باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       659 
  •    ئىنكاس 
       4 

ئۇيغۇر قىزىغا:..............................ئۆزخان

قەۋەت ئاتلاش
OzHaN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10911

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   50 (قېتم)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 45
 سائەت
دەرىجىسى:
45 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-15
ئاخــىرقىسى:2012-08-17

ئۇيغۇر قىزىغا:...........ئۆزخان > 84e`aGE  
mIvnz{_d  
ئۇيغۇر قىزى سەن جاھان ئارا يېگانە سىما ئىدىڭ. سەندىكى بەدەن گۈزەللىكى تۇغما بولغىنىغا ئوخشاش ،قەلبىڭدىكى خەلق سۆيگۈسىمۇ، ئەخلاق گۈلىستانىمۇ ساڭا بەخشەندە قىلىپ بېرىلگەن ئىدى. تۇمارستىن رىزۋانگۈلگىچە سېنىڭ جاسارىتىڭ ئۈزۈلگەن ئەمەس. قېنمىزدا ئۇرغۇپ تۇرغان ۋەتەن ئىشقىنى سەن يەتكۈزۈپ كەلدىڭ. +@e}mL\8  
sa G8g  
ئۇيغۇر قىزى، ئىران شاھى دارا ئۆز قېنى بەدىلىگە سەندىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈيىنى ياڭراتتى. ئۇيغۇر قىزى، ئېتىڭ ئىپار ئىدى.جىسمىڭ، روھۇڭ ئىپار ئىدى. چيەنلوڭ خان قەلبىڭدىكى ئېتىقاد مەشئىلىگە يېقىنلىشالماي، ھەسرەت بىلەن ئاھ   ئۇرۇپ قالدى. تارىخقا ھەم ئىپار پۇراپ پۈتۈلدۈڭ. M;qBDT~)  
P/G>/MD/l  
ئۇيغۇر قىزى، سەن ئاماننىسا بولغاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەپ چىقتىڭ. سېنىڭ رەتلىگىنىڭ يالغۇز بۇلا ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ روھى ئىدى. [_V:)  
;`+`#h3-V  
جاھالەت تۇمانلىرى دەۋرەپ كەلگەندە، سەن كۆزۈڭنى ئاچالماي، ئۈمتۈلۈپ يۈردۈڭ. تۇمان قەلبىڭگە بۆسۈپ كىردى. سېنىڭلا ئەمەس، ۋەتەننىڭ قەلب تۆرىگە ئورناشتى. بۇ تۇمان سېنى جاھاندىن خەۋەرسىز قويغان بولسىمۇ، سەندىكى ئىزگۈلۈك پەرىشتىلىرىنى قەلبىڭدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىشكە قادىر بولالمىدى. سەن ئۈنى ئەبەدىيلىككە ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ كەلدىڭ. j1A|D   
NEw $q4  
ۋەتەن يورۇقلۇققا تەشنا بولغاندا، قولۇڭغا مەشئەل ئېلىپ كۈرەش قىلدىڭ. سەن نۇزۇگۇم بولغاندا،  ۋەتەن نومۇسى ئۈچۈن ئۆزگىگە ئوق بولۇپ ئېتىلدىڭ.  گاھى رائىلە خانىم بولۇپ مەرىپەت تارقاتتىڭ، مىللەتنىڭ قەلب يارىسىغا مەلھەم بەردىڭ. گاھى رىزۋانگۈل بولۇپ، شەپقەت ھەمشىرىسى بولدۇڭ. غازى-شېھىدلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئارا بولدۇڭ. ئۆز نومۇسۇڭ ئۈچۈن قىلىچ بولۇپ چېپىلدىڭ. ھاياتىڭنى تەقدىم ئەتتىڭ. ئاچارچىلىق، تۈگىمەس سىياسىي بورانلار سېنى سېنىڭ ئەقىدەڭنى تەۋرىتەلمىدى. h/HH Kn  
=G4u#t)  
ئۇيغۇر قىزى، ئۆزۈڭ شۇنداق بولغاچقا ئوغلانلىرىڭ ھەم ئار-نومۇس،سۆيگۈ مۇھەببەتنى سەندىن مىراس ئالغان ئىدى. 30-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان قوزغىلاڭ  سېنىڭ نومۇسۇڭنى قوغداش ئۈچۈن قوزغالغان ئىدى. ئەينى چاغدا، جاڭ جىسا سېنى ئەمرىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغاندا سېنى مىللەتنىڭ غۇرۇرى دەپ بىلگەن ئوغلانلىرىمىز شىر كەبى دۈشمەنگە ئېتىلىپ سېنى قوغداپ قالغان ئىدى. گەرچە بۇ قوزغىلاڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ مۇھەببەت نەپرەت قارىشىنى ئاشكارا قىلىپ،تارىختا شانلىق بىر سەھىپە سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى. *GJ:+U&m[  
BZ+;n|<r  
ئازادلىقنىڭ تاڭلىرى ئېتىپ، قىزىل قۇياش دىيارىمىزغا ئۆز نۇرىنى چاچقاندا،تېخىمۇ توغرىسى «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» شامىلى يېتىپ كەلگەندە، سەن قەلبىڭدىكى تۇمانلارنى تازىلاشقا تۇتۇندۇڭ. ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى گۈللەندۈرۈشتەك بۇ يولدا ئۆزۈڭ باشلامچى بولۇپ ماڭدىڭ. بۇنىڭغا ئىمكانسىز قالغىنىڭدا كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى بولغان ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە ،ئۇلارغا يېپيېڭى يول ئېچىپ بېرىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىگە ساھىپ بولدۇڭ. بۇنىڭ بىلەن مىللەتمۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيقۇسىدىن كۆزىنى ئۇۋۇلاپ، ئويغىنىشقا تۇتۇندى. بۇ تىلسىملىق ئۇيقۇ مىللىتىڭنى قانچە ئەسىرلەپ ئۆز ئىلكىدە ئەللەيلەتكەن بولسىمۇ، بىراق، سېنىڭ ۋە سەن كەبى ئوت يۈرەكلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۈچلۈك رىقابەت ئاستىدىكى ياشاش تەھلىكىسى مىللىتىمىزنى كاللىسىنى سىلكىپ، چۆچۈپ ئويغىنىشقا مەجبۇر قىلدى. بۈگۈنكىدەك ھەرمىللەت خەلقى قولنى-قولغا تۇتىشىپ، ئورتاق گۈللىنىشتەك تارىخىي ۋەزىيەتتە، سەن ئويغانغان خەلقىمىزنى بۇندىن كېيىنكى يېڭى-يېڭى تەرەققىيات يولىغا باشلاش ۋە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تېپىش يولىدا مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولغۇسىسەن. s7l23*Czl  
at|\FOKj  
ئۇيغۇر قىزى، ئۇنىۋېرىستېت كۈتۈبخانىسىدا سەن. كىتاب ئوقۇپ، ئۆزۈڭنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللىتىڭنىڭ ئۆزىنى، ئۆزلۈكىنى، تۆنۈگۈنىنى، بۈگۈنىنى بىلىش، تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئەتىسىنى يارىتىىش يولىدا ھارماي ئىزدەنمەكتىسەن. قەلىمىڭ قەغەز يۈزىدە يورغىلاۋاتىدۇ. بىلدىم، بۇ سېنىڭ خەلقىڭگە ئۆز تىل-مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تەقدىم ئەتكەن دەسلەپكى سوۋغاڭ. تالاي ۋاقىتلىرىڭنى مانا مۇشۇ جايدا جاپالىق ئۆگىنىشكە-زامانىمىزدىكى يېڭى كۈرەشكە ئۆزۈڭنى ئاتىغىنىڭنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇر قىزى، خەلقىڭ سېنىڭ يەنە يېڭى نەتىجىلىرىڭگە ئىنتىزار. سېنىڭ كۈرەش مەيدانىدا ئۈزۈپ چىققان غالىبىيەتچىلەردىن بولۇشۇڭغا، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىمۇ ئۆز يولۇڭدا ئېلىپ مېڭىشىڭغا ئۈمىدۋار. كەلگۈسىدە بىر قولۇڭدا بۆشۈكنى، يەنە بىر قولۇڭدا دۇنيانى تەۋرىتىپ، زامانىۋى، دۇنياغا ماسلاشقان مىللەت سۈپىتىدە ئۇيغۇرۇڭنى تونۇتۇشقا تەقەززا. JhP\u3 QE  
f@d9Hqr+l;  
ئۇيغۇر قىزى مەيلى سەن نەدىلا بولغىن، نېمىلا قىلمىغىن ئۇيغۇرغا خاس پەزىلەتلىرىڭ، يېڭى دەۋرگە خاس جۇشقۇنلۇقۇڭ، تىرىشچانلىقىڭ بىلەن يەنىلا جاھان ئارا يېگانىسەن. I3(d<+M  
uokc :D  
C?o6(p"b  
ئىسىمداش ئۇيغۇر قىزىغا: 59lj7  
/iG7MC\`  
بىلىمەن سەنمۇ ئىسىمداشسەن ئۇيغۇر قىزى بىلەن، تالاي ئىسىمداشلىرىڭ بار ھەممىنى بىلىمەن. ئىسىمداشلىرىڭ كۆپ، سۈپەتداشلىرىڭ ئاز، بۇمۇ ماڭا ئايان. :c=.D;,  
#^0(  
گۈزەللىك ئاجايىپ بىر ئۇقۇم، بەزىدە مەۋھۇملۇق ئىچىدە ئالتۇندەك ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىدىغان، بەزىدە ئاشكارىلىقتا ئالتۇندەك ئالەمگە تاماشا بولىدىغان. گۈزەللىك ئاجايىپ ئۇقۇم، بەزىدە قاشتېشىدەك دەريا-كۆللەرنىڭ ئېقىنلىرىدا سۇنىڭ يۇمشاق سىيپاشلىرىغا قانائەت قىلىپ ئۆتىدىغان، بەزىدە يەنە قاشتېشىدەك كۆرگەزمە قىلىنىپ خەقنىڭ كۆز يېغىنى يەيدىغان. گۈزەللىك ئاجايىپ بىر ئۇقۇم، يىراقتىن قارىماققا كۆزگە گۈل كۆرىنىدىغان يېقىن كەلسە، تىكىنى بىلەن جاۋاب بېرىدىغان. گۈزەللىك ئاجايىپ بىر ئۇقۇم ئاقشۆتكە ئوخشاش ئېگىز تاغلارنىڭ قاقاس چوققىلىرىدا ئۇ يەر-بۇ يەردە ئېچىلىپ قالىدىغان. ئىشقىلىپ گۈزەللككە جاھان ئىستېتىكىشۇناسلىرى قانداقلا تەبىر بەرسە بەرسۇن، پەرۋايىم پەلەك. مەنچە گۈزەللىك ئەنە شۇنداق ئاجايىپ ئۇقۇم، كۆپ خىل مەنە ئۆز ئىچىگە ئالغان. [>Fm [5x  
.<YcSG  
ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمىتىگە شەك كەلتۈرۈش كۇپرىلىق. چىرايمۇ، تاشقى قىياپەتمۇ، بەدىنىمىزمۇ ھەممىسى بىزگە ئىنئام قىلىنغان كاتتا نېئمەت. ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ ئادەم سۈرىتىدە بولغانلىقى ئۇنىڭ كاتتىلىقى. مەيلى ئاقساق، مەيلى چولاق، مەيلى قارىغۇ، مەيلى گاس بولسۇن، ھەممىنى ئاتا قىلغۇچى ئاللاھتۇر. ئۇلارنى مازاق قىلىش ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىگە ئاتا قىلغان نېئمىتىنى مازاق قىلغانغا، تېخىمۇ توغرىسى ئاللاھنى مازاق قىلغانغا تەڭدۇر. چىراي ئۇمۇ ئاللاھنىڭ كاتتا نېئمىتى، مەيلى سەت بولسۇن، مەيلى چىرايلىق. ئاللاھ ئاتا قىلغانىكەن، جاۋابىنى قىلغۇچى ئاللاھتۇر. ئۇنى باھالاپ سەت-چىرايلىق دەپ ئايرىش ئادەمدىكى سەزگۈنىڭ نېرۋىغا قىلغان ئىنكاسىدىن شەكىللىنىدۇ. ئۇنى ئادەم ھەرقانداق شەكىلدە ئىپادىلەيدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ دۇنيادا باراۋەر ياشاپ، بۇ دۇنيادىن باراۋەر ھوزۇرلىنىشقا ياراتقانىكەن، ھەممىمىزنىڭ دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بەھرى ئېلىش ھوقۇقىمىز بولىدۇ. بىراق گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىش سەتلىكتىن، ئىنسان چىرايىدىكى سەتلىكتىن سەسكىنىش بەدىلىگە كەلسە بولمايدۇ. گۈزەللىك چىرايدا ئاللاھنىڭ نېئمىتى شەكلىدە ئەكس ئەتكەن بولسا ئۇنى ئاشكارا باھالاش ئەخلاقسىزلىقتۇر. بىراق ئىنساننىڭ ئۆز قەلبىدە ياراتقان يەنە بىر چىرايى بولىدۇكى، ئۇنى ئىنسان ئۆزى يارىتىشقا قادىر. ئۇنىڭدىكى مەيلى گۈزەللىك بولسۇن، مەيلى چىركىنلىك بولسۇن، ھەممىسىگە جاۋاب قىلغۇچى شۇ شەخسنىڭ ئۆزىدۇر. شۇڭا گۈزەللىكنى باھالاشقا توغرا كەلسە، ئۇنى شۇ ئىنساندا نامايەن بولغان بەدەن گۈزەللىكىنى ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولغان، شۇ ئىنسان ئۆزى نامايەن قىلغان گۈزەللىكنى باھالاش ۋە ھوزۇرلىنىش كېرەك. &%,DZA`  
n>FY?  
مەردانە بۇ سۆزنىڭمۇ ۋەزنىگە ھەيران قالىمەن. مەرتلىك ــ ئوغۇللارنىڭ سۈپىتى. بىراق ئۇيغۇر قىزىمۇ ئۇنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. جۈملىدىن «ئۇيغۇر» دېگەن خاسىيەتلىك مىللەت ئۇنى ئۆزىدە ھازىرلاشقا ئەمىر قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، «مەرت»لىك ئۆزىنى پۈتۈنلەي باشقىچە مەنىدە ئىزاھلىماقتا. كۆكسىنى كېرىپ، مۇشتىنى تۈگۈپ تۇرغان ئوغۇل مەردانىمۇ؟ مەسىلە ئۇنىڭ مۇشتىنى كىمگە تەڭلىگىنىدە. مۇبادا خەلقىگە تەڭلىگەن بولسا، ئۇ «مەردانە» دېگەن سۆزگە يېقىنلىشىشقىمۇ سالاھىيىتى يوق پاسىق بىرى بولۇپ چىقىدۇ. خەقنىڭ ئالدىدا يوغان-يوغان سۆزلەپ نەچچە شەھەرنى ئېلىۋېتىدىغان يوغان قورساقلارچۇ؟ ئۆلچەم ئۇلارغىمۇ ئوخشاش. ئاغزىدا نېمىلا دېسۇن، گەپ ئەمەلىيىتى ئۈستىدە بولىدۇ. مەيلى دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرى ئۇنىڭدىن قاچسۇن، مەيلى ھايات ئۇنىڭغا تۈرۈك قاپىقى بىلەن قارىسۇن، ئۇ ھاياتى بويى «ئىمان» ۋە  «ۋەتەن»دېگەن بۇ ئىككى مۇبارەك كەلىمىگە يۈز كېلەلىگۈدەكلا ياشىسا، ئۇ مەردانىدۇر. سەندىكى ۋە ساڭا سۈپەتداش ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى مەردانىلىقمۇ شۇ يەردە.  f^b K=#  
*y]+dK&-  
ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر ئانىسى نامىدا ئاتالغىنىدا ئۇنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئارتقۇسىدۇر. 93o;n1rS  
C5 X(U :  
توغرا ئېيتىسەن، بۆرە ئۆز ئۆمرىنى كۈرەش بىلەن مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. بىراق، بۇلبۇلغا قارىغاندا ئۇيغۇر قىزىنىڭ تاغدا ھۇۋلاۋاتقان، ئۆز قەۋمى، دائىرىسى ئۈچۈن ھۇۋلاۋاتقان بۆرە ئانا بولغىنى مىڭ ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ -d=WV:G%e  
VR0=SE  
5?u}#zO  
;_+uSalt  
رۇخسەتسىز يۆتكەشكە بولمايدۇ! lpm JLH.F  
#Dy?GB08  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-16, 00:02
 
كىمكى قىلىچنىڭ قارا دەستىسنى تۇتۇشنى خالىمايدىكەن ئۆتكۈر تىغغا دۇچ كىلىدۇ
OzHaN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10911

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   50 (قېتم)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 45
 سائەت
دەرىجىسى:
45 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-15
ئاخــىرقىسى:2012-08-17
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-16

مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى نىمە دىگەن ياخىشى بىردەمدىلا ئاۋاتلىقى 100دىن ئېشىپ كىتىپتۇ ، ئەمما ، ئەسەرگە بىرىلگەن بىرمۇ......................؟
كىمكى قىلىچنىڭ قارا دەستىسنى تۇتۇشنى خالىمايدىكەن ئۆتكۈر تىغغا دۇچ كىلىدۇ
kuya爱情ni
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10582

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   50 (قېتم)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 24
 سائەت
دەرىجىسى:
24 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-31
ئاخــىرقىسى:2013-02-27
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-16

بەك ياخشى چىقىپتۇ . بارىكاللا!!!
kalipdax007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10305

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   136 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10558 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1055 (قېتم)
 تۆھپە:   1055  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1220
 سائەت
دەرىجىسى:
1220 سائەت 130 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-17
ئاخــىرقىسى:2013-06-04
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-16

شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.قەلىمىڭىزكۈچلۈككەن.يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭ.تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىمايوللاپسىز قەلەملەر توختىمىسۇن............ئامان بولۇڭ قىرىندىشىم.....
قەلىپداش007
akida1225
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10790

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   96 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6138 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   615 (قېتم)
 تۆھپە:   615  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 590
 سائەت
دەرىجىسى:
590 سائەت 60 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-11
ئاخــىرقىسى:2013-06-19
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-21

yahxi qikiptu rasla
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى