جۇڭگو ئۇيغۇر تىبەت تورلىرىدىكى جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلماقچى (2)
جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلار
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تور بەتلىرى جۇڭگو ئىچىدە گۈللەپ ياشنىشى بىلەن بىرگە، چېگرا سىېرتىدىكى تور بەتلەرنىڭ سانىمۇ كۆرىنەرلىك ئاشتى. 2008-يىلى تىبەتتە 14-مارت ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، ئۆتكەن نەچچە يىلدا، «تىبەت مۇستەقىللىقى» نى تەرغىپ قىلىدىغان كۆپلىگەن تور بەتلەر بارلىققا كەلگەن، «تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئېنتىرنېتنى تىبەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىشقا جەلپ قىلىشتىكى كۈچلۈك قورال قىلغان».
بىر يىلدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېنتىرنېتنىڭ رولىغا قايتا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، بەزى ئۇيغۇرچە تور بەتلەر گۇاڭدوڭ شاۋگۈەن شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى «26-ئىيۇن» ۋەقەسىنى كۆپلەپ ئېلان قىلىپ، مۇنبەرلەردە قۇتراتقۇلۇق قىلغان، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچكىچە قەدەر، بىر قىسىم ئامما QQ توپلىرى، ئۇيغۇرچە مۇنبەر ۋە شەخسىي بوشلۇقلىرىدا يازما يوللاپ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ چەتئەللەردە تەشكىللىگەن نامايىشلىرىغا ماسلاشقان. جۇڭگولۇق ئىلىم ئەھلىلىرى ماقالىلىردا:«5-ئىيۇل ۋەقەسى بىزنى ئۇيغۇر توربەتلىرى جامائەت پىكىرى كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم كۆزنەك بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى»، «نۆۋەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مۇنبەرلەر چېگرا سىرتىدىكى ئۇچۇرلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، بەلگىلىك دائىرىدە يامان تەسىر پەيدا قىلماقتا. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەۋەر ئۇچۇرلار، بولۇپمۇ سىياسىي خاراكتېرلىك ئۇچۇرلاردىكى تەشۋىقاتلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك ئاپەتلىرى مەۋجۇت» دەپ يېزىشقان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپلىگەن مىللەتلەر ئۆزىنىڭ يېزىقىنى ئىشلىتىپ، ئېنتىرنېت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەيپىياتى، پوزىتسىيىسى، پىكىرى ۋە تەلىپىنى ئىپادە قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئېنتىرنېت جامائەت پىكىرىنى شەكىللەندۈردى. نۇرغۇن تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە بازار گەۋدىلىرى خېرىدارلارغا بۇ خىل ئېنتىرنېت جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىدىغان مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى: جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەۋەر، مۇنبەر، بلوگ، چاپلىما قاتارلىق ھەر خىل تور ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، تۈرگە ئايرىش، بىرىكتۈرۈش، تاسقاش ئېلىپ بېرىشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، بەلگىلەنگەن ھالقىلىق سۆزلەرنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق، ئېنتىرنېت جامائەت پىكىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، ئېنتىرنېت جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىشنى ئاساس قىلغان تاكتىكىلىق پايدىلىنىش ماتىرىيالى ۋە خەۋپ-خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تەمىنلەيدۇ.
ئەمما ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئېنتىرنېتتىكى ئۇيغۇر، تىبەت يېزىقىدىكى جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچى بىلەن نازارەت قىلىش شەكلىدە تۇرماقتا، خەلق تورى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر، قازاق، كورىئان قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى جامائەت پىكىرى دوكلاتىنى تەمىنلىيەلەيدۇ، ئەمما ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئىزدەپ تەھلىل قىلىدۇ، خەنزۇ يېزىقىدىكى جامائەت پىكىرى دوكلاتىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىلمىي تەھلىل قىلىش قورالى كەمچىل.
بىر قىسىم سودا ئورگانلىرى، مەسىلەن گۇنى (谷尼) خەلقئارا يۇمشاق دېتال شىركىتىمۇ «گۇنى ئېنتىرنېت جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى (كۆپ تىللىق نۇسخىسى)» نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، سىلاۋىيانچە، لاتىنچە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىشقا مۇلازىمەت قىلالايدۇ. جوڭكې پەن-تېخنىكا شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان «ھەربىي ئاپشاركا جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى» مۇ «تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل، يىزۇ، كورىئان قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى جامائەت پىكىرى ئۇچۇرلىرىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلالايدۇ» غانلىقىنى ئېيتتى.
بېيجىڭ گۇنى خەلقئارا يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى زوۋ خوڭچىياڭ (邹鸿强) مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش ئېھتىياجى «14-مارت ۋەقەسى» ۋە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دەن كېيىن كۆرىنەرلىك ئاشقان، خېرىدارلارنىڭ تەشۋىقات بۆلىمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرى بار.
ئەمما، گۇنى خەلقئارا يۇمشاق دېتال شىركىتى تەمىنلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىنى نازارەت قىلىش مۇلازىمىتى نۆۋەتتە پەقەت يۆلىنىشلىك توپلاش ۋە پۈتكۈل تور بويىچە ئىزدەشدىن ئىبارەت ئىككى خىل نازارەت شەكلىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، خەنزۇ يېزىقىدىكى جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىشتىكى مەزمۇن كەيپىياتىنى تەھلىل قىلىش، ئاساسلىق سۆزلەرنىڭ ئاپتوماتىك ئېلىش، پۈتكۈل مەزمۇننى تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز، ئاساسلىق سەۋەبى «ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ئالاقىدار سۆزلۈك ئامبىرى ۋە بىلىم ئامبىرى يوق». بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئالاقىدار ئىلىم ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي تەتقىقات نەتىجىسىنى تەمىن ئېتىشكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
o/[yA3^
سەزگۈر ئۇچۇرلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش
جۇڭگونىڭ نۆۋەتتە قانات يايدۇرغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ئورگانلىرى كۆپ ئەمەس، ئاساسلىقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى، تىبەت ئۇنۋېرسىتىتى، ئىچكى موڭغۇل ئۇنۋېرسىتىتى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى، چىڭخەي پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ۋە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېنتىرنېت جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قوللىنىشقا بولغان ئېھتىياجنىڭ بارغانسىېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو يېقىنقى يىللاردا بۇ جەھەتكە بولغان تەتقىقات سېلىنمىسىنى كۆرۈنەرلىك زورايتتى.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى ئۈستىگە ئالغان «ئۇيغۇر، تىبەت يېزىقىدىكى ئېنتىرنېت سەزگۈر ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك بايقاش ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش تېخنىكىسى تەتقىقاتى» تېمىسى دۆلەت خەلق كومىتېتىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشتى؛ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى جۇڭگو مىللەتلەر ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات ئورگىنىمۇ ئالاقىدار تەتقىقاتنى باشلىدى، ئۇلار تەتقى قىلىۋاتقان «تىبەت يېزىقىنى ئاساس قىلغان ئېنتىرنېت جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى تەتقىقاتى» دۆلەتنىڭ 863 تۈرى «كۆپ تىللىك ئاساسىي مەنبە ئامبىرى تەتقىقاتى ۋە ھەمبەھىرلىنىش» نىڭ فوند مەبلىغى ياردىمىگە ئېرىشتى.
جاۋ شىياۋبىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە،«تىبەت يېزىقى ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خەنزۇ،ئېنگىلىز يېزىقىنى سېلىشتۇرغاندا بەلگىلىك دەرىجىدە قالاق بولۇپ، كود شەكلى بىردەك بولماسلىق، تىبەت يېزىقى تارماق سۆزلۈك تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، بۇ ئەھۋال سەزگۈر سۆزلۈكلەرنى نازارەت قىلىش ھەمدە تېمىلارنى بايقاش ۋە ئىز قوغلاشتا چوڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇردى، جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سۈپىتىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى» دېگەن.
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى ئۇچۇر قۇلۇرۇش ئىنىستۇتىنىڭ مۇئاۋىن پراففىسسورى يەن شىياۋدوڭ (闫晓东) «ئۇيغۇر، تىبەت يېزىقىدىكى ئېنتىرنېت سەزگۈر ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك بايقاش ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش تېخنىكىسى تەتقىقاتى» تېمىسىنىڭ مەسئولى. ئۇ مۇخبرىغا دېيىشىچە، بۇ تۈر 2013-يىلى ئاخىرلىشىدىكەن، تۈرنىڭ مەقسىتى ھەر خىل سەزگۈر ئۇچۇرلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، «نۆۋەتتە سەزگۈر سۆزلەرنى ئاپتوماتىك بايقاش ۋە ئىز قوغلاشقا بولىدۇ» دېدى.
جاۋ شىياۋبىڭ تولۇقلاپ دېيىشىچە، ئەگەر پەقەت ھەل قىلغۇچ سۆزلەرنىڭ ماسلىشىش شەكلىگە تايىنىپ تور بەتنى باشقۇرۇش، سەزگۈر سۆزلەرنى سۈزۈشكە تايىنىدىغان بولسا، ناھايىتى ئاسانلا خاتا ھۆكۈم پەيدا بولۇپ، سەلبىي تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. «ئاز سانلىق مىلەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ مەنىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، نۇرغۇن مەنىداش سۆزلۈكلىرى بار، بىر ئاتالمىش سەزگۈر سۆزنى بىر جۈملە ئىچىگە قويغاندا ئىپادىلىگەن مەنە سەزگۈر بولىشى ناتايىن، ئوخشاشلا سەزگۈر بولمىغان بىر سۆز ئارقىلىق سەزگۈر مەنىنى ئىپادە قىلغىلى بولىشى مۇمكىن. تىلنىڭ كۆپ مەنىلىك ۋە مۇرەككەپلىكى بىزنىڭ تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرىمىنىڭ تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولىشىنى، سۆزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىسىدىن سەزگۈر ياكى ئەمەسلىكىنى ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاددىي ھالدا بىر يۈزەكى سۆزنى تۇتۇۋالساقلا بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمىزدىن باشقۇرۇشنى ئاددىيلاشتۇرماسلىقنى، چوقۇم ئادىمىيلەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇ» دېدى.
غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى تەتقىق قىلغان جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش ىسىستېمىسى نۆۋەتتە «تىبەت يېزىقىدىكى تور بەتلەرنىڭ "سەزگۈرلۈك نۇقتىسى" نى نازارەت قىلىش ھەمدە "قىزىق نۇقتىسى" دىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئالدىن سىگنال بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تىبەت يېزىقىدىكى تور بەتلەرنىڭ جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىشنى قىيىن مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى، ھۆكۈمەتنىڭ تىبەت رايونلىرىدىكى جامائەت پىكىرى ئەھۋالىنى ھەمدە ئېنتىرنېت مەدەنىيىتى بىخەتەرلىكىنى ئىگەللەشتە تۆھپە قوشتى» دېيىلگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىگە ئاساسلانغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىمۇ بىر يۈرۈش تىبەت يېزىقىدىكى جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان، مەقسىتى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تىبەت يېزىقىدىكى جامائەت پىكىرىنى ئىگەللەش بولۇپ، مەنبەدىن چېگرا سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ ئەڭ يېڭى ھەرىكىتىنى چۈشىنىپ، چېگرا ئىچىگە بولغان تەسىرىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ ئاكىتىپلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى. بۇ يۇمشاق دېتال نۆۋەتتە جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا سىناق قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە.
ھازىرقى باسقۇچتىكى تېخنىكا پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى تور بەتلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا باشقۇرۇش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە، ئابونتلار ئىجاد قىلغان مەزمۇندىكى بلوگ ۋە مىكرو بلوگ مۇلازىمىتىغا ئاسانلىقچە قول تىقمايدۇ. بۇ خىلدىكى مۇلازىمەتنى ئاچقان تەغدىردىمۇ، ھەممىسى ئالدى بىلەن تەستىقلاپ ئاندىم ئېلان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان مەزمۇن خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ.
تەڭرىتاغ تورى نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مىكرو بلوگ ئاچقان بىردىنبىر تور بەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشقۇرۇشىدا. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مىكرو بلوگ 2012-يىلى 3-ئايدا ئېچىلغاندىن بۇيان، تىزىملاتقان ئابونت 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ھەر كۈنى ئېلان قىلىنغان مىكرو بلوگ سانى 5000 مىڭ پارچىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، 3 نەپەر باشقۇرغۇچىنىڭ 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ تەستىقلىشىغا تايىنىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر باشقۇرغۇچى كۈنىگە 1500 نەچچە پارچە مىكرو بلوگنى تەستىقلايدۇ. ئەزا سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تەڭرىتاغ تورى پەقەت باشقۇرغۇچىلارنى كۆپەيتىش ئامالى ئارقىلىق مەزمۇن تەستىقلاپ، تور بېكەتنىڭ بىخەتەر ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ. (تامام)
مەنبە: ئاپتورلىرى «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» ژورنىلىدىن لى گۇاڭ، جوڭ ياچيوڭ، نەپرەت تەرجىمەقىلدى،
پايدىلانغان ماتىرىياللار: جياڭ تاۋ، يۈ خوڭجىنىڭ «تىبەت يېزىقىدىكى تور بەتلەرنى ئاساس قىلغان جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى تەتقىقاتى»، ئازات ئىبراھىمنىڭ «ئۇيغۇر تور بەتلىرى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەرلىرى
LOG*K;v3 hA1hE?c` مەنبە : ئوكيان تورى
SR8Kzk{ b0=AQ/: