆمۇر قۇياشىنىڭ زاۋاللىققا يەتكەنلىكىنى چۈشەندى. ئۆزىنىڭ دۇنيادىن كېتىدىغان، جاھاننى، ياق، بەلكى جاننى تەرك ئېتىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدى. دەۋراننىڭ بۇ داراسى ئەجەل جامىدىن ئۆلۈم زەھىرىنى ئىچىۋاتقان مۇشۇ ئېغىركۈندە، ئۆزىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ بېقىپ، چوڭ قىلىپ، قاتارغا قوشقان ئانىسىنى يادىغا ئالدى. ئانىسى يادىغا يېتىشى بىلەنلا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئاجايىپ بىر ئوت تۇتاشتى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىپ، خالايىققا قاراپ، خۇددى ئەجەل شىۋېرغىنىدەك سوغۇق بىر ئاھ چەكتى. ئاندىن ئانىسىغا خەت يېزىپ، قەغەز يۈزىنى قاراقىلىش ئارقىلىق ئۆز ۋەسىيەتلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن، كاتىپ، قەغەز ۋە قەلەم كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. سەھىپىلەرگە گۆھەرلەرنى چاچقۇچى، قەلىمى چاققان ىر كاتىپ بۇ دەرتلىك سەھىپىنى ئېچىپ، قەلەمنى تەييارلىدى. ئۇنىڭغا ئىسكەندەر ئۆز ھېكمەتلىرىنى بايان قىلدى. كاتىپ قالدۇرماستىن يېزىشقا باشلىدى. خەت مۇنداق باشلاندى: ]<q{0.  
*$x/(!UE  
”بۇ خەت بولسا پۈتۈنلەي دەرتلىك سەھىپىلەردىن ئىبارەتتۈر. تەڭرى بەدەن ئىچىگە جان جەۋھىرىنى سالغۇچى ۋە ئۆزى بەرگىنىنى يەنە قايتۇرۇپ ئالغۇچىدۇر. ئۇ دېڭىزدا يوقالغانلارنىڭمۇ يول باشچىسى، چۆل-باياۋانلاردا ئۆلگەنلەرنىڭمۇ ھىمايىچىسىدۇر. ئۇ گادايلىقنى پادىشاھلىقتىن ئەزىز قىلغان. جاھان شاھلىرى بولسا ئۇنىڭ ئالدىدا ئەرزىمەس پۇچۇق يارماقتۇر. تەڭرىنىڭ تەقدىرىدىن خەۋەر تاپقاندا ئەمەل ۋە مەنسەپنىڭ ھەشەمەتلىرى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر قازا ۋە تەقدىرىگە نۇرغۇن ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان. ئۇنى ئەقىل ھەرقانچە پىكىر قىلسىمۇ بىلىپ بولالمايدۇ. تەڭرىنىڭ ئۆزىلا چەكسىز ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوقتۇر. مەن تەڭرىنىڭ ھەمدۇ سانالىرىنى مۇشۇنچىلىك بايان قىلدىم، ئەمدى ۋەسىيىتىمنى باشلاي. مەندەك ئەجەل قوشۇنى ئىلكىدە ئاجىز بولغان بىچارە ناتىۋاننىڭ بۇ بۇزۇلغان تېنىمنىڭ جېنى ھەم ۋۇجۇدۇم گۆھىرىنىڭ كانى بولغان سەن ئانامغا دەيدىغانلىرىم تۆۋەندىكىچە: =YBwO. !%  
PGMu6$  
ــــ مەن سېنىڭدىن ئايرىلىپ، يېراق يەرلەردە يۈرۈپ، سېنى جۇدالىق دەردى ۋە فىراق ئازابىدا قويدۇم. بېشىمغا بىھۇدە خىياللار كىرىۋېلىپ، مېنىڭ ھۆنىرىم جاھاننى بويسۇندۇرىشتىن ئىبارەت، دەپ قارىدىم. لېكىن قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى خام خىيال ئىكەن. چۈنكى كۆڭلۈم ھەۋەس شارابلىرىنى .ئىچىش بىلەن مەست بولۇپ قالغان ئىكەن. مېڭەمگە ھوش ۋە ئەقىل پەيدا بولغاندا، پۈرسەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئېسىت، سەن ئۈچۈن ئوغۇل بالىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىساممۇ، ساڭا قۇللۇق بەجا كەلتۈرۈپ ئۆتسەمچۇ! كاشكى، سېنىڭ بوسۇغاڭدىكى تۇپراق بولۇپ، مۇشۇنىڭ ئۆزىنى پادىشاھلىق دەپ بىلگەن بولسامچۇ! مانا ئەمدى مېنىڭ ئۇ ئارمانلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرىشىمغا پەلەك ھەسەتخورلۇق قىلىپ، تەقدىر يول بەرمەيۋاتىدۇ. بۇ خىجالەتچىلىك ئۈچۈن ئەمدى ئۆلەر ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى. ئەگەر سېنىڭ رازىلىقىڭ مەن بىچارىنىڭ كۆڭلىگە تەسكىن بەرمىسە، مېنىڭدەك ناتىۋاننىڭ ھالىغا ۋاي! يۈز قېتىملاپ ۋاي! مەن گەرچە سېنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىڭنى تۇتالمىغان بولساممۇ، لېكىن سەن مېنىڭ بۇ ئىلتىماسىمنى قۇبۇل قىلغايسەن: N~ljU;wo-9  
qFW-~T  
بۇ خېتىم قۇلۇڭغا تگكەندە مېنىڭ ھەممە ئەھۋالىم ساڭا ئايان بولىدۇ. بۇ چاغدا سېنىڭ ھاياتىڭغا ھاياجان چۈشۈپ، جىسمىڭ پارە-پارە بولغۇدەك ھالەتكە يېتىشى مۇمكىن. بىراق سەن جاھان ئەھلى ئىچىدىكى بىر ئەقىللىق ئانا، شۇنداقلا خەلقىم ئالدىدا مېنىڭ ۋەسىيىتىمنى ئادا قىلىدىغان بىردىن-بىر كىشى. شۇڭا تەقدىر ماڭا ھەرقانداق قىسمەتنى يازسا، ئۇنىڭغا سەنمۇ ماڭا ئوخشاش رازى بولساڭ. كۆڭۈل رىشتىڭنى مەندىن ئۈزۈپ، تەڭرىگە باغلىساڭ. كاچات ئۇرۇش بىلەن يۈزلىرىڭنى ئىپاردەك قارا قىلمىساڭ ۋە بۇ ئىپار ئۈستىگە قاردەك ئاپئاق چاچلىرىڭنى چۇۋىمىساڭ. مەن ئۈچۈن ماتەم ئاھاڭلىرىڭنى توۋلاش بىلەن جاھاننى ماتەم تۈنىدە قارا قىلمىساڭ. قۇياشتەك ئىچىڭنى ھارارەتكە تولدۇرۇپ، ياقاڭنى سۇبھىدەك يېرتمىساڭ. قۇياش گويا نۇر رىشتىلىرىنى چاچقىنىغا ئوخشاش ئاپئاق چاچلىرىڭنى سارغايغان يۈزلىرىڭگە چۇۋۇمىساڭ. باشقىلاردەك، يەنى ئوغۇل ماتىمى تۇتقان باشقا ئانىلاردەك يۈزلىرىڭنى تاتىلاپ، يارا قىلمىساڭ. ئەگەر سەۋر قىلىشقا تاقىتىڭ، تاقەت قىلىشقا قۇۋۋېتىڭ يەتمىسە، سەن تەييارلىق قىلىپ بىر چوڭ مەرىكە تۈزگىن. ئۇ مەرىكىگە ھېساپسىز كۆپ لەززەتلىك تائاملارنى تەييارلا. ئاندىن پۈتكۈل ئەتراپقا جاي سالدۇرۇپ، ھەممە كىشىنى ئايۋىنىڭغا تەكلىپ قىلغىن. ئۇلار يىغىلغاندا داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئاندىن مۇلازىملارغا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئاش تارتىشنى بۇيرىغىن. ھەممەيلەننىڭ ئالدىغا ئاش تارتىپ بولغاندا، سەن جاكارچىغا تاپشۇرغىن. ئۇ جاكارچى: AqvRzi(Y  
%96JHYcX  
‹بۇ دۇنيادىن ئىبارەت ئەسكى گۈمبەز ئىچىدە ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇققان، يېقىن-يورۇقلىرى ئۆلمىگەن كىشى بولسا، ئاشۇ كىشى بۇ ئاشلاردىن يېسۇن› دەپ جاكارلىسۇن. شۇندىن كىيىن سەن داستىخىنىڭغا قاراپ باق. بىرەر ئادەم تائامغا قول سۇنامدۇ-يوق. ئەگەر بىرەر ئادەم ئاشقا قول ئۇزىتالىسا، سەنمۇ مېنىڭ ماتىمىمنى تۇتۇپ ئازاپ چەككىن. ئەگەر ئۇ تائاملارغا ھېچكىم قول ئۇزاتمىسا ۋە ئۇنى يېمىسە، بۇنىڭدىن جاھاندا يېقىنلىرى ئۆلۈپ تۇپراققا كىرمىگەن بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلىقى مەلۇم بولىدۇ. ھاياتنىڭ قائىدىسى شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىشتىن ئۆزۈڭگە تەسەللى تاپقىن. مېنىڭ ماتىمىم دەردىمدىن قۇتۇلۇپ، پۈتكۈل ئالەم ئەھلى بىلەن ھەم دەرد بولغىن. سەن ھەر قانچە بەختىيار ۋە يول باشچى بولساڭمۇ. لېكىن، يەنىلا باشقىلارغا ئوخشاش تەڭرىنىڭ بەندىسىسەن. شۇڭا ئۆزۈڭنى بارچە خالايىق بىلەن ئوخشاش بىلگەيسەن. ھەق رىزاسى ئۈچۈن تىرىشقايسەن. مەن ياخشى بولاي، ياكى يامان، بەرى-بىر بۇدۇنيادىن خوشلاشتىم. ئەجەل ماڭا ئامان بەرمىدى. گەرچە مەقسەت گۆھىرىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن پۇشايمان قىلغىنىم بىلەن پايدىسى يوق. ساڭا بىرنەچچە كۈنلۈك پۇرسەت بولسىلا، ھەقنى ئۇنۇتما. تائەت بىلەن بولغان مۇبارەك ۋاقىتلىرىڭدا  بۇ ئۆلگەن غېرىپ ئوغلىڭنى ياد قىلغىن، دۇئا بىلەن روھىمنى شاد قىلغىن.“ m:/@DZ  
fu9y3`  
ئىسكەندەر پۈتكۈل مەقسەتلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاراق ئىچىگە يېزىلدى. ئاندىن ئۇنى قاتلاپ ئورىغاندىن كېيىن، ھەمراھلىرىغا بېرىپ، كۆڭۈل تىلەكلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: VZF/2d84&w  
:D-d`OyjG>  
ـــ كېچە-كۈندۈز توختىماي مېڭىپ، بۇمەكتۇبنى ئانامغا يەتكۈزۈڭلار. ئەمدى مېنىڭ قۇياشىمنى ئىپاردەك قاپ-قارا بۇلۇت قاپلايدۇ. قۇياشىم ئۆچىدۇ. سىلەر مېنىڭ يېنىمدا ئىزتىراپقا چۈشمەڭلار. ھازا ماتىمىمنى تۇتىمىز دەپ جاھاننى خاراپ قىلماڭلار. جەسىتىمنى جىنازىغا سېلىپ، كېچە-كۈندۈز دېمەستىن تېزئىلگىرلەڭلار. بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، جىسمىمنى ئىسكەندەرىيىگە ئېلىپ بېرىڭلار. تىرىك ۋاقتىمدا ئۇيەر ماڭا ۋەتەن بولغاندى. ئۆلۈكۈمگىمۇ شۇ جاي دەپنىگاھ بولسۇن. مېنى جىنازىغا سالغان ۋاقتىڭلاردا چوقۇم بىر قولۇمنى جىنازىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويۇڭلار. كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەيرەت كۆزلىرى بىلەن، ياق، بەلكى ئىبرەت كۆزلىرى بىلەن نەزەر سالسۇن. قولۇمنىڭ بۇ پەنجىرىلىرى ۋە قاتار تىزىلىپ تۇرغان بارماقلىرى جاھاندىن ۋە جاھان ئەھلىدىن ئۈزىلدى. مەن گەرچە بۇ قوللىرىمغا پۈتكۈل جاھان مەملىكىتىنى ھەم بارلىق دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقۇقلارنىڭ بايلىقلىرىنى كىرگۈزگەن بولساممۇ، لېكىن ئەجەلنىڭ قوللىرى  ئۆلۈم سەپىرىنىڭ ناغرىسىنى چالغاندا، بۇ جاھاندىن قوللىرىم خۇددى چىنار شېخىغا ئوخشاش  قۇپقۇرۇق ھالدا كەتتىم. ھېچ نەرسىنى بىللە ئېلىپ كېتەلمىدىم. شۇڭا ئالەم ئەھلى مېنىڭ قولۇمنى كۆرۈپ ئىبرەت ئالسۇن. بۇ ئالەمنىڭ بايلىقلىرىغا ئارتۇقچە ھېرىسمەن بولمىسۇن. W<yh{u&,  
%B3E9<9>U  
ئىسكەندەر بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ تۈگىتىشى بىلەنلا كۆز يۇمدى. ئۇ پانىي ئالەمنى ئىشغال قىلغاندى. ئەمدى باقىي ئالەمنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى. ئۇنىڭ روھى يەردىن كۆككە قاراپ سەپەر قىلدى. ماتەمدىن يەر ئاستىن-ئۈستۈن بولدى. ئۆلۈم شىۋېرغانلىرى جاھاننى كېزىپ، ئالەم يۈزىنى قارا تۇپراق بىلەن قاپقاراڭغۇ قىلدى. بۇ شاھانە دەرەخنىڭ بېشى ئىگىلدى. تاج يەرگە چۈشتى، تەخىت يۈز پارە بولدى. ئۈزۈكمۇ ئۇنىڭغا قارىلىق تۇتۇپ يۈزلىرىنى يونۇپ، مۇدۇر-چوقۇر قىلىۋەتتى. سوغۇق شامال بارلىق ھېكمەت كىتابلىرىنىڭ ۋاراقلىرىنى يىرتىپ ئۆچۈرۈپ كەتتى. كىشىلەرگە پەقەت ساۋات چىقىرىش تاختىسىلا قېپقالدى. پۈتكۈل ھېكمەت ئەھلى خۇددى كىتابقا ئوخشاش قارا كىيىم كىيدى، ئىلىم-مەرىپەتكە ئوخشاش قارا سىياھ ئىچىگە چۈمدى. يەر ۋە پەلەك ماتەم دەستىدىن چايقىلىپ كەتتى. لېكىن ئارىدىن يەنە بىرمۇنچە كىشىلەر شاھنىڭ ۋەسىيىتلىرىنى يادىغا ئېلىپ، خەلىقگە سەۋىر قىلىش ھەققىدە ئاجزانە خىتاب قىلدى. شۇندىن كىيىن ئۇلار ئاھ- پىغان چېكىشنى قويۇپ، ئىسكەندەرنى ئۆزۋەسىيىتىدە ئېيتىلغاندەك تەرتىپ بىلەن جىنازىغا سالدى. جىنازىنى بولسا مەپىگە سېلىپ، شاھ دېگەن مەنزىلگە قاراپ راۋان بولدى. ئىسكەندەرنىڭ خېتىنى ئېلىپ ئالدىن يولغا چىققان كىشى ئۇ خەتنى شاھنىڭ ئانىسىغا يەتكۈزدى. بۇئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، ئانىنىڭ مېڭىسىدىن ئەقلى-ھۇشى چىقىپ كەتتى. ئۇ گوياكى بىرجانسىز جىسىمغا ئوخشاپ قالدى. بۇماتەم ۋە غەمدىن ئانا ئۆز كۆكسىنى يېرىپ، ئۆزىنى ھالاك قىلماقچى بولدى. ئەمما خەتنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ ئۆزىنىڭ غەمكىن جېنىغا تەسەللى بەردى. ئىسكەندەرنىڭ يازغان خېتى بويىچە ئىش كۆرۈشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. لېكىن يانىلا ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى. ۋەسىيەتنىمۇ بېشىدا توختىتالمىدى. ئۇ ئاھ ئۆتلىرى بىلەن جاھاننى، ياق، بەلكى توققۇزقات ئاسماننى كۆيدۈرمەكچى بولاتتى. بىراق يەنە ئوغلىنىڭ سۆزلىرى ئېسىگە چۈشۈپ، پىغان زەھىرىنى ئىچىگە يۇتاتتى. بۇ دەرد ئوتىدا يوشۇرۇن ئۆرتىنەتتى. ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئوتلىرىدا جاھان ئۆرتىنەتتى. جىسمىدىكى تومۇرلار ۋە توقۇلمىلارنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ، قۇرىغان سۆڭەكلىرىمۇ كۈل بولۇشقا باشلىدى. شۇچاغدا خالايىق ئىسكەندەرنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى. پۈتكۈل تاغۇ باياۋانلارنى ماتەمدارلار قاپلىدى. كىشىلەر ئىسكەندەرنىڭ جىنازىسىنى يەلكىللىرىدە قويۇپ، ھەربىر قەدەم يولغا جانلىرىنى پىدا قىلغان ھالدا كەلمەكتە ئىدى. ئانا بۇئەھۋالنى بىلىپ، يۈرەك بۇلۇتىدىن چاقماقتەك ئوتلۇق بىر ئاھ چەكتى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ، بېلىنى باغلاپ، قوللىرىغا ھاسا تۇتقان ھالدا، يولغا چىقتى. ئانا بۇئالەمنىڭ ئىچىنى داغلاپ، دەردمەنلەرچە قەدەم ئېلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئانىنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى كۆرۈپ، ئاسمانمۇ ئۇياتتىن بېشىنى تۆۋەن سالدى. ئانا يىراقتىن ئوغلىنىڭ جىنازىسىنى كۆرۈپ، پەلەكنىڭ قىلىدىغان جاپالىرىنى قىلىپ بۇ ھاياتلىق ئۈمىدىنى ئاخىرى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى بىلدى. خالايىق پەلەكتىن بۇ خىل ھىيلە-نەيرەڭلەرنى كۆرۈپ، شۇنداق سۇرەن سېلىشتىكى، پەرىشتىلەرمۇ بۇئىشقا ھاياجانلانماي تۇرالمىدى. ئانا جىنازا يېنىغا يەتكەندىن كىيىن، دەردمەنلەرچە ئاۋازبىلەن مۇنداق خىتاب قىلدى: O~9%!LAu  
XV)ej>A-V  
ـــ ئەي ئەزىز مېھمىنىم، خۇش كەلدىڭ، كەلگەن قەدىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن. مەن قېرىغان كېنىزەكنىڭ جېنى يولۇڭدا پىدا بولسۇن. بۇئالەم سارىيى ساڭا لايىق ئەمەس ئىدى. شۇڭا بىزنى غۇربەتتە قويۇپ كېتىپ قالدىڭمۇ؟ بۇدۇنيادىن ئىبارەت قارا تۇپراق سەندەك پاك نۇرغا قانداقمۇ لايىقىدا ماكان بولالىسۇن؟! شۇڭا سەن ئۇ ئالەم بېغىنىڭ بوستانىنى مۇنەۋۋەر قىلىپ، پەرىشتىلەرنىڭ قەسىرىنى يورۇتتۇڭ. ئەقىل-ئىدراك سېنىڭ بۇ ئىشىڭنى مۇۋاپىق تاپىدۇ. ساڭا مۇشۇ ئىش بىلەن شاتلىق ھاسىل بولغان بولسا، بۇ خۇشاللىقىڭغا بىزنىڭ رازى بولىشىمىز زۆرۈر. بىراق ماڭا بۇ پەلەكتىن ۋە بىھايا دۇنيادىن شۇقەدەر زۇلۇم يەتتىكى، سېنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىپ، ساڭا جەننەت ئىچىدە ئورۇن ياساشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم. تەقدىر شۇقەدەر ئاجايىپ ئويۇن ئوينىدىكى، قۇياش غايىپ بولۇپ، يەنە قېرى پەلەك قېپقالدى. بۇنداق بولارىنى خىيال قىلغان بولسام، دەرد ئەلەم مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتى. بۇنداق ئىشنى چۈشۈمدە كۆرگەن بولسام، شۇھامان يۈرۈكۈم يېرىلغان بولاتتى. تەقدىر ئىلكىدىن بۇ ئىش تۇيۇقسىز جېنىمغا تاقالدى. بۇ بالا-قازا توساتتىنلا جىسمىمغا يۈزلەندى. ئەگەر ئاشكارا ماتىمىڭنى تۇتالىغان بولساممۇ بۇنچىۋالا ئازاپ چەكمەس ئىدىم. ئاق چاچلىرىمنى چۇۋۇپ، گاھ ھۇشۇمغا كېلىپ، گاھى ھۇشسىز بولۇپ، يۈزلىرىمنى تارتلاپ، بۇ زەپىرانزارغا لالە گۈللەرنى ئېچىلدۇرغان بولسام. ياقىلىرىمنى يىرتىپ، قارا كىگىز كىيىپ ماتىمىڭنى قىلسام. ھازا ئېچىپ، نالە پەرياتلىرىمنى پەلەككە يەتكۈزسەم، جىنازاڭ ئالدىدا جان بېرىپ، زەئىپ جىسمىمنى تېنىڭ ئۈستىگە تاشلىسام. شۇ ئارقىلىق بۇ پەلەك زۇلمىدىن خالىي بولۇپ، سەن بىلەن بىللە كەتكەن بولسام ئىدى. مېنىڭ غەم مېھنەتلىرىم ۋە دەرد-ئەلەملىرىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، سېنىڭ ماتىمىڭنى تۇتۇپ ھازا ئاچالمىدىم. بۇجاننى بېرىپ، سېنىڭ ئارقىڭدىن بارالمىدىم. چۈنكى ماڭا سەندىن بۇرۇن خېتىڭ يېتىپ كەلدى. ئۇ خەتتە قانداق ئىشلارنى ئىلتىماس قىلغان بولساڭ سۆزۈڭنى قۇبۇل قىلىش زۆرۈر ئىدى. گەرچە چەكسىز ئازاپلىنىۋاتقان بولساممۇ لېكىن سۆزۈڭنى ئاڭلىماسقا ھەددىم يوق. چۈنكى، بۇ خەتتە يېزىلغىنى خاقاننىڭ ياكى قەيسەرنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى ئىسكەندەرنىڭ سۆزى. ئاھ، تېنىم قۇتىسىدىكى پاك گۆھەر قېنى؟! سۇ ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ شاھى ئىسكەندەر قېنى؟! m}]"TFzoVM  
W )q^@6[d  
ئانىنىڭ بۇ پىغانلىرىدىن خالايىق ئىچىگە ھاياجان چۈشتى. ئۇلار ئاھۇ-ئەپغان چېكىشكەن ھالدا شاھنى مەڭگۈلۈك ئارامگاھىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ تەننى دەپنىگاھقا يەتكۈزدى. ياق، بەلكى، روھىنى تەنگە يەتكۈزدى. قارا تۇپراقنىڭ باغرىنى يېرىپ، ئىسكەندەردىن ئىبارەت بۇ قۇياشنى شۇ تۇپراق ئىچىگە يوشۇردى. بۇ كونا پەلەك قۇياشىنىڭمۇ قارا تۇپراققا پېتىشى بىر ئادەتتۇر.شۇڭا ئىسكەندەرنىڭ نۇرلۇق جىسمىنى قارا تۇپراققا كۆمۈپ، ئۇنىڭ قەبرىسىنى يۈز تۈمەنلەرچە زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن ياساپ چىقتى. ئۇ قەبرىگە پەلەك ئەتلىسىنى يوپۇق قىلدى. كىشىلەر نەچچە كۈنگىچە نالە-پىغان قىلىپ، شاۋقۇن-سۈرەن سېلىشتى. لېكىن بۇ دەردكە ھېچبىر داۋا تاپالمىدى. قانچە نالە-پەرىياد چېكىشكەن بولسىمۇ پايدىسى بولمىدى. ئاخىر ھەممەيلەن قازانىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلىپ، كۆڭۈللىرىنى توختىتىپ، خۇشاللىق ئادەتلىرىنى داۋام ئەتكۈزدى. ?nB).fc  
Z5[ t/  
ماقالە مەنبەسى: "Hg.pDNZ  
^] Lr_k  
http://www.yurdum.com 6fY(u7m|p  
1*[h$Z&H?  
http://www.yurdum.tr cA`R~o"  
Mm :6+  
http://www.yurdum.de   &rorBD 5aj  
VDx=Tsu-  
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتان، (ئابدۇرەھمان شەرقىي) @PZ&/F ^  

تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-19, 01:23
 
ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكرى قىل!
mahdi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9752

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5150 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   515 (قېتم)
 تۆھپە:   515  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 12
 سائەت
دەرىجىسى:
12 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-17
ئاخــىرقىسى:2012-08-23
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-19

تەڭرى دىمەي ئاللاھ دىمەمسىز تەڭرى دىگەن يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ گېپى ئۇ يازغان چاغدا ئاللاھ دەپ ياسسىڭىز بولىدۇ تەڭرى دەپ يازغۇچە ئىسكەندەر شاھ ئۇلۇغ ئاللاھ نىڭ ئېتقاتچىسى ھەم دۇنياغا پادىشاھ بولغان مۇسۇلمانلار تەڭرى دەپ ئاتىماسلىقى لازىم  
 
无名
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1178

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   101 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   51305 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   347 (قېتم)
 تۆھپە:   311  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 200
 سائەت
دەرىجىسى:
200 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-27
ئاخــىرقىسى:2013-01-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-20

ياخشى تېما ئىكەن.بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق،ھارمىغايسىز!
 
ئۆتتى ياشلىغىم،سۆيەلمەيسېنى،
ئاقتى ياشلىرىم،كۆرەلمەيسېنى.
hakane
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10350

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4147 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   415 (قېتم)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1180
 سائەت
دەرىجىسى:
1180 سائەت 10 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-19
ئاخــىرقىسى:2013-01-01
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-20

  
خاقانى
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى