ئىلمىي مۇنازىرىمۇ؟ ياكى تىل-ھاقارەتمۇ؟
!5d n7Wuj `:lcN0n بىزنىڭ يېزىق ھەققىدە يازغان مۇھاكىمىمىز ئانا تۇپراق تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، كەينىدىنلا ئالدىراپ-تىنەپ ئابدۇل قۇددۇس نامىدا «ئاتالمىش يېزىق ئىسلاھاتى توغرىسىدا بىرئاز پىكىرىم» ناملىق بىر نىمە ئېلان قىلىندى (خىزمەت ئالدىراش تۈپەيلى ۋاقتىدا كۆرەلمەپتۇق). بىر قارا قوساقنىڭ نادانلارچە تىل-ھاقارەتكە تولغان بۇنداق بىر نىمىسىنى بىزنىڭچە ھەرقانداق بىر كىشى «ماقالە» دەپ ئاتاشقا خىجىل بۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىگىسى بەلكىم، بۇرۇتى خەت تارتمىغان بىر بالا، ياكى بولمىسا ئەقلىگە تۈك چىقمىغان بىر چالا.
&m5^YN$b قېنى! ئۇنىڭدىكى بىزگە قىلىنغان مەينەت، سېسىق گەپلەرنى ئاڭلاپ بېقىڭلار، بۇ قىلىقسىز ئىبارىلەر تۆۋەندىكىچە، مەسىلەن:
p+P@I7V «تەلۋە»، «زىناخور»، «چۆپرەندە»، «ۋىجدانسىز»، «قارا يۈرەك»، «رەزىل»، «تۇزكور»، «ئوسۇرۇق»، «خائىن»، «قېرىندىشىنى بوغۇزلايدىغان قاسساپ»، «ئاناڭنىڭ ئېيمى» دىگەنلەرگە ئوخشاش.
rv[BL.qV دېمەك، بىر ئىلمىي بەس-مۇنازىرە مۇنبىرىدە ئەنە شۇنداق بەتقىلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، پۈتۈنلەي تىل –ھاقارەت بىلەن باشقىلارنى ئەيۋاشقا كەلتۈرىمەن دەيدىغانلارنى ھېچبولمىغاندا «قارا قوساق ئەخلاقسىز نادان» دىمەكتىن باشقا ئىلاج يوق ( كەچۈرۈڭلار، قوپال سۆزلەپ قويدۇق. بىراق بۇ، تىل-ھاقارەت ئەمەس). چۈنكى، ئىلمىي مۇنازىرىدە تىل-ھاقارەت ئىشلەتكەنلەر ئادەتتە پەقەت بىلىمسىز، نادان كىشىلەر دەپ قارىلىدىغانلىقىدىن مەزكۈر كىشى خەۋەرسىز بولسا كىرەك، ياكى ھېچبولمىغاندا مەزكۇر كىشىنى بىر قوللۇق تەربىيىلىگەن ۋە ئۇنىڭ چوقۇنىدىغان ئۇستازى ئەنە شۇنداق كىشىلەردىن بۇلىشى مۇمكىن. ئەپسۇس! ... ئالدى بىلەن ئاز-تولا ئەدەپ قائىدە ئۈگىنىپ ئاندىن ماقالە يېزىشنى ئۈگەنگەن بولسىڭىزغۇ كاشكى!.......
ANPG3^w ئالدى بىلەن سىزگە ۋە سىزنى يىتىشتۈرۈپ چىققان «ھۆرمەتلىك» ئۇستازىڭىزغا ئىلمىي بەس-مۇنازىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئىككى كەلىمە دەرس ئۆتۈشكە توغرا كىلىدىكەن. ئاڭلاپ تۇرۇڭ!
_dd_Z40R جەمئىيەت پەقەت بەس-مۇنازىرە بىلەنلا ئىلگىرى باسىدۇ. ھەرقايسى ساھەلەردىكى بەس مۇنازىرە شۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەمدە بىر خىل ئەركىن يۇسۇندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىلمىي پائالىيەت بۇلۇپ، ئۇنىڭدا ھەرگىزمۇ، قوپاللىق بىلەن ئېغىز بۇزۇپ، تىل- ھاقارەت ئىشلىتىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىش جىنايىتى ھېساپلىنىدۇ. ناۋادا، زاكۇن تاپالمىغاندا چىدىماستىن پىچاق- كالتەك كۆتۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ، قانۇنسىزلىق ۋە قاتىللىق جىنايىتى. مانا بۇنداق ئەقەللىي قائىدە- قانۇنلارنى ئۆزىڭىز ۋە ئۇستازىڭىز بىلەن ئاز-تولا ئۈگىنىپ قۇيۇڭ. سىزدەكلەر تارىختىمۇ جىق ئۆتكەن، پەقەت ئۇلاردىن خەلق ئارىسىدا يىرگىنىشلىك نەپرەتلا قالدى، خالاس!.....
xFUD9TM مۇشۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن بىز «كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى» بىلەن سوتقا ئەيىپنامە سۇنساق، ئاقىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ.......... مۇشۇنچىلىكلا ئېيتىپ قويايلى. ئازىراقلا ئەقلىڭىز بولسا، كاللىڭىزنى بىر سىلكىۋىتىپ، قالغىنىنى ئۆزىڭىز چۈشۈنۈپ ئالالايسىز.
+]t9kr ئەندى بىز مەزكۈر ئاتالمىش «ماقالە» گە باھا بىرىپ كۈرەيلى:
h`fZ8|yw گەرچە، مۇشۇ يېشىمىزدا خورلانغان بولساقمۇ، ئالدى بىلەن سىزگە رەھمەت ئېيتىشىمىزغا توغرا كىلىدىكەن. چۈنكى، سىز بۇ، قولاشمىغان ئاتالمىش «ماقالە»ڭىزدا، بىزنىڭ بارلىق كۆز-قاراشلىرىمىزنى تولۇق دېگىدەك تەكرارلاپ، بىز ئۈچۈن قايتا تەشۋىق قىلىپ بىرىش رولىنى ئۆتەپسىز (بۇنداق نەقىللەر ئۇنىڭدا خېلى كۆپ ئورۇننى ئىگەللىگەن). مانا بۇنىڭدىن، سىزنىڭ ماقالە يېزىشتا قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئاساسىي نوقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، قوشۇمچە نوقتىلاردىن يانداپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشتەك ئەقەللىي ئۇسۇللارنىمۇ ئۇقمايدىغانلىقىڭىز كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. دېمەك، سىز ماقالە يېزىشقا بەكمۇ ئالدىراپ كىتىپسىز.
Q\X_JZ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر نىمىڭىزنىڭ باش-ئايىقى يوق، تېمىسى پۈچەك. چۈنكى بىردەم تىل يېزىق ھەققىدە توختالسىڭىز، بىردەم ئاللىقانداق «سۇمبۇل چاچلار»، «كاتتا بىنا ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار» ھەققىدە قاخشايسىز. بىردەم ئىماملارچە دىندىن ۋەز-نەسىھەت ئوقۇسىڭىز، بىردەم «چەتئەل» جاھانگىرلىرىدىن ۋايسايسىز. ئومۇمەن نىمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەنمەك بەك قىيىن. ۋەزىيەت كۆز قارىشىڭىزمۇ ئىنتايىن تۇتۇق. مانا بۇلاردىن ، سىزنىڭ مەنتىقە بىلمەيدىغان، يېزىقچىلىق ئۈگەنمىگەن ھەمدە ئاڭلاپ قالغان چالا-پۇچۇق ئۇچۇر ۋە ساۋاتسىزلارنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان مەينەت تىللارغىلا تايىنىپ جان باقىدىغان «شالداقشىيدىغان يېرىم تاۋاق » ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەك تەس ئەمەس.
|QzJHP @ قېنى بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:
[9?]|4 1.سىز، «تىل» بىلەن «يېزىق» نىڭ پەرقىنى ئايرىيالمايدىكەنسىز. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش قارىشىمىزنى چۈشەنمەي، قارىسىغىلا ئۇنى «تىلنى ئۆزگەرتىش» دەپ ھېساپلاپ ياكى قەستەن بۇرمىلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ پىشمىغان ۋە ئىگىز-پەس كۆز قارىشىڭىزغا بازار تېپىشقا ئۇرۇندىڭىز. سىزگە ئايان بولسۇنكى، تىل بىر مىللەتكە خاس بىردىنبىر مۇھىم شەيئى، تىل يۇقىلىدىكەن مىللەتمۇ يۇقىلىدۇ. ئەمما، يېزىق بۇ باشقا نەرسە، ئۇ بىر تىلنىڭ بەلگىسى، خالاس. بەلگە دېگەن دەل ئەرەپ رەقىمى بىلەن رىم رەقىمىگە ئوخشاش قايسىسىنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىۋېرىدىغان نەرسە. بۇيەردە خۇددى ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كاچاتلاپ، ياكى بىلىملىك چاغلاپ، ئۇقۇشماستىن «تارىختا ئۇيغۇرلار 30 خىلغا يېقىن يېزىق قوللانغان» لىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سالغىنىڭىزدەك، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تارىختىن بېرى ئەنە شۇنداق كۆپ خىل يېزىقلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق، ئېسىل تىلىمىزنى ھېچقاچان يوقاتقىنى يوق! جۈملىدىن مىللىتىمىزمۇ يۇقالغىنى يوق!!.... شۇڭلاشقا، سىز دېمەكچى بولغان «قامقاق» قايسى مىللەت، تىلمۇ ياكى يېزىقمۇ بۇنى ئوبدان ئايرىۋېلىپ ئاندىن گەپ قىلىڭ.
pnz@;+f 2. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىمىزنى «كونا يېزىق دىيىشكە قەتئىي بولمايدۇ» دەپسىز. بۇ قانداق مەنتىقە؟ ....
;$a|4_U$m ئەمىسە، سىزچە قەدىمكى زامان تۇرك-رونىك يېزىقى يېڭى يېزىقمۇ؟........ ھازىر مۇڭغۇللار، تىبەتلەر، شىۋەلەر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقنىڭ ئاتىسى ھېساپلانغان قەدىمىي ئورخۇن ئۇيغۇر يېزىقىنىمۇ يېڭى يېزىق دەيمىزمۇ؟!...... بۇنداق، ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئالدى-كىيىنلىكى (كونا-يېڭىلىقى) بۇلىدىغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشنى بىلمەيدىغان مەنتىقىسىز مۇجىمەل قاراشنى سىزگە قايسى «ھۆرمەتلىك ئۇستازىڭىز» ئۈگەتكەن!؟..........
D622:Y886 ئادەمنىڭ غىدىقىسى ۋە كۈلكىسىنى كەلتۈرۈدىغىنى شۇكى، سىز ھەتتا، ھازىرقى يېزىقىمىزنىڭ ئەرەپ يېزىقىدىن (باشقىلارنىڭ يېزىقىدىن) يېقىندا ئىسلاھ قىلىنغان يېزىق ئىكەنلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىدىكەنسىز، دېمەك، بىزنىڭ ماقالىمىزدا «موللا قوپۇپ كۆلگە سىيە» دېگەن ماقالنى ئىشلىتىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ دەل سىزگە ئوخشاش ساختا موللىلارغا رەددىيە بىرىشتۇر.
IKp(KlA 3. «بىر مىللەت ئۆز يېزىقىنى باشقىلارمۇ بىلسە بۇلاتتى دەپ ئىجاد قىلمايدۇ» دېگىنىڭىز ھەقىقەتەن ئادەم چۈشەنمەيدىغان غەلىتە گەپ. ئۈزىنىڭ يېزىقىنى باشقىلارنىڭمۇ بىلىشىنى قايسى مىللەت ئارزۇ قىلمايدۇ؟؟!!.......
yyR@kOGga سىز ئارزۇ قىلمامسىز؟! ..... دېمەك سىزنىڭ مىللەتنى سۆيۇش توغرىسىدا گەپ قىلىشقا قىلچىمۇ سالاھىيىتىڭىز يوق.
r~;.8qs ئاڭلاپ تۇرۇڭ! خەنزۇلار ئۆز يېزىقىنى باشقىلارنىڭ ئۈگىنىشىگە قۇلاي بولسۇن دەپ پىنيىن يېزىقىنى ( سىزنى نېرىۋ كېسەل قىلىۋەتكەن لاتىن يېزىقىنى) قوللىنىپ ناھايىتى زور ئۈنۈمگە ئىرىشتى. ئېنگىلىزلەر ئىلغار تېخنىكىسى ۋە زومىگەرلىككە تايىنىپ بولسىمۇ ئۆز يېزىقىنى دۇنيا يېزىقىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. ھېساپلاپ كۆرۈڭ، سىزچە ئەشۇلارغا قانچىلىك زىيان بوپكەتكەندۇ؟!...........
iEFS>kL8e 4. يۇرىكىڭىزنى قاپتەك قىلىپ ئاتالمىش «ئوبزور» يېزىشقا تۇتۇش قىلغىنىڭىزنى كۆرۈپ دەسلەپتە، بەلكىم مەلۇم پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى بۇلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىپ، «مۇبارەك چۈشەنچە»لىرىڭىزنى ئاڭلاشقا ئالدىرىغان ئىدۇق. بىراق، سىزنىڭ بىز ئوتتۇرىغا قويغان مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ دەۋرىدىكى شام ۋە جىن چىراقلارنى ھازىرقى ئېلىكترۇ لامپۇچكىغا سېلىشتۇرۇشقا بولماسلىقتەك كىچىك بالىمۇ چۈشىنەلەيدىغان ماددى تەرەققىياتقا ئائىت سۆزلىرىمىزنىمۇ چۈشىنەلمەي، خۇددى قىچىشمىغان يەرنى قاشلىغاندەك، ئاللىقانداقتۇر بىزنى شۇ ئالىملىرىمىزغا «قارشى چىققان» قىلىپ بۇرمىلاپ، قالپاق كەيدۈرۈپ «خائىن» دەپ ھاقارەتلەپ، ئۆزىڭىزدەك كالتە ئەقىللەرنى كۈشكۈرتۈپ، بىركالتەك بىلەن يىقىتىشتەك قارا نىيىتىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدىڭىز. ئەمما، ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس! دۇنيادا يەنىلا ئەقىللىق ۋە ئەخلاقلىق كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپسىز. ئىمكان بولسا سىزگە ئەگەشكەن بىرنەچچە كالتە پەملەرنىڭمۇ سىزدىن قانچىلىك ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ، شۇ چاغدا بىلىسىز.
B7ys`eiB5C 5. سىز يەنە «بەربابىڭىزنى، ئۇسسۇلىڭىزنى قانداق تونىسىڭىز تونىۋىلىڭ» دەپسىز. سىز تونۇمامسىز؟ ...... ئېسىڭىزدە بولسۇن، بەرباب، كۇسەن ئۇسسۇلى دېگەنلەر دەل ئۆزىڭىزنىڭ ئەجدادى، ئۇيغۇر ئاتا-بوۋىڭىز كەشىپ قىلىپ دۇنياغا تاراتقان ئېسىل مەدەنى - مىراسلىرىمىز. دېمەك، بۇنىڭدىن تاندىڭىزمۇ!؟ـــ ھەقىقى «خائىن» دېگەن دەل ئۆزىڭىز!!
.>zkS*oX4z ئاخىرىدىكى «دوستانە ئەسكەرتكىنىڭىز» گە رەھمەت. سىزنىڭ «ھۆرمەتلىك يازغۇچى ۋە شائىرىڭىز» نىڭ تېتىقسىز ماقالىسىنىمۇ ئالدىراشلىق تۈپەيلىدىن كۆرمەي قالغان ئىكەنمىز. بىزچە، ئاغزىڭىزغا ئالغان نام-ئەمالىدىن ئۇ كىشىنى سىزگە ئوخشاش ئۇنداق ئاغزى بۇزۇق، ئەدەپسىز دەپ ھېساپلىمايمىز. ناۋادا، ھەقىقەتەن بىر «ئەدىپ» ۋە «ئوقۇتقۇچى» ئاتالغان كىشىنىڭ ئاغزىدىن ئەنە شۇنداق سېسىق ۋە بېزەپ سۆزلەر چىققان بولسا.........، ئۇنىڭ يۈزىگە بىرنى تۇكۈرۈپ قويغان بۇلايلى!!!............ خەيىر خوش.
I(WND/& ئەسلىدە ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىپ سىزگە جاۋاب يېزىش ئۇيىمىز يوق ئىدى. چۈنكى، بىز سىزدەك نادانلارنى كۆپ كۆرگەن. ئۇلار بىلەن زاكۇنلىشىش بىز ئۈچۈن ئارتۇقچە نومۇس ئىش.
EVmE{XlD; بىراق، بۇقېتىمقى مەسىلە قانۇنغا تاقىشىدىغان بولغاچقا، خۇددى سىز دېگەندەك «قېرىندىشىمىزنى بوغۇزلىۋەتكەندىن كۈرە»، ئاچچىقىمىزنى بېسىۋېلىپ، كەڭ قوساقلىق بىلەن جىددى ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ قۇيايلى دەپ ئويلاشتۇق.
%@M/)"k سىزدىن كۈتىدىغىنىمىز، ماقالە يېزىشنى كۆپرەك مەشىق قىلىڭ، ئەمما، يازسىڭىز قائىدىلىك، ئىلمىي يېزىڭ. بولمىسا ئۇنداق بىمەنە نىمىلىرىڭىزنى ھەتتا كىشىلەر ئوقۇشنىمۇ ھار ئالىدۇ. ئېھتىمال بېشىڭىزغا چوڭ بىر بالا تېپىۋېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن!.....................
Tf[-8H< تۇرسۇنجان لېتىپ (ياركەندى)، خەلچەم تۇرسۇن
J>Rt2K ~(0Y`+gC s_h< 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى
3yD5u