باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       802 
  •    ئىنكاس 
       2 

ئامبال بىلەن قىرى دەللە

قەۋەت ئاتلاش
mihqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10544

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   750 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   75 (قېتم)
 تۆھپە:   75  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 442
 سائەت
دەرىجىسى:
442 سائەت 98 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-29
ئاخــىرقىسى:2012-08-16

(ئىلمى چۆچەك) E}sO[wNPf  
بۇرۇن بۇرۇندىكەن،تىرىق تولۇمدىكەن،يىتىم بۇلۇڭدىكەن،سىغىزخان جەدىكەن-قۇيرىقى يەردىكەن...مانا مۇشۇنداق بىر جاھاندا مۈشۈك تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرۈپ چاشقاننى باقىدىغان،ئىناۋەتنى مەنتەڭ قىلىپ يۈز ئابرۇينى ساتىدىغان،ئەتراپىدىكىلەرنى توختىماي باشلىقىغا چاقىدىغان،باشلىقىمۇ چىقىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ ياخشى-ياماننى ئايرىماي يوۋاشلارنى ئىگىزدىن پەسكە ئاتىدىغان،يامانلارنى كۆرسە <<تارتىنماڭ!>>دەپ قويۇپ خوتۇنىنىڭ قىشىدا باقىدىغان بىر شەھەر بولغانئىكەن.بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ھىلە-مىكىرگە تولغان قىزىل كۆز باشلىقىنىڭ پەتىۋالىرىنى ئاڭلاۋىرىپ <<يات!>>دىسە ياتىدىغان كۈچۈككە،<<ماڭ!>>دىسە ماڭىدىغان ئىشەككە،ئۆشنىسىگە قانچىلىك يۈك ئارتىلسىمۇ،جۇۋازدىن ئىلىپ قوشقا قاتسىمۇ <<خوش غوجام!>>دەپ تۇرىدىغان لاتا قاسقاسلارغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ainG6Y<O`  
بىر كۈنى چۈشىدىن چۈچۈپ ئويغانغان شەھەر ئامبىلى يامان چۈش كۆرۈپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن پۇخرالارنى يىغىپ چۈشىگە تەبىر بىرىشنى ئويلىشىپ شەھەر ئوتتۇرسىدىكى چۈڭ سەيناغا يىغىلىش توغۇرلۇق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.يالاقچى-ئايغاقچىلار ھايال-ئۆتمەي بۇ خەۋەرنى بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە تولۇقى بىلەن يەتكۈزۈپتۇ.سەينا ئوتتۇرسىغا جايلاشقان پەشتاختا ئامبال ياغاق يۈزلىرىدىكى يوقىلاڭ ساقاللىرىنى تىتىرتىپ سۆز باشلاپتۇ. -C<zF`jO  
-جامائەت...مەن كىچىدىن بىر چۈش كۆردۇم...چۈشۈمدە شەھرىمىزدىكى ئاددى بىر مەدىكار مىنىڭ چوڭ خانىشىمغا چاخچاق قىلىۋاتقۇدەك،مەن ئۇنى تاتقۇشلىسام ماڭا خەنجەر كۆتەرگۈدەك...بۇ موتىھەمنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ بولغىچە چۈشۈم بۇزۇلدى...بۇ شۇملۇقنىڭ بىشارىتىمۇ ئەمەسمۇ؟...ئالدىمىزدا شانۇ-شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشاھىمىز شەھرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى توغۇرسىدا ئالدىن بىشارەت بەرگەن تۇرسا...ئامبالنىڭ خوتۇنىغا چاخچاق قىلىشقا پىتىنغان قەلەندەر قاپ يۈرەكلىك قىلىپ شاھىمىزنىڭ  يىقىندا نىكاھىغا ئالغان خانىش ئايىمغا چاڭ سالمايدۇ دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟...قىنى چۈشۈمگە تەبىر بىرىپ مۇشۇ مۇناپىق بەدبەخنى تۇتۇپ ئالدىمغا ئەكەلگۈچىلەر بولسا كاتتا تارتۇقلايمەن....-ئامبالنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ئوڭ-سولدىكى يانتاياقچىلار <<بەرھەق>>دەپ بىر ئىغىزدىن تەستىقلاشتى...مەيدان ئىچىدە ئىغىر سۈكۈت ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.چوڭراق تىنىدىغانلارمۇ ئۆپكىسىگە بىر نىمە كەپلىشىپ قالغاندەك شەپىسىز تىنىشقا مەجبۇر بولاتتى...ھىچكىمدىن بىرەر ئىغىز تەبىر ئاڭلىيالمىغان ئامبال كۆتكگە يانتاق قىستۇرغان ئىشەكتەك چىچاڭشىپ ئۆزىنى باسالماي سۆزلەپ كەتتى...-ھۇ نان قىپى گادايلا...بەرگەن نىمىتىمدىن  ھوزۇرلىنىپ تىتىپ بىقىشىسەن،شۇمتەكلىرىڭنى مەن بەرگەن ئاش-ناندا بىقىشىسەن،ئەجەپ باشقا كۈن چۈشۈپ بىر ئىغىز سۇئال سورىسام زۇۋانىڭ تۇتۇلۇپ قالغاندەك باشلىرىڭنى بۇلۇڭ-بۇلۇڭغا تىقىشىسەن...-ئامبال ئاچچىقىدا سۆزلەۋاتقان پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي داۋاملىق ئالدىغا ئۆتۈپ ياخشىچاقلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان ھىڭگال چىش،دوقا باش،دوڭقاق جىگدىدەك مۈكچەيگەن قىرى دەللە يەنە ئامبالنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دەپ قايناۋاتقان  قازاننى پەسكۇيغا چۈشۈردى.مەيداندىكىلەر نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىمايلا تارقاشتى. WHjUR0NZ  
بۇ كىچە ئامبال بىلەن بۇ دەللە ئۇزاقتىن-ئۇزاق كىڭەشتى،كىڭەشكەندىمۇ ئىشلاردىن چاتاق چىقماسلىقى توغۇرلۇق باشلىرىنى بىر يەرگە تىقىشتى....ئەتىسى تاڭ يورىشى بىلەن بىر نەچچە نەۋكەرنى تولۇق قوراللاندۇرۇپ قىرى دەللە ئۆيمۇ-ئۆي ئاقتۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى.كىرمىگەن ئۆي،تەرەتخانا،ئىشەك ئىغىلىمۇ قالمىدى..لىكىن ئۇلارغا بۇيۇنتاۋلىق قىلىدىغان بىرەر كىشى تىپىلمىدى.ھەممىسى بۇ غوجاملارنى كۆرۈپ<<خوش-خوش>>دەپلا قول باغلاپ تۇراتتى...قىرى دەللىنىڭ ئىچى سىقىلاتتى،تۇرۇپ-تۇرۇپ ماڭقىسىنى تارتىشقىمۇ ئۈلگۈرەتتى.مانا بىر نەچچە كۈن شۇ تەرىقىسىدە ئۆتۈپ كەتتى...ئامبالنىڭ ئىچى سىقىلغانسىرى كۆزلىرىگە قان تولدى.ئاخىرى سەۋىر قاچىسى تولغان ئامبال يەنە يىغىن ئاچماقچى بولۇپ يەنە كەلدى-كەتتىلەرنى ئەتراپىغا يىغدى...بۈگۈن ئامبال ئىشنىڭ خۇلاسىسىنى چىقارماقچى ئىدى...ئىشنىڭ خۇلاسىسىنى چىقىرىشچۈن بىرەر قۇربانلىق قوي لازىم ئىدى...لىكىن پۇتاق چىقارماي بىرنىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولمايتتى...سورۇن تىخىمۇ جىمىپ كەتتى...ئامبال ئۇزاقتىن-ئۇزاق ۋەز تەبلىغ قىلغاندىن كىيىن ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ ھەققى ھۆرمىتىگە ئىچىدە نەچچە قىتىم دۇئاغا قول كۆتۈردى...چۈنكى مۇشۇ قىتىملىق تەكشۈرۈش ئامبالنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەيتتى... kAu+zX>S+  
-مەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سەن چۈپرەندىلەرگە قىلمىغان ئىلتىپاتلىرىم قالمىدى.كۆرگەن چۈشۈمگە تەبىر بىرەلەيدىغان بىرمۇ نان قىپى چىقمىدى...خان ئالىيلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى،ئامانلىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان ئادەمنى ئىزلەپ تاپماق بەسى مۈشكۈل ئوخشايدۇ...شۇڭا ئۇلۇغ خانىدانىمىزنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزمەك ۋاجىپتۇر...-ئامبال ئۇزاقتىن-ئۇزاق سۆزلىگەندىن كىيىن گىلىنى قىرىپ قويۇپ ئاخىرقى پەرماننى يەتكۈزدى.-قىرى ئاقساقال ھازىردىن باشلاپ ئىشەك ئىغىلىنى تازىلاشقا،قوشۇنچە بەگزادىلەرنىڭ تەرەت لاتىسىنى يۇيۇشقا مەسئۇل...قالدىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنىق.كىمدە-كىم پەرمانغا قۇلاق سالماي بويۇنتاۋلىق قىلىدىكەن مەنسىۋى بىر دەرىجە چۈشۈرلۇپ يىراق تاغلىق،جاڭگاللارغا پالىنىدۇ...يىغىن تامام...- ئۇ شۇنداق دىيىشى بىلەن بىشىغا كۆكۈچ كۇلا كەيكەن بىر شەيىخ ئامبالنىڭ تۇرىشىغا ياردەملەشكەچ ئىشتىننىڭ توپىسىنى قىقىشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى...   );Z1a&K5k  
قاي زامانلار ئۆتتى بىزگە نامەلۇم...ئىيتىشلارغا قارىغاندا قىرى دەللە ئىشەك ئىغىلدا يىتىپ قوپۇپ ئامبالنىڭ ئىلتىپاتىنى كۈتۈپ كالپۇك تامىشتىپ ئالەمدىن ئۆتكەنمىش...يالغان-ياۋىداققا ئامراق بۇ ئامبالمۇ قىرقىدىغاننى قىرقىپ قانات قۇيرىقىنى بۇغۇچلاپ يۈرگەن كۈنلەردە ئاللاھ-تائالە تەرىپىدىن ساقايماس كىسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ئۆز ئورنىغا چىچىپ ياتىغان بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ...ئەتراپىدا بىر قانچە چىۋىن ھىلىمۇ گەندىسىنىڭ پۇرىقىنى ئىغىزىغا پۇرىتىپ يۇرەرمىش... U2`'qsR1  
رىۋايەت قىلغۇچىلار<<كىشىگە قىلساڭ يامانلىق،ئۆزۈڭ تاپمايسەن ئامانلىق>> دىگەن تەمسىلنى ناخشا قىلىپ ئوقۇپ يۈرگۈدەك... ,4ei2`wV  
`;)\u  
مەنبە؛ئۆزۈم f-5:wM&  

تېما تەستىقلىغۇچى : bayawan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-01, 21:20
 
qakmak007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8125

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   455 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26858 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2613 (قېتم)
 تۆھپە:   2613  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3320
 سائەت
دەرىجىسى:
3320 سائەت 180 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-10
ئاخــىرقىسى:2013-08-14
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-02

بۇنى زادى كىم يازغان،ئەلكىن مۇنبىرى،چولپانلار مۇنبىرىدىمۇ بار  ،كۈچۈرگەنمۇ ياكى ھەممىسى بىر ئادەممۇ....
qakmak007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8125

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   455 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26858 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2613 (قېتم)
 تۆھپە:   2613  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3320
 سائەت
دەرىجىسى:
3320 سائەت 180 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-10
ئاخــىرقىسى:2013-08-14
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-02

ھەركىم قىلسا ئۇزگە قىلار. ئۇزەڭ كولغان ئورغا ئۇزەڭ چۇشسەن دىگەن مانا مۇشۇ . Ps\^OJR  
كۇڭلىڭدە تەشۋىشىڭ بولمىغا .جننىڭ كىلشىدىن قوروقما دىگەن دەل مۇشۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى