باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1431 
  •    ئىنكاس 
       9 

يۇرتلىرىمىزنىڭ مەنسىنى بىلەمسىز؟

قەۋەت ئاتلاش
qin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10344

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   51 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2950 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   415 (قېتم)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2124
 سائەت
دەرىجىسى:
2124 سائەت 176 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-19
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
— بۇ تېمىنى AnaTuprak دۇنيادىكى ئىشلار دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2012-08-03) —

}dnO7K  
b{T". @b  
J<K- Yeph  
يۇرتلىرىمىزنىڭ مەنسىنى بىلەمسىز؟ <cC0l-=  
بۇرۇن بىرقانچە مۇنبەرگە يۇرتىمىز ناملىرى توغرۇلۇق خاتا مەزمۇنلار بىلەن تولغا ن بىر تەرجىمە تېما يوللانغانىكەن. يېقىندا ئۇ تېما باشقا بىر ئىسىمدا قايتا يوللۇنۇپتۇ. قارىغاندا بۇ تېما ئوقۇرمەنلەرگە بەك ياققان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شۇ خاتا تېمانى قايتا قايتا يو سوراپ باقسام، سىز ئۇيغۇرمۇ؟ ئۇيغۇرچە بىلەمسىز؟ ئاتا بوۋىڭىز ئۇيغۇرمىدى؟ ئاتا بوۋىڭىز ئۇيغۇر بوسا نىمىشكە سىز ئوز بوۋىلىرىڭىز قويغان ئىسىمنى خەقتىن سورايسىز؟ F_28q15~:  
SePPI.n  
ئېنىقكى بۇ تېما خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان. يالغاننى ئېغىر ئالمايدىغان، تېما-ئەمگەك ئوغۇرلاشنى نومۇس بىلمەيدىغان يازارمەنلەر بۇ خاتا بىرنەرسىنى ئويلاپمۇ باقماي بازارغا سېلىپ مۇنبەر ئەھلىنى قايمۇقتۇرماقتا. قارىغاندا بىرسى قوپۇپ خوتەن دېگەن خەنزۇچە، تۇرپان دېگەن گۇاڭدوڭچە، ئالتاي دېگەن مانجۇچە دېسە بىزنىڭ ئويلۇنۇشنى ئېغىر كۆرىدىغان يازارمەن بلوگچىلار دەرھال تەرجىمە قىلىپ تۇتىيا بىلىپ تەشۋىق قىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز تىپىك تەرجىمان مىللەتكە ئايلىنىپ قالدۇق. نېمىنى تەرجىمە قىلىش-قىلماسلىق ئختىيارى، توغرا خاتانى ئايرىش قابىلىيىتى بولمىغاندا، خەقلەر نىمە دېسە ئۇقۇپ شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ دوراش ۋە پاسسىپلارچە ئەگىشىش مۇقەررەرلىككە ئايلىنىدۇ. چۈنكى تەرجىمان دېگەن مەڭگۈ ئەسلى ئاپتۇرغا ئەگەشكۈچى، تەپەككۇر قىلغۇچى ئەمەس تەپەككۇرنى قوبۇل قىلغۇچى . بىز قاچانغىچە ئۆزىمىزنى خەقلەرنىڭ ئۆلچىمىدە باھالايمىز، ئۆزىمزىنى خەقلەرنىڭ يازمىسى بىلەن چۈشىنىمىز؟ بۇ تېمىنى يېزىشتىن مەقسەدمۇ شۇ. بوۋىلىرىمىز مۇشۇ زىمىنغا يارالغانكەن، بۇزىمىندىكى تاغۇ- دەريا ئېتىز- قىرلىرىمىزنى ئاشۇ بوۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆز تىلىمىزدا چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشتۇر. خۇددى ئابدۇللا "بىزلەر" دېگەن ناخشىسىدا ئېيىتقاندەك "زاتىمىز سورىساڭ ئافراسىياپتىن". ئافراسىياپ كىم؟ قايسى خەنزۇچە ماقالىگە مۇراجەت قىلىمىز؟ قايسى روسنىڭ كىتابىغا دۈم چۈشىمىز؟ ئافراسىياپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر شاھلىرىنىڭ بىرى ئالپ ئەرتوڭادۇر. بۇ يەردىكى ئالپ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا باتۇر دېگەن گەپ ئەرتۇڭا ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى. ھازىرقى مەنىسى باتۇر ئەرتوڭا دېگەنلىك بولىدۇ. خۇددى ھون ئىمپىرىيىسىنى دۇنياۋىي بۇيۈكلۈككە مۇشەررەپ قىلغان باتۇر تەڭرىقۇت دېگەن ئىسىمغا ئوخشاش. بەلكىم بۇ ئىككىسى بىر ئادەم بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئافراسىياب ھەققىدە "شاھنامە"دە رىۋايەتلىك مەلۇمەت بولغاندىن سىرت تارىيخى مەلۇمات يوق. ئافراسىياب دېگەن بۇ سۆز "شاھنامە"دە شۇنداق يېزىلغان بولۇپ ئالپ ئەرتوڭانى كۆرسىتىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئابدۇللاھ "زاتىمىز سورىساڭ ئافراسىياپتىن دەيدۇ؟" چۈنكى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى نۇرغۇن يەرناملىرىنىڭ قويۇلۇشىنى ئافراسىيابقا باغلىغان. ئالپ ئەرتوڭا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچى. دېمەك تېمىمىزدا توختالماقچى بولغان ئۇيغۇر يەرنامىلىرى مۇبارەك بوۋىلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىيخىغا باغلىنىدۇ. ئەجەبا بىز ئالپ ئەرتوڭانىڭ نەسلى تۇرۇپ ئۆز توپراقلىرىمىزنىڭ مەنىسىنى خەقتىن سورايدىغان بىخۇت ھالغان چۈشۈپ قالدۇقمۇ؟ تۆۋەندە مەن مەلۇم خەن ئاپتۇرنىڭ دوستلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان يەرناملىرىمىزغا دائىر ماقالىدىكى خاتالارنى بىر مۇ بىر تۈزۈتۈپ چىقىمەن. -e#~CE-  
|jh&a+4W  
" كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى<<نەزەر تاشلىماق>>. Cs2hi,s  
XwI~ 0  
خاتا؛ مەنىسى كويلا، يەنى تۈگمەننىڭ كويلىسى. بۇ شەھەر كۆنچى دەرياسى قىنىنى ئۆزگەرتكەنلىك سەۋەبىدىن بىر قېتىم خاراپ بولۇپ ئەسلى ئورنىدىن كۆنچى دەرياسىدىكى ئەسلىدىكى تۈگمەن كويلىسىنى مەركەز قىلىپ قايتا قۇرۇلغانلىقى سەۋەبلىك شۇنداق ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. x2-i1#j`;  
w$ zX.;s  
بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى<<كەڭرى يايلاق>> )Dg;W6  
dv?ael^  
خاتا؛ مەنىسى باي بۇلاق. hxwo<wEg  
}]dK26pX  
. خۇشۇت_مۇڭغۇلچە<<خېخىتې>>نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى ]4{ )VXod  
)K=%s%3h<  
توغرا؛ موڭغۇللارنىڭ خوشۇت قەبىلىسى 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى ئون يىللار ئەتراپىدا، مانجۇ خانلىقى تەرىپىدىن چىگرىلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىڭتۈەن ھىسابىدا ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. شىبە، مۇڭغۇل، داغۇر، مانجۇ، سۇلۇن قاتارلىق بۇنداق بىڭتۈەن قەبىلىلەرنىڭ نامى ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا قوللۇنۇلماقتا. مەسىلەن، جۇڭغار ئويمالىقى، بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچىسى يارىش يزلىقى ئېدى. يارىش مۇسابىقە مەنىسىدە تۈركىيە تۈركچىسىدە ھازىرمۇ بۇ سۆز بار. يازلاق يازلايدىغان يەر، خۇددى قىشلاق قىشلايدىغان يەر مەنىسىدە كەلگەنگە ئوخشاش. tHhau.!  
cst}/8e  
. باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى <<قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش>>. Y/%(4q*'  
_H,xnh#nZ  
خاتا؛ باغراش ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەبىلەسىنىڭ ئىسمى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە باغداش دېگەن يەر بار. بۇمۇ مەزكۇر ئۇيغۇر قەبلىسى بىلەن باغلىنىدۇ. بەلكىم كورلا ئۇيغۇرلىرى بىلەن قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى تارىختا ئورتاق قەبىلىۋىي بىرلىككە ئىگە بولغان بولسا كېرەك. ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنداق قەبىلە نامىدىن كەلگەن يەر ناملىرى خېلى بار. مەسىلەن قارلۇق دېگەن يەر نامى قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە، خوتەننىڭ كىرىيە ناھىيىسە، ۋە قۇمۇلدا تەڭلا مەۋجۇد. بەلكىم قارلۇق قەبىلىسى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن مۇشۇ رايۇنلارغا تارالغان بولسا كېرەك. بۇنداق ئۇيغۇر قەبىلىلىرنىڭ نامىدىن كەلگەن يەر ناملىرىدىن يەنە مەركىت، بارىن، يوپۇرغا، بۈگۈر، ئىتارچى، بارلاس، قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى بۇ قەبىلە ناملىرى قازاق ۋە مۇڭغۇللاردىمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر-قازاق بىر مەنبەلىك. موڭغۇللارمۇ بىزگە ئوخشاش ئورتاق ئالتاي تىللىرىغا تەۋە بولغانلىقتىن تىلى يېقىن شۇڭا بىر قەبىلە نامىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە موڭغۇلچىدا تەڭلا بولۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. -Kas9\VWEw  
Rm&^[mv  
ئاقسۇ_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئاق رەڭلىك سۇ>> %>z4hH,  
H%nA"-  
سۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا دەيا دېگەن مەنىدە شۇڭا ئاقسۇ يەرنامى تۈركى خەلقلەر بار يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە بار. jkQ%b.a  
6YHQ/#'G~  
كۇچا_ئۇيغۇرچە<<تار كۇچا،خاڭ يولى>>قاتارلىق مەنىلەرگەئىگە. vcmB)P-T`O  
8 t)?$j$  
خاتا؛ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شەكلى كۇشان، كۇسەن،كۆسەن بولۇپ تارىمىزدىكى كۆسەن دۆلىتىنىڭ پايتەختى. كۇچا دېگەن سۆز، كۇشان سۆزىدىن قىسقىراپ بارلىققا كەلگەن. wv7XhY}  
mA?fCs  
شايار_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈشى>>دىن ئىبارەت. t@;r~S b  
0| }]=XN^  
خاتا؛ شاھ+يار، يەنى پادىشاھ يار بولغان زېمىن دېگەن مەنىدە. بۇ يۇرت بىر قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن قارىخانلار ئىمپىرىيىسىنىڭ بىز شاھى تەرىپىدىن قايتا ئاۋات قىلىنغان. يۇرتىمىزدىكى پەيزاۋات دېگەن يۇرتمۇ قاراخانىلارنىڭ پەيزۇللاھ ئىسىملىك بىر شازادىسى تەرىپىدىن باياشات قىلىنغان. S;8gX1Uf  
[0?W>A*h  
باي_ئۇيغۇرچە<<باي بولماق ،بايلىق>>دىگەن مەنىگە ئىگە. `3e>JIl"0  
k0v&U@+-J  
چالا؛ تۈركى تىللار دىۋانىدا بۇ يۇرت باي ياغاچ دەپ يېزىلغان. بۇرۇنقى ئۇيغۇرچىدا ياغاچ ئورمان مەنىسدىمۇ كېلىدۇ. بەلكىم بىپايان ئورمان دېگەن مەنىگە ئىگە بولسا كېرەك. (MGYX_rD  
IZs NMY  
ئاۋات _ئۇيغۇرچە مەنىسى<<گۈللەپ ياشنىماق،ئاۋاتلاشماق>>. YHOo6syk  
I/hq8v~S  
خاتا؛ ئاۋات دېگەن سۆزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا شەھەر دېگەنمۇ مەنىسى بار. خۇددى كەنت دېگەن سۆزنىڭ شەھەر مەنىدە بولغىنىغا ئوخشاش. #oD;?Mi  
T&nIH[}v  
نوپۇسنىڭ شىددەتلىك كۆپۈيىشى ۋە تەبىيەتنىڭ بوزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى سەۋەبلىك دىيارىمىز تارىخىدا نۇرغۇن شەھەرلەر خاراب بولغان، ياكى شەھەرلەر يوقاپ كەنتكە ئايلىنىپ قالغان. بەلكىم ھازىرقى بىز ئاۋات نامى بىلەن ئاتاۋاتقان يەرلەر ئەسلى شەھەر بولۇپ كېيىن خاراب بولۇپ بۈگۈنكى كىچىك-كىچىك ئاۋاتلار پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. #GuN.`__n,  
 \RS ,Y  
قىزىلسۇ_قىرغىزچە مەنىسى <<قىزىل رەڭلىك سۇ>>. c->.eL%   
aP[oLk$'Z  
ئاقتۇ_قىرغىزچە مەنىسى <<ئاق تاغ>>. VZ$^:.I0  
`t#9yN  
ئۇلۇغچات_قىزغىزچە مەنىسى <<چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال>>. _>E=.$  
7hhv/9L1  
ئاقچى_قىرغىزچە مەنىسى <<ئاق چىغ>>دىن ئىبارەت .  a"D'QqtH  
#~ZaN;u  
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى قىزىلسۇنىڭ قىرغىز ئوبلاست دېيىلگىنىگە قاراپلا تاپقان گەپلەر. ۋەتنىمىز چىگرىسى ئىچىدكى قىرغىزلار 1916-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا رۇس ئاسمىلاتسىيەسىدىن قېچىپ يېتىپ كەلگەن. باغرى يۇمشاق، ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى تىلى ۋە دىنى بىر بولغان تۈرك قەۋمىگە تەۋە بۇ قېرىنداشلىرىنى، ئۇلارخالىغان يەرلەرگە ئورۇلاشتۇرپ قۇدا باجا بولۇپ بىللە ياشىغان.ئۇلۇغ چات(ئۇلۇغ ئاچال، ئۇيغۇرچىدىكى چات سۆزىنىڭمۇ ئاچا دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكى ئېنىق) ئاق تاغ، ئاق چىغ، قىزىلسۇ دېگەن يەرلەر ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇنمۇ مەۋجۇد ئېدى. كۆچمەنلەر ھىچقاچان يەر كۆتۈرۈپ كەلمەيدۇ. پەقەت قىرغىز قېرىنداشلار كەلگەندىن كېيىن بۇ يۇرت ناملارنىڭ تەلەپپۇزى قىرغىزچىلاشقان. مەسلەن ئاق تاغ، دېگەندىكى تاغ سۆزىنى قىرغىز باغىرلىرمىز توۋ تەلەپپۇز قىلىدۇ. 7$mB.\|  
dVSQG947i:  
قەشقەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ھەر خىل رەڭدىكى خىش ئۆي>>،قەدىمكى ساك تىلىدا<< قاشتېشى توپلانغان جاي>> دىگەندىن ئىبارەت. trZU_eouI  
)jjL'  
قەشقەر كونا شەھەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<تۇپرىقى مۇنبەت،خەلقى باي>>. #nq_R  
kqjj&{vPFJ  
يۇقارقى كارامەت ئۇيغۇرچە مەنىلەرنى ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ چىنپۈتۈپ كۆچۈرۈپ يۈرگىنىگە ئادەمنىڭ ئاجايىپ ئىچى ئاغرىيدۇ. 2({|LQqk  
VRTJKi  
قەشقەر ئسلى قاش تېشى دېگەن مەنىدىكى قاش سۆزىگە ئۇستا، ھۈنەرۋەن مەنىسىدىكى كار، كەر گار، گەر قوشۇمچىلىرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان. بوۋىلىرىمىز خوتەندىن قاش قېزىپ قەشقەردىكى خەلقئارا يەرمەنكىگە قويغان، قولى گۈل قەشقەر ئۇيغۇرلىرى قاشتىن ھۈنەر بىلەن گۈل چىقىرىپ جاھانغا ساتقان. ئۇيغۇر دىيارىدا ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن باغلانغان يەر ناملىرى بەك كۆپ مەسىلەن، ياركەنت ۋە يېڭىشەھەردىكى تاغارچى، كورلىدىكى كۆنچى، غۇلجىدىكى قازانچى...قاتارلىقلار. \Vpv78QF;  
MDBqIL]Hc  
Z3U%Afl2{  
jOd+LXPJ  
پوسكام_تاجىكچە مەنىسى <<ئالتۇن دەرياسى>> ئۇيغۇرچە مەنىسى<<مۇنبەت تۇپراق>>. ]WK~`-3C^  
E;, __  
ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا خەنزۇچە ئات قويۇشتا بەك قىينىلىشقان. ئەسلى زەرەپشان دېگەن سۆز تاجىكچە زەر ئاقىدىغان دەريا دېگەن سۆز بولۇپ بۇ ياركەنت دەرياسىنىڭ پارىس-تاجىكچە ئىسمى. بۇنى خەنسۇچە زېلىپۇشىيەن يېزىپ بۇ نامنى تىلى كەلمەي زېپۇ دەپ قىسقارتىپ پوسكام دېگەن يەرگە قويغان. ياركەنت دېگەن سۆزنى قىسقارتىپ يې ئېر چىياڭ دەپ يېزىپ يېچىڭ دەپ قارغىلىققا قويغان. يۇقارقى مەنە خەنزۇچىسىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان.  T\#Gc4  
y\,,hs  
Dp4x\97O  
' 6)Yf}I  
يەكەن_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى<<تىك قىيا(يار)دىكى شەھەر>>. _.E{>IFw  
{jv+ J L"5  
يار سۆزىنى مەھمۇد كاشغەرى دوست، مەھبۇب دەپ ئىزاھلىغان. بەلكىم دوست شەھەر، ياكى يار بويىدىكى شەھەر بولۇشى مۇمكىن. KoA+Vv9  
T]/5aA4  
`,]_r 4~ ~  
fwmXIpteK  
قاغىلىق_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان جاي،قاغا بىر قەدەر كۆپ جاي>>. 5;G0$M0  
_CTg")0o  
خاتا؛ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا بۇ يەر قارغالۇق دەپ يېزىلغان. مەنىسى قارغا ئاتىدىغان يەر دېگەن مەنىدە. P{BW^kAdH  
w^=(:`  
;(jL`L F  
N-t"CBTO  
مەكىت_ئۇيغۇرچە <<ئوتتۇرا بەلۋاغدىن كۆچۈپ كەلگەن ئادەم>>دىگەن مەنىگە ئىگە. dh.{lvlX|  
/Oi(5?Jn  
خاتا؛ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى. بۇ قەبىلە دولان قەبىلىسىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن. شۇڭا مەركىتلىكلەر ئۆزىنى ئۇيغۇر دولانلىرىدىن دەپ قارايدۇ. e igVT4  
xWqV~NnE  
AAW] Y#UwW  
AWPgrv/  
يۇپۇرغا_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى<<يارباكۇ>>دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ<<بىر قەبىلە>> دىگەن مەنىگە ئىگە. %'=2Jy6h  
'Z=_zG/RX  
خاتا؛ ئۇيغۇرلارنىڭ يابلاقۇ قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن. w ^^l,  
Wd+G)Mu_=  
پەيزاۋات_ئۇيغۇرچە <<ئىكى دەريانىڭ ئارىسى>> دىگەن مەنىگە ئىگە. {T,}]oX  
2xiE#l-V2  
خاتا؛ قاراخانلار شاھزادىسى پەيزۇللاھخاننىڭ ئىسمىدىن كەلگەن، مەنىسى پەيزۇللاھ شەھرى. ئابات=شەھەر. zHg=K /  
-5]lHw}  
ئاتۇش_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئارچا دەرىخى>> بولۇپ،يەنە<<ئارچا،قارا ئارچا ياكى جۇڭگۇ ئارچىسى>>دىگەن مەنىلەرگە ئىگە. \,nX/f  
X2;72  
خاتا؛ ئارتۇچ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دەرەخلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى. مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇرلاردا ئەڭ چىرايلىق قىزلارنىڭ بويى ئارتۇچ دەرىخىگە ئوخشۇتۇلىدۇ دېگەن. {oF;ZM'r  
f%1\1_^g  
مارالبېشى_ئۇيغۇرچە بۇغا بېشى>>دىگەن مەنىگە ئىگە . fF>hca>  
OC-d5P  
بۇ يۇرتنىڭ قەدىمكى نامى بارچۇق،(خەنزۇچىسى ئازراق يېقىن كېلىدۇ لېكىن قىسقارتىلغان) بارچۇق ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى خاقانى. uPN^o.,/.  
I(3~BOUn_  
تاشقورغان_ئۇيغۇرچە<<تاش شەھەر>>دېگەن مەنىگە ئىگە. قارىقاش_ئۇيغۇرچە <<قارا رەڭلىك قاشتېشى>>دىگەن مەنىگە ئىگە. لوپ_ئۇيغۇرچە <<تاغاق سۆڭىكى>>يەنە <<لوپنۇرلۇقلار>>دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دىگن قاراشمۇ بار. pFiE2V_aS  
Er8F_,M+  
خاتا؛ لوپ بىلەن لوپنۇر بىر گەپ. لوپنۇر دېگەن لوپ كۆلى دېگەنلىك بولىدۇ. نۇر قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا ۋە موڭغۇلچىداكۆل دېگەن سۆز. ئىككىلىسى لوپ كۆلىنىڭ نامىدىن كەلگەن. r8N)]Hs ZH  
>b#CR/^z  
چىرىيە_ئۇيغۇرچە <<چىلان>>دېگەن مەنىگە ئىگە. RtxAIMzh?  
1rue+GL  
خاتا؛ ئۇيغۇرچە چىرىيە دېگەن يەر نامى يوق. خوتەن ئۇيغۇرلىرى بۇ يەرنى چىرا دەيدۇ. ئۇيغۇرچە چىرا چارا دېگەن چوڭ قاچا ياكى تەڭنە-تەڭلە دېگەن سۆز. 4\ )WMP  
>Rdi]:]Bv  
ئەمدى چوڭراق يۇرتلىرىمىزنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاغايسىز. $(OL#>9Ly  
~j!|(a7  
ئۈرۈمچى؛ تارىيخى ھەمىدى دېەەن بۈيۈك تارىيخى ئەسەردە بۇ شەھەرنىڭ ئەسلى رۇمچە دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ كېيىن تەلەپپۇز ئۆزگىرىپ ئۈرۈمچە بولۇپ قالغانلىقى يېزىلغان. بۇ شەھەر رۇم شەھرىنىڭ كىچىكى دېگەن مەنىدە رۇمچە ئاتالغان. /z)8k4  
3z#fFP@E  
سانجى؛ ئەسلى تولۇق ئۇيغۇرچىسى جان بالىق، جاندەك ئېزىز شەھەر دېگەنلىك بولىدۇ. بالىق شەھەر مەنىسىدە. ھازىرقى ئىسمى خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرىپ كەلگەن. chE}`I?  
+K;%sAZy  
جىمسار؛ تىنچ شەھەر. جىم تىنچ، سار-شەھەر. &mA{_|>  
$uK[[k~=S  
قۇتۇبى؛ ئەسلى قۇتبەي. قۇت =بەخت، بەي=بەگ. قۇتلۇق بەگ. RT9%E/m  
:?#wWF.  
ماناس؛ قەدىمكى رىۋايەتلىك قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى. بۇ ئىسىم ھازىر قىرغىزلارنىڭ ماناس داستانىدا تىلغا ئېلىنغالىقى بىلەن، قەھرىمان ماناسنىڭ ئىسمى بىلەن مەشھۇر. '1 \UFz  
2&F  H8  
تاشساي؛ شىخەنزە، بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا، ئاندىن خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا قايتىمەن دەپ تولا چۆرەگىلەپ قېيىپ كەتكەن. q&wv{  
r`:dUCFE  
چۆچەك؛ قاچىلارنىڭ بىر تۈرى. P?iQ{x}w~  
? ~_h3bHH  
ئالتاي؛ ئالتۇن دېگەن مەنىدە. يەنە بىر قەھرىمانىمىزنىڭ ئىسمىمۇ ئالتاي بولغانىكەن. تۈركىيەدە بۇ ئىسىم بەك كۆپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسنا قەبىلىسى مۇشۇ يەردىن تارقالغان دەپ سۆزلىنىدۇ. @'?7au ''  
DEpn>   
بورتالا؛ ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر بۆرتالا دەيدۇ، بۇ خاتا، ئەسلى بورتالا بولۇپ ئاق دالا دېگەن مەنىدە. غۇلجىدا كۆك دالا دېگەن يەرمۇ بار. بور قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا يەنە ئۈزۈمنىڭ مىۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇرۇن ئۈزۈمنىڭ مىۋىسىنى بور، ياغىچىنى ئۈزۈم دېگەنىكەن. تۇرپادنىكى بويلۇق ئەسلى بورلۇق دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ ئۈزۈملۈك دېگەن مەنىدە. 9J~KM=p  
5' 3H$%dC  
غۇلجا؛ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا مارالنىڭ بىر تۈرى =xHzhh  
C6}`qD  
خوتەن؛ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا ئۇدۇن، بۇ سۆزنىڭ تومۇرى ئۇد، ئود ئويلانماق، تەپەككۇرقىلماق، دېگەن مەنىدە. مۇشۇ پېتى پەرەز قىلغاندا ئۇدۇن تەپەككۇر قىلغۇچى پەيلاسۇپ دېگەنلىك بولىدۇ. ئەگەر ئۇدۇن سۆزىنىڭ تومۇرىدىكى ئۇد سۆزىنى ئۇتماق مەنىسىدىكى ئۇت يىلتىزىدىن كەلگەن دېسەك ئۇتقۇچى يەڭگۈچى غالىپ دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سۆزنى بەزىلەر ھىندىچە قۇستانا دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەيدۇ. لېكىن بۈيۈك تىلشۇناس بوۋىمىز دىۋانىدا ئۇدۇن دەپ يازغان. شۇڭا يەڭگۈچى ياكى تەپەككۇرچى دېگەن مەنە ئۇيغۇرچىغا ئەڭ يېقىن. )%(H'omvl  
)'t&LWS~  
تۇرپان؛ تۇرغان، ماكانلاشقان، شەھەرلەشكەن، كۆچمەنلىكنى تاشلاپ تۇرۇپ قالغان دېگەن مەنىدە. تۇرپان ئۇيغۇرلار كۆچمەنلىكنى تاشلاپ بىنا قىلغان ئەڭ قەدىمكى شەھەر. مۇشۇ مەنىدە بولغاندا تارىخقىمۇ، ئۇيغۇرتىلىدىكى تەلەپپۇزىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. Y>'t)PK  
% KmhR2v  
ئۇچتۇرپان؛ 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا چىڭ ئاسمىلاتسىيەسىگە قارشى قوزغالغان خەلق چىڭ ھۆكۈمۈتى قوشۇنلىرىنىڭ قولىدا پۈتۈنلەي قەتلىئام قىلىنغان. شۇندىن كېيىن بۇ جايغا تۇرپاندىن ئۇيغۇرلار كېلىپ قايتا ئاۋات قىلىنغان. تۈركى تىللار دىۋانىدا ئۇچ شەھرى دەپ تىلغا ئېلىنغان. مەنىسى بىر خىل سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئىكەن. ئارتۇچ دېگەن سۆزدىكى ئۇچ بىرخىل ئۆسۈملۈكنى كۆرسەتسە، ئارت تاغئۇچ دېگەن بىرخىل دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.. uze5u\  
$3 ~ /H"K  
كۈيتۈن؛ ئەسلى ئۇيغۇرچە ئىسمى قاراسۇ &$E.rgtg  
?$rH yI  
ۋۇجىياچۈ؛ ئەسلى ئۇيغۇرچىسى بەش ئۆستەڭ } {m.\O  
XYsU)(;j  
گۇچۇڭ؛ ئۇيغۇرچىسى بەش بالىق y5lhmbl: e  
23 WlUM  
شىخو؛ ئۇيغۇرچىسى ياڭى بالىق، ھازىرقى تەلەپپۇزىمىزدا يېڭى بالىق. [I7([l1Wvd  
0ud>oh4WPR  
مىللەتنى سۆيۈش دېگەنلىك مىللەت توغرىسدا كۆپ سۆزلەش، توختىماي قاقشاش، داتلاپ ئاغرىنىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى، شۇ مىللەت ياشىغان ھەر بىر چىمدىم توپراقنى، شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىكى ھەر بىر ئېغىز سۆزنى چۈشىنىش، ئۆگىنىش، ھۆرمەتلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ناملىرىنىڭ ئەسلىنى ھازىرقىسىنى بىلىش، قوللۇنۇش، توغرا تونۇشتۇرۇش ھەقىيقى داۋراڭسىز مىللەت پەۋەرلىكنىڭ جۈملىسىدىندۇر. 2VGGSLr  
\H5{[ZUn  
يۇرتىمىزنىڭ ناملىرىنى بىلىش ئۈچۈنيۇرتىمىز يەر ناملىرىنىڭ توغرا مەنىسىنى بىلىش ئۈچۈن، نىياز كېرىم شەرقى يازغان«يۇرتىمىز يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشىلەر»، ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانىنىڭ«چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى ئىلمىي ماقالىلىرى» قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزىنىڭ «يۇرتىمىز يەر ناملىرى»قاتارلىق كىتابلارغا مۇراجەت قىلغايسىزلەر. nH^RQ'19  
"sU  ~|  
تۆۋەندە يەنە بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ مەنسىسنى قوشۇپ قوياي؛ vswBK-w(Z  
r 2L=gI  
تەكلىماكان؛ ئەسلى تەلەپپۇزى تەركلى ماكان، بولۇپ تەرك ئېتىلگەن ماكان دېگەنلىك بولىدۇ. بەزلەر خەنزۇلارنىڭ ئاغزىدا ئېقىپ يۈرگەن قۇرۇق گەپكە ئىشىنىپ «ھالاكەت دېڭىزى» دېگەنلىك دەپ يۈرىشىدۇ. ئېنىقكى تەكلىماكان ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدە ھالاكەت دېڭىزى ئەمەس، خەلقىمىز ئەسىرلەردىن بويى ئامالسىز تاشلاپ كەتكەن بۇ توپراقلىرىنى سۆيۈپ ئەزىزلەپ كەلگەن. قۇملۇق خەنزۇلار ئۈچۈن ھالاكەت بولۇپ كۆرۈنىشى مۇمكىن ئەمما بىزدەك قۇملۇق بويىدا ئۆسكەن خەلق ئۈچۈن ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. شۇڭا خەلقىمىز قۇمغا كۆمۈپ داۋالاشنى كەشپ قىلغان. %/x%hs;d  
4C{3>BE  
تارىم؛ بۇ ئىسىم تارىم دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەن، خۇددى لوپ دېگەن نام لوپنۇر كۆلىنىڭ نامىدىن كەلگەنگە ئوخشاش. مەھمۇد بوۋىمىز خان جەمەتىدىكى ئىتىبارلىق خانىشلارنىڭمۇ تارىم دېيىلىدىغانلىقىنى يازغان. {b6g!sE  
JKsdPW<?  
قارا قورۇم؛ قارا قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ ئۇلۇغ، بۈيۈك، كۆۈن پېتىش دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. شۇڭا قارا قورۇم ئۇلۇغ قورۇم، ئۇلۇغ قىيا دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. 5{&<X.jv  
g$f ;  
كوئىنلۇن؛ بۇ نام ئۇيغۇرچە قورۇم دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇيغۇرچىسىنى ئۇنتۇپ خەنزۇچىسىنى قوللۇنۇۋالغان. قورۇم، قورام تاش، يەنى بۇيۈك تاش، بۈيۈك قىيا دېگەن مەنىدە. قارا قورۇم قورۇم تاغلىرىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە بولغاچقا بوۋىلىرىمىز بىرىگە قورۇم يەنە بىرىگە قارا قورۇم دەپ نام بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، ياكى كىچىكرەكىنى قورۇم سەل چوڭراق كۆرۈنگىنىنى قاراق قورۇم دېگەن بولۇشى مۇمكىن. @GiR~bKZ  
!cWnQRIt_F  
يورۇڭقاش؛ يورۇڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا ئاق دېگەن مەنىدە. بۇ قاراقش دېگەنگە تەڭداش بۇلۇپ ئاق قاش چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. : a4FO  
[,|Z<  
جۇڭغار؛ مانجۇلاردىن مەغلۇپ بولۇپ يۇرتىمىزغا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قېچىپ كەلگەن موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ ئىسمى. بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىسمى يارىش، مەنىسى بەيگە، بەيگە مەيدانى. ئادەتتە يارىش يازلىقى دېيىگەن. يازلاق يازلايدىغان يەر. '\2lWR]ndd  
JqdNO:8  
مۇز ئارت؛ ئارت داۋان دېگەن مەنىدە مۇز ئارت دېمەك مۇز داۋان دېمەك. }fo?K|Xx  
B9_0 Yq  
چۆگىر چوقىسى؛ ئەسلى بۇ خاتا، توغرىسى چاغرى، چوغرى چوقىسى بولۇشى كېرەك. چاغرى قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا لاچىننىڭ بىر تۈرى. \4SFD 3$&  
wBcDL/(>  
قارا شەھەر؛ ئۇلۇغ شەھەر دېگەن مەنىدە 2#A u6BvX  
b)u9#%Q  
يېڭىسار؛ ئەسلى يېڭى ھىسار. ھىسار شەھەر قورغان مەنىسىدە خۇددى جىمسار دېگەندىكى ھىسارغا ئوخشاش qi7wr\XNW  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-03, 17:34
 
ئانا يۇرۇتۇڭ ئامان بۇلسا ،رەڭگى رۇيۇڭ سامان بۇلماس.
xirin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1560

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   75 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6383 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   465 (قېتم)
 تۆھپە:   435  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1149
 سائەت
دەرىجىسى:
1149 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-03

تېمىڭىزغا ھەشقاللا . بىلىۋالدىم . رەھمەت . قوللىرىڭىز ھارمىغاي .
 
يىگىت قەسەم قىلمايدۇ . يىگىت سۆزى قەسەمدۇر . يىگىتتىن كام ئەمەسمەن !
layli-77
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10063

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1107 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   110 (قېتم)
 تۆھپە:   110  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 29
 سائەت
دەرىجىسى:
29 سائەت 21 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-05
ئاخــىرقىسى:2012-11-17
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-03

نۇرغۇن يەنى بىلمەيدىكەنمەن. رەخمەت
 
ajam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   30 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1656 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   170 (قېتم)
 تۆھپە:   170  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 137
 سائەت
دەرىجىسى:
137 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-17
ئاخــىرقىسى:2012-10-18
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-03

    توۋا مەن ئۆزۈم قەشقەرلىك تۇرۇپ قەشقەرنىڭ مەنىسىنى....... \r {W  
ۋاي بولدىلا ئەمدى بىلىۋالدىمغۇ ، ھەجەپ نۇمۇس قىلدىم ...!
‹ ئىتەكلەر ياقا بولدى ، ياقىلار ئىتەك › .
مەن تۇلپار دىگەنلەر ئىكەنغۇ ئىشەك .
tamqe
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5064

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   22 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   920 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   92 (قېتم)
 تۆھپە:   92  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2132
 سائەت
دەرىجىسى:
2132 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-03

تېمىڭىز ناھىيىتى ياخشى ئىكەن. بىراق بىر سۆزگە ئېنىقلىما بەرگەندە، ئۇ سۆزنىڭ لىكسىكىلىق ۋە گراماتكىلىق مەنىسى بويىچە،تارىخى پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرەلىگەن بولسىڭىز ئىلمىلىكى تېخىمۇ يۇقۇرى بولاتتى دەپ ئويلايمەن. بەزى سۆزلەرگە سوبىكتىپ ھىسياتىڭىزنى كۈچلۈك مۇججەسەملەشتۈرگەندەك تۇرۇسىز. تارىخ تەتقىقاتىدىكىلەر سىزنى قانداق بىلمەي قالغاندۇ.
sultan88
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7857

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   610 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   95712 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3180 (قېتم)
 تۆھپە:   3180  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8931
 سائەت
دەرىجىسى:
8931 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-14
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-03

رەخمەت قېرىندىشىم ، كۆپ ئەجىر قىپسىز . بىلىۋالدىم .
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15639 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1565 (قېتم)
 تۆھپە:   1565  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2397
 سائەت
دەرىجىسى:
2397 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-05

ياىشى تىما بوپتۇ . خېلى چوڭقۇر ئىزدىنىپسىز .
ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكرى قىل!
urdakbay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10309

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1450 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   145 (قېتم)
 تۆھپە:   145  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2361
 سائەت
دەرىجىسى:
2361 سائەت 159 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-18
ئاخــىرقىسى:2012-08-21
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-05

خوتەننىڭ مەنىسىنى  بىلىۋالدىم
wissal@131

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5259

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   660 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28735 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2870 (قېتم)
 تۆھپە:   2870  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4345
 سائەت
دەرىجىسى:
4345 سائەت 295 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-15
ئاخــىرقىسى:2013-01-26
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-05

ھەقىقەتەن جاپا چىكىپسىز رەھمەت سىزگە 2`.cK 3  
خۇتەن دىگەن پەيلاسوپ دىگەن گەپ جىما ئۇقۇۋالدىم
ھايات دىگەن شۇ بەزى كۈلۈپ بەزى يىغلاپ.
ilqinai
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   533 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28006 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2780 (قېتم)
 تۆھپە:   2780  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 908
 سائەت
دەرىجىسى:
908 سائەت 132 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-20
ئاخــىرقىسى:2013-01-22
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-06

2LNRtW*  
   ئەجىرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.....مەنمۇ يۇرتۇمنىڭ نامىنى بىلىۋالدىم كۆپ ئىزدىنىپسىز.......
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى