باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1736 
  •    ئىنكاس 
       21 

ئۇيغۇرلاردا مەزھەپ يوق

قەۋەت ئاتلاش
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   390 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1903 (قېتم)
 تۆھپە:   1852  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 15271
 سائەت
دەرىجىسى:
15271 سائەت 119 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-27

?G>#'T[  
Q|W!m0XO  
ئۇيغۇرلاردا مەزھەپ يوق
y:zo/#34  
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە قانداقتۇر «شىئە» ، «سۈننىي» دىگەندەك پاراڭلار باش كۆتىرىپ قالدى. PX1Scvi  
    گەرچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغىنىغا 1000يىل ئۆپ -چۆرىسىدە بولغان بولسىمۇ ، تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق مەزھەپنى ئىتىراپ قىلغان ئەمەس، بوندىن كېيىنمۇ مەڭگۈ شۇنداق قىلغۇسى! 6@ HY+RCx  
    ئۇنداقتا ، ئەسلى بىزدە بولمىغان بۇ بىدئەت ھازىر نېمىشقا بۇنداق ئېغىزغا چىقىپ قالدى ؟ موسۇلمان بولغان ھەممىلا ئادەم چوقۇم بىرەر مەزھەپكەكىرىشى شەرتمۇ؟ مەزھەپكەكىرمىگەن ئادەم موسۇلمان ھېساپلانمامدۇ؟ >MIp r  
     بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «شىئە» ، «سۈننىي» دېگەن نېمە ؟ دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. #2!M+S  
    ئىسلام دىنى «بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەلچىسى»، مۇقەددەس قۇرئانى كەرىم ئاللاھ ئىنسانلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن ئەڭ ئاخىرىقى بىردىن- بىر مۇقەددەس كىتاپ» دېگەن ئاساستا تارالغان ، ئۇيغۇرلار مۇشۇ « بىر ئاللاھ، بىر پەيغەمبەر ، بىر دىن»، بىر مىللەت ئاساسىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. (u>:G6K  
    ئەسلى ئىسلام دىنى تارقالغاندا ، ھېچقانداق « شىئە» ، «سۈننىي» دېگەندەك مەزھەپلەر يوق ئىدى . OQh36BM  
    ئىسلام دىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئەرەپ دۇنياسىدا مەيدانغا كېلىپ ، ئاندىن پەيدىن- پەي دۇنياغا جۈملىدىن پارسلارغا تارقالغان . پارسلار ئىران ئىگىزلىكىنى مەركەز قىلىپ ياشاپ كەلگەن قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئەرەپلەردىن قالسىلا 2- چوڭ مىللەت ھېساپلىناتتى . ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، پارس ھۆكۈمرانلىرى ئەرەپلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا قايىل بولماي ، ئەرەپلەر بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ، ھوقۇق تالىشىش مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ، بىر سىياسىي دەسمايىگە ئېرىشىشكە ئھتىياجلىق بولدى . چۈنكى ، ئەرەپلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، پارسلارئۇنى« تارتىۋالىمەن » دەپلا تارتىۋالالمايتتى . بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدا باشقىلارنى قايىل قىلغىدەك كۈچلۈك بىر ئىدىيىۋىي ئاساس ۋە نەزەرىيە بولۇشى لازىم ئىدى . شۇندىلا پارسلار ئىسلام دۇنياسىدا پۇت تىرەپ تۇرغىدەك دەسمايىگە ئېرىشىپ ، ئەرەپلەر بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ، ھوقۇق تالىشىش مەقسىتىگە يېتەلەيتتى . شۇ ۋەجىدىن ئۇلار مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپنىڭ ئوغلى ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى ھەزرىتى ئەلىنىڭ نامىنى بايراق قىلىپ تىكلەپ ، بۇ بايراق ئاستىدا ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلىش ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ، يېڭىلاشنى باھانە قىلىپ ، ئەرەپلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا ئېرىشىمەكچى بولدى ھەمدە ھىجىرىيىنىڭ 61- يىلى مۇھەررەم( 1 - ئاي ) نىڭ 10 - كۈنى (مىلادى 680 -يىلى 10 -ئاينىڭ 10 - كۈنى ) ئۆزلىرىنى « شىئە » (ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلغۇچى- ئىسلاھاتچى ، تەرەققىي قىلدۇرغۇچى ، يېڭىلىغۇچى دېگەن مەنىدە ) لەر دەپ جاكارلىدى. C"IP1N  
    «شىئە»لەر ئىماملارنى زىيادە ئولۇغلايدۇ ۋە « ئىماملارمۇ مۇھەممەت ئەلەيھىسالامغا ئوخشاشلا خەلىپىدۇر ھەمدە ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇللىللاھنىڭ ئىز باسارىدۇر ، ئىماملارنى ئولۇغلىغانلىق ۋە قوغدىغانلىق رەسۇللىللاھنى ئولۇغلىغانلىق ۋە قوغدىغانلىقتۇر »، دەپ قارايدۇ . « شىئە»لەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم «ئەھبار» ناملىق ھەدىسىلەر توپلىمى بولۇپ ، «ئەھبار» نىڭ مەزمۇنى قۇرئانى كەرىم  ھەدىسىلىرىدەك توپلانغان بولماي بەلكى ئىلھام ئارقىلىق ئىماملىرىمىزغا بىلدۇرۈلگەن ، دەپ ئىشىنىدۇ . «شىئە»لەر ئىماملارنىڭ قەبرىلىرىنى تاۋاب قىلىشنى «پەرز» دەپ بىلىدۇ ھەمدە كەربالادىكى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرىسى ۋە نەجىفتىكى ئىمام ھۆسەيىننىڭ قەبرىسىنى تاۋاب قىلىش بىلەن بىرگە ئىراندىكى مەشھەد ۋە قۇمنى مۇقەددەس جاي قاتارىدا ئولۇغلايدۇ . «شىئە»لەردە ئىماملار مەسىلىسىدە ئۆز-ئارا ئىختىلاپ بولغاچقا ، يەنە ئۆز ئىچىدىن 12 ئىمام مەزھىپى ، 7 ئىمام(ئىسمائىلىيە ) مەزھىپى، 5 ئىمام ( زەئىدىيە ) مەزھىپى ، ئەلەۋىيي ( ئۇسەيرىيە )مەزھىپى ، دېروزى مەزھىپى ... قاتارلىق نۇرغۇن مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن . 5W!E.fz*T  
    پارىسلارنىڭ ھەزرىتى ئەلىنى مۇھەممەد پەيغەمبەر بىلەن بىر دەرىجىگە قويۇپ ، ئەرەپلەر بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ، ھوقۇق تالىشىشقا ئورۇنغانلىغىغا غەزەپلەنگەن بىر قىسىم ئەرەپلەر يەنى« سۇننىي» (ئەسلى ئىسلام دىنىنى ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ مۇقەددەس نوپوزىنى قوغدىغۇچى ساداقەتمەنلەر ، دېگەن مەنىدە) لەر ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ، « شىئە » لەر بىلەن تىركىشىشكە ئاتلاندى . NwG&uc+Q  
    «سۇننىي» لەرمۇ ئۆز ئىچىدىن يەنە ھەنەفىي مەزھىپى ، مالىكىي مەزھىپى، شافىئىي مەزھىپى ، ھەنبەلى مەزھىپى ۋە ۋەھابىي مەزھىپى قاتارلىق مەزھەپلەرگە ئايرىلغان . #1zWzt|DW  
    شۇندىن باشلاپ ، ئىسلام دۇنياسىدا ئىككى چوڭ مەزھەپ مەيدانغا كەلدى. ئىسلام دۇنياسىىدا بۇ ئىككى مىللەتتىن باشقىلاردا گەرچە پارچە – پۇرات يەرلىك مەزھەپلەر ۋە گوروھلار بولسىمۇ ئۇلارنىڭ زىددىيىتى « شىئە » ، « سۈننىي » لەردەك گەۋدىلىك ئەمەس . ئەرەپلەرنىڭمۇ ھەممىسىلا « سۈننىي » مەزھىپىنىڭ مۇرىتى ئەمەس. ):+H`Hcm  
      «سۈننىي» لەر ئاساسەن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا قىسىم رايونلارغا ، تىكرىت قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن . باشقا بىر قىسىم ئەرەپ دۆلەتلىرىدىمۇ « سۈننىي» لەر بار. b}$m!c:<8  
    «شىئە» لەر ئاساسەن ئىراننى مەركەز قىلغان ھەمدە ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمى ، ئافغانىستان ، پاكىستان قاتارلىق جايلاردىمۇ «شىئە» مەزھىپىنى قوبۇل قىلغانلار بار . _V{WXsOx(  
    بۇ ئىككى چوڭ مەزھەپ مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئەرەپ-پارىسلار ئارىسىدىكى ھوقۇق تالىشىىش كۆرىشى تەرەققىي قىلىپ ، 2 مەزھەپ ئارىسىدىكى زىددىيەت ئوت بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مەزھەپ كۆرىشىگە ئايلاندى . بۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى مەزھەپكە ئارىلىشىپ قالغان خەلق مەڭگۈلۈك تىنچىماس ، ئاخىرى چىقماس بالايى - ئاپەت قاينىمىغا كىرىپ قالدى . نۆۋەتتە بۇ مەزھەپ كۆرىشى رەھىمسىز قانلىق قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ ، سانسىز دىنىي ئۆلىمالار ، بىگۇناھ خەلق بۇ مەزھەپ كۆرىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى . بۇنداق ناھەق قان تۈكۈش ئادەتتىكى قىرغىنچىلىق - قەستلەپ ئۆلتۈرۈشلەردىن ھالقىپ ، « ئاللاھنىڭ مۇقەددەس ئۆيى » ھېسابلىنىدىغان مەسچىتلەر ھەتتا مەككە مۇھەررەمنىڭ ئىچىمۇ بۇنداق ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقتىن مۇستەسىنا بولالمىدى . ئۇلارنىڭ دەستىدىن مۇسۇلمانلار جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئاللاھ يۇلىدا تائەت- ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس دىنىي پائالىيەت سورۇنى بولغان مەسچىتلەر دوزاخ كەبىي قىرغىنچىلىق سورۇنىغا ئايلىنىپ كەتتى . مەسىلەن : تارىختىكى «رامىزاننىڭ 17سى» ، مىسىر زوڭتۇڭى ساداتنى قەستلەش ۋەقەلىرى، كۆز ئالدىمىزدىكى ئىراق ، ئافغانىستان ، پاكىستان ... قاتارلىق جايلاردا كۈندە دىگىدەك يۈز بېرىۋاتقان پارتىلىتىش ، قىرغىنچىلىقلار ، كاللا كېسىش...لەر بۇنىڭ پۇلاتتەك پاكىتلىرى. ;8g#"p*&  
     بەزى ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئىشلارنى ئامېرىكا ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ ، ئىراقنى بېسىۋالغاچقا پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئامېرىكا ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا بۇنداق مەزھەپ كۆرىشى ۋە قىرغىنچىلىقلار مەۋجۈت ئىدى . ئامېرىكا پۈتۈنلەي چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بۇنداق مەزھەپ كۆرىشى ۋە قىرغىنچىلىقلار تۇختاپ قېلىشى ناتايىن. مەسىلەن : ئىراقنىڭ سابىق زوڭتۇڭى ، «سۈننىي» مەزھىپىنىڭ داھىيسى سادام ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ، «شىئە» مەزھىپىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ئىرانغا 9 يىلغا سوزۇلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ ، نەچچە مىليون موسۇلماننىڭ جېنىغا زامېن بولغان . يەنە ھەتتا ئۆز قېرىندىشى بولغان كۈۋەيتكە تاجاۋۇز قىلىپ ، ئۆز دۆلىتىنىڭ خەلقى - پۇقراسى بولغان نەچچە 10 مىڭ «شىئە» ئاممىسىنى ۋە كوردلارنى ۋەھشىيانە قىرىپ تاشلىغان . يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، « سادامنىڭ قولىدا ئۆلگەن مۇسۇلمانلار ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدا ئۆلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ » دېسەك ھەرگىزمۇ خاتالاشمايمىز. يەنە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامېرىكا ئىراقتىن پۈتۈنلەي چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ، ئىراقتىكى مەزھەپ كۆرىشى ۋە قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا ، بۇ ئىككى مەزھەپ ۋە بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ كۆرىشى مەۋجۈتلا بولىدىكەن بۇنداق قىرغىنچىلىقلار ھەرگىز بەلكى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ . ?V[yw=sl04  
    بۇ ئىككى مەزھەپ دۇنياغا كىلىپ ، ئىككى مەزھەپنىڭ كۆرىشى باشلانغاندىن كۈنىدىن باشلاپ ئىسلام دىنىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىغا تەسىر يىتىپلا قالماي بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئەقىدىلىرىمۇ ئىنكار قىلىنىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى . مەسىلەن ، ئاللاھنىڭ ، پەيغەمبەرنىڭ بىرلىكى ، قۇرئاندا قەيت قىلىنغان ئىككى موسۇلماننىڭ ئۆز-ئارا بىر - بىرىنىڭ قېنىنى تۈكۈشى مەكروھ ، مۇقەددەس سورۇن مەسچىتتە قان تۆكۈش مەكروھ....دېگەندەك تۈپ ئىسلام ئەقىدىلىرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىپ ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىغا ئېغىر تەسىر يەتتى. ^B& Z  
       ئومۇمەن ، ئەرەپلەر بىلەن پارىسلارنىڭ ھوقۇق تالىشىىش كۆرىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ ئىككى مەزھەپ دۇنياغا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي بەلكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىناقلىغى ، بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىغىنى بۇزۇپ، ئىسلام دۇنياسىنى پارچىلاش رولىنى ئويناپ، ئىسلام دۇنياسىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدىغان يۇشۇرۇن ئاپەتكە ئايلىنىپ ، ئىسلام دىنى بىلەن مۇتلەق ئالاقىسى يوق سېپى ئۆزىدىن بىدئەت - سەپسەتە ئىكەنلىگىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ ، دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان قارا نىيەتلەرنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ھەق – ناھەقنى پەرق ئىتەلمىگەن ئىسلام دۇنياسىدىكى بەزى مۇسۇلمانلار ھېلىھەم بۇ مەزھەپلەرگە بەيئەت قىلىپ بىدئەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە داۋاملىق ئۇچراپ ، قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. =WEfo;  
     بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئەينى چاغدىلا باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ئەقىللىق بولغاچقا، ئىسلام دىنىنىڭ « بىر ئاللاھ ، بىر پەيغەمبەر ، بىر دىن ، بىر كىتاب » ئەسلى ئەقىدىسىنى « بىر مىللەت » كۆز قارىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ئىسلام دىنىنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلغان . گەرچە «شىئە» ، «سۈننىي» دېگەنلەردىن نەچچە 100يىل ئىلگىرىلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ خەۋىرى بولسىمۇ ، ئۇنىڭ بىدئەت ۋە ئاپەت ئىكەنلىگىنى ئاللىقاچان چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەچكە ، «سۆرەپ» كەلمىگەن ۋە مىللەت ئىچىدە تارقىلىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالغان . يەنە دىننىڭ ، مىللەتنىڭ پارچىلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، سىرتتىن كېلىدىغان بىدئەتلەردىن ئۆنۈملۈك ساقلىنىپلا قالماي بەلكى ئۆز ئىچىدىمۇ بۆلگۈنچىلىك ۋە مەزھەپ پەيدا بولۇشىدىنمۇ قاتتىق ئىھتىيات قىلغان ۋە ھېچقانداق مەزھەپنى قوبۇل قىلمىغان ، ھەتتا قاتتىق توسقان . مەسىلەن: ئاپپاق غۇجىنىڭ 3- خوتۇنى مۈھتىرەم خانىم (بەزىلەر «جاللات خېنىم» دەپمۇ ئاتىشىدۇ) غۇجىلارنىڭ مەزھەپچىلىك قىلىپ ، ھاكىمىيەتنى، مىللەتنى پارچىلاپ ، خەلققە زولۇم سېلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، ھەتتا ئۆز ئېرىنىڭ ( ئاپپاق غۇجا ھايات چېغىدا «ئاق تاغلىق» غۇجىلارنىڭ باشچىسى ئىدى) يۈزىنىمۇ ئاياپ ئولتۇرماي ، مەيلى «ئاق تاغلىق» ياكى «قارا تاغلىق» بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممە غۇجىلارنى قاتتىق باستۇرۇپ ، تازىلىغان ئىدى . گەرچە ئاخىرىدا غۇجىلار تۇپىلاڭ كۆتىرىپ ، ئوردىغا بېسىپ كىرىپ ئۇنى قەتلە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ ، غۇجىلار ئۇنىڭ قاتتىق زەربىسىدە ئاللىقاچان ھالاكەتكە مەھكۈم بولۇپ ، ئۇلارنىڭ مىللەتنى ، دىننى پارچىلاش سۈيىقەستى توسۇپ قېلىندى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئەجەللىك ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قېلىندى . ئەگەر ئەجدادلىرىمىز «ئاق تاغلىق» ، « قارا تاغلىق » غۇجىلارنى نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا بۈشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرىۋەتمىگەن بولسا ھازىرغىچە بەلكىم «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەتنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى قۇرۇق نامىمۇ قالمىغان بولاتتى! H[,.nH_>+  
      «ئاق تاغلىق» ، «قارا تاغلىق» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى ۋارىئانتى «ئاق تەقىيلىق» ، «قارا تەقىيلىق» بولۇپ ، ئۇ باش كىيىم «بۆك»نى يەنى ئىككى مەزھەپتىكى غۇجا، سۇپى – ئىشانلارنىڭ بىر- بىرىنى پەرقلەندۈرۈرۈش ئۈچۈن ، بىرىنىڭ بېشىغا ئاق تەقىي (بۆك) ، يەنە بىرىنىڭ قارا تەقىي (بۆك) كىيىدىغانلىغىنى بىلدۇرىدۇ . بۇ سۆزلەر كېيىنچە ئۆزگىرىپ «ئاق تاغلىق» ، «قارا تاغلىق» بولۇپ قالغان. z7PPwTBa  
      بۇندىن 70 يىل مۇقەددەم، تۇرپانلىق بىر زات ھەج قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،جامائەت ئۇنىڭدىن ھەج تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى سورىغاندا ، ئۇ كىشى سۆزلەپ كىلىپ ، ئاخىرىدا : « ئەرەپ دېگەن مەزھەپخۇمار خەق ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۇنيادا ئىككى ئەرەپ ئېشىپ قالسا ، ئاخىرىدا «سەن شىئە» ، «مەن سۈننىي» دېيىشىپ ، بىر -بىرىنىڭ قارنىنى يېرىپ ئۆلۈپ تۆگىشىشتىن يانمىغۇدەك»، دەپ مەزھەپچىلىكنى قاتتىق سۆككەنىكەن. بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەزەلدىن مەزھەپچىلىكنى ياقتۇرمايدىغان ، ئۇنىڭدەىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. $LRFG(  
    يەنە ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئەنگىلىيە ، شىۋىتسىيە مىسسىيونېر ( خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچى ) لىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە دىن تارقىتىشىغا ، خىرىستيان مۇرتلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نەق مۇشۇ سەۋەبتىن مەيدانغا كەلگەن. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلۈنۈپ – پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئىدى . بۇ ئىش كۆرۈنۈشتە دىنى تۈس ئالغان بولسىمۇ ، ماھيىتى مىللەتنىڭ پارچىلنىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇپ ، بىرلىكىنى قوغداش ئىدى . "-xC59,  
    ئەجدادلىرىمىز نەچچە 100يىل ئىلگىرىلا ھەر قانداق بىر مەزھەپنىڭ دىننىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل مىللەتنى پارچىلاپ ، مىللەتكە چەكسىز ئازاب- ئوقۇبەت ئېلىپ كىلىپ ، ھالاكەتكە دۇچار قىلىدىغانلىغىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ، ساپ، ئەسلى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋە«شىئە» ، «سۈننىي» دېگەندەك «ھارام شاخ»، « پۇتاق » ، «بىدئەت» مەزھەپلەرنى «پۇتاپ» تاشلاپ، قوبۇل قىلمىغان. }(tGjx]  
    بۇنداق ئىش ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس باشقا مىللەتلەردىمۇ مەۋجۈت . مەسىلەن : تارىختا ياپون بۇددا سامۇرايلىرى خىرىستيان دىنىنىڭ ياپونىيىدە تارقىلىشىنى توسۇش مەقسىتىدە ئۇرۇش قوزغاپ ، خىرىستيان دىنىغا كىرگەن نەچچە 10 مىڭ ياپوننى «ئەۋلىيا» لىرى بىلەن قوشۇپ قىرىپ تاشلاپ ، قانلىق باستۇرۇپ ، مىللەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان. ,XA;S5FE  
    ئەمدى، «ئۇيغۇرلار سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە» دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، دەرۋەقە بىزنىڭ ئىسلام دىنىغا قارىتا قارىشىمىزدىكى «بىر ئاللاھ، بىر پەيغەمبەر ، بىر كىتاپ» قارىشىمىز ئەرەپلەرنىڭ «سۈننىي» مەزھىپىنىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ . ۋاھالەنكى ، بۇ قاراش قانداقتۇر ئەرەپنىڭ ، ئۇيغۇرنىڭلا ئەمەس بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئەقىدىسى ۋە ئاساسىي كۆزقارىشى ھېساپلىنىدۇ . شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئەقىدىسى ۋە ئاساسىي كۆز قارىشنى قوبۇل قىلىشلا كۇپايە ، دەپ قارىغان ھەمدە «سۈننىي» مەزھىپىنى قوبۇل قىلمىغان . ئەگەر «سۈننىي» نى قوبۇل قىلىپلا قويسا ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا «شىئە» سىمۇ قوشۇلۇپ كېلىشى مۇقەررەر ئىدى. 7GP?;P  
    ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق مەزھەپنى قوبۇل قىلماسلىغى ۋە چەكلىشىنىڭ سەۋەبلىرى يۇقىرىدا سۆزلەندى . IWT##']G  
    يەنە بىر ئىش «ئاللاھنىڭ بىرلىكى، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ ، قۇرئانى كەرىم بۇيىچە ئىش قىلسىلا تەقۋادار مۇسۇلمان ھېساپلىنىدۇ . بۇ ھەم نەق ئىماننىڭ جۈملىسى ھەم ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئەقىدىسى ۋە ماھىيىتىدۇر . مۇشۇ ئەقىدىنى ئىتىراپ قىلغانلار مۇسۇلمان ھېساپلىنىدۇ شۇنداقلا مۇسۇلمانلار مۇشۇ ئەقىدىنى قوبۇل قىلىپ ،شۇ بۇيىچە ئىش قىلسىلا كۇپايە ( ئىمان ئېيتتى دېگەن نەق مۇشۇ ) . ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق قاراش ، ئويدۇرما مەزھەپلەرگە باش سېسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق . X2e|[MWkp  
     بۇنىڭغا تۈۋەندىكىچە ئاساسلار بار: gN]`$==c[  
    بىرىنچىدىن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن ھەدىسلىرى ، سۆزلىرى - تەلىماتلىرى ئىچىدە ۋە مۇقەددەس كىتاب  قۇرئانى كەرىمدە «شىئە» ، «سۈننىي» توغرۇلۇق ھېچقانداق گەپ يوق ھەمدە ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان چوقۇم بىرەر مەزھەپكە قاتنىشىشى كېرەك ، بىرەر مەزھەپكە قاتناشمىغان - كىرمىگەن كىىشى مۇسۇلمان بولالمايدۇ ، دېگەن ھۆكۈم - قانۇن، بەلگىلىمىمۇ يوق. ./g0T{&  
    ئەگەر ئەينى چاغدا ، مۇھەممەد پەيغەمبەر « دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ( ئىمان ئېيتقانلار ) ھەممىسى بىر قېرىنداش » دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرماي ، «شىئە» ، «سۈننى» دەپ ئايرىپ ، مەزھەپچىلىكنى تەرغىپ قىلغان بولسا ، ئسلام دىنى بۈگۈنكىدەك پۈتۈن دۇنياغا تارقىلالمىغان بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ، ئسلام دىنى بۈشۇكىدىلا «تۇنجۇقۇپ» كەتكەن ، بىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ نېمىلىكىدىن خەۋەرسىز قېلىپ ، بەلكىم تېخىچە «بۇددا»بولۇپ يۈرىۋىرىشىمىزمۇ ئىھتىمالغا يېقىن ئىدى . بۈگۈنكى « شىئە» ، «سۈننىي»لەرنىڭ ھالىنى كۆرسەكلا بۇنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس. W"Rii]GK"  
     ئىككىنچىدىن ، مۇقەددەس كىتاپ  قۇرئانى كەرىم ئاللاھ ئىنسانلارغا چۈشۇرۈپ بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى قانۇن خاراكتېرلىق كىتاپ بولۇپ ، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۇنىڭدا ئېيتىلغانلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك . بولمىسا ھەقىقىي مۇسۇلمان ھېساپلانمايدۇ . شۇڭا ، قەتئىي قۇرئانى كەرىمنى ئۆلچەم قىلىپ، قۇرئانى كەرىمدە ئېيتىلغانلارغا ئەمەل قىلىش لازىمكى ، ئېيتىلمىغانلارغا پەرۋا قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . چۈنكى ، باشقا كىتاپ ، مەزھەپلەر دە كاپالەت يوق ، كىتاپ دېگەننى ھەممىلا ئادەم يازىۋېرىدۇ ، تۆت ئادەم يىغىلىپ، ئىككى پەتىۋانى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ، ئىككى قېتىم تەكرارلىسىلا بىر مەزھەپ مەيدانغا كېلىۋېرىدۇ . ئۇلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى ۋە كاپالىتى يوق . قۇرئانى كەرىمدە «شىئە» ، «سۈننىي»توغرۇلۇق ھېچقانداق گەپ بولمىغاچقا ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانچىلىق بىلەن ، دىن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ ، مەزھەپچىلەر ئىسلام دىنىنى سۈيىئىستېمال قىلپ مەيدانغا چىققاچقا ، كەمكۈتىسىز بىدئەت ھىساپلىنىدۇ . شۇڭا ، «شىئە» ، «سۈننىي»بولسىڭىزمۇ ھېچقانداق ساۋابى يوق ، ئەكسىنچە ئۆزىڭىزگە بىھۈدە باش ئاغرىقى تېپىۋالىسىز ، بىدئەتكە ئەگەشكەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بىھۈدە بالا – قازاغا تىقىپ ، گۇناھ ئارتىۋالىسىز . «شىئە»، «سۈننىي»بولمىسىڭىزمۇ ھېچقانداق گۇناسى يوق . NFSPw` f  
    بۇ نۇقتىنى ئوبدان بىلگەن ئەجدادلىرىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساپلىغىنى ساقلاپ ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئىتتىپاقلىغى ، ئىناقلىغى ، بىرلىكى ۋە ئاسايىشلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئەسلى ئىسلام دىننى ئۆز پىتى قوبۇل قىلىپ ، «شىئە» ، «سۈننىي» دېگەندەك«ھارام شاخ ، پۇتاق»لارنى قوبۇل قىلمىغان .     ئۈچىنچىدىن ، ئاللاھ 4 كىتاپ (ئىنجىل ، تەۋرات ، زەبۇر ۋە قۇرئان) چۈشۈرۈپ بەرگەن. 4 چوڭ دىن _ خىرىستىيان، كاتولىك ، پراۋوسلاۋىيە ، ئىسلام دىنلىرى ۋە ( نوم ) بۇددا دىنىدا دۇنيا بۇيىچە بىرلىككە كەلگەن بىر ئورتاق كۆز قاراش بولۇپ ، ھەربىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتاۋىدا ئېيتىلغان ، بەلگىلەنگەن مەزمۇنلاردىن ھالقىپ كەتكەن ياكى زىت بولغان ، باشقا كىشىلەر ئۆزلىرى ھەر خىل ئھتىياج تۈپەيلىدىن ئويدۇرۇپ چىققان يېڭىچە كۆز قاراش ۋە مەزھەپلەر بىردەك بىدئەت ھېساپلىنىدۇ . بۇنداق قاراشنىڭ سەۋەبى : ھەقىقىي دىنلارنىڭ ئىزچىللىغى ، ساپلىغى ۋە ئىناۋىتىنى قوغداشتۇر . Yr31GJ}K  
    ھالبۇكى ، 21- ئەسىر دە، پەن- تېخنىكا ئۇچقاندەك رىۋاجلىنىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇنچىلىك ئاددىي ساۋاتنىمۇ ئاڭقىرالماي ، ئەرەپ – پارىستىن ئاشقان قۇسۇقنى «تۇتىيا» ، «ھەسەل» بىلىپ ئېغىزىغا ئېلىپ ، يوق نەرسىنى تالىشىپ ، «سەن شىئە» ، «مەن سۈننىي» دېيىشىپ ياقىلىرىنى يىرتىشىپ يۈرۈشلىرى كىشىنى تۇلىمۇ ئېچىندۇرىدۇ . مېنىڭچە بۇنىڭ تۆۋەندىكىچە سەۋەپلىرى بار ، دەپ قارايمەن : hW},%  
    (1)يۇقىرىدا ئېيتقاندەك بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقىقىتەن بىلىمسىز، نادانلىغىدىن ، ھەق – ناھەق ، راس - يالغاننى پەرقلەندۈرۈش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىگىدىن ، پايدا – زىياننى ، مەزھەپنىڭ ئۆزىگە ، مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي ئاقىۋىتىنى ، بالايى – ئاپىتىنى ئويلاپ باقمايلا قارىسىغا دورامچىلىق قىلىشى. B#DV<%GPl  
     (2) بەزى «قاراقۇرساق» قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆزى ئازىراق ئېچىلىپ ، قولى ئازىراق پۇل كۆرۈشى بىلەن سىرتقا چىقىپ ، ئانچە - مۇنچە ئىشلارنى كۆرۈپلا ھەيران قېلىپ ، خەقنىڭ ھەممىلا ئىشى يېڭىلىق بىلىنىپ ، ئويلاپ – تەتقىق قىلىپ باقمايلا  «جاھان شۇنداق ئوخشايدۇ» دەپ قارىسىغا دورامچىلىق قىلىشى. 08`@u4  
    (3)ئايرىم ، ئاز ساندىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ مىللەتنى پارچىلاپ ، مىللەت ئىچىدە مەقسەتلىك ھالدا ئىناقسىزلىق، جىدەل - ماجىرا ، تالاش – تارتىش پەيدا قىلىپ ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ،«تۇپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ » مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنىشى . k@Tt,.];  
    (4)مەن دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنى تونۇشتۇرغان بىر خەنزۇچە ماتېرىيالدا « ئۇيغۇرلار سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە» دېگەن گەپنى كۆرگەنىدىم . بۇ باشقا مىللەتتىن بولغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەنمەيلا قارىسىغا ھۆكۈم قىلىشىدىن بولغان . بەزى تەرجىمانلىرىمىزمۇ ئۇنى دىققەت قىلماي ياكى تەھلىل قىلىپ باقمايلا قارىسىغا ئەينەن پېتى تەرجىمە قىلىۋەتكەنلىگىدىن خاتا ئۇقۇم ۋە خاتا چۈشەنچە شەكىللىنىپ قالغان ۋە باشقىلارغا ساپاق تېپىپ بەرگەنلىكىمۇ ئىھتىمال . بۇنداق ئىشلاردا مەن تەرجىمان - مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . 2g8PU$T  
    مەن قېرىنداشلارنىڭ ھۇشيارلىغىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈپ ، ئىناقلىق ، ئىتتىپاقلىقنى كۆچەيتىپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن پۇرسەت ۋە ئاسايىشلىقنى قەدىرلەپ ، نورمال تائەت – ئىبادەت بىلەن شوغۇللىنىپ ، بىدئەت - يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئىھتىيات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . #X8[g_d/  
    ئاللاھ، ھەر-بىر ئۇيغۇرنى ئۆز پانايىڭدا ساقلىغايسەن ، كۆڭلىگە ئىنساب، دىيانەت ، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، بىرلىك ، تۇرمۇشىغا ئامانلىق ، ئاسايىشلىق ئاتا قىلغايسەن ، J91`wA&r  
                                         ئامىن! a9I8W Q   
JU@$(  
(ئاپتورى: ئەل خۇمار) ; M(}fV]  
مەنبە: http://www.uymuslim.com/asar/korux.asp?asar_id=231 'YG`/@n;  

تېما تەستىقلىغۇچى : sansiz0903
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-07-13, 20:15
 
ئانا تىلىم -- جان تىلىم
hanjar731

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.432

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1059 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   42234 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3946 (قېتم)
 تۆھپە:   3910  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1105
 سائەت
دەرىجىسى:
1105 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-18
ئاخــىرقىسى:2013-01-17
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-07-13

ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى،ئۇنىڭدىن كىيىن ئەتراپىمىزدىكىلەر ھەم دوسىت بۇ بۇرادەرلەردىن باشلايلى!توغرا يولنى تاپالمايۋاتقانلارغا مەشئەل بولايلى،تېما ئىگىسىگە رەخمەت ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.
 
توختىماي تۆھمەت توقىۋاتقان ئاغزىڭغا تۈفىي،!
15001540000
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9609

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   600 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   60 (قېتم)
 تۆھپە:   60  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 214
 سائەت
دەرىجىسى:
214 سائەت 56 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-09
ئاخــىرقىسى:2012-10-22
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-07-14

اللە رەھمەت قىلسۇن !!!!اللە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن! d7J[.^\  

 
yigana00903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6401

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   501 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30180 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2682 (قېتم)
 تۆھپە:   2682  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5299
 سائەت
دەرىجىسى:
5299 سائەت 301 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2012-12-19
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-07-14

ئۇيغۇرلاردا مەزھەپ يوق ما گەپنى قوللايمەن
سۇدا بىلىقنىڭ ئىزى يوق.....
asdfghjklzxcvbn
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10229

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   400 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   40 (قېتم)
 تۆھپە:   40  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8
 سائەت
دەرىجىسى:
8 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-14
ئاخــىرقىسى:2012-07-14
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-07-14

مەنمۇ قوللايمەن ئا پىرىن
sogdiyana
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9383

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   50 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   260 (قېتم)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2303
 سائەت
دەرىجىسى:
2303 سائەت 217 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-29
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-07-14

مەسىلەن ، ئاللاھنىڭ ، پەيغەمبەرنىڭ بىرلىكى ، قۇرئاندا قەيت قىلىنغان ئىككى موسۇلماننىڭ ئۆز-ئارا بىر - بىرىنىڭ قېنىنى تۈكۈشى مەكروھ ، مۇقەددەس سورۇن مەسچىتتە قان تۆكۈش مەكروھ....دېگەندەك تۈپ ئىسلام ئەقىدىلىرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىپ ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىغا ئېغىر تەسىر يەتتى. ev"M;"y  
------------------------------------------------------ VA2<r(y~(  
[color=#ff0000]ئىككى مۇسۇلماننىڭ قېننى توكۈش ھارام ....ھارام ..........قەتتى ھارام ! 7E(%9W6P  
بىلىپ سوزلەڭلار !
`:4MMr91  
6|oWaA\gI  
4چوڭ دىن _ خىرىستىيان، كاتولىك ، پراۋوسلاۋىيە ، ئىسلام دىنلىرى ۋە ( نوم ) بۇددا دىنىدا دۇنيا بۇيىچە بىرلىككە كەلگەن بىر ئورتاق كۆز قاراش بولۇپ ، ھەربىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتاۋىدا ئېيتىلغان ، بەلگىلەنگەن مەزمۇنلاردىن ھالقىپ كەتكەن ياكى زىت بولغان ، باشقا كىشىلەر ئۆزلىرى ھەر خىل ئھتىياج تۈپەيلىدىن ئويدۇرۇپ چىققان يېڭىچە كۆز قاراش ۋە مەزھەپلەر بىردەك بىدئەت ھېساپلىنىدۇ . بۇنداق قاراشنىڭ سەۋەبى : ھەقىقىي دىنلارنىڭ ئىزچىللىغى ، ساپلىغى ۋە ئىناۋىتىنى قوغداشتۇر . Blnc y J#(,0h  
P&\X`ZUA  
A8!Ed$@  
4چوڭ دىن _ خىرىستىيان، كاتولىك ، پراۋوسلاۋىيە ، ئىسلام دىنلىرى بىلەن بۇددا دىننىنىڭ ھېچقانداق ئوخشاش كۆز قارشى يوق . OHhs y|W  

tanhatorgay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.713

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   23 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2295 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   61 (قېتم)
 تۆھپە:   31  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 418
 سائەت
دەرىجىسى:
418 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-07
ئاخــىرقىسى:2012-07-14
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-07-14

ئەل خۇمار سىز بەلكىم بىر تارخچى ئوخشايسىز سىز ئىسلام دىنىنى ياخشى چۈشۈنۈپ بولۇپ ئاندىن سۆزلەڭ سىز نىڭ تېخى ئىسلام تارىخى ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسىدىن ئانچە خەۋىرىڭىز يوق دىيەرلىككەن لىكىن تىرىشچانلىقىڭىز غا باركاللا ئىختىلاپ تېرىپ خەلىقنى قايمۇقتۇرماڭ. ئاللا رەھمەت قىلسۇن uX> PefR  

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ. شۇڭا بۇ دۇنياغا نىمىگە كەلدى؟ نىمە ئىش قىلىش كىرەك؟ چوڭقۇر ئويلىنىشى لازىم.
tamkin147
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7715

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   152 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9101 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   905 (قېتم)
 تۆھپە:   905  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1522
 سائەت
دەرىجىسى:
1522 سائەت 178 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-30
ئاخــىرقىسى:2012-10-29
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-07-14

مەن  6-قەۋەتتىكى قىرىندىشىمىزنىڭ پىكرىنى داۋاملىق قوللايمەن، AECxd[k$9  
ئۇيغۇرلاردا مەزھەپ يوق دەپ كىم دەيدۇ؟ بۇ تىمىنى يازغۇچى ئىسلامنى YK(XS"Kl  
مەزھەپنى، سۈننىينىڭ نىمىلىكىنى قەتئىي بىلمەيدىكەن،     !E4E'I=]N  
   -بۇرادەر، سىز شۇنچە جاپا تارتىپ  بۇ ئۇزۇن گەپلەرنى قىلىپ ئۆز K<Yn_G  
كۆڭلىڭىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشقا تۆھپە قوشقاندەك بولۇپ، ~)WfJ  
ئەمىلىيەتتە ئەكسىچە سىزمۇ   يىڭى بىر مەزھەپنى پەيدا قىلدىڭىز، oHYD_8'f  
بۇ مەزھىپىڭىزگە نام قويۇشقا توغرا كەلسە ‹‹ مەزھەپسىزلىك مەزھىپى›› j+z'  
دەپ قويساق بولغىدەك. يىزىپ بولۇشىڭىزغىلا ئەگەشكۈچىڭىز  4 كە يەتتى، Fh*q]1F  
مەن مىللىتىمىزدە مەزھەپنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىگە قارشى تۇرغۇچى بولۇش l5":[C$  
سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ بۇ مەزھىپىڭىزنىڭ تارقىلىپ كىتىشىگە قەتئىي قارشى 5`OK-  
تۇرىمەن، سۈننىي دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، يەنى سۈننىي X_^_r{  
دىگەن گەپ اللەنىڭ رەسۇلىنىڭ 23 يىللىق ھاياتلىق پائالىيىتىدىكى Wl9I`Itg  
سۈننەتلىرىگە مەھكەم ئېسىلىش دىگەنلىك بولىدۇ. ZmYa.4'L  
سىزنىڭ:- ئەجدادلىرىمىز سۈننىينى قەتئىي رەت قىلغان ، دىگەن  بۇ گىپىڭىز !."%M^J  
يالغان ۋە ئاساسسىزلا گەپ، ئەمىلىيەتتە، ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز  ئەھلى- os "[Iji  
سۈننىي ۋەلجامائە يولىدا تەۋرەنمەي مىڭىش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشچان- g 'd*TBnk  
لىق كۆرسەتكەن تۇرسا، ۋە بۇنىڭغا بارچە مۇسۇلمانلار شاھىت تۇرسا، \$$b",2h  
بۇ گەپلەر قانداقمۇ ئاغزىڭىزغا پاتتى! Jnu}{^~  
ھەدىس:  رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن ‹‹ مەن سىلەرنى شۇنداق بىر يولغا #h#mOJ5  
قويۇپ كىتىۋاتىمەنكى، بۇ يولنىڭ تۈنى كۈنىدىن يورۇقراق››. O>o}<t7  
مانا بۇ قاراڭغۇلىقى بولمىغان يول پەيغەمبىرىمىز بىزگە قالدۇرغان /!&b'7y  
ئەھلى سۈننىي ۋەلجامائە يولىدۇر، r-\T}e2Gz  
  بۇ ھەرگىزمۇ سىز ئوخشاتقان ‹‹ھارام شاخ››، ‹‹پۇتاق›› ئەمەس. `pv89aO  

asdfghjklzxcvbn
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10229

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   400 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   40 (قېتم)
 تۆھپە:   40  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8
 سائەت
دەرىجىسى:
8 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-14
ئاخــىرقىسى:2012-07-14
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-07-14

مەن يەتتىنچى قەۋەتتكىنى قوللايمەن گەپ سوزگە دىققەت كىلڭ +zvK/Fj2q  

asdfghjklzxcvbn
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10229

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   400 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   40 (قېتم)
 تۆھپە:   40  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8
 سائەت
دەرىجىسى:
8 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-14
ئاخــىرقىسى:2012-07-14
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-07-14

كىم دەيدۇ ئامرىكا ئەمەس دەپ ئەماليەتتە ئامرىكا پەردە ئارھقىسىدا شىئە لەرگە ياردەم كىلىپ سۇننئى مۇسۇلمانلارنى قىرۋاتمامدۇ ئاللا ھەممە ئىشتا  ئەھلى سۈننىي ۋەلجامائە يولىدا ماڭغان لارغا ياردەم كىلسۇن ئا مىن [nA1WFfM  

تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى