شىنجاڭ مۇقۇملۇق خىزمىتىدىكى مەسىلىلەر ihjs%5Jo%
دىيارىمىزدا يىللاردىن بىرى مۇقۇملىق خىزمىتى جىددى نوقتىلىق ئىشلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ خىزمەت داۋاملىق،كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ كەلدى.بۇ جەريانىدا بەزى نامۇۋاپپىق يەرلىك سىياسەتلەرمۇ ئايرىم رايونلاردا سىياسەت سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنپ ئوتتورغا چىقتى. Hq'mv_}qG
مەن بۇ يازمامدا دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ ئايرىم رايونلىرىدا يولغا قويولغان ۋە قويولىۋاتقان بەزى ناموۋاپپىق يەرلىك سىياسەتلەر ۋە ئۇنىڭ تەسىرى،دىيارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان مۇقۇمسىزلىق ئامىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىشىمدىن ھەقىقىي ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتورغا قويماقچىمەن. 5P~{*of
دىيارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان بەزى مۇقۇمسىزلىقلار ۋە بۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى،سەۋەبى،تەپسىلاتى مەخپىي تۇتۇلۇپ ئاممىغا ئاشكارلانمىغاچقا،ياكى ئاشكارلانسىمۇ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرلا بىلىپ باشقىلار بىلمىگەچكە ۋە ياكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى بۇنداق ئىشلاردا ئانچە داۋراڭ سىلىپ كەتمىگىنى ئۈچۈن بۇ مۇقۇمسىزلىق ئەھۋاللىرى توغورلوق بىز بىر نەرسە دىيىشكە ئامالسىز،ئەمما نامۇۋاپپىق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويولىشى،ئىجرا قىلنشى، كۈچەيتىپ، دەرىجىسىدىن سەل ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلنىۋاتقان،بەزى نامۇۋاپپىق يەرلىك سىياسەتلەرنى مۇقۇمسىزلىق ئەھۋاللىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئىيتىش ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. v|Y:'5`V
دىمەكچىمەنكى بۇ ناتوغرا سىياسەتلەر دۆلىتىمىز جۇڭگۇ، جۈملىدىن دىيارىمىز شىنجاڭدىكى بەزى نارازىلىق ۋە مۇقۇمسىزلىق ئەھۋاللىرىغا ھامىلدار. >jxo,xz
%5<uQc9
بۇ يازمامنى تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلار بويىچە داۋاملاشتۇرماقچىمەن:1- يازما بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن ساۋاتلىرىدىن دەلىل ۋە ئۆرنەك. AwrW!)n} 2-ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى مىۋىلىك دەرەخزارلىقنىڭ 15 يىللىق سەزگۈرەشتىسى.
|HhqWja 3-مەن 5 يىل ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت چىقىرىپ مىڭ بىر جاپا-مۇشەقەتتە بىجىرىپ تاپشۇرىۋالغان كىملىك گۇۋاناھنامەم ۋە 18 ئايدىن بۇيان 350 كىلومىتىر ئارلىققا نوپوسۇمنى يۆتكەپ بولالماي تارتقان جەۋرى جاپالىرىم.5-يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كىملىكسىز يۈرۈپ سىرتتا مھىمانخانىغىمۇ چۈشەلمەي سىرتلاردا توڭلىغانلىرىم، ھەر قەدەمدە بىر ئۇچراۋاتقان بىھۇدە تەكشۈرۈشلەردە كىملىكىمسىز تەڭسىز،يولسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچراشلىرىم ۋە بۇ جەرياندا يولوققان زۇلۇملىرىم.
It$'6HV~Sb 4-ئەمدىلا ئۈچ ئايلىق بولغان قىز بوۋاقنىڭ ئاھۇ زارى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىشىغا كەلگەن زۇلمەتلەر.
M*ZR+pq, 5-مۇقۇملىققا تاقاشقان ياغلىق بىلەن ساقال
x'dU[f( 6-ئاشۇرۋىتىلگەن،ناتوغرا يەرلىك سىياسەت
N]gJ(g 7-رايونىمىزدا يىللاردىن بۇيان ئىلىپ بىرىلىۋاتقان مۇقۇملۇقنى قوغداش ۋە ئامانلىق ساقلاش خىزمەت
hRK& مۇناسىۋەتلىك قانۇن ساۋاتلىرىدىن دەلىل ۋە ئۆرنەك.(تولوق ئوتتورا مەكتەپ 1-يىللىق ئىددىيە-سىياسى 2-قىسىم)
B",5"'id دۆلەتنىڭ خاراكتىرى ھۆكۈمرانلىق ئوروندا تۇرىۋاتقان سىنىپنىڭ خاراكتىرى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ.دۆلەتنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت،فىئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەت،كاپىتالىستىك دۆلەت ۋە سوتسىيالىستىك دۆلەت قاتارلىق تىپلىرى مەيدانغا كەلدى.
uL!QeY>k\ دۆلىتىمىز خەلىق دىموكراتىيسى دىكتاتۇرىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى شۇكى،ئۇ ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار ئىگىلىگەن دۆلەت ھاكىمىيتىگە ئوخشىمىغان ھالدا پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن خەلىق دىموكراتىيسىدىن بەھرىمان بولىدۇ.سوتسىيالىزىم ئىشلىرىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۈشمەنلەرگە دىكتاتۇرا يۈرگۈزىدۇ.شۇڭا خەلىق دىموكراتىيسى دىكتاتۇرسىنىڭ ماھىيتى خەلىق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولوشتىن ئىبارەت.دۆلىتىمىزدە خەلىق دىموكراتىيسى كەڭ دائىرلىك ۋە ھەقىيقىلىققا ئىگە.(6-بەت )
e5\/:HpI دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە پۇخرالارنىڭ ئاساسى ھوقوقىغا مۇناسىۋەتلىك مىڭدىن كۆپرەك قانۇن ،قائىدە –نىزاملار تۈزۈلۈپ، ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇخرالارنىڭ ئاساسى ھوقوقىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى كونكىرت قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلدى.
p5RnFe l دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا :‹‹ دۆلەت ئىنسانىي ھوقوقنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە كاپالىتكە ئىگە قىلىدۇ ›› دەپ بەلگىلەنگەن.ئىنسانىي ھوقوقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش،خەلىقنىڭ قانۇن بويىچە كەڭ ھوقوق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سوتسىيالىستىك دىموكراتىك سىياسىينى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى.دۆلىتىمىزدە ئىنسانىي ھوقوقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر خەلىق دىموكراتىيسىنىڭ ھەقىقىيلىقىنى تولوق ئەكىس ئەتتۈردى.خەلىقنىڭ ياشاش ھوقوقى،تەرەققى قىلىش ھوقوقى كاپالەتلەندۈرۈلدى.پۇخرالارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ھوقوقى كاپالەتلەندۈرۈلدى.ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقوقى كاپالەتلەندۈرۈلدى.(7-بەت)
%t& دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا:‹‹ جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇخرالىرى سۆز،مەتبۇئات،يىغىلىش ئۆتكۈزۈش،تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش،نامايىش قىلىش،كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ››دەپ بەلگىلەنگەن.دۆلىتىمىز مۇناسىپ قانۇنلارنى بەلگىلەپ،ھەر خىل شارائىتلارنى يارىتىپ،پۇخرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكتىن ھەقىقىي تۈردە بەھرىمان بولىشى ۋە ئۇنى يۈرگۈزۈشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.(11-بەت )
u@ MUcW دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇخرالارنىڭ كەڭ سىياسى ھوقوق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولوشى بىلەن بىر ۋاقىتتا،پۇخرالارنىڭ سىياسىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى،يەنى پۇخرالارنىڭ دۆلەت،جەمىيەت ئالدىدا ئۈستىگە ئىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيتىمۇ بەلگىلەنگەن.پۇخرالارنىڭ سىياسى مەجبۇرىيەتلىرى دىگەن قىسىمنىڭ 10-دە پۇخرالار دۆلەت مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھادىسىلەر بىلەن كۆرەش قىلىش لازىم .(12-بەت)
['~E _z پۇخرالار گەرچە مىللىتى،ئىرقى،جىنسى،كەسپى،ئائىلە كىلىپ چىقىشى،دىنىي ئىتقادى،بىلىم دەرىجىسى،مال-مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتوراقلىشىش ۋاقتى قاتارلىق تەرەپلەردە پەرقلەنسىمۇ،ئەمما ھوقوقتىن بەھرىمان بولوش ۋە مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش تەرەپلەردە باببارابەر بولىدۇ.ھەر قانداق پۇخرانىڭ قانۇنلۇق ھوقوقى قوغدىلىدۇ.(13-بەت)
JATW'HWC|I دىموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش-پۇخرالار تەدبىرنىڭ مەزمۇنىنى بىلىشكە ھوقوقلوق.پۇخرالارنى ھوقوق بەلگىلەشكە قاتناشتۇرغاندا پۇخرالارنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ،پۇخرالارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرگىلى،ئىلمىي تەدبىر شەكىللەندۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ.(26-بەت)
+Cf"rN دىموكراتىك نازارەت قىلىش-ھەر قانداق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خادىملىرىغا تەنقىد قىلىش ۋە تەكلىپ بىرىشكە ھوقوقلىقمىز؛دۆلەت ئورگانلىرى ياكى دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قانۇنغا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى بايقىغىنىمىزدا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا شىكايەت قىلىش ياكى پاش قىلىشقا ھوقوقلوق.پۇخرالارنىڭ نازارەت قىلىش ھوقوقىنى ئىشلىتىپ، دىموكراتىك نازارەتنى يولغا قويوشىدا كۆپ خىل قانۇنلۇق يوللار بار .(39-بەت)
EKQ\MC1 بىز قانۇن بويىچە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پىكىر بايان قىلساق بولىدۇ،بۇ جامائەت پىكىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىش تۈزۈمى بويىچە نازارەت قىلىش ھوقوقىنى يۈرگۈزۈپ،دىموكراتىك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشتۇر.دۆلىتىمىزدە ھازىر بار بولغان ئاخبارات ۋاستىلىرى تىلىۋىزىيە،رادىيو،گىزىت-ژۇرنال،تور قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(40-بەت)
}%^N9AA8 \kN?7b^ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى مىۋىلىك دەرەخزارلىقنىڭ 15 يىللىق سەزگۈرەشتىسى.
مەن مەكتەپ يىشىغا يەتكىنىمدە ئوقوتقوچىلىرىمىز ۋە ئەتراپتىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر ‹‹3 كە ۋەكىللىك قىلىش ›› موھىم ئىددىيسىنى جان دىلى بىلەن ئۈگۈنۈپ كىچە كۈندۈز قايتا-قايتا تەسرات يىزىپ، ھىس قىلمىغاننى مەجبۇرى ھىس قىلىپ،ئاخىرى ھىس قىلالمىغاندا خەت يىزىش ماشىنىسىغا ئوخشاش خاتىرە توشقوزوش ئالۋىنى بىلەن ئاۋارە بولىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.ئۇلارغا نە كىچە نە كۈندۈز يوق. نە دەم ئىلىش نە تەتىل.چۈنكى بىزنىڭ ئائىلىدىمۇ 5 نەپەر مائارىپچى بار ئىدى.داداممۇ بىر مائارىپچى مەن بۇنى ئىنىق كۆردۈم.
I68Y4s بۇ ‹‹ 3 كە ۋەكىللىك قىلىش›› ئۈگىنىشى نەچچە يىل داۋاملىشىپ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئىككى ئاساسەن خىزمىتى چىقىپ ھەممىسىنىڭ تىخىمۇ جۇللىقىنى چىقىرىۋەتتى...
[P:+n7= ,l مەمۇرى ئورونلارمۇ ئۆز خىزمىتى بىلەن بەك ئالدىراش ئۆتتى.ئەك ئاددىيسى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى 100 موغا يىقىن يەر دەسلەپ ئورمانلىق ئارلاش ئىتىزلىق ئىدى.مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقوۋاتقان ۋاقتىمدا تىرىلغۇ يەرنى كۆپەيتىش سىياسىتى چىقىپ ئىتىزلىقتىكى ئورمانلارلا ئەمەس ئەتراپىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ باغلىرىدىكى مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەل- دەرەخلەرگە قەدەر كىسىلدى،
ww? AGd بىزنىڭ دەرەخلىرىمىزدىنمۇ كىسىلدى.قوشنىمىزنىڭ دەرىخىنى كەسمەكچى بولغاندا قوشنىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكەر چىقىپ قارشىلىق كۆرسەتتى،لىكىن ئۇلارنىڭ قارشىلىقلىرى،ئىنتايىن ئىغىر سەت گەپلەر بىلەن تىلىشىشلار،يىزىمىز ۋە كەنىت كومىتىتىدىن تەشكىللەپ ئەۋەتىلگەن،بىر توپ دەرەخلەرنىڭ جاللاتلىرى قولىدىكى پالتىنى توسوپ قالالمىدى.شۇ چاغدا شۇ بىر توپ دەرەخلەرنىڭ جاللاتلىرىغا ۋەكىل بولغۇچى،شۇ جەريانىدا قوشنىمىز بىلەن سۇقۇشقان كىشىلەر ھىلى ھەم ھايات،ھازىرغىچە بىر كەنىتتە ياشاۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە شۇ كۆرۈنىشلەر ھىلىقىدەك ئىسىمدە.
$O'IbA ھەر خىل مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەرەخلىرى كىسىپ تاشلانغان بىچارە قىرى-بوۋاي مومايلار ئامالسىز يەنە تىرىكچىلىك ئۈچۈن كىڭەيتىلگەن يەرلەرگە چىقىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىدى.
5>Kk>[|. بىر نەچچە يىل ئۆتە ئۆتمەي بۇغداي بىلەن قوناقنى ئارلاشتۇرۇپ تىرىيدىغان، يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ پۇرچاق بىلەن زىرائەتنى ئارلاشتۇرۇپ تىرىىيدىغان يىڭى ئۇسۇللار تەتقىق قىلىنىپ يولغا قويولۇلۇپ سىياسەت سۈپىتىدە ئىجرا قىلىندى،بىچارە دىھقانلار بۇ سىياسەتكە بەزىسى سوقوشوپ،بەزىسى غودۇرۇپ بەزىسى ئۈن-تىنسىز، ئامالسىز بويسۇندى.دىھقانلىرىمىزنىڭ مول ھوسۇلى ۋە كىرىمى ئەمەليەتتە ئاشتىمۇ ئاشمىدىمۇ بۇ ماڭا نامەلۇم، ئەمما يەرلىك ھۆكىمىتىمىزنىڭ دەپتىرىدە داۋاملىق تۈز سىزىق بويىچە ئاشتى.شۇ ھەر قىتىملىق يىڭى سىياسەتنى تەتقىق قىلىپ كەشىپ قىلغۇچى ۋە يۈگۈزگۈچى رەھبەرلەرنىڭ ھوقوقىمۇ داۋاملىق ئۆسكەن بولىشى مومكىن.
gZf8/Tp\z ئالاھەزەل 10 يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن زىرائەتلەرنىڭ ئارىسىغا ياڭاق ۋە ئۈرۈكلەرنى تاپ قىلىپ تىكىپ،ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زىرائەت تىرىش ئۇسۇلى يولغا قويولدى. يەرنىڭ يىنىغا بىر تاختاي خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە ئىسىلدى.ئۇنىڭدا بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن دىھقانلارنىڭ كىرىمى نەچچە ھەسسە قاتلىنىپ ئاشقانلىقى سىتاستىكىلىق قىلىپ يىزىلىدى. بۇ ئۇسۇللار بىر نەچچە يىل داۋاملىشىپ ئۇ يەرلەر ئاخىرى مىۋىلىك ئورمانزارلىققا ئايلاندى.يەنە بىر نەچچە يىلدىن كىيىن يەنە قانداق يىڭىچە ئۇسۇللار كەشىپ قىلنىپ يولغا قويولىدىكىن تاڭ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ.بۇ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى شۇ يەرلەر ئۆتكەن 15 يىلچە ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا مىنىڭ كۆزۈمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۆتكۆزگەن كەچۈرمىشلەر.
n0a|GZyO] ئەينى ۋاقىتتكى ئورمان كىسىشنى،ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى 15 يىل ئەتراپىدىكى تىرىلغۇ كەچمىشىنى ھەر قانداق قىلىپمۇ يوقاتقىلى بولمايدۇ .بۇ بىر ھەقىقەت.
IGnP#@`5] urbSprdF مەن 5 يىل ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتا مىڭ بىر جاپا مۇشەقەتتە بىجىرىپ تاپشۇرىۋالغان كىملىك گۇۋاناھنامەم ۋە 18 ئايدىن بۇيان 350 كىلومىتىر ئارلىققا نوپوسۇمنى يۆتكەپ بولالماي تارتقان جەۋرى جاپالىرىم.مەن 2007-يىلى يىل بىشىدا ج خ ئىدارىسىگە بىرىپ ئىككىنجى ئەۋالات كىنىشكىسى بىجىرىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتىدىم.ئۈچ ئاي ئەتراپىدا كىملىكىمنىڭ چىقىدىغانلىقىنى دىگەن بولغاچقا 3 ئاي بولغاندا كىملىكىمنى سۈيلەپ باردىم،رەسىم ئۆتمەپتۇ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ قايتا بىجىرىشىمنى دىدى.شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئاي ئۆتتى.
@sdHB./ كىيىنكى قىتىم بارغىنىمدا ئسىمىمنىڭ ئۆتمىگەنلىكىنى يەنە قايتا يوللايدىغانلىقىنى دىدى.بۇ ئارلىقتا مەن ۋە ئائىلەمدىكەر پات-پات سۈيلەپ ئۇلارنىڭ قوپال ۋە سۆرۈن تەلەتى بىلەن ئۇچىرشىپ تۇردۇق.بىر يىرىم يىل ۋاقىتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى.كىملىك يەنە چىقمىدى.شۇ ۋاقىتتا ئىسمنىڭ 1-ئەۋلات كىملىكىمدىكى ئىسمىمغا ئوخشىماي بىجىرىلگەنلىكىنى بايقىدىم.بۇنداق بولغىنىدا مىنىڭ ئالىي مەكتەپ دىپلۇم،ئارخىپ ۋە باشقا گۇۋاھنامىلىرىمدىكى،ھەتتا بانكا كارتا ئارخىپىدىكى ئىسمىم بىلەن ئوخشاش بولماي دادام ۋە ئەتراپىمدىكى باشقا ئادەملەرگە ئوخشاش،مۇناسىۋەتلىك ئورونلاردىن مىنىڭ ئىسمىم ئىلگىرى ئانداق ئىدى،ئەمدى مۇنداق دىگەندەك ئىسپاتلارنى تەسلىكتە ئىلىپ ئۆزۈمنىڭ ئىلگىركى مەن ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلىشىم زۆرۈر بولاتتى.
]t"X~ بۇنداق ئىسپاتلاشقا بىر ئىككى ئورون ۋە بىر نەچچە قىتىم بىلەنلا چەكلەنمەستىن قەدەمدە بىر دۇچار بولاتتىم.شۇڭا بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى دىدىم.ساقچى يولداش بولىدىغانلىقىنى لىكىن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە بىرىپ بىجىردىغانلىقىمنى دىدى.ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدىكى ئۆزۈم ئىكەنلىكى توغۇرلوق ئىشلار پۈتكەندىن كىيىن قايتا كىملىك رەسمىيەتلىرىنى بىجىردىم.ئەپسۇس ئىلگىركىگە ئوخشاشلا ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن كىملىكىم پەقەت چىقمىدى.چىققىنى بولسا مۇشۇ ئىش بىلەن قەدەمدە بىر مۇناسىۋەلىك ئورونلارغا تولا قاتراپ ئائىلەمدىكىلەر مىنىڭ پۇتلىرىمغا چىققان سۇلۇق قاپارتما...
pN4gHi= ئۆتكەن يىلى يەنى 2011-يىلنىڭ ئوتتورلىرىدا كىملىكىمنىڭ چىققانلىقىنى ئۇقتۇم.شۇنداق خۇشال بولوپ يوقاپ كەتكەن ئۆزۈمنى قايتىدىن تىپىۋالغاندەك بولدۇم.لىكىن كىملىكىم تىخى قولومغا تەگمىگەن ئىدى.ساقلىدىم سۈيلىدىم،يەنە ساقلىدىم يەنە سۈيلىدىم.شۇنداق قىلىپ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كىملىكىمنىڭ چىققانلىقىنى، لىكىن تاپالمىغانلىقىنى،يوقاپ كەتكەنلىكىنى دىدى.ئەرشتىن موللاق ئاتقاندەك بولدۇم.ئەرۋايىم يەتتە گەز ئۇچتى،ئەمما نىمە قىلالايمەن...
g\2/Ia+/@ بۇ نەچچە يىل جەريانىدا ج خ ئورونلىرىغا كىملىك بىجىرىش ئۈچۈن بارسام ھىلى مۇناسىۋەتلىك ئادەم يوق.ھىلى توك يوق،ھىلى كومپىيوتىرنىڭ سىستىمىسى بۇزۇق،ھىلى كەيپىياتى بۇزۇق، ھىلى ۋاقتى يوق،ھىلى يەنە بىر نىمە گەپ،ئىشقىلىپ تارتقان تالاي جاپالار بىكار كەتتى.ئولمىپىكنىڭ ئالدى-كەينى، ئەڭ ئىغىر تەكشۈرۈشلەر بولىۋاتقان 5-ئىيول ۋەقەسىدىن كىيىنكى ۋاقىتلاردىكى قەدەمدە بىر يولىقىۋاتقان تەكشۈرۈشلەردە مىنىڭ نىمە كۈنلەرنى كۆرگىنىمنى سىز پەرەزمۇ قىلالمايسىز.قەدەمدە بىر ئۇچراۋاتقان كىملىك تەكشۈرۈش،ھەتتا ئىدارە ئورگانلارغا كىرىش ئۈچۈنمۇ كىملىك لازىم. سىرتلارغا چىققىنىمدا ياتاققىمۇ چۈشەلمەي بىچارە دىۋانىلەردەك سىرتلاردا سوقوقتا مۇزلاپ ئۆتكۆزگەن كۈنلىرىم،يوللاردىكى تەشۈرۈشلەردە،تەڭسىز،يولسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچراشلىرىم.ھۆكۈمەت ئورونلىرىدىمۇ ۋاقىتلىق كىملىك ۋە باشقا ئىسپاتلار ئۆتمەي ئىش بىجىرەلمىگەنلىكلىرىم. تالاي قىتىم بىجىرگەن ۋاقىتلىق كىملىكنىڭ قەدەمدە بىر ۋاقتى توشوپ تۇرغان،يەنە بىجىرگەن.ئۇھ...مەن نۇرغۇن قىتىم پەقەت چىدىمىدىم ئەمما چىدىمىساممۇ يەنە ئامالىم يوق ئىدى.
;F;Vm$ مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتتا بولغاچقا ئۆتكەن يىلى، يەنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى نوپوسۇمنى يۆتكىمەكچى بولدۇم.ھەم يىللار كىملىك بىجىرىپ،بىجىرىپ بولالمىغاچقا نوپوسۇمنى ئۆز ئورنومغا يۆتكەشنى قارار قىلدىم ۋە ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئوروندىكى مۇناسىۋەتلىك ج ج ئىدارىسىگە بىرىپ ئىلتىماس سۇندۇم.ئالدى بىلەن كادىرلار ئىدارىسىگە بىرىپ، مىنىڭ كادىرلىق ئارخپىمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشقىلىپ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن بىر نەرسىنى ئىلىپ كىلىشىمنى دىدى.مەن شۇ كۈنى ئۇنى ئەكەلدىم.ئاندىن ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان ئورنۇمنىڭ بىر پارچە تونوشتۇرۇش ۋە ئىسپات خىتى لازىم بولدى.بۇنىمۇ تىپىپ كەلدىم.ئاندىن ماڭا تۆت بەتتەك جەدىۋەل قەغىزى بەردى.
e>T;'7HSS" لىكىن كىيىنكى ئىشلار ئۇنداق ئاسان بولمىدى.ئالدى بىلەن ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئورنۇمغا مەسئۇل رايون ساقچىسىنىڭ قول قويىشى كىرەككەن.مەن ئۇ رايون ساقچىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەي ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلگىنىمدە ئۇنى تاپالماي يەنە ھەپتە ئۆتتى.ئۇنىڭ ئىمزاسى قويولوپ بولغاندىن كىيىن، ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئوروننىڭ رەھبىرىنىڭ نوپوسۇمنى مەزكۇر ئورونغا ئورنىتىشىمغا ماقۇللىقى،ئىمزاسى ۋە تامغىسى لازىم بولدى.بۇ رەھبەرنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى ساقلايمەن.بىر كۈنى مەلۇم يىزىغا تەكشۈرۈشكە كەتكەن، بىر كۈنى يىغىنغا كەتكەن،بىر كۈنى كاماندۇرۇپكىغا كەتكەن دىگەندەك ئىشلار ئۇ كىشىنى پەقەت ئۇچۇرتۇپ بولالماي ۋاقىتلار ئۆتتى.
^)p+)5l باشقىلاردىن ئۇ رەھبەر بىلەن قانداق ۋاقىتتا كۆرىشەلەيدىغىنىمنى دەپ بىرىشنى سورىدىم،ھەممىسى بىز بۇنى بىلمەيمىز،ئۇ دىگەن رەھبەر ،قاچان نەگە بىرىپ نەدە تۇرىشىنى بىز بىلمەيمىز دەپ جاۋاپ بىرىشتى.كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ مۇبارەك شەخىس بىر كۈنى ئەتىگەن ئىدارىسىدە نەچچە كىشى بىلەن بىرلىكتە ساقلاپ تۇرغىنىمىزدا ماشىنا بىلەن كەلدى.ھەممەيلەن ئاشۇ كىشى شۇ دەپ كۆرسىتىپ قويوشتى ۋە ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا قانداقتۇر بىر قەغەزلەرنى كۆتۈرۈپ دەۋرەپ مىڭىشتى.ئۇ كىشى ئىشخانىغا كىرىپ دىدى.بىز ئۇ كىشىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆچرەت بىلەن ساقلاپ،رەت بىلەن كىرىپ ئىشلىرىمىزنى پۈتتۈردۇق.بۇ ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە، ئۆز خىزمەت ئورنومدا تولا سورىغان سائەتلىك رۇخسەت بىلەن نەچچە قىتىم رەھبىرىمدىن تەنقىدمۇ ئاڭلىدىم.ئاخىرىدا يەنە ساقچىخانا باشلىقىنىڭ رۇخسىتى كەم قالغاچقا بەزىدە رۇخسەت بىلەن، بەزىدە ئوغورلوقچە قىچىپ دىگەندەك بۇ ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا نوپوسۇمنى كۆچۈرۈپ كىلىش رۇخسەت خىتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئەسلى نوپوسۇم تۇرۇشلۇق ئوروننىڭ ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۆزمىگەنلىكىم .دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان قاتناشمىغانلىقىم توغرىسىدىكى ئىسپاتى بىلەن نوپوس ئىسپاتىمنى ئىلىپ كىلىشىمنى ئىيتتى.مەن مىڭ تەستە ئۆز ئورنۇمدىن رۇخسەت ئىلىپ يۇرتقا يول ئالدىم.
QvWvS9] ساقچىخانىدا توك يوق دىگەچكە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ئىلىپ ئانامغا بىرىپ نوپوس ئىسپاتىنى ئىلىپ ماڭا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بىرىشنى دىدىم.ئانام ۋە ئۆيدىكىلەرمۇ كۈندە دىگۈدەك بىرىپ ھىلى توك يوق،ھىلى تور يوق، ھىلى مۇناسىۋەتلىك ئادەم يوق دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئاخىر مىڭ بىر جاپادا ئۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئەۋەتىپ بەردى.
$~Ks!8'P مەن تۇرۇشلۇق ئورنومدىكى ج خ ئورنىغا بىرىپ بۇ نەرسىلەرنى تاپشۇردۇم ۋە 40 كۈنلۈك مۆھلەت ئىچىدىكى نوپوسۇمنى يۆتكەش خىتىگە ئىرىشتىم.40 كۈن ئىچىدە نوپوسۇمنىڭ كۆتىگىنى ئىلىپ كىشىمنى ئىيتتى.يۇرتتا ھىلى توك يوق،ھىلى تور يوق بولوپ نوپۇسۇمنىڭ كۆتىگىنى ئىلىپ بولالماي 40 كۆن مۆھلەتمۇ توشوپ ئۆتۈپ كەتتى.كىيىن ئۇلار ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ دەپ بىجىرىپ بىرىشكە قوشولمىدى.
TE9Iyl|= مەن بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئورونغا ئىلگىركى رەسمىيەتلەرنى ئىلىپ بىرىپ يالۋۇرۇپ دىگەندەك 20 كۈن ئۇزارتىپ تامغا بىسىپ بەردى.بۇنى يۇرتقا ئەۋەتىپ بەردىم.يۇرتتىن نوپوسۇمنى چىقىرۋىتىپ نوپوسۇمنىڭ كۆتىگىنى چىقىرىپ بىرىپتۇ.بۇنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ يەنە ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئوروندىكى ج خ ئىدارىسىگە باردىم.لىكىن ئۇلار قاقشاپ كەتتى.چۈنكى ئۇلار ئۆزى ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىكنى ئەۋەتىپ،ئەۋەتىشكە تىگىشلىكنى ئۆزى ئىلىپ قالغانلىقىنى،بۇنى دەرھال ئالماشتۇرۇپ كىلىشىمنى دىدى.
m-2!r*(zt مەن ئەسلى يۇرتۇمدىكى ج خ ئوروندىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئالاقىلاشتىم.ئۇلار ئاپلا راسلا خاتا بولوپ قاپتۇ،بىز ئالماشتۇرۇپ بىرەيلى دىدى.مەن ئۇنى پوچتىدىن تىز يوللانما قىلىپ ئەۋەتىپ بەردىم.لىكىن 2 كۈن ئۆتۈپ مەسئۇل خەنزۇ يولداش بىر ئايلىق رۇخسەت بىلەن سىرتقا چىقىپ كىتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن يا يۇرتۇمدا نوپۇسۇم يوق،ياكى بۇ يەردە يوق قارا نوپوس بولوپ قالدىم.
}X/>WiGh: بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئوتتورسىدا، بۇ يىل 2-ئايدا يۇرتۇمدا قايتا بىجىرگەن كىملىكىمنىڭ چىققانلىقىنى ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىدىكى نوپوس بۆلۈم ساقچىسى تىلىفۇندا ماڭا ئۇقتۇردى.مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىشلىرىمنى تاشلاپ يۇرتقا ماڭدىم.شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا مەن تاپشۇرۇپ ئىلىشقا يىللاردىن بۇيان ئىنتىزار بولغان،ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ،ئۆزۈم مەۋجۇت ئەمما كىملىكسىز كۈنلىرىمگە خاتىمە بىرىلدى.
!l-Q.=yw مەن كىملىكىمنى ئىلىپ نوپوس ئىشنىمنى يەنە قايتا ئىنكاس قىلدىم.ئۇ قولىغا تىلىفۇننى ئىلىپ مىنىڭ نوپوسۇم تۇرۇشلۇق ئوروندىكى ساقچىخانىنىڭ باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشتى ۋە مىنىڭ ئەھۋالىمنى بىر قاتار چۈشەندۈرگەندىن كىيىن بىجىرىپ بىرىشىنى ئىيتتى.مەن دەرھال شۇ ساقچىخانىغاچاپتىم ۋە ساقچىخانا باشلىقى بىلەن كۆرۈشتۈم.ئەپسۇس بۇ ئىشقا مەسئۇل خەنزۇ يولداش كەتكەن يىرىدىن تىخى كىلىپ بولالمىغاچقا،ساقچىخانا باشلىقى بۇ ئشىقا ئارلىشالمايدىغانلىقىنى،ئۇ يولداشنىڭ نەچچە كۈندىن كىيىن قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى،شۇ چاغدا قايتا كىلىپ بىجىرىشىمنى ئىيتتى.شۇنىڭ بىلەن مەن روھسىز قەدەملىرىمنى سۆرەپ ساقچىخانىدىن قايتىپ چىقتىم.بۇ ئىشقا قايتا قەدەم ئىلىشقا كۆڭلۈم ئىچىشتى.شۇنىڭ بىلەن قارا نوپوس بولوپ يۈرىۋاتىمەن.
tIT/HG_o $|tk?Sps ئۈچ ئايلىق قىز بوۋاقنىڭ ئاھۇ زارى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىشىغا كەلگەن قىسمەتلەرمەن بۇ يىل 4-ئايدا،خىزمەت ئورنۇمدا ئىشلەۋاتقىنىمدا بىرەيلەن بەك قاقشاپ داتلاپ باشقىلارغا سۆزلەپلا كەتتى.سۆزلىرىگە قۇلاق سالدىم.ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسىنىڭ ئايالىي ميىپ بولوپ سۆزلىيەلمەيدىكەن.ئۇلارنىڭ 3 بالىسى بولوپ چوڭى بۇ يىل تولوقسىزنى پۈتتۈرۈدىكەن.ساق بىجىرىم ئىكەن.ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى دىگەندەك ياخشى بولمىغاچقا سىرتقا نەچچە ئاي ئىشلىگىلى چىقىپ كىتىپتۇ.شۇ ئارلىقلا نەچچە ئاي ئۆتۈپ مەزكۇرنىڭ مىيىپ ئايالنىڭ قورسىقى يوغىناپ ئەتراپتىكى كەنىت كادىرلىرى بايقاپ مەزكۇرنى چاقىرتىپ كىلىپ مەزكۇرنى چاقىرتىپ كەپتۇ.
9tWpxrig% كەنىت مەسئۇلى ،گۇرپا باشلىغى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل كادىر مەزكۇر،ئايالى ۋە مەزكۇرنىڭ ئانىسىنى يىزىلىق پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتىغا ئىلىپ مىڭىش يولدا،بازار ئىچىگە كەلگەندە، گۇرپا باشلىقىنىڭ موتوسى باشقا بىر موتو بىلەن سوقولوپ كىتىپ بۇ مۇتونىڭ كەينىگە مىنگەن مەزكۇرنىڭ ياشانغان ئانىسىنىڭ پۇتى ۋە قولى سۇنۇپ ئىغىر يارلىنىپتۇ.قارشى تەرەپ دوختورخانىدا داۋالىنىش جەريانىدىكى بەزى چىقىملارنى تۆلىگەندىن باشقا بۇ ھادىسە بىر تەرەپ قىلىنماپتۇ.
Iqci}G%r مەزكۇرنىڭ ئايالىنى دوختورخانىغا كەنىت كادىرلىرى بىلەن ئىلىپ بارغاندا قورسىقى يوغىناپ بالىنى ئالدۇرۋىتىش مۆھلىتىدىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ.كەنىت كادىرلىرى ئالدۇرۋىتىشنى دەپتۇ.دوختورلار ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى دەپتۇ.لىكىن ئاقىۋەتتە نورغۇن سەۋەپلەر بىلەن خەت يىزىشنى بىلمەيدىغان مەزكۇرنىڭ ئىمزاسى مەجبۇرى قويولوپ ئوپراتسىيە قىلىنىپ بالا ئالدۇرۋىتىلىپتۇ.لىكىن بالا تىرىك بولوپ بالىنىڭ قۇيرۇق تەرپى قۇيرۇق گۆش بىلەن چىقىپتۇ.
Zb7%$1)L~ كەنىت كادىرلىرى بالىنى مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىۋىتىشنى دەپتۇ.لىكىن مەزكۇرنىڭ بۇنداق قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىماي بالىنى ئۆيىگە ئىلىپ كەپتۇ.كەنىت باشلىقى بالىنى نىمىشقا مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىۋەتمەي ،ئۆيگە ئەكىلىسەن دەپ مەزكۇرنى ئۇرغانمىش...
e'sS",o* كىيىن كەنىت كادىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار مەزكۇرنىڭ مىيىپ ئايالىنى جىگەر كىسەلكەن بالىنى ئىمىتسە بولمايدۇ دىگەنمىش، شۇنىڭ بىلەن بۇ بوۋاق ھازىرغىچە سۈنئى يىمەكلىك بىلەن يا ئۆلەلمەي يا تىرىلەلمەي جان تالىشىپ نەپەس ئىلىۋىتىپتۇ.
;jJ4H+8 مەن بۇ ئىشلار ئۆسەك سۆز،پىتنە-ئىغۋا بولوپ ،باشقىلار پارتىيە- ھۆكىمەتنىڭ نام ئابرۇيىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان بولمىسۇن دەپ، راسىت يالغانلىقىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئادىرسىنى يىزىۋالدىم .خىلى كۈنلەر ئۆتۈپ ئۈچ چاقىلىق موتودىن بىرنى كىرا قىلىپ،مەزكۇرنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۆيىگە باردىم.دەرۋازىسىمۇ،ھويلىسمۇ يوق ئەسكى ئىككى ئىغىزلىق ئۆينىڭ مەزكۇرنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە ھالىغا يارىشا ئىش قىلماي،قانۇن تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ،ئۆزىنىڭ جىنىنى باقالمىغان نىمىسىگە، يەنە پەرزەنتلىك بولوپ نىمە قىلىدۇ دىدىم ئىچىمدە.
C[';B)a بالىنى كۆردۈم،ئىشنىڭ جەريانىنى ئاڭلىدىم.ھەممىسى راسىتكەن...
+,g!xv4Q يۈرىگىم ئىچىشتى،ئەمما نىمە دىيىشىمنى نىمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم.مەزكۇرنىڭ قەتئى پەرزەنىتلىك بولوش نىيتىنىڭ يوقلىقى ئەمما سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئايالىنىڭ قورسىقى يوغىناپ ،ئايالى گەپ قىلالمىغاچقا بۇ ئىشنى باشقىلار ئۇقماي ۋاقىت ئۇزىراپ كىتىپ ئاقۋەت بۇ بالىغا ئامال بولمىغانلىقى،دوختورلارنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ ئالدۇرۋىتىشكە بولمايدۇ دىيىشلىرىگە پىسەنىت قىلماي،خەت يىزىشنى بىلمەيدىغان مەزكۇرنى مەجبۇرى قول قويغۇزۇپ، ئاخىر بۇ بالا تىرىك، كەمتۈك چىققانلىقى،كەنىت كومىتىت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆيگە ئەكەلمەيسەن دىگىنىگە ئۇنىماي ئۆيگە ئەكىلىپ تاياق يىگەنلىكى،ئەسلى ئۆزىنىڭ ئۈچ ئىغىزلىق ياخشى ئۆيىنىڭ بار ئىكەنلىكى،يىزىنىڭ يۇقىردىن رەھبەر كەلسە كۆرسىتىش ئۈچۈن نوقتىلىق زىرائەت تىرىلىدىغان يىرىگە توغرا كىلىپ قىلىپ چىقىۋىتىلىپ، بۇ يەرگە ئىككى ئىغىزلىق ئۆي سىلىپ ئەكىلىپ قويولغانلىقى،بۇ كىچىك ئىككى ئىغىز ئەسكى ئۆينىڭ بىرىگە نەرسە كىرەكلىرىنى قويوپ ئىچىدىكى ئۆيدە جەمىي ئالتە جاننىڭ ياشاۋاتقىنىنى كۆردۈم.
+4p=a [ بۇ يۇقارقى سەۋەبلەر بىلەن مەزكۇرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنىڭ توختىتىلغانلىقى ھەمدە ئۆيىسىدىكى رەڭسىز تىلىۋىزورنىڭ ئىلىپ كىتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
(Y*9[hm مدزكۇرنىڭ سۆزلىرىنى ئۈنئالغۇغا ۋە رەسىمگە ئالدىم.بىللە كەلگەن كىراكەش قاتارلىق يەنە ئىككەيلەننىڭ شۇنداقلا مەزكۇرنىڭ چوڭ قىزىنىڭ پۈتۈن جەرياننىڭ راسىتلىقى توغورلۇق گۇۋالىق خىتىنى،ئۇلارنىڭ ئادىرسىنى ،كىملىك نومورلىرىغىچە ئىلىپ قايتىپ كەلدىم.
0Y'ow=8M 
zf]e"e
/;TtMQt lWH#/5`h



ZNl1e'
مۇقۇملىققا تاقاشقان ياغلىق بىلەن ساقالدىيارىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەڭگىنىڭ تاماكىسى،ھاراقكەشنىڭ بوتولكىسى،كىچىلىك ئىشرەتخانا،قىمارخانىلار بىلەن ئانچە توقونوشۇپ قالمىغان بەزى يەرلىك سىياسەتلىرىمىزنىڭ، ئاياللارنىڭ كىيگەن يوپكىسى، بىشىغا ئارتقان ياغلىقى، ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرىتى،بىشىغا كىيگەن دوپپىسى بىلەن چىقىشالمىغىنى تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش.
Pe-rwM ئاياللارنىڭ كىيگەن يوپكىسى، بىشىغا ئارتقان ياغلىقى، ئەرلەرنىڭ ساقىلى،بىشىغا كىيگەن دوپپىسىنى مۇقۇمسىزلىق بىلەن باغلىۋىلىش ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.چۈنكى توي-تۈكۈن،نەزر-چىراق،مۇراسىم ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشتا، مىللىي ئۆرۈپ ئادىتىمىزدە كىشىلەر دوپپا،ئاياللار يوپكا كىيىدۇ.
tSnsjd<6. ئوقوتقوچى-ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ،پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساقال قويىشى ئەمەس بۇرۇت قويىشىمۇ چەكلىنەتتى. ئىدارە-ئورگان ،خىزمەت ئورونلىرىدا ئاياللارنىڭ ياغلىق ئاتىشى،ئەرلەرنىڭ ساقال، بۇرۇت قويىشى قاتتىق چەكلەنگەن بۇنىڭغا ئۇزۇن بولغان.بۇ سىياسەت ئەمدى يوغىناپ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئورونلىرىدا ئەمەس خىزمەتتىن چۈشكەن ۋاقىتلاردىمۇ،سىرتلاردىمۇ ياغلىق ئارتىشى،دوپپا كىيىشى چەكلىنىپتۇ.مەخسۇس ئادەم ئورونلاشتۇرۇلۇپ بايقالغۇچىلارغا چارە قوللىنىۋىتىلىپتۇ.
<o[3*59 دۆلىتىمىزدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت سىتىراتىگىيلىك سىياسەت يولغا قويولوپ ئىجرا قىلنىۋاتقىلى يىللار بولدى،ھەم دىيارىمىزدا بۇ سىياسەت توغورلوق نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەندى،نۇرغۇن يىغىنلار ئىچىلدى.
K<r5jb ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ يادروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدى،لىكىن بۇنداق سىياسەتلەرنى يولغا قويغۇچى رەھبەرلەر،ئىجرا قىلغۇچى خىزمەتچى خادىملار قانداق ئادەملەرنى ئاساس قىلىۋاتقاندۇ ؟ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ توغورلوق كۈن-كۈنلەپ يىغىن ئىچىپ ئۈگىنىۋاتقىلى يىللار بولغان ئىدى.ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۈگىنىشكە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە،رەھبەرلەردىن –كادىر ئىشچى خىزمەتچىلەرگىچە ،ھەتتا دىھقانلارغىچە قاتناشتى ۋە ئۈگەندى .نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەندى.شۇنچە ئۈگىنىش،شۇنچە كۆپ يىغىن، شۇنچىلىك جاپالار بىلەن ئىشلەنگەن خىزمەتنىڭ نەتىجىسى ۋە سىياسەتنىڭ ئوموملىشىش ئەھۋالى مۇشۇنداق نەتىجىلىنەمدۇ ؟مەركەزنىڭ ئوموميۈزلۈك،سىتراتىگىيلىك سىياسىتى بولغان ۋە ئوموميۈزلۈك يولغا قويولوپ ئىجرا قىلىنغان،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش بولغان ئىكەن ئۇنىڭ ئىددىيسى،بىشىغا كىيگەن دوپپىسى،ئارتقان ياغلىقى،جىنى،تىنى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىش دىگەنلىك بولامدۇ ياكى قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر مەن بۇ سىياسىتىمىزنىڭ مەزمۇنىنى خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويىشىڭىلارنى سورايمەن.
;;m;f^]} بەڭگىنىڭ تاماكىسى،ھاراقكەشنىڭ بوتولكىسى بىلەن كارى يوق بەزى يەرلىك سىياسەتلىرىمىزنىڭ قەدەمدە بىر ئاياللارنىڭ ئارتقان ياغلىقىغا،كىيگەن يوپكىسىغا ئسىلىشى،ساقاللىقنىڭ ساقىلىغا يامىشىۋىلىشى تولىمۇ قىززىق.ھەر بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىغا ياغلىق ئارتقان بۈۋىم ،ساقال قويغۇچى تىرورچى كۆرىنەمدىكىن تاڭ.دەرقەمدە بىر بۇلارنىڭ نوختا نىشان بولىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە،لىكىن بۇلار سىياسەت تەرىققىسىدە ئورونلاشتۇرۇلۇپ ئىجرا قىلىنسا ئاممىنىڭ نارازىلىقى ۋە ھىمايىسى بولمىسىمۇ بويسۇنماي نىمە ئامال.
9ZG:2ncdJ OSLZ7B^ ئاشۇرۋىتىلگەن،ناتوغرا يەرلىك سىياسەتھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئىتقاد قىلىشىغا،ئىشىنىشىگە بولمايدۇ.ئۇندىن باشقا دىيارىمىزدا ئوقوتقوچى،ئىشچى-خىزمەتچى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەر، ئوقوغۇچىلارنىڭ دىنغا ئىتقاد قىلىشى، ھەر قانداق دىنىي تەلىم تەربىيە ئىلىپ بىرىش،دىنىي سۇرون ۋە ۋە دىنىي ئوقوتوش سورونلىرىغا ئىلىپ بىرىش قاتتىق مەنئىي قىلنىدۇ.
KT*>OYI بالىلارنىڭ تۇغۇلۇپ تاكى چوڭوپ ئوقوش پۈتتۈرگەنگە قەدەر دىنىي تەلىم-تەربىيە ئىلىشىغا بولمايدۇ.مۇبادا ئۇ ئىشچى ياكى خىزمەتچى بولوپ قالسا ئۇنىڭ ئۆمرىدە دىنىي ساۋات ئىلىشى،دىنىي پائالىيەت سورونلىرىغا بىرىشى ياكى شۇنداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى مەڭگۈلۈك مەنئى قىلنىدۇ.
6|{&7=1t بىز قانۇنىمىز ۋە سىياسەتكە چوقوم بويسۇنىشىمىز كىرەك،ئەمدى يۇقارقى دائىرىگە كىرمىگەنلەر يەنى تىجارەتچى،ھۆنەرۋەن- كاسىپلار ،دىھقانلار بىلەن بەزى مەسئۇلىيەتنامىلەرنىڭ ئىمزالىنىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.
H'7s`^->I ئۆتكەن قىتىم بىر دوستۇمنىڭ دۇكىنىغا كىرگىنىمدە تامغا چاپلاقلىق ‹‹مۇقۇملۇقنى ساقلاش توغرىسىدىكى مەسئۇلىيەتنامە ››ۋە ‹‹خۇسۇسىي كارخانىلار،يەككە سودا سانائەتچىلەر ئارىسىدا ئومولاشتۇرۇپ تۈزەش،دىننى باشقۇرۇش،مۇقۇملىقنى قوغداش،پىلانلىق تۇغۇت،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيەتنامىسى ››دىگەندەك مەسئۇلىيەتنامىلەرنىڭ تىجارەتچى،ھۆنەرۋەن- كاسىپلار ھەتتا ئائىلىلەرگە قەدەر ئىمزالىشنى،بۇ مەسئۇلىيەتنامىلەرنىڭ مەزمۇنىدىكى بەزى مەزمۇنلار ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز ئارتۇقچە ئەمەس.
-'L~Y~'. بۇ مەسئۇلىيەتنامىلەرنىڭ مەزمۇنىدا تىجارەتچى،ھۆنەرۋەنلەر ۋە ئۇلار ياللىغان كاسىپلارنىڭ ئۆز تىجارەت دۇكانلىرى ياكى ئاممىۋى سورونلاردا ناماز ئوقوشى قەتئى مەنئى قىلنىدۇ،شۇنداقلا بۇ ئورونلاردا دىنىي تۈس ئالغان كىتاب ياكى ئۈن-سىن بويوملىرىنى قويوشقا بولمايدۇ.دىھقان ئائىلىلەر بىلەنمۇ يۇقارقىدەك مەزمۇندىكى مەسئۇلىيەتنامىلەر ئىمزالانغان.
2_6ON مەسچىتتە ۋە ئائىلىدە ناماز ئوقوغاندىن باشقا بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ قاراش،مەسچىتتە قۇرئان ۋە دىنىي كىتاپلارنى ئوقوسىمۇ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە چارە كۆرۈش مىنىڭچە ئاشۇرۋىتىلگەن سىياسەت.بۇنداقتا پۇخرالارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقوقى ۋە دىنىي ئىتقاد ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە دەخلى تەرزگە ئۇچرايدۇ.
5W&L cBB يۇقارقىدەك مەزمۇندىكى مەسئۇلىيەتنامىلەر ئىمزالانسا دۆلىتىمىزدە قانداق كىشىلەر، قايسى ئورونلاردا قانداق دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا قانۇنلۇق بولىدۇ ؟مىنىڭچە مۇناسىۋەتلىك ئورونلار بۇ جەھەتتىكى قانۇن –قائىدە سىياسەتلەرنى بىر ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرسە دىگەن ئۈمىتتە مەن.
(fr=N5 ئۇندىن باشقا بۇ قىتىم قاتناش ھادىسىسىدە يارلانغان تاغامنى يوقلاپ يۇرتقا باردىم.ئۇ كەنىت كومىتىتىدا ئامانلىق خىزمىتىگە ئورونلاشتۇرۇلغان يەنە بىر تاغامنىڭ جىددى ئىشى بولغاچقا ئۇنىڭ ئورنىدا ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى قىلىۋىتىپتۇ.مەن كەنىت كومىتىتىغا ئۇنى يوقلاپ باردىم.دەل شۇ چاغدا يىزىلىق ھۆكىمەتتىن ئامانلىق ساقلاش تەكشۈرۈش خادىملىرى كىلىپ كەتتى. دەرۋازا يىنىدا بىر خەنزۇ يولداش بىر توپ چۈچە بىسىلغان قۇمىلارنىڭ يىنىدا تۇراتتى.شۇ چاغدا سىرتتا بىر دىھقاننىڭ ئۆلەي دەپ قالغان چۈچىلەرنى قاقشاپ ھارۋىغا بىسىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
%W2U$I5 ئاندىن شۇ كەنىتنىڭ گۇرپا ئاكا بىزگىمۇ ئامال يوق، بۇ چۈچىلەرنى بازاردا ئىككى ئۈچ سومغىمۇ ئالمايدۇ ئەمما بۇ يۇقىرنىڭ بۇيرىغى بىزگىمۇ ئىجرا قىلىشتىن باشقا چارە يوق دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. مەن شۇ ئارىدا ھەر بىر نوپوسقا 5 تىن ئونغىچە،بىر ئائىلىگە 20 دىن 30 غىچە چۈچىنىڭ مەجبۇرى 7.5 يۈەندىن سىتىلغانلىقىنى،بۇ چۈچىلەرنىڭ مەلۇم بىر خەنزۇ يولداشنىڭ ئىكەنلىكىنى، ئۆتكەن يىلىمۇ مۇشۇنداق سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدىم.مەن يولدا قايتقۇچە بىچارە قىرى بوۋاي –مومايلار چارىسىز بۇ ئىنجىمارۇق ماڭقا چۈچىلەرنى قاقشاپ زەردە بىلەن ئىلىپ كىتىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ چۈچىلەرنى ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ ئۆيىدىمۇ كۆردۈم،ئۇلار ئاچچىقىدا بۇ چۈچىلەرگە دان بەرمەي ئاچ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغاندەكلا قىلاتتى.
_Gaem"k| مەن تۇرىۋاتقان رايوندا بەزى دىھقانلارنىڭ ئۆيى مەجبۇرى چىقىلىپ،يىزىلىق پارتىكومدىن قىش-كىسەك،سىمونىت دىگەندەك ماتىرىياللار بىرىلىپ باشقا چىقىملارنى شۇ شەخىس ئۆزى چىقىرىپ ئۆينى قايتا قۇرۇش ۋە يىڭىلاش بولدى.ئۆي چىقىش تىز بولغان بىلەن ئۇلارغا بىرىلدىغان قىش ۋە ماتىرىياللارنىڭ يەتكۈزۈلىشى ئاستا بولوش،بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ ماتىرىياللار تەمىنلەنگەن بىلەن ئۇنى ئىشلىتىپ ئۆي سىلىشقا ئىقتىسادى،مادارى يەتمەي چىقىۋىتىلگەن تامغا يالتىراق( سۇلىياۋ) تارتىپ قەھرىتان قىشنى چىقارغىنى،ھازىرغىچە تىمىغا سۇلىياۋ تارتىلغان ئۆيدە ئولتورىۋاتقىنى ئەمەلىي ئاچچىق بىر ئەمەلىيەت.لىكىن رايونىمىزدا ئولتوراقلىشىۋاتقان خەنزۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئامانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئالدى ئىشىكى ئەمەس ئارقا ئىشىكىنىمۇ تۈمۈر ئىشىكتىن قىلىپ بىرىلگەن بۇنداق ئەھۋاللار،بىر رايوندا،بىر ۋاقىتتىلا ئىلىپ بىرىلسا قانداق تەسىر بولار ؟
HRjbGc|[
rnQ_0d يۇقارقىدەك سىسايەت دەرىجىسدە ئىجرا قىلنىۋاتقان بۇنداق ئشلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە خەنجەر ئۇرغانلىقتەك تەسىر بىرەمدۇ قانداق ؟يەنە كىلىپ بۇ ئىشلارنىڭ سىياسەت دىرىجىسىدە ئىجرا قىلنىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
U<q`f- ھەر رايوننىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتنامىلەرنىڭ ئىمزالىنىشى. مۇناسىۋەتلىك سىياسى تەدبىر ۋە قارارلارنى تۈزۈپ ئىجرا قىلىشى يوللوق ئەمما بۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئۇيغۇن بولسا تىخىمۇ توغرا بولىدۇ.
*RVCz|0%w Izj-,a رايونىمىزدا يىللاردىن بۇيان ئىلىپ بىرىلىۋاتقان مۇقۇملۇقنى قوغداش ۋە ئامانلىق ساقلاش خىزمەتۋەتىنىمىز جۇڭگۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش،ۋە بۇنىڭغا كۈچ قۇشۇش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ مەجبۇرىيتى ۋە مەسئۇلىيتىدۇر.تەرەققىياتنىڭ ئاساسى مۇقۇملىقتۇر.مۇقىملىق بولمايدىكەن تەرەققىياتتىن سۆز ئىچىش تەس.مۇقۇملۇق بولمايدىكەن خاتىرجەملىك ۋە باي-باياشات،خۇشال تۇرمۇشتىن، كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن سۆز ئىچىش تىخىمۇ مومكىن ئەمەس.
/DyeMCY- ئۇنداقتا ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگەللەيدىغان دىيارىمىز شىنجاڭ مۇقۇممۇ ؟بىز مۇقۇم ئەمەس دىسەك ھەر ھالدا مۇقۇم.مۇقۇم دەيلى دىسەك يىللاردىن بىرى كۈندىن-كۈنگە تىخىمۇ كۈچىيىۋاتقان ،قىرىدىن ياشقىچە،ئامانلىق ساقلاش ساقچىلىرىدىن –كوماندىر جەڭچىلەرگىچە،ئىشچى خىزمەتچىلەردىن-تىجارەتچى،سودا-سىتىقچى،ھۆنەرۋەن-كاسىپلارغىچە ،دىھقان چارۋىچىلارغا قەدەر قاتنىشىۋاتقان مۇقۇملۇق خىزمىتى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ئەخلەت تاشلانمىغان بىر ئورونغا بۇ ئورونغا ئەخلەت تاشلىماڭ دىگەن تاختاي ئىسىلامدۇ؟بىرەرى ئىشەك باغلىمىغان مومىغا بۇ مومىغا ئىشەك باغلىماڭ دەپ يىزىلامدۇ ؟
TF5jTpGq ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك 2008-يىلى ئولمىپىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئامانلىق خىزمىتى كۈچەيدى،2009-يىلىدىكى 5-ئىيول ۋەقەسىدىن كىيىن ئامانلىق تىخىمۇ كۈچەيدى.ئۇندىن كىيىنكى بىر قانچە يىلدا قانداق بولدى ؟ئامانلىق خىزمىتى يىلدىن-يىلغا،كۈندىن-كۈنگە تىخىمۇ،تىخىمۇ كۈچەيدى.دىمەك كۈچىيىۋاتقان بۇ مۇقۇملىق خىزمىتىدىن مۇقۇمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ تۈگىمەستىن يەنىلا مەۋجۇت دىسەك خاتا بولماس.
&Xh>w(u توغرا،ئامانلىقنى ساقلاش ئىنتايىن زۆرۈر ۋە تەخىرسىز ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە.ئامانلىق ساقلاش،مۇقۇملىقنى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى.بۇنىڭغا ھەممەيلەن چوقوم ئاكتىپ قاتنىشىمىز كىرەك.لىكىن ئەڭ موھىم مەسىلە مۇقۇملىقنى قانداق قوغدايمىز؟ئامانلىقنى قانداق ساقلايمىز؟دىھقانلار ھازىرقىدەك مول-ھوسول يىغىن ۋاقتى ۋە تىرىلغۇنىڭ ئىنتايىن موھىم مەزگىلىدە ئۆز ئىشىلىرىنى تاشلاپ، كەنىت كومىتتىنى ۋە ھەر بىر تۆت كوچا دوقمۇشتا ئۆزىنىڭ تىرىلغۇ، يىغىن ئىشلىرىنى تاشلاپ ،يىلدا بىر بولىدىغان مىۋىلىرىنى باغلاردا سىسىتىپ ئامانلىق ساقلامدۇ ؟ئەرلەرلا ئەمەس ئاياللارمۇ قانداقتۇر بىر تىرورچىلاردىىن ئەنسىرەپ،قانداقتۇر بىر تاساددىيبىلىقتىن ۋەھىمە يەپ، كەنىت كومىتىتى دەرۋازىسى ، ھەر بىر تۆت كوچا دوقمۇشنى نەچچە كىشى قوغداپ،سەرەڭگە قىپىدەك كىچىككىنە بىر بىنانىڭ دەرۋاسىنى شۇ ئوروندا كۈندۈزى خىزمەت قىلىپ،كىچىچە نەچچە كىشى ئۇخلىماي ئامانلىق قوغداش بىلەن ئۆتكىزەمدۇ؟
c2,g%( بۇنىداق مۇقۇملۇق ساقلاش ئامانلىق خىزمىتىنىڭ ئۈنىمى ۋە ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى قانداق بولار ؟بىر ئائىلىلىك دىھقاننىڭ تىرىلغۇ،يىغىن،ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك ئىشلىرىنى،نورمال تۇرمۇشىنى تەسىرگە ئۇچىرتىپ، ئامانلىق خىزمىتىگە قويولسا ئۇلار ۋە جەمىيەتتە قانداق ئىنكاس ۋە تەسىر بولار؟
WQze|b% مەكتەپلەردە ئوقوتقوچىلار كۈندۈزى دەرس ئۆتۈپ،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ،مۈكچىيىپ دەرس پىلان تۈزۈپ،ئەر ئوقوتقوچىلارلا ئەمەس،كىچىچە بىر چاشقاننىڭ شەپىسىدىن قورقوپ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالىدىغان ئايال ئوقوتقوچىلارنىڭ،يولدىشى ۋە ئوماق بالىسىنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويوپ ،كىچىچە پاشىغا يەم بولوپ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى ئىشلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ ؟
Lk@+iHf يىقىندا توردا ئىلان قىلىنغان،خىزمەت سىجىللىقى ۋە ئامانلىق خىزمىتى دەستىدىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن ‹‹خىزمىتىم مەن سىنى قىلدىم ئۈچ تالاق ›› مەزمۇندىكى شىئىر ۋە شىئىرنىڭ مەزمۇنىدىكى مەن خىزمەتتە، يولدىشىم جۇبادا،ئوغلوم ۋاڭبادا،قىزىم دىبادا.يولدىشىم مىنى تالاق قىلىپ بولغىچە مەن سىنى قىلدىم ئۈچ تالاق دىگەن مەزمۇنلار،بۇ ئىشلار نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟ياكى مۇشۇنداق سەۋەپلەردىن پەيدا بولىۋاتقان ئائىلە ئىناقسىزلىق ۋەقەلىرىنى بىز كۆرمەيۋاتامدۇق؟
DR3om;Uk ھازىرقىدەك يىغىن ۋە تىرىلغۇنىڭ ئىنتايىن موھىم كۈنلىرىدە بىر دىھقاننىڭ كۈندۈزى ئىتىزدا ئىشلەپ،كەچتە ھىرىپ-ئىچىپ چارچىغاندا ئۆيىدە چامغور توغراپ ئەتكەن سۇيۇق ئىشىنى ئىچىپ، پۇتىنى ئۇزۇن سوزالمىسا،قىسقىغىنا سۇنۇپ بولسىمۇ ئارام ئىلىشى مۇقۇملىقنى بۇزغانلىق بولارمۇ ؟كۈندۈزى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بىر كادىر يولداشنىڭ، كەچتە ئۆيىگە قايتىپ ئايالى ۋە مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن ئوماق بالىسى بىلەن ئىسسىق بىر قاچا تاماقنى بىللە يىيىشى،كۈندۈزى دەرس پىلان تۈزۈپ،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ،دەرس ئۆتۈپ ھىرىپ چارچىغان بىر ئايال ئوقوتقوچىنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئىسسىق بىر قازان تاماق ئىتىپ،يولدىشى ۋە بالىسىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ ئارام ئىلىشى ئەجىبا خاتامۇ ؟
TbT/ 5W3 قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتىشكە تىگىشلىك بىر ئىش بار.مىنىڭ ئىلگىرىكى مەمۇرى خىزمەت ئورنوم ئاھالە كومىتىت بىناسى بىلەن بىر ئوروندا ئىدى، شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئىدارىدىن 3 كۈندە بىر ئۈچ ئادەمدىن، خىزمەتتىن چۈشۈپ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى ئىشلەيتتوق.
}cGILH% ئاھالە كومىتىتىن ھەر كىچە 30 غا يىقىن ئادەم ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى قىلاتتى.بۇ ئادەملەر شۇ ئاھالە كومىتىتقا قاراشلىق ئاھالىلەر بولوپ،شۇ ئاھالە كومىتىتقا قاراشلىق ھەر ئائىلىدىن بىر ئادەم 4 كۈندە بىر ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە قاتنىشى كىرەك ئىدى.يەنە ھەر ھەپتىنىڭ 1- كۈنى شۇ ئاھالە كومىتىتتىكى كىشىلەر ئاھالە كومىتىتقا يىغىلىپ يىغىن ئاڭلايىتتى.يىغىننىڭ مەزمۇنى يەنە شۇ ئامانلىق توغورلوق.ھەر قىتىملىق يىغىندا يەنە شۇ ئوخشاش گەپ-سۆزلەر تەكرارلىناتتى.بۇ كىشىلەرگە ئىچىلىدىغان يىغىن ۋە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى شۇ تەرىقىدە داۋاملىشاتتى.كىيىن مەن ئۇ ئوروندىن ئايرىلغاچقا كىيىن قانداق بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن.ئەمما بۇ قىتىم يۇرتقا بارغىنىمدا كەنىت كومىتىتىدىكى ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە قاراپ ئىلگىركىدىنمۇ ئىغىر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
3`vKEThY) بىر كەنىت كومىتىتىغا قاراشلىق ئاھالىلەردىن،ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەم نەچچە كۈندە بىر كەنىت كومىتىتىنىڭ دەرۋازىسىدا ئامانلىق ساقلىشى كىرەك.خەلىق ئىشلار ئوروننى مىسالغا ئالساق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان كىشىلەر،قىرى چۆرى بولامدۇ ياكى ئاقساق چولاق بولامدۇ نەچچە كۈندە بىر خەلىق ئىشلار ئىدارىسىدە ئامانلىق ساقلىشى كىرەك.بولمىسا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى،دۆلىتىمىزنىڭ ئىتىبارسىياسىتى شۇ كىشى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىغا قارىتا توختىتىلغاندىن باشقا،شۇ ئورون بىجىرىدىغان شۇ كىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مۇئامىلە توختىتىلارمىش .ھەر بىر ئىدارە ئورگاندا شۇ ئىدارىگە قاراشلىق كىشىلەر،كەسپى خىزمەت ئورونلىرىدا بولسا شۇ ئوروندا خىزمەت قىلىدىغان خادىملار كۈندۈزى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ،چۈشلىكى ۋە ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىنمۇ ئۆيىگە تاماققىمۇ قايىتماي ئامانلىق خىزمىتى قىلىشى كىرەك.بولمىسا ج خ ئىدارىسى، سىياسىي قانۇن كومىتىتى،بىرلىك سەپ،ئوت ۋە بىخەتەلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورونلاردىن كىلىپ قالسا جەرىمانە قويىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىدارىدە شۇ يىللىق خىزمەتتە لايەقەتسىز بولىدۇ دىگەندەك بىر قاتار چارىلەر بىلەن چارە قوللىنىلىدۇ.شۇ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئورونلىرىمۇ ئارلاپ مەلۇم ئوروننى تەكشۈرۈپ،جەرىمانە قويوپ،ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ تۇرغاچقا ئامانلىق خىزمىتىدىن چاتاق چىقمايدۇ.قايسى كۈنىمۇ بىزنىڭ ئىدارىگە ج خ ئىدارىسىن كىلىپ، كىرىپ- چىققانلار تەپسىلى خاتىرلەنمىگەن دەپ تىزىملىنىپ، كۈزەتكۈچ ئاپپاراتلار تەكشۈرۈلۈپ قاراپ چىقىلغاندىن كىيىن قارا تىزىملىككە تىزىملاپ قايتىپ كىتىشتى.
dmv0hof ئۆزۈممۇ بۇ ئامانلىق خىزمىتىگە يۇقاردا ئىيتىلغانغا ئوخشاش، خىزمەتكە چىققان نەچچە يىلدىن بىرى قاتنىشىپ كىلىۋاتىمەن.مەنلا ئەمەس رەھبىرىمىزمۇ ئىككى ئۈچ كۈندە بىر ئامانلىق ساقلاش يىتەكچىلىك دۇجۇرنى خىزمىتى قىلىدىغان بولغاچقا نارازىلىقىمىز نەگە چىقسۇن ؟بۇ سىياسەت قاچانغىچە يولغا قويولىدىكەن ئاكتىپ بويسىنىمەن ھەم بويسىنىشىمىز كىرەك .ئەمما بۇنداق شەكىلدىكى ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى ۋە بۇ سىياسەتنى ھىمايە قىلالمايمەن.بۇ ئامانلىق خىزمىتى مۇشۇنداق داۋام قىلىپ كەلدى،يەنە قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ بۇ نامەلۇم،
9I[:#,zdf بۇ توغورلوق رايونىمىزدىكى ھىچبىر رەھبىرىمىز سۆز قىلمىدى،پەقەت ئامانلىقنى كۈچەيتىش ۋە مۇقۇملىقنى قوغداش داۋاملىق تەكىتلىنىپ خىزمەت ۋە ئامانلىق خىزمىتىمۇ شۇ تەرىقىدە داۋام قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ.مىنىڭچە يۇقىرى دەرىجىك رەھبەرلىرىمىز بۇ توغورلوق تەپسىلىي ئويلىشىپ، قاراپ چىقىپ،تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،بۇ توغورلوق تىخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان سىياسەتنى يولغا قويىشى بىھاجەت ئەمەس دەپ ئويلايمەن.
:E|Jqi\ مىنىڭ بىر يەزنەم يىزىمىزنىڭ مەلۇم خىزمىتىگە مەسئۇل يىزا باشلىقى بولوپ ئىشلەۋاتقىلى خىلى ۋاقىتلار بولدى.داداممۇ پارتىۋىلىك دۆلەت كادىرى،ئىككى ئىنىم ئىچكىرىدە نوقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقويدۇ.ئىنىلىرىم تەتىلدە قايتىپ كەلگەندە ياكى مەن چوڭلارنى يوقلاپ يۇرتقا بارغىنىمدا يەزنەمنىڭ كەنىت كومىتىتىغا بىرىپ ئاۋۋال مەلۇم قىلىشىمىزنى، كىلىش سەۋەبىمىزنى،قانچىلىك،نەدە تۇرىدىغىنىمىزنى،بۇ ۋاقىتتا نىمە ئىشلارنى قىلىدىغىنىمىزنى مەلۇم قىلغان قىلمىغىنىمىزنى ھەر قىتىم سورىشى بەك غىدىقىمنى كەلتۈرىدۇ.ئەمما ناھىمىزنىڭ ج خ ئىدارىسى تارقاتقان ئامانلىقنى ساقلاش،مۇقۇملىقنى قوغداش مەسئۇلىيەتنامىسىنىڭ مەزمۇنىدا سىرتتىن كەلگەن ھەر بىر كىشى چوقوم شۇ يەرلىك مۇناسىۋەتلىك ئورونغا بىرىپ ئۆزىنى يۇقارقىدەك مەلۇم قىلىشى كىرەككەن.تۇرىدىغان ۋاقتى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق بولسا چوقوم ج خ ئورنىغا بىرىپ ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇناھنامىسى بىجىرىشى كىرەككەن.ئەمما مەن كىملىكىمنى 5 يىل 2 ئايدا ئاران بىجىرىپ قولومغا ئالدىم.
k:j_:C&. بۇ مەسئۇلىيەتنامە ئائىلىلەر،سەيپۇڭخانا،ساتراچخانا،ئاشخانا قاتارلىق ھەر خىل، بارلىق تىجارەت سورونلىرىغىچە ئىمزالىنىپ، شۇ تىجارەت سورونى ۋە ئائىلىلەردە تامغا چاپلاقلىق ئىكەن.
ni2 [K` بىر يىزىدىن يەنە بىر يىزىغا ئەمەس،بىر كەنىتتىن يەنە بىر كەنىتكە ئۇرۇق تۇققان ياكى تىجارەت ئۈچۈن كەلگۈچىلەر،ياكى قوشنا كەنىتتىن كىلىپ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە قونماقچى،ئىش-كۈشلىرىگە ياردەم قىلماقچى بولغانلارمۇ چوقوم مۇناسىۋەتلىك ئورونغا ئۆزىنى ئاۋۋال مەلۇم قىلىشى كىرەككەن.
L'`Au/%S} شەھەر-ۋىلايەت،ناھىيە،يىزا ئىچىگە كىرىش-چىقىش ئىغىزى، ھەر بىر تۆت كوچا دوقمۇش ئىغىزلىرىدا،مەركىزى ئورونلاردا ساقچى تۇرغۇزۇلۇپ ئامانلىق ساقلاپ،مۇقۇملۇق قوغداۋاتقاندىن باشقا،ئارلاپ كىملىك تەكشۈرۈدىغان ساقچىلار،ئامانلىق خادىملىرى يوللاردا توختىماي كىچە-كۈندۈز مىڭىپ يۈرىيدۇ.مەكتەپ،ئىدارە ئورگان،كەنىت-كومىتىتلىرىغا قەدەر قارا-قويوق ئامانلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.
CMbID1M3 يىزىلىق ساقچىخانا ئەمەس ھەر بىر كەنىت كومىتىتلىرىغىچە ساقچىخانا تەسسىس قىلنىپ،ساقچى ئورونلاشتۇرۇلۇپ بولونغان،مۇكەممەل ساقچى-ئۇفىستىر.جەڭگىۋار،زامانىۋى،مۇنتىزىم ھەربىي قوشونىغا ئىگە بولغان دۆلىتىمىزنىڭ زىمىنىدا ئامانلىق خىزمىتىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە داۋام قىلىشى مىنىڭچە ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
J!6w9,T_ بۇ بىزنىڭ ۋە جەمىيتىمىزنىڭ،دۆلىتىمىزنىڭ مۇقۇملىقى،ئامانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاتىغان،بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارىغان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان ساقچى ئوفىستىر ئەسكەرلىرىمىزگە،كوماندىر-جەڭچىلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكمۇ ياكى ئۇلارنى يارىماس دەپ قارىغانلىقمۇ بۇنى بىلمەيمەن.
b&4JHyleF مۇقۇملىقنى چوقوم قوغداش كىرەك ،ھەممەيلەن ئامانلىقنى ساقلاش،مۇقۇملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە چوقوم ئاكتىپ قاتنىشىشمىز ۋە بويسىنىشىمىز كىرەك،ئەمما بۇ خىزمەتتە مىنىڭچە تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك.
LH+Bu%s ئۆتكەن يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ‹‹ ۋەتەننى كۈيلەش، قىزىل ناخشا ئوقوش ›› پائالىيتى بىلەن، بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت،قانۇن سىستىمىسى،مائارىپ سىستىمىسى،سەھىيە سىستىمىسى دىگەندەك بارلىق سىستىمىلار بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆز ئىشلىرىمىزنى تاشلاپ قويوپ تەييارلىق قىلدوق. ئىدارىمىزدىن مەن قاتارلىق 20 نەچچە كىشىمۇ ئىشلىرىمىزنى قويوپ‹‹ ۋەتەننى كۈيلەش، قىزىل ناخشا ئوقوش ››پائالىيتىگە تەييارلىق قىلدوق ۋە ئاخىرىدا ھەر قايسى سىستىمىلار ناخشا ئوقوش مۇسابىقىسىگە قاتناشتوق.
n/*" 2 مىنىڭچە بۇنداق قىزىل ناخشا ئوقوش،ۋەتەننى كۈيلەش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى يىزىلىق ۋە ناھىيلىك،شەھەرلىك مەدەنيەت ئۆمىگىدىكى خادىملار خەلىق مەيدانى،مەدەنيەت يۇرتى قاتارلىق ئورونلاردا،ئۇندىن باشقا 100 كۈنلۈك مەيدان پائالىيتى ۋە باشقا ناملار بىلەن بۇنداق پائالىيەتلەر توختىماي ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغاچقا ھەممەيلەننىڭ بۇنداق ئىشلارغا قىستۇرلىۋالماي،ۋەتەننى ئىغىزىمىزدا كۈيلىمەي،ھەممەيلەن ئۆز خىزمىتىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىپ،ھەممەيلەن ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي ئىشلەپ، پارتىيە-ۋە ھۆكىمەتنىڭ ئۇلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى تىكلىشىمىز لازىم.
2-ksr}: ئۇندىن باشقا ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلاردىن تۆۋەنگە موقۇملىقنى قوغداشقا ئادەم ئاجىرتىلدى.بۇنداق بولغاندا ئۇلار قىلىشقا تىگىشلىك خىزمەتنى باشقىلار قىلىپ، باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت سىجىللىقى ئاۋۇپ،نورمال خىزمەتكە تەسىر يىتىدۇ ياكى ئۇلار قىلىشقا تىگىشلىك خىزمەت توختاپ ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.قىلنىشقا تىگىشلىك ئىش قىلىنماي نارازىلىق شەكىللىنىدۇ.
[4YRyx&:++ ھەممەيلەن ئۆز ئىشىمىزنىڭ،ئۆز خىزمىتىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقساق،ئۆز مەسئۇلىيتىمىزنى ياخشى ئادا قىلساق بەزى چوقوم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار قىلىنماي قىلىپ ئامما ئارىسدا نارازىيلىق كەيپىياتى ئاۋۇپ،ئىلگىرى بىر گۇرپا باشلىقى ھەل قىلىدىغان نارازىيلىق ۋە داۋالارنىڭ مەرگەزگىچە كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
-}sMOy` مۇقۇملىقنى ساقلاش،ئامانلىقنى قوغداش خىزمىتى يەرلىكتىكى بەزى ساپاسىز،چىرك ئەمەلدارلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىشچى-خىزمەتچى،دىھقان-چارۋىچى،تىجارەتچى-كاسىپلارغا ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىق كىبىرىنى كۆرسىتىدىغان،كۆزىگە سىغمىغان كىشىگە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىدىغان،مۇقۇملىق خىزمىتىگە تاقاپ تۇرۇپ ئۇلارنى چىقىۋىلىشنىڭ ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ.
o+{i26% مىنىڭچە ئامانلىق خىزمىتىگە،ئامانلىق ساقلاش خادىمى يوق ئورونلارغا ئامانلىق خادىملىرى سەپلىنىپ، ھەممەيلەن ئۆز ئىشنىڭ ھۆددىسىن ياخشى چىقىشى كىرەك .نورمال خىزمەت ۋە خىزمەت ئۈنىمى ،نورمال تۇرمۇشنى بۇزۇش مىنىڭچە دەل مۇقۇملىقنى بۇزۇشتۇر.
KQ6][2- خەلىقنىڭ كىشىلىك ھوقوقى،دىنىي ئىتقاد ئەركىنلىگى، نورمال خىزمەت ،نورمال تۇرمۇشى دەخلى تەرزگە ئۇچىرتىدىغان،بەزى يەرلىك سىياسەت،قائىدە-تەرتىپلەرگە ئامما ئارىسىدىكى نارازىلىق كەيپىياتى ئىغىر بولغان ئەھۋالدا،پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىنى سىياسىي تەشۋىقات بىلەن قوغداش ئەكىسچە ئۈنۈم بىرىشى مومكىن.
|x&4vHXR0 dxZn| Y مەن بۇ يازمىنى يىزىش يازماسلىق توغورلوق كۆپ ئويلاندىم.ئاخىر ئۆز ۋەتىنىمگە بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت.ۋەتىنىمگە بولغان سۆيگۈ كۈچى،ئاساسىي قانۇنىمىزنىڭ پۇخرالارنىڭ سىياسى مەجبۇرىيەتلىرى دىگەن باپنىڭ مەزمۇنىدىكى ‹‹ پۇخرالار دۆلەت مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھادىسىلەر بىلەن كۆرەش قىلىش لازىم ›› دىگەن مەزمۇنلار بۇ يازمىنى يىزىشقا مىنى مەجبۇر قىلدى.