ئاتالمىش «يېزىق ئىسلاھاتى» توغرىسىدا بىر ئاز پىكىرىم
#s2B%X مەلۇمكى، يېقىندىن بۇيان تۇرسۇنجان لېتىپ (ياركەندى)خەلچەم تۇرسۇن باشچىلىغىدا كۈتۈلمىگەندە « يېزىق ئىسلاھاتى مىللىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى» ماۋزۇسى بىلەن بىر پارچە ماقالە پەيدا بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئېھتىياجى چىقىش قىلىنغان يېزىق لايىھىسىنى بىر بۈتۈن «ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يېزىغى» ھالىتىدە تۇنۇلۇشقا چاقىرىق قىلىنغان بولدى.
~HmxEk9 (
/read.php?tid-15943.html)
9?EVQ ناننىڭ ئوڭ تەتۈرىنى ۋە مىللەتنىڭ تارىخي تەغدىرىنىڭ چىقىش يولىنىڭ قانداقلىغىنى بىلەلەيدىغان ھەر قاندا ئېقىل ئېگىسى بۇ چاقىرىققا مىڭ مەرتىبە نالەت ئوقىماي تۇرالمايدۇ!
Y"!uU.=xJ شۇنداق!
vM`~)rO@! تارىخىمىزدىن ئايانكى، بىز ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ 30 خىلغا يېقىن يېزىق قوللانغان بولدۇق.
6OB" , ئەلبەتتەكى، يېزىق مەدەنىيەتنىڭ جانلىق شاھىدى ۋە ئۇ بىر مىللەتنىڭ پەيدا بولۇش ، تەرەققىي قىلىش تارىخىنى ناھايىتى ئەمەلىي ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەينەك. شۇڭا ئەگەر يېزىق ئۆزگەرتىلىۋەرسە،تاشلىنىپ قالغان يېزىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخمۇ بىراقلا يوق بولۇپ كېتىدۇ. شوڭىلاشقا بىز نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي ئاساسلىرىمىزدىن مەھرۇم بولۇپ قالدۇق، دېسەكمۇ خاتا بولمايدۇ.
f=aIXhiYU دېمەككى ، تارىخى ئۈزۈكچىلىك ماھىيەتتە بىر مىللەتنىڭ مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا زەربە بىرىۋېتىدۇ، شۇ ھالدا تارىخى يۇقالغان مىللەت يىلتىزى كېسىلگەن قامغاق بىلەن ئوخشاشكى، مۇنداق قامغاقلار بىرئازلا شامال چىقسا ھەر قاياققا ئۇچۇپ كېتىشى ، ھەتتا چۇڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشى مۇقەررەر!!!
^od<JD4 قېنى ، بۇنى يۇقېرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان ئىسلاھاتچىلىرىمىز قىياس قىلىپ باقتىمىكىنە؟
KcXpH]>!9 ئەپسۇس، ئۇلار قىياس قىلالمايلا قالماي، ئانا تىل يېزىغىغا، سەلتەنەتلىك تارىخىغا ئوتلۇق مۇھەببىتى بىلەن سادىقلىغىنى كۆرسەتكۈچىلەرنى تەپ تارتماي : « مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلاشمايلا، پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى ئازغىنە مەنپەئەتىدىن (يېزىق ئۈگىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئازغىنە ئەمگەك بەدىلىدىن) ۋاز كېچەلمەي، ئالدىراپ - سالدىراپلا قارشى چىقىشتى. » دەپ ھاقارەتلەشتى . ھەتتا ««مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ يوقىلىشى» دەپ قاراپ بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ كۆز قاراشتىكى ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئوتتەك يېنىۋاتقان ئىلىم-پەن تەرەققىيات قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سەپتى ھەمدە دەۋىرتەرەققىياتىغا زىت قالاق ئېدىيىلەر كۆپتۈرۈلۈپ، بۇ قېتىمقى يېزىق ئىسلاھاتىنى ئاللىقانداقتۇر «كەڭ خەلق ئاممىسى ھېمايە قىلمايۋاتقان، رازى بولمايۋاتقان يېزىق ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتى.» دەپ تۆھمەت قىلىشتى!
G7-!`-Nk بۇ نىمە دېگەن تەلۋىلىك؟
v0@)t&O قېنى سىلەر زادى دەپ بېقىڭلار؟ ______ ئۇيغۇرلار قانداق تارىخىي كۆرەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى ھالغا كەلدى؟ بىلەمسىلەر؟
4tJa-7 ئەقەللىسى، ھازىرقى يېزىغىمىزنىڭ 1962-يىلى تۇساتتىن پەيدا بولغان يېزىق ئالماشتۇرۇش قارا قۇيۇنى كۆتۈرۈلگەن چاغدا قانچىلىغان مەشھۇر تىلشۇناس ئالىملىرىمىز ۋە ھەر ساھەدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئىلىم ئەربابلىرىمىزنىڭ پىداكارانە كۈرەش قىلىش بەدىلىگە قوغدىلىپ قالغانلىغىنى بىلەمسىلەر؟ مانا شۇ يىللاردا قانچىلىغان ئۇيغۇرنىڭ ساۋاتسىز قالغانلىغىنى بىلەمسىلەر؟
wss?|XCI ........!!!
2]t i!< ياق، سىلەر ئەسلىدە قارىماققا مەدەنىيەت – سەنئەت ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان بىلەن مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىكەنسىلەر!
zxKCVRJ بىلىپ قويۇڭلاركى، خەلقىمىز تەرەققىياتقا ئەسلا قارشى ئەمەس!
n&!+wcJ;Yt ئەمما ئاتالمىش «تەرەققىيات» باھانىسىدا يىلتىزىنىڭ كېسىلىپ كىتىشىگە چىش-تىرنىغى بىلەن قارشى! چۈنكى خەلقىمىز تەقدىرىنىڭ يىلتىزسىز قامغاقنىڭ تەقدىرىدەك بولۇپ قېلىشىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ!!!
%Q4i%:Qi ماقالىدە يەنە تەپ تارتماي قىلىنغان مۇنداق ھاقارەتلىك گەپمۇ بار ئىكەن . ئۇ بولسىمۇ: « بۇ قېتىمقى يېزىق ئىسلاھاتى پەقەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ كەينىدە قالغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئى يۇسۇندا مەيدانغا چىققان بىر قېتىملىق ئىلمىي ئېنقىلاپتۇر، خالاس» دېگەندىن ئىبارەت.
K,isjh2 سۆزلەپ بېقىڭلار، ____ بىزنىڭ بۇ يېزىغىمىز (< كونا يېزىق> دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ، «ئۇيغۇر يېزىغى» دەيسىز!) ئۇچۇر دەۋرىنىڭ قايسى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ كەينىدە قاپتۇ؟ قېنى مونۇ ئادرېس
www.izdax.cn بۇيىچە قاراپ بېقىڭا ، بەش مىڭدىن ئارتۇق تور بەت-بلوگنى كۆرىسىزكى، بىلىمخۇمار ئۇيغۇر خەلقى خەلقئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش بۇيىچە ھەر ساھە، ھەر كەسپتە قانچىلىك ئىلگىرلەپ كەتكەنلىگىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىسىز!
;p Z[| بۇ يېزىغىمىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئەۋزەللىگى شۇكى، بۇ يېزىغىمىز ئەرەپ تىلى يېزىغىغا ئاساسەن ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان بولغاچقا ( چۈنكى ئەرەپ تىلى يېزىغىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن) ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشىغا ناھايىتى ئاسانچىلىق يارىتىلغانكى، بۇنىڭ بىلەن ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ساغلام بولۇپ، نۆۋەتتە جەمىيەتتە، ھەتتا تور يۈزىدە نومۇس قىلماستىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سۇمبۇل چاچلار گۈزەللىگى» نى كۆز-كۆز قىلىپ زىناخورلارنىڭ كۆپىيىشىگە پۇرسەت يارىتىلىشتەك بەد-بەشىرىلىككە ئورۇن قالمايدۇ!!! بۇنى ياخشى سەمىمىڭىزدە تۇتۇڭ!!!
~UPZ< تېخى بۇ يېزىغىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ ، لاتىن يېزىغىنى «ئەۋزەل» بىلىپ، « بۈگۈنكى ئېنتىرنىت دۇنياسىدا « ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى مەملىكىتىمىز چېگىرىسى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بۆلەك ھېچكىم تونۇمايدۇ»، مۇھىمى، « يېزىقمۇ خۇددى دارۋېننىڭ تەبىئى تاللىنىش نەزەرىيىسىگە ئاساسەن جانلىقلارنىڭ تەبىئى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالىغانلىرى ياشايدۇ، ماسلىشالمىغانلىرى شاللىنىپ كىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇقەررەر قانۇنىيەتكە بويسۇنۇدۇ» ... شۇڭلاشقىمۇ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى «يېڭى يېزىقنى قوللىنىش، ھازىرقى دەۋىرنىڭ جىددى ئېھتىياجى»» دېگەندەك، چۈپرەندە نەقىل خارەكتىرلىك بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
%FftR1" سوراپ باقايلى، ___ بىر مىللەت يېزىغىنى < باشقىلارمۇ بىلسە بولاتتى > ، دەپ ئىجات قىلامدۇ، ياكى ئۆز مىللىي مائارىپىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنمۇ؟
oH-8r:{ ئەجەبا خەنزۇ يېزىغىنى ئىشلىتىۋاتقانلار «بىزنىڭ يېزىغىمىزنى باشقىلار بىلمەيدىكەن ، ئۆزگەرتەيلى» دەپتۇمۇ؟
U[||~FW' رۇس يېزىغىنى ئىشلىتىۋاتقانلار «بىزنىڭ يېزىغىمىزنى باشقىلار بىلمەيدىكەن، ئۆزگەرتەيلى» دەپتۇمۇ؟
REA;x-u* سىلەرنىڭ كاللاڭلار نەدە؟
wda';@y5( تېخى قىلچىمۇ نۇمۇس قىلماي دارۋىننىڭ نەزىرىيىسىنى تىلغا ئېلىپ «شاللىنىدىغان يېزىق» قاتارىدا ھېساپلىشىپسىلەر، سىلەر شۇ دەرىجىدە ۋىجدانسىز قارا يۈرەك ئادەملەرمۇ؟
hbfq]v*X زادى مۇشۇ يېزىغىمىز بىلەن 50 نەچچە يىلدىن بۇيان قانچىلىغان ئالىم- مۇتەخەسىسلىرىمىز يېتىشىپ چىقتى؟ قانچە توننىلاپ بى باھا گۈھەردەك ئەسەرلەر، كىتاپ-ماتېرياللار يېزىلدى؟؟؟؟؟؟
ISNcswN# ئادەم بۇ قەدەر رەزىل ، تۇز كور بولىشى كېرەكمۇ زادى؟
Ly #_?\bn شۇنى ياخشى ئويلۇنۇپ قويۇڭلاركى، لاتىن يېزىغىغا كۆچكەن كۈنى، تارىخىمىزنىڭ ئۆزۈل- كېسىل يۇقالغان كۈنى بولىدۇ! كاللىڭىزنى ئوبدانراق سىلكىۋېتىڭ! ھەتتا بېتون تامغا قاتتىق بىر ئۈسىۋېتىپ ، ئاندىن سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ پىكىر قىلىڭكى، ئىستىقبالىمىز لاتىن يېزىغىدا ئەمەس، بەلكى ئۆز يېزىغىمىزدا!!!
BIMKsF Zt ۋە « تۈركۈلوگىيەقۇرۇلتېيىدىمۇ«يېزىقنىڭ مىللى تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇيىچە لايىھېلىنىشى» ۋە «بىر ھەرپ بىر فونېمىنى ئىپادىلەيدىغان ئاساسىي پرىنسىپ» ئىزچىللاشتۇرۇلىشى تەكىتلەنگەن» لىگىگە مۇناسىپ ھالدا لايىھىلىنىپ ، 60 نەچچە يىلدىن بۇيان سانسىزلىغان باھادىر ، مۇنەۋۋەر ئىلىم ئەرباپلىرىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نۇرلۇق مەشئەل بولۇپ خىزمەت قىلغان بۇ قىممىتى ئالەمشۇمۇل يېزىغىمىزنى كۆز قارىچۇغىمىزدەك ئاسراپ ئىشلىتىشىمىز كېرەككى، ئوسۇرۇقتەك باھانىلەر بىلەن چەتكە قېقىش، يەكلەشكە قەتئىي بولمايدۇ!!!
<nzN $"% يەنە كىشىنىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قاينىتىدىغان مۇنداق گەپلەرمۇ بار ئىكەنكى، ماقالىدا « گەرچە ئەرەپ يېزىقى مىللىتىمىز تارىخىدا ئۇزاقتىن بېرى قوللىنىلىپ مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئالىم، پەيلاسوپلىرىمىزنىڭ ھوجرىسىنى يۇرۇتقان شام ۋە چىراغتەك ئىلىم بېغىنى يۇرۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق، بۈگۈنكى تەرەققىيات دەۋرىگە كەلگەندە ئەشۇ شام ۋە چىراغلارنى ئېلىكتىرولامپوچكىدىن ئەۋزەل كۆرۈش ئاقىلانىلىق بولماس! »
iRw&49 يا رەببىم!
qqOFr!)g مونۇ ئىنسانلارغا تەۋپىق ھىدايەت ئاتا قىلغايسەن، ئامىين!
mTf< شۇ تاپتا غەزەپتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كېتىۋاتىدۇ!!!
Pe ~c خالايىق كۆرۈۋاتامسىلەر مونۇ خائىيانە گەپلەرنى!
x` /)g( ھەي، پۈتكۈل دۇنيا مەشئەل بىلىپ ئەتۋالاپ كېلىۋاتقان ئۇ كىشىلىرىمىزگە بۇ قەدەر زەھەرخەندىلىك بىلەن تىل ئۇزارتىشىڭلارغا قانداقمۇ يۈزۈڭلار چىدىغاندۇ؟؟؟
K1q+~4>\| شۇ تاپتا ئۇ بۇيۇك ئەللامىلىرىمىزنىڭ روھى نەقەدەر ئازاپلىنىۋاتىدىغاندۇ؟؟؟
MC!ZX)mF ئەمدى كۆرۈپ باقايلى: « دېمەك، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ھازىر ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ زىممىسىگە بىرلا ۋاقىتتا خەنزۇ يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، لاتىن يېزىقى ۋە ئۇيغۇر سوفىت يېزىقى (كومپىيوتېر يېزىقى) دىن ئىبارەت بىر-بىرىدىن پەرق ئىنتايىن چوڭ بولغان تۆت خىل يېزىقنى تەڭلا ئۈگىنىش ۋە تەڭ ئىشلىتىشتەك ئېغىر يۈك تەبىئى ھالدا يۈكلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن تېخنىكىسىنى ئۈگىنىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتمەكتە.بىزنىڭ ئىسلاھات بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ دەل ئەنە شۇ ئارتۇقچە بولغان كونا يېزىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ (بۇ چاغدا سوفىت يېزىقىنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ)، مىللىتىمىزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشتىن ئىبارەتتۇر. »
&|o$=Ad بۇنىڭدىن مەلۇمكى، يەنىلا بىزنىڭ يېزىغىمىز ئاتۇقچە يۈكمىش!
Op}ZB: نومۇس قىلىڭلار ، نومۇس!
a.%LHb مانا ماۋۇ خەنزۇلار ئاتام زامانىدىن بېرى قوللىنىۋاتقان يېزىغىنى ئىزچىل قوللىنىۋاتىدۇ، بىز كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقىچە يېزىپ بولىدىغان بىر سۆزلەمنى ئۇلار بىر ئاش پىشىمدا ئاران يېزىپ بولىدۇ. ئەمما يانىلا قوللىنىۋاتىدىغۇ؟ بىز ئۆز يېزىغىمىزنى قوللىنىشنى داۋاملاشتۇرساق نىمە بوپتۇ؟
#I0pYA2m بىزنىڭ يېزىغىمىز زادى نىمىڭىزگە، قەيىرىڭىزگە پۇتلىشىۋاتىدۇ؟
\k@$~}xD, مىللىتىمىزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن دەيسىزۇ ، يەنە نىمە دەپ يېڭىۋاشتىن ئېلىپبە لايىھىسى ئىشلەپ چىقىسىز؟ بۇنىڭ كاساپىتىدىن يەنە قانچىلىك ساۋاتسىزلىق ، تارىخ ئۈزۈكچىلىگى كېلىپ چىقىدىغانلىغىنى بىلەمسىز؟
B!S 167Op ھېس قىلىۋاتىمەنكى، سىزدە بىر توغرام نان ئۈچۈن جان-جىگەر قېرىندىشىڭىزنى بوغۇزلىۋېتىشتىنمۇ تەپ تارتمايدىغان خارەكتىر باردەك قىلىدۇ!
( [E]_Q ماقالىڭىزنىڭ قورۇلمىسى ئومۇمەن مىللەتنى مەھكۇملۇققا ، خار-زەبۇنلۇققا باشلايدىغان ئىبارىلەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ!!!
0Y+FRB]u سىز بەربابىڭىزنى، ئۇسسۇلىڭىزنى قانداق تۇنىسىڭىز تۇنۇڭ، ئۇ سىزنىڭ كەسپىي تاللىشىڭىز . ئەمما مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان ھەتتا يوقىتىدىغان سەپسەتىلىرىڭىزنى چىرايلىقچە يۇغۇشتۇرىۋېلىڭ!
r@}bDkx «جەمئىيەتنىڭ كومپىيۇتېرلىشىشى، رەقەملىشىشى، ئېختىساد ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يەر شارىلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىنسانلار مەدەنىيىتىمۇ ئومۇمىيلىق جەھەتتىن مۇقەررەر ھالدا يەر شارىلىشىشقا يۈزلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەدرىجى ھالدا ئۆزىدىكى ئىلغار خاسلىقنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، دۇنيانىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىگە قەدەم قۇيۇشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئومۇمىي قانۇنىيەت. بۇنى ئەمەلىيەتمۇ كۈنسېرى ئىسپاتلىماقتا. بۈگۈنكى كۈندە يۈز بىرىۋاتقان تۈرك مىللەتلىرىنىڭ خەلقارادا ئومۇمىيۈزلۈك لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ھەرىكىتى دەل مۇشۇ جۈملىدىن بۇلۇپ بۇ، ئىككى ئىيرا ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن زور بىر تارىخىي يۆكسىلىشتۇر. بۇنچىلىك ئىشنى ئادەتتىكى ئەقەللىي بىلىم ئىگىسىمۇ چۈشۈ نۈپ يېتەلىسە كېرەك.»، « يىغىپ ئېيتقاندا، دۇنيا ئۇچۇرلىشىۋاتىدۇ، رەقەملىشىۋاتىدۇ. بۇندىن كىيىن يېزىقىنىڭ يۈنىلىشى رەقەمنىڭ يۈنىلىشىگە ئوڭ كەلگەن مىللەتلەر تەرەققىي قىلىدۇ. تەتۈر كەلگەن مىللەتلەرنى ھامان نەس باسىدۇ. بۇ، مۇقەررەر ئاقىۋەت .»
*I*i>==Z سىز ئۇخلىماي چۈش كۆرۈۋېتىپسىز! كومپيوتېر تېخنىكىسى ، ئۇچۇرلىشىش قانداق يېزىققا ئىھتىياجلىق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر شۇنى ياخشى بىلىپ قويۇڭكى، دۇنيانى ياراتقۇچى ئاللاھتۇر ۋە بۇ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ شىرىن خىيالىي چۈشلىرى بىلەن بىرلەشكەن ئاللىقانداقتۇر «تەرەققىيات» ۋە «كېڭەيمىچىلىك» بىلەن مەيدانغا كېلىدىغان مەئىشەتلىك تۇرمۇش ئىھتىياجىنىڭ سەھنىسى ئەمەس! بەلكى، مۇشۇ دۇنيانى ياراتقان تەڭداشسىز ئۇلۇق ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھۇ تائالاغا تەسبىھ، ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ تىرىكچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللۇنۇش ئاساسىدا ئۇ دۇنيا ئۈچۈن، يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا كەلگەندە بېرىدىغان ھېساپ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغان فانى، ئىمتىھان دۇنياسىدۇر.
jgu*Y{ocm دۇنيانىڭ تەرەققىيات ھالىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، تارىختىن بۇيان بۇ پايانسىز دۇنيا ئىككى خىل ئاڭ-ئىدېلوگىيە بىلەن گىرەلەشكەن دەھشەت ئېغىر ۋە كەسكىن زىددىيەت ۋە تۇقۇنۇش بىلەن تولغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىگىنى، ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇداتلارنى يارىتىش غايىسىنى تۇنىغان ۋە ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادىتىنى ئويلىغان ئىمانلىق ۋە ۋىجدانلىق كىشىلەر قۇرئانى كەرىم يادرولىغىدىكى ئىسلامىي ئاڭ ئىدېلوگىيىنى يېتەكچى قىلىپ ئىنسانىيەتنى تەڭداشسىز ئۇلۇق ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھۇ تائالاغا تەسبىھ، ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ تىرىكچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇش ئاساسىدا ياشاشقا، ئىسلامى ئاڭ – ئىدېلوگىيىنى ئاساس قىلغاندىلا دۇنيانى گۈللەندۈرۈشكە ۋە شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشكە بولىدىغانلىغىدەك توغرا يولغا يېتەكلەۋاتقان بولسا، ئاللاھنىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىگىنى، ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇداتلارنى يارىتىش غايىسىنى تۇنىمىغان ۋە بەخت-سائادەتنىڭ ئاساسىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى چۈشەنمىگەن جاھانكۆز بۇلاڭچى ياۋۇز قارا كۈچلەر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە قول ئۇزارتىپ ئۆزىدىن ئاجىز قارالغان دۆلەت ۋە رايۇنلارنى تۈرلۈك ھىلە-مىكىر، ئالدامچىلىق ياكى قۇرال كۇچى بىلەن نومۇسسسزلارچە ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئىسلامغا يات دىنىي ئەقىدىلەر ۋە ساختا «ياردەم» نىقاۋى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ قەدىمى يەتكەنلا يەردە سىياسىي جەھەتتىن زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقىنى بوغۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاقى جەھەتتىن جىنسى پەسكەشلىك، ئەخلاقى بۇزۇقچۇلۇق، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىلمۇ-خىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئەسەبىي بۇلاڭچىلىقنى، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئېغىر ئاسمىلاسسىيىنى كۈچەپ ئېلىپ بېرىپ ، يەرلىك مىللەت خەلقىنى دىنىدىن، تىلىدىن، تارىخىدىن ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىش قارا قۇيۇنىنى چىقىرىپ جاھىل قارا قۇل ھالەتكە كەلتۈرۈشكە، ھەتتا بەزى مىللەتلەرنى كوللىكتىپ ھالدا قىرغىن قىلىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىشقا ۋە شۇ ئاساستا ئۆز مىللىي مەنپىئەتى ئۈچۈن، «سەن ئۆل، مەن ياشاي»نى بىردىن – بىر نىشان قىلغان «كېڭىيىش»، «تەرەققىيات» قەدىمىنى ئۆزلۈكسىز تېزلىتىپ، خەلقنى نادانلىق، قۇللۇق ، يوقسۇللۇق ۋە ۋەيرانچىلىق دېڭىزىغا ئىتتىرمەكتە ۋە مانا شۇنداق رەزىل قىلمىشلار بىلەن بېيىپ ھەقىقىتەن ئاسمانغا تاقاشقۇدەك يۈكسەك بېنالارنى سالماقتا، كەڭ كەتكەن يۇقېرى سۈرئەتلىك يوللارنى ياسىماقتا ۋە تۈرلۈك پەن-تېخنىكا كەشپىياتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە....!
:1wrVU-?h بىز ئۆگىنىدىغان، ئارقىدا قالساق بولمايدىغان تەرەققىيات مۇشۇمۇ ؟؟؟
n=sXSxl زادى ئاشۇ يۈكسەك تەرەققىياتىنىڭ نىشانىسى بولغان كاتتا بىنالاردا قانداق ئېتىقاتتىكى ئىنسانلار ياشاۋاتىدۇ ۋە نىمە ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ؟
#5ax^p2*~ زادى شۇ لاتىن يېزىغىنى قوللىنىۋاتقان ياۋرۇپالىق ئاللاھنىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلامدۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇداتلارنى يارىتىش غايىسىنى بىلەمدۇ؟ ئۇلاردا ئىنسانى ئەخلاق بارمۇ؟ ئۇلاردا ئىمان ، ھايا بارمۇ؟ ئۇلاردا ۋىجدان، نۇمۇس بارمۇ؟ ئۇلاردا ئىنساپ، دىيانەت بارمۇ؟
ERMa# L ياق!
0D&> Gyc*0 ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت ئىللىق ، خاتىرجەملىك مۇھىتىدا ياشاشنى نىشانلىغان ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە سەمىمىمۇ؟ پەرزەنتلىرى ئۇلارغا ۋاپادارمۇ؟
Mt>oI SN&d ياق!
?+C V1 ] بۇ ئاز بولۇپ قالغاندەك ئوخشاش جىنستىكىلەرنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش رەزىللىكلىرىچۇ؟
](0mjE04<d ھەتتا «ئەسلىگە قايتىش باغچىسى » دىكى شەرمەندە خاھىشلارچۇ؟؟؟.......!!!
t'qL[r%? /pH(WHT+/H دېمەككى، ئۇلاردا سانائەت، پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلدى، بىرلا ۋاقتتا نومۇسسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق نەپسانىيەتچىلىك، ئالدامچىلىق، بۇلاڭچىلىق ، ئاچكۆزلۈك ، پۇرسەتپەرەستلىكمۇ تەرەققى قىلدى!
#J\rv' ۋە شۇڭا خىيانەت، جىنايەت ھەددى-ھېساپسىز!
Ve 3 ; Y}G_Z#- ! بۇنى ئويلانماي بولامدۇ ، ئەي ئېقىللىق ئىنسان!!!؟؟؟
DT(d@upH [:;# ]? شۇڭا، ھەر قانداق تەرەققىيات ۋە كېڭەيمىچىلىكنىڭ يۈزەكى كۆرىنىشىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات ۋە كېڭەيمەيمىچىلىكنىڭ قانداق ئۇسۇللار بىلەن مەيدانغا كېلىۋاتقانلىغىنى چۇڭقۇرراق چۈشۈنۈپ ئاندىن قارار بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز كېرەك. مانا بۇ ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرۈشنىڭ توغرا ئىلمىي ئاساسى!
h) (*q+a دېمەككى، لاتىن يېزىغىغا كۆچۈش ئىلغارلىقنىڭ نىشانىسى ئەمەس، بەلكى زاۋاللىققا يۈزلىنىشنىڭ نىشانى، خالاس!
0JyVNuHn شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلاھات چۈشىڭىزنى كۆرىۋەرمەي ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى ، ھەقىقىي تارىخىي مۇقەررەرلىكنى بىلىشكە ئەھمىيەت بەرگەيسىز!
K7TzF& ئاخىرىدا، ئالاھىدە دوستانە ھالدا ئەسكەرتىدىغىنم، بۇ ماقالەڭلارنى ھۆرمەتلىك يازغۇچى، شائىرىمىز ئابدۇلقادىر جالالىدىن ئەپەندىم كۆرۈپ قالمىغاي. چۈنكى ئۇ كىشى ئالاھەزەل ئىككى يىل ئىلگىرىغۇ، دەيمەن، مۇشۇنداق «يېزىق ئىسلاھاتى»غا دائىر بىر ماقالىنى كۆرۈپ ، قەھرى غەزىۋى بىلەن : «يېزىق ئۆزگەرتكىچە ئاناڭنىڭ ئېمىنى ئۆزگەرت!» دەپتىكەن. ئەگەر ئەمدى سىلەرنىڭ بۇ يازماڭلارنى كۆرۈپ قالسا سىلەرگە تېخىمۇ سەت بولىدۇ(؟)
K|S:{9Q