باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1329 
  •    ئىنكاس 
       2 

ئۇيغۇرلاردىن ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ كىم ؟

قەۋەت ئاتلاش
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15639 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1565 (قېتم)
 تۆھپە:   1565  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2397
 سائەت
دەرىجىسى:
2397 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-01-26

ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ كىم؟ p>J@"?%^  
6hR ` sE  
ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ كىم؟ ~&<vAgy,  
+Tx_q1/f5X  
ياسىن ئەبەيدۇللا Q;z!]hjBM  
Z 1wtOL  
noz1W ]  
كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى« ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ»تا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۇلالە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى ئەيشىنجۇلۇ فۇيى( پادىشاھلىق نامى شۈەنتۇڭ) ھاياتى تەسۋىرلىنىدۇ، بىلىپ –بىلمەي پادىشاھ بۇلۇپ قالغان بۇ بالا كىيىنچە ياپۇنلارنىڭ قورچىقى بۇلۇپ قورچاق مانجۇرىيەگە خان بۇلىدۇ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كىيىن بولسا يىڭى جۇڭگو تۈرمىسدە ئۆزگەرتىلىدۇ. ئۇمۇمەن پادىشاھ ئاتالغان بولسىمۇ تەقدىرى باشقىلارنىڭ قولىدا بەلگىلنىپ قالىدۇ.ئاچچىق تىراگىدىيە ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدۇ. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئاران دىگەندە نورمال ئادەملەردەك ياشاش يۇلىنى تاپىدۇ. خوش فۇيى ھەققىدىكى گەپنى تۇختىتىپ ئەسلى تېمىغا قايتىپ كەلسەك زادى كىم ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ؟ ,UVu.RjXN  
ئۇرخۇن دەۋرىدىن باشىغاندا ياغلاقار جەمەتى ئەڭ بۇرۇنقى پادىشاھ جەمەتى ھىساپلىنىدۇ، ئەمما 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھاكمىيەتتە ئازراق ئۆزگىرىش بۇلۇپ ئادىز ( ئەدىز ياكى ئاتئىز دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.) جەمەتى شاھلىق ئورنىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما تارىختا ئۇنىڭدىن كىيىن قۇرۇلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا يەنىلا ياغلاقار جەمەتى شاھ جەمەتى ھىساپلىنىدۇ. 840-يىلدىكى تالاپەتتىن كىيىن شاھزادە پانتكىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە شىنجاڭغا كىرىدۇ. دەسلەپ 842-يىلى غەربى ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغان. 866-يىلى بۆگۈ تىكىن ئىدىقۇت خانلىقىنى قۇرغاندىن كىيىن بۇ خانلىق تەدرىجى پارچىلانغان. قارىمۇ –قارىشى ئىككى خانلىق ، ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن قاراخانىلار خانلىقى مەيدانغا كىلىشى بىلەن بۇ پارچىلنىش ، بىرلىشىشكە تىرىشىش باسقۇچىغا ئۈتكەن، ئەمما بىرلەشمەيلا ھەر ئىككىسى ھالاك بولغان. قاراخانىلار خان جەمەتى ئۆز ئەجدادىنى ئەفراسىياپقا بىرلەشتۇرۇپ قارايدۇ. ئەگەر شۇ بۇيىچە بولسا ئۇنىڭ تارىخى بەك ئۇزۇن بولغان بۇلىدۇ. ئەفراسىياپ بىلەن ئۇرخۇندىكى ياغلاقار . ئادىز جەمەتى ئۇتتۇرسىدا قانداق باغلىنىش بار بۇنىڭغا تارىخشۇناسلار بىر نىمە دىسۇن. گەپكە كەلسەك 1211-يىلى كۈچلۈك قاراخانىيلارنىڭ سەلتەنەت چىرىغىنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن بۇ جەمەت ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىغان بولسىمۇ ئەمما ھاكمىيەتكە قايتا ئىشتىراك قىلالمىدى. ئىدىقۇت خان جەمەتى بولسا تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن كىيىنكى ئىسلامىيەتنىڭ كۈچلۈك زەربىسىدە ، باشتا قۇمۇلغا ئاندىن گەنسۇدىكى گۇڭچاڭغا كۆچۈپ كەتكەندىن كىيىن تارىخ دۇلقۇنلىرىدا ئىقىپ كەتتى. بۇ جاھىل بۇددىسىتلار بەلىكىم باشقا مىللەتلەرگە ئاسسىملاتسىيە بۇلۇپ كەتتى ياكى سېرىق ئۇيغۇر بۇلۇپ كەتتى. +hispU3ia  
'xnI N u  
6yAZvX  
R)SY#*Y  
o6~JAvw  
كۇچانىڭ 12-ئەۋلاد ئاخىرقى ۋاڭى داۋۇت مەخسۇت Z1 ($9hE>  
داۋۇت ۋاڭ 1927-يىلى تۇغۇلغان،1941-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە كۇچا ۋاڭى بولغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ، ناھىيەلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر 83 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ساغلام تۇرىۋاتىدۇ. داۋۇت ۋاڭ جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى تارىخىدىكى ئاخىرقى پادىشاھى ئەيشىنجۆلو فۇيى 1967-يىلى قازا قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ ئەخىرقى ھايات ۋاڭ بولۇپ قالدى.2005-يىلى ۋاڭ ئوردىسى ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن بۇيان، داۋۇت ۋاڭ ئۆزىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ۋاڭ ئوردىسىدىكى يېڭى تۇرالغۇسىدا ياشاپ كېلىۋاتىدۇ . U~?mW,iRL  
.<fdX()e,  
$%31Gk[I  
ئۇنىڭدىن كىيىن مەيدانغا كەلگىنى ئۇيغۇرلاشقان چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىدىن يەركەن سەئىدىيە خان جەمەتى.تەخمىنەن 1680-يىللىرى ئەتراپىدا يەركەن سەئىيە خانلىقى مۇنقەرىز بولغاندىن كىيىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭراق ھاكىميەتلىرى مەيدانغا كەلمىدى، مانجۇلار كىلىشتىن بۇرۇنقى خۇجىلار ھۆكۈم سۈرگەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا ، جۇڭغارلارغا قارام ھاكەميەت ئاستىدا ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق خۇجىلار ئالمىشىپ جاھاندارچىلىق قىلغان بولسىمۇ ھىچ قايسىسى كۈچلۈك ھاكىميەتنى مەيدانغا كەلتۇرەلمىدى. 1756-يىلى مانجۇلار قۇشۇن تارتىپ ئاۋۋال جۇڭغارلارنى ئاندىن خۇجىلار باشقۇرۋاتقان جەنۇپنى ئىگلىگەندىن كىيىن بولسا بۇ دىيار ئاساسى جەھەتتىن چىڭ ئىمپىرىيىسى خەرىتىسىگە كىرپ بولغان. ئۇنداقتا يەركەن خانلىقنىڭ ئاخىرقى خان ئىسمايىل خان( بەزى ماتېرىياللاردا مۇھەممەت ئىمىن خان دىيىلىدۇ) ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ھىساپلىنامدۇ؟ بىز يەنە بىر قەدەم تارىخ چاقىنى بويلاپ ماڭساق ئۇيغۇرلار تارىخدىكى يەنە بىر زور ۋەقەگە يۇلۇقىمىز. يەنى 1864-يىلدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى. بۇ قوزغىلاڭ كۇچا، قەشقەر، خۇتەن، ئۈرۈمچى ۋە ئىلى رايونىدا بىر ۋاقىتتا پارتىلاپ مانجۇلار ھاكىميىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «گۈم» قىلىپ يىقىتتى.ھەر جايدىكى قوزغىلاڭچىلار ئۆز باشلامچىلىرىنى پادىشاھ قىلىپ بىكىتتى. خوتەندە ھەبىيبۇللا پادىشاھ، قەشقەردە قۇقەنىتتىن چاقىرىپ كىلىنگەن بۈزرۈك خان، كۇچادا راشىدىنخان، ئۈرۈمچىدە داۋۇت خەلىپە(خۇيزۇ) ئىلىدا ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ئابدۇرۇسۇل شاغبەگ، مەزەمزات ھىكىمبەگ، مەھمۇت پوچى، شەۋكەت مۇللا، ئەلاخانلار قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. mPQT%%MF  
مۇللا موسانىڭ تارىخى ئەمىنىيە ۋە باشقا تارىخنامە كىتاپلاردا بايان قىلنىشچە خوتەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان تۆت خاننىڭ ھەممىنى ياقۇپبەگ يۇقىتىپ، يەتتە شەھەر ھاكىميىتىنى قۇرغان ئىكەن، ئەمما ياقۇپبەگ ئەزەلدىن ئۆزىنى پادىشاھ ياكى سۇلتان دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىمىغان. ياقۇپبەگنىڭ بۇ تۆت خاننى يۇقاتقان ۋاقتى 1866-يىلىدىن بۇرۇن بولغان. ئىلى سۇلتانلىقى بولسا 1871-يىلى روسيە بىسىپ كىرىپ ئەلاخاننى يالاپ ئىپ كەتكەندىن كىيىن مۇنقەرىز بولغان. 1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىميىتىىمۇ غۇلاپ، 1884-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى رەسمىي قۇرۇلغان. يۇقارقى تەپسىلاتلاردىن قارىغاندا ئىلى سۇلتانى ئەلاخان ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ بۇلۇپ قالامدۇ قانداق؟شۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلاردا يەرلىك ھاكىميەتلەر قۇرۇلدىمۇ؟ تارىخقا نەزەر سالساق بۇنداق بىر ھاكميەتلەرنى كۆرمەيمىز. سەل-پەل ھاكىميەتكە ئۇخشاپ قالىدىغان قۇمۇل ۋاڭلىقى، تۇرپان ۋاڭلىقى ۋە كۇچا ۋاڭلىقى دىگەنلەر ئىنانچىخانلىق بولسىمۇ ، ئەمما ئىچكى مۇستەقىللق ساقلانغان بولسىمۇ ئەڭ مۇھىم بولغان دىپلۇماتىيە، ئارمىيە جەھەتلەردە ئازراقمۇ مۇستەقىللىقى بولمىغاچقا ئەڭ ئاخىرقى ۋاڭلارنى پادىشاھ دەپ ئاتاش تۇغرا ئەمەس. ئەگەر ۋاڭلارنى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ دەپ ئاتىغىلى بولسا ھايات كۇچا ۋاڭى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ بۇلۇپ قالىدۇ. ;Sg.E 8  
پادىشاھ ، خانىش مەلىكە دىگەنلەر بىزگە نىسپەتەن ئۈتمۈش ۋە چۆچەكلەردىكى نەرسىلەرگە ئايلنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسلىنى ئويلاپ قالدىم. فېئودال پادىشاھ دىگەن نەپرەتلىك ئۇقۇم كاللىمىزغا ئورنىشىپ كەتكەندە ياپۇنىيە ۋە ئەنگىليە كەبى تەرەققى قىلغان ئەللەردە پادىشاھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، يەنە كىلىپ ئۇ يەرلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى جۇمھۇرىيەت ۋە پادىشاھلىق دىگەن بۇ تۈزۈملەرنى ياخشى –يامان دەپ ئايرىغىلى بولمامدۇ قانداق، ھەر دۆلەتنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قارىتا، ئەنئەنىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەندۇرگەن تۈزۈمى خەلىقنىڭ ئىترابىغا ئېرىشسە ئۇ قانداقلا تۈزۈم بولسا بولامدۇ نىمە دىگەن ئويغىمۇ كىلىپ قالدىم. بىر دۆلەتتە قانداق تۈزۈمنىڭ بۇلۇشى تارىخنىڭ سىنقى ۋە خەلقنىڭ تاللىشىدىن كىيىن مەيدانغا كىلىدىكەن. cjg~?R  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-15, 23:53
 
ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكرى قىل!
OzHaN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10911

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   50 (قېتم)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 45
 سائەت
دەرىجىسى:
45 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-15
ئاخــىرقىسى:2012-08-17
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-16

تارىخلاردىن  خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر
 
كىمكى قىلىچنىڭ قارا دەستىسنى تۇتۇشنى خالىمايدىكەن ئۆتكۈر تىغغا دۇچ كىلىدۇ
قىلىچ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10944

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   131 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9249 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   925 (قېتم)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2763
 سائەت
دەرىجىسى:
2763 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-17
ئاخــىرقىسى:2012-12-22
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-17

ما ..... رەسمدىكى  ئاتالمىش ۋاڭ ئەۋلادىنڭ ، ئچىدىكى قارا چىرايىغا چىىقىپكىتىپتۇ   جومۇ  .........  [  ئسىت ]
 
ئەل غىمىنى يىمىگەن ئەر  -  ئەر ئەمەس  .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى