ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بېتى ھەققىدە T_R2BBTv
8tfM,.]_i S[ch/ مىللەت - ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل ، ئورتاق زېمىن ، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى.
fGZ56eH: بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە شۇ مىللەتكە خاس بولغان ئورتاق تىلى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقى مىللەتلىك خۇسۇسىيىتىنى گەۋدىلەندۇرۇپ ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدۇ،ئەنئەنىسىنى،تارىخىنى،مەدەنىيتىنى،.... ئۆز تىلى بىلەن كىيىنكىلەرگە يەتكۇزىدۇ.
)>;7"v توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم،رەڭگارەڭ ،ئىلغار ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىگە دائىر نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى تىپىش تامامەن مۇمكىن.لېكىن ئۇيغۇرتىلىغا دائىر كەسىپلەشكەن تور بەتنى يىقىنقى بىر – ئىككى يىل مابەينىدە تىپىش مۇمكىن بولمىدى. بىلىك،ئىزدىنىش،ئىنتىل قاتارلىق توربەتلەردە ئېچىلغان ئۇيغۇرتىلى سەھىپىسى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ھەل بولغان بولسىمۇ، لېكىن سىستىمىلىق بولغان ياكى باشقىلار سىنىڭ ئۆز تىلىڭنى ئۆگىنىدىغان بىرەر تور بىتىنىڭ بارمۇ دىسە دەماللىققا ئويلانمايلا بار دىيەلەيدىغان ئىمكانىيەت بولمىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئانا تىلىم تور بېتى بىزنى بۇ خىل ئىمكانىيەت ، ئىپتىخارلىق ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدى.
Pi+pQFz5 ئۇيغۇرتىلى خىرىسقا دۇچ كىلىۋاتقان ئالاھىدە ئەھۋالدا ئۇيغۇرتىلىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش، ئۆزگىچە تىل بايلىقىنى نامايان قىلىش ، تىلنى توغرا ئىشلىتىش،ئۆز تىلىنى بىلمەيدىغانلارغا ياردەم بىرىش.....بۇلار ئۆز مىللىتىگە كۆيىنىدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ مىللەت بولۇش ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ساقلاپ تۇرىشىنى ئۇمۇت قىلىدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى.
K|pg'VT" (1EtC{m دەرۋەقە ئۇيغۇرتىلىغا دائىر نۇرغن مەسىلىلەر تور بەت يۇزىدە ھەل بولدى،ھەل بولىۋاتىدۇ.بۇ تەرەپلەردە بىلىك،ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيتى،ئۇيغۇر سوفت،ئالپ سوفت،ئىزدىنىش،كەنجى سوفت قاتارلىق تور بەتلەر ،ئىلمىي جەمئىيەتلەر،شىركەتلەر،شەخىسلەرنىڭ ئۇيغۇرتىلىنى قىلىپلاشتۇرۇش،ئۇچۇرلاشتۇرۇش،تەشۋىق قىلىش جەھەتلەردە ئوينىغان رولىنى ۋە تۆھپىسىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس.
E1r-$gf_ ئۇيغۇرتىلىغا دائىر مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بېتى ئۇستىدە دېگەن بىر قاتار مەسىلىلەر ، ئەڭ مۇھىمى شەخىسنىڭ ئارزۇسى ئاساسىدا قۇرۇلدى.
L4DT*(;!E ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بېتىگە تەسىس قىلىنغان سەھىپىلەر تۆۋەندىكىچە:
gY'-C ئۆلچەم – ئۇيغۇرتىلى ئاساسى بىلىملىرى، فونتىكا،لىكسىكا،گىرامماتىكا قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ، تونۇشتۇرۇش ئاساسى نىشان ۋە مەزمۇن قىلىندى.
N5[^W`Qf تەتقىقات-ئۇيغۇرتىلىنىڭ تارىخى تەرەققىياتقا ئەگىشىپ تەرەققى قىلىش ، ئۆزگىرىش،مۇكەممەللىشىش تارىخى ھەققىدە ئىلمىي ئىزدىنىش، ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتىدىكى،جۇملىدىن ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىكى تۆھپىكار شەخس، ئورۇن ۋە گۇرۇپپىلار ھەققىدە ئۇچۇر، تۇرمۇشىمىزدا ئۇيغۇرتىلىنى قوللىنىش ،ئىشلىتىش جەريانىدا يۇز بىرىۋاتقان خاتالىقلار ، سەۋەنلىكلەر ئۇستىدىكى ئىزدىنىش ،كۆزىتىش، تەكلىپ-پىكىرلەر،ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتىغا دائىر تۇرلۇك ئىلمىي ماقالىلەر تونۇشتۇرۇش ئاساسى نىشان ۋە مەزمۇن قىلىندى.
;,8 )%[ ۋاسىتە – ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىشكە دائىر كىتاب-ماتېرىيال ئۇچۇرلىرى، يۇمشاق دېتاللار، ئېلكىتاب،رەسىم، ئاۋازلىق-سۇرەتلىك ماتېرياللارنى تەمىنلەش ، تەشۋىق قىلىش، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئاساسى نىشان ۋە مەزمۇن قىلىندى.
{xAd>fGG+y خەت نۇسخىسى چۈشۈرۇش – ئۇيغۇرتىلى كومپيۇتېر خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بارلىق خەت نۇسخىلىرىنى ، خەت كىرگۈزۈش يۇمشاق دىتاللىرىنى، ئۇيغۇرتىلىغا دائىر تەھرىرلەش قاتارلىق دېتاللارنى چۈشۈرۇش بىلەن تەمىنلەش،تەشۋىق قىلىش ئاساسى نىشان ۋە مەزمۇن قىلىندى.
;FQNO:NP ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرتىلىدىكى نۇسخىسى ئىچىۋىتىلدى. خەنزۇتىلىدىكى بېتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.
Fw\g\ ................................................................................................
qJ sH ئۆز تىلىغا كۆڭۈل بولۇش، ئۆز مېلىغا كۆڭۈل بولۇشتىنمۇ مۇھىم، ئانا تىل-ئۇيغۇرتىلى تور بىتىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى قۇرۇلدى. مەن بىر ئاددى كىشى، ئۇيغۇرتىلى جەھەتتىكى بىلىمىمنى مول،مۇكەممەل دىيىشكە بەكلا بالدۇرلۇق قىلىمەن.شۇنداق بولغاچقا سەۋەنلىكلەر ساقلانغان بولسا كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ،تەنقىد ۋە پىكىر بىرىشنى ئۇمۇت قىلىمەن.ھەمدە مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان دوسلار، ئۇستازلارنىڭ ياردەمدە بولىشىنى، مۇمكىن بولسا قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، باشقۇرۇش ،تەھرىرلەشكە قاتنىشىنى سەمىمىي ئۇمۇت قىلىمەن.
Jd^Lnp6? |Fz ^(US gu6%$z 42~.N=2 ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بىكەت ئادرىسى :
http://www.anatil.org |
http://www.维吾尔语.com [UXN=76N 4(*PM&'R ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى خەت نۇسخىسى چۈشۈرۇش بېتى ئادرىسى:
http://www.anatil.org/uyfont/ Vpne-PW