باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1080 
  •    ئىنكاس 
       8 

رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش يولىدىكى بەزى تەۋسىيىلەر

قەۋەت ئاتلاش
hakane
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10350

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   52 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3347 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   335 (قېتم)
 تۆھپە:   335  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 896
 سائەت
دەرىجىسى:
896 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-19
ئاخــىرقىسى:2012-09-08

 QrB@cK]  
بارچە ماختاش ۋە مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. دۇرۇد، دۇئا ۋە سالاملار ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن. aGJC1x  
56+s~hG  
ھەممىگە مەلۇمكى، رامىزان ئېيى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، يامان ئادەتلەرنى تاشلاش، ئېسىل پەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرۈش، ئىستىقامەتتە مۇستەھكەم بولۇش ۋە ئىماننى يېڭىلاش پۇرسىتىدۇر. رامىزان ئېيىدىكى روزا تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت بولۇپ، بۇ روزىدىن مەقسەت ئەتىگەندىن كەچكىچە قورساقنى ئاچ قويۇپ بېھۈدە قىينىلىش ئەمەس، بەلكى نەپسىنىڭ ئىستەكلىرىنى كونترول قىلىشنى ۋە سەۋرچانلىقنى ئۆگىنىش، چىدام ۋە ئىرادىنى تىكلەشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنى ئىخچاملاپ: «روزا يېمەك ۋە ئىچمەكنى تەرك ئېتىشلا ئەمەس، بەلكى روزا تۇتقانلىق دېگەن پايدىسىز ئىشلاردىن ۋە گۇناھ قىلىشتىن توسۇلۇشتۇر. بېراۋ سېنى تىللىسا،”مەن روزىدارمەن“دېگىن» دەپ كۆرسەتكەن. LQtj~c>X-|  
XWA:J^  
رامىزان ئېيى بىر ئايلىق تەربىيىلىنىش كۇرسى بولۇپ، بۇ كۇرسقا كىرگەنلەرنىڭ قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشى ياكى كىرگەن پېتى چىقىپ كېتىشى ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ھەقىقىي بەختسىز  ئاللاھنىڭ بۇ مۇبارەك ئايدىكى رەھمەت ۋە مەغپىرىتىدىن مەھرۇم قالغان كىشىدۇر»دەپ كۆرسەتكەن. qQA}Z*( m  
d]:I(9K  
رامىزان كۇرسىدا ئادەتلەر ئۆزگىرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش يامان ئادەتلەرنىڭ ياخشىلىققا، ناچار ئەخلاقنىڭ ئېسىللىككە، پاسسىپلىقنىڭ ئاكتىپلىققا، بىپەرۋالىقنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىققا، بېخىللىقنىڭ ياردەمسۆيەرلىككە، ھورۇنلۇقنىڭ تىرىشچانلىققا ئۆزگىرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. AG!w4Ky`  
D}dn.$  
تاشلىغىلى بولمايدۇ دېگەن يامان ئادەتلەرنى تاشلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى رامىزان ئېيىدۇر. چۈنكى كۆنۈپ قالغان ئادەتنى تاشلاش نەپسكە ھەقىقەتەن ئېغىر تۇيۇلىدىغان قىيىن بىر ئىش. ئەمما رامىزاندا يېمەك – ئىچمەك ۋە نەپسنىڭ پۈتۈن ئىستەكلىرىنى تاشلاش جەريانى بۇ يامان ئادەتلەرنىمۇ تاشلاش ئۈچۈن چوقۇم شەرت شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. k.uMp<)D  
-u2P ?~  
تەۋسىيە ^C_#<m_k  
BRlT7grgq  
قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىندىشىم! رامىزان كۇرسىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە پۈتۈن سەلبىي ئادەتلەرنى ئىجابىيلىققا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىز ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ چىقىڭ. يالغۇز جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىڭىزنى بىر- بىرىلەپ تىزىملاپ چىقىڭ. ئاندىن ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشى ئادەتلەرگە ئۆزگەرتىشنىڭ يولىنى ئىزدەڭ. P"W2(d  
kKAP"'v  
مەن ئۆزۈم ۋە سىز ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن: S-k8jm  
`}mcEl  
1- تېز ئاچچىقلىنىدىغان ئادىتىڭىز بولسا، رامىزاننىڭ ھۆرمىتى يۈزىسىدىن ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىشقا ئادەتلىنىڭ. بۇ غەزەپلەنگەندە ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش ۋە ئۆزىڭىزنىڭ رامىزان ئېيىدا ئىكەنلىكىڭىزنى خاتىرلەش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى غەزەب شەيتاندىن كېلىدىغان بىر سەلبىي ئادەت. بۇ يامان ئادەت سەۋەبى بىلەن كۆپلىگەن سەلبىي نەتىجىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما رامىزاندا شەيتانلارنىڭ باغلىنىدىغانلىقى (يەنى كۈچسىز قالىدىغانلىقى) توغرۇلۇق ھەدىسلەر بار. بۇ پۇرسەت بىزنىڭ ئاچچىقلانغاندا ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىشنى ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈن ئايرىم بىر پۇرسەت. _~piZmkG$  
!{^PO <9  
2- ئەگەر سىزنىڭ تاماكا چېكىدىغان يامان ئادىتىڭىز بولسا، رامىزان ئېيى سىز ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت. رامىزاندا تاشلىغىلى بولمىغان يامان ئادەتلەرنى باشقا ۋاقىتلاردا تاشلاش تېخىمۇ قىيىن، بەلكى مۇمكىن ئەمەس. رامىزاندا يېمەك – ئىچمەك ۋە نەپسنىڭ بارلىق ئىستەكلىرىنى كۈندۈزى تاشلاش پۇرسىتى بىلەن ئىپتاردىن كېيىنمۇ، سەۋر قىلىپ، چىن ئىرادە باغلاپ تاماكىغا يېقىنلاشماسلىق كېرەك. تاماكا خومارى ئەگەر ئىنسان چىداملىق بولسا، بىر قانچە مىنۇت داۋام قىلىپ ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان بىر خومار. تاماكا ئىستىكى كەلگەن چاغلاردا دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا بۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋاقىتلىق قىينىشىدىن قۇتۇلالايسىز. خومار تۇتقان ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل قىلىش ئەڭ ياخشى چارىدۇر. مۇندىن باشقا تاماكىنى قەتئىي ئويلىماسلىق، ئېسىگە كېلىپ قالغان ھامان پىكىرنى باشقا ياققا قارىتىش، ئولتۇرغان بولسا ئۆرە تۇرۇش ياكى ئەكسىنى قىلىش قاتارلىقلارمۇ سىزگە ياردەمچى بولىدۇ. S,Xnzrz  
gLy&esJl1  
3-  ئەگەر سىزنىڭ يالغان ئېيتىدىغان ئادىتىڭىز بولسا، رامىزاندا يالغان ئېيتىشنىڭ قانچىلىك ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلىرىنى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاڭ. رامىزاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۆمرىڭىز ئىچىدە قەتئىي يالغان سۆزلىمەسلىك نىيىتى بىلەن ئۆزىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشقا بەل باغلاڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ساھابىلار «يارەسۇلۇللاھ! مۆمىن ئادەم ئوغرىلىق قىلامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ئۇلار «مۆمىن ئادەم ھاراق ئىچەمدۇ؟» دەڭ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاندىن ئۇلار «مۆمىن ئادەم يالغان سۆزلەمدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ياق! مۆمىن ئادەم يالغان سۆزلىمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. يالغان ئېيتىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىس يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن. s;3={e.  
3+@<lVew6  
4- ئەگەر سىزدە، كىشىلەرنى ئالدايدىغان يامان ئادەت بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دېگەن سۆزىنى، ئۆزىڭىزنىڭ شاراپەتلىك رامىزان ئېيىدا ئىكەنلىكىڭىزنى، رامىزاندا كىشىلەرنى ئالداشنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئالدىغاننىڭ گۇناھىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئويلاڭ. چۈنكى رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرگە ھەسسىلەپ ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەت بولغىنىدەك، پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى قەدىمدىن ھازىرغىچە، رامىزاندا ئىشلەنگەن يامانلىقلارنىڭ گۇناھىنىڭ باشقا ئايلاردىكىدىن ئەلۋەتتە ئېغىر بولىدىغانلىقىغا بىردەك ئىتتىپاقتۇر. =~=*&I4Dp  
[[;e)SoA  
رامىزان ئېيى گۇناھ ئىشلەش ئېيى ئەمەس، بەلكى تائەت – ئىبادەت ئېيىدۇر. مۇنداق بىر ئايدا گۇناھ ئىشلىگەنلەر بۇ ئاينىڭ قانۇنىيىتىگە ۋە تەقەززاسىغا خىلاپ بىر ئىشنى قىلغانلىقى سەۋەبلىكمۇ ئېغىر گۇناھكار بولۇشقا لايىقتۇر. ;4.!H,d  
a=hxJ1O  
5- ئەگەر سىزدە، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان سەلبىي ئادەت بولسا، ئۇنى تاشلاپ، ياخشى ئادەتلەرگە ئۆزىڭىزنى كۆندۈرۈشكە بەل باغلاڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئەھلىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر» ۋە «بىراۋنىڭ پەرزەنتلىرىنى زايا قىلىۋېتىشى ئۇنىڭ گۇناھكار بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر» دېگەن ھەدىسلىرىنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ شەپقىتى، رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى ياغىدىغان ئۇلۇغ  رامىزان ئېيىدا ئىكەنلىكىڭىزنى، بۇ ئاينىڭ ياخشىلىق قىلىش ئېيى ئىكەنلىكىنى قايتا ئەسكە ئېلىڭ. 0l-Ef 1  
$shoasSuI  
6- ئەگەر سىزدە، قۇرئاننى ئاز ئوقۇيدىغان ئادەت بولسا ياكى ئوقۇشنى بىلمىسىڭىز، رامىزان ئېيى سىز ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت. چۈنكى رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشىشكە باشلىغان ئاي. شۇڭا بۇ ئاي ئىسلام ئەھلىنىڭ نەزەرىدە «قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئېيى»دەپ ئاتىلىدۇ. رامىزان ئېيىدىغان قىلىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، كۆپ دۇئا قىلىش كېلىدۇ. بۇ ئۈچىنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قۇرئان ئوقۇش ياكى ئۆگىنىشىڭىزنى تەقەززا قىلىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن رامىزان ئېيىدەك ياخشى پۇرسەت بولمايدۇ. قۇرئاننى كۆپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق. رامىزان ئېيىدا  قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىپ چىقىش ھەقىقەتەن چوڭ بىر غەلىبە ۋە رامىزاندىن ئالغان ئەڭ قىممەتلىك مول ھوسۇلدۇر. qzf!l"bT  
.HkL2m  
7- ئەگەر سىزدە، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان، مەسجىدلەرگە ئاز چىقىدىغان سەلبىي ئادەت بولسا، رامىزان ئېيى سىزنى يىلنىڭ پۈتۈن ئايلىرىدا بەش ۋاخ نامازنى مەسجىدلەردە ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، رامىزاننىڭ سىزنى ياخشى ئادەتلەرگە كۆندۈرۈشى ئۈچۈن سىزدە شۇنداق قەتئىي نىيەت ۋە بوشاشماس ئىرادە بولۇشى شەرت. ئۆزىڭىزنى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن رامىزاندا بەش ۋاخ ناماز ۋە تاراۋىھ نامازلىرى ئۈچۈن مەسجىدكە ھەر كۈنى ھازىر بولۇشنى ئالدىنقى شەرت دەپ بىلىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشەتلىك ئىسسىقىدا ئەرشنىڭ سايىسىدا سايىداش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغان بەتتە خىل كىشىنىڭ ئىچىدە «قەلبى مەسجىدكە تەئەللۇق بولغان (يەنى جامائەت نامىزىدىن قېپ قالمايدىغان) كىشى» دەپ سانىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىڭ. p2DrEId  
W9D86]3Y  
8- ئەگەر سىزدە، بېخىللىق، خەير – ساخاۋەت قىلمايدىغان ياكى ئاز قىلىدىغان سەلبى ئادەت بولسا، رامىزان ئېيىنىڭ بەرەكەت ئېيى ئىكەنلىكىنى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىيسى ئېدى. بولۇپمۇ رامىزاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  خەير – ساخاۋەت قىلىشقا ئالدىراشتا ئەۋەتىلگەن شامالدىنمۇ بەك تېز ئىدى» دېگەن ھەدىسنى ئەسكە ئېلىڭ. ئاللاھ تائالانىڭ رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ياخشىلىققا باشقا ئايلاردىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاب ۋە بەرىكەت بېرىدىغانلىقىنى خاتىرلەڭ. ئۆلىمالار قۇرئان كەرىمدىكى «قەدىر كېچىسى ساۋاب ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر» دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلىنىپ، رامىزان ئېيىدا قىلىنغان  بىر ياخشىلىققا مىڭ ھەسسە ئارتۇق ساۋاب يېزىلىدىغانلىقىغا ئىتتىپاقلاشقان. بۇ نېمىدېگەن كارامەت – ھە. بۇنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن بىر ئاي رامىزان ئازلىق قىلىدۇ. Z|5?7v;h5  
IHJ=i-  
9- ئەگەر سىزدە، ئۇرۇغ – توغقانلار ئارا سىلە – رەھىم قىلىشماسلىق، خوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتمەسلىك، ئومۇمىي مۇسۇلمانلار بىلەن سۆيگۈ – مۇھەببەت ئىچىدە بولماسلىقتەك سەلبىي ئادەتلەر بولسا، رامىزاندىن ئىبارەت بۇ تەربىيىلىنىش كۇرسىنىڭ سايىسىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىدا «سىلە – رەھىم مېنىڭ رەھىم سۈپىتىمدىن كەلگەن. كىمكى ئۇنى داۋام قىلدۇرىدىكەن، مەنمۇ ئۇنىڭغا شەپقىتىمنى داۋام قىلدۇرىمەن. كىمكى ئۇنى ئۈزۈپ قويىدىكەن، مەنمۇ شەپقىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويىمەن» دېگەن سۆزىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «خاپىلىقلىرى تۈپەيلى خوشنىلىرىغا ئارام بەرمەيدىغان ئادەم مۆمىن بولالمايدۇ» ۋە «مۆمىن كىشىلەرگە تىلى ۋە قولى بىلەن زىيان يەتكۈزمەيدىغان كىشىدۇر» دېگەن ھەدىسلىرىنى ئەسكە ئېلىڭ. رامىزان ئېيىنىڭ بىرلىشىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى، ئىناقلىقىنى ئىزھار قىلىش ئېيى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئېلىڭ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايدىكى سان – ساناقسىز نېمەتلىرىنى ئەسكە ئېلىڭ. @+ BrgZv`  
]cGA~d  
10- ئەگەر سىزنىڭ بىراۋغا ئاداۋىتىڭىز بولسا، ئاللاھ تائالا بۇ ئايدىكى چەكسىز كەچۈرۈمچانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىراۋغا ئۈچ كۈندىن كۆپ ئاداۋەت تۇتۇشى ھارامدۇر» دېگەن سۆزىنى، رامىزان ئېيىدا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كەچۈرۈمچانلىقنى، كەڭ قورساق بولۇشنى ۋە ئىناقلىقنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ ھەممە بىرلىكتە ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىنى، رەھمىتى ۋە مەغپىرىتىنى تىلەش يولىدا ئىلگىرىلىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ياخشى دۇئالارنى ئورتاق قىلىش بىلەن ھەممىگە ياخشىلىق سوراۋاتقانلىقىنى كۆرۈڭ. ئاندىن سىزمۇ شۇ مۇسۇلمانلاردىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىزگە يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرىۋېتىڭ. سىزنى سۆيمىگەنلەردىن سۆيگۈ – مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ. سىزگە بەرمىگەنلەرگە بېرىڭ. سىزگە سالام قىلمىغانلارغا ئاۋۋال سالام قىلىڭ. سىزگە يامانلىق تىلىگەنلەرگە سىز ياخشىلىق تىلەڭ. بۇ نەپسكە ئېغىر كېلىدىغان ئىشلار. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى ئەجرى، ساۋابى ۋە دەرىجىسى ھەقىقەتەن يۇقىرىدۇر. سىز بۇ ئەسنادا، پەيغەمبەرلەرنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، قەۋملىرىنىڭ ئازارلىرىغا، مەسخىرىلىرىگە ۋە ئازابلىرىغا قارشى ئۇلارغا ئاللاھ تائالادىن ھىدايەت تىلىگەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە فەتھى بولغان كۈنىدە، بۇرۇن ئۆزىنىڭ بېشىغا تۆگىنىڭ ئىچى قېرىنلىرىنى ئارتىپ قويغان، ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۇرۇپ قورسىقىدىكى بالىسىنى چۈشۈرىۋەتكەن ۋە ساھابىلارنى ھەرخىل قىيىن – قىستاقلار بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرگەن ۋەھشىي جىنايەتچىلەرنى ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇپ كەچۈرىۋەتكەنلىكىنى ئەسكە ئېلىڭ. بىز ئەنە ئەشۇ ئالىيجاناپ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىمىز. ئەگەر راستىنلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولىدىغان بولساق، بىزنىڭ ئۇنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشىمىز شەرت. ئەكسىچە بولغاندا، ئۆزىمىزنى ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلشىمىز تەسكە توختايدۇ. $CY't'6Hn  
0el9&l9Ew  
قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىندىشىم! يۇقىرىقى 10 تەۋسىيە مېنىڭ  ئاللاھ تائالا رازىلىق ئۈچۈن ئىسلام مىللىتىگە خىزمەت قىلىش يولىدا سىزگە سۇنغان تەكلىپلىرىم. بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم. پايدىلىنىشىڭىزغا ياراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىد بىلەن يازدىم. سەۋەنلىكلىرىم بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن. ئاللاھ تائالا  ھەممىمىزنى ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتىدىن بەھرىمەن قىلغاي ئامىين. قەلىمىمنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇد، دۇئا ۋە سالاملار يوللاش بىلەن توختاتتىم.  a^=-Mp  
8"fD`jtQ  
|b|&XB_<]Z  

تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-30, 21:30
 
خاقانى
zulpikar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7461

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   197 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10255 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1025 (قېتم)
 تۆھپە:   1025  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3580
 سائەت
دەرىجىسى:
3580 سائەت 190 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-04
ئاخــىرقىسى:2012-10-15
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 08-04

رەھمەت قېرىندىشىم. JB&\i#  
تىما يۇللىغان قۇلىڭىزغا ئاللاھ ئگەم دەت بەمىسۇن!               QZ?=M@|f  
ئاللاھ تائالا  ھەممىمىزنى ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتىدىن بەھرىمەن قىلغاي ئامىين.  سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە ،يېقىن -يۇرۇق ،دوس-بۇرادەرلىرىگەدۇرۇد، دۇئا ۋە سالاملار  بولسۇن!!!
 
qaphun101
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5734

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   143 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7120 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   711 (قېتم)
 تۆھپە:   711  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 633
 سائەت
دەرىجىسى:
633 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-17
ئاخــىرقىسى:2012-10-06
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-05

ھەربىر ئادەم ئۇزىگە تەدبىقلىسا بولغىدەك . ناھايتى ئۇرۇنلۇق پىكىرلەر ئىكەن .
 
101
narmi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4211

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1096 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   42750 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4235 (قېتم)
 تۆھپە:   4228  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2616
 سائەت
دەرىجىسى:
2616 سائەت 134 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2012-10-13
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-06

N('3oy#8  
  قىممەتلىك مەزمۇنلاردىن خەۋەردار قىلىپسىز،رەھمەت ....
 
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1494 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   75283 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   8128 (قېتم)
 تۆھپە:   8033  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7612
 سائەت
دەرىجىسى:
7612 سائەت 178 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2012-10-08
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

اللە رەھمەت قىلسۇن...............
MAZLUM
kosowuluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   905 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29622 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2873 (قېتم)
 تۆھپە:   2825  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3791
 سائەت
دەرىجىسى:
3791 سائەت 259 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2012-10-12
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-10

بەلەن يوليۇرۇق،ۋە بەلەن تەۋسىيەلەرنى  سوۋغا قىلىپسىز! ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم !!!
بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
mahdi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9752

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5150 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   515 (قېتم)
 تۆھپە:   515  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 12
 سائەت
دەرىجىسى:
12 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-17
ئاخــىرقىسى:2012-08-23
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

    
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   183 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13139 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1315 (قېتم)
 تۆھپە:   1315  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1398
 سائەت
دەرىجىسى:
1398 سائەت 122 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2012-10-13
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

    
ئەخلاقنى كىمدىن ئۆگەندىڭ دىسە ئەخلاقسىزدىن دىگۈلۈك...
serdax007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10840

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   349 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   35 (قېتم)
 تۆھپە:   35  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 74
 سائەت
دەرىجىسى:
74 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-13
ئاخــىرقىسى:2012-08-29
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-17

alla rahmat kelsun kerem dexem yahe temekan
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى